ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بارلىق ئادەم بالىلىرى تۇغۇلغان چاغدىلا شەيتان بارمىقى بىلەن ئۇ بالىنىڭ ئىككى بېقىنىغا نوقۇيدۇ. پەقەتلا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا تۇغۇلغاندا، ئۇ نوقۇشقا بېرىپ، بالا ھەمرىيىگە نوقۇپ سالغان». دېگەن. («سەھىھەين»).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرنىڭ شەيتاننىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئاگاھ بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان نوقتىنى بايان قىلىپ بېرىشكە كۆڭۈل بۆلگەن. «سەھىھەين»دىكى يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەريەم بىلەن ئۇنىڭ ئوغلىدىن باشقا ھەرقانداق ئادەم بالىسى تۇغۇلىدىكەن. تۇغۇلغان ۋاقتىدا شەيتان ئۇنى تۇتۇپ (نوقۇپ) قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا شەيتاننىڭ تۇتۇشىدىن قاتتىق يىغلاپ كېتىدۇ» دېگەن. سەھىھ ھەدىسلەر بىر بوۋاق تۇغۇلغاندا شەيتاننىڭ ئۆچمەنلىكىدىن ئۇنىڭ بېقىنىغا نوقۇشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ۋارقىراپ يىغلايدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەندۇر. پەقەتلا ھەزرىتى مەريەم بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالاملا مەريەمنىڭ ئانىسىنىڭ ﴿«مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى قوغلاندى شەيتاندىن ساڭا سىغىندۇرىمەن»﴾(3/«ئال ئىمران»: 36) دېگەن دۇئاسى سەۋەبلىك بۇ نوقۇشتىن ساقلىنىپ قالغان.
بوۋاق بالىنىڭ تۇغۇلغاندا يىغلىشى يېڭى مۇھىتقا كۆز ئېچىشى، ھاۋانىڭ تەسىرى ۋە ياكى كۆنگەن ماكانىدىن ئايرىلىشى … دېگەندەك تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بولۇش مۇمكىنچىلىكى بۇنىڭغا زىت كەلمەيدۇ. ئەمما، ھەرقانداق بوۋاقنىڭ چوقۇم ئاشۇ سەۋەبلەردىن يىغلىغان بولۇشىنى جەزملەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. بۇ بىر خىل پەرەز بولۇپ، بەزى دوختۇرلار بوۋاقنىڭ يىغىسىنىڭ تۇغۇلۇپ يېڭىدىن نەپەس ئېلىشىغا ئۇدۇل كەلگەنلىكىنى بايقاپ ئۇنىڭ يىغىسى ئوكسىگىننىڭ ئۆپكىگە كىرىشى سەۋەبلىك ئاغرىق ھېس قىلغانلىقىدىن دېسە، يەنە بەزىلىرى بۇنى رەت قىلىپ: «بوۋاقنىڭ يىغلىشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ بالىياتقۇدىن قوغلىۋېتىلگەنلىكىگە قارشى ئاچچىقىدىن بولغان» دەپ قارىغان. قاراڭ: پېروفېسسور توما شمانىي: «تۆرەلمە – سۈرەتلىك ھۆججەتلەنگەن كۆزىتىش»، 27 – بەت. ئۇنىۋېرسىتېت نەشرىياتى، باغداد. 1983م.
دېمەك، بوۋاقنىڭ ئۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى يىغلىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر كەسكىن ۋە ئىلمىي پاكىت يوق. دەرۋەقە، بىرىتانىيەلىك كاتتا تۇغۇت دوختۇرلىرىدىن گولدىن بورن «ھامىلدارلىق» ناملىق كىتابىدا «يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يىغلىشىنىڭ ۋە نەپەسلىنىشنىڭ باشلىنىشىدىكى ئىنچىكە سەۋەب تېخىچە نامەلۇم» دەپ ئېتىراپ قىلغان. قاراڭ: گولدىن بورن (Gordon Bourne): «ھامىلدارلىق» (Pregnancy)، ئەرەبچە تەرجىمىسى: دوكتور زەي ئەلكەيلانىي، شومان نەشرىياتى، ئاممان، 1986م، 482 – بەت.
ھازىرقى زامان دوختۇرلىرىنىڭ قاراشلىرى شۇنداق ئىكەن، بىز مەشھۇر تىۋىپ ۋە مۇھەققىق ئالىم ئىمام ئىبنۇلقەييىمنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانىغا قارايلى:
ئىمام ئىبنۇلقەييىم بۇ ھەقتە ئېيتىدۇكى: «مۇبادا بۇ دۇنياغا ياڭى كۆز ئاچقان بۇۋاق بالا نېچۈن يىغلايدۇر؟ دېيىلسە، جاۋابەن شۇنداق دېيىلىدۇكى: بۇ يەردە ئىككى سەۋەب باردۇر. بىرى، راست سۆزلىگۈچى ھەمدە راست سۆز يەتكۈزۈلگۈچى زات بولغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە خەۋەر بەرگىنىدەك، تەبىبلەر بىلمەيدىغان يوشۇرۇن سەۋەبتۇر. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ھېكىمىتى ھەربىر ئادەم بالىسىغا بىردىن شەيتاننى مۇسەللەت قىلىشنى تەقەززا قىلغان بولغاچقا، بوۋاقنىڭ شەيتىنىمۇ مۇسەللەت بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ توغۇلۇشىنى كۈتۈپ يوشۇرۇنۇپ تۇرغان بولىدۇ. تۇغۇلغىنىدا، شەيتان بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتۇرىدىكى قەدىم ئاداۋەت تۈپەيلى ئۆچلۈك قىلىپ بوۋاقنى بېقىنىغا نوقۇپ كۈتۈۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بوۋاق يىغلاپ كېتىدۇ. مۇبادا تەبىبلەر ۋە دەھرىيلەر ئاللاھ ۋە ئەلچىسىگە ئىمان كەلتۈرسە ئىدى، ئۇلار بۇ ھەقىقەتنى ئاغدۇرىدىغان ياكى رەت قىلىدىغان بىرەر ئاساس تاپالمىغان بولاتتى. ئىككىنچىسى بولسا، ھەممىگە ئوچۇق – ئاشكارە بولغاچ ئەنبىيائلەر ئەتەي خەۋەر بېرىپ ئولتۇرمايدىغان سەۋەبتۇركى، ئۇ بولسىمۇ بوۋاقنىڭ كۆنگەن ئىسسىق ماكانى بولمىش بالىياتقۇدىن ناتونۇش، سوغۇق ۋە غەلىتە بىر دۇنياغا چىقىشىدۇر. بوۋاق شۇ سەۋەبلىك يېتىرقايدۇ. مەيلى قانچىلىغان تەبىئىي سەۋەبلەر ئىسپاتلانمىسۇن، ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەرزىتى مەريەملەر تۇغۇلغاندا شەيتان ئۇلارنى نوقۇيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يىغلىمىغانلىقى رەببىدىن ۋەھىي تاپشۇرۇپ ئالىدىغان مەئسۇم زاتتىن كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەتتۇر. مۇبادا پەيغەمبەردىن ئېنىق بىر كۆرسەتمە بولمىسا، تەبىبلەر ئۇ ئىككى زاتنىڭ باشقا بىر سەۋەبتىن يىغلىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئىسپاتلىيالماسلىقى مۇمكىن. بىلىشىمىزچە ئۇنداق ئېنىق بىر كۆرسەتمە يوقتۇر». قاراڭ: «ئەتتىبيان فىي ئەقسامىل قۇرئان»، 1/220.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1447، 8 – سەفەر / م. 2025، 2 – ئاۋغۇست

