مەھشەر كۈنى بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى تارتىش ئۈچۈن تارازا قويۇلىدۇ. ئەمەللەرنى تارتىش جازا ۋە مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن بولغاچقا، تارتىش ھېساب ئېلىشتىن كېيىن بولىدۇ. چۈنكى، بەندىلەردىن ھېساب ئېلىش ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجىرلىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن، تارازىدا تارتىش بولسا ئەمەللەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. مىقدارىغا قاراپ جازا ۋە مۇكاپات بولىدۇ.
ئۇنداقتا تارازا دېگەن نېمە؟
تارازىنىڭ سۈپىتى ۋە شەكلى قانداق بولىدۇ؟
تارازىدا نېمە ئۆلچىنىدۇ؟
ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى ئۆلچىنەمدۇ؟
ئاللاھ تائالا كىتابىدا تارازىنى زىكىر قىلدى ۋە ئەمەللەرنىڭ ئۆلچىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىزنى بۇيرۇدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تارازىنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلدى ۋە تارازىدا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ۋە ئەڭ يېنىك كېلىدىغان ئەمەللەرنى سۆزلەپ بەردى.
تارازىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿قىيامەت كۈنى ئادالەت تارازىلىرىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ) ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 47)، ﴿سۇر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق مەۋجۇد بولماي قالىدۇ. بىر – بىرىنىڭ (ئەھۋالىنىمۇ) سوراشمايدۇ. تارازىسى ئېغىر كەلگەنلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. تارازىسى يېنىك كەلگەنلەر (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) زىيان تارتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 101 — 103).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «راھمانغا سۆيۈملۈك، تىلغا يەڭگىل، تارازىدا ئېغىر ئىككى سۆز بار: ‹سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى سۇبھانەللاھىلئەزىيم / ئاللاھنى ھەمدۇسانا بىلەن مەدھىيەلىگەن ھالدا پاكلايمەن، ئۇلۇغ ئاللاھنى پاكلايمەن›دۇر» دېگەن(1).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پاچىقى ھەققىدە: «ئۇ ئىككى پاچاق تارازىدا ئوھۇد تېغىدىنمۇ ئېغىرراقتۇر» دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ تولۇق تېكىستى ۋە باشقا ھەدىسلەر كېيىنكى بەتلەردە كېلىدۇ.
تارازىنىڭ شەكلى
«قۇرئان» ۋە ھەدىستە كەلگەن بايانلار تارازىنىڭ ھەقىقىي، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان، ھېسسىي بىرنەرسە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تىلى ۋە ئىككى تەخسىسى بار ئىكەنلىكىنى ۋە ئەمەللەر قويۇلغاندىن كېيىن بىر تەخسىسى يەڭگىل كېلىپ، يەنە بىر تەخسىسى ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ ھەجمى ۋە مىقدارىنى پەقەت ئاللاھ تائالا بىلىدۇ، لېكىن ئۇ بەك چوڭدۇر.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدى: «قىيامەت كۈنى تارازا قويۇلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭدا ئاسمانلار ۋە زېمىن ئۆلچەنگەن بولسا، ئەلبەتتە ئۇنى سىغدۇرۇپ كەتكەن بولاتتى. پەرىشتىلەر: ‹ئى رەببىمىز! بۇ كىمنى تارتىدۇ؟› دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹مەخلۇقاتلىرىمدىن مەن خاھلىغاننى تارتىدۇ› دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ‹سەن پاكتۇرسەن، بىز ساڭا ھەقىقىي رەۋىشتە ئىبادەت قىلالمىدۇق› دەيدۇ»(2).
ئىنچىكە تارازا
بۇ ئادالەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ چوڭ – كىچىك ھەممە ئەمەللىرىنى زىيادە ۋە كەم قىلماستىن ئىنچىكە خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿قىيامەت كۈنى ئادالەت تارازىلىرىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ) ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 47).
تارازا بىرمۇ ياكى بىردىن كۆپمۇ؟
ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿قىيامەت كۈنى ئادالەت تارازىلىرىنى ئورنىتىمىز﴾ دېگەن ئايەتىگە ئاساسلانغىنىمىزدا، قىيامەت كۈنىدىكى تارازىنىڭ بىردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. ھەربىر بەندە ئۈچۈن بىر تارازا ياكى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆلچەيدىغان بىر تارازا، كافىرلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆلچەيدىغان بىر تارازا، ياكى ھەربىر ئۈممەت ئۈچۈن بىر تارازا بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ. ئايەتتىكى تارازىلاردىن ئەمەللەر مەقسەت قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.
تارازىغا قويۇلىدىغان نەرسە نېمە
تارازىدا تارتىلىدىغان نەرسە ئەمەللەرمۇ ياكى ئەمەل دەپتەرلىرىمۇ، ياكى بەندىنىڭ ئۆزىمۇ؟ ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى كۆپ بولۇپ، توغرىلىققا يېقىنراق بولغىنى «ئاخىرەتتە بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تارازىلىنىدۇ» دېگەن كۆزقاراشتۇر. بۇنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى كۆرسىتىدۇ.
ئەمەللەرنىڭ تارازىدا تارتىلىدىغانلىقى
ھەدىسلەردە «ئەمەللەر تارازىغا قويۇلىدۇ» دەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «راھمانغا سۆيۈملۈك، تىلغا يەڭگىل، تارازىدا ئېغىر ئىككى سۆز بار: ‹سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى سۇبھانەللاھىلئەزىيم / ئاللاھنى ھەمدۇسانا بىلەن مەدھىيەلىگەن ھالدا پاكلايمەن، ئۇلۇغ ئاللاھنى پاكلايمەن›دۇر» دېگەن(3). يەنە: «‹جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر› دېگەن سۆز تارازىنى تولدۇرىدۇ»(4) دېگەن.
