ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامازان(2)

ئاللاھنىڭ ئېيى بۇ رامازان(2)

(مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

رامازان ئېيىدا قىلىنىدىغان مۇھىم ئىبادەتلەر

بۇ ئۇلۇغ ئايدا يولغا قويۇلغان ئىبادەتلەر:

1. روزا تۇتۇش

پەرز روزا مۇشۇ ئايغا خاستۇر. بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرز بولۇشى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، بۇ ئايدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بولغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

2. تەراۋىھ نامىزى

نامازمۇ روزىغا ئوخشاش بەندە بىلەن پەرۋەردىگارىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. جانابىي ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا رامازان ئېيىدا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ ناماز تەھەججۇد نامىزىنىڭ بىر تۈرىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ نامازنى رامازاندا مەسجىدتە ئوقۇغاندا، ساھابەلەرمۇ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ ئوقۇشقان. كېيىنچە، مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىپ، بۇ نامازنى جامائەت شەكلىدە مەسجىدتە ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن. شۇڭا، تەراۋىھ نامىزى رامازان ئېيىغا خاس، شوئار خاراكتېرلىك ئەمەلىي ئىبادەت بولۇپ قالغان.

مۇسۇلمانلار بۇ ئۇلۇغ ئايدا مەسجىدلەرگە يىغىلىپ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ بەرىكىتى ۋە پەزلىگە ئېرىشىدۇ. چۈنكى، بۇ نامازنى ئوقۇش بىلەن بۇ مۇبارەك ئايدا قىيامدا تۇرغان بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «‏قايسىبىر كىشى رامازان كېچىسى ئاللاھنىڭ ئەجىر بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، شۇنداقلا ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»(1).

دېمەك، رامازان كېچىلىرى ناماز ئوقۇش مۇشۇ ئۇلۇغ ئايدىكى جانابىي ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى قاتارىدىندۇر.

ھافىز ئىبنى رەجەب مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنكى، مۇئمىن رامازاندا نەپسى بىلەن ئىككى تۈرلۈك جىھاد قىلىدۇ: بىرى، كۈندۈزى روزا تۇتۇش ئارقىلىق جىھاد قىلىش، يەنە بىرى، كېچىسى قىيامدا تۇرۇش ئارقىلىق جىھاد قىلىش. شۇڭا، كىمكى بۇ ئىككى تۈرلۈك جىھادنى جەملىيەلىسە، ئەجرى ھەددى – ھېسابسىز بولىدۇ.»(2).

جانابىي ئاللاھ كېچىسى ناماز ئوقۇغانلارنى مەدھىيەلىگەن ۋە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى مۇنداق بايان قىلغان: ﴿ئۇلارنىڭ يانلىرى كۆرپىلىرىدىن يىراقلاپ، پەرۋەردىگارىدىن قورقۇش بىلەن ئۈمىدتە تىلىشىدۇ. ئۇلار بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەرپ قىلىشىدۇ. شۇڭا، قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇلارغا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېئمەتلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ﴾(32/«سەجدە»: 16، 17).

ئىمام ئىبنى كەسىر تەفسىرىدە مۇنداق كەلگەن: «بۇ ئايەتتىن يۇمشاق كۆرپىلەردە ئۇخلاشنى تەرك ئېتىش ۋە تەھەججۇد ئوقۇپ ئىبادەت قىلىش مەقسەت قىلىنغان»(3).

 

3. ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش

بۇ ئايدا قىلىنىدىغان ئۈچىنچى ئىبادەت بولسا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتۇر. ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش دېگىنىمىز، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆزىنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىگىلا ئاجرىتىپ، ئاللاھنىڭ ئۆيلىرى بولغان مەسجىدلەرنىڭ بىرىدە مۇقىم تۇرۇشنى نىيەت قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىبادەت ئارقىلىق ئىنسان روھىي تەرەپتىن چېنىقىپ، ماددىي تەرەپ ۋە ئۇنىڭ جازىبىلىكىدىن ئۈستۈن كېلىشكە، تائەت – ئىبادەتلەرگە ئۆزىنى كۆندۈرۈپ، دۇنيانىڭ ھەر خىل ھەۋەسلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا قادىر بولىدۇ.

جانابىي ئاللاھ ئېتىكاپنى مۇنداق تىلغا ئالغان: ﴿ئاندىن كەچ كىرگىچە روزىنى تاماملاڭلار، مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 187).

رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قىلىش يولغا قويۇلغان بۇ ئىبادەت تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. «سەھىھەين»دە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى. رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىمۇ بۇ كۈنلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى»(4).

تابىئىنلاردىن زۇھرىي مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەرنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش سۈننىتىنى تاشلاپ قويغانلىقى ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىش. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى مەدىنەگە كەلگەندىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر قەتئىي تاشلاپ باقمىغان» (5).

بۇ مۇھىم سۈننەتنىڭ دىيارىمىزدا تاشلىنىپ قالغانلىقى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا، ئىمكانىيەت تېپىلغان تەقدىردە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ سۈننىتىنى ياشارتىشىمىز، بۇ ئىبادەتتىن قولغا كېلىدىغان جانابىي ئاللاھنىڭ ئىنئاملىرىدىن مەھرۇم قالماسلىقىمىز كېرەك.

