شىمالى قۇتۇپ ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردا ناماز ۋاقىتلىرىنى بېكىتىش ۋە نامازلارنى جەملەش توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز، شىمالى قۇتۇپ ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردا بەش ۋاخ ناماز ۋاقىتلىرى قانداق بېكىتىلىدۇ؟ مەن تۇرۇۋاتقان يەر شىمالى قۇتۇپقا يېقىن بولغاچ كۈندۈز سەل قىسقا، ھەپتىدە بىر كۈن دەرس ۋاقتى ناماز ۋاقتى بىلەن بىر كېلىپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا نامازلارنى دەرسنى تۈگىتىپ ئاندىن جەملەپ ئوقۇسام بولامدۇ ياكى دەرس ۋاقتىدا قەلبىمدە ئىما – ئىشارەتلەر بىلەن ئوقۇساممۇ بولامدۇ؟ ۋە ياكى چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا ئەركانلىرى بىلەن تولۇق ئوقۇمىسام قەتئى بولمامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

ھەممىگە مەلۇمكى، بەش ۋاخ ناماز، ۋاقتى بەلگىلەنگەن ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ: [ھەقىقەتەن ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرزدۇر].([1]) دېگەن ئايىتى بۇنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ. بۇ ھەقتە باشقا ئايەتلەرمۇ، ھەر بىر نامازنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقتىنى بەلگىلىگەن ياكى ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغان ۋاقىتلارنى كۆرسەتكەن سەھىھ ھەدىسلەرمۇ بار.

لېكىن، بۇ تۈرلۈك ئايەت ۋە ھەدىسلەر كېچە بىلەن كۈندۈر نورمال بولغان، كۈن چىقىش ۋە پېتىش، شۇنداقلا شەپەق قاتارلىق ئالامەتلەر ئېنىق ئايرىلىدىغان جايلارغا قارىتىلغان بولۇپ، كېچە ياكى كۈندۈز نەچچە ئاي داۋاملىشىدىغان شىمالى ياكى جەنۇبى قۇتۇپقا ئوخشىغان ياكى شۇنىڭغا يېقىن جايلاردا يۇقىرىقى ئۆلچەمنى ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ جايلاردا نەچچە كۈن ياكى نەچچە ئاي كۈن چىقماسلىقى، ھەر بىر سوتكىدا بىر چىقسىمۇ كېچە ياكى كۈندۈز ئىنتايىن قىسقا بولغانلىق تۈپەيلى بەزى ئايلاردا خۇپتەن بىلەن بامدات ۋاقىتلىرى بىرى بىرىگە كىرىشىپ كېتىشى مۇمكىن.

شۇڭا، ياۋروپانىڭ شىمالى قىسمىغا جايلاشقان، شىمالى قۇتۇپقا يېقىن بولغان بەزى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇش ۋە ئېغىز ئېچىش مەسىلىلىرىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگىنىدەك، ناماز ۋاقتىنى بېكىتىشتىمۇ قىينچىلىققا دۇچ كېلىدۇ.

نورمال بولمىغان جايلارنى ئىككى تۈرگە ئايرىش مۇمكىن: بىرى، كېچە ياكى كۈندۈز بىر سوتكىدىن ئارتۇق داۋاملىشىدىغان شىمالى ياكى جەنۇبى قۇتۇپقا ئوخشىغان جايلار. بۇ جايلاردىكىلەرگە 24 سائەتتە بەش ۋاخ ناماز پەرز بولۇپ، ئۇلارنى 24 سائەتكە بۆلۈپ ئوقۇيدۇ.

نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەججال ھەققىدە توختالدى. بىز:

_ يارەسۇلەللاھ! ئۇ زېمىندا قانچىلىك تۇرىدۇ؟ _ دەپ سورىساق، رەسۇلۇللاھ:

_ قىرىق كۈن، ئۇنىڭ بىرىنچى كۈنى بىر يىلدەك، ئىككىنچى كۈنى بىر ئايدەك، ئۈچىنچى كۈنى بىر ھەپتىدەك، ئاندىن قالغان كۈنلىرى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردەك، _ دېدى. بىز:

_ يارەسۇلەللاھ! بىر يىلدەك ئاشۇ بىر كۈندە بىزگە بىر كۈنلۈك ناماز كۇپايە قىلامدۇ؟ _ دېسەك،

_ ياق، ئۇنىڭ (ئۇ كۈندىكى بەش ۋاخ نامازنى ئادا قىلىش) ئۈچۈن (ئادەتتىكى كۈنلەردەك) ۋاقىت مۆلچەرلەڭلار، _ دېدى.([2])

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت مۆلچەرلەڭلار“ دېگەننىڭ مەنىسى: ھەر كۈنى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدەك پېشىن بولغۇچە ۋاقىت ئۆتسە، پېشىننى ئوقۇڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدەك ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىت ئۆتسە ئەسىرنى ئوقۇڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدەك شامغىچە بولغان ۋاقىت ئۆتسە شامنى ئوقۇڭلار، خۇپتەننىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. دېمەك، ئاشۇ ئۇزۇن كۈن ئاخىرلاشقىچە بامدات، ئاندىن پېشىن ئاندىن ئەسىر ئاندىن شام ئاندىن خۇپتەن ئوقۇيدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر يىللىق نامازنىڭ ھەممىسى ۋاقتىدا ئورۇندالغان پەرزلەر بولغان بولدى.([3])

دېمەك، 24 سائەت ئىچىدە بەش ۋاخ ناماز پەرز بولۇشى ئېنىق. شەرىئەت نامازدىن كۆزلىگەن ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرۇش، 24 سائەت ئىچىدە سۈننەت ۋە نەپلە نامازلار ئالدى – كەينىدە بولغان بەش ۋاخ پەرز ناماز ئوقۇش ئارقىلىق قەلبىنى ئاللاھ بىلەن باغلاپ تۇرۇش قاتارلىق مەقسەتلەرمۇ بەش ۋاخ نامازنىڭ 24 سائەت ئىچىگە مۇۋاپىق تەقسىم قىلىنىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇ تەقسىم 24 سائەت ئىچىدىكى كۈن پېتىش ۋە شەپەق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا، بۇنداق جايلاردىكى بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقتلىرى باشقا جايلاردىكى بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. يەنى، مەككىگە ياكى بەش ۋاخ ناماز ۋاقىتلىرى ئېنىق بىلىنىدىغان ئەڭ يېقىن نورمال ۋاقىتلىق شەھەر ۋاقتىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. روزىمۇ شۇنداق. شام بىلەن خۇپتەن كۈندۈزگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا كۈندۈزدە ئوقۇيدۇ. پىشىن بىلەن ئەسىر كېچىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا كېچىدە ئوقۇيدۇ.

شەيخ رەشىد رىزا ھەزرەتلىرى بۇ ھەقتىكى بىر پەتىۋاسىدا مۇنداق دەيدۇ: ”ئىككى قۇتۇپتا ياكى ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردا تۇرىدىغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىر يىل ياكى بەش – ئالتە ئاي داۋاملىشىدىغان بىر كۈندە پەقەت بەش ۋاخ نامازلا ئوقۇشنى پەرز قىلارمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! بۇ ئۇلۇغ قۇرئاننىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى بولغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چۈشكەنلىكىنى چوڭ پاكىتلار ئىسپاتلىغان، قۇرئاندىكى ‹ناماز ئوقۇڭلار› دېگەن خىتابقا قارايدىغان بولساق، ئۇنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ زامانى ياكى ماكانى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، بەلكى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى زېمىننىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىللەيدىغان نورمال دىيارلار ئەھۋالىغا قاراپ بايان قىلىپ بەرگەن. كېيىن ئىسلام بىز يۇقىرىدا ئىشارەت قىلغان جايلارغا يېتىپ بارغاندا، ئۇ جايدىكىلەر ناماز ۋاقتىنى بېكىتىشتە ئىجتىھاد قىلسا، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ بەرگەن ۋاقىتلارغا قىياس قىلىپ مۆلچەرلەپ بېكىتسە … بولىدۇ. لېكىن، قايسى جايلارغا قاراپ مۆلچەرلەيدۇ؟ بىر قاراشتا: شەرىئەت ئەھكاملىرى يولغا قويۇلغان مەككە- مەدىنىگە ئوخشاش نورمال يۇرتلارغا ئاساسەن دېيىلسە، يەنە بىر قاراشتا: ئۇلارغا ئەڭ يېقىن نورمال دىيارلارغا ئاساسەن دېيىلگەن، بۇ ئىككى قاراشنىڭ ھەر ئىككىسى جائىزدۇر. چۈنكى، بۇ ئېنىق ھۆكۈم بەلگىلەنمىگەن، ئىجتىھاد قىلىنىدىغان مەسىلىدۇر“.([4])

