ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامازان(7)

ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامازان(7)

(مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

سوئال: رامازان ئېيىدا توي قىلسا بوﻻمدۇ؟

جاۋاب: رامازاندا شۇنداقلا ھەرقانداق ئاي، كۈنلەردە توي قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئورۇنلاشتۇرۇش رامازانغا ئۇدۇل كېلىپ قالسا بۇنىڭدا بىرەر چەكلىمە يوق. مېھمانلارنى رامازاندا ئىفتار ياكى سوھۇرغا چاقىرسا بولىدۇ. ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زەينەب، سەۋدە، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالارنى رامازاندا ئالغانلىقىنى، فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا رامازاندا ياتلىق قىلغانلىقىنى بايان قىلىشىدۇ.

رامازان كېچىلىرى يەنە جىماغا رۇخسەت قىلىنغان. پەقەت كۈندۈزىلا روزىسىنى بۇزۇپ سالماسلىق ئۈچۈن جىمانىڭ مۇقەددىمىلىرىدىن ساقلىنىش زۆرۈر. ئەگەر كېچىكتۈرۈشكە باشقا بىر توسالغۇ بولمىسا، كۈندۈزى ئۆزىنى تۇتالماي، روزىسىنى بۇزۇپ سېلىپ، ئاۋارىچىلىققا يولۇقۇپ قالىدىغانلار ئۈچۈن رامازان چىقىپ كەتكەندە توي قىلىش ياخشى بولسا كېرەك.

سوئال: سوھۇرلۇقنى يەپ، ئۇخلاپ قېلىپ ئېھتىلام بولۇپ قالسا روزا بۇزۇلامدۇ؟

جاۋاب: ئېھتىلام بولسا روزا بۇزۇلمايدۇ، غۇسۇل قىلىۋەتسە بولىدۇ.

سوئال: تەراۋىھ نامىزىدا ۋىتىر نامىزى ئوقۇلۇپ كېتىدۇ، كېيىن تەھەججۇد نامىزى ئوقۇسا ۋىتىر نامىزىنى قايتا ئوقۇمدۇ؟

جاۋاب: ۋىتىر نامىزىنى ئاخىرقى ناماز قىلىپ ئوقۇش سۈننەتتۇر. ۋىتىر نامازنى مۇمكىنقەدەر ئاخىرقى نامىزى قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. ئاندىن بەزى ئەھۋاللاردا ۋىتىردىن كېيىن نەفلە ئوقۇپ قالسا، ۋىتىرنى قايتىلىمىسىمۇ بولىدۇ.

سوئال: تۈرمىدە تۇتالمىغان بەش يىللىق روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتامدۇ؟

جاۋاب: تۈرمىدە يېتىشتىن ئىبارەت ئۆزرىسى بولغاچقا، بۇ كىشى خۇددى بەش يىل كېسەل بولۇپ قالغان كىشىدەك تۇرمىدىن چىققاندىن كېيىن باشقا كۈنلەردە رامازاندا تۇتالمىغان روزىلىرىنىڭ ئورنىغا روزا تۇتۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالامۇ: ﴿باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن﴾ دەپ بۇيرۇغان. كېچىكتۈرگەنلىكىگە گۇناھ بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بەش يىل ئىچىدە ھەر يىلى رامازان روزىسىنى بىر ئاي تۇتالمىغان بولسا، كېيىن بەش ئاي قازاسىنى تۇتىدۇ. 100 كۈن تۇتالمىغان بولسا، 100 كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ. بىر كۈن تۇتالمىغان بولسا، بىر كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ. تۇتالمىغان كۈنلەرنى ئارقىمۇئارقىدىن تۇتۇشى كېرەك ئەمەس، بەلكى كۈن ئاتلاپ تۇتۇۋالسىمۇ بولىدۇ. فىديە ياكى كەففارەت كەلمەيدۇ.

سوئال: رامازاندا تەراۋىھنى ئوقۇمىسا گۇناھ بولامدۇ؟

جاۋاب: تەراۋىھنى ئوقۇمىسا جازالانمايدۇ. چۈنكى، تەراۋىھ نامىزى پەرز ياكى ۋاجىب ئەمەس، بەلكى سۈننەتتۇر. لېكىن، نۇرغۇن ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ. سەھىھ ھەدىستە: «كىمكى رامازاندا ساۋاب كۆزلەپ ئاللاھقا ئىشەنگەن ھالدا كېچىلەردە ناماز ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭ بۇرۇنقى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» دېيىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە رامازاندا مىڭ ئاي ئىبادەت قىلغاندىنمۇ ئەۋزەلرەك بىر كېچە بار. شۇڭا، مۇسۇلمان كىشى بۇ غەنىيمەتلەرنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك.

سوئال: بۇرۇنقى ئۈممەتلەر قانداق روزا تۇتاتتى؟

جاۋاب: روزا تۇتۇش ئىبادىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ بارلىق ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغان ئىبادەتتۇر، ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك، روزا تۇتۇش سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى﴾ دېگەن. ئىلگىرىكىلەرگە پەرز قىلىنغان روزىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى بىزنىڭكىگە ئوخشايدىغانلىرى بار، ئوخشىمايدىغانلىرى بار. مەسىلەن، بەزى ئۈممەتلەرگە گەپ – سۆز قىلماي روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان. «ئال ئىمران» سۈرىسى، 41 – ئايەتتە زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامغا: ﴿نىشانەڭ شۇكى، كىشىلەرگە ئۈچ كۈنگىچە ئىشارەتتىن باشقا سۆز قىلمايسەن﴾ دېگەن. 19/«مەريەم»، 26 – ئايەتتە ئاللاھ تائالا مەريەم ئەلەيھىسسالامغا: ﴿بىرەر ئىنسانغا ئۇچراپ قالساڭ، ›مەن ئاللاھ ئۈچۈن روزا تۇتۇشنى نەزر قىلغان. شۇڭا، بۈگۈن ھېچكىمگە گەپ – سۆز قىلمايمەن‹ دېگىن﴾ دېگەن. يەھۇدىيلاردا ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇش بار.

يەھۇدىي – ناسارالارغا بىزگە ئوخشاش بىر ئاي روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ھەر 24 سائەتتە بىر ئېغىز ئاچاتتى. لېكىن، ئۇلار كۈن سانىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ بەزىلىرى يىلدا ئالتە كۈن، دىندارلىرى يىلدا بىر ئاي تۇتىدۇ. خىرىستىيانلارنىڭ بەزىلىرى يىلدا قىرىق كۈن، ھەر پەسىلدە ئۈچ كۈن، ھەپتىدە چارشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى تۇتىدۇ. ئۇلار سۈپەت جەھەتتىنمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ، بەزى خىرىستىيانلار جانلىقلارنى يېيىشتىن پەرز تۇتۇش بىلەن روزا تۇتىدۇ.

سوئال: رامازان كۈنلىرىنىڭ كۈندۈزلىرى ئايالىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ قويۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقاندا تۇيۇقسىز شەھۋەت قوزغىلىپ، مەنى ئېتىلىپ چىققان بولسا، بۇنىڭغا كەففارەت كېتەمدۇ؟ شۇ كۈنى قانداق قىلىدۇ؟ روزىنى قايتا نىيەت قىلىۋەتسە بولامدۇ ياكى (رامازاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلغان ئاساستا) ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: جىما قىلماستىن قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش بىلەن مەنىي چىقىپ كەتكەن بولسا روزا سۇنىدۇ، روزا سۇندۇرۇش بىلەن گۇناھكار بولىدۇ، شۇنداقلا رامازاندىن كېيىن ئورنىغا قازا روزىسى تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما كەففارەت كەلمەيدۇ.

نېمە ئۈچۈن كەففارەت كەلمەيدۇ دېگەندە، بۇ تولۇق جىما دەرىجىسىگە يەتمىگەن، خۇددى سۆيگەنگە ئوخشاش بىر ئىشتۇر. كەففارەت ۋاجىب بولماسلىق ئەسلىي ھۆكۈمدۇر. قۇچاقلاش بىلەن مەنىي چىقسا كەففارەت ۋاجىب دەيدىغانغا ئېنىق دەلىل يوق ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى (ئىجمائسى) مۇ يوق. قۇچاقلاشنى جىماغا قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ جىماغا ئوخشىمايدۇ. جىمادا مەنىي چىقمىسىمۇ كەففارەت كېلىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي «ئەلمەجمۇ»دا مۇنداق دەيدۇ: «روزىسىنى جىمادىن باشقا يەپ – ئىچىش، ئانانىزم (مەنىي چىقىرىش)، مەنىي چىقىپ كەتكۈچە قۇچاقلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بۇزۇۋەتسە كەففارەت كەلمەيدۇ. چۈنكى، كەففارەت جىماغا كەلگەندۇر. يۇقىرىقى ئىشلار جىمانىڭ مەنىسىگە ئوخشىمايدۇ».

بەزى ئالىملار: «قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش ئارقىلىق مەنىي چىقىپ كەتكەن ئەھۋالدا كەففارەت كېلىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇ ئىشلارنى جىماغا قىياس قىلغان.

ئەلبەتتە، روزا يۇقىرىقى ئىشلار بىلەن سۇنغان تەقدىردىمۇ، روزا ۋە رامازان ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىفتار ۋاقتىغىچە يېمەك – ئىچمەك ياكى روزا سۇندۇرىدىغان ئىشلارنى قىلماي تۇرىدۇ.

سوئال: ئۆيدە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد بولۇشى شەرتتۇر. ئاللاھ تائالا 2/«بەقەرە»:187 – ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار﴾. بۇ ئايەت ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، جۈمە ئوقۇلىدىغان بولسۇن ياكى ئوقۇلمايدىغان مەسجىد بولسۇن، مەسجىدلا بولسا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدتىن باشقا جايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرمىغان. بەزى ئالىملار جامائەت نامىزى ئوقۇلىدىغان مەسجىد بولۇشىنى شەرت قىلغان.

سوئال:رامازان كۈندۈزىدە ئانانىزم قىلىپ، مەنىي چىققان بولسا ھۆكۈم قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: تەۋبە قىلىپ، شۇ بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ، كەففارەت كەلمەيدۇ.

سوئال: ئاياللارنىڭ ئالدى ئەزاسىنى تەكشۈرتۈشتە روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىگە چايقايدىغان دورا، بارماق ياكى تەكشۈرۈش ئەينىكى ۋەياكى ئۈزۈك كىرگۈزگەن ئەھۋالدىمۇ روزىسى سۇنمايدۇ، كىچىك تاھارەت ئېلىۋەتسە بولىدۇ.

سوئال: ئايروپىلاندا سەپەر قىلغاندا روزا تۇتساق كۈن پاتقان چاغدا ئېغىز ئاچامدۇق ياكى ئۈستىگە كەلگەن شەھەر ۋاقتىغا بويسۇنامدۇق؟

جاۋاب: ئايروپىلاندا ئۇچۇۋاتقاندا كۈن پاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئاندىن ئېغىز ئاچىسىز.

سوئال: ئېغىزغا پۈركۈيدىغان دورىنى ئىشلەتسە روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ئېغىزغا پۈركۈيدىغان دورا تەركىبىدە سۇمۇ بار. ئەگەر گالدىن ئۆتۈپ كەتمىسە روزا سۇنمايدۇ، ئۆتۈپ كەتسە روزا سۇنىدۇ. ئەمما، بۇرۇنغا پۈركىسە روزا سۇنمايدۇ.

سوئال: سېغىز چاينىسا روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: سېغىز چاينىغان چاغدا پارچىلىنىپ كېتىدىغان بولسا، بۇنىڭ بىرەر پارچىسى گالدىن ئۆتۈپ كەتسە روزا سۇنىدۇ. ھازىرقى سېغىزلار پارچىلىنىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى شېكەر ماددىسى بىلەن تەم كىرگۈزگۈچى ماددىلار تۈكۈرۈكتە ئېرىپ، گالدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، روزىنى سۇندۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېغىز چايناش ئېغىزنى قۇرۇتۇۋېتىدىغان بولغاچقا، روزىدارغا زىيانلىق.

سوئال: تاماكا چەكسە روزىنى سۇندۇرامدۇ؟

جاۋاب: تاماكا، موخوركا، چىلىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان چېكىملىكلەر بىلەن روزا سۇنىدۇ. بۇ تۈتۈنلەر نىكوتىن قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بۇ ماددىلارنىڭ قالدۇقى تاماكىنىڭ بۇلۇتىدا، ئۆپكىدە، كانايدا قاپ – قارا كۆرۈنىدۇ. بۇ ماددىلار بەدەنگە كىرگەندە قالدۇرغان تەسىرى يېمەك – ئىچمەكنىڭ تەسىرىدىن ئېغىر بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، روزىدارنىڭ تاماكا چېكىشى روزىنى بۇزۇۋېتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىچىگە ماددا كىرگۈزگەن. دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە، تاماكا تۈتۈنى ئېغىزدىن كانايغا، ئاندىن ئۆپكىگە كىرسە، يەنە ئاز بىر قىسمى قىزىلئۆڭگەچ ئارقىلىق ئاشقازانغا بارىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، تاماكا مېڭىگە تەسىر قىلىدۇ. خۇمار ۋە تاشلىيالماسلىقتا ھاراق بىلەن زەھەرلىك چېكىملىكتىن قېلىشمايدۇ. بۇ جەھەتتىن، تاماكىمۇ بىر خىل كەيپ سۈرىدىغان شەھۋەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. چۈنكى، بەڭگى يېمەك – ئىچمەكسىز چىدىسىمۇ، تاماكىسىز چىداپ بولالمايدۇ. ھەدىس قۇددۇسىيدا جانابىي ئاللاھ: «روزىدار يېمەك – ئىچمىكىنى، شەھۋىتىنى مەن ئۈچۈن تاشلايدۇ» دېگەن.

تاماكىنىڭ باشقا تۈتۈنلەردىن تۆۋەندىكىدەك پەرقى بار:

1. بەڭگى تاماكا ئىسىنى قەستەن ئىچىگە تارتىدۇ. كوچىدىكى ئىسلارنى قەستەن تارتمايدۇ. ئىمام ئىبنى ئابىدىن مۇنداق دەيدۇ: «ئىچىگە تارتىشتىن ساقلىنالايدىغان ھەرقانداق تۈتۈننى قەستەن ئىچىگە تارتسا روزىسى بۇزۇلىدۇ. «بۇ گۈل پۇرىغاندەك، مۇشك – ئەنبەر پۇرىغاندەك ئىش» دەپ ئويلاپ قالمايلى. چۈنكى، مۇشك – ئەنبەردەك نەرسىلەرنىڭ پۇرىقى بىلەن خۇشبۇيلانغان ھاۋا ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىچىگە كىرگۈزگەن تۈتۈننىڭ ئوتتۇرىدىكى پەرق ئېنىقتۇر(1).

2. تاماكا ئىسىنى ئېغىزى سۈمۈرىدۇ، تۈتۈن بولسا نەپەس ئارقىلىق ئىچىگە كىرىدۇ. كوچىدىكى توزان، تۈتۈنلەر بۇرنىغا كىرىدۇ. بۇرنىغا كىرگىنى كاناي ئارقىلىق ئىچىگە ئۆتۈشى مۇمكىن، ئۆتمەسلىكىمۇ مۇمكىن. كوچىدىكى توزان، تۈتۈنلەردىن ساقلىنىش قىيىن ۋە قەستەنلىك بولمىغاچقا، ئىچىگە ئۆتكەن تەقدىردىمۇ روزىنى سۇندۇرمايدۇ. ئەمما، قەستەنلىك بىلەن ئەتەي كۈچەپ سۈمۈرۈش ئارقىلىق ئىچىگە ئۆتكۈزسە، بۇلارمۇ روزىنى سۇندۇرىدۇ، ئەلبەتتە.

3. كوچىدىكى توزان، تۈتۈنلەردىن ساقلىنىش تەس بولغاچقا، روزا بۇزۇلمايدۇ. تاماكىدىن ساقلىنىش مۇمكىن بولغاچقا، چەكسە روزا سۇنىدۇ.

4. تاماكىنى كۆڭلى خاھلايدۇ، باشقا تۈتۈنلەرنى بولسا ياقتۇرمايدۇ.

5. روزىدىن مەقسەت ئىرادىنى تاۋلاش، يامان ئادەتتىن قۇتۇلۇش، پېقىرلارنىڭ ھالىنى ھېس قىلىش ۋە تەقۋادارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش. تاماكا بۇنىڭ ئەكسىچە روزىدىن كۆزلىگەن نىشانلارنىڭ روھىغا زىت كېلىدۇ.

سوئال: بۇرۇن ئارقىلىق كىرگەن نەرسە گالدىن ئۆتۈپ كەتسە روزىنى بۇزامدۇ؟

جاۋاب: بۇرۇن ئېغىز بىلەن ئوخشاشلا قىزىلئۆڭگەچكە تۇتۇشىدۇ. شۇڭا، بەزىبىر ئەھۋاللاردا بۇرۇن ئارقىلىق غىزالىنىش ئېھتىياجىمۇ تۇغۇلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇرۇندىن كىرگەن نەرسە گالدىن ئۆتۈپ كەتسە روزىسى سۇنىدۇ.

سوئال: روزا ھېيت ئۇچۇرىنى ئالدۇق، ئەمما بىز دىيارىمىزدا ئاي كۆرگەنلىك خەۋىرىنى ئالالمىدۇق. شۇڭا، روزا تۇتامدۇق ياكى ھېيت قىلامدۇق؟

جاۋاب: دىيارىمىزدا ئاي كۆرۈش پائالىيىتى بولمىغاچقا، ئاي كۆرىدىغان ئىسلام ئەللىرىدە كۆرگەن ئاينى ھېساب قىلساق بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئەللەر بىلەن بىللە ھېيت قىلىمىز، ھېيت كۈنى روزا تۇتمايمىز. ئەمما، ھېيت نامىزى ئوقۇش ئىشىنى مۇمكىن بولسا جامائەت بولۇپ ئوقۇپ، بولمىسا، بالىچاقىلىرىمىز بىلەن ئوقۇۋالساق بولىدۇ ياكى بىر كۈن كېچىكتۈرسەكمۇ بولىدۇ.

سوئال: بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك قارىيە قىزلار رامازاندا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇسا، چوڭ ئەر ئۇستازلار ئۇ قىز بالىغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەرلەر كىچىك قىزلارغا ياكى ئاياللارغا ئىقتىدا قىلسا بولمايدىغانلىقى ئالىملار ئارىسىدا ئىتتىپاق مەسىلە. قىز – ئاياللارغا ئايال كىشى ئىقتىدا قىلىپ، لوقما سالسا بولىدۇ. ئەرلەر «قۇرئان» ئېچىپ لوقما سالىدىغان بولسا، نامازغا تۇرماي سىرتتىن لوقما سالسا بولىدۇ.

سوئال: رامازاندا ئېرىق – ئۆستەڭلەرگە بويۇننىڭ ئۈستىنى چۆكتۈرمىگەن ئەھۋالدا سۇغا چۈشسە روزا سۇنامدۇ؟ بىرنەرسە پۇرىسا روزا سۇنامدۇ؟ بەدەننىڭ تەرلىشى سەۋەبلىك مۇنچىغا چۈشسە روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ھېچقايسىسى بىلەن روزا سۇنمايدۇ. ئەمما، بۇرۇن بىلەن قاتتىق ئىچىگە تارتىپ، گالدىن ئۆتكۈزسە روزا سۇنىدۇ.

سوئال: «رامازاندا روزا تۇتۇپمۇ غەيۋەت قىلغان، يالغان گەپ قىلغان، ئاچچىقلاپ ۋاقىرىغان ئادەملەرنىڭ روزىسى بۇزۇلۇپ كەتتى، يەپ – ئىچسە بولىدۇ» دېيىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، غەيۋەت بىلەن يالغانچىلىقتەك گۇناھلار روزىنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. مۇجاھىد بىلەن سۇفيان سەۋرىي قاتارلىق ئالىملار: «غەيۋەت روزىنى بۇزۇۋېتىدۇ» دەپ قارايدۇ.

سوئال: يۇرتىمىزدا رامازان سەۋەبى بىلەن خېلى كۆپ ياخشى مۇسۇلمانلار ھەقسىز ئىفتارلىق بىلەن سوھۇرلۇق بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا زاكات پۇلنى ئشلەتسىمۇ بولامدۇ؟ يەنە بىرسى، تەراۋىھ نامىزىنى بىزنىڭ يۇرتتىكى ئۆلىمالار مۇستەھەب دەيدۇ، سىلى سۈننەت دەپلا، بىلىۋالساق بولۇپتىكەن.

جاۋاب: 1. زاكات پۇلىدا ئىفتارلىق بىلەن سوھۇرلۇق بەرسە بولمايدۇ. چۈنكى، داستىخاندا بايمۇ بولىدۇ. «كەمبەغەلنىلا چاقىرىدۇ» دېگەن ئەھۋالدىمۇ بولمايدۇ. زاكات پۇلنى كەمبەغەلنىڭ قولىغا بېرىش كېرەك. ئۆزى خاھلىغان نەرسىگە ئىشلىتىدۇ. 2. تەراۋىھ نامىزى سۈننەت. بەزىلەر: «مۇستەھەب» دەيدۇ، يەنە بەزىلەر: «ۋاجىب كۇپايە» دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرقانچە كېچە ئوقۇغان، كېيىن راشىد خەلىفەلەر قىلغان بولغاچقا، سۈننەت دېيىش مۇۋاپىق. بەزى ئالىملار: «مۇستەھەب بىلەن سۈننەت بىرنەرسە» دەپمۇ قارايدۇ.

سوئال: 1. ھازىر دىيارىمىزدا قارىلار كۈنىگە ئۈچ – تۆت پارىدىن ئوقۇپ خەتمىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىر پارىدىن ئوقۇسا جامائەتكىمۇ ئېغىر كەلمەيتتى. بىراق، بىر تەرەپتىن، قارىلار يېتىشمىسە، يەنە بىر تەرەپتىن قارىلارغا كىرىدىغان كىرىم ئازلاپ كېتىدۇ ۋەياكى «قۇرئان»نى كۆپرەك ئۆتكۈزۈۋېلىش دېگەنگە ئوخشاش باشقا سەۋەبلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئەھۋال بەزى جامائەتلەرگە ئېغىر كېلىپ، مەسجىدكە چىقمايدۇ. بىر مەسجىد جامائىتىدىن ئەھۋال ئىگىلىسەم، 50 – 60 پىرسەنتتىن كۆپ جامائەت ئۈچ – تۆت پارىدىن ئوقۇلغان تەراۋىھنى ئېغىر كۆرىدىكەن ۋە ئادەتتىكىدەك ئوقۇلۇشىنى خاھلايدىكەن. 2. سوھۇرلۇققا ئويغىنالمىغان كىشى شۇ كۈنى روزا تۇتامدۇ ياكى تۇتمامدۇ؟ 3. «قۇرئان»نى تەراۋىھتا تۈگىتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ 4. تەراۋىھتا تۈگىتىدىغانغا ئىمكانىيەت بولماي، ناماز سىرتىدا بىر ئادەم ئوقۇسا، قالغانلار تىڭشاپ تۈگەتسىچۇ؟

جاۋاب: 1. تەراۋىھ نامىزى سۈننەت. چىدىيالايدىغانلار ئوقۇسا بولىدۇ. ئىماملارمۇ جامائەتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

2. سوھورلۇققا ئويغىنالمىغان كىشى روزا تۇتۇۋېرىدۇ. چۈنكى، سوھورلۇق يېيىش روزا تۇتۇش ئۈچۈن شەرت ئەمەس، بەلكى سۈننەت. 3. «قۇرئان»نى تەراۋىھتا خەتمە قىلىش مۇستەھەب. چۈنكى، بۇ بىر خىل «قۇرئان» ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش بولۇپ، جىبرىل ئەلەيھىسسالام رامازاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن شۇنداق قىلغان. سەلەف سالىھلارمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى ياقتۇراتتى. 4. ناماز سىرتىدا ئوقۇپ ۋە ئاڭلاپ ئۆگىنىش سۈننەت. چۈنكى، جىبرىل ئەلەيھىسسالام رامازاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن شۇنداق قىلغان. «قۇرئان»نى پەقەت بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن ئۆگىنىش ۋاجىب. توغرا ئوقۇشنىلا ئەمەس، مەنىسىنى ھەم ئۆزلەشتۈرۈش لازىم.

سوئال: قەدر كېچىسىنى قانداق بايقايدۇ؟ بايقىغاندا نېمە دەپ دۇئا قىلىدۇ؟

جاۋاب: قەدر كېچىسى رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسىدە بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ، ئۇ كېچە ئايدىڭ، تىپتىنچ كېچە، ئىسسىقمۇ، سوغۇقمۇ ئەمەس. ئۇ كېچىنىڭ ئەتىسى قۇياش قىزغۇچ ۋە نۇرسىز چىقىدۇ. بۇ كېچىلەردە «اللهُمَّ إِنَّكَ عَفُوٌّ تُحِبُّ الْعَفْوَ، فَاعْفُ عَنِّي»(ئى ئاللاھ! سەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، ئەپۇنى سۆيىسەن. شۇڭا، بىزنى ئەپۇ قىلىۋەتكەيسەن) دەپ دۇئا قىلىدۇ.

سوئال: ئادەتتە ۋىتىرنى رامازاندا ئۈنلۈك ئوقۇيمىز. ئەمدى سورىماقچى بولغىنىم رامازاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئايرىم ناماز ئوقۇغاندا ۋىتىرنى ئۈنلۈك ئوقۇساق بولامدۇ؟

جاۋاب: رامازاندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئايرىم ناماز ئوقۇغاندا ۋىتىرنى ئۈنلۈك ئوقۇسا بولىدۇ. چۈنكى، كېچە نامازلىرىدا ئۈنلۈك ئوقۇش ئەۋزەل. ئايال كىشىمۇ يات ئەر ئاڭلىمايدىغان ئەھۋالدا كېچە نامازلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇسا بولىدۇ.

سوئال: ئوغۇل – قىزلىرىمىزنىڭ ناماز پەرز بولىدىغان ۋاقتىنى قانداق ھېسابلايمىز؟ ناماز پەرز بولغاندىن كېيىن رامازان روزىسىمۇ پەرز بولامدۇ؟

جاۋاب: ناماز ۋە روزا بالاغەتكە يېتىش بىلەن پەرز بولىدۇ. نامازغا يەتتە ياشتا بۇيرۇپ ئۆگەتكەچ تۇرىمىز. بالاغەتكە يەتكەندە پەرز بولىدۇ. بالاغەتكە يېتىش قىزنىڭ ھەيز كۆرۈشى بىلەن، ئوغۇلنىڭ ئېھتىلام بولۇشى بىلەن مەلۇم بولىدۇ. ناماز پەرز بولغاندىن كېيىن رامازان روزىسىمۇ پەرز بولىدۇ.

سوئال: بەزىلەر خىزمەت سەۋەبى تۈپەيلىدىن روزا تۇتمايدىكەن. مۇشۇنداق كىشىلەر رامازاندىن كېيىن فىديە بەرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: روزا تۇتۇپ قوپۇپ، يەپ – ئىچىشكە زورلانغان، ھەقىقىي مەجبۇر بولغان ئەھۋالدا، ئەڭ ئاز مىقداردا يەپ – ئىچىپ روزىسىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. مەجبۇرلانغانلىقتىن روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

سوئال: ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد بولۇشى شەرت بولىدۇ. لېكىن، بىزنىڭ دىيارلاردا رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى مەسجىدتە ئولتۇرۇپ ئېتىكاپ قىلىش ئەمەس، ئادەتتە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشمۇ تەس(مەسجىدكە قۇلۇپ سېلىپ دېگەندەك). شۇڭا، ئېتىكاپنى ئۆيدە قىلساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ئېتىكاپنى ئۆيدە قىلسا بولمايدۇ. ئىككى ناماز ئارىلىقىدا ياكى بىرەر سائەت ئېتىكاپنى نىيەت قىلىپ مەسجىدتە تۇرۇپ چىقسا بولىدۇ.

سوئال: بۈگۈن (دۈشەنبە) دىيارىمىز قەشقەردە تەراۋىھ ئوقۇدۇق، ئەتە (سەيشەنبە) ئاللاھ خاھلىسا روزا تۇتۇپ قوپماقچى بولدۇق. بىراق، بۇ تور بەتكە سىلى «سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر تەرەپتە چارشەنبە كۈنى روزا تۇتۇلىدۇ» دەپ يېزىپ قويۇپلا. بىز ئەمدى دىيارىمىزدىكىلەرگە ئەگىشەمدۇق ياكى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكىلەرگە ئەگىشەمدۇق؟ خاپا بولماي تېزدىن جاۋاب بېرىۋەتكەن بولسىلا بوپتىكەن. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

جاۋاب: دىيارىمىزدا ئاي كۆرۈش ئىشى بولمىغاندىكىن، سەيشەنبە روزا تۇتماي، سەئۇدى بىلەن مىسىرغا ئوخشاش چارشەنبە تۇتۇشى لازىم. سەيشەنبە تۇتقانلار ئېغىز ئېچىۋېتىدۇ. چۈنكى، شەك كۈنىدە روزا تۇتۇش كۆپچىلىكنىڭ قارىشىدا، مەكرۇھ ياكى ھارام.

سوئال: رامازاندا كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇش ياخشى ئىش. لېكىن، بىز ئادەتتە تەراۋىھدىن قايتىپ، كېچىسى يەنە ئىبادەت قىلساق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «پەرز ناماز بىلەن ئوقۇلىدىغان 12 رەكئەت نامازدىن باشقا 11 رەكئەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇپ باقمىغان» دېگەن ھەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولامدۇق؟

جاۋاب: خىلاپ بولمايدۇ. ئەگەر سىزمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوقۇغاندەك قىيامنى، رۇكۇنى، سەجدىنى پەۋقۇلئاددە ئۇزۇن قىلىپ ئوقۇيالىسىڭىز سەككىز رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇشقا ۋاقىت چىقمايدۇ. ئۇنداق ئۇزۇن ئوقۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولغاچقا، رەكئەت سانىنى كۆپەيتىپ ئوقۇشتىن باشقا چارە يوق. ساھابە – كىراملارمۇ 20 رەكئەت ئوقۇغان. سەلەفلەردىن بەزىلەر 36 رەكئەت ئوقۇغان.

سوئال: ھازىر دىيارىمىزدا خۇپتەن ۋە تەراۋىھ نامىزىنى 50 مىنۇتتىلا (ۋاقىت بەلگىلەپ بەرگەن چېغى) تامام قىلىدۇ. 29 رەكئەت نامازنى بۇنداق تېز ئوقۇسا ناماز دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: رۇكۇ – سەجدىنى تەئدىل – ئەركان بىلەن ئۆزىنى توختىتىپ ئوقۇغان بولسا دۇرۇس. ئۆزىنى توختاتماي، ئىت قوغلىغاندەك ئوقۇسا دۇرۇس بولمايدۇ.

سوئال: بۇ يىل روزا تۇتۇش ۋەتەن بىلەن مىسىردا بىردەك بولمىدى. 1. مىسىردىن بىر كۈن بۇرۇن تۇتقانلار بولدى. بۇلارنىڭ تۇتقان روزىسى جائىزمۇ ياكى ھاراممۇ ۋەياكى نەفلىمۇ؟ 2. ۋەتەندە بىر كۈن بۇرۇن تۇتقانلار مىسىردىن بىر كۈن بۇرۇن ھېيت قىلامدۇ ياكى مىسىر بىلەن ئوخشاش ھېيت قىلامدۇ؟ 3. ئەگەر ۋەتەندە مىسىردىن بىر كۈن بۇرۇن ھېيت دەپ ئېلان قىلغان بولسا، شۇ كۈندە جامائەت بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇمدۇ ياكى روزىسىنى تۇتۇپ مىسىر بىلەن بىر كۈندە ھېيت قىلامدۇ؟ 4. ئەگەر ۋەتەندە مىسىر بىلەن بىر كۈندە ھېيت قىلىدىغانلار بولسا، ۋەتەندە بىر كۈن بۇرۇن ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولسا، شۇ كۈنى (ۋەتەندە ھېيت بولغان كۈنى) مىسىرغا ئەگىشىپ روزا تۇتقان بولسا، ۋەتەندىكىلەر ھېيت نامىزىنى قايسى كۈنى قانداق ئوقۇيدۇ؟

جاۋاب: بۇلارنىڭ بەزىسىگە بۇرۇنقى سوئاللارنىڭ جاۋابى يېتەرلىك، شۇنداقتىمۇ، يەنە جاۋاب بېرەي. 1. مەكرۇھ ياكى ھارام. خاتا ئۇقتۇرۇلغان بولسا گۇناھ بولمايدۇ. نەفلە روزا بولىدۇ. روزىدار ھالەتتە توغرىسىنى بىلسە بۇزۇۋېتىشى لازىم. 2. ھېيت قىلىشمۇ ئاي كۆرۈش بىلەن بېكىتىلىدۇ. كۈن ساناپ ئەمەس. ۋەتەندە ئايغا قارىمىغاندىكىن مىسىر ياكى ئەرەبىستان بىلەن ئوخشاش قىلىدۇ. 3. روزا تۇتىدۇ. چۈنكى، بۇ كۈن رامازان. 4. مىسىردا ھېيت نامىزى ئوقۇغان كۈنى ئوقۇيدۇ. مەسجىد ئەپسىز بولسا ئۆيدە جامائەت بولۇپ ياكى يالغۇز ئوقۇۋالسىمۇ بولىدۇ.

سوئال: رەجەب ئېيىنىڭ ئالدىدىكى ۋە ئوتتۇرىدىكى ئۈچ كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ھەرقانداق ئاينىڭ ئوتتۇرىدىكى كۈنلەردە روزا تۇتۇش ياخشى. يەنە دۈشەنبە بىلەن پەيشەنبە تۇتسا ياخشى. رەجەب ئېيىنىڭ بىرەر كۈنىدە روزا تۇتۇش ھەققىدە ئالاھىدە بىرەر كۆرسەتمە يوق. رەجەب ئېيى ھارام قىلىنغان تۆت ئاينىڭ بىرى بولغاچقا، ئۇنىڭدا روزا تۇتۇش ياخشى.

سوئال: بۇرۇن تۇتالماي قالغان ياكى روزىسى بۇزۇلۇپ كەتكەن پەرز روزىنىڭ قانچە كۈن ئىكەنلىكى ئېسىمىزدە يوق ئەھۋالدا، بۇ پەرز روزىنىڭ قازاسىنى قانداق تولۇقلايمىز؟

جاۋاب: تەخمىنەن پەرەز قىلىپ، كۆڭۈل خاتىرجەم بولغۇچە روزا تۇتىمىز.

سوئال: بىر قېرىندىشىمىز تاتلىق كېسەل بولۇپ، بېقىنىدا داۋاملىق ئوكۇل ئېسىقلىق تۇرىدىكەن، روزىسىغا تەسىر يېتەمدۇ؟

جاۋاب: تاتلىق كېسەل دەپ ئاڭلاپ باقماپتىمەن. دىيابېت ياكى شېكەر سىيىش كېسىلى دەيمىز. ئومۇمەن، ئوكۇل روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، كېسەل بولغاندىكىن تۇتماي، فىديە بەرسە بولىدۇ.

سوئال: كىشىلەر سوھۇرلۇق يېيىش ۋاقتىنى ئەزانغا قاراپ توختىتىدىغان بولغاچقا، بەزى مەزىنلەر سوھۇرلۇق ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىش ئۈچۈن ئەزاننى كېچىكتۈرۈپ توۋلايدىكەن. بۇ ئىش توغرا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ توۋلاشقا بولمايدۇ. لېكىن، ئەسلىدە تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇنراق توۋلايدىغان بىرىنچى ئەزاننى كېچىكتۈرسە بولىدۇ.

سوئال: مېنىڭ ئاكام تىجارەتچى ئىدى. كۈندە بىر قېتىم ئۈرۈمچىگە چىقىپ كېلىدۇ. سەپەر ۋە تىجارەت جەريانىدىكى يۈك كۆتۈرۈش، شوپۇرلۇق قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن روزىدا قىينىلىپ قالىدىكەن. «سەپەردىكىلەرگە رۇخسەت» دېگەن ھۆكۈمگە ئاساسەن، روزا تۇتماي دېسە، بۇ ئىشى كۈندە بار. ئۇلار: «ئۈچ شېرىك بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ تۇتماي ماڭساق بولارمۇ ياكى قانداق قىلساق ياخشى بولار؟» دەيدۇ.

جاۋاب: سەپەر ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن روزا تۇتمىسا رۇخسەت. قىينىلىپ قالمايدىغان بولسا تۇتسىمۇ بولىدۇ. قىينالغان ئەھۋالدا تۇتماي، نۆۋەتلىشىپ دەم ئېلىپ تۇتۇپ، كېيىنچە، دەم ئالغان كۈنلەردە قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ.

سوئال: فىتىردا بەلگىلەنگەن تۈرلەرنىڭ قايسىسىنى ئاساس قىلىپ بېرىمىز؟

جاۋاب: قايسىسى بولسا بولۇۋېرىدۇ. مەسىلەن، ئۇن، گۈرۈچ ياكى نەق پۇل دېگەندەك.

سوئال: روزا تۇتالماي فىديە بېرىدىغانلار بىر مىسكىننىڭ بىر كۈنلۈكىگە نەچچىلىك پۇل بەرسە بولار؟

جاۋاب: تۇتالمىغان بىر كۈنگە قارىتا بېرىلىدىغان فىديە بىر مىسكىننى تويغۇزۇشتۇر. بەزىلەر ئىككى ۋاقىت دەيدۇ. شۇڭا، 15 – 20 سوم ئەتراپىدا دېسەك مۇۋاپىق.

سوئال: رامازاندا ئوكۇل سالسا بەزىلەر: «روزا سۇنىدۇ» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: «سۇنمايدۇ» دەيدۇ. شۇڭا، ئېغىر كۆرمەي بۇ ھەقتە تېما يوللاشلىرىنى سورايمەن.

جاۋاب: ئوكۇل مەسىلىسىدە قاراشلار سىز دېگەندەك ئوخشاش ئەمەس. كۈچلۈك قاراشتا، بارلىق ئوكۇللار — مۇسكۇلغا بولامدۇ ياكى تومۇرغا بولامدۇ، غىزا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولامدۇ ياكى دورا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولامدۇ — روزىنى بۇزمايدۇ. چۈنكى، بۇلار ئادەتتە ئېغىز ئارقىلىق بەدەنگە كىرمەيدۇ. لېكىن، بەزى ئالىملار گىلۇكوزىنى، ئوزۇقلۇق خاراكتېرىدىكى سۇيۇقلۇق ياكى ئوكۇللارنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلىپ، روزىنى سۇندۇرىدۇ، دەپ قارىغان. شۇڭا، مۇشۇ قاراشلاردىن بىرىنى تاللاپ ئىش تۇتۇۋەرسە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەل كىشىگە ئېغىز ئېچىش رۇخسىتى بار.

سوئال: ئۇنتۇپ قېلىش، ۋاقىتقا دىققەت قىلماسلىق ياكى يولدا بولۇپ قېلىش، شامدا ئىمامغا ئەگىشىشكە ئالدىراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىفتارلىق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، روزا ئېچىلىپ كېتەمدۇ ياكى قانداق قىلىمىز؟

جاۋاب: ئىفتار قىلالمىسا، ئىفتار قىلىشنى نىيەت قىلسا، بىرنەرسە يەپ – ئىچمىسىمۇ ئىفتار قىلغان بولىدۇ.

سوئال: زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنى قۇربان ھېيت بولسا، زۇلقەئدە ئېيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلاپ، ئون كۈن قىلىپ تۇتامدۇق؟

جاۋاب: ئەرافات كۈنى بىلەن جەمئىي توققۇز كۈن روزا تۇتىمىز، ئون كۈن ئەمەس. ئونىنچى كۈنى ھېيت بولغاچقا، روزا تۇتمايمىز.

سوئال: تۈرمىدە ناماز، روزىلار قاتتىق چەكلىنىدۇ. نامازنى ئىشارەت بىلەن مەخپىي ئوقۇغىلى بولىدۇ، روزا تۇتۇش مۇمكىن ئەمەس. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن روزىنىڭ قازاسىنى قىلىمىزمۇ ياكى مەجبۇرلۇقى سەۋەبىدىن تولۇقلىمىساقمۇ بولامدۇ؟ مۇمكىن بولسا قايسى مۇجتەھىدنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز؟

جاۋاب: تۈرمىدە قىيىن بولغاچقا روزا تۇتماي، چىققاندا قازاسىنى تۇتىدۇ. بۇ ئىمام قەرەداۋىينىڭ ئىجتىھادى.

سوئال: «جۈمە كۈنى ئايرىم نەفلە روزا تۇتسا بولمايدۇ» دەپ ئاڭلىدىم. بۇرۇن قېپقالغان روزامنىڭ قازاسىنى جۈمە كۈنى بولسىمۇ تۇتۇۋەرسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: قازا روزىنى جۈمە كۈنى تۇتسا بولىدۇ.

سوئال: ئىفتار قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغان ھالەتتە ناماز ۋاقتى كىرىپ قالسا، قانداق قىلىمىز؟

جاۋاب: ئېغىز ئېچىشنى نىيەت قىلساق بولدى.

سوئال: مەن ئىككى – ئۈچ يىل پەرز روزامنى تۇتمىغان. ئەمدى ئۇنى قانداق تولۇقلايمەن؟

جاۋاب: ئورنىغا روزا تۇتىسىز، بىر كۈنگە بىر كۈن.