ئەتاﺋ ئەلخۇراسانىي بۇ ئىبادەتكە مۇنداق دەپ مىسال كەلتۈرگەن: «ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى خۇددى چوڭ بىر ھاجەت بىلەن بىرىنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ، «ھاجىتىمنى راۋا قىلمىغۇچە زادى كەتمەيمەن» دەپ تۇرۇۋالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشىمۇ: ›مېنى مەغپىرەت قىلمىغۇچە بۇ جايدىن زادى كەتمەيمەن‹ دەيدۇ»(6).

 

4 – سەدىقە فىتىر بېرىش

سەدىقە فىتىر روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ نامراتلارغا بېرىشى ۋاجىب بولغان سەدىقىدۇر. بۇ سەدىقە كىشى بېشىغا ۋاجىب بولغانلىقى ئۈچۈن، «كىشى بېشى زاكىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

بۇ سەدىقە رامازان ئېيىدا سادىر بولغان غەيۋەت ۋە تىل – ھاقارەتتەك بەزى گۇناھلارنى يۇيىدۇ. رامازاندا ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان كىشى ئاچ – يالىڭاچ قالغانلارغا بۇ ئازغىنە سەدىقە بىلەن ياردەم قىلىپ، رامازاندىن ئەمەلىي دەرس ئالغان بولىدۇ. نامراتلارمۇ بۇ سەدىقىنى ئېلىپ، ھېيت – ئايەمنى موھتاجلىق ھېس قىلماي، خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزىدۇ.

بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ سەدىقىنىڭ ۋاجىبلىقىغا بىرلىككە كەلگەن. ھەزرىتى ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە ئەبۇلئالىيە قاتارلىق سەلەفلىرىمىز «قۇرئان كەرىم»دىكى ﴿پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى﴾ دېگەن ئايەتنى(87/«ئەئلا»: 14 – 15) «سەدىقە فىتىرنى بېرىپ، ئاندىن ھېيت نامىزى ئوقۇدى» دەپ تەفسىر قىلغان(7).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇل بولسۇن ياكى ھۆر بولسۇن، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، ھەربىر مۇسۇلمانغا خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا(8) سەدىقە فىتىر بېرىشنى پەرز قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇنى كىشىلەر ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىۋېتىشكە بۇيرۇدى»(9).

ھەنەفىي مەزھەبى بويىچە، ھەربىر كىشى بۇغداي ياكى بۇغداي ئۇنىدىن 1625 گىرام بېرىدۇ. ئارپا، خورما ياكى يېمىشتىن 3250 گىرام بېرىدۇ. سەدىقە فىتىر ئۈچۈن نەق پۇل بەرسىمۇ بولىدۇ، بەلكى تېخى، نەق پۇل بېرىش ياخشىراق. چۈنكى، كەمبەغەللەر نەق پۇل ئارقىلىق ھەرقانداق ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ.

بۇ سەدىقىنى ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزى باقىدىغان بارلىق بالىچاقىلىرىنىڭ ھېيت كۈنى ۋە ھېيت كۈنىدىن بۇرۇنقى كېچىدە بىر كۈنگە يېتەرلىك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان ھەربىر مۇسۇلمان ئۆزى ۋە ئۆزى باقىدىغان بارلىق بالىچاقىلىرى ئۈچۈن ھەربىر كىشىگە بىر كىشىلىكتىن بېرىدۇ. ھېيت نامىزىغا قەدەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈنمۇ بىر كىشىلىك سەدىقە بېرىدۇ. تېخى تۇغۇلمىغان بالا ئۈچۈن بەرمەيدۇ.

بېرىلىدىغان ۋاقتى: بىر قاراشقا ئاساسەن رامازان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پېتىشى بىلەن ياكى يەنە بىر قاراشقا ئاساسەن ھېيت كۈنى تاڭ ئېتىشى بىلەن سەدىقە فىتىر بېرىش ۋاجىب بولىدۇ. ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىش مۇستەھەب، ھېيت كۈنىدىن بىر ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن بېرىش جائىز. ساھابەلەرنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى سەھىھ ھەدىستە ئىسپاتلانغان. بەزىلەر: رامازان ئىچىدە بەرسە بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئەمما، ھېيت نامىزىدىن كېچىكتۈرۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

 

5. مالنىڭ يىللىق زاكىتىنى بېرىش

مالنىڭ زاكىتىنى بېرىش باي كىشىلەرگە ھەر يىلى %2.5 مىقداردا بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇنى مۇسۇلمانلار رامازان ئېيىدا بېرىپ ئادەتلەنگەن. بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھىجرىيە يىلنامىسى ئىسلام پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىشتە ئاساس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، زاكات بەرگەندە ھىجرىيە يىلنامىسىغا تايانماي، مىلادىيە يىلنامىسى بويىچە بەرگەن تەقدىردە، ھەر 33 يىلدا بىر يىلنىڭ زاكىتى كەم ئادا قىلىنغان بولىدۇ. شۇڭا، زاكات بەرگەندە 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى دەپ مىلادىيە يىلنامىسى بويىچە بەرمەي، ھىجرىيە يىلنامىسى بويىچە بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. رامازاندا بېرىپ ئادەتلەنسەك تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

 

6. «قۇرئان» ئوقۇش ۋە تىڭشىشىش

رامازان ئېيى «قۇرئان ئېيى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر يىلى رامازان ئېيىدا جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۆزئارا بىر – بىرىگە «قۇرئان» تىڭشىتىپ تۇراتتى، ۋاپات بولغان يىلىدا ئىككى قېتىم بىر – بىرىگە تىڭشاتقان. بۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمانلار تەراۋىھدا «قۇرئان كەرىم» خەتمە قىلىشقا ھەم رامازان كۈنلىرىدە ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن.