ئەلۋەتتە شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پەتىۋا كومىتېتلىرى، ئىسلام مەركەزلىرى ۋە مۇسۇلمانلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئورۇنلار بۇ ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تاللاپ، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ساقلىسا بولىدۇ.

كېچە بىلەن كۈندۈز نورمال بولمىغان جايلارنىڭ يەنە بىر تۈرى، ياۋروپانىڭ غەربى ۋە شىمالىدىكى بىر سوتكىدا كېچە بىلەن كۈندۈز ئايرىلىدىغان، لېكىن كېچە ياكى كۈندۈز  نورمال دىيارلاردىكىگە قارىغاندا ئۇزۇن ياكى قىسقا بولىدىغان جايلاردۇر.

بۇ جايلاردا نامازنى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئوقۇش لازىم. بامدات بىلەن خۇپتەن ۋاقىتلىرى گىرەلىشىپ كېتىدىغان، يەنى، شەپەق غايىب بولغىچە تاڭ ئېتىپ كېتىدىغان چاغلاردا يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك شۇ جايدىكى پەتىۋا كومىتېتلىرى ئىجتىھاد قىلىپ ئەڭ يېقىن نورمال جايلارغا قىياس قىلسا بولىدۇ. باشقا نامازلارنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئوقۇيدۇ.

مەسىلەن، ئۇلارغا ئەڭ يېقىن نورمال دىيارلاردا كۈن پېتىپ بىر سائەتتىن كېيىن شەپەق غايىب بولۇپ، كېچە 8 سائەت بولىدىغان بولسا، خۇپتەننى كۈن پاتقاندىن بىر سائەت كېيىن ئوقۇسا بولىدۇ. خۇپتەننى بېكىتىش قىيىن بولغان جايدا كېچە 12 سائەت بولىدىغان بولسا، ئۇلارغا شەپەقنىڭ غايىب بولۇشىنى كۈن پاتقاندىن بىر يېرىم سائەت كېيىن بەلگىلەيمىز. چۈنكى، ئۇلارغا ئەڭ يېقىن نورمال جايلاردا شەپەق بىر سائەت تۇرىدۇ. ئۇلاردا كېچە 8 سائەت بولغاچقا، بۇ، كېچىنىڭ سەككىزدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. دېمەك، كېچىنىڭ سەككىزدىن بىرى بولغان بىر يېرىم سائەت دەپ مۆلچەرلىنىدۇ.([5])

سىزنىڭ دەرس ۋاقتىدا نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇيالماسلىق مەسىلىڭىزگە كەلسەك، دەرس ۋاقتىدا قەلبىڭىزدە ئىما – ئىشارەتلەر بىلەن ئوقۇسىڭىز بولمايدۇ. ناماز دەرس ۋاقتىغا تاقىشىدىغان كۈندە پىشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ، ئىككى نامازنىڭ بىرىنىڭ ۋاقتىدا يا بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يا بىرىنى كېيىنكىنىڭ ۋاقتىغا كېچىكتۈرۈپ ئوقۇۋالسىڭىز بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

17 – 7 – 2018

 

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى» 3 – توم.


([1]) «نىسا» سۈرىسى 103-ئايەت.
([2]) «مۇسلىم» 2937-ھەدىس.
([3]) ”شەرھى سەھىھى مۇسلىم“ 18/66.
([4]) ”فتاوى محمد رشيد رضا“ 6/2577 – 2578.
([5]) ”الموسوعة الفقهية الكويتية“ 1/189.

 

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز