Quranni_chüshinishning_usul - qa'idiliri_heqqide_qisqiche_izdinish

قۇرئاننى چۈشىنىشنىڭ ئۇسۇل – قائىدىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ئىزدىنىش

قۇرئاننى توغرا ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇنى چۈشىنىشتە ئاساس بولىدىغان قۇرئان ئىلىملىرى، قۇرئان تارىخى، تەفسىر ئۇسۇلى، تەفسىر تارىخى قاتارلىق ئىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەش، ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردىن باشلاپ قۇرئاننى تەفسىر قىلىش ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزكۇر نەزەرىيەۋى ئىلىملەر ئىنتايىن ئىنچىكە ئۇسلۇب بىلەن تەتبىقلانغان ھالدا تەئلىف قىلىنغان تەفسىرلەرنى تەگ – تېگىگە يېتىپ بىلەلەيدىغان بولۇش، قۇرئان ئىچىدە مەزمۇن جەھەتتىن بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق، بىر – بىرىنى ئىزاھلايدىغان ئايەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى بېكىتىشتە ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغان «سىياق (مەزمۇن، كونتېكىست)، سىباق (ئالدىدىكى مەزمۇن)، لەھاق (كەينىدىكى مەزمۇن)»تىن ئىبارەت يىپ ئۇچلىرىنى تېپىپ چىقىشنىڭ كويىدا بولۇش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن، ئەسھابلىرىدىن، تابىئىنلاردىن ۋە تەبەئى تابىئىنلاردىن رىۋايەت قىلىنغان تەفسىرلەرگە ۋە سەبەبى نۇزۇل (ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبلىرى) ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە لايىقىدا مۇئامىلە قىلالايدىغان بولۇش لازىم. بىز بۇ مەسىلىنى تۆۋەندە بىرقانچە مىسال ئارقىلىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئۆتەيلى:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:

— «ماڭا دوزاخ كۆرسىتىلگەن ئىدى، كۆردۈمكى دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپرەكى ئاياللاركەن، ئۇلار تانىدىكەن» [النِّسَاءُ يَكْفُرْنَ]

— ئۇلار ئاللاھقا تانامدىكەن؟ [أَيَكْفُرْنَ بِاللَّهِ؟]

— (ياق) ئۇلار ئەرگە ۋە قىلغان ياخشىلىققا تۇزكورلۇق قىلىدىكەن [يَكْفُرْنَ العَشِيرَ، وَيَكْفُرْنَ الإِحْسَانَ](1).

مەلۇمكى، بۇ ھەدىستىكى دىيالوگدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «النِّسَاءُ يَكْفُرْنَ / ئاياللاركەن، ئۇلار تانىدىكەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن بولغاچقا، ساھابەلەردىن بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ مەقسىتىنى ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن سورىغان. چۈنكى، سۆزنى ئېنىق چۈشەنگىلى بولمىسا ياكى خاتا چۈشىنىش كېلىپ چىقسا، توغرا ۋە ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن شۇ سۆزنى دېگۈچىدىن سوراش كېرەك.

ناۋادا «سىز نېمە دېمەكچى ئىدىڭىز؟» دەپ سوراش ئارقىلىق توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا، شۇ سۆزنى توغرا چۈشىنىشكە ياردىمى بولىدىغان باشقا ئامىللاردىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ نۇقتىدا مۇنۇ سوئاللارنى سوراشنىڭ چۈشەنچىدىكى غۇۋالىقنى يورۇتۇشتا، زەۋقنى يېڭىدىن قوزغاشتا، گال پىكىرلەرنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈشتە پايدىسى بار دەپ قارايمەن. مەسىلەن، ھەرقانداق ئايەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەكچى بولغىنىمىزدا، شۇ ئايەتتە «نېمە دېيىلگەنلىكى»، «كىمگە دېيىلگەنلىكى»، «قانداق ئۇسلۇبتا دېيىلگەنلىكى»، «نېمە ئۈچۈن دېيىلگەنلىكى»، «قاچان ۋە قەيەردە دېيىلگەنلىكى» دېگەندەك سوئاللارنى ئەقلىمىزگە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

«مانا مۇشۇنداق سوئاللار ئايەتلەرنى توغرا ھەم ئېنىق چۈشىنىشتە بىزنى ساغلام مېتود بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق توغرا نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ» دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، مەزكۇر سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى قۇرئان ئىلىملىرى ۋە تەفسىر ئۇسۇلى قاتارلىق ئاساسىي ئىلىملەر جەملەنگەن مەنبە كىتابلاردا ۋە كىلاسسىك تەفسىرلەردە ئىنچىكە تەھلىل قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ نۇقتىنى تۆۋەندىكى مىسالدا تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋېلىشىمىز مۇمكىن:

مەلۇمكى، «كفر» كەلىمىسى قۇرئاندا 504 ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ كەلىمە: 1) «يۆگىمەك، ياپماق»، 2) شۈكۈر ئېيتىشقا زىت مەنىدە «تۇزكورلۇق قىلماق»، 3) ئىمان ئېيتىشقا زىت مەنىدە «ئىنكار قىلماق، تانماق، كاپىر بولماق» قاتارلىق مەنىلەردە كەلگەن. بۇ كەلىمىنىڭ بەزى ئايەتلەردە مەزكۇر مەنىلەردىن قايسىبىرىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە يۇقىرىدىكى سوئاللارغا جىددىي ئېھتىياج بار.

مەسىلەن، ﴿وَفَعَلْتَ فَعْلَتَكَ الَّتِي فَعَلْتَ وَأَنتَ مِنَ الْكَافِرِينَ / سەن ھېلىقى قىلغان ئىشىڭنى قىلمىدىڭمۇ؟ (يەنى قىبتىنى ئۆلتۈرمىدىڭمۇ؟) سەن كاپىرلاردىنسەن﴾ دېگەن ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ﴿الْكَافِرِينَ / كاپىرلار﴾ كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇشبۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى بىلىش لازىم.

س: بۇ سۆزنى كىم دېگەن؟

ج: پىرئەۋن.

س: بۇ سۆز كىمگە دېيىلگەن؟

ج: مۇسا ئەلەيھىسسالامغا.

س: بۇ سۆز قاچان ۋە قەيەردە دېيىلگەن؟

ج: مۇسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن مىسىرغا قايتىپ كېلىپ، پىرئەۋننى ئاللاھقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن سارىيىغا بارغان ۋاقىتتا، شۇ جايدا دېيىلگەن.

س: بۇ سۆز نېمە ئۈچۈن دېيىلگەن؟

ج: مۇسا ئەلەيھىسسالام مىسىردىن قېچىپ كېتىشتىن ئىلگىرى سەۋەنلىكتىن بىر قىبتىيلىك كىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ دېيىلگەن(2).

دېگىنىمىزدەك، بۇ ئايەتتە مەزكۇر سوئاللارنى تەھلىل قىلمىغان تەقدىردە، ﴿الْكَافِرِينَ / كاپىرلار﴾ كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بەك قىيىنغا توختايدۇ. ئەمما، مەزكۇر سوئاللارغا جاۋاب بېرىلگەندە، مەقسەت ئايدىڭ بولۇپ، ﴿الْكَافِرِينَ / كاپىرلار﴾ كەلىمىسىدىن كۆزدە تۇتۇلغان مەنىنىڭ «ئىنكار قىلىش، كاپىر بولۇش» ئەمەس، بەلكى «شۈكۈر»گە زىت مەنىدىكى «تۇزكورلۇق» كۆزدە تۇتۇلغانلىقى مۇئەييەنلىشىدۇ. چۈنكى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بوۋاقلىقىدىن باشلاپ پىرئەۋننىڭ سارىيىدا چوڭ بولغان. پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى بېقىپ چوڭ قىلغان. بۇنداق بولغان ئىكەن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى كىچىكىدىن بېقىپ چوڭ قىلغان كىشىگە مىننەتدارلىق يۈزىسىدىن تەشەككۈر ئېيتىشى كېرەك ئىدى. نەتىجىدە بۇ ئايەتنىڭ: ﴿سەن ئاخىرى قىلغۇلۇقۇڭنى قىلدىڭ (يەنى قىبتىيلىك بىر ئادىمىمىزنى ئۆلتۈردۈڭ(، سەن تۇزكورلاردىنسەن﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 19) دېگەن مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.

دېمەك، قۇرئاندىن بىرەر ئايەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەكچى بولغان كىشى ئاۋۋال كاللىسىغا مۇنداق بىرقانچە سوئاللارنى كەلتۈرۈشى كېرەك:

1. ئايەتتىكى بۇ سۆزنى كىم دېگەن؟

يەنى بۇ سۆزنى ئەسلى دېگۈچى كىم؟

ئېنىقكى، بۇنىڭ جاۋابىدا «ئاللاھ» دېيىلىدۇ. ئەمما، بۇ سوئالدا سورالماقچى بولغىنى، «ئاللاھ تائالا بۇ سۆزنى ئۆز نامىدىن دېگەنمۇ ياكى باشقىلارنىڭ نامىدىن خەۋەر قىلغانمۇ؟» دېگەن سوئال ئارقىلىق سۆزنىڭ ئەسلى ئىگىسىنى بىلىش كۆزدە تۇتۇلغان. چۈنكى، سۆزنىڭ ئەسلى ئىگىسى بىلىنمىگەن تەقدىردە، ئايەتلەر لايىقىدا چۈشىنىلمەي، توغرا چۈشەنچە ھاسىل بولماي قالىدۇ. شۇڭا، مۇفەسسىرلەر تەفسىرلىرىدە بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن.

مەسىلەن: ﴿قَالَ إِنَّهُ مِنْ كَيْدِكُنَّ إِنَّ كَيْدَكُنَّ عَظِيمٌ / ئەي ئاياللار جامائەسى! بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردىن بىرىدۇر، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر، دېدى﴾(12/«يۈسۈف»: 28). يەنى بۇ سۆز ئەزىزنىڭ ياكى گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە پەقەت ئۇنىڭ شۇ ۋەقەدە بولۇنغان گەپلىرىنى خەۋەر قىلغان. ئۇنداقتا بۇ ئايەتتىكى «ئەي ئاياللار جامائەسى! بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردىن بىرىدۇر، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر» دېگەن سۆزنى ئەسلى دېگۈچى مىسىر ئەزىزى ياكى نەق مەيداندىكى بىرەر گۇۋاھچىدۇر.

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە: ﴿إِنَّ كَيْدَ الشَّيْطَانِ كَانَ ضَعِيفًا / شەكسىزكى، شەيتاننىڭ ھىيلىسى ئاجىزدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 76) دېگەن بولۇپ، بۇ ئايەتتە شەيتاننىڭ ھىيلە – مىكرىنىڭ ئاجىز دېيىلىشى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَأُمْلِي لَهُمْ إِنَّ كَيْدِي مَتِينٌ / ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، (يەنە ئەقىل – ھوشىنى تاپمىسا) مېنىڭ ئازابىم بەك قاتتىقتۇر﴾(7/«ئەئراف»: 183) دېگەن سۆزىگە قارىتا دېيىلگەن. چۈنكى، ھەر ئىككى سۆزنى دېگۈچى زات ئاللاھتۇر. بەزى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك: ﴿إِنَّ كَيْدَكُنَّ عَظِيمٌ / سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر ﴾ دېگەن سۆزگە قارىتا دېيىلگەن ئەمەس. چۈنكى، بۇ سۆزنى دېگۈچى زۇلەيخانىڭ ئېرى ئەزىز ياكى گۇۋاھچىدۇر. مەلۇمكى، ئىنسانلار خاھلىغان نەرسىلەرنى كۆپتۈرۈپ بەك چوڭ ھېس قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، «ئاللاھ تائالا شەيتاننىڭ ھىيلە – مىكرىنى ئاجىز دېگەن بولسا، ئاياللارنىڭ ھىيلە – مىكرىنى ھەقىقەتەن چوڭ دېگەن» دەپ ئىككىسىنى بىر – بىرىگە قىياس قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇۋېتىش توغرا بولمايدۇ. مۇشۇنداق گەپلەرنى كۆپىنچە ۋائىز قېرىنداشلارنىڭ تەبلىغلىرىدە ئاڭلاپ قالىمىز.

يەنە بىر مىسال ئالىدىغان بولساق: ﴿قَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِ فِرْعَوْنَ إِنَّ هَذَا لَسَاحِرٌ عَلِيمٌ / پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن»﴾(7/«ئەئراف»: 189) دېگەن ئايەتتە ئاللاھ تائالا پىرئەۋن تەۋەلىرىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە دېگەن سۆزىنى خەۋەر قىلغان. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى بۇ سۆزى توغرا ئەمەس ئىدى. يۇقىرىدىكى ئەزىز ياكى گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن پىرئەۋن تەۋەلىرىنىڭ دېگەن سۆزى ئوخشاش بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى ئىنسانلار تەرىپىدىن دېيىلگەن، ئەمما ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇرئان كەرىمدە خەۋەر قىلغان.

دېمەك، بۇ شەكىلدىكى ئايەتلەرنىڭ ئارىلىرىدىكى ئىنچىكە نۇقتىلارنى پەرقلەندۈرۈش ئايەتلەرنى ئۆز ئورنىدا قويۇشتا ۋە توغرا چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

2. قۇرئان بۇنى كىمگە دېگەن؟

يەنى قۇرئان بۇ سۆزنى كىمگە قارىتىپ دېگەن؟

ھەرقانداق سۆز ئادەتتە مۇئەييەن كىشى ياكى ھادىسە كۆزدە تۇتۇلۇپ دېيىلىدۇ ياكى يېزىلىدۇ. شۇڭا، سۆزنى توغرا ۋە ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن، شۇ سۆزنىڭ كىمگە دېيىلگەنلىكىنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، ئايەتلەرنىڭ كىم ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىك ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىشتە ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ھەتتا، ئايەتلەرنى ئۆز ئورنىدا قويۇپ چۈشەنمەسلىك مۇشرىك، يا كاپىر، يا ئەھلى كىتاب، يا مۇناپىقلار ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان ئايەتلەرنى مۇسۇلمانلارغا تەتبىقلاشتەك ئېغىر پاجىئەلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە خىتاب ئوبيېكتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ئايەتلەرنى توغرا ۋە ئېنىق چۈشىنىشتە قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ﴿وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ / كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر﴾(5/«مائىدە»: 44) دېگەن ئايەت ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.

بۇ ئايەتنىڭ قارىماققا يۈزەكى مەنىسىدىن ئىپادىلىنىشىچە، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار ھەققىدە بىر ھۆكۈم بېكىتىلىش بىلەن بىرگە، بۇ جىنايەتنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئەمدى بۇ ئايەتنى كونكرېت چۈشىنىش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى سوئاللارنى تەكرارلاپ باقايلى:

قۇرئان بۇ سۆزنى كىمگە دېگەن؟ يەنى كىملەرگە قارىتىپ دېگەن؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ھەققىدە ئىمام تەبەرىينىڭ (ۋ. ھ. 310 / م. 922) تەفسىرىگە ئىنچىكە نەزەر سالايلى:

ئىمام تەبەرىي رەھىمەھۇللاھ مەزكۇر ئايەتنىڭ ئوبيېكتلىرى ھەققىدە كەلگەن خىلمۇخىل رىۋايەتلەرنى بىر – بىرلەپ نەقىل قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئايەتنىڭ (سىباق ۋە لەھاق)ىغا يەنى ئايەتنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئۇرانىغا تايىنىپ، «بۇ ئايەت ئەھلى كىتابلارنىڭ كاپىرلىرى ھەققىدە نازىل بولغان» دېگەن قاراشنىڭ ئەڭ توغرا ۋە كۈچلۈك قاراش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى، بۇ ئايەتنىڭ ئالدى – كەينى ئەھلى كىتابلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى بايان قىلماقتا.

ئىمام تەبەرىينىڭ قارىشىچە، ئاللاھنىڭ كىتابى تەۋراتتا نازىل قىلىنغان ھۆكۈمنى يوشۇرغانلار، ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈملەر بويىچە ھۆكۈم قىلماي، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئۆزگەرتىپ بۇرمىلىغانلار ئەھلى كىتابنىڭ كاپىرلىرىدۇر، مۇسۇلمانلار ئەمەس. ئۇ يەنە مەزكۇر ئايەت ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمنى ئىنكار قىلىپ، تانغان ھالدا، ئۇنىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشىلەرنى ئوبيېكت قىلغان بولسىمۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرقانداق كىشى ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمنى ئىنكار قىلىپ، تانغان ھالدا، ئۇنىڭ نازىل قىلغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلمىغان بولسا، ئاللاھقا كاپىر بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن(3).

دېمەك، مەزكۇر ئايەت ئەھلى كىتابنىڭ كاپىرلىرى ھەققىدە نازىل بولغان بولسىمۇ، ئايەتنىڭ ھۆكمى شۇلارغىلا خاس دەپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، سەۋەبنىڭ خاسلىقى ھۆكۈمنىڭ ئومۇمىيلىقىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقى مۇفەسسىرلەرنىڭ كۆپ سانلىقى بىرلىككە كەلگەن بىر قائىدىدۇر. شۇڭا، ئايەتنىڭ ھۆكمى مۇسۇلماننىمۇ، ئەھلى كىتابنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىمام تەبەرىي رەھىمەھۇللاھ مەزكۇر ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلغانلارنىڭ كىملىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق ﴿الْكَافِرُونَ﴾ كەلىمىسىنىڭ «ئاللاھقا كاپىر بولغۇچى» دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئايەتنى «كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمنى ئىنكار قىلىپ، تانغان ھالدا، ئۇنىڭ ھۆكمى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇ ئاللاھقا كاپىر بولىدۇ»(4) دەپ تەفسىر قىلغان ھەمدە ﴿الْكَافِرُونَ﴾ كەلىمىسىنى «ئىنكار قىلىش، تېنىش» كەلىمىسى بىلەن قەيت قىلغان.

ئىبنۇلجەۋزىي (ۋ. ھ. 597 / م. 1201)، ئىمام قۇرتۇبىي (ۋ. ھ. 671 / م. 1272)، نەسەفىي (ۋ. ھ. 710 / م. 1310)، ئىبنى كەسىر (ۋ. ھ. 774 / م. 1373) قاتارلىق كۆپ سانلىق مۇفەسسىرلەر مەزكۇر ئايەتنى ئىمام تەبەرىينىڭ قارىشى بويىچە تەفسىر قىلغان.

بەزى مۇفەسسىرلەر مەزكۇر ئايەتنىڭ مۇسۇلمانلار ھەققىدە نازىل بولغانلىقىنى يەنى ئايەتنىڭ ئوبيېكتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ خىل تەفسىرنى ياقىلىغۇچى ئۆلىمالار ﴿الْكَافِرُونَ﴾ كەلىمىسىنى «جاحدا به / ئىنكار قىلىش، تېنىش» كەلىمىسى بىلەن قەيتلىك ھالدا تەفسىر قىلماي، ﴿الْكَافِرُونَ﴾ كەلىمىسىدىن «ئاللاھقا كاپىر بولغۇچى» دېگەن مەنىنىڭ كۆزدە تۇتۇلمايدىغانلىقىنى، بەلكى مۇسۇلماننى ئىسلامدىن تامامەن چىقىرىۋەتمەيدىغان، ئەمەل جەھەتتە كۇپرى ھېسابلىنىدىغان (كفر دون كفر) مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى دېگەن. چۈنكى، ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈم بويىچە ھۆكۈم قىلماسلىق ئېغىر گۇناھ بولۇپ، ئەھلىسۈننەت ۋەلجەمائەنىڭ قارىشىدا بىر مۇسۇلمان بىرەر گۇناھنى ھالال ساناپ قىلمىغان بولسا، ئۇ گۇناھنى قىلىش بىلەن كاپىر بولمايدۇ.

ئىمام جەسساس (ۋ. ھ. 370 / م. 981)، فەخرۇددىن ئەررازىي (ۋ. ھ. 606 / م. 1209)، قۇرتۇبىي (ۋ. ھ. 671 / م. 1272)، ئەبۇ ھەييان ئەندەلۇسىي (ۋ. ھ. 745 / م. 1344)، ئالۇسىي (ۋ. ھ. 1217 / م. 1802) قاتارلىق كاتتا مۇفەسسىرلەر خاۋارىجلارنىڭ مەزكۇر ئايەتنى يۈزەكى مەنىسى بويىچىلا تەفسىر قىلىپ، «ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈم بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار، شۇنداقلا ھەرقانداق چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلار كاپىر بولىدۇ» دەپ دەۋا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان(5).

بۇ مىسالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئايەتلەرنىڭ ئوبيېكتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئايەتلەرنى توغرا ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئوبيېكتلار مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەندە، توغرا چۈشەنچە ھاسىل بولمايدۇ، ئايەتلەر ئۆز ئورنىدا قويۇلمايدۇ، نەتىجىدە خاۋارىجلارغا ئوخشاش كاپىرلار ھەققىدىكى ئايەتنى يۈزەكى مەنىسىگە ئېسىلىپلا بىۋاسىتە مۇسۇلمانلارغا تەتبىقلايدىغان ئېغىر خاتالىقلار سادىر بولىدۇ.

3. قۇرئان بۇنىڭ بىلەن نېمە دېمەكچى؟

قۇرئاندىكى بىر ئايەتنىڭ ئىنسانلارغا نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى ۋە دېمەكچى بولغان ئاساسىي تېما نېمىلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئايەتلەرنى توغرا ۋە ئەتراپلىق چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئايەتلەردىن كۆزدە تۇتۇلغان ئاساسىي تېمىلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ مۇئەييەنلەشتۈرمەي تۇرۇپ، تەفسىر ياكى تەرجىمە قىلغۇچىلار ئايەتلەرنىڭ تەفسىرىدە ئۇ يەردىن – بۇ يەردىن ھەر خىل گەپلەرنى تېرىپ – تۆشەپ ئەكېلىپ توشقۇزۇۋەتسىمۇ، ئايەتلەردە دېيىلمەكچى بولغان ئاساسىي تېمىنى يورۇتۇپ بېرەلمىسە، گەپلىرىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ، تەفسىر ساھەسىدە ھېچقانداق ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. شۇڭا، مۇفەسسىرلەر بەزى تەفسىرلەرگە باھا بېرىپ «فيه كل شيء إلا التفسير / ئۇنىڭدا تەفسىردىن باشقا ھەممە نەرسە بار» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئايەتلەردە قوللىنىلغان كەلىمىلەرنى ئەرەب تىلى نۇقتىسىدىن يۈزەكى بىلگەندەك قىلغان بىلەن، ماھىيەتتە چۈشەنگەن ھېسابلانمايدۇ.

ئەدىي ئىبنى ئەبى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿تاكى سىلەرگە تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 187) دېگەن ئايەتى نازىل بولغاندا، مەن بىر تال قارا تانا بىلەن بىر تال ئاق تانىنى ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا قويۇۋېلىپ، كېچىچە قاراۋەرگەن بولساممۇ، ماڭا ئېنىق كۆرۈنمىدى، شۇڭلاشقا ئەتىگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ زاتقا بۇ ئىشنى سۆزلەپ بەرسەم، رەسۇلۇللاھ: ‹ئۇ دېگەن كېچىنىڭ قارىلىقى بىلەن كۈندۈزنىڭ ئاقلىقى› دېدى»(6).

بۇ ھەدىستىن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىمىزدەك، ئايەتلەرنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئايەتلەرنى توغرا چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم. بىر سۆزنىڭ لۇغەتتىكى يۈزەكى مەنىسىنى بىلگىنىمىزگە تايىنىپلا تەفسىر ياكى تەرجىمە قىلىشقا تەمشىلىپ، شۇ سۆزنى دېگۈچىنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىسەك، ئەنە شۇنداق خاتالىقلار قەدەمدە بىر يۈز بېرىشى تۇرغانلا گەپ.

مەسىلەن، ﴿بَلَى مَنْ كَسَبَ سَيِّئَةً وَأَحَاطَتْ بِهِ خَطِيئَتُهُ فَأُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ﴾(2/«بەقەرە»: 81). بۇ ئايەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى شۇكى، يەھۇدىيلار «بىز مەيلى نېمىلا قىلمايلى، يەھۇدىي بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا دوزاخنىڭ ئوتى بىزگە يېقىنمۇ كەلمەيدۇ. ناۋادا دوزاخقا كىرىش پەرەز قىلىنغان تەقدىردە، دوزاخ ئوتى بىزنى پەقەت موزايغا چوقۇنغان كۈن مىقدارى يەنى 40 كۈنلا كۆيدۈرىدۇ» دەپ قارىشاتتى. بۇ ئايەت يەھۇدىيلار ئىچىدىكى ئۆلىمادىن تارتىپ ساۋاتسىزغىچە كۆپىنچە كىشىلەر مۇپتىلا بولغان مەزكۇر خاتا ئەقىدىگە رەددىيە بېرىپ، «كىم بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر، كىمكى دىننىڭ تەلىماتلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاللاھقا شىرك قوشىدىكەن، پەيغەمبەرگە كاپىر بولىدىكەن ھەمدە شۇنداق گۇناھلارغا چۆمۈپ تەۋبە قىلماي مۇشرىك ۋە كاپىر ھالىتىدە ئۆلىدىكەن، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ» دېگەن مەزمۇننى مەركەز قىلغان.

ئەمدى بىز بۇ ئايەتنى ﴿ئۇنداق ئەمەس (سىلەرنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرىدۇ)، گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ﴾ دەپ تەفسىر ياكى تەرجىمە قىلساق، ئايەتتە دېيىلمەكچى بولغان ئاساسىي مەزمۇن ئىپادىلىنەمدۇ؟ ياق، ئىپادىلەنمەيدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى ﴿هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ﴾ دېگەن جۈملىگە ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟ ياق، كەلمەيدۇ. ھەتتا، ئەھلىسۈننەت ۋەلجەمائە ئەقىدىسى نۇقتىسىدىنمۇ مەزكۇر تەرجىمە توغرا مەزمۇننى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە ﴿سَيِّئَةً﴾ كەلىمىسى گۇناھ مەنىسىدە ئەمەس، بەلكى شىرك مەنىسىدە كەلگەن. شۇڭا، بۇ ئايەتنى تەفسىر ياكى تەرجىمە قىلغاندا، ﴿ئۇنداق ئەمەس (سىلەرنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرىدۇ)، ئاللاھقا شىرك قوشقان ۋە گۇناھقا چۆمۈپ (تەۋبىسىز ئۆلۈپ) كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ﴾ دەپ تەرجىمە قىلىنسا، ئايەتتە دېيىلمەكچى بولغان مەزمۇنغا بەكرەك ئۇيغۇن بولىدۇ.