سوئال: روزا تۇتقان كىشى روزىدارلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇپ، ئانانىزم قىلغان بولسا، روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ئۇنتۇغان ئەھۋالدا روزا سۇنمايدۇ. بۇ ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ – ئىچكەنگە ئوخشاش.

سوئال: «بىر يىل روزا تۇتسىمۇ، قازا قىلغان بىر كۈن روزىنى تولۇقلىغىلى بولمايدۇ» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟

جاۋاب: زەئىف. ئىمام بۇخارىي، ئىمام ئەھمەد قاتارلىقلار شۇنداق باھالىغان.

سوئال: نەفلە روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىپ ئۇخلاپ قالسا، ئويغانغاندا بىر نېمە يېمەستىن نىيەت قىلىۋەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: بولىدۇ.

سوئال: ئۆمۈر بويى ئىچىشىم لازىم بولغان دورىلارنى چوقۇم دوختۇر بەلگىلەپ بەرگەن سائەتتە ئىچىشىم كېرەك ئىكەن. سورىماقچى بولغىنىم، كۈندۈزى پەقەت دورىنىلا ئىچىش شەرتى بىلەن روزا تۇتسام بولامدۇ ياكى دورا ئىچكىنىم ئۈچۈن روزام ئىناۋەتسىز بولامدۇ؟

جاۋاب: دورا ئىچىش روزىنى سۇندۇرىدۇ. «سۇندۇرمايدۇ» دېگەن پەتۋا ھېساب ئەمەس. شۇڭا، روزا تۇتماي فىديە بېرىش سىزگە ئەڭ مۇناسىپ ھەم ئەۋزىلىمۇ شۇ. چۈنكى، سىز بۇ ئەھۋالدا جاپادىن قورقۇپ ئەمەس، سالامەتلىكنى قوغداش ئۈچۈن دوختۇر كۆرسەتمىسى بويىچە ئېغىز ئاچماقچى. ئاللاھ شىپالىق بەرگەي!

سوئال: رامازاندا دوختۇرخانىدا يېتىش زۆرۈرىيىتى بولۇپ قاپتۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا دوختۇر بۇيرۇغان دورا – ئوكۇللاردىن سىرت بىرنەرسە يېمەي – ئىچمەي، روزا تۇتسا ئىناۋەتلىك بولامدۇ؟

جاۋاب: دورا ئىچسە ئەلبەتتە روزىنى سۇندۇرىدۇ، ئوكۇل سۇندۇرمايدۇ. توغرىسى، ساقىيىپ قوپقاندىن كېيىن تۇتۇۋالسۇن.

سوئال: رامازان بۇلتۇر 29 كۈن بولۇپ قالدى. بۇ يىلمۇ يەنە 29 كۈن بولۇپ قالدى. رامازان 29 كۈنمۇ كېلەمدۇ؟ ھالبۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق ھەدىسى بار ئىكەن: «ئىككى ھېيت ئېيى كەم كەلمەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ زۇلھەججە ۋە رامازان ئېيى» دەپتۇ. (بۇخارىي، رامازاننىڭ 12 – بابى، 1912 – ھەدىس) بۇ ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟

جاۋاب: رامازان 29 كۈنمۇ كېلىدۇ. ئۇ ھەدىسنى سىز چۈشەنگەندەك چۈشىنىش بەكلا زەئىف. ھەر خىل قاراشلار بولسىمۇ، لېكىن «كۈن سانى جەھەتتە بىر كۈن كەمدەك كەلگەن تەقدىردىمۇ، پەزىلەت ۋە ئەمەل جەھەتتە كەم بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە چۈشىنىش مۇۋاپىق.

سوئال: روزا ھېيت نامىزىنى بىرقانچەيلەن ئۆيدە جامائەت بولۇپ ئوقۇغان ئىدۇق، ئاددىي قىلىپ خۇتبە ئوقۇدۇق. ئەتىسى مەسجىدكە چىقىپ قايتا ئوقۇمدۇق؟ مۇشۇنداق قىلساق نامىزىمىز ئادا بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەسلىدە ھېيت نامىزىنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى چاشگاھ ۋاقتىدا ئوقۇش لازىم. جامائەت بولۇپ ۋاقتىدا، مەيداندا ئوقۇش ۋۇجۇدقا چىقمىغان بولسا، ئۆيدە قازاسىنى قىلىپ ئوقۇغان بولدۇڭلار، ئوقۇغىنىڭلار ھېساب بولىدۇ. بۇ خۇددى ھېيت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەن كىشى ئۆيىدە قازاسىنى قىلىپ ئوقۇغىنىغا ئوخشاش.

سوئال: ناۋادا رامازان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە خىزمەتچى قېرىنداشلىرىمىز سوھۇرلۇقتا ئويغىنالماي سوھۇرسىز قالغان بولسا، كۈندۈزى ئاچ قورساق خىزمەت قىلىشقا چامى يەتمىسە، شۇ كۈنى روزا تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلىۋالسا بولامدۇ؟ ھەممىگە مەلۇم، دېھقانلارنىڭ جاپا – مۇشەققىتى كۆپ، ئېتىز – ئېرىقنىڭ ئىشلىرى بولسا ئېغىر. شۇ سەۋەبتىن دېھقان قېرىنداشلىرىمىز رامازان كۈنلىرىدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە تۇتۇپ، بەزى كۈنلىرى تۇتالماي قالغانلىرىنىڭ قازاسىنى كېيىن قىلىۋالسا، ئاسانلىق ۋە ئەپۇچانلىق دىنى بولغان دىنىمىزدا بۇنىڭغا رۇخسەت بارمۇ؟

جاۋاب: ھەر ئىككى ئەھۋالدا چوقۇم روزا تۇتۇپ، كۈندۈزى پەقەتلا چىدىيالماي قالغاندا ئاندىن ئېغىز ئېچىۋېتىپ، باشقا كۈنى قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ.

سوئال: رامازاندا ئۆمرە قىلغان كىشىگە ھەج قىلغاندەك ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە سەھىھ ھەدىس بارمۇ؟ بىر قېرىندىشىمىز ياش ۋاقتىدا رامازاندا ئۆمرە قىلىپ، كېيىن شۇ تەرىقىدە ئون يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھەرقايسى جەھەتلەردىن ھەجگە بېرىش شارائىتى ھازىرلانغاندا تىجارەت ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ، بېرىپ بولالماي ئۇشتۇمتۇتلا ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ. شۇ قېرىندىشىمىزغا رامازاندا قىلغان ئۆمرەسىگە ھەج قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلسە، پەرز ھەج گەدىنىدىن ساقىت بولامدۇ؟

جاۋاب: سەھىھ ھەدىس بار، ئەمما پەرز ھەج گەدىنىدىن ساقىت بولمايدۇ.

سوئال: رەجەب ئېيى يېقىنلىشىپ قالدى. ئۇيغۇرلاردا رەجەب ئېيىنى «قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ بىرى» دەپ ئالاھىدە بىلىدىغان ۋە بۇ ئايدا روزا تۇتىدىغان ئادەتلەر بار ئىكەن. بۇ ئاينىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ۋە روزا تۇتۇش توغرىسىدا كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر بارمۇ؟ شۇلارنى بايان قىلىپ بەرگەن بولسىلا.

جاۋاب: يوق.

سوئال: رامازان ئېيى يىلدىن يىلغا ئىسسىقتا كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك رامازان روزىسىنى (مەخسۇس) باشقا ھاۋاسى سالقىن ساياھەت ئورۇنلىرىدا تۇتۇپ كەلسە بولامدۇ؟ مەسىلەن، تۇرپان ۋە باشقا يۇرتتىكىلەر غۇلجىغا بېرىپ… دېگەندەك. چۈنكى، ھەممىمىز بىلىمىز، ياز ۋاقتى غۇلجىنىڭ ھاۋاسى باشقا يەرگە قارىغاندا سالقىن بولىدۇ.

جاۋاب: بولىدۇ.

سوئال: مەن رامازان روزىسىنى 10 – چېسلا (چارشەنبە)دىن باشلاپ تۇتقان. بۇ يەردە 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى (پەيشەنبە) ناماز ئوقۇلماقچى. 10 – چېسىلا روزا تۇتقانلار 8 – چېسلا ئوخشاش روزا تۇتۇپ، 9 – چېسلا ئېغىز ئاچامدۇ؟ ھېيت نامىزىنى قانداق ئوقۇيمىز؟

جاۋاب: سەئۇدى ئەرەبىستاندا قاچان ھېيت نامىزى ئوقۇسا، شۇ كۈنى ھېيت نامىزى ئوقۇيسىز. باشقىلار بىر كۈن بۇرۇن ئوقۇۋالسا ئۆيدە ئوقۇيسىز.

سوئال: رامازاندا شەيتاننى باغلىۋېتىدىغان تۇرسا، نېمىشقا ئىنسان يەنە گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلىۋېرىدۇ؟ ۋەسۋەسە قىلىدىغان شەيتان بولمىسا – يا؟

جاۋاب: «شەيتاننىڭ ھەممىسى باغلىنىدۇ» دېگەن گەپ يوق. «يامانلىرى باغلىنىدۇ» دەپ بار. ئاندىن ئىنساندا ئىككى يولنى تاللاش ئىقتىدارى بار. گۇناھنى تاللاپ، شەيتانغا ئارتىپ قويسا بولمايدۇ. بۇ ئۆزىنىڭ تاللىشى ۋە ئۆز نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىشىدۇر.

سوئال: رامازاندا ئېتىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىنى قىلىشقا ئىككى ئىشلەمچى ئىشلەتكەن ئىدۇق، ئۇلاردىن بىرى بەك ئۇسساپ كېتىپ، چىدىيالماي روزىسىنى بۇزۇپ قويدى. بۇ كىشىگە بىركۈنلۈك قازا كېلەمدۇ ياكى كەففارەتمۇ؟

جاۋاب: بىر كۈن قازاسىنى قىلىش كېلىدۇ.

سوئال: بىرەيلەن رامازان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بېشى بەك ئاغرىپ كەتكەن بولسا، روزىسىنى بۇزۇپ، دورا ئىچسە قازا كېلەمدۇ ياكى كېسەل سەۋەبىدىن ئېچىۋەتكەچكە ھېچقىسى يوقمۇ؟

جاۋاب: كېسەل بولغاچقا، روزىنى داۋاملاشتۇرماسلىق ئىختىيارى بولىدۇ. رامازاندىن كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ.

