ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن ئۇستازنىڭ «بانكىدىن ئالغان ئۆسۈمنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» دېگەن پەتۋاسىنى ئوقۇپ چىقتىم. سورايدىغان سوئالىم: مېنىڭ «زىرائەت» بانكىسى ۋە «كۇۋەيت تۈرك» بانكىسىدا ھېسابىم بار. بۇ ھېسابلىرىمدا ياۋروپادا تۇرۇۋاتقان بۇرادەرلىرىمنىڭ «دوللار»، «ياۋرو» دېگەندەك ئامانەتلىرى بار. بۇ پۇللارنى ماڭا ساقلاپ بېرىشىم ئۈچۈن ئامانەت قويغان ئىدى، نەچچە يىلنىڭ ياقى ساقلاپ بېرىۋاتىمەن. مەن بۇ پۇللارنى خاھلىغان ۋاقىتتا ئالالايمەن. ماڭا ئايرىم ئۆسۈم چىقمايدۇ، لېكىن ئۇلار بىز قويغان بۇ پۇللارنى ئۆسۈم ئېلىپ، ئۆسۈم بېرىپ دېگەندەك ئىشلارغا ئىشلىتىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بانكىنىڭ جازانە ئىشلىرىغا ياردەم قىلغاندەك بولۇپ قالامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. ئۆيدە ساقلىيالايدىغان، بىخەتەرلىك جەھەتتىن خاتىرجەم بولالايدىغان تۇرۇپ، بانكىغا پۇل قويسا، ئەلبەتتە جازانە بانكىلارغا ياردەم قىلغانلىق بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىنىڭ ساقلىشى قىيىن بولسا، مەجبۇر بولغاچقا مەيلى بولىدۇ.

