فەقىھ ئەللامە مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە

(ھىجرىيە 1316 – 1394 / مىلادىيە 1898 – 1974)

 

تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

ئۆتكۈر پىكىرلىك ئەللامە، مۇجتەھىد فەقىھ، شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇستافا ئەبۇ زەھرە ھ. 1316 / م. 1898 – يىلى مىسىرنىڭ مەھەللە كۇبرا شەھرىدە تۇغۇلغان. تەنتادىكى ئەھمەد جامەسىدە تەربىيەلىنىپ، «قۇرئان كەرىم» يادلىغان ۋە دەسلەپكى بىلىملەردىن ساۋات ئالغان. ئاندىن شەرئىي قازىلىق مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن ۋە ھ. 1343 / م. 1924 – يىلى يۇقىرى نەتىجە قازىنىپ، «شەرئىي قازىلىق دوكتورلۇقى» بىلەن بىرگە ئۇستازلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا يەنە دارىلئۇلۇمنىڭ دىپلوم ئېتىراپنامىسىگىمۇ ئېرىشكەن.

دارىلئۇلۇمدا ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا، شۇنداقلا يەنە، قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىدا شەرىئەت ۋە ئەرەب تىلى بىلىملىرى جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئاندىن كېيىن ھ. 1354 / م. 1935 – يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرىغا لېكسىيە سۆزلىگۈچى ئۇستاز، شەرىئەت بۆلۈمىنىڭ رەئىسى، قانۇن فاكۇلتېتى ۋە ئىسلام تەتقىقاتلار ئىنىستىتوتىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئۇ ئىلىم ۋە دەرسكە، يېزىقچىلىققا ئامراق ئىدى، لېكسىيە، يىغىنلاردىن قالمايتتى. ئۇ شۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن مىسىر ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى يىغىن – قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن سانىلاتتى.

ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا، 1974 – يىلى «پارلاق جەمئىيەت» ژۇرنىلىنىڭ 197 – سانىدا ئۇ توغرۇلۇق مۇنۇلارنى يازغان ئىدىم: «بىرنەچچە كۈن بۇرۇن باتۇر ئەركەك، ئەمەلىيەتچان ئالىم، ۋىجدانلىق ھۆر، مۇجتەھىد فەقىھ، دانا ۋە زېرەك، ئۆمرىنى ئىسلام بىلىملىرىنى تارقىتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇستازىمىز ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرەنى ئاللاھ ئۆز دەرگاھىغا تاللاپ ئەكەتتى. ئۇ شەرقلىق ۋە غەربلىك نەچچە مىڭ ئالىملار ئوقۇپ پۈتتۈرگەن بىر ئۇنېۋىرسىتېت كەبى ئىدى، قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا تۇنجى دەرس ئۆتكەنلەردىن بىرى ئىدى ۋە شۇ فاكۇلتېتتا شەرىئەت بۆلۈمىنى قۇرۇپ چىققان تۇنجى كىشى ئىدى ھەمدە قاھىرەدە ئىسلام تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتوتىنى قۇرۇپ چىققانلاردىن ئىدى. ئۇ ئىنىستىتۇتتا لېكسىيەلەرنى ھەقسىز سۆزلەيتتى. دوكتور مۇھەممەد ئەرەبىي، ئۇستاز مۇھەممەد قۇتۇب، دوكتور مۇھەممەد يۈسۈف قاتارلىقلاردەك نەچچە ئۇستازلار ئۇنىڭ لېكسىيەلىرىگە قاتنىشاتتى. ئۇ لېكسىيە سۆزلەپ بېرىش ياكى قۇرۇلتاي – يىغىنلارغا، فىقھىي ئورگانلارغا قاتنىشىپ بېرىشى ئۈچۈن چاقىرىلىپ، ئەرەب – ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۇرغۇن ئەللىرىنى كەزگەن ئىدى. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئىلمى ۋە فىقھىسىدىن كۆپ مەنپەئەت ئالغان ئىدى. بىز كۇۋەيتتە ئۈچ قېتىم ئۇچراشقان ئىدۇق، ئاخىرقى ئۇچرىشىشىمىز ھ. 1390 / م. 1970 – يىلى كۇۋەيت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن، ئاۋۋالقى ئىككى ئۇچرىشىشىمىز بولسا ئىجتىمائىي ئىسلاھات جەمئىيىتى بىلەن ئىسلام ۋە ۋەقفە ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ چاقىرىقى بىلەن بولغانىدى. ھەر ئىككى زىيارەتتە ئۇنىڭدىن ئايرىلماي يۈرۈشكە ۋە ئۇنىڭ لېكسىيەلىرىنىڭ بېشىدا مۇقەددىمە سۆزلەپ ئۇنى تونۇشتۇرۇشقا مۇشەررەپ بولغان ئىدىم. ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن مول بىلىمى، ھوسۇللۇق ئىلىم – ئىرپانى، چوڭقۇر فىقھىسى، كۈچلۈك دەلىلى، ياخشى ئىپادىلەش ۋە گۈزەل ئۇسلۇبتا ئوتتۇرىغا قويۇش، قورقماستىن ھەق سۆزنى ئوچۇق جاكارلاش قاتارلىق پەزىلەتلىرى بىلەن، ئۇنىڭ لېكسىيەلىرى كۇۋەيتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ دەرس – لېكسىيەلىرى، ماقالە – ئەسەرلىرى، پەتۋا ۋە ئىجتىھادلىرىنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنداق ئىدى».

ئۇنىڭ ئەسەرلىرى

ئىسلام كىتابخانىلىرى بۈيۈك ئەللامە ئەبۇ زەھرەنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن زور بايلىققا، چوڭ ئىلمىي مىراسقا ئايلانغان كىتابلىرىنىڭ شەھرى ئىدى. ئۇنىڭ يازغان كىتابلىرى 80 پارچىگە يېتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپىنچىسى مەنبە خاراكتېرلىك چوڭ كىتابلاردىن ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئۇنىڭ نەشر قىلدۇرغان ماقالىلىرى، بەرگەن پەتۋالىرى بار. بۇلار تېخى بىرەر كىتابقا توپلانمىدى. ئەگەر توپلىنىپ قالسا نەچچە توملۇق كىتاب بولاتتى. تۆۋەندە بىز بۇ ئىلىم پىداكارى ۋە دەۋر فىقھىشۇناسىنىڭ نەشر قىلىنغان بىر قىسىم كىتابلىرىنى قىستۇرۇپ ئۆتىمىز. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

«خاتم النبيين»، «المعجزة الكبرى القرآن الكريم»، «تاريخ المذاهب الإسلامية»، «العقوبة في الفقه الإسلامي»، «الجريمة في الفقه الإسلامي»، «الأحوال الشخصية»، «أبو حنيفة»، «مالك»، «الشافعي»، «ابن حنبل»، «الإمام زيد»، «ابن تيمية»، «ابن حزم»، «الإمام الصادق»، «أحكام التركات والمواريث»، «علم أصول الفقه»، «محاضرات في الوقف»، «محاضرات في عقد الزواج وآثاره»، «الدعوة إلى الإسلام»، «مقارنات الأديان»، «محاضرات في النصرانية»، «تنظيم الإسلام للمجتمع»، «في المجتمع الإسلامي»، «الولاية على النفس»، «الملكية و نظرية العقد»، «تاريخ الجدل»، «تنظيم الأسرة وتنظيم النسل»، «شرح قانون الوصية»، «الوحدة الإسلامية»، «العلاقات الدولية في الإسلام»، «التكافل الإجتماعي في الإسلام»، «المجتمع الإنساني في ظل الإسلام»، «المیراث عند الجعفریة»، «موسوعة الفقه الإسلامي»، «بحوث في الربا».

سۈپەتلىرى

شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە ھەقنى جاكارلاشتىكى باتۇرلۇقى، ئىسلامنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە ئىسلامنىڭ دەۋەتچىلىرىنى قوغداشتىكى شىجائىتى بىلەن تونۇلغان. غۇرۇرىنى ساقلاش، ئۆزىنى قەدىرلەش، ھەقتە چىڭ تۇرۇش ۋە ھەق سۆزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش، كۈچلۈك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، ھازىرجاۋابلىقى، ئىجادچانلىقى، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە بولۇش، رەقىبلەر بىلەن يېتەرلىك ھۆججەت، يارقىن پاكىت، جىھاد ۋە غەيرەت ئارقىلىق جەڭ قىلىش، ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىزچىل ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق پەزىلەتلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان.

شەيخ ئەبۇ زەھرە ئۆزىنىڭ فىقھىسى، مول ئىلمى، تەپەككۇر ۋە ئىزدىنىشتىكى رۇسلۇقى بىلەن بىرگە، كۆپ ئىشلەپچىقىرىشچانلىقى، دەلىل ۋە پاكىت بىلەن كۈچەيگەن قارىشىدا، دادىل تۇرۇشى، سۆھبەت ۋە مۇنازىرىگە قارىتا يۇقىرى تالانتى، رەقىبىنى ئەل قىلغۇدەك بارلىق دەلىل – ھۆججەتلەرنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارى قاتارلىقلار بىلەن ئۆز زامانىنى ئۆزىگە بەند قىلغان شەخس ئىدى. ئۇ ئىدىيەۋى قايمۇقۇش ۋە ئىمپورت قىلىنغان مەزھەبلەرنىڭ ساھىبلىرىغا، شەرقشۇناسلارنىڭ شاگىرتلىرىغا، غەربلىكلەرنىڭ ئىدىيەلىرى بىلەن زەھەرلەنگەن دىنسىزلار ۋە ئىلمانىيلارغا قارشى كۆكرەك كېرىپ چىقىپ رىقابەت ئېلان قىلىدىغان، ھەقنى قورقماي دەيدىغان، يۈرەكلىك ۋە باتۇر كىشى ئىدى. شۇ چاغدىكى مىسىرنىڭ ھۆكۈمدارى ئەبۇ زەھرەنى ئۇنىۋېرسىتېتتا دەرس ئۆتۈشتىن ياكى ئاممىۋى يىغىلىشلاردا ۋە مەسجىدلەردە لېكسىيە – دەرس سۆزلەشتىن، تېلېۋىزور – رادىئولاردا سۆز قىلىش ۋە گېزىت ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىشتىن چەكلەش بۇيرۇقلىرىنى چىقارغان ئىدى. پۇچەك گېزىت – ژۇرناللارمۇ ئەبۇ زەھرەگە تىل تەگكۈزۈشكە، ئۇنى مۇتەئەسسىب، قالاق، مىجەزى چۇس، ئاچچىقى يامان ۋە ھاكاۋۇر دېگەندەك قالپاقلارنى كىيگۈزۈپ قارىلاشقا كۈشكۈرتەتتى.

ئۇنىڭ ئابدۇنناسىر بىلەن قارشىلىشىشى

ئەبۇ زەھرە مۇنداق دەيدۇ: «(مىسىرنىڭ پادىشاھى) فارۇق قوزغىلاڭ رەھبىرى برىگادىر ۋە ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر مۇھەممەد نەجىب قولىدا مەنسەپتىن قالدۇرۇلغان كۈندە خۇشاللىقىم كۆككە يەتكەن ئىدى. ئادالەت ئەمەلىيلەشتى، پات – پۇرسەتتە زېمىنىمىزنى قايتۇرۇۋالىمىز، ئەركىنلىك قۇياشى يۇرتىمىزغا قايتىدىن قۇچاق ئاچىدىغان بولدى، دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئۇشتۇمتۇت ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت تامامەن ئۆزگىرىپ كەتتى. شەخسىي ھاۋايى – ھەۋەس ۋە خاھىشلار غالىب كېلىپ، ئەل – يۇرتقا ئەڭ قاتتىق ۋە ھەر تۈرلۈك زۇلۇم – خورلۇقنىڭ تەمىنى يەتكۈچە تېتىتقان يېڭى بىر زالىم جامال ئابدۇنناسىرنىڭ قوماندانلىقىدا قوزغىلاڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئايلىنىپ كەتتى».

ئەبۇ زەھرە «ئىسلام بايرىقى» ژۇرنىلىنىڭ ھ. 1380 / م. 1960 – يىلى 12 – ئايلىق سانىدا ئۆزىگە كەلگەن تۆۋەندىكى بەزى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلامىي دىيارلارنىڭ بىر پارچىسىنىڭ خارابلىشىشى ۋە ۋەيرانچىلىق قاپلىشى ئۈچۈن، خارابلاشتۇرغۇچىلارنى پۇل – مال ۋە كۈچ بىلەن قوللايدىغان ھاكىمغا نىسبەتەن نېمىلەر ۋاجىب بولىدۇ؟ شۇ زۇلۇم ۋە بۇزغۇنچىلىقتىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىبمۇ؟

بىزنىڭ جاۋابىمىز مۇنداق:

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ. بۇزغۇنچىلىق تارقىتىش، ئاۋاتنى خارابلاشتۇرۇش، دەل – دەرەخ ۋە مېۋىلەرنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ئەمەلدار ئەڭ ناچار ئەمەلداردۇر. ئاۋات جەمئىيەتتە بۇزغۇنچىلىق تېرىيدىغان بۇزغۇنچى ئەمەلدارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر. دۈشمەن زېمىنىدا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇرۇشلار جەريانىدا دەل – دەرەخلەرنى كېسىش ۋە خارابلاشتۇرۇشتىن چەكلىگەنلىك توغرىسىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. ئۇ ئىش ئىسلام زېمىنىدا ۋە تېخى تىنچ ھالەتتە قانداقمۇ دۇرۇس بولسۇن؟! بۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى قاراقچىلارنىڭ جازاسى بىلەن ئوپمۇئوخشاش. ئۇلارنى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ».

ئۇنىڭ ئىسلام بىرلىكىنى قوللىشى

غەربلىكلەرنىڭ ئىدىيەلىرى، شوئارلىرى ۋە يالغان – ياۋىداقلىرىدىن تەسىرلىنىپ، گويا شاتۇتىدەك شەرقشۇناسلار ۋە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قۇيرۇقچىلىرى نېمە دېسە شۇنى دەپ، ئىسلامىي خەلقلەرنى ئىسلام بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرىدىغان ئىسلام بىرلىكى پىكىرلىرىگە قارشى تۇرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ مەغلۇبىيەتلىك روھى توغرۇلۇق شەيخ ئەبۇ زەھرە مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆتكەن ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇتەپەككۇرلار ئىسلام بىرلىكى قۇرۇپ چىقىشنى ئويلاشقان. نەتىجىدە، ياۋروپالىق يازغۇچىلار ھەرىكىتىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ئالدىن سىزىلغان سىياسەتلىرى ۋە ئۆزلىرىگە مەلۇم غايىلىرىگە بىنائەن، دۆلەتلەرنىڭ دىنىي پىرىنسىپلار ئۈستىگە قۇرۇلمايدىغانلىقى، بەلكى تىل ياكى ئىرق، ياكى جۇغراپىيە بىرلىكى ئاساسىدا قۇرۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلىشقا باشلىدى. ئاندىن بۇنى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارىسىدا تارقاتتى. ئۇلار باشتا پادىشاھلىرىمىز ۋە ئارىمىزدىكى ھوقۇقدارلارنى تىزگىنلىگەندىن كېيىن ياشلارنىڭ قەلب قاتلىرىنى تىزگىنلىدى. ئۇلار قارىماققا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە ئىغۋا ئۇرۇقلىرىنى چاچتى – دە، ئاخىرىدا كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلى ئىسلام بىرلىكى دەۋىتىگە كۆنمەيدىغانلا بولدى. نەتىجىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزى بىر يەردىن چىقماس بولدى. دۆلەتلەرنىڭ بەرپا بولۇش ئاساسلىرى مۇشۇ، ئىسلامىي خەلقلەرنىڭ دىن بىرلىكىگە ئاساسەن ئىسلام بىرلىكىنى تەلەپ قىلغانلار مەۋجۇدىيەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ۋە دۆلەت قۇرۇش تەبىئىتىگە خىلاپ ئىش قىلغان بولىدۇ، دەپ قانائەتلىنىدىغان ۋە قانائەتلەندۈرىدىغان كىشىلەر بارلىققا كەلدى. ۋەھالەنكى، ئېتىقاد بىرلىكىگە ئاساسەن دۆلەت قۇرۇشلا رېئاللىق ئىدى. ئۇنىڭ مىساللىرى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇد. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر دۆلەت، پروتېستانت، يەنە بىرى، بولسا كاتولىك دېگەندەك».

ئۇنىڭ شەرىئەت ئۈچۈن قىلغان جەڭلىرى

شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە ھاكىمىيەتتىن ئىسلام شەرىئىتىنى يىراقلاشتۇرۇش ياكى ئۇنى ھۆكۈمدارلارنىڭ خاھىشىغا ماسلىشىشچان قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشلارنى كۆزلەيدىغان زالىم ھاكىمىيەتكە قارىتا، قاتتىق پوزىتسىيە تۇتاتتى. ئۇ بۇ يولدا نەچچە قېتىم شىددەتلىك جەڭلەرگىمۇ كىرگەنىدى، شۇ جەڭلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇتۇپ چىققانىدى.

ھۆكۈمەتنىڭ تۇغۇت چەكلەش پىلانىغا ئۆكتە قوپقان ئىدى. نىكاھ، تالاق ۋە مىراس قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك تۈزمە قانۇنلارغا قارشى چىققان ئىدى، ئىسلامغا سوتسىيالىزمنى كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرغان ئىدى. بەزىلەرنىڭ جازانىنىڭ مەلۇم بىر تۈرىنى مۇباھ دەپ پىچقان پەتۋالىرىنى باتىلغا چىقارغان ئىدى. شۇنداقلا يەنە، يازغۇچى، ئەدىبلەر ۋە ژۇرنالستلار ئىچىدىكى دىنسىزلىق، شەھۋانىيلىق دەۋەتچىلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى. ھۆكۈمەت بىردە يۇمشاقلىق بىلەن، بىردە قاتتىقلىق بىلەن ئۇنى جىم تۇرغۇزۇشقا نەچچە قېتىملاپ ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، پايدىسى بولمىغانىدى. چۈنكى، ئۇ دىنى ئۈچۈن سودىلاشمايتتى، دىنىنى يوقىلاڭ دۇنياغا سېتىۋەتمەيتتى.

كۇۋەيتتە تۇرىدىغان بىر ئېسىل قېرىندىشىمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، «ئىسلام بايرىقى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى ئۇستاز ئەھمەد ھەمزە ئۇيۇشتۇرغان ئايلىق يىغىنغا ئۇمۇ ھازىر بولغان ئىكەن، بىر تۈركۈم مىسىر ئالىملىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپتۇ. ئۇ چاغ ھ. 1368 / م. 1966 – يىلى بولۇپ، شەھىد سەييىد قۇتۇب ۋە ئۇنىڭ ھۆرمەتلىك سەپداشلىرى سوتلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى. قېرىندىشىم مۇنداق دەيدۇ: «يىغىن باشلىنىشتىن بىرئاز بۇرۇن يىغىنغا ھازىر بولغانلار ئارىسىدا سەييىد قۇتۇبنىڭ گېپى چىقىپ قالدى، بەزىلىرى ئۇنى ماختىسا، بەزىلىرى ئەيىبلىدى، يەنە بەزىلىرى سۈكۈت قىلىپ ئولتۇردى. ئەمما، شەيخ ئەبۇ زەھرە بولسا، ئۇستاز سەييىد قۇتۇبقا مەدھىيە ئوقۇغانلارنىڭ بىرى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹ئېسىل ئوغلۇم سەييىد قۇتۇب ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭدىن: سەييىد! ھازىر قانداقراق تۇرىسەن؟ دەپ سورىسام، ئۇ: ئۇستازىم! مەن ئامېرىكىغا مۇسۇلمان ھالدا بارغان ئىدىم، مۇئمىن ھالدا قايتتىم› دەپ جاۋاب بەرگەنىدى».

شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە بىلەن يېقىن ئۆتۈپ ياشاشتىن نېسىۋىسى بولغانلار ئۇنىڭ قايسى خىلدىكى ئەركەك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.

ئۇ كۇۋەيتتە بىزنى ئۈچ قېتىم زىيارەت قىلىپ شەرەفلەندۈرگەندە، ئىجتىمائىي ئىسلاھات جەمئىيىتىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قېشىغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلەپ بەرگەن ئۇستازلارغا جەمئىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىگەن مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىشقا ئۇنى شۇنچە زورلىسىمۇ، چىڭ تۇرىۋېلىپ ئالمىغان ئىدى. مەزكۇر جەمئىيەت قارمىقىدىكى «جەمئىيەت ژۇرنىلى»غىمۇ شۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەن ئىكەن ۋە ئۇلارغا: «سىلەر ئىسلامىي بىر خەيرلىك ئىشنى قىلىۋاتىسىلەر، بۇ مېنىڭ بۇ ياخشىلىققا سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقىنىم بولۇپ قالسۇن، سىلەر بۇنىڭدا تۆھپىكارسىلەر» دېگەن ئىكەن.

دوكتور مۇھەممەد رەجەب بەييۇمىي ئۆزىنىڭ «النهضة الإسلامية في سير أعلامها المعاصرين» ناملىق قىممەتلىك كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:

«ئەھلى ئىلىملەر ئۆزلىرى ئۇچرىغان ھەرقانداق مەسىلىدە شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرەگە مۇراجىئەت قىلاتتى. ئۇ شۇ دەرىجىدە سەباتلىق، ئەقلى ئۆتكۈر، تىلى پاساھەتلىك، پاكىتى كۈچلۈك ئىدىكى، ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق زىتلاشقانلارمۇ ئۇنىڭ فەقىھلىكىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ پىكىر يۆنىلىشىگە ئاپىرىن ئوقۇماي قالمايتتى. ئۇنىڭ زالىملارغا قارشى كەسكىن مەيدانى ناھايىتى روشەن ئىدى. شۇ تۈپەيلى قارشىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ قەتئىي بوشاشمىدى. ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرى ۋە ماقالىلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولۇپ، دۆلەت قارىمىقىدىكى رادىئو، گېزىت – ژۇرناللار دەۋر مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەيدىغانلار ئارىسىدا ئۇنىڭمۇ بىر كىشىلىك ئورنى بولۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان ئىدى. بەكمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، كۆپلىگەن رادىئولاردىكى دىنىي پىروگراممىلارنى ھەر كۈنى ئاڭلىسىڭىزمۇ شەيخنىڭ بىرەر سۆزىنى تاپالمايسىز. دىنىي بايراملاردا كۈندىلىك گېزىتلەرنى ئوقۇسىڭىز، ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن كىچىك بىرلىرى نەچچە سەھىپىنى يازمىسىغا تولدۇرىۋېتىدۇ – يۇ، چوڭ ئۇستازنىڭ بىرەر پىكىرىنى تاپالمايسىز، نۆۋىتى كەلگەندە ئۇنىڭ ئىسمى پەقەت نەقىل ئورنىدا مۇنداقلا دېيىلىپ قويۇلىدۇ، خالاس. ئەگەر شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە ئۇستاز ئەھمەدنىڭ شەخسىي ئىگىدارچىلىقىدىكى ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پىكىر – قاراشلىرىنى ئاشكارا تارقىتىشى تەسكە توختايتتى.

شەيخ گېزىت – ژۇرنال، رادىئو – تېلېۋىزىيەلەردە ئاشكارا مۇنبەرلەرگە ئىگە بولالمىۋىدى، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىنى ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىگە كۆپچىلىك ئاممىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىنى سېلىش بىلەن تولدۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەرخىل تېمىلاردا بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىدا تارقىلىش دائىرىسى ھەر يانغا كېڭەيگەن ئىدى. ئۇنىڭ كىتابلىرى شەيخنى كۆرۈپمۇ باقمىغان كىشىلەرگە ئۇنىڭ ئىلمىنى توشۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە ئاشىق بولغان ئىدى».

قەيسەرانە پوزىتسىيەلەر

ئېسىمدە قېلىشىچە، ئەبۇ زەھرەنىڭ مىسىردا ئۆزىنىڭ پەرمانىغا قارشى چىقىۋاتقانلىقى، ئاۋازىنىڭ گۈلدۈرماما كەبى ئىسلام دۇنياسىدا جاراڭلاۋاتقانلىقى بىر ھۆكۈمدارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلدى. ئاندىن ئۇ ئەبۇ زەھرەنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: «سەن بىر فېئودالسەن، سېنىڭ ئەسەرلىرىڭنىڭ جىقلىقى سېنى كۈرەشچان بىر مىنىستىرمۇ ئېرىشەلمىگۈدەك نەرسىلەرگە ئېرىشتۈردى» دېۋىدى، ھۆر شەيخ بۇ ھۆكۈمدارنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسلىرىگە قارشى ئۆز پىكىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويىۋېلىشىنى غەنىيمەت بىلدى – دە، كەسكىن جۈرئەت بىلەن: «ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن يېزىلغان ئەسەرلەر، ھېچكىمگە مەجبۇر تېڭىلغىنى يوق. دۆلەت ئۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنسىز تەكچىلەرگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، دۆلەتمەنلەر بولسا دۆلەتنىڭ پۇل – ماللىرىنى ھارام يەۋېلىش ئۈچۈن، كىتابخانىلارغا ۋە دۆلەتكە تەۋە مەدەنىيەت ئورگانلىرىغا بېسىم قىلىپ، ئۇ ئەسەرلەرنىڭ تارقىلىشىغىمۇ يول قويمىدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمدار پەس كويغا چۈشتى – دە، ئاچچىقىنى يۈتكەن ھالدا سۈكۈتنى تاللىدى، لېكىن ئۇ ھەق سۆزنى ئاڭلىغان ئىدى. شۇڭا، ئاچچىقتا تولغىنىشقا باشلاپ، زىيارەتنى تېزلا تۈگەتتى. نەتىجىدە، شەيخ شەرەف بىلەن بېشىنى تىك تۇتقان ھالدا قايتىپ كەتتى.

