«قۇرئان كەرىم»نى يېتىپ تۇرۇپ ئوقۇشقا ۋە تىڭشاشقا بۇلامدۇ؟

«قۇرئان كەرىم»نى يېتىپ تۇرۇپ ئوقۇشقا ۋە تىڭشاشقا بۇلامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن كەچتە يېتىپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلىنىپ قالغانتىم. «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەرجىمىسىنى يېتىپ تۇرۇپ تاھارەتسىز ئوقۇشقا بۇلامدۇ؟ يېتىپ تۇرۇپ «قۇرئان» تىڭشىسىچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆزىنى ياكى تەرجىمىسىنى ياكى تەفسىرىنى يەردە ياكى كارىۋاتتا ئوڭدا ياكى يېنى يېتىپ تۇرۇپ ياكى ياستۇققا يۆلىنىپ تۇرۇپ ئوقۇسا بولىدۇ. مەكرۇھمۇ بولمايدۇ. ئايەت ۋە ھەدىسلەر شۇنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى ياتقاندا ئىككى ئالىقىنىغا ﴿ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇر﴾ دېگەن سۈرىنى، ﴿ئېيتقىنكى، سۈبھىنىڭ رەببى بىلەن پاناھلىق تىلەيمەن﴾ دېگەن سۈرە بىلەن ﴿ئېيتقىنكى، ئىنسانلارنىڭ رەببى بىلەن پاناھلىق تىلەيمەن﴾ دېگەن پاناھلىق تىلەش سۈرىلىرىنى(1) ئوقۇپ سۈفلەيتتى، ئاندىن ئىككى ئالىقىنى بىلەن يۈزىنى، بەدىنىنىڭ قولى يەتكەن جايلىرىنى سىلايتتى» دېگەن.(2)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە: «ﻣﻪﻥ ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ قوﻳﺎﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ‹ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ› ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ» دېگەن.(3)

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىستىن قۇرئاننى يېتىپ تۇرۇپ ياكى ھەيزدارغا يۆلىنىپ تۇرۇپ ياكى نىجاسەت بار ئورۇنغا يېقىن تۇرۇپ ئوقۇسا بولىدىغانلىقى چىقىدۇ».(4)

ئىمام ئىبنى رەجەب ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىس قۇرئاننى يۆلىنىپ ياكى ئوڭدا ۋە يېنى يېتىپ ئوقۇشنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، يېنى ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدىغانلار، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدىغانلار﴾(3/«ئال ئىمران»: 191) دېگەن ئايەتى دائىرىسىگە كىرىدۇ».(5)

مەزكۇر ئايەتتە ئاللاھ تائالانى ھەرقانداق ئەھۋالدا زىكىر قىلىپ تۇرىدىغانلار مەدھىيەلەنگەن. ئىمام تەبەرىي مەزكۇر ئايەتنى ئىبنى جۇرەيجنىڭ مۇنداق تەفسىر قىلغانلىقىنى بايان قىلغان: بۇ ئايەتتىكى زىكىر قىلىش، ئاللاھنى نامازدا ۋە نامازنىڭ سىرتىدا ياد ئېتىش ۋە «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت. قەتادە بۇ ئايەتنى: «ئى ئادەم بالىسى! بۇ سېنىڭ ھەرخىل ھالەتلىرىڭ. شۇڭا، يېتىپ بولسىمۇ ئاللاھنى زىكىر قىلغىن. بۇ ئاللاھ ئاتا قىلغان قولايلىقتۇر» دەپ تەفسىر قىلغان.([6])^

يەنە بىر تەرەپتىن قارايدىغان بولساق، «قۇرئان» ئوقۇشمۇ زىكىر دائىرىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ بۇ ئىشنىڭ جائىز ۋە مۇستەھەبلىكىنى تەكىتلەيدۇ: ﴿نامازدىن پارىغ بولغىنىڭلاردا ئۆرە تۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 103).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مەن ھەر كۈنى ئوقۇيدىغان ۋەزىپەمنى ياكى ۋەزىپەمنىڭ كۆپ قىسمىنى كۆرپەمدە يېتىپ تۇرۇپ ئوقۇيمەن» دېگەن.([7])^

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «مەن قۇرئاننى نامازدىمۇ، كۆرپەمدە ياتقاندىمۇ ئوقۇيمەن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان.(8)

بۇلارنىڭ ھەممىسى يېتىپ تۇرۇپ «قۇرئان» ئوقۇسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

«قۇرئان كەرىم»نى پەقەتلا جۇنۇب ھالەتتە ئوقۇشقا بولمايدۇ. ئەمما، جۇنۇب كىشىلەرنىڭ ھەدىس، تەفسىر، فىقھ، تەۋھىد ۋە دىنىي دىداكتىك كىتابلىرىنى كىتابتىن ياكى توردىن ئوقۇسا بولىدۇ. كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن ھەيزدارلارنىڭ «قۇرئان»نى، تەفسىرىنى ۋە تەرجىمىسىنى تۇتۇپ ياكى تۇتماي يادقا ياكى قاراپ ئوقۇشى جائىزدۇر. بولۇپمۇ «قۇرئان»نى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا ئوقۇپ تەكرارلىسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە بۇرۇن ئايرىم توختالغان.(9)

يېتىپ ئوقۇغاندا تاھارەتسىز يادقا ئوقۇشقىمۇ، تۇتۇپ ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. ئاياللار يېتىپ ئوقۇغاندا ياغلىق ئارتقان بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس.