4. قۇرئان بۇنى قانداق ئۇسلۇبتا دېگەن؟

قۇرئان مەقسەت ۋە مۇرادىنى قانداق ئۇسلۇبتا ئىپادىلىگەن؟

بىر سۆزنىڭ قانداق ئۇسلۇبتا دېيىلگەنلىكى ۋە قايسى شەكىلدە ئىپادىلەنگەنلىكىنى بىلىش شۇ سۆزنىڭ تىلىنى ۋە ئەدەبىي سەنئەتلىرىنى پىششىق بىلىشكە باغلىق. «قۇرئان بىر سۆزنى قانداق ئۇسلۇبتا دېگەن؟» دەيدىغان سوئالنى قويغىنىمىزدا، دەرھال كاللىمىزغا كېلىدىغىنى قۇرئاندىكى قىسسەلەر، مىساللار، مەجازلار، ئىستىئارىلەر، كىنايىلەر، تەشبىھلەر، تەمسىللەر ۋە تەكرارلار دېگەندەك تىل سەنئەتلىرىدۇر. دەرۋەقە، بۇ سەنئەتلەرنىڭ ئەرەب تىلىدا قانداق قوللىنىلغانلىقىنى بىلىش بۇ سەنئەتلەرنى قوللانغان قۇرئان كەرىمنىڭ مەقسىتىنى قانداق ئۇسلۇبتا ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلىش دېمەكتۇر. ئىمام مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بىر كىشى ئەرەب تىلىنى بىلمىسە، ئاللاھنىڭ كىتابى ھەققىدە سۆز قىلىشى (يەنى تەفسىر ياكى تەرجىمە قىلىشى) توغرا بولمايدۇ» دېگەن(7). مانا بۇ تىل سەنئەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ يەتكەن قەدىمكى ئۆلىمالار قۇرئان تىلى بولغان ئەرەب تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە بالاغەتلىرىگە ئالاقىدار ئىنتايىن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن. بولۇپمۇ «ئىئجازۇل قۇرئان» مەسىلىسىنى تېخىمۇ يورۇتۇش ئۈچۈن «ئىلمۇل مەئانىي»، «ئىلمۇل بەيان»، «ئىلمۇل بەدىئ» قاتارلىق سۆز سەنئەتلىرى ھەققىدە ناھايىتى بۈيۈك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان.

قۇرئاندىكى سۆز سەنئەتلىرى ھەققىدە پىششىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۇنىڭ بىزگە نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى، مەقسەت ۋە مۇرادىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشتە قانچىلىك مۇھىملىقى ئىلىم ئەربابلىرىغا مەلۇمدۇر. شۇ ۋەجىدىن، ھىجرىيە توققۇزىنچى ئەسىردە ياشىغان تەفسىر ئۇسۇلى ئۆلىمالىرىدىن مۇھيىددىن ئەلكافىيەجىي (ۋ. ھ.897 / م. 1478) نىڭ قۇرئاننى تەفسىر قىلىش ئۈچۈن كېتەرلىك ئىلىملەردىن قايسى خىل ئىلىملەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتۈش ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايمەن:

1) لۇغەت ئىلمى، 2) ئىشتىقاق ئىلمى، 3) سەرف ئىلمى، 4) نەھۋى ئىلمى، 5) مەئانىي ئىلمى، 6) بەيان ئىلمى، 7) بەدىئ ئىلمى، 8) قىرائەت، 9) ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبلىرى، 10) ئاسار ۋە ئەخبار ئىلىملىرى، 11) سۈننەت ئىلمى، 12) ناسىخ ۋە مەنسۇخ، ئومۇم ۋە خۇسۇس، مۇجمەل ۋە مۇبەييەن، مۇھكەم ۋە مۇتەشابىھ، زاھىر ۋە مۇئەۋۋەل، مەنتۇق ۋە مەفھۇم، ئىقتىزاﺋ، ئىشارەت، دەلالەت، ئىجماﺋ، قىياس فىقھ ئۇسۇلى ئىلمى، 13) فىقھ ۋە ئەخلاق ئىلمى، 14) كالام ئىلمى، 15) ئىلمىگە ئەمەل قىلغانلارغا بېرىلىدىغان مەۋھىبە ئىلمى قاتارلىقلار(8).

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى، قۇرئان تەفسىرى ئۈچۈن كېتەرلىك يۇقىرىدىكى 15 تۈرلۈك ئىلىمدىن سەككىزى (لۇغەت، ئىشتقاق، سەرف، نەھۋى، مەئانىي، بەيان، بەدىئ، قىرائەت، فىقھ ئۇسۇلى) تىل ئىلىملىرىگە ئالاقىدار قىسىملاردۇر.

مەزكۇر ئىلىملەر قۇرئاننى چۈشىنىش ئۈچۈن بىلىشكە تېگىشلىك ئىلىملەر بولۇپ، بۇ ئىلىملەرنى بىلمەي تۇرۇپ، بىر ئادەمنىڭ قۇرئاننى توغرا ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا، قۇرئاننىڭ جۈملە ۋە سۆز تىزىقلىرىغا يوشۇرۇنغان مۆجىزىلەرنى بىلىپ يېتەلمەيدىغانلىقىمۇ ئېنىق. چۈنكى، قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىرى ۋە بۈيۈك سىرلىرى ئىمام ئابدۇلقاھىر ئەلجۇرجانىي (ۋ. ھ. 471 / م. 1078) ئېيتقاندەك ئۇنىڭ سۆز تىزىقلىرىغا سىڭدۈرۈلگەن.

ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە ياشىغان ماھىر يازغۇچى، تالانتلىق ئەدىب ئىبنى مۇقەففەئمۇ «قۇرئانغا ئوخشاش كىتاب يازىمەن» دەپ دەۋا قىلىپ، قۇرئان ئايەتلىرىدىن ﴿وَقِيلَ يَا أَرْضُ ابْلَعِي مَاءَكِ وَيَا سَمَاءُ أَقْلِعِي وَغِيضَ الْمَاءُ وَقُضِيَ الْأَمْرُ وَاسْتَوَتْ عَلَى الْجُودِيِّ﴾(11/«ھۇد»: 44) دېگەن ئايەتنى ئاڭلاپ، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى يېزىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قەغەزلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆز قىلمىشىدىن نومۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن(9). مانا بۇ ئوخشىشىنى يېزىش مۇمكىن بولمايدىغان مۇكەممەللىككە ئىگە، پاساھەت ۋە بالاغەتتە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە بولغان ئاللاھنىڭ كىتابىنى مەزكۇر ئەرەب تىلى سەنئەتلىرىنى پىششىق بىلگەندىلا ئەتراپلىق ھەم توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئەللامە زەمەخشەرىي (ۋ. ھ. 538 / م. 1143): «مەئانىي ۋە بەيان ئىلىملىرىدە پىششىق ئالىم بولمىغان كىشى قۇرئان ھەقىقەتلىرىنىڭ تېگىگە چوڭقۇر شۇڭغۇيالمايدۇ (يەنى ھەقىقەت دېڭىزىنىڭ تېگىگە چوڭقۇر شۇڭغۇپ ئۈنچە – مەرۋايىتلارنى سۈزۈپ چىقالمايدۇ)» دېگەن(10).

ئوسمانىيلار خىلافەت دەۋرىنى ئالساق، ئوسمانىيلار مائارىپ سىستېمىسى ئوقۇتۇش پىروگراممىلىرىنى مەزكۇر ئىلىملەر ئاساسىدا تۈزۈپ چىققان بولغاچقا، تەفسىرى كەششاف ۋە تەفسىرى قازىي بەيزاۋى كەبى بۈيۈك تەفسىرلەرنى تەگ – تېگىگە يېتىپ چۈشىنەلەيدىغان ئۆلىمالار يېتىشىپ چىقىپلا قالماي، «ئىرشادۇل ئەقلىسسەلىم» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەفسىرنىڭ مۇئەللىپى، شەيخۇلئىسلام ئەبۇسسۇئۇد ئەپەندىگە ئوخشاش دەۋر ھالقىغان مۇفەسسىرلەر يېتىشىپ چىققان.

قۇرئاندا قوللىنىلغان ئەرەب تىلى سەنئەتلىرىگە رىئايە قىلماي، تەفسىر ياكى تەرجىمە قىلىشقا زورۇققاندا، قانداق خاتالىقلارنىڭ سادىر بولىدىغانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتۈش پىكىر يۈرگۈزۈش نۇقتىسىدىن مۇھىم. شۇڭا، كۈنىمىزدىكى بەزى قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرىدە يۈز بەرگەن خاتالىقلاردىن بىرقانچە مىسال كۆرسىتىپ ئۆتۈشنى ئوقۇرمەنلەرگە پايدىلىق دەپ قارايمەن:

مائىدە / 20 – ئايەت؛ ﴿وَجَعَلَكُمْ مُلُوكًا﴾ «ئاللاھ سىلەرنى پادىشاھلار قىلدى…»

توغرىسى: «ئاللاھ سىلەرنى ھۆر ئىنسانلار (يەنى ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلارغا خوجا) قىلدى». بۇ ئايەتتە ﴿مُلُوكًا﴾ كەلىمىسىدىن مەجازىي مەنە كۆزدە تۇتۇلغان.

زۇخرۇف/3 – ئايەت؛ ﴿إِنَّا جَعَلْنَاهُ قُرْآَنًا عَرَبِيًّا لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ﴾ «سىلەرنى (ئۇنىڭ مەنىسىنى) چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق…»

توغرىسى: «سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان ھالىتىدە نازىل قىلدۇق». بۇ ئايەتتە ﴿جَعَلْنَاهُ﴾ كەلىمىسى «نازىل قىلدۇق» دېگەن مەنىدە تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك.

نەھل/92 – ئايەت؛ ﴿وَلَا تَكُونُوا كَالَّتِي نَقَضَتْ غَزْلَهَا مِنْ بَعْدِ قُوَّةٍ أَنْكَاثًا تَتَّخِذُونَ أَيْمَانَكُمْ دَخَلًا بَيْنَكُمْ أَنْ تَكُونَ أُمَّةٌ هِيَ أَرْبَى مِنْ أُمَّةٍ﴾ «سىلەر پىششىق ئېگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار. بىر جامائە (سان ۋە مال ـ مۈلۈك جەھەتتە) يەنە بىر جامائەدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىسىلەر…»

توغرىسى: «بىر جامائە (سان ۋە مال ـ مۈلۈك جەھەتتە) يەنە بىر جامائەدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئاراڭلاردا ئالدامچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىپ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزماڭلار، يىپىنى پىششىق ئېگىرگەندىن كېيىن، چۇۋۇپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتكەن (ئەخمەق) خوتۇندەك بولماڭلار». بۇ ئايەتتە ﴿تَتَّخِذُونَ أَيْمَانَكُمْ﴾ كەلىمىسى ﴿وَلَا تَنْقُضُوا الْأَيْمَانَ﴾ كەلىمىسىنىڭ ھالىتىنى بايان قىلىپ كەلگەن.

يۈسۈف/31 – ئايەت؛ ﴿وَأَعْتَدَتْ لَهُنَّ مُتَّكَأً﴾ «ئۇلارغا (يۆلىنىدىغان) تەكىيە – ياستۇقلارنى تەييارلىدى…»

توغرىسى: «ئۇلارغا يۆلىنىدىغان تەكىيە – ياستۇقلارنى تەييارلاتقۇزدى».

تەۋبە/67 – ئايەت؛ ﴿نَسُوا اللَّهَ فَنَسِيَهُمْ﴾ «ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھنىڭ تائىتىنى تەرك ئەتتى)، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى)…»

توغرىسى: «ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تەرك ئەتتى)، شۇنىڭغا يارىشا ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن مەھرۇم قىلدى». بۇ ئايەتتىكى ئىككى پېئىل ئارىسىدا «مۇشاكەلە (شەكىلداش قىلىش)» سۆز سەنئىتى بار. شۇڭا، ﴿وَمَا كَانَ رَبُّكَ نَسِيًّا / پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئۇنتۇمايدۇ﴾ دېگەن ئايەتكە ئاساسەن، بۇ ئايەتنى «ئاللاھمۇ ئۇنتۇدى» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ.

زۇھا/7 – ئايەت؛ ﴿وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَى﴾ «قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟…»

توغرىسى: «سېنى دىنىي ھۆكۈملەردىن خەۋەرسىز بىلىپ (ۋەھىي ئارقىلىق توغرا يولغا) ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟» دەپ تەرجىمە قىلىش ﴿وَإِنْ كُنْتَ مِنْ قَبْلِهِ لَمِنَ الْغَافِلِينَ / بۇنىڭدىن بۇرۇن سەن بۇلاردىن بىخەۋەر ئىدىڭ﴾ دېگەن ئايەتنىڭ ئىشارىتىگە ئاساسەن، ﴿ضَالًّا﴾ كەلىمىسىنى «دىنىي ھۆكۈملەردىن خەۋەرسىز» دەپ تەرجىمە قىلىش بەكرەك مۇناسىپتۇر.

بۇ تېمىدا قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنىشنىڭ سۆز سەنئەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك مىساللارنى ئېلىشنى ئويلىغانىدىم. ئەمما، تېمىنى بەك ئۇزارتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى بىرقانچە مىسال بىلەنلا كۇپايىلەندىم.

5. قۇرئان بۇنى قەيەردە ۋە قاچان دېگەن؟

ھەرقانداق سۆزنىڭ مۇئەييەن ئوبيېكتى بولغاندەك، مۇئەييەن بىر ئورۇن ھەم مۇئەييەن بىر ۋاقىتتا دېيىلگەن بولۇشىمۇ ئېنىق. مەلۇمكى، قۇرئان كەرىم مۇئەييەن ۋاقىتتا نازىل بولۇشقا باشلىدى ۋە مۇئەييەن ۋاقىتتا ئاخىرلاشتى، يەنى قۇرئان كەرىم 12 يىل، بەش ئاي، 13 كۈن مەككەدە؛ توققۇز يىل، توققۇز ئاي، توققۇز كۈن مەدىنەدە نازىل بولۇپ جەمئىي 23 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە نازىل بولغان(11). ئايەتلەر نازىل بولغان ئورۇن ھەم ۋاقىتلارنى بىلىش ئايەتلەرنى توغرا چۈشىنىشتە ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ تەفسىرىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئۆزىگە لايىق سۆز قىلىش بالاغەت ۋە پاساھەتنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، مەككەدە نازىل بولغان ئايەتلەر بىلەن مەدىنەدە نازىل بولغان ئايەتلەر ئارىسىدا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبلار مەۋجۇت. شۇنداقلا ئايەتلەر نازىل بولغان ئورۇن ھەم ۋاقىتلارنى بىلىش ئارقىلىق ناسىخ ۋە مەنسۇخ ئايەتلەر مۇئەييەنلىشىدۇ، تەدرىجىي شەكىلدە يولغا قويۇلغان ھۆكۈملەر بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. شۇڭا، بۇرۇندىن تارتىپ ئۆلىمالار بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن.

ئەبۇلقاسىم ئەننەيسابۇرىي (ۋ. ھ. 406 / م. 1016) مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش باسقۇچلىرىنى ۋە يەرلىرىنى، مەككە ۋە مەدىنەدە نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ تەرتىپىنى، مەككەدە نازىل بولۇپ ھۆكمى مەدىنە دەۋرىگە تەۋە بولغانلىرىنى ۋە مەدىنەدە نازىل بولۇپ ھۆكمى مەككە دەۋرىگە تەۋە بولغانلىرىنى، مەدىنەلىكلەر ھەققىدە مەككەدە نازىل بولغانلىرىنى ۋە مەككەلىكلەر ھەققىدە مەدىنەدە نازىل بولغانلىرىنى، مەككەدە نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ مەدىنەدە نازىل بولغان ئايەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىرىنى ۋە مەدىنەدە نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ مەككەدە نازىل بولغان ئايەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىرىنى، جۇھفەدە، بەيتۇلمەقدىستە، تائىفتا ۋە ھۇدەيبىيەدە نازىل بولغانلىرىنى، كېچىدە ۋە كۈندۈزدە نازىل بولغانلىرىنى، پەرىشتىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ياكى يالغۇز ھالدا نازىل بولغانلىرىنى، مەككىي سۈرىلەر ئىچىدىكى مەدەنىي ئايەتلەرنى ۋە مەدەنىي سۈرىلەر ئىچىدىكى مەككىي ئايەتلەرنى، مەككەدە نازىل بولۇپ مەدىنەگە ياكى مەدىنەدە نازىل بولۇپ مەككەگە يەتكۈزۈلگەنلىرىنى، شۇنىڭدەك مەدىنەدىن ھەبەشىستانغا يەتكۈزۈلگەن ئايەتلەرنى، مۇجمەل ۋە مۇفەسسەر ئايەتلەرنى، بىر قىسىم ئۆلىمالار مەككەدە نازىل بولغان دېسە، يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار مەدىنەدە نازىل بولغان دەپ دەتالاش قىلىشقان ئىختىلاپلىق ئايەتلەرنى بىلىش قۇرئان ئىلىملىرى ئىچىدە ئەڭ شەرەپلىك ئىلىمدۇر. مانا مۇشۇ 25 خىل ھالەتنى بىلمەيدىغان ۋە بۇلارنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرەلمەيدىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم ھەققىدە سۆز قىلىشى توغرا ئەمەس»(12).