ئۇنىڭ غۇرۇر ۋە شىجائەت بابىدا بىز بىلىدىغان ئىككىنچى بىر ئىشى بار. ئۇ تۆۋەندىكىچە:

ئىسلام دۇنياسىدىكى چوڭ ئالىملاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن بىرگە ئۇمۇ بىر قۇرۇلتايغا چاقىرىلغان ئىدى. يىغىن چاقىرغان دۆلەتنىڭ رەئىسى كىشىلەر ئارىسىدا زور تەسىرى بار، دۆلىتىدە مۇتەئەسسىب، مۇشتۇمزور ئادەم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى رەئىس يىغىننى باشلاپ سۆز قىلدى، سۆزىدە ئۆزى ئاتىۋالغان «ئىسلام سوتسىيالىزمى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىلغان ئالىملاردىن ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ھەقىقەت دەپ قارىۋالغان پىكىرىنى قوللاپ بېرىشلىرىنى تەلەپ قىلدى. شۇئان ئالىملار ئىچى سىقىلغان ھالدا، ھەيرانلىق بىلەن بىر – بىرىگە قارىشىپ قويدى. لېكىن، ئۇستاز ئەبۇ زەھرە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى بىلەن سۆز تەلەپ قىلدى، ئاندىن مۇنبەرگە چىقىپ باتۇرلۇق بىلەن مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسانلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بىلگەندەك، دۆلەت مەسىلىلىرىدىكى ھۆكمىنىمۇ بىلىدىغان ئىسلام ئالىملىرىمىز. بىز بۇ يەرگە بىلىدىغانلىرىمىزنى جاكارلاش ئۈچۈن كەلگەنمىز. دۆلەت رەئىسلىرى ئۆزلىرىنىڭ چېگرالىرىنى ياخشى قوغداپ، ئىلىمنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇش كېرەككى، ئۇلار ھەق سۆزنى ياڭراتسۇن. سەن ئالىملارنى ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن چاقىردىڭ، ھەرگىزمۇ ھەرقانچە جار سالساڭمۇ ئۇلار توغرا تاپمايدىغان پىكىرىڭنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئەمەس. ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ھەققىدە ئاللاھتىن قورقايلى!».

دۆلەت رەئىسى چۆچۈپ كەتتى، ئاندىن شەيخكە قارشى پىكىردە بولغان بىرەر ئالىمنى ئىزدەپ باقتى – يۇ، ئۆزى بىلەن پىكىرداش ھېچكىمنى تاپالمىدى. چاقىرىلغانلارنىڭمۇ غۇرۇرى ۋە ۋىجدانى بار ئىدى، ئەلبەتتە. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەبۇ زەھرەنى قوللاپ ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى. يىغىنمۇ شۇ بىرىنچى نۆۋېتىدىلا تارقىتىۋېتىلدى. چۈنكى، دۆلەت ئىگىسى ئۆزىگە بىر قارا بوراننىڭ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى بولغاي، ئۇھ تارتقانچە ئاچچىقلىنىپ چىقىپ كەتتى.

ئۇستاز ئەججاج نۇۋەيھىز ھ. 1393 / م. 1973 – يىلى ماراكەشتە ئېچىلغان ئىسلام قۇرۇلتىيى توغرۇلۇق لىۋاننىڭ «ئەدىب» ژۇرنىلىدا مۇنداق دەيدۇ: «شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە مۇنبەرگە چىقىۋىدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا بويۇنلىرىنى سوزۇپ قارىشىپ كەتتى. ئاندىن ئۇ مۇھاكىمىسىنى باشلىدى، ھالبۇكى، ئۇنىڭ ساداسى ئەڭ گۈزەل تۈردە ياڭراۋاتاتتى، پىكىر چەشمىلىرىدىن ئابى شەربەتلەر بۇلدۇقلاۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇرۇپ بىرنەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا، شەرىئەت بوستانىنىڭ باغۋەنلىرىدىن بىرى بولمىش بۇ كىشى كۆزۈمگە، گويا بىر پارچە بۇلۇت ئىچىدە ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى.

ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرەنىڭ يۈرىكى روھانىي بىر بۇلاققا باغلانغان ئىدىكى، ئىخچام ۋە گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن ئىنچىكە مەنىلەرنى سۆزلەيتتى. مەن ئۇنى ئاۋغۇست ئېيىدا شەبنەم بىلەن سۇغۇرۇلۇپ، بالدىنمۇ شېرىن، كۈن نۇرى يەپ پىشقان بىر ساپاق ئۈزۈمگە ئوخشىتىمەن. مەن بۇ يەردە ئىمان بىلەن بىرگە لوگىكىنى كۆردۈم، ئەقىل ۋە نەقىل تەڭلا زېھىنلەرگە يول ئېلىۋاتاتتى. سىز كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ ئاڭلىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئاستا ھەرىكەتلىنىۋاتقان تىپتىنچ دېڭىزدا مېڭىۋاتقاندەك خىيال قىلىسىز. ئەبۇ زەھرە ۋەز – نەسىھەتنى ئەڭ گۈزەل يوسۇندا ئېلىپ باراتتى. سۆزلىرىگە ئايەت كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفنى يار قىلىپ، ئىبرەتلىك تارىخىي رېئاللىق بىلەن بېزەپ، سىزنى ئۆزى سۆزلەۋاتقان دەۋرگە ئېلىپ كېتەتتى. شۇ چاغدا سىز پۈتۈن دۇنيا ئىسلام بىلەن گۈزەل ئىكەن دەپ قالاتتىڭىز. ئۇ قەلبلەرگە تاڭ نۇرىدەك يالتىرىغان ئىماننى تىكەتتى».

ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئۇ توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

ئۇ توغرۇلۇق شەيخ مۇھەممەد غەززالىي مۇنداق دېگەن: «ھۆرمەتسىزلىك بولسىمۇ، شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە ھەققىدە شۇنداق دەيمىزكى، ئۇ — ئىماملار قاتارىدىكى بىر ئىمام بولۇپ فىقھتا پۇختا، ئىلمىدە ئىنچىكىدۇر. مۇستەبىت سىياسەتچىلەرگە مەنسىتمەسلىك بىلەن قارىغان، غۇرۇرى بىلەن مەردلەرچە ئۇلاردىن يۈزىنى ئۆرىگەن بۇ ئەركەك مۇشۇ دەۋر ئالىملىرىنىڭ گۈزەل ئۈلگىسى بولۇشقا ئەرزىيدۇ. مەن راستتىنلا شەيخ ئەبۇ زەھرەگە شاگىرت بولغان ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇن كۈرەشلىرىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان كۆپلىگەن كىشىلەردىن بىرىمەن. مەن ھەسرەت بىلەن تۇيۇۋاتىمەن ۋە كۆرۈۋاتىمەنكى، ھەر يېتۈك ئالىملىرىمىز غېرىبسىنغان ھالدا ياشىماقتا، ئۇلار بىرنەچچە كۈنلۈك بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ۋە ئەسلىمىلىرىگە قارا تۇپراق مۇڭداش بولماقتا.

مەن بەزى ئالىملارنىڭ جىنازىسىغا باردىم، بىر ھاياسىز چاقچاقچى ۋە ناخشىچىنىڭ جىنازىسىغا قوي پادىلىرىدەك نۇرغۇن ئىنسانلار ئەگىشىدىغان بىر پەيتتە، ئۇلارنىڭ جىنازىسىنى ئۇزىتىدىغانلارنىڭ ئازلىقى مېنى چۆچۈتىۋەتتى».

ئادۋۇكات ھەمزە دەئبەس مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە كۆپىنچە مىكرافوندا پىچىرلاپ تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇنداق دەيتتى: ‹بالىلار! ئاڭلاڭلار، مەن سىلەرگە ھازىر مەخپىي بىر گەپ دەيمەن، ھېچكىمگە تىنماڭلار… ›. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىكرافون ئارقىلىق 1955 – ، 1956 – ، 1957 – يىللىرىدىكى ئابدۇنناسىرنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارىتىپ ئوقلارنى ياغدۇراتتى. شۇ يىللاردا زالىم ئابدۇنناسىر ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقى چېكىگە يېتىپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ پىكرىگە قارشى بولغان ھەرقانداق كىشىنى قولغا ئېلىپ تۈرمىلەرگە سولىغان ۋە ئۇلارغا تۈرلۈك ۋەھشىيانە ئازابلارنى سالغان ئىدى».

ئۇستازىمىز ئەللامە ئەبۇ زەھرەگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئاللاھ ئۇنى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەسەن بەننا، ئابدۇلقادىر ئۇۋدە، مۇھەممەد فەرغەلى، سەييىد قۇتۇب، بەشىر ئىبراھىمىي، ئەمجەد زەھاۋى، مۇستافا سىبائى، ھەسەن ھۇزەيبى، مالىك ئىبنى نەبىي قاتارلىقلاردەك ئىلىم ۋە دەۋەت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئاللاھ ئۈچۈن ھەقىقىي جىھاد قىلىپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەن ئەمەلىيەتچان ئالىملار ۋە دەۋەتچىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلغاي! ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىرگە بىزگىمۇ رەھمەت قىلغاي، بىزنى ۋە ئۇلارنى سالىھ بەندىلىرى قاتارىدا توپلىغاي!

مەنبە: ئابدۇللاھ ئەقىيل سۇلايمان ئەلئەقىيل: «من أعلام الدعوة والحركة الإسلامية المعاصرة (ھازىرقى زامان ئىسلام دەۋىتى ۋە ھەرىكىتى سەرخىللىرىدىن)».

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

 

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