بۇ ھەدىسلەردە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزى ئەمەللەرنى تارازىدا ئېغىر كېلىدۇ دەپ سۈپەتلىدى. بىز بۇنىڭدىن ئەمەللەرنىڭ تارتىلىدىغانلىقىنى ۋە بەزى ئەمەللەرنىڭ بەزىسىدىن ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.
نامەئى ئەئماللەرنىڭ تارازىدا تارتىلىدىغانلىقى
ئايەت – ھەدىسلەردە نامەئى ئەئماللەرنىڭمۇ تارازىدا تارتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېگەن كەلىمە يېزىلغان ۋاراقچە ھەققىدىكى ھەدىستە دېدىكى: «ھەقىقەتەن، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۈممىتىمدىن بىر كىشىنى خالايىقلارنىڭ ئالدىدا دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ چاقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا توقسان توققۇز پۈتۈك بېرىدۇ. ھەربىر پۈتۈك كۆز يەتكۈسىز دەرىجىدە ئۇزۇندۇر. ئاندىن ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە:
— بۇنىڭدىن بىرەرسىنى ئىنكار قىلامسەن؟ — دەيدۇ. بەندە:
— ئى رەببىم! ياق ئىنكار قىلمايمەن، — دەيدۇ.
— ساقلىغۇچى پەرىشتىلىرىم ساڭا زۇلۇم قىپتىمۇ؟
— ياق، ئى رەببىم!
— سېنىڭ ئۆزرەڭ بارمۇ؟ سېنىڭ بىرەر ياخشى ئەمەلىڭ بارمۇ؟
بۇ چاغدا بەندە ئەيمىنىپ: — يوق، — دەيدۇ. ئاللاھ:
— ئۇنداق ئەمەس، ھەقىقەتەن، بىزدە سېنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭ بار، ھەقىقەتەن، بۈگۈن ساڭا زۇلۇم يوق، — دەيدۇ. ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا ‹بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن› دەپ يېزىلغان بىر ۋاراقچە چىقىرىلىدۇ. ئۇ:
— ئى رەببىم! بۇ پۈتۈكلەر بىلەن بىرگە بۇ نېمە ۋاراقچە! —دەيدۇ. ئاللاھ:
— ھەقىقەتەن، ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ پۈتۈكلەر تارازىنىڭ بىر تەرىپىگە، ۋاراقچە يەنە بىر تەرىپىگە قويۇلىدۇ. نەتىجىدە پۈتۈكلەر يەڭگىل كېلىپ، ۋاراقچە ئېغىر كېلىدۇ، ھېچبىر نەرسە ئاللاھنىڭ ئىسمى ئالدىدا ئېغىر باسمايدۇ»(5).
دېمەك، بۇ ھەدىس نامەئى ئەئماللەرنىڭمۇ تارازىدا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
«لا الە الا اللە / ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق» جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبىدۇر
بۇ ھەدىستە، ئاللاھ تائالانىڭ تەۋھىد كەلىمىسى ئارقىلىق مۇرتەدلىك دەرىجىسىگە يەتمەيدىغان قىلمىشلارنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما، مۇرتەدلىككە ياتىدىغان قىلمىشلار بولسا تەۋھىد كەلىمىسىگە زىت كېلىدۇ، ئۇ چاغدا بۇ كەلىمە مەنىسى يوق قۇرۇق سۆز بولۇپ قالىدۇ.
ھەسەن بەسرىيگە:
— كۆپ ئىنسانلار: «كىمكى ‹لا الە الا اللە / ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق› دېسە، جەننەتكە كىرىدۇ» دەيدىكەن، — دېيىلگەنىدى، ئۇ:
— كىمكى «لا الە الا اللە / ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق» دەپ، بۇ كەلىمىنىڭ ھەققىنى ۋە پەرزلىرىنى ئادا قىلسا ئاندىن جەننەتكە كىرىدۇ، — دېدى.
دېمەك، «لا الە الا اللە / ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق» دېگەن كەلىمە جەننەتكە كىرىشنىڭ ۋە دوزاختىن قۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبىدۇر. سەۋەبنىڭ شەرتلىرى تولۇق تېپىلىپ، ئۇنىڭغا زىت كېلىدىغان ئىشلار يوق بولغان چاغدىلا ئاندىن بەندىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇناپىقلارمۇ «لا الە الا اللە / ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق» دەيدۇ، لېكىن بۇ كەلىمە ئۇلارغا مەنپەئەت قىلمايدۇ، ئۇلار بولسا دوزاخنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇ كەلىمىنى ئۇنىڭ مەنىسىگە ئېتىقاد قىلماستىن ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلماستىن تىللىرىنىڭ ئۇچىدىلا دەپ قويىدۇ.
ئەمەل قىلغۇچى بەندىنىڭ ئۆزى تارازىغا قويۇلىشىمۇ مۇمكىن
يەنى بەندىنىڭ ئۆزى ئەمەللەر تارتىلىدىغان تارازىغا قويۇلىدۇ. بەندىنىڭ ۋەزنى ئەمەللىرىنىڭ ياخشى – يامانلىقىغا قارىتا ئېغىر ياكى يەڭگىل كېلىدۇ.
بۇنىڭ دەلىلى: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋەقەلىكى ھەققىدىكى ھەدىستۇر. بۇ ساھابە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن كېتىۋېتىپ، بىر دەرەخنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى دەرەخنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، مىسۋاك قىلىشى ئۈچۈن بىر تال شاخچە سۇندۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئۇ دەرەخكە چىقتى، ئۇ بەك ئورۇق ئىدى. ئۇ شاخچىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن ھەپىلىشىۋاتقاندا، ئۇنىڭ كىيىمى شامالدا يەلپۈنۈپ ئېچىلىپ قالدى. ئۇنىڭ بەك كىچىك، ئىنچىكە پاچاقلىرىدىن ئەسھابلەر كۈلۈشۈپ كەتكەندە، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «نېمىگە كۈلۈۋاتىسىلەر؟! ئۇنىڭ پاچاقلىرىنىڭ ئىنچىكلىكىگىمۇ؟! جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ پاچاقلىرى تارازىدا ئوھۇد تېغىدىنمۇ ئېغىرراقتۇر»(6) دېدى.