بۇ ئۇلۇغ ئايدا ئادەتتىكى ئايلاردا «قۇرئان» ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەر «قۇرئان»نى كۈندە بىر پارىدىن ئوقۇپ، 30 كۈندە بىر تامام قىلىۋالسا بولىدۇ. ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلار ھەر كۈنى يېرىم سائەتتىن ۋاقىت چىقارسا رامازان ئىچىدە «قۇرئان» ئوقۇشنى تولۇق ئۆگىنىۋالالايدۇ.

 

7. خەير – ساخاۋەتنى كۆپ قىلىش

بۇ ئۇلۇغ ئاي خەير – ساخاۋەتنى كۆپ قىلىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان بىر ئاي بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا ناھايىتى كۆپ خەير – ساخاۋەت قىلاتتى. شۇڭا، باشقىلارنى ئىفتارلىتىۋېلىش، كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش ۋە يوقلاش ئىشلىرىنى كۆپ قىلىپ، بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىش لازىم.

 

8. يامان ئىللەت ۋە ئادەتلەردىن قۇتۇلۇش

رامازان بارلىق يامان ئىللەت ۋە ئادەتلەرنى، شۇنداقلا گۇناھ ئىشلارنى تاشلاش ۋە ئۇلاردىن ئۈزۈل – كېسىل قۇتۇلۇشنىڭ مۇھىم بىر پۇرسىتىدۇر. بۇ بىر ئاي جەريانىدا تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تىل – ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ناخشا ئاڭلاش، تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرۈش، تاماقنى كۆپ يېيىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش يامان ئادەتلەرنى تاشلىيالىغان تەقدىردە، ئۇلاردىن تولۇق ئاجراپ كەتكىلى بولىدۇ.

ئەلبەتتە، روزا تۇتقان كىشى ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشنى ۋە تېخىمۇ كامالەتكە يېتىشنى كۆزلەيدۇ. شۇڭا، ئۇ ئۆزىدىكى يامان ئىللەتلەرنى تاشلاشقا ئۆزىنى زورلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ روزىسى جانابىي ئاللاھ ئۈچۈن بولغان بولىدۇ. روزىنىڭ ھەقىقىي پايدىسى كۆرۈلۈشى ئۈچۈن، روزىدار كىشى مۇئمىنگە ياراشمايدىغان بارلىق نالايىق ئىش – ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى لازىمدۇر. بۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنۇ سۆزى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن: «شۇنداق روزا تۇتقۇچىلار باركى، ئۇلار ئاچ ۋە ئۇسسۇز قېلىشتىن باشقا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ ھەم كېچىچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىدىغان شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار ئۇيقۇسىنى تەرك ئېتىشتىن باشقا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ»(10).

دېمەك، روزىدار دېگەن يېمەك – ئىچمەك، شۇنداقلا ناچار سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، تىلىنى گەپ توشۇش، غەيۋەت قىلىش ۋە يالغان – ياۋىداق سۆزلەرنى قىلىشتىن تۇتۇۋالغان، قولىنى ھارام پۇل تېپىش ۋە باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن تۇتۇۋالغان، پۇتىنى يامان يولغا مېڭىشتىن، بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن تۇتۇۋالغان كىشىدۇر. شۇڭا، ئەرەب تىلىدا «روزا تۇتۇش» دېگەن كەلىمە «تۇتۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى سۆز جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىش – ھەرىكەت جەھەتتىن بولسۇن، بارلىق ناچار قىلىقتىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشتۇر. باشقىلار ئۇنى تىللىغان ئەھۋالدىمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكەن بويىچە «مەن روزا تۇتقان» دەپ روزىغا رىئايە قىلىشى، روزىسىنى بۇزماسلىقى، ناچارلار بىلەن تەڭ بولماسلىقى كېرەكتۇر.

ئىمام غەززالىي قاتارلىق ئالىملار روزىدارلارنىڭ روزىسىنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىككى تۈرگە ئايرىشىدۇ: بىرى، ئاۋام خەلق روزىسى؛ يەنە بىرى، خاس زاتلارنىڭ روزىسى.

«ئاۋام خەلق روزىسى» دېگىنى: پەقەت يېمەك – ئىچمەك ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىنلا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

«خاس زاتلارنىڭ روزىسى» دېگىنى: يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە كۆزىنى، تىلىنى، قولىنى، پۇتىنى، قۇلىقىنى ۋە باشقا بارلىق ئەزالىرىنىمۇ گۇناھ ئىشلاردىن ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە ئۈچىنچى تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ روزىسى بار بولۇپ، بۇ «سەرخىل زاتلارنىڭ روزىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ روزىنى «دىلىنى ھەرقانداق پەس ئوي – خىياللاردىن ۋە ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدىغان تەپەككۇرلاردىن ساقلاش» دەپ كۆرسىتىشكەن. ئەلبەتتە، كىشىلەر بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان دەرىجىدە بولىدۇ، تۇتقان روزىلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ(11).