سوئال: ئۆزى «مەن مۇسۇلمان» دەيدۇ، ھېچقانداق ناماز ئوقۇمايدۇ، لېكىن رامازان روزىسىنى تۇتىدۇ. بۇ كىشىنىڭ روزىسى قوبۇل بولامدۇ، بولمامدۇ؟ چۇشەندۈرۈپ قويسىلا بوپتىكەن، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب: پەرز روزىنى گەدىنىدىن ساقىت قىلىدۇ، ئىنشائاللاھ. «زەلزەلە» سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايەتى شۇنى كۆرسىتىدۇ. «ناماز ئوقۇمىغان كىشى كافىر» دېگەن مەسىلىدە كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى بار.

سوئال: سەدىقە فىتىرنى «بىر ۋاقىت تاماق مىقدارىدا بېرىڭلار» دەيدۇ. 200 – 300 كوي دېگەندەك جىقراق بەرسەكمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: بولىدۇ. چۈنكى، بىر ۋاقىت تاماقنىڭ قىممەتلىرىمۇ بولىدۇ. كۆپ بەرسە تېخى ياخشى. ئارتۇقى سەدىقە بولىدۇ.

سوئال: مەن زاكاتنى ھەر يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى بېرەتتىم، ئەمدى رامازاندا بېرىشنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدىم. ھازىر يەنە زاكات بەرسەم بولامدۇ؟

جاۋاب: يەتتە ئايلىق زاكاتنى ھېسابلاپ، رامازاندا بېرىۋېتىپ، ئاندىن ھەر يىلى رامازاندا بېرىشكە باشلىسىڭىز بولىدۇ. رامازانغا يۆتكىلىش زۆرۈر.

سوئال: روزا تۇتالمىغان كىشى فىديەنى چوقۇم رامازان ئىچىدە بېرىش شەرتمۇ؟ فىديەنى قانداق كىشىگە بېرىمىز؟ ۋەتەندە پۇلغا سۇندۇرۇپ بەرسەك نەچچە پۇل ئەتراپىدا بېرىمىز؟ فىديەدە چوقۇم مىسكىنگە تاماق يېگۈزۈش شەرتمۇ ياكى ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىشتا جىددىي پۇلغا ئېھتىياجلىق بولسا، شۇلارغا بەرسىمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: شۇنداق. فىديەنى چوقۇم رامازان ئېيى ئىچىدە بېرىدۇ. رامازاننىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا بىر ئايلىق فىديەنى بىراقلا بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. مىسكىنگە بېرىمىز. مىقدارى 15 سوم. داۋالىنىدىغان موھتاجلارغا بەرسىمۇ بولىدۇ.

سوئال: روزىدار كىشى يۈزىگە چاپلاق (يۈز تېرىلىرىگە سىڭىپ كىرىپ، يۈزنى ئاسراش، ئاقارتىش، سىلىقلاش رولى بار بىر خىل گىرىم بويۇمى) ئىشلەتسە ياكى ماي سۈرسە بولامدۇ؟

جاۋاب: روزىغا تەسىر يەتمەيدۇ.

سوئال: باشقىلارنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى تۇتۇشۇپ بەرسە بولامدۇ؟ بۇنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.

جاۋاب: ھايات كىشى ئۈچۈن روزا تۇتۇپ قويۇش يوق. بۇنىڭدا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.

سوئال: نەفلە روزا تۇتقاندا قورساق بەك ئېچىپ كەتسە، ھېچقانداق ئۆزرە يوق ئەھۋالدا شۇ نەفلە روزىنى بۇزۇۋېتىپ، باشقا كۈنى قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولامدۇ؟

جاۋاب: بولىدۇ. ئىختىيارى.

سوئال: شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈن روزىنى چوقۇم ئۇدا تۇتۇش كېرەكمۇ ياكى كۈن تاشلاپ تۇتساقمۇ بولامدۇ؟

جاۋاب: كۈن ئاتلاپ تۇتسىمۇ بولىدۇ.

سوئال: رامازاندا تۈرۈكلەرنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق توشۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ يەنى موتسىكلىت ئارقىلىق سىپارىش توشۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: رامازاندا ئۆزرىسىز روزا تۇتماسلىق ئاسىيلىق بولىدۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئۆز رازىلىقى بىلەن تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش ئاسىيلىققا ياردەم قىلىش ۋە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلىق، شۇنداقلا روزا تۇتۇۋاتقانلارغا ئازار بەرگەنلىك بولىدۇ. خېرىدارلار ئىچىدە ئۆزرىلىكلەر كۆپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئۇلارنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش قىيىن بولغانلىقتىن، ئۆزرىسىز روزا تۇتمىغانلارغا رامازان كۈندۈزىدە تاماق توشۇشقا بولمايدۇ.

سوئال: باشقا دۆلەتتىن بىر قېرىندىشىمىز ئىفتاردا ۋە سوھۇردا قىلىنىدىغان ئۇيغۇرچە دۇئانى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، دەپ بەرگەن بولسىلا، رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ئىفتار قىلغاندا، ئۆزى بىلگەن، مەزمۇنى ياخشى دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ. ئۆزىگە، بالىچاقىلىرىغا، ئاتا – ئانىسىغا، دوست – يارەنلىرىگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلسا ياخشى بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابەلەر قىلغان تۆۋەندىكى مەزمۇنى مول دۇئالارنى قىلىشتۇر:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دۇئا قىلغان: «ذَهَبَ الظَّمَأُ وَابْتَلَّتْ الْعُرُوقُ وَثَبَتَ الْأَجْرُ إِنْ شَاءَ اللَّهُ (ئۇسسۇزلۇق تۈگەپ، تومۇرلار نەملىنىپ، روزا تۇتقاننىڭ ئەجرى يېزىلدى، ئىنشائاللاھ)»(«ئەبۇ داۋۇد»، 2357. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن). بۇنىڭ ئىفتار قىلىپ بولغاندا قىلىنغان دۇئالىقى ئېنىق.

ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بالىلىرىنى توپلاپ مۇنداق دۇئا قىلغان: «اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِرَحْمَتِكَ الَّتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ أَنْ تَغْفِرَ لِي (ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھەممە نەرسىنى قاپلىغان كەڭ رەھمىتىڭ بىلەن مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى سورايمەن!)»(«ئىبنى ماجە»، 1753. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ھەسەن» دېگەن)

«اللَّهُمَّ لَكَ صُمْتُ وَعَلَى رِزْقِكَ أَفْطَرْتُ (ئى ئاللاھ! سەن ئۈچۈنلا روزا تۇتتۇم، سېنىڭ بەرگەن رىزقىڭ بىلەن ئىفتار قىلدىم)»(2).

ئەمما سوھۇرلۇقتا مۇئەييەن بىر دۇئا يوق. خاھلىغانچە دۇئا قىلسا بولىدۇ.

سوئال: رامازاندا تاقالمايدىغان تۈرك ئاشخانىسىدا قاچا يۇغۇچى بولۇپ ئىشلەش دۇرۇسمۇ؟ سورىغۇچى: ئۇيغۇر تۈركىستانىي – تۈركىيە.

جاۋاب: خېرىدارلار ئىچىدە ئۆزرىلىكلەر كۆپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئۇلارنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش قىيىن بولغانلىقتىن، ئۆزرىسىز روزا تۇتمىغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلىق دائىرىسىگە كىرىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىفتاردىن كېيىنكى سائەتلەردە ئىشلەشنى تاللىسا ياكى رامازاندا باشقا بىر ئىش قىلىپ تۇرسا توغرا بولىدۇ.

سوئال: ھامىلدار ئايالنىڭ روزا تۇتۇشى ياكى ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشى ھەققىدە پەتۋالىرى بولسا يوللاپ بەرسىلە بوپتىكەن. مەسىلەن بۇ يىل ھامىلدار بولۇپ كېلەر يىلى ئېمىتىۋاتقان بولسا كەينى – كەينىدىن تۇغقان ئايالغا نىسبەتەن نەچچە يىللىق روزا يىغىلىپ قالىدىغان ئىشكەن. ئۇنىڭ فىديەسىنى بېرەمدۇ ياكى قالغان ھەربىر كۈنگە تولۇقلاپ تۇتامدۇ؟

جاۋاب: ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار قىينالسا ياكى بالىلىرىدىن ئەنسىرىسە، روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. بۇلار كېيىنچە قازاسىنى تۇتالايدىغان بولسا قازاسىنىلا قىلسا بولىدۇ. ئارقا – ئارقىدىن قورساق كۆتۈرۈپ بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار قازاسىنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدىغان بولسا، قازاسىنى تۇتماي ھەربىر كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ فىديە بېرىدۇ.

سوئال: رامازاننىڭ نىيىتىنى «ئوتتۇز كۈنلۈك» دەپ بىراقلا قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ رامازاننىڭ نىيىتى ئەڭ توغرا شەكىلدە قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: رامازان ئېيىدا مۇسۇلمان كىشى رامازاننى بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ تولۇق تۇتۇشنى نىيەت قىلىدىغان بولغاچقا، ھەر كېچىسى نىيەتنى يېڭىلىمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەتلا بىر كىشى سەپەر ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتماي كېلىۋاتقان بولسا، روزا تۇتاي دېسە، كېچىسى نىيەت قىلىشى لازىم بولىدۇ. سوھۇرغا ئويغىنالماي قالغان ئەھۋالدا ئاخشامقى نىيىتى ھېساب بولىدۇ. ئەلبەتتە، نىيەتنى دىلىدا قىلىدۇ، ئاغزاكى قىلىپ يۈرمەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، تۇتۇشنى نىيەت قىلغان كىشى ئەسىردىن كېيىن ئۇخلاپ قېلىپ تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ئويغانغان بولسا، روزىسى توغرا بولىدۇ.

سوئال: ھامىلدار ئاياللار روزا تۇتقاندا قۇسسا، روزىسى سۇنامدۇ؟

جاۋاب: ئىختىيارسىز قۇسۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ.

