ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئالدىنقى بىر جاۋابىڭىزدا: «ئاياللارنىڭ 85 گرام ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىگە زاكات كېلىدۇ» دەپ ئوقۇغان ئىدىم. ئەرلەرنىڭ ھازىر ئىككىنچى قول ماشىنىلىرىمۇ ئاياللارنىڭ 85 گرام ئالتۇنىدىن قىممەت، بەزى ماشىنىلار 5 مىليون ئۈستىدە بولىدۇ. بىر خىزمىتى بولمىغان ياكى تاپاۋىتى بولمىغان بىر ئايالغا زىبۇزىننەتلىرى ئۈستىدىن زاكات ئايرىش توغرىمۇ؟ زىبۇزىننەت تۈرى بولغان ئالماسقا زاكات كەلمەيدىغانلىقىنى دەپسىز بىر جاۋابتا، «ئالماس ئالتۇندىن قىممەت ھېسابلىنىدۇ» دەپ بىلىمەن. بۇ ئەھۋالدا ئالتۇنغا نېمىشقا زاكات كېلىدۇ؟ دەرۋەقە ماشىنا، ئالماس ۋە ئالتۇننى ساتقاندا ئوخشاش پۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ماشىنىنى قوللىنىش دەپ ئويلىسىڭىز، ئالتۇننىمۇ ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا قوللىنىدۇ. ئېھتىياج بولۇپ ساتقاندا، ھەر ئىككىسىنى جىددىي ساتالايدۇ. «تەبىئىي بايلىق» دېسەك ئالتۇن، ئالماس ۋە ماشىنىغا ئىشلەتكەن تۆمۈر ماددىلار ھەممىسى تەبىئىي بايلىق ھېسابلىنىدۇ. سوئالىم: نېمىشقا پەقەت ئالتۇنغا زاكات كېلىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ، تىنچلىق. «زىبۇزىننەت قاتارىدا ئىشلىتىدىغان ئالتۇنغا 85 گرامدىن ئاشسا زاكات كېلىدۇ» دېگەن قاراش كۈچلۈك. بۇ قاراشقا ئاساسەن، ئالتۇن بىلەن ماشىنا ۋە ئالماسلارنىڭ ئوتتۇرىدا پەرق بار. ئالتۇننىڭ ئۆزى پۇل. ماشىنىنىڭ ئۆزى پۇل ئەمەس. بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان نەرسە. كۈندىلىك تۇرمۇشتا مىنىپ، بىرنەرسە توشۇشقا ئىشلىتىدىغان تۆگىلەرگە زاكات كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر كەلگەن بولغاچقا، ئۇ ماشىنىغا قىممىتى نەقەدەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زاكات كەلمەيدۇ. ئالماسنىڭ ئۆزىمۇ پۇل ئەمەس. ساتسا قىممەت سېتىلغان بىلەن خاھلىغان چاغدا ھەر يەردە ھەقىقىي قىممىتىدە ساتقىلى بولمايدۇ، شۇڭا، بۇمۇ ئىشلىتىدىغان ماشىنىغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنى ھەر يەردە پۇل ئورنىدا خەجلىگىلى بولمايدۇ. ئالتۇن زىبۇزىننەتنىڭ ئالماستىن پەرقى شۇكى، ئالتۇننىڭ ئۆزى پۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا زاكات كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىس كەلگەن. ئالماس ھەققىدە كەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالماسنى كۆپ كىشىلەر ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، بىرىنچىدىن، پۇل بولمىغانلىقى؛ ئىككىنچىدىن، تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغانلىقى؛ ئۈچىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك كىشىلەر ئىشلەتمەيدىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر بۇنىڭدىكى پەرق بولسا كېرەك. ئەمما، زاكات بېرىشتىن قېچىپ، ئىلكىدىكى پۇلغا ئالماس ئېلىپ قويسا ياكى ئالماسنى ئېلىپ – سېتىش ياكى ئىقتىسادنى ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قولىدا ساقلىغان بولسا، ئالماسقىمۇ قىممىتىگە قاراپ تاۋار مال ھېسابىدا زاكات ئايرىيدۇ.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، زاكات پەقەت ئېھتىياجىدىن ئاشقان ئاۋۇغۇچى مالغىلا بىر يىل ئۆتۈشى بىلەن ۋاجىب بولىدۇ. ئاۋۇشمۇ يا ئالتۇن – كۈمۈشكە ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ ئاۋۇغۇچى قىلىپ بېكىتىۋېتىشى بىلەن بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئالتۇننى ئەسلىدىنلا شەيئىلەر ئىچىدە پۇل قىلىپ ياراتقان، ئۇنى سەرپ قىلغاندا ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا بەدەلگە ۋە باھا بېكىتىشكە ئېھتىياج چۈشمەيدۇ. زاكاتمۇ ئۇنىڭ (ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ) ئۆز ئەينىگە ئالاقىدار. بۇ دېگەنلىك ئالتۇننىڭ ئۆزى پۇل ھەم باشقا نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى بېكىتىشتە ئاساسلىنىدىغان ئاساس دېگەنلىكتۇر.
«تاپاۋىتى بولمىغان بىر ئايالغا زىبۇزىننەتلىرى ئۈستىدىن زاكات ئايرىش توغرىمۇ؟» دېگەن سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى شۇكى، ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، مەيلى ئۇ ئايالنىڭ كىرىمى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئالتۇنىغا زاكات كېلىدۇ. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەردىمۇ ئاياللار قولىغا سېلىۋالغان بىلەيزۈكلەرگە قارىتىلغانىدى. ئۇ ئاياللارنىڭ كىرىمى بار – يوقلۇقى شەرت قىلىنمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە زاكات كېلىدىغان مالنىڭ شەرتى ئاۋۇغۇچى مال بولۇش. ئۇ ئەمەلىيەتتە ئاۋۇغۇچى مال بولسۇن ياكى ھۆكۈم جەھەتتىن ئاۋۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بېسىپ قويۇلغان، ئوبوروت قىلىنمىغان مال بولسۇن ئوخشاش. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