دېمەك، ئىبنى مەسئۇدنىڭ پاچاقلىرى دۇنيادا يەڭگىل بولغىنى بىلەن ئاخىرەتتە تارازىدا ئېغىر كېلىدۇ. ئۇنداقتا ئۇ ئىككى پاچاقنى تارازىدا ئېغىر قىلغان نەرسە نېمە؟ شەكسىزكى، ئۇ نەرسە ئۇنىڭ كېچىلىرى ئۇزۇن قىيامدا تۇرغانلىقى، داۋاملىق روزا تۇتقانلىقى ۋە ھارام ئىشلارنى قىلمىغانلىقىدۇر. ئەمما، ئىبنى مەسئۇدتىن باشقا تاشقى كۆرۈنۈشىنى زىننەتلەپ ئىچكى دۇنياسىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن، كىيىملىرىنى ئاقارتىپ قەلبلىرىنى قارايتىۋەتكەن ئىنسانلارغا كەلسەك، ئۇلار ھەققىدە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن، قىيامەت كۈنى ئېگىز بويلۇق، سېمىز ئادەم كېلىدۇ. ئۇ ئادەم ئاللاھنىڭ نەزەرىدە، پاشىنىڭ قانىتىچىلىكمۇ كەلمەيدۇ» دېگەن. ئاندىن (رەسۇلۇللاھ): ‹ئەگەر خاھلىساڭلار: ﴿قىيامەت كۈنى ئۇلارنى (يەنى مۇنداق كىشىلەرنى) قىلچە ئېتىبارغا ئالمايمىز﴾(18/«كەھف»: 105) دېگەن ئايەتنى ئوقۇڭلار› دېدى»(7).
بەندىنىڭ بارارجايى ئەمەللىرىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە باغلىق
قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ بارارجايى ئۇنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىنىڭ نەتىجىسىگە قارىتا بەلگىلىنىدۇ، ئەمەللىرى قىلمىشلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر جەننەتكە، قىلمىشى ئەمەللىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر دوزاخقا لايىق بولۇر. پەقەت ئاللاھ ئەپۇ قىلغان ياكى شاپائەتچىلەر شاپائەت قىلغان ئاسىيلار بۇنىڭ سىرتىدا. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿بۇ كۈندە بەندىلەرنىڭ (ياخشى – يامان ئەمەللىرىنىڭ) ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر. ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر﴾(7/«ئەئراف»: 8، 9).
ئەمەللىرى بىلەن قىلمىشلىرى تەڭ – باراۋەر كىشىنىڭ بارارجايى
ئەمەللىرى بىلەن قىلمىشلىرى تەڭ – باراۋەر كىشى جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان ئەئراف ئەھلىدىن بولىدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿توسمىنىڭ ئۈستىدە (ئەئرافتا) ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخنى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر (يەنى ئەھلى ئەئراف) بولىدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 46).
ئەئراف ئەھلىنىڭ ئىشى جەننەت ئەھلى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلى دوزاخقا كىرىپ بولغانغا قەدەر كېچىكتۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئەئراف ئەھلىنى شاپائەتكە نائىل بولغۇچىلار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار جەننەتكە كىرىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەزل – كەرەمى ۋە ئىلتىپاتىدۇر.
ئاللاھ تائالا جەننەت ۋە دوزاخ ئەھلىنى زىكىر قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەئراف ئەھلى ھەققىدە دېدىكى: ﴿ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسما بولىدۇ. توسمىنىڭ ئۈستىدە (ئەئرافتا) ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخنى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر (يەنى ئەھلى ئەئراف) بولىدۇ، ئۇلار ئەھلى جەننەتكە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئەھلى دوزاخ تەرەپكە بۇرۇلغاندا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ﴾(7/«ئەئراف»: 46، 47).
كافىرلارنىڭ قىلىم – ئېتىملىرى
مەيلى كافىر بولسۇن، مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن، ئاللاھ تائالا ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ. بەلكى ھەممە توغرا ئەمەلىنىڭ ياكى قەبىھ قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. كافىرلارنىڭ (ياخشى ئىش دەپ ئويلىغان) ئەمەللىرىمۇ تارازىدا تارتىلىدۇ، لېكىن ئۇ ئەمەللەر تارازىدا يەڭگىل كېلىپ، تارازا قايرىلىپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتتىكى: ﴿ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغان، نەتىجىدە قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى (يەنى مۇنداق كىشىلەرنى) قىلچە ئېتىبارغا ئالمايمىز﴾(18/«كەھف»: 105).
كافىرلارنىڭ قىلىم – ئېتىملىرى ئىككى قىسىم بولىدۇ:
بىرىنچى قىسىم: زېمىندا ھەددىدىن ئېشىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىشلىرى بولۇپ، باتىل، ناچار قىلمىشلاردۇر. ئۇلار ئەسلىدىلا بۇ ئەمەللەرنى قىلغاندا، ساۋابنى ئۈمىد قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئەمەللەرنى زۇلمەتلەر دەپ سۈپەتلەپ دېدىكى: ﴿ياكى ئۇلارنىڭ (ياخشى دەپ گۇمان قىلغان) ئەمەللىرى چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇ، ئۇنى (يەنى دېڭىزنى) قاتمۇقات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرىدۇ. (مانا بۇ) قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاردۇر، (بۇ قاراڭغۇلۇققا گىرىپتار بولغۇچى) قولىنى ئۇزاتسا بارماقلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ نۇر ئاتا قىلمىسا، كىم بولمىسۇن، نۇرنى كۆرەلمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان ئادەم ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ)﴾(24/«نۇر»: 40).
ئىككىنچى قىسىم: سەدىقە، سىلە – رەھىم، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم قىلىش ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق كەشپىياتلارنى پەيدا قىلىشقا ئوخشاش كافىرلار «ئۆزلىرىگە ئەسقاتىدۇ» دەپ ئويلاپ قىلغان ئەمەللەر. كافىرلار بۇ ئەمەللىرىگە قارىتا دۇنيادا مال – مۈلكىنىڭ زىيادە بولۇشى، كۆڭۈللىرىنىڭ خاتىرجەم بولۇشى، كېسەللىرىنىڭ شىپا تېپىشى ۋە ئەزىيەتلەردىن ساقلىنىپ قېلىشقا ئوخشاش ئىشلار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. لېكىن، بۇ ئەمەللەر ئۇلارغا ئاخىرەتتە مەنپەئەت قىلمايدۇ، چۈنكى ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتۇر(8).
لېكىن، ئاللاھ تائالا ناچار قىلمىشلارنى قىلغان كافىر بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كافىرنى باراۋەر قىلمايدۇ، بەلكى ياخشى ئىشلارنى قىلغۇچىغا دۇنيادا مۇكاپات بېرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿(قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى (يەنى دۇنيانىڭ نېئمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ﴾(11/«ھۇد»: 15، 16).
ئاللاھ تائالا كافىرلار قىلىدىغان بۇ ئەمەللەرگە مىساللارنى كەلتۈردى:
1) ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى سەرابقا ئوخشاش
چۈنكى، كافىر باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە سەدىقە قىلىشقا ئوخشاش ئەمەللەرنى ئۆزىگە ئاخىرەتتە مەنپەئەت قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ قىلىدۇ، ھالبۇكى بۇ ئەمەللەر ئۇنىڭغا مەنپەئەت قىلمايدۇ. بۇ كافىر ئالدىدا يالتىراپ تۇرغان سەرابنى سۇ دەپ ئويلاپ (ئەمەلىيەتتە ئۇ سۇ ئەمەس) قالغان چاڭقىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كافىرلارنىڭ (ياخشى ئەمەل دەپ ئويلىغان) ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشايدۇ، تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ (يەنى سۇ كۆرمەيدۇ)، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆز (ئەمەلىنىڭ) يېنىدا (كۆزىتىپ تۇرغۇچى) ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ قىلمىشىغا تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر﴾(24/«نۇر»: 39).
2) ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى كۈلگە ئوخشاش
كۈل — ئوتۇن ياكى كۆمۈردەك بىرنەرسە كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن قېپقالغان ئاقۇچ قارا ياكى كۆكۈچ چاڭسىمان مىنېرال قالدۇقتۇر. كافىرلارنىڭ ئەمەللىرى يىغىلىپ قالغان، بورانلىق شامال چىقىپ، ھەر تەرەپكە ئۇچۇرۇتۇۋەتكەن كۈلگە ئوخشاشتۇر. توزۇپ كەتكەن نەرسىنى بەندە قانداقمۇ بىر يەرگە يىغالايدۇ. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بورانلىق كۈندە شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن بىر دۆۋە كۈلگە ئوخشايدۇ، كافىرلار (بۇ دۇنيادا) قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئازراقمۇ ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ چوڭقۇر ئېزىشتۇر (يەنى چوڭ زىياندۇر)﴾(14/«ئىبراھىم»: 18).
ئاللاھ تائالا نېمە ئۈچۈن كافىرلارنىڭ ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ؟
ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ياراتتى ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇدى ۋە يەنە ئەنبىيائلەرنى بېشارەت بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئەنبىيائلەر ئىنسانلارغا توغرا يول بىلەن باتىل يولنى ئوچۇق بايان قىلىپ بەردى. كىمكى ئۇنىڭغا ئوچۇق ھەقىقەت كەلگەندىن كېيىن، مەجبۇرلانغان ۋە ئەقلىدىن ئاداشقان ئەھۋالنىڭ غەيرىدە سەركەشلىك قىلىپ قەستەن ھەقتىن يۈز ئۆرۈسە، بۇ قىلمىشىغا قارىتا ئازابقا لايىق بولۇر.
قىيامەت كۈنىنىڭ سوتىدا ئاللاھ تائالا تۈرلۈك جىنس، رەڭ ۋە دىنلاردىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى توختىتىپ ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدىكى كافىرلارنىڭ ھالىنى بايان قىلىپ: ﴿شۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟» دەپ نىدا قىلىدۇ﴾(28/«قەسەس»: 62) دېگەن. يەنى سىلەر ئىبادەت قىلغان، چوڭ بىلگەن، يېقىنلاشقان ۋە ئاللاھ تائالا بىلەن قوشۇپ «ئىلاھلاردۇر» دەپ ئويلىغان مېنىڭ «شېرىكلىرىم» قەيەردە؟ ئۇلار بۈگۈن سىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەمدۇ؟ ياكى سىلەرنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرالامدۇ؟
ئاللاھ تائالا يەنە دېگەنكى: ﴿ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ: «ئەنبىيائلەرگە نېمە بىلەن جاۋاب بەردىڭلار؟﴾(28/«قەسەس»: 65)، ﴿تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ. ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟ ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر﴾(101/«قارىئە»: 8 − 11)، ﴿تارازىسى يېنىك كەلگەنلەر (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) زىيان تارتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ (بەت چىراي) بولۇپ قالىدۇ. (ئۇلارغا) «سىلەرگە (دۇنيادا) مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلگەن، سىلەر ئۇنى (شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدىڭلار» دېيىلىدۇ﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 103 − 105).
شۇنداق، ئۇلار دۇنيادا ھۆرمەتلىگەن ۋە ئەزىز بىلگەن جانلىرىدىن قىيامەت كۈنى زىيان تارتىدۇ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ.
كافىرلاردىنمۇ ھېساب ئېلىنامدۇ؟
شۇنداق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سوئال – سوراق قىلىنىپ، ھېساب ئېلىنىدۇ ۋە ئەمەللىرى تارتىلىدۇ.
