57 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ئۇكام بىلەن بىر ئويدە بىللە ياشايمىز. ئۇكام بويتاق، لىكىن، زاكات ئايرىغۇدەك ئىقتىسادى بار. ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بولمىغانلىقى ئۇچۇن بويتاق ئۇكامغا قۇربانلىق قىلىش ۋاجىب بۇلامدۇ ياكى بىز بىر ئۆيدە بولغانلىقىمىز ئۇچۇن مەن قىلسام كۇپايە بۇلامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بىر قۇربانلىق كىشىنىڭ خوتۇن، بالىچاقىلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك. ئەگەر چىقىمىنى ئاتىسى قىلىپ بېرىدىغان بولسا بىر ئۆيدە ئولتۇرغان چوڭ بالىچاقىلارغىمۇ ئاشۇ بىر قۇربانلىق يېتەرلىك. يەنە ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتقان ئاكا – ئۇكا، جىيەن ۋە تاغا قاتارلىق تۇغقانلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە تۇرمۇش خىراجىتى بىر بولسا، يەنى ئۇلارنىمۇ مۇشۇ ئائىلە ئىگىسى باقىدىغان بولسا، ئۇلارغىمۇ ئاشۇ بىر قۇربانلىق يېتەرلىك. چۈنكى ئۇلار بىر ئائىلە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئىقتىسادى ئايرىم ئاكا – ئۇكا، جىيەن، تاغا قاتارلىق تۇغقان كىشى بولسا قۇربى يەتكەن ئەھۋالدا ئۆز ئالدىغا ئايرىم قۇربانلىق ۋاجىب بولىدۇ. دېمەك خىراجەت قىلىپ باققۇچى بىر بولسا بىر قوي يېتەرلىك، ئۆزىنىڭ خىراجىتىنى ئازى قىلىدىغان بولسا يېتەرلىك ئەمەس. نۇغقان بولمىغان كىشى بىرەر ئائىلىنىڭ ئۆيىدە بىللە تۇرغان بولسا، ئۇ ئائىلە ئۇ كىشىنىڭ خىراجىتىنى قىلىپ باقمايدىغان بولسا، ئۇ ئائىلىنىڭ قۇربانلىقى ئۇلارغا يېتەرلىك بولمايدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