سوئال: ساغلاملىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن قان ئېلىش توغرا كەلسە، بىلەكتىن ئالغان قان سەۋەبىدىن تۇتقان روزىمىز بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟

جاۋاب: قان ئالدۇرۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ، ئەمما ئىنساننى ئاجىزلىتىۋېتىدىغان دەرىجىدە كۆپ قان ئېلىش «مەكرۇھ» دەپ قارىلىدۇ. جىددىي ئەھۋال بولمىسا، قان ئالدۇرۇشنى كېچىگە توغرىلاش تېخىمۇ ياخشى. دوختۇرخانىغا جىددىي كىرىپ قالغاندا كېسەلگە رۇخسەت بولغاچقا، ئېغىز ئېچىۋەتسىمۇ بولىدۇ. قان ئالدۇرۇۋېتىپ، روزىسىنى داۋاملاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

سوئال: بوۋاق بالىسى بار ئايالنىڭ سۈتى يېتىشمەي بالىغا سۈت پاراشۇكى قوشۇمچە قىلىش كېرەك بولغان ھالدا، بۇ ئايال روزا تۇتۇشى ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتماسلىقى ئەۋزەلمۇ؟ (تۈركىيە)

جاۋاب: تۇتماي كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋېلىشى ئەۋزەل.

سوئال: بەزى مەسجىدلەردە تەراۋىھ نامىزىنى بەكلا قىسقا ئوقۇيدىكەن، مۇشۇنداق مەسجىدلەردە تەراۋىھ ئوقۇساق، شۇمۇ تەراۋىھ ھېساپلىنامدۇ ياكى سەل ئۇزۇنراق ئوقۇيدىغان مەسجىدلەرگە بېرىپ ئوقۇش كېرەكمۇ؟ (تۈركىيە)

جاۋاب: ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇنراق ئوقۇيدىغىنىغا بېرىش ئەۋزەل.

سوئال: تەراۋىھ ئوقۇغاندا بىر پارە ئوقۇيدىغان جامىلەردە ئوقۇساق، ئەمما 1- پارىدىن باشلاپ ئوقۇغاچقا بىز بىلمىگەن سۈرە بولغاچقا دىققەتنى يىغالماي، باشقا دۇنيالىق ئىشلارنى ئويلاپ قالىدىكەنمەن. دىققەتنى يىغالماي ساۋابىم يوقاپ كېتەرمۇ؟ ياكى ئۆزۈم بىلىدىغان 30 – پارىنى ئوقۇيدىغان جامىلەردە ياكى ئۆيدە ئۆزۈم ئوقۇسام بولامدۇ؟ (تۈركىيە – مۇستاپا)

جاۋاب: ساۋاب دىققەتكە قاراپ بولىدۇ. شۇڭا، دىققەت يىغىشقا پايدىسى بولسا، باشقا جامىدە ياكى ئۆيدە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

سوئال: تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئۆزىمىز «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇساق بولامدۇ؟ مىسال «قۇرئان»نى ئالدىمىزغا ئېگىزرەك يەرگە قويۇپ قويساق… (ئائىشە – تۈركىيە)

جاۋاب: يادا بىلمەيدىغان كىشى «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇماي، يا ئۇزۇنراق قىرائەت قىلالايدىغانلارغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇش، ياكى ئۆزى بىلگەن سۈرىلەرنى ئوقۇپ، قىسقا بولسىمۇ رەكئەت سانىنى كۆپ ئوقۇش كېرەك. بۇ ھەقتە مۇنۇ تەپسىلىي پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=5619

سوئال: 8 – ئايغا يېقىن ھامىلدار ئاياللار رامازان ئېيىدا ئۆزى خاھلاپ روزا تۇتسا بولامدۇ ياكى چوقۇم تۇتماسلىق كېرەكمۇ؟ تۇغۇشقا ۋاقىت ئاز قالغاندا تۇتسا ھامىلىنى قىيناپ قويغان بولامدۇ ھەم جاھىللىق قاتارىغا كىرەمدۇ؟ ياكى بەرداشلىق بېرەلىسە تۇتسا بولامدۇ؟ مۇشۇنىڭغا قارىتا قىسقىچىلا جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن، ئېنىق بىر پەتۋا يوقكەن تۇتسىمۇ ياكى تۇتمىسىمۇ بولىدۇ دەيدىغان (تۈركىيە)

جاۋاب: تۇتۇش – تۇتماسلىقتا كەڭچىلىك بار. دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىگە قاراپ قارار قىلسا بولىدۇ.

سوئال: ھامىلدار ئايال روزا تۇتالمىسا، ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ھامىلدار ئايالنىڭ روزا تۇتۇش – تۇتماسلىقتا كەڭچىلىك بار. تۇتمىسا، كېيىنچە قازاسىنى تۇتسا بولىدۇ.

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! روزىدار ئادەم زىققا كېسىلى دورىسىنى، بۇرۇن ياللۇغى دورىسىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟ (شۇنى ئىشلەتمىسە بولمايدىغان ۋاقىتتا)

جاۋاب: «ئىسلام فىقھىي ئاكادېمىيەسى» ھىجرىيە 1418 – يىلى 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا تېببىي خادىملار بىلەن فەقىھلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كۆزگە، بۇرۇنغا، قۇلاققا تېمىتىدىغان، ياكى چايقايدىغان ۋەياكى پۈركۈيدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشنىڭ روزىنى سۇندۇرمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەلبەتتە، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن.

سوئال: 1) روزىدار ھالەتتە چىش پاستىسى ئىشلىتىپ چىش چوتكىلىسا بولامدۇ؟ 2) تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، چىش چوتكىلىمىغىنى ئېسىگە كېلىپ چىشىنى چوتكىلىغان بولسا، چىش چوتكىلاش جەريانىدا چىش مىلىكىدىن چىققان قان سەۋەبلىك تاھارەت بۇزۇلامدۇ؟

جاۋاب: 1) «ئىسلام فىقھىي ئاكادېمىيەسى» ھىجرىيە 1418 – يىلى 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا چىشنى تېشىش، ئېزىق چىشنى قومۇرۇۋېتىش، چىش تازىلاش، مىسۋاك ياكى چىش چوتكىسى ئىشلىتىشنىڭ روزىنى سۇندۇرمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەلبەتتە، گالغا يېقىن بېرىپ قالغان تەقدىردە، يۇتۇۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن. 2) سۇنىدۇ.

سوئال: ياۋروپا ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردە بىرلىككە كەلگەن ئىفتار ۋە سوھۇرلۇق ۋاقتى يوق. ئوخشاش شەھەردىكى ئەرەب مەسجىدى بىلەن تۈرك مەسجىدىنىڭ بىر سائەت، سومالى، پاكىستان مەسجىدلىرى بىلەنمۇ بەك چوڭ ۋاقىت پەرقى چىقىۋاتىدۇ. تېلىفۇندىكى 5، 6 پەرقلىق ئەپلەر پەرقلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. قايسى ۋاقىتقا قارىساق توغرا بولىدۇ؟ نورۋېگىيەدىن يېزىۋاتىمەن، ئوخشاش كوچىدىكى ئۈچ مەسجىدتە بىر سائەت پەرق بىلەن سوھۇرلۇق، ئىفتارلىق قىلىنىدىكەن، ئەپلەردىمۇ 50 مىنۇتقىچە پەرقلىق چىقىۋاتىدۇ، قايسىسىغا ئىقتىدا قىلىمىز؟

جاۋاب: ئەگەر تاڭ ئېتىش ۋە كۈن پېتىشنى كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىشقا قاراپ ئېنىق ئايرىيالىسىڭىز ئۆزىڭىز بېكىتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئاشۇ مەسجىدلەرنىڭ بىرىنى تاللاپ شۇ بويىچە روزا تۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئادەتتە كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ياكى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن يەپ – ئىچىش روزىنى بۇزىدۇ. ئەمما، سوھۇرلۇقنى بۇرۇن توختاتسا ياكى سەل كېچىكىپ ئىفتار قىلسا، روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.

سوئال: روزىدار ھالەتتە فىزىكىلىق داۋالاش قىلىپ، باشقا قۇرۇق يىڭنە سانجىپ، سۈلۈك قويسا روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: قۇرۇق يىڭنە سانجىش، سۈلۈك بىلەن قان شورۇتۇش روزىنى سۇندۇرمايدۇ.

سوئال: ئىفتار ۋاقتى توشۇپ كەتكەن بولسا، يېنىمىزدا ئېغىز ئاچقۇدەك بىرنەرسە بولمىسا، دۇئا بىلەن ئاچساق بولامدۇ؟

جاۋاب: روزىدارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇشقا يېقىن. لېكىن، كۈن پېتىپ ئىفتار ۋاقتى بولسا روزىدار مەيلى ئېغىز ئاچسۇن – ئاچمىسۇن روزا ئاخىرلاشقان بولىدۇ.

سوئال: رامازاندا كورونا بولۇپ روزا تۇتالـمىغانلار كېيىنمۇ تۇتۇشقا قۇربى يەتمەي يەنە بىر رامازان كېلىپ قالغان بولسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ھەربىر كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ فىديە بېرىدۇ. فىديە بېرىپ بولغاندىن كېيىن كېيىنكى يىلى پۇرسەت بولسا قازاسىنى تۇتىدۇ.

سوئال: رامازان ئېيىدا سۇغا چۆمۈلگىلى بېرىپ، سۇ ئۈزۈش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇ ئىچىپ سالسا، روزىسى بۇزۇلامدۇ ياكى قانداق قىلىدۇ؟

يەنە بىر سوئال: سۇ ئۈزۈش جەرياندا دوستلار ۋەياكى قېرىنداشلار بىر – بىرنى سۇغا چۆكتۈرىدىغان بىر ئادەتلەر بار. ناۋادا مۇشۇ جەرياندا سۇ ئىچىپ سالسا روزا بۇزۇلامدۇ، يوق؟ ئەگەر بۇزۇلسا قازاسىنى چۆكتۈرۈۋەتكۈچى تۇتامدۇ ياكى سۇ ئىچىپ سالغۇچى تۇتامدۇ؟

جاۋاب: «روزىسى سۇنىدۇ» دېگەن ئالىملارمۇ «سۇنمايدۇ» دېگەنلەرمۇ بار. «ئىختىيارسىز گالدىن ئۆتۈپ كەتسە سۇنمايدۇ» دېگەن قاراش مۇۋاپىق بولۇش بىلەن بىرگە، كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋېتىش كېرەك. شۇڭا، رامازاندا سۇغا چۆمۈلۈش ۋە سۇغا چۆكتۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرغان ياخشى.

سوئال: سوھۇرلۇق يەۋاتقاندا ئەزان چىقىپ قالسا، داۋاملاشتۇرۇشقا بولامدۇ ياكى توختىتامدۇ؟

جاۋاب: كېچىكىپ قالغان ئەھۋاللاردا ئەزان ئاخىرلاشقۇچە يەپ – ئىچسە بولىدۇ. چۈنكى، كۆپىنچە دۆلەتلەردە ئەزاننى تاڭ ئېتىشتىن 15 – 25 مىنۇت بۇرۇن ئوقۇيدۇ.