كافىرلار ئېنىق دوزاخقا كىرىدىغان تۇرسا، يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىنىدۇ ۋە ئەمەللىرى تارتىلىدۇ؟
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار (جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال – سوراق قىلىنىدۇ﴾(37/«ساففات»: 24). دېمەك، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭمۇ ئەمەللىرىدىن سوئال – سوراق قىلىپ ھېساب ئالىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
1) ئۇلارغا قارشى پاكىت كۈلتۈرۈش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئادىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىش؛ يەنى ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا يول قالدۇرماسلىق ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿كىشىلەرنىڭ نامەئى ئەئمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامەئى ئەئمالغا چوڭ – كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟» دەيدۇ، ئۇلار قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامەئى ئەئمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ﴾(18/«كەھف»: 49).
2) ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ھېساب ئالىدۇ؛ ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەگەر ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (غايەت چوڭ ئىشنى كۆرىسەن). ئاللاھ ئۇلارغا: «بۇ (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈش) راست ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، راست ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 30).
دېمەك، ئۇلار دۇنيادىكى ۋاقتىدا ھەقنى تونۇپ تۇرۇپ، قەستەن ئۇنىڭغا قارشىلاشقانلىقى ئۈچۈن، قىيامەت كۈنى ھەسرەت ۋە نادامەت ئۇلارنى چۇلغىۋالىدۇ.
3) كافىرلار شەرىئەتنىڭ ئەسلى بولمىش تەۋھىدكە بۇيرۇلغاندەك، تارماق ئەھكاملىرىغىىمۇ بۇيرۇلغاندۇر؛ ئۇلار بۇيرۇلغان ئىشلارغا سەل قارىغانلىقى ۋە ھەقىقەتكە قارشى چىققانلىقىدىن سوراققا تارتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ كافىر بولغانلىقىدىن ھېساب ئېلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ زاكات بەرمىگەنلىكى ۋە نامازنى تەرك ئەتكەنلىكىدىنمۇ سوئال – سوراق قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿مۇشرىكلەرگە ۋاي! ئۇلار زاكات بەرمەيدۇ، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ﴾(41/«فۇسسىلەت»: 6، 7) دېگەن. يەنە گۇناھكارلار توغرۇلۇق دېدىكى: ﴿ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق. مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق. بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھۇدە سۆز قىلاتتۇق﴾(74/«مۇددەسسىر»: 40 — 45).
4) كافىرلار كۇفرىدا ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلىرىدە پەرقلىق بولىدۇ.
قىيامەت كۈنىدە كافىرلاردىن ھېساب ئېلىش ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئازابنىڭ دەرىجىلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈندۇر. ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۇ زاتنىڭ كافىر ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن تاغىسى ئەبۇ تالىب ھەققىدە سوراپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! تاغىلىرى ئەبۇ تالىبقا قانداق پايدا يەتكۈزدىلە؟ ئۇ سىلىنى قوغداپ سىلى ئۈچۈن ئاچچىقلىناتتى» دېگەندە، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇ ئوشۇققا كېلىدىغان تېيىز ئوتتا، ناۋادا مەن بولمىغان بولسام دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىدا بولغان بولاتتى»(9) دېگەن. دېمەك، ئەبۇ تالىب دوزاختا ئەبۇ لەھەبكە قارىغاندا يېنىك ئازابلىنىدۇ.
كافىرلارنىڭ قىلغانلىرى قانداق تارتىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ تارازىنىڭ يەنە بىر تەخسىسىگە قويۇلىدىغان ياخشى ئەمەللىرى بارمۇ؟
كافىرلارنىڭ قىلغانلىرى تارازىنىڭ ئىككى تەخسىسىگە قويۇلىدۇ. تارازىنىڭ بىر تەخسىسىگە كافىرنىڭ كۇفرىلىقى ۋە قىلمىشلىرى قويۇلىدۇ، بۇ چاغدا تارازىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قويۇلىدىغانغا كافىرنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قىلمىشلىرى قويۇلغان تەخسىسى بېسىپ كېتىدۇ.
كافىرلار دۇنيادا بىر ياخشى ئەمەل قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش، رىزقىغا بەرىكەت بېرىش ۋە مال – دۇنياسىنى كۆپەيتىپ بېرىش بىلەن دۇنيادا مۇكاپاتلايدىغانلىقى يۇقىرىدا ئېيتىلغانىدى. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى (يەنى دۇنيانىڭ نېئمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ﴾(11/«ھۇد»: 15، 16).
ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش ياخشى ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەللەر ئاخىرەتتە مەنپەئەت قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار — ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى نادانلار! مېنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشىقا بۇيرۇمسىلەر؟» ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر)لەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شىرك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلبەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلبەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھيى قىلىندى﴾(39/«زۇمەر»: 63 — 66).
«كافىر دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە قارىتا مۇكاپاتلىنىدۇ، قىيامەت كۈنى بولسا ھېچقانداق ياخشى ئەمەللىرى يوق ھالەتتە كېلىدۇ» دېگەن مەزمۇندا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مۇئمىنگە قىلغان بىرەر ياخشىلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. ئەمما، كافىرغا كەلسەك، ئۇنىڭ (ئۆز خىيالىدا) ئاللاھ ئۈچۈن قىلدىم دەپ قىلغان ياخشىلىقلىرىغا قارىتا ئۇنىڭغا دۇنيادىلا رىزىق بېرىلىدۇ، ئاخىرەتكە بارغاندا ئۇنىڭ ئەجىر ئاتا قىلىنغۇدەك بىرەر ياخشىلىقى قالمايدۇ» دېگەن(10).
