ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. كاناي ۋە ئۆپكە شاخچىلىرىدا تۇرۇپ قالغان بەلغەمنى بوشىتىدىغان بۇخار (ھور) نى ئىشلەتسە روزا بۇزۇلامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ نەپەسلىنىش جىھازىنى ئىشلەتكەندە، بەزى دورا سۇيۇقلۇقىنى پارغا ئايلاندۇرۇپ نەپەس يولىغا كىرگۈزىدىغان ئىش بار. بۇ ھەقتە بەزى ئالىملار: «روزىنى سۇندۇرىدۇ» دەپ قارىسا، لېكىن كۈچلۈك قاراشتا روزىنى سۇندۇرمايدۇ. چۈنكى، بۇ دورا نەپەس يولىغا كىرىدۇ، يېمەك – ئىچمەك يولىغا كىرمەيدۇ. شۇڭا: «روزىنى سۇندۇرمايدۇ» دەيمىز.