 

«شەك كۈنى» دېگەن قايسى كۈن؟ ئۇنىڭدا روزا تۇتۇشقا بولامدۇ؟

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرەرسىڭلار رامازاندىن بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتمىسۇن، ئەمما تۇتۇپ كېلىۋاتقان روزىسى شۇ كۈنگە توغرا كېلىپ قالغان كىشى شۇ كۈنى تۇتۇۋەرسۇن»(12).

ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «كىمكى شەك كۈنى روزا تۇتىدىكەن، ئەبۇل قاسىمغا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دېمەكچى) ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ» دېگەن(13).

شەئباننىڭ 29 – كۈنى كەچتە ھاۋانىڭ تۇتۇقلۇقى سەۋەبىدىن رامازان ئېيىنى كۆرمىگەن ئەھۋالدا شەئباننىڭ 30 – كۈنى «شەك كۈنى» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، بۇ كۈن رامازانغا تەۋەمۇ، ئەمەسمۇ، كەسكىن بىلىنمىگەن. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھاۋا ئوچۇق بولسىمۇ ئاي كۆرۈلمىسە «شەك كۈنى» دەپ قارىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار شەك كۈنى دېگەن ھاۋا ئوچۇق ياكى تۇتۇق بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئاي كۆرگەنلىكى ھەققىدە پاراڭ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاي كۆرۈش گۇۋاھچىلار بىلەن ئىسپاتلانمىغان بولسا بۇ كۈن شەك كۈنى بولىدۇ. ئۇنداق پاراڭ بولماي ھاۋا تۇتۇق بولسا، بۇ كۈن شەك كۈنى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ ۋە ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش جەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ كۈن شەئبان ئېيىغا تەۋە بولغان بولىدۇ، دەپمۇ قارىغان.

ئەمدى يۇقىرىقى ھەدىسلەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، شەك كۈندە روزا تۇتۇش ھۆكمىگە كەلسەك، كۆپچىلىك ئالىملار 29 – كۈنى كەچتە ھاۋا ئوچۇق بولسۇن ياكى تۇتۇق بولسۇن، ئاي كۆرۈلمىگەن تەقدىردە، 30 – كۈندە روزا تۇتماسلىق كېرەك، دەپ قارىغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى: «بۇ كۈندە روزا تۇتۇش ھارام» دېسە، كۆپچىلىكى مەكرۇھ، دەپ قارىغان(14). دېمەك، بۇ مەسىلىدە روزا تۇتۇشنى چەكلەش مۇئەييەنلەشكەندۇر.

شەك كۈنىدە روزا تۇتۇشنى چەكلەشتىكى مەقسەت: پەرز ئىبادەتلەرنى نەفلە ئىبادەتلەردىن ئايرىش، يېڭىدىن جانلىنىپ رامازانغا تولۇق ئىرادە بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارلىنىش، شۇنداقلا ئىسلام بەلگىلىگەن چەك – چېگرىدىن ھالقىپ، ياسالما تەقۋادارلىق قىلىشتىن ساقلىنىش، رامازاندا كۆرگەن ئاينىڭ ھۆكمىگە شەك كەلتۈرۈپ، تەنە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىۋار بەرمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر.

لېكىن، يۇقىرىقى ھەدىستىن چىقىپ تۇرىدۇكى، بىر كىشى ئادەتتە ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ شەك كۈن ئاشۇ ئىككى كۈننىڭ بىرىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇ ئادەم ئادىتى بويىچە ئۇ كۈنى روزا تۇتسا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى يوق.

شۇنداقلا بۇرۇن تۇتالماي قالغان قازا روزا، نەزر قىلغان(15) روزا ۋە كەففارەت روزىسىدەك ۋاجىب روزىلارنى ئاشۇ كۈندە تۇتسا بولىدۇ. چۈنكى، ۋاجىبنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش زۆرۈر(16).

 

ئايغا قاراشنىڭ ھۆكمى

ئىسلام تارىخىمىزدا «ئايغا قاراش» دېگەن بىر ئەنئەنە بار. ئەھلى ئىلىملەر، يۇرت چوڭلىرى ۋە ئەمەلدارلاردىن تەركىب تاپقان تەجرىبىلىك كىشىلەر ياكى مەخسۇس ئاي كۆرۈش ھەيئىتى شەئبان ئېيىنىڭ 29 – كۈنى شامدىن سەل بۇرۇن يېڭى تۇغقان ئاينى كۆرۈشكە چىقىدۇ. ئەگەر ئەتىسى رامازان بولسا، ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە كۈن پاتقاندىن كېيىن (بۇ ۋاقىت ئەمەلىيەتتە، 30 – كۈنگە تەۋە) رامازاننىڭ يېڭى تۇغقان ئېيى ئىنچىكە ھالىتىدە بىرنەچچە مىنۇت كۆرۈنىدۇ. ئىشەنچلىك كىشىلەردىن بىر توپ، ياكى ئەڭ ئاز ئىشەنچلىك ئىككى كىشى، ياكى تۇتۇق ھاۋادا بىر كىشى، ياكى شەھەر سىرتىدىن كەلگەن بىر كىشى ئاينى كۆرسە مۇسۇلمانلار ئەتىسى روزا تۇتۇپ قوپىدۇ. كۆرمىسە، شەئبان ئېيىنى 30 كۈنگە تولۇقلىۋېتىپ، ئۆگۈنى روزا تۇتىدۇ. بۇ ئەنئەنە ئىسلام دۆلەتلىرىدە تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

