10 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! بەزى قېرىنداشلار «مەككەدە مۇقىم تۇرۇۋاتقانلار ئۆمرە قىلماقچى بولسا مەككەدىكى ئۆيىدىنلا ئىھرام باغلايدۇ» دەۋاتىدۇ. بۇ توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە پەتۋا بەرسىلىرى بوپتىكەن. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەيلى مەككەدە مۇقىم تۇرۇۋاتقان كىشى بولسۇن ياكى مەككەگە بېرىپ ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان كىشى بولسۇن، مەككەدە تۇرۇپ ئۆمرە قىلماقچى بولسا چوقۇم ھەرەم چېگرىسى سىرتى بولغان ھىل دائىرىسىگە چىقىپ ئۆمرەگە ئىھرام باغلىشى كېرەك. مەككەدىن ئىھرام باغلىسا جائىز بولمايدۇ. ئۇنداق قىلسا بىر قوي قان كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىھرام باغلاشقا بەلگىلەنگەن جايدىن ئىھرام باغلىمىدى. ھىل دېگەن مىيقاتتىن ھەرەمنىڭ چېگرىسىغىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. «سەھىھەين»دە كېلىشىچە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ئاكام ئابدۇرراھمان بىلەن تەنئىمگە ئەۋەتتى. مەن ئۆمرە قىلدىم» دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇرراھمانغا: «ھەمشىرەڭنى ھەرەمدىن ئېلىپ چىق، ئۇ ئۆمرەگە تەلبىيە توۋلىسۇن» دېگەن. (قاراڭ: بۇخارىي: 1556، 1560؛ مۇسلىم 1211) دېمەك، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېرىندىشى ئابدۇراھماننى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ھەرەم دائىرىسىدىن چىقىپ ھىل دائىرىسىغا تەۋە تەنئىم (ھازىر ئائىشە مەسجىدى بار جاي) دېگەن جايدىن ئىھرام باغلاپ ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىغان. شۇڭلاشقا، مەككەدە تۇرۇشلۇق كىشىنىڭ ئۆمرە قىلىشتا ئىھرام باغلايدىغان جايى ھىل (ھەرەم سىرتى) دۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆمرەنى ئادا قىلىدىغان جاي مەككە. شۇڭا، مەلۇم بىر تۈرلۈك سەپەر ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن ھىل دائىرىسىغا چىقىدۇ. ناۋادا ئۆمرەگە ھىل دائىرىسىدىكى جىئرانە ياكى ئەرافات ياكى ھۇدەيبىييەنىڭ ھىل دائىرىسىدىكى قىسمى ياكى تائىف دېگەندەك خاھلىغان بىر جايدىن ئىھرام باغلىغان بولسىمۇ دۇرۇس بولۇۋېرىدۇ. بىراق يۇقىرىدا بايان قىلغان ھەدىسكە ئاساسەن، تەنئىمدىن باغلىشى ئەۋزەل. بەزى ئالىملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىئرانە دېگەن جايدىن ئۆمرەگە ئىھرام باغلىغان، شۇڭا جىئرانەدىن باغلاش ئەۋزەل، دەپمۇ قارىغان.

ئەمما ھەج قىلىشتا مەككەدە تۇرۇشلۇق كىشىنىڭ ئىھرام باغلايدىغان جايى ھەرەم، چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرىنى ھەجگە مەككەدىلا ئىھرام باغلاشقا بۇيرىغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەجنى ئەرەفاتتا تۇرماي ئادا قىلغىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، ئەرەفات ھىل دائىرىسىدە. شۇڭلاشقا، مەككەدە تۇرۇشلۇق كىشى ھەجگە ھەرەمدىنلا ئىھرام باغلىسىمۇ مەلۇم بىر تۈرلۈك سەپەر ھاسىل بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