يۇقىرىدىكى مەزمۇنلاردىن قىيامەت كۈنى كافىرلارنىڭ سوئال – سوراق قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتۇق. ئۇنداقتا ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ سورىلىشى (ئاللاھ بۇنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن) ھاجەتسىزدۇر﴾(28/«قەسەس»: 78) دېگەن سۆزىنى ۋە: ﴿بۇ كۈندە ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا ئىزنى بېرىلمەيدۇ﴾(77/«مۇرسەلات»: 35، 36) دېگەن سۆزلىرىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
شەكسىزكى، قىيامەت كۈنى كافىرلارنىڭ ھالى تۆۋەندىكى ئىككى ھالەتنىڭ بىرسىدە بولىدۇ:
بىرىنچى ھالەت: كافىرلاردىن مۇئمىنلەرنىڭ ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرىدىن سوئال – سوراق قىلىنغان شەكىلدەك سورالمايدۇ. بەلكى ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن «ئوغرىلىق قىلدىڭ»، «نېمە ئۈچۈن زىنا قىلدىڭ» دەپ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەش شەكلىدە سوئال – سوراق قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى ھالەت: قىيامەت كۈنى بەك ئۇزۇن كۈن بولۇپ، بۇ كۈندە نۇرغۇن ئەھۋاللار ۋە نۇرغۇن ئورۇنلار بار، بۇ ئورۇنلارنىڭ بەزىسىدە ھېساب ئېلىنىدۇ، بەزىسىدە نامەئى ئەئماللەر تارقىتىلىدۇ، پىلسىرات بار ۋە ھەۋزى كەۋسەر بار. كافىرلار بۇ ئورۇنلارنىڭ بەزىسىدە سوئال – سوراق قىلىنىدۇ.
دېمەك، قىيامەت كۈنىدە نۇرغۇن ئورۇنلار بار، بۇ ئورۇنلارنىڭ بەزىسىدە سوئال – سوراق قىلىنىدۇ، بەزىسىدە ئۇنداق بولمايدۇ.
تارازىدا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ئەمەل
ئەمەللەرنىڭ ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغانلىرى تارازىدا شۇنچە ئېغىر كېلىدىغانلىرىدۇر. تارازا ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئېغىر كەلسە بەندە نىجات تاپىدۇ.
ئەمەللەر تۈرلۈك بولىدۇ، ئەمەللەر بىر – بىرىدىن ئەۋزەلدۇر. ئەمەللەرنىڭ ئىچىدە چوڭ ئەمەللەر، كىچىك ئەمەللەر، يېنىك ئەمەللەر ۋە ئېغىر ئەمەللەر بولىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە تارازىدا ئېغىر كېلىدىغان بەزى ئەمەللەرنى سۆزلەپ بەردى. ئۇلارنىڭ قاتارىدىن:
1) گۈزەل ئەخلاق
ئەخلاقنىڭ گۈزەل بولۇشى ئاسان بىر ئىش بولۇپ، خۇش – چىراي بولۇش ۋە سىلىق سۆزلۈك بولۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
كىمكى ئۇنىڭغا گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلىنغان بولسا ۋە تەبەسسۇم قىلىشنى، كۆڭلى يۇمشاقلىقنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، ئۇنىڭ بۇ ئەمەلى تارازىدا ئېغىر كېلىدۇ ۋە ئۇ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان بەندە بولىدۇ.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى بەك گۈزەل ئىدى، ئاللاھ تائالا ئۇ زاتنى مەدھىيەلەپ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾(68/«قەلەم»: 4)، ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ. ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى﴾(3/«ئال ئىمران»: 159) دېگەنىدى.
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گۈزەل ئەخلاقنى مەدھىيەلەپ: «ھەقىقەتەن، قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ تارازىسىدا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان نەرسە گۈزەل ئەخلاقتۇر. ھەقىقەتەن، سەت گەپ قىلىدىغان، ئاغزى بېزەپ كىشىلەردىن ئاللاھ بەكمۇ نەپرەتلىنىدۇ»(11) دېگەن.
2) ئاللاھنى زىكىر قىلىش
ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىش، تەسبىھ، ھەمد ۋە تەھلىل ئېيتىش بەندىنى ئاللاھقا بەك يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەردۇر. كىمكى بىرنەرسىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنى كۆپ تىلغا ئالىدۇ. شۇنىڭدەك كىمكى ئاللاھنى ياخشى كۆرسە، ئۇنى كۆپ زىكىر قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿مېنى (تائەت – ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغفىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن﴾(2/«بەقەرە»: 152)، ﴿ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغفىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى﴾(33/«ئەھزاب»: 35).
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ياخشىراقى بولغان ۋە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نەزەرىدە پاكراقى، دەرىجەڭلارنىڭ ئىچىدىكى يۇقىرىراقى بولغان ۋە سىلەر ئۈچۈن ئالتۇن – كۈمۈش سەدىقە قىلغاندىنمۇ، دۈشمىنىڭلارغا ئۇچرىشىپ سىلەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا، ئۇلار سىلەرنىڭ بويۇنلىرىغا ئۇرغاندىنمۇ ياخشىراق بولغان ئەمەلدىن خەبەر بېرەيمۇ؟ — دېگەنىدى، ئەسھابلەر:
— شۇنداق قىلسىلا، ئى رەسۇلۇللاھ! — دېۋىدى، ئۇ زات:
— ئاللاھنى زىكىر قىلىش، — دېدى(12).
بىر ئادەم نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:
— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئورۇندايدىغان ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەھكاملىرى كۆپ ئىكەن، مەن مەھكەم تۇرىدىغان بىرەرىنى ئېيتىپ بەرسىلە، — دېۋىدى، ئۇ زات::
— تىلىڭ ھەمىشە ئاللاھ تائالانىڭ زىكرى بىلەن بولسۇن، — دېدى»(13).
ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش تارازىدا ئېغىر كېلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «راھمانغا سۆيۈملۈك، تىلغا يەڭگىل، تارازىدا ئېغىر ئىككى سۆز بار: ‹سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى سۇبھانەللاھىلئەزىيم / ئاللاھنى ھەمدۇسانا بىلەن مەدھىيەلىگەن ھالدا پاكلايمەن، ئۇلۇغ ئاللاھنى پاكلايمەن›دۇر» دېگەن(14).
زىكىرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى «ئەلھەمدۇلىللاھ/ جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر» دېگەن سۆزدۇر. بۇ سۆز تارازىدا ئېغىر كېلىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «پاكلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر ۋە ‹سۇبھانەللاھ› نامەئى ئەئمال تارازىسىنى توشقۇزىدۇ. ‹سۇبھانەللاھ! ۋەلھەمدۇلىللاھ› ئاسمان – زېمىننىڭ ئارىسىنى توشقۇزىدۇ»(15) دېگەن.
3) ئاللاھ يولىدا ۋەقف قىلىش
ۋەقف قىلىش — ئىنسان مال – مۈلكىدىن زېمىن، تېرىلغۇ يەر ۋە ئۆي – سەرەمجانلىرىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى بىر ئىشقا ئاتاپ، ئۇنى ساتماستىن، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن چىققان كىرىمنى خەيرلىك ئىشلارغا ئىشلىتىشتۇر.
بۇ سەدىقە جارىيە بولۇپ، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر ئادەم بالىسى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۈچ خىلدىن باشقا ئەمەلىنىڭ ساۋابى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ: پايدىسى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ۋەقف؛ خەلق پايدىلىنىپ تۇرىدىغان ئىلىم؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت تەربىيەلەپ قويۇش»(16) دېگەن. يەنە: «ھەقىقەتەن، مۇئمىنگە ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ساۋابى يېتىپ تۇرىدىغان ئەمەلى ۋە ياخشىلىقلىرىنىڭ قاتارىدىن: ‹ئۆگەتكەن ۋە تارقاتقان ئىلىم، تەربىيەلەپ قويغان ياخشى پەرزەنت، قالدۇرۇپ قويغان مۇسھەپ (قۇرئان)، سېلىپ قويغان مەسجىد، مۇساپىرخانا، قېزىپ قويغان ئۆستەڭ ۋە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ساۋابى داۋاملىق يېتىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ھايات، ساغلام ۋاقتىدا مال – مۈلكىدىن چىقىرىپ قىلغان سەدىقە»(17) دېگەن. يەنە: «كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنى تەستىقلاپ، ئاللاھ يولىدا بىر ئات ساقلىغان بولسا، ئاتنىڭ يېگەن – ئىچكىنى، سىيىپ تېزەكلىشىدىن تارتىپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ تارازىسىغا چۈشىدۇ»(18).
يۇقىرىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ۋەقف قىلىشنىڭ پەزىلىتىگە دالالەت قىلىدۇ.
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەسھابلىرىدىن كۈچى يەتكۈدەك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ۋەقف قىلاتتى»(19) دېگەن.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «ئەبۇ تەلھە مەدىنەدىكى ئەنسارلار ئىچىدە خورمىسى ئەڭ كۆپ بايلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئەتىۋار مېلى بەيرۇھاﺋ بېغى بولۇپ، ئۇ باغ مەسجىدنىڭ ئالدىدا ئىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ باغقا كىرىپ، شېرىن سۈيىدىن ئىچەتتى. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر، نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 92) دېگەن ئايەتى نازىل بولغاندا، ئەبۇ تەلھە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا كىتابىدا: ﴿ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر، نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 92) دەيدۇ، مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مېلىم بەيرۇھاﺋ بېغىدۇر. ئۇ ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۈچۈن سەدىقەدۇر، مەن ئاللاھنىڭ ماڭا ياخشى مۇكاپات بېرىشىنى ۋە ئۇنى ئاخىرەتكە ساقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنى ئاللاھ ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن يەرگە سەرپ قىلغايلا! — دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:
— پاھ، نېمىدېگەن ياخشى! بۇ ئاخىرەتتە پايدا قىلىدىغان مال. بۇ ئاخىرەتتە پايدا قىلىدىغان مال. مەن سۆزۈڭنى ئاڭلاپ بولدۇم. (ئۇنى سەندىن قوبۇل قىلدىم، ئۇنى يەنە ساڭا قايتۇردۇم) ئۇنى ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭغا سەدىقە قىلىۋېتىشىڭنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن، — دېدى. ئەبۇ تەلھە:
— شۇنداق قىلاي، يا رەسۇلەللاھ! — دەپ ئۇنى يېقىن تۇغقانلىرىغا ۋە (ئاتا تەرەپ) تاغىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىۋەتتى»(20).
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دېدىكى: «(ئاتام) ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) خەيبەردە بىر زېمىنغا ئىگە بولغان ئىدى. ئۇ بۇ زېمىننى قانداق قىلىش توغرىسىدا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مەسلىھەت سوراپ كېلىپ:
— يا رەسۇلەللاھ! مەن خەيبەردە بىر پارچە زېمىنغا ئېرىشتىم. ھالبۇكى مەن ھېچقاچان مەن ئۈچۈن بۇنىڭدىن قىممەتلىكرەك بىر مالغا ئېرىشىپ باقمىغانمەن. ئۇنى قانداق قىلىشقا بۇيرۇيدىلا؟ — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:
— خاھلىساڭ، تېگىنى ۋەقف قىلىپ، ھوسۇلىنى سەدىقە قىلغىن، — دېدى». (ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما) دېدىكى: «شۇنىڭ بىلەن (ئاتام) ئۆمەر: ‹ئۇنىڭ تېگى سېتىلمايدۇ، ھىبە قىلىپ بېرىلمەيدۇ، مىراس قالدۇرۇلمايدۇ› دەپ كىرىمى پېقىرلارغا، خىش – ئەقرىبالارغا، (مۇكاتەب) قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، ئاللاھنىڭ يولىغا، يولدا قالغانلارغا ۋە مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا سەرپ قىلىشقا ۋە ‹ۋەقفنى باشقۇرىدىغان ئادەمنىڭ مال توپلىۋالمىغان ھالدا كىرىمدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئۆزى يېسە ياكى دوستىغا يېگۈزسە گۇناھ بولمايدۇ› دەپ شەرت قىلىپ ۋەقف قىلىۋەتتى»(21).