ئەسلىدە شەئبان ئېيىنىڭ كىرىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈنمۇ ئايغا قارىشى لازىم. شۇندىلا كۈنلەرنىڭ سانى توغرا بولىدۇ. چۈنكى، رامازاننىڭ ئەۋۋىلىنى بېكىتىشتە، ھاۋا تۇتۇق بولغان ئەھۋالدا، بىز بۇرۇنقى شەئبان ئېيىنىڭ چىقىپ كەتكىنىگە دەلىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، شەئباننى 30 كۈنگە تولۇقلىۋېتىپ ئاندىن رامازان كىردى، دەپ ھېسابلايتتۇق. شەئبان 30 كۈن تولۇقلانغانلىقى رامازان كىرگەنلىكىنىڭ دەلىلى بولىدۇ. ھاۋا تۇتۇق بولمىغان ئەھۋالدا، ئاي كۆرۈش رامازان كىرگەنلىكىنىڭ دەلىلى بولىدۇ. مانا، بۇ ئىككى دەلىل بىزنىڭ بىر ئايدىن يەنە بىر ئايغا يۆتكىلىشىمىزنىڭ دەلىلىدۇر. شۇڭا، ھەربىر ئاينى بېكىتىش رامازانغا ئوخشاش مۇشۇ تەرىقىدە بولىدۇ، چۈنكى ھىجرىيە يىلنامىسىدا بىر ئاي بەزىدە 29 كۈن، بەزىدە 30 كۈن بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىز (ئەرەبلەر) خەت يازالمايدىغان، ھېسابلىيالمايدىغان،(17) ساۋاتسىز بىر ئۈممەت. ئاي دېگەن مۇنداق – مۇنداق بولىدۇ» دەپ بىر قېتىم يىگىرمە توققۇزغا، بىر قېتىم ئوتتۇزغا ئىشارەت قىلغان(18).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامازان توغرۇلۇق سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «يېڭى تۇغقان ئاينى كۆرمىگىچە روزا تۇتۇشنى باشلىماڭلار، ئۇنى كۆرمىگىچە روزاڭلارنى توختاتماڭلار. ئەگەر ھاۋا تۇتۇقلىقتىن ئاي كۆرۈلمىسە ئۇنى مۆلچەرلەڭلار»(19).

يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن شەرىئەتتە روزا تۇتۇشنى باشلايدىغان كۈننى بېكىتىشتە، شۇنداقلا ھىجرىيە يېڭى ئاينىڭ باشلىنىشى بىلەن ئاخىرلىشىشىنى بېكىتىشتە يېڭى تۇغقان ئاينى كۆز بىلەن كۆرۈشكە تايىنىلىدۇ. ئاسترونومىيەلىك ھېساب ياكى كالېندار ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. ئەلبەتتە، ئاينىڭ كۆز بىلەن كۆرۈلۈشى ئۈچۈن، قۇياشنىڭ پاتقان ۋاقتىدىكى ئورنى ئايدىن مەلۇم ئارىلىقتا يىراق بولۇشى، ھاۋانىڭ سۈزۈك بولۇشى قاتارلىق ئامىللار تېپىلىشى لازىم.

ئاينى كۆز بىلەن كۆرۈشنى ھېسابقا ئېلىشتىكى ھېكمەت شۇكى، ۋاقىتقا ئالاقىدار بولغان ناماز، روزا ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئىسلام دىنىمىز كۆز بىلەن كۆرۈشتەك ھېسسىي ئىشلارغا باغلاپ قويغان. مەسىلەن، كۈن چىقىش ۋە پېتىش، ئاي تۇغۇش قاتارلىقلارغا ئوخشاش. بۇ ھېسسىي ئىشلاردا بىلىملىك ياكى بىلىمسىز، شەھەرلىك ياكى سەھرالىق بولسۇن ھەممە ئىنسانلار ئوخشاشتۇر. شۇنداقلا پەن – تېخنىكا تەرەققىي قىلغان يەرلەر ۋە زامانلار بىلەن تەرەققىي قىلمىغان يەرلەر ۋە زامانلارمۇ ئوخشاشتۇر. بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەبەدىي ۋە دۇنياۋى دىن ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

يېڭى تۇغقان ئاي دەسلەپكى كۈندە بەزى جايلارنىڭ ئاسمىنىدا كۆرۈنسىمۇ، يەنە بەزى جايلارنىڭ ئاسمىنىدا ھاۋا تۇتۇق بولۇشتەك تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرۈنمەي ئىككىنچى كۈنى كۆرۈنىدۇ. ئاينىڭ كۆرۈنۈش – كۆرۈنمەسلىكى روزا تۇتۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەھكاملارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئاي كۆرۈش جەھەتتە داۋاملىق كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى مەيدانغا كېلىپ تۇرىدۇ.