ئىمام بۇخارىي ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ««ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ بولمىغان يەككە – يېگانە ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاللاھنىڭ كىتابىدىن قايسى بىر سۈرە نازىل بولمىسۇن، ئۇنىڭ قەيەردە نازىل بولغانلىقىنى ياخشى بىلىمەن. ئاللاھنىڭ كىتابىدىن قايسى بىر سۈرە نازىل بولمىسۇن، ئۇنىڭ نېمە ھەققىدە نازىل بولغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىمەن»(13).

يۇقىرىدىكى مەلۇماتلاردىن ئايانكى، قۇرئان ئايەتلىرى نازىل بولغان زامان ۋە ماكاننى كۆزدە تۇتماي قىلىنغان تەفسىرلەر ياكى تەرجىمىلەردە ئىشنىڭ بېشىدىلا ئېغىر خاتالىقلار سادىر بولىدۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەفسىر ياكى بىر تەرجىمە پۈتۈپ چىقمايدۇ. مەسىلەن، ﴿وَجَاءَتْ سَيَّارَةٌ / بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتتى﴾(12/«يۈسۈف»: 19) دېگەن ئايەت نازىل بولغان زاماننى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، لۇغەتتىكى سۆزلۈك مەنىسىگە تايىنىپلا «بۇ يەردىن بىر ماشىنا ئۆتتى» دەپ تەرجىمە قىلساق، ئېغىر خاتالاشقان بولىمىز. ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش زامان ۋە ماكانلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئايەتلەرنى چۈشىنىشتە قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى مۇنداق بىر مىسال ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن:

مەسىلەن، 107/مائۇن سۈرىسىنىڭ مەنىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە زامان ۋە ماكان ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ بۇ ئەھۋال سۈرىنىڭ ئوتتۇرىدا يەر ئالغان «ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋايكى…» دېگەن جۈملىدە كۆرۈنەرلىك نامايان بولىدۇ.

قارايدىغان بولساق، بۇ ئايەت كۆپلىگەن تەرجىمىلەردە «شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى…» دەيدىغان شەكىلدە ئىپادىلەنگەن.

بەلكىم بەزىلەر «ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيدىغان بىر كىتابتا قانداق بولۇپ ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي، دېيىلگەندۇ؟» دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئايەتنىڭ داۋامىغا قارىغىنىمىزدا، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز:

﴿فَوَيْلٌ لِلْمُصَلِّينَ﴾4، ﴿الَّذِينَ هُمْ عَنْ صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ﴾5، ﴿الَّذِينَ هُمْ يُرَاءُونَ﴾6، ﴿وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ﴾7.

ئۆلىمالار بۇ سۈرىنىڭ قاچان ۋە قەيەردە نازىل بولغانلىقى ھەققىدە خىلمۇخىل رىۋايەتلەرنى نەقىل قىلغان. ئۇلاردىن بەزىلىرى بۇ سۈرىنىڭ پۈتۈنلەي مەككەدە نازىل بولغانلىقىنى ئېيتقان بولسا، بەزىلىرى مەدىنەدە نازىل بولغانلىقىنى ئېيتقان. يەنە بەزىلىرى بۇ سۈرىنىڭ باش قىسمى مەككەدە، ﴿فَوَيْلٌ لِلْمُصَلِّينَ﴾ دېگەن ئايىتىدىن باشلاپ تۆت ئايەتنىڭ مەدىنەدە نازىل بولغانلىقىنى ئېيتقان(14).

مېنىڭچە، «بۇ سۈرىنىڭ باش قىسمى مەككەدە، كېيىنكى قىسمى مەدىنەدە نازىل بولغان» دېگەن قاراش كۈچلۈكرەك. چۈنكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن نەقىل قىلىنغان بىر رىۋايەتتە مەزكۇر ناماز ئوقۇغۇچىلاردىن مۇناپىقلارنىڭ كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقى ئېيتىلغان(15). مۇفەسسىرلەرنىڭ ئىمامى ئىبنى جەرىر تەبەرىيمۇ بۇ ئايەتنىڭ تەفسىرىدە مۇناپىقلارنىڭ كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. مۇناپىقلار مەسىلىسى مەدىنە دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولغاچقا، بۇ ئەھۋالمۇ سۈرىنىڭ ئاخىرقى قىسمىنىڭ مەدىنەدە نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرىگە، ﴿فَوَيْلٌ لِلْمُصَلِّينَ﴾ دېگەن ئايەتنىڭ داۋامى ئۇلارنىڭ نامازلىرىدىن غاپىل ئىكەنلىكى، نامازلىرىنى رىيا قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىقى، ئەڭ يۇقىرىسى زاكات، ئەڭ تۆۋىنى كىشىلەرگە ئۆتنە بېرىدىغان ئەلگەك ياكى داس چاغلىق نەرسىلەرنىمۇ بەرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

شۇنداقلا قۇرئان كەرىمدىكى باشقا ئايەتلەردىمۇ مۇناپىقلارنىڭ نامازغا خۇشياقمىغان ھالدا تۇرىدىغانلىقى، نامازنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىقى(4/«نىسا»: 142)، پۇل – مالنى سەدىقە قىلىشنى خاھلىمايدىغانلىقى(9/«تەۋبە»: 54)، قوللىرىنى چىڭ يۇمۇۋالىدىغان بېخىل ئىكەنلىكى(9/«تەۋبە»: 67) ئوچۇق بايان قىلىنغان.

دەرۋەقە، مەدىنەدە مۇشۇ خىل مۇناپىقلار مەۋجۇت ئىدى. چۈنكى، مەدىنە ئىسلام دۆلىتى بولغاچقا، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار كۈچلۈك ئىدى. شۇڭا، بەزى ئادەملەر مەلۇم مەنپەئەت ئۈچۈن مۇسۇلمان سىياقىدا مەسجىدكە باراتتى، جامائەتكە قوشۇلاتتى، مەقسەتلىرى ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان كۆرسىتىش ئىدى. ئەمما، مەككەدە ئىشلار دەل ئەكسىچە ئىدى. مەككەدە ھېچكىمنىڭ نامازنى رىيا قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇشىنىڭ كېرىكى يوق ئىدى. مۇناپىقلار تۈگۈل مۇسۇلمانلارمۇ نامازلىرىنى مەخپىي ئوقۇيتتى، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش ئىنتايىن تەسكە توختايدىغان بىر ئىش ئىدى. پەقەت خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان كىشىلەرلا ئاشكارا ئوقۇيالايتتى. مانا بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئاخىرقى تۆت ئايەتنىڭ مەدىنەدە نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

قىسقىسى، سۈرىنىڭ باش قىسمىدا ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنىدۇ، ئاخىرقى تۆت ئايەتتە يالغاندىن مۇسۇلمان سىياقىغا كىرىۋالغان مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنىدۇ. يەنى بۇ سۈرىدە ئىككى تىپ ئىنسانلار بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتتا تۇتقان يۆنىلىشى پەرقلىق بولسىمۇ، مۇناپىقلارنىڭ كاپىرلارغا ئوخشاش ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى، بېخىللىقى، خاراكتېر جەھەتتە بىر – بىرىگە ئوخشايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەمدى بۇ يەردە باشتىكى سوئاللارنى تەكرارلاپ ئۆتەيلى:

قۇرئان بۇنى كىمگە دېگەن؟

1. مۇسۇلمان سىياقىغا كىرىۋالغان مۇناپىقلارغا.

نېمە ئۈچۈن؟

چۈنكى، مەزكۇر ئايەتلەردىكى سۈپەتلەر ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەر شۇ مۇناپىقلاردۇر.

قۇرئان بۇنى قاچان دېگەن؟

2. ئەگەر مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ ئوبيېكتلىرى مۇناپىقلار دېسەك، بۇ ئايەتلەر ھىجرەتتىن كېيىن نازىل بولغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى، يۇقىرىدا دېگىنىمدەك مۇناپىقلار ھىجرەتتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.

قۇرئان بۇنى قەيەردە دېگەن؟

3. ئەگەر مەزكۇر ئايەتلەر ھىجرەتتىن كېيىن نازىل بولغان دېسەك، بۇ ئايەتلەر مەدىنەدە نازىل بولغان بولۇشى لازىم.

يۇقىرىدىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈشلەردىن كېيىن ئايەتلەرنى تەفسىر قىلىدىغان بولساق، تۆۋەندىكىدەك مەنىلەرگە ئىگە بولىدۇ:

1. ﴿فَوَيْلٌ لِلْمُصَلِّينَ﴾4 «ناماز ئوقۇغۇچى مۇناپىقلارنىڭ ھالىغا ۋاي!».

2. ﴿الَّذِينَ هُمْ عَنْ صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ﴾5 «ئۇلار نامازلىرىدىن غاپىلدۇر». يەنى ئۇلار نامازغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، بەزىدە ئوقۇپ، بەزىدە ئوقۇمايدۇ، ئوقۇغان تەقدىردىمۇ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئوقۇيدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرىغا چىققان بەزى تەرجىمىلەردە «ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ تەرجىمە ئايەتنىڭ مەقسىتىگە تازا مۇناسىپ بولماي قالغان. چۈنكى، بۇ يەردىكى «عن» ھەرپى «في» مەنىسىدە ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «﴿فِي صَلاتِهِمْ﴾ دېمەي، ﴿عَنْ صَلاتِهِمْ سَاهُونَ﴾ دېگەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن» دېگەن(16). دەرۋەقە، ناماز ئوقۇۋاتقاندا بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇش ياكى يادىغا ئەكېلىش، تاسادىپىي خىيالغا چۆمۈپ قېلىش دېگەندەك ئىشلار پات – پات يۈز بېرىپ قالىدىغان ئىشلاردۇر. بۇنىڭلىق بىلەن ئىنسان گۇناھكار بولمايدۇ.

3. ﴿الَّذِينَ هُمْ يُرَاءُونَ﴾6 «ئۇلار نامازنى رىيا قىلىپ (باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن) ئوقۇيدۇ». بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى «ئۇلار نامازنى باشقىلار بار يەردە ئوقۇيدۇ، بولمىسا ئوقۇمايدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ.

4. ﴿وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ﴾7 «ئۇلار يۇقىرىسى زاكات، تۆۋىنى پالتا چاغلىق نەرسىلەرنىمۇ بەرمەيدۇ». مۇفەسسىرلەر ﴿الْمَاعُونَ﴾ كەلىمەسىنى «زاكات» مەنىسىدە تەفسىر قىلغان. مۇشۇ مەنىدە تەفسىر قىلغان ئۆلىمالار مەزكۇر ئايەتلەرنى مەدىنەدە ھىجرەتتىن كېيىن نازىل بولغان دەپ قاراپ زاكات مەنىسىدە تەفسىر قىلغان بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك. چۈنكى، زاكات ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى يىلى پەرز قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى مىسالدىن ئايەتنىڭ قاچان ۋە قەيەردە نازىل بولغانلىقىنى بىلىش قۇرئاننى توغرا ھەم ئەتراپلىق چۈشىنىشتە قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە يېتەرلىك دەپ قارايمەن.

6. قۇرئان بۇنى نېمە ئۈچۈن دېگەن؟

ھەرقانداق سۆزنىڭ دېيىلىش سەۋەبىنى بىلىش ئۇنى چۈشىنىشتە ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. قۇرئان كەرىم ئۆتمۈشنىڭ ئەھۋاللىرى، ۋەھىي نازىل بولۇۋاتقان كۈننىڭ رېئاللىقلىرى ۋە كەلگۈسىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرئان پۈتۈن ئىنسانلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاق، تۈزۈم، ھەق – ھوقۇقتىن ئىبارەت ئېھتىياجلىرىغا جاۋاب بېرىش قاتارلىق ئورتاق نىشانلار ئۈچۈن نازىل بولغان. ئەمما، ئۇنىڭ مەلۇم بىر قىسىم ئايەتلىرى شەخس ۋە كوللېكتىپ دۇچ كەلگەن ۋەقە، ھادىسە ۋە سوئاللار سەۋەبلىك نازىل بولغان. ئىمام جەئبەرىي بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئېيتىدۇ: «قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشى مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ: بىر قىسمى ھېچقانداق سەۋەبكە تايانمايلا نازىل بولغان؛ يەنە بىر قىسمى ۋەقە ياكى سوئاللارغا ئاساسەن نازىل بولغان»(17).

ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىنى بىلىش ئارقىلىق مەنە روشەنلىشىپ، مۈجمەللىكلەر ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ ھەقتە ۋاھىدىي: «ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئۇقماي تۇرۇپ، ئايەتنىڭ توغرا تەفسىرىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ.

ئىبنى دەقىيقۇلئىيد (ۋ. ھ. 702 / م. 1302): «ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىنى بىلىش ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ مەنىلىرىنى مۇكەممەل چۈشىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىدۇر» دەيدۇ.

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ (ۋ. ھ. 728 / م. 1328): «ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىنى بىلىش مەنىسىنى توغرا چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى، سەۋەبنى بىلگەنلىك نەتىجىنى بىلگەنلىكتۇر» دەيدۇ(18).

ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبلىرىنى بىلىش مەنىلىرىنى چۈشىنىشتە قانداق مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىككى مىسال ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن:

ئوسمان ئىبنى مەزئۇن بىلەن ئەمر ئىبنى مەئدىيكەرب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار ئارىسىدا مۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگەن: «ئىككىيلەن ھاراقنى مۇباھ دېيىشىپ، بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿لَيْسَ عَلَى الَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جُنَاحٌ فِيمَا طَعِمُوا… / ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار يېگەن نەرسىلەردە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ…﴾(5/«مائىدە»: 188) دېگەن سۆزىنى دەلىل قىلىشتى.

ناۋادا ئۇلار بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىنى بىلسە ئىدى، ھەرگىز بۇنداق دېمىگەن بولاتتى. ئەسلىدە بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى مۇنداق: «ھاراق ھارام قىلىنغان چاغدا بىر تۈركۈم ساھابەلەر: ‹بۇندىن ئىلگىرى ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟ ئۇلارمۇ ھاراق ئىچەتتى؟› دېيىشكەن. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئايەت نازىل بولغان»(19). يەنى بۇ ئايەت ھاراق ھارام قىلىنىشتىن ئىلگىرى ھاراق ئىچكەن ۋە ۋاپات بولۇپ كەتكەنلەرگە گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن نازىل بولغان.

يەنە بىر مىسال: ئاللاھ تائالانىڭ ﴿إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ… / سەفا بىلەن مەرۋە ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. ھەج قىلغان ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ گۇناھ يوق…﴾(2/«بەقەرە»: 158) دېگەن سۆزىدۇر. قارىماققا بۇ ئايەتنىڭ يۈزەكى مەنىسى سەئيىنىڭ پەرزلىكىنى ئۇقتۇرمايدۇ. شۇڭا، بەزى ئالىملار بۇ ئايەتنىڭ يۈزەكى مەنىسىگە ئېسىلىۋېلىپلا «سەئيى پەرز ئەمەس» دەپ قارايدۇ.

ھالبۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭ بۇ چۈشەنچىسىنى رەت قىلغان. سەۋەب شۇكى، ساھابەلەر دەسلەپتە سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشنى گۇناھ ھېسابلايتتى، چۈنكى بۇ جاھىلىيەتنىڭ ئادەتلىرىدىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئايەت نازىل بولغان(20).

يۇقىرىدىكى مىساللاردىن ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبلىرىنىڭ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىشتە قانداق يول كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

خاتىمە

قۇرئاننى چۈشىنىش ھەرىكىتى قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان دەۋردىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. دەسلەپكى دەۋردە بىر تۈركۈم ساھابەلەر ۋەھىي نازىل بولغاندىن كېيىن، قۇرئاننى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆگىنىپ، تەفسىر ئىلمىدە پىشىپ يېتىلگەن ئىدى. ئىمام سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ ساھابە كىراملاردىن تەفسىر ئىلمىدە يېتىشكەن ئەڭ مەشھۇر مۇفەسسىرلەردىن ئون كىشىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇلار: «ئەبۇبەكرى (ۋ. ھ. 13 / م. 634)، ئۆمەر (ۋ. ھ. 23 / م. 644)، ھەزرىتى ئوسمان (ۋ. ھ. 35 / م. 655)، ئەلى (ۋ. ھ. 40 / م. 661)، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس (ۋ. ھ. 78 / م. 687)، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد (ۋ. ھ. 34 / م. 654)، ئۇبەي ئىبنى كەئب (ۋ. ھ. 30 / م. 650)، زەيد ئىبنى سابىت (ۋ. ھ. 45 / م. 665)، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي (ۋ. ھ. 44 / م. 664)، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير (ۋ. ھ. 73 / م. 692) رەزىيەللاھ ئەنھۇم قاتارلىق ئەسھابلەردۇر»(21).

مەزكۇر ئەسھابلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن باشقا ئەسھابلەر ۋە تابىئىنلارغا تەفسىر ئىلمىدە ئۇستاز بولغان. ئانا تىلى ئەرەبچە بولغان ئەسھابلەر ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىل بىلىمىگە تايىنىپ، بىر قىسىم ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىغا قاراپلا مۇفەسسىرلىك دەۋاسى قىلماي، تەفسىر ئىلمىنى ۋە ئۇسۇل – قائىدىلىرىنى شۇلاردىن ئۆگەنگەن ۋە مەزكۇر ئەسھابلەرنىڭ باشچىلىقىدا، تەفسىر ئىلمى ساھەسىدە ئۈچ مەدرەسە بارلىققا كەلگەن.

بىرىنچى مەدرەسە ئىسلام قۇياشى يېڭىدىن چاقناپ، پۈتۈن جاھانغا نۇر چاچقان مۇبارەك شەھەر مەككە مۇكەررەمەدە قۇرۇلغان. بۇ مەدرەسەنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى پۈتۈن ساھابەلەر ئارىسىدا تەفسىر ئىلمىنىڭ تايانچى دەپ قوبۇل قىلىنغان، «ئىلىم دېڭىزى» ۋە «قۇرئان تەرجىمانى» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىدى. بۇ زات ئۆزىنىڭ قۇرئان ئىلىملىرى ۋە تەفسىر ئۇسۇل – قائىدىلىرىگە ئالاقىدار ئىلمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، قۇرئاننى پەۋقۇلئاددە چوڭقۇر، تەگ – تېگىگە يېتىپ چۈشىنىشى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك كاتتا ساھابەلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئىدى. تەفسىر ئىلمىنىڭ پېشۋاسى بولغان بۇ ساھابە قۇرغان تەفسىر مەدرەسەسى ھەققىدە ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ: «تەفسىر ئىلمىدە ئەڭ ئالىم كىشىلەر مەككە مەدرەسەسىدە يېتىشكەن مۇفەسسىرلەردۇر. چۈنكى، ئۇلار ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ شاگىرتلىرىدۇر» دېگەن(22).

ئىككىنچى مەدرەسە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھىجرەت قىلغان، بولۇپمۇ ئەھكام ئايەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى نازىل بولغان مۇبارەك شەھەر مەدىنەدە قۇرۇلغان. بۇ مەدرەسەنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئۆلىمالىرىدىن بولغان ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى.

ئۈچىنچى مەدرەسە نۇرغۇن كاتتا ئۆلىمالار يېتىشىپ چىققان كۇفەدە قۇرۇلغان. بۇ مەدرەسەنىڭ قۇرغۇچىسى كىچىكىدىن تارتىپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىغان، رەسۇلۇللاھنىڭ نۇرغۇن سەپەرلىرىدە ھەمراھ بولغان، قۇرئان كاتىبلىرىدىن بىرى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى.

تابىئىنلار ئارىسىدىكى ئەڭ مەشھۇر مۇفەسسىرلەر ئەنە شۇ مەدرەسەلەردىن يېتىشىپ چىققان. قۇرئان ئىلىملىرى ۋە تەفسىر ئۇسۇل – قائىدىلىرىگە ئالاقىدار ئەسەرلەر مۇشۇلارنىڭ دەۋرىدە يېزىلىشقا باشلىغان. ھىجرىيە 3 – ئەسىردە ھارىس ئەلمۇھاسىبىي (ۋ. ھ. 243 / م. 858) «فهم القرآن ومعانيه / قۇرئان ۋە ئۇنىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىش» ناملىق ئەسىرىنى تەئلىف قىلغان. ئاپتور بۇ ئەسىرىدە قۇرئاننى چۈشىنىشنىڭ ئۇسۇل – قائىدىلىرىگە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان.

تابىئىنلار دەۋرىدىن باشلاپ قۇرئان ئىلىملىرى ۋە تەفسىر ئۇسۇل – قائىدىلىرى ساھەسىدە خىلمۇخىل ئەسەلەر تەئلىف قىلىنىپ، تا ھىجرىيە 8 – ئەسىرگە كەلگەندە ئىمام ئەززەركەشىي (ۋ. ھ. 794 / م. 1392) قۇرئان ئىلىملىرى ساھەسىدە «البرهان في علوم القرآن» ناملىق بۈيۈك ھەجىمدىكى قىممەتلىك ئەسىرىنى تەئلىف قىلغان. ھىجرىيە 9 – ئەسىردە ئىمام ئەسسۇيۇتىي (ۋ. ھ. 911 / م. 1505) قۇرئان ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى بولغان «الإتقان في علوم القرآن» ناملىق شاھانە ئەسىرىنى يېزىپ چىققان.

دېمەك، تابىئىنلار قۇرئان ئىلىملىرى ۋە تەفسىر ئۇسۇل – قائىدىلىرىنى بىۋاسىتە ساھابەلەردىن ئۆگەنگەن، شۇلارنىڭ قولىدا پىشىپ يېتىلگەن. ئاندىن شۇلارنىڭ دەۋرىدە شۇ ساھەدە كىتابلار تەئلىف قىلىنىپ، بۇ ئىلىم بىزنىڭ دەۋرىمىزگە قەدەر ئۇلىشىپ كەلگەن. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى، بۇ ساھەدە شۇنچىلىك كۆپ ئەسەرلەرنىڭ يېزىلغانلىقى بىر تەرەپتىن مەزكۇر ئىلىملەرنىڭ قۇرئاننى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئاننى چۈشىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان غايەت زور تىرىشچانلىقىنىڭ سەمەرىسى ئىدى.

شۇڭا، بۇ ماقالىدە قۇرئان ئىلىملىرى ۋە تەفسىر ئۇسۇل – قائىدىلىرىنىڭ قۇرئاننى چۈشىنىشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئىلىملەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتىم. قۇرئان تەرجىمىسى ۋە تەفسىرىدە مەزكۇر ئىلىملەرنى تەتبىقلاپ توغرا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشتا ياردىمى بولىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنى سوئال – جاۋاب ئۇسلۇبىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، كونكرېت شەكىلدە ئىزاھلاشقا تىرىشتىم ھەمدە مەزكۇر ئىلىملەرنى بىلمەي تۇرۇپ، تەرجىمە ۋە تەفسىر قىلىشقا زورۇققاندا كېلىپ چىقىدىغان بىر قىسىم خاتالىقلارنى مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ ئۆتتۈم.

 

 ئابدۇرراززاق رەجەب


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: بۇخارىي 29؛ مۇسلىم 907.
2. بۇ ۋەقەلىك قەسەس سۈرىسىنىڭ 15 – ئايىتىدە زىكىر قىلىنغان.
3. تەبەرىي: مائىدە سۈرىسى 44 – ئايىتىنىڭ تەفسىرى.
4. تەبەرىي، يۇقىرىقى مەنبە.
5. جەسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان». نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۇسسالام مۇھەممەد ئەلى شاھىن، بەيرۇت، 2/549 – بەت؛ فەخرۇددۇن ئەررازىي: مائىدە سۈرىسى 44 – ئايىتىنىڭ تەفسىرى؛ قۇرتۇبىي: مائىدە سۈرىسى 44 – ئايىتىنىڭ تەفسىرى؛ ئەبۇھەييان ئەندەلۇسىي: مائىدە سۈرىسى 44 – ئايىتىنىڭ تەفسىرى؛ ئالۇسىي: مائىدە سۈرىسى 44 – ئايىتىنىڭ تەفسىرى.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: بۇخارىي 1916؛ مۇسلىم 1090.
7. سۇيۇتىي: «ئەلئىتقان في ئۇلۇمىل قۇرئان». نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد ئەبۇل فەزل ئىبراھىم، ھەيئەتۇل مىسرىيە، 4/213 – بەت.
8. مۇھيىددىن كافىيەجىي: «التيسير في قواعد علم التفسير». نەشرگە تەييارلىغۇچى: مۇستافا مۇھەممەد ھۈسەين زەھەبىي، مەكتەبەتۇل قۇدسىي، 27 – 29 – بەتلەر.
9. مۇستافا سادىق رافىئىي: «ئىئجازۇل قۇرئان ۋەلبەلاغەتۇن نەبەۋىيە». دارۇل كۇتۇبىل ئەرەبىي، 124 – بەت.
10. زەمەخشەرىي: «ئەلكەششاف». خەلىل مەئمۇن شىيھا، دارۇل مەئرىفە، بەيرۇت، 23 – بەت.
11. زەرقانىي: «مەناھىلۇل ئىرفان في ئۇلۇمىل قۇرئان». ئەھمەد ئىيسا ئەلمەئسەراۋىي، دارۇسسالام، 1/44 – بەت.
12. سۇيۇتىي: يۇقىرىقى مەنبە، 1/36 – بەت.
13. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: بۇخارىي 5002؛ مۇسلىم 2463.
14. ئىبنى ئاشۇر: مائۇن سۈرىسى تەفسىرى.
15. تەبەرىي: مائۇن سۈرىسى تەفسىرى.
16. سۇيۇتىي: يۇقىرىقى مەنبە، 2/167 – بەت.
17. سۇيۇتىي، يۇقىرىقى مەنبە، 1/107 – بەت.
18. سۇيۇتىي، يۇقىرىقى مەنبە، 1/108 – بەت.
19. سۇيۇتىي، يۇقىرىقى مەنبە، 1/108 – بەت.
20. سۇيۇتىي، يۇقىرىقى مەنبە، 1/109 – بەت.
21. سۇيۇتىي: يۇقىرىقى مەنبە، 4/233 – بەت.
22. ئىبنى تەيمىيە: «مۇقەددىمە فىي ئۇسۇلىت تەفسىر» نەشرگە تەييارلىغۇچى: ئەدنان زۇرزۇر، بەيرۇت 1979، 69 – بەت.