سوئال: رامازاندا كۈندۈزى چىش زاماسكىلاتسا ياكى يۇلدۇرۇپ ئورنىغا چىش سالدۇرسا بولامدۇ؟

جاۋاب: روزىدار چىش زاماسكىلاتسا ياكى چىش تارتقۇزۇپ ئورنىغا چىش سالدۇرسا، روزىسى سۇنمايدۇ. مۇمكىن بولسا بۇ ئىشلارنى ئىفتاردىن كېيىنگە ئۇدۇللاش ياخشى.

سوئال: رامازان روزىسى ئۈچۈن فىديە بەرمەكچى بولغان كىشى ئۇنى شۇ رامازان ئىچىدە بېرىشى كېرەكمۇ ياكى ( ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن ۋاقىتنى سەل كەينىگە سوزۇپ) كېلەر يىلى رامازان كەلگۈچە بېرىۋەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: چوقۇم شۇ رامازان ئىچىدە بېرىشى كېرەك، ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن كېلەر يىلىغىچە بەرسىمۇ بولىدۇ.

سوئال: تەراۋىھ نامىزىنىڭ خاسىيىتى ۋە ساۋابى توغرىسدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى سورايمەن؟

جاۋاب: تەراۋىھ نامىزى پەرز ياكى ۋاجىب ئەمەس، بەلكى سۈننەتتۇر. ئەمما، سەھىھ ھەدىستە ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «‏ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺭﺍﻣﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﮔﯘﻧﺎﮪﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ» («بۇخارىي»، 37) دېيىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە رامازاندا مىڭ ئاي ئىبادەت قىلغاندىنمۇ ئەۋزەلرەك بىر كېچە بار. شۇڭا، مۇسۇلمان كىشى بۇ غەنىيمەتلەرنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك.

سوئال: جۇنۇبلۇق ھالەتتە بىرنەرسە يېسە بولامدۇ؟

جاۋاب: جۇنۇب كىشى ئۇخلىسا، يەپ – ئىچسە، غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇن جىما قىلسا بولىدۇ. يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى ۋە ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىشى مۇستەھەب.

سوئال: سوھۇرلۇق ئەزانى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغان ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇسا بولامدۇ؟ ئاخىرىدا ۋىتىر نامىزى ئوقۇش بىلەن كېچىلىك نەفلە ئىبادەتلەرنى تاماملاپ ھەم سوھۇرلۇق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر سوھۇرلۇق ئەزانى چىقماي قالسا، يەنە نەفلە ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟ ئەگەر ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن خاھلىساق، بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى رەسمىي كىرگۈچە نەفلە ناماز ئوقۇساق توغرىمۇ (جائىزمۇ)؟ ئەگەر جائىز بولمىسا، قايسى خىل ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغىنىمىز ئەۋزەل؟

جاۋاب: بولىدۇ. ۋىتىر بىلەن كېچىلىك نەفلە ئىبادەتلەرنى تاماملاپ ھەم سوھۇرلۇق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئەزان چىقماي قالسا، يەنە نەفلە ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. ئەزان ھەقىقىي تاڭ ئېتىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلغان بولسا، بامدات ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ – دە، بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىن باشقا نەفلە ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ. ئەزان ھەقىقىي تاڭ ئاتماستىن ئوقۇلغان بولسا بولىدۇ.

سوئال: «جىن چاپلىشىپ قالغان كىشى رامازان ئېيىدا ئوڭشىلىپ قالىدۇ» دېيىشنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ «رامازان ئېيىدا جىن – شەيتانلار باغلانغاچقا شۇنداق بولىدۇ» دەيدىكەن. شەيتانلار باغلانغان تۇرۇقلۇق بەزىدە كىشىدە بولۇپ تۇرىدىغان قۇرۇق خىيال، ۋەسۋەسەلەرنى قانداق چۈشىنىمىز؟ «رامازان ئېيىدا مۇسۇلماندا ھېچقانداق ۋەسۋەسەلەر يۈز بەرمەيدۇ» دېيىش ئورۇنلۇقمۇ؟

جاۋاب: «شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ، كىچىك ۋە ئاجىزلىرى باغلانمايدۇ» دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بىر ھەدىستە: «رامازان كەلسە شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ» دېيىلگەن. دېمەك، بۇ ئايدا شەيتانلارنىڭ ھەممىسى ياكى يامانلىرى باغلانغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا گۇناھ ئىشلار ئاز بولىدۇ. «شەيتانلار باغلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايدا ھېچقانداق گۇناھ سادىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى، ئەمما ئەمەلىيەتتە، بۇ ئايدىمۇ گۇناھلار سادىر بولىدۇغۇ؟» دېيىش ئورۇنسىز. چۈنكى، گۇناھلارنىڭ مەنبەسى شەيتانلارلا ئەمەس، بەلكى پەس كىشىلەر، ناچار ئادەتلەر ۋە ئادىمىي شەيتانلار قاتارلىقلاردۇر. شۇڭا، ئۇلارمۇ گۇناھلارغا سەۋەب بولىدۇ.

سوئال: ئىفتار ئەزانى چىقىپ، تامىقىمىزنى قانچىلىك ۋاقىت يەپ بولۇپ، ئاندىن شام ناماز ئوقۇساق ۋاقتىدا ئوقۇغان بولىمىز؟

جاۋاب: خورما ۋە ئىچىملىك بىلەن ئېغىز ئېچىۋېتىپ، شام ئوقۇۋېلىپ ئاندىن تاماققا ئولتۇرۇش مۇناسىپ. 6)

سوئال:روزا تۇتۇپ سۈرمە سۈرۈش جائىزمۇ؟ ( ئورنۇم تۈركىيە قەھرىمانماراش)

جاۋاب: داۋالىنىش ئۈچۈن بولسۇن ياكى ياسىنىش ئۈچۈن بولسۇن، سۈرمە سۈرتۈش روزىغا تەسىر قىلمايدۇ.

سوئال: تەراۋىھ نامىزىدا ھەر ئىككى رەكئەتتىن كېيىنكى دەم ئېلىش پەيتىدە «ئاللاھۇممە سەللى ئەلا»نى ئوقۇشنى بىدئەت دېيىشىدىكەن، بۇنداق دېيىشنىڭ شەرئىي ئاساسى بارمۇ؟ (ئورنۇم سەفاكۆي)

جاۋاب: تەراۋىھ نامىزىدا ھەر ئىككى رەكئەتتىن كېيىن ئەمەس، ھەر تۆت رەكئەتتىن كېيىن دۇرۇت ئېيتىش سۈننەت ئەمەس، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى تەراۋىھنىڭ تۆت رەكئەت ئارىلىقىدا دېمىگەن، شۇنداقلا بۇ بىدئەتمۇ ئەمەس، بەلكى جائىز ھەم مۇستەھەبتۇر، چۈنكى تەراۋىھ نامىزىنىڭ ئارىلىقىدا بىز ھەرقانداق ئىبارە بىلەن تەسبىھ ياكى زىكىر قىلساق جائىز ھەم مۇستەھەب بولاتتى، بۇ خىل شەكىلدە تەسبىھ ئېيتساقمۇ جائىز ھەم مۇستەھەب بولىدۇ، ئەلبەتتە. چۈنكى، بۇ ھەرقانداق ئەھۋالدا زىكىر – تەسبىھ ئېيتىشقا بۇيرۇپ كەلگەن ئايەت – ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ماس كېلىدۇ. لېكىن، بۇنى «سۈننەت» دەپ ئاتىۋالمىساقلا بولدى. ئىمام كاسانىي مۇنداق دەيدۇ: «تەراۋىھ نامىزىنىڭ مۇستەھەبلىرىدىن يەنە، ئىمام ھەر تۆت رەكئەتنى ئوقۇپ بولغىنىدا تۆت رەكئەت مىقدارى ئولتۇرۇپ تەسبىھ، تەھلىل، تەكبىر ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ئېيتىپ دۇئا قىلىدۇ. بەشىنچى تۆت رەكئەتتىن كېيىنمۇ تۆت رەكئەت مىقدارى كۈتۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ سەلەفلەردىن كەلگەن». بۇ ھەقتە مۇنۇ پەتۋادىن پايدىلانغايسىز: https://sajiya.biz/?p=739

سوئال: مېنىڭ پۇتۇمنىڭ چوڭ بارماق تىرناقنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن ناركوز قىلماقچى ئىدى، روزام بۇزۇلامدۇ، بۇزۇلمامدۇ؟

جاۋاب: ناركوز قىلىش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

سوئال: رامازان كۈندۈزلىرى سەپەرگە چىقىش ئۈچۈن ۋاكسىنا سالغۇزسا، روزا سۇنامدۇ؟

جاۋاب: سۇنمايدۇ.

سوئال: قەستەن روزىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن 60 كۈن روزا تۇتۇش ۋاجىب بولغان كىشى روزا تۇتالماي كەففارەت بەرمەكچى بولسا، ھازىرقى تۈركىيە ھېسابىدا نەچچە پۇللۇق تاماق بەرسە بولىدۇ؟ تاماق بەرمەي، پۇل بەرسە بولامدۇ؟ 60 ئادەمگە بېرىش كېرەكمۇ ياكى بىر ئادەمگە بەرسىمۇ بولامدۇ؟ ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ئارقا – ئارقىدىن ئۇلاپ ئىككى ئاي روزا تۇتالمىغان كىشى 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇشى كېرەك. ھەربىرىنى ئوتتۇرھال ئىككى ۋاقىت غىزالاندۇرسىمۇ ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، بىر مىسكىننى 60 كۈن غىزالاندۇرسىمۇ بولىدۇ ۋەياكى ئۇنىڭ قىممىتىگە باراۋېرىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇش ئەۋزەل. بۈگۈنكى باھادا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا بىر مىسكىن ئۈچۈن 60 لىرادىن ھېسابلىسا بولىدۇ.

سوئال: تەراۋىھ نامىزى ياكى باشقا نامازلاردا «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇسام بولامدۇ؟ ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ ۋە باشقا مەزھەبتىكى ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرىنى دەپ بەرسىلە بوپتىكەن، رەھمەت ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: بولمايدۇ. مۇنۇ پەتۋادا تەپسىلىي جاۋاب بېرىلگەن: https://sajiya.biz/?p=5619

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»


1. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2/395.
2. «ئەبۇ داۋۇد»، (2358). بۇ مۇرسەل ھەدىس بولۇپ، ئابدۇلقادىر ئارنائۇت ئىمام نەۋەۋىينىڭ «ئەلئەزكار» تەھقىقىدە: «ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا رىۋايەتلەر بار» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