ۋەقف قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىندۇر(22) ۋە ۋەقف قىلىش تارازىدا ئېغىر كېلىدىغان ئەمەلدۇر. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنى تەستىقلاپ، ئاللاھ يولىدا بىر ئات ساقلىغان بولسا، ئاتنىڭ يېگەن – ئىچكىنى، سىيىپ تېزەكلىشىدىن تارتىپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ تارازىسىغا چۈشىدۇ» دېگەن(23).
ھەدىستىن مۇسۇلماننى پايدىسى يېتىپ تۇرىدىغان بىرەر نەرسىنى ۋەقف قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، كىمكى ئاللاھ يولىدا بىرەر ئاتنى باقسا، ئاللاھ تائالا ئۇ ئاتنىڭ يېگەن – ئىچكىنى، سىيىپ تېزەكلىشىدىن تارتىپ، ھەممىنى قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنىڭ ياخشى ئەمەللەر تارازىسىدا ئېغىر كېلىدىغان ئەمەللەردىن قىلىپ بېرىدۇ.
ئاخىرىدا دەيمىزكى: بەندىگە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش ۋە كۆڭلىگە پۈكۈش ئارقىلىق قىيامەت كۈنى تارازىسىنى ئېغىر قىلىشنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر ياخشى ئىش ئوﻥ ھەسسىدىن يەتتە يۈﺯ ھەسسىگىچە كۆپەيتىلىپ بېرىلىدۇ»(24) دېگەن. يەنە: «كىمكى بىر ياخشىلىق قىلىشنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ ئۇنى قىلالمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا تولۇق بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى يازىدۇ»(25) دېگەن.
تارازا
ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس قىلىش ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئىماننى زىيادە قىلىدۇ ۋە تارازىدا ئەمەلنى ئېغىرلىتىدۇ.
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
ئۇ دۇنيا
(«قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار)
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
مۇھەممەد بارات
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7563)؛ مۇسلىم (2694).
2. ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، (8739). ھاكىم ۋە زەھەبىيلەر: «سەھىھ» دېگەن.
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7563)؛ مۇسلىم (2694).
4. مۇسلىم (223).
5. تىرمىزىي (2639). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 1776) «سەھىھ» دېگەن.
6. ئەھمەد (3991). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4729)؛ مۇسلىم (2785).
8. ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىجمائى بىلەن كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆلگەن كافىرنىڭ دۇنيادا سىلە – رەھىم، سەدىقە ۋە خەير – ئېھسانغا ئوخشىغان ئالاھىدە نىيەتكە قاراشلىق بولمىغان ياخشىلىقلىرىغا قارىتا ئاخىرەتتە ئەجىر بېرىلمەيدۇ. ئەمما، بۇ تۈرلۈك ياخشىلىقلارنى قىلىپ كېيىن ئىمان ئېيتىپ ئۆلگەن بولسا، توغرا قاراشتا ئۇنىڭغا ئەجىر بېرىلىدۇ. قاراڭ: نەۋەۋىي: «شەرھۇ مۇسلىم»، 9/184 — ت.
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3883)؛ مۇسلىم (209).
10. مۇسلىم (2808). (كافىرنىڭ قىلغانلىرىنى ياخشىلىق ياكى ئەمەل دەپ ئاتاش كافىرنىڭ ئۆزىنىڭ ئويى بويىچە ئاتاشتۇر. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئەمەلنىڭ شەرتى بولغان ئىمان بولمىسا ياخشىلىق ياكى ئەمەل دېيىلمەيدۇ. بەلكىم شەكىلدە مۇئمىننىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىغا ئوخشاپ قالغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان بولسا كېرەك. قاراڭ: قۇرتۇبىي: «ئەلمۇفھىم»، 3/86 — ت.)
11. تىرمىزىي (2002). تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
12. تىرمىزىي (3377). ئالبانىي: («سەھىھۇتتىرمىزىي»، 3377) «سەھىھ» دېگەن.
13. تىرمىزىي (3375). ئالبانىي: («سەھىھۇتتىرمىزىي»، 3375) «سەھىھ» دېگەن.
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7563)؛ مۇسلىم (2694).
15. مۇسلىم (223).
16. مۇسلىم (1631).
17. ئىبنى ماجە (242). ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ»، 6546) «ھەسەن» دېگەن.
18. بۇخارىي (2853).
19. ئەبۇبەكرى ئەلخەسساف: «ئەھكامۇل ۋەقف» (15) — ت.
20. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1461)؛ مۇسلىم (998).
21. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2637)؛ مۇسلىم (1632).
22. ۋەقف قىلىش بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، ئەۋلادىغا ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا ۋەقف قىلىش؛ بۇنىڭدا ۋەقف قىلغۇچى ۋەقفنىڭ كىرىمىنى ئەۋلادى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئىچىدىكى موھتاجلارغا نەپىقە قىلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ. يەنە بىرى، خەيرىيەت ۋەقفىسى؛ بۇنىڭدا ۋەقف قىلغۇچى ۋەقفنىڭ كىرىمىنى كەمبەغەللەرگە، مىسكىنلەرگە، مەسجىد، دوختۇرخانا، دارىلئېتام ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جايلارنى سېلىشقا خەجلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ. يەنە بىرى، ئورتاق ۋەقف. بۇنىڭدا ۋەقف قىلغۇچى ئالدى بىلەن ۋەقفنىڭ كىرىمىنى مەلۇم مۇددەت ياخشىلىق يوللىرىغا خەجلىنىدىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلىرى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا خەجلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ. مەسىلەن: «مەن بۇ زېمىننى بىر يىل كەمبەغەللەرگە، ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلىرىمغا ۋەقف قىلدىم» دېگەنگە ئوخشاش.
23. بۇخارىي (2853).
24. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (41)؛ مۇسلىم (129).
25. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6491)؛ مۇسلىم (131).