ئاي كۆرۈش ھىجرىيە يىلنامىسىدا ئاينىڭ 29 – كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىن بولىدۇ. كۈن پاتقاندىن كېيىن كېچە كىرگەن بولغاچقا، بۇ كېچە 30 – كۈنگە تەۋە كېچە بولىدۇ. چۈنكى، ھىجرىيە كالېندارى بويىچە كېچە كۈندۈزدىن بۇرۇن كىرىدۇ. كۈن پاتقاندىن كېيىن بىر مىنۇت بولسىمۇ ئاي كۆرۈنسە شەرىئەت بويىچە يېڭى ئاي كىرگەن بولىدۇ. يۇقىرىقى «يېڭى تۇغقان ئاينى كۆرمىگىچە روزا تۇتۇشنى باشلىماڭلار، ئۇنى كۆرمىگىچە روزاڭلارنى توختاتماڭلار» دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن، كۈندۈزى كۈن تىكلەشكەندىن كېيىن ياكى بۇرۇن ئاي كۆرۈنسە ياكى 28 – كۈن كەچتە كۆرۈنسە شەرىئەتتە ھېساب بولمايدۇ. چۈنكى، مەزكۇر ھەدىس ئاي كۆرۈشنىڭ روزا تۇتۇش ياكى ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن بولىدىغانلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاي كۆرۈش ۋاقتى بولسا ساھابە – كىرام ۋە تابىئىنلارنىڭ نەزەرىدە ھەر ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى چاغدۇر(20).

ئاينى كۆرگەن گۇۋاھچىلار ئاي كۆرگەن ۋاقىت، شۇ چاغدىكى ئاينىڭ ئورنى، ئاينىڭ ئۇچى قايسى تەرەپكە ئىكەنلىكى… قاتارلىقلار ھەققىدە قازىنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە ۋە تەپسىلىي سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ جاۋابلىرىدا قىلچىلىك ئىلمىي زىتلىق بايقالسا قازى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى رەت قىلىدۇ. ئەلبەتتە، ئاي كۆرگەن گۇۋاھچىدا راستچىللىقىنى، كۆرۈش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىغا تاقىشىدىغان روھىي ۋە جىسمانىي ئىللەتلەردىن خالىي بولۇشتەك تۈرلۈك شەرتلەر تېپىلىشى لازىم.

يۇقىرىقى شەرتلەر ۋە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېڭى ئاي كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئىشى خۇپتەندىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈلىدۇ.

ھەنەفىي مەزھەبى قارىشىدا، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئايغا قارىشى ۋاجىب كۇپايە. ھەنبەلىي فەقىھلەر قارىشىدا مۇستەھەب. مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھەبلىرى بۇنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئېنىق توختالمىغان(21).

ئەلبەتتە، «ۋاجىبنى ئادا قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىش ۋاجىب بولىدۇ» دېگەن قائىدىگە ئاساسەن، ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ «ئاي كۆرۈشكە چىقىش ۋاجىب كۇپايە» دېگەن قارىشى كۈچلۈك. چۈنكى، بۇ روزا تۇتۇش ۋاقتى كىرىشنى بىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر. ئاي كۆرۈش رامازان روزىسىنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئىش ۋاجىب كۇپايە بولىدۇ.

ھۆكۈم شۇنداق. لېكىن، دىيارىمىزدا ئايغا قاراش ھەيئىتى بولمىغانلىقتىن، ئۇلارغا باشقا ئاي كۆرگەن ئىسلام ئەللىرىگە ئەگىشىش مۇئەييەنلىشىدۇ.

 

بىر جايدا كۆرۈنگەن ئاينى دۇنيادىكى بارلىق جاي ۋە يۇرتتىكىلەر ھېسابقا ئېلىپ، روزا تۇتۇشى كېرەكمۇ ياكى ھەربىر يۇرت ئۆزىنىڭ ئاي كۆرۈشىگە ئاساسەن روزا تۇتامدۇ؟

ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ھەر ئىككى خىل قاراش مەۋجۇد. ئۇنىڭدىن باشقا بىرنەچچە قاراشمۇ بار. ھەتتا بىر مەزھەب ئالىملىرى ئىچىدىمۇ بىرنەچچە قاراش مەۋجۇد بولغان. ھەربىر قاراشنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابەلەردىن قالغان ئەمەلىي ئىش – ھەرىكەتتىن مەلۇم دەلىللىرى ۋە ئاساسلىرى بار(22).

ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ۋە ھەربىر قاراشتىكى ئالىملارنىڭ تايانغان ئاساسلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، «دۇنيانىڭ قايسىبىر جايىدا ئاي كۆرۈنگەنلىكى توغرا ئىسپاتلانسا، باشقا بارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋاجىب بولىدۇ» دېگەن قاراشنى تەرجىھ(23) قىلساق بولىدۇ. چۈنكى، بۇ قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، ئىسلام كۆزلىگەن مۇسۇلمانلار بىرلىكىنىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. مۇسۇلمانلار بىر قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ، مەلۇم كۈن ۋە ئايلاردا بىر جايغا بېرىپ ھەج قىلىدۇ، روزىنىمۇ مەلۇم بىر ئايدا تۇتىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بىر كۈندە تەڭ روزا تۇتۇش دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئارا بىرلىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇنداقلا بۇ قاراش مۇسۇلمانلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ھازىرقى زامان تېز سۈرئەتلىك ئۇچۇر ۋە يەرشارىلىشىش دولقۇنى بىلەن تۈس ئالغاچقا، مەككە ياكى قاھىرەدەك ئىسلام مەركەزلىرىنىڭ خەۋىرىنى شۇ سائەتتە ئۇقۇپ خەبەردار بولغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىككى چېتى ئارىسىدا ئەڭ كۆپ دېگەندە توققۇز سائەت ۋاقىت پەرقى بار بولۇپ، بۇ جايلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر كېچىنىڭ مەلۇم سائەتلىرىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ. بىر جاي تولۇق بىر كېچە بولغان ۋاقىتتا يەنە بىر جايدا تولۇق كۈندۈز بولۇپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام شەۋكانىمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلغان(24).