ئەمدى يېتىپ تۇرۇپ «قۇرئان» تىڭشاش ھۆكمىگە كەلسەك، «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىنىۋاتقاندا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش ۋە جىم تۇرۇش مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇلغان ئىشلار جۈملىسىدىن بولغاچقا، مەيلى يېنىمىزدىكى قارىي، ياكى رادىئو، ياكى تېلېۋىزور، ياكى ئۈنئالغۇ قاتارلىقلاردىن قىلىنغان تىلاۋەتنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش مۇستەھەب ئىشلار جۈملىسىدىندۇر.

«قۇرئان»نى تىڭشاشمۇ بىر خىل زىكىر قىلىش يەنى ئاللاھنى ئەسلەش ۋە ياد ئېتىش دائىرىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، يېتىپ تۇرۇپ «قۇرئان» تىڭشاش جائىز ۋە مۇستەھەب بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىمۇ ھەرقانداق ھالەتتە ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش مەدھىيەلەنگەن ۋە بۇيرۇلغان.

يۇقىرىدىكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئولتۇرۇپ ياكى يېتىپ تۇرۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تىلاۋىتىنى تىڭشىغانلىقى ئېھتىماللىقىمۇ چىقىدۇ.

ئۇ ھەدىستىن يەنە «قۇرئان» تىڭشىغۇچىنىڭ ھەيزدار ياكى جۇنۇب بولۇشى «قۇرئان» تىڭشاشقا توسالغۇ بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.

جۇنۇب ئەمەس كىشىلەرنىڭ «قۇرئان»نى تىڭشاش ئۈچۈن تاھارەتلىك بولۇشىمۇ كېرەك ئەمەس. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتقان بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس.

ئۇخلاشتىن بۇرۇن «قۇرئان» تىڭشاش كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئېغىر بېسىملارنى يەڭگىللىتىشكە پايدىلىق بولغىنىدەك، جىمجىت مۇھىتتا «قۇرئان» تىڭشاشمۇ ئۇنى تەپەككۇر قىلىش ۋە چۈشىنىشكە ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئومۇمەن، دىللارغا خاتىرجەملىك بەخش ئېتىدۇ. ئاللاھ تائالا ﴿ئىمان ئېيتقانلارنىڭ دىللىرى ئاللاهنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاهنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ ﴾(13/«رەئد»: 28) دېگەن.

بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، ئوقۇلىۋاتقان «قۇرئان»غا قۇلاق سېلىپ تىڭشاش ۋە باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بولماسلىقتۇر. ئەگەر توختىتىپ بولغۇچە ئۇيقۇغا كېتىپ قالسا ھېچ گەپ بولمايدۇ. چۈنكى، قۇلاق سېلىپ تىڭشاش بۇيرۇقى ئويغاقلارغا قارىتىلغاندۇر. «قۇرئان» تىڭشىمىسا ئۇخلىيالمايدىغان بولسا «قۇرئان»نى تىڭشىغاچ ئۇخلىسا بولىدۇ. چۈنكى، ئاخىرقى ئاڭلىغىنى ئاللاھنىڭ كالامى بولىدۇ. بەزىلەر: «قۇرئان» ئوقۇلىۋاتسا ئۇخلاش ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىغانلىق بولۇپ قالىدۇ دېيىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، تىڭشايدىغان ئادەم بولمىسىمۇ «قۇرئان» ئوقۇلۇپ تۇرغىنى ياخشى. چۈنكى، «قۇرئان» ئوقۇلۇپ تۇرغان ئۆيدىن شەيتان قاچىدۇ، بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شەيتان بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلىدىغان ئۆيدىن قاچىدۇ» دېگەن.(10) بۇ ھەدىستە «ئوقۇلىدىغان» دېگەن سۆزمۇ ئۆي ئىگىسى بولسۇن ياكى ئۈن قويغۇچ بولسۇن ھەرقانداق ئوقۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇخلىغان كىشى «قۇرئان»نى تىڭشىمىغىنى بىلەن ئۆيدىكى پەرىشتىلەر ۋە جىنلار تىڭشايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1439، 4 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2017، 22 – نويابىر

————-
1. 112/«ئىخلاس»، 113/«فەلەق» ۋە 114/«ناس» سۈرىلىرىنى دېمەكچى.
2. «بۇخارىي»، (5748).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (297). «مۇسلىم»، (301).
4. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 3/211.
5. ھافىز ئىبنى رەجەب: «فەتھۇلبارىي»، 1/406.
6. تەبەرىي: «جامىئۇل بەيان فى تەفسىرىلقۇرئان»، 4/210.
7. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (8571).
8. نەۋەۋىي: «ئەتتىبيان في ئادابى ھەمەلەتىل قۇرئان»، 1/41.
9. «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم 38 – نومۇرلۇق پەتىۋا.
10. «مۇسلىم»، (780).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