بۇ قاراشقا ئاساسەن، دۇنيانىڭ قايسىبىر جايىدا ئاي كۆرۈنگەنلىكى ئېنىق ئىسپاتلانسا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنىڭغا ئاساسەن روزا تۇتۇشى ۋاجىب بولىدۇ. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاي كۆرۈنمىسە، شەئبان ئېيىنى 30 كۈن تولۇقلىۋېتىپ، ئاندىن كېيىنكى كۈننى رامازاننىڭ 1 – كۈنى قىلىپ، روزا تۇتۇشى ۋاجىب بولىدۇ. رامازان ئاخىرلاشقاندىمۇ رامازاننىڭ 29 – كۈنى شەۋۋال ئېيى كۆرۈنسە، ئەتىسى شەۋۋالنىڭ 1 – كۈنى بولىدۇ؛ كۆرۈنمىسە روزا 30 كۈن تولۇق تۇتۇلۇپ، 31 – كۈن شەۋۋالنىڭ 1 – كۈنى، يەنى ھېيت كۈنى بولىدۇ.

ئىككىنچى قاراشقا ئاساسەن، ھەربىر يۇرت باشقا يۇرتلارنىڭ ئاي كۆرۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنىڭ ئاي كۆرۈشى بويىچە روزا تۇتسا ۋە ھېيت قىلسا بولىدۇ. بۇ قاراشمۇ ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسكە تايانغان بولۇپ، بۇ تابىئىنلاردىن ئىكرىمە، ئەلقاسىم ئىبنى مۇھەممەد قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپلا قالماستىن، ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەبلىرىدىكى كۈچلۈك قاراشتۇر. بۇ قاراشنىمۇ بەزى ئالىملار تەرجىھ قىلغان.

يەنە بەزى ئالىملار بۇ ئىككى قاراشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، «مەلۇم ئارىلىقتىكى يۇرتلارنىڭ بىرىدە كۆرۈنگەن ئايغا يەنە بىرى ئەمەل قىلسا بولىدۇ، بىراق ئارىلىق يىراق بولۇپ كەتسە بولمايدۇ» دەپ قاراپ، مەلۇم مۇساپە بېكىتكەن.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار «مەلۇم بىر ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تېررىتورىيەدە ياشايدىغانلار شۇ تېررىتورىيەنىڭ قايسىبىر يېرىدە ئاي كۆرۈنسە، شۇ بويىچە ئەمەل قىلسا بولىدۇ» دەپ قارىغان بولۇپ، ھازىر ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر مۇشۇ قاراش بويىچە ئىش قىلماقتا.

ئەمدى ئەمەلىي ئەھۋالىمىزغا ۋە بۇ قاراشلارنى يۇرتىمىزغا تەتبىقلاشقا كەلسەك، يۇرتىمىزدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىر قاراش بويىچە ئەمەل قىلىشنى يۈرگۈزۈش ئەمەلىيەتتە، مۇمكىن بولمايدۇ. چۈنكى، بەزىلەر: «بىرىنچى قاراشنى تۇتىمىز» دەپ تۇرۇۋالىدۇ، يەنە بەزىلەر: «ئىككىنچى قاراشنى تۇتىمىز» دەپ تۇرۇۋالىدۇ، يەنە بەزىلەر: «رەسمىي ئورگانلارنىڭ بېكىتىشىگە قارايمىز» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ھەممە گۇرۇپپا تەڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان بىر شەخس، ياكى بىر مەنبە ۋەياكى بىرەر ئورگان يوق. نەتىجىدە، روزا تۇتۇش ۋە ھېيت قىلىش كۈنلىرى ئوخشىماسلىقى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بىز ھەر يىلى رامازاننى ۋە ھېيت كۈنلىرىنى بېكىتىشتە ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز.

يۇقىرىقىلارغا بىنائەن ئېيتىمىزكى، يۇرتىمىزدىكى مۇسۇلمانلار شەئباننىڭ 29 – كۈنى كەچتە ئاي كۆرگەن ئەھۋالدا، ئەتىسىنى رامازاننىڭ بىرىنچى كۈنى قىلىپ، روزا تۇتۇشنى باشلىسا بولىدۇ. بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسى ۋە ئىش – ھەرىكىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. 29 – كۈنى كەچتە يۇرتىمىزدا ئاي كۆرۈنمىگەن ئەھۋالدا، دۇنيادىكى قايسىبىر مۇسۇلمان يۇرتىدا ئاي كۆرۈنسە، مەسىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە پاكىستاندەك دۆلەتلەرنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، شۇ جايغا ئەگىشىپ، روزا تۇتۇشنى باشلىسا ۋە ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ. بۇمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسىدە قىلغان بۇيرۇقىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. چۈنكى، «ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار» دېگەن بۇيرۇق بارلىق مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان خىتاب بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى ئاي كۆرسە، باشقا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋاجىب بولىدۇ. بۇ بىز ئەۋزەل دەپ قارىغان، مۇسۇلمانلار بىرلىكىنى كۆزلىگەن قاراشقا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بولۇپمۇ، ھەجدە بارلىق مۇسۇلمانلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاي بېكىتىشىگە تايىنىشقا مەجبۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، روزا تۇتۇشتىمۇ بارلىق مۇسۇلمانلار سەئۇدى ئەرەبىستاندەك بىر دۆلەتنىڭ روزا تۇتۇشىغا ئەگەشسە بولىدۇ. 29 – كۈنى يۇرتىمىزدىمۇ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى مۇسۇلمان يۇرتلىرىدىمۇ ئاي كۆرۈنمىسە شەئبان ئېيىنى 30 كۈنگە تولۇقلاپ، ئەتىسىنى 1 – كۈنى قىلىپ روزا تۇتۇشنى باشلىسا بولىدۇ. رامازان ئېيىنىڭ ئاخىرلىشىپ، ھېيت كۈنىنىڭ كەلگەنلىكىنى بېكىتىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاي كۆرۈش بىلەن ئىسپاتلانغانغا زىت كېلىدىغان كالېندار ياكى كافىرلارنىڭ قەستەن بىرنەچچە كۈن سۈرۈپ بېكىتىشى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دەيدۇ: «شەك يوقتۇركى، سەھىھ سۈننەت ۋە ساھابە – كىراملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ئىسپاتلانغىنى شۇكى، ئاسترونومىيە بويىچە چىقىرىلغان يەكۈنگە تايىنىشقا بولمايدۇ»(25).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يېڭى تۇغقان ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، يەنە ئۇنى كۆرۈپ روزاڭلارنى توختىتىڭلار. ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، ئاي سىلەرگە كۆرۈنمىسە، شەئبان ئېيىنىڭ كۈن سانىنى ئوتتۇزغا توشقۇزۇڭلار»(26). «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»مۇ ھىجرىيە 1401 – يىلى مەككەدىكى 4 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا «يېڭى تۇغقان ئاينى بېكىتىشتە ئاسترونومىيە ھېسابى ئەمەس، بەلكى كۆرۈش ئاساس قىلىنىدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

—————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (37)؛ «مۇسلىم»، (739).
2. «لەتائىفۇل مەئارىف»، 183 – بەت.
3. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 3/460.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (2026)؛ «مۇسلىم»، (1172).
5. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/285.
6. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 3/115.
7. «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 30/156؛ «تەفسىرۇ بەغەۋىي»، 4/476؛ «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 4/502.
8. بىر سا — 2040 گىرام. يەنە بىر قاراشتا 3250 گىرامغا توغرا كېلىدۇ.
9. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1503)؛ «مۇسلىم»، (984).
10. «سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە»، (1997).
11. «ئىھيائى ئۇلۇمىددىن»، 1/234.
12. «بۇخارىي»، (1914).
13. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە مۇئەللەق ھالەتتە رىۋايەت قىلغان، باشقا بەش كىتاب مۇئەللىفلىرى سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلغان، ئۇنىڭغا «سەھىھ» دەپ باھا بېرىلگەن.
14. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 7/194؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 10/279؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/4.
15. نەزر قىلىش: كىشىنىڭ شەرىئەت ئۇنىڭغا ۋاجىب قىلمىغان بىر ئىشنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىب قىلىۋېلىشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن ئۈچ كۈن روزا تۇتىمەن، مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن مېڭىپ بېرىپ ھەج قىلىمەن… دېگەندەك.
16. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/128.
17. ئىبنى ھەجەر قاتارلىق بەزى ئالىملار «ھېسابلىيالمايدىغان» دېگەننى «قوشۇش، كۆپەيتىش ۋە بۆلۈش قاتارلىق مۇرەككەپ ھېساب ئىلمىنى بىلمەيدىغان دېمەكچى. ئەمما بارماق بىلەن ھېسابلاش بولسا ئادەتتە ساۋاتسىز ئەرەبلەردە بار ئىدى» دەپ ئىزاھلىغان. ئىمام ئەينىي قاتارلىق بەزى ئالىملار «بۇ ھەدىستىكى ›ھېساب‹ تىن ئىلمىي نۇجۇم ۋە ئاسترونومىيىلىك ھېسابلاش مەقسەت قىلىنغان، ئەرەبلەر بۇنى تۈزۈك بىلمەيتتى» دەپ ئىزاھلىغان. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 13/108؛ ئىمام ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 10/286.
18. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1913)؛ «مۇسلىم»، (1080).
19. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1906)؛ «مۇسلىم»، (1080).
20. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2/392.
21. «فەتھۇل قەدىر»، 2/313؛ ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/403؛ ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 2/284؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/4.
22. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/210؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/123.
23. تەرجىھ قىلىش: دەلىللەرنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئىككى ياكى بىرنەچچە قاراش ئىچىدىن مەلۇم بىر قاراشنى كۈچلۈك دەپ تاللاشتىن ئىبارەت.
24. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 4/268.
25. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 207/25.
26. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1909)؛ «مۇسلىم»، (1080).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