ا«قۇرئان كەرىم» پەيلاسوپى دوكتور مۇھەممەد ئابدۇللاھ دەراز

«قۇرئان كەرىم» پەيلاسوپى دوكتور مۇھەممەد ئابدۇللاھ دەراز

(ھىجرىيە 1312 – 1377 / مىلادىيە 1894 – 1958)

 

دوكتور، ئەللامە مۇھەممەد ئابدۇللاھ دەراز 1894 – يىلى مىسىرنىڭ كەفرىششەيخ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. تەقۋادارلىقى ۋە مەرىپەتچىلىكى بىلەن تونۇلغان ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. دادىسى شەيخ ئابدۇللاھ دەراز ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىمام شاتىبىينىڭ «الموافقات» ناملىق كىتابىغا شەرھى يازغان. دوكتور، ئەللامە مۇھەممەد ئابدۇللاھ دەراز «قۇرئان كەرىم»نى 10 يېشىغا توشماي تۇرۇپلا تولۇق يادقا ئېلىپ بولغان. 1916 – يىلىغىچە باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق ئوقۇش باسقۇچلىرىنى تاماملاپ، «خەلقئارالىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى»گە ئېرىشكەن. 1928 – يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1936 – يىلى ھەج سەپىرىگە ئاتلانغان ۋە شۇ يىلى يەنە فرانسىيەنىڭ «سوربون ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان 12 يىلنىڭ ھەممىسىنى غەرب ئىلىم – مەرىپەتلىرىنى ئەسلى مەنبەسىدىن تولۇق ئىگىلەشكە، ئېرىشكەن ئىلمىي ھاسىلاتلىرىنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەخلاق ئىلمى پىرىنسىپلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ۋە ئۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە سەرپ قىلغان. ئۇ ئاخىرى «سوربون ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «‹قۇرئان كەرىم› ئەخلاقى (Coran La morale du − أخلاق القرآن)» ناملىق دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى لېۋ ماسىينىيون، لېۋ بىروفىنسال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فرانسىيەلىك شەرقشۇناسلارنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغان. دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش يىغىنى 1947 – يىلى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئېچىلغان. ئۇ مول – ھوسۇللۇق ئىلىم سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1949 – يىلى «كاتتا ئالىملار ھەيئىتى»نىڭ ئەزاسى بولغان. مىسىرنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا «دىنلار تارىخى»، «تەپسىر»، «ئەخلاق پەلسەپەسى» قاتارلىق پەنلەردىن دەرس بەرگەن.

دوكتور مۇھەممەد ئابدۇللاھ دەراز 1958 – يىلى پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە ئېچىلغان «ئىسلام مەدەنىيىتى قۇرۇلتىيى»غا قاتنىشىۋاتقاندا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ۋاپاتىغا مىسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام دۇنياسى تەزىيە بىلدۈرگەن.

ماراكەشكە بولغان مېھرى

دوكتور مۇھەممەد ئابدۇللاھ دەراز ئائىلىسىنىڭ ماراكەشكە ئۆزگىچە مېھرى بار ئىدى. بۇ بەلكىم بۇ ئائىلىنىڭ مالىكىي مەزھەپتە بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. شەيخ ئابدۇللاھ دەراز – بىز دەۋاتقان دوكتور مۇھەممەد دەرازنىڭ دادىسى، يەنى، دادا دەراز – ئەندەلۇسلۇق فەقىھ (ئىسلام قانۇنشۇناسى) ئەبۇ ئىسھاق شاتىبىينىڭ «الموافقات» ناملىق كىتابىغا شەرھى يازغان. بالا دەراز يەنى، دوكتور مۇھەممەد دەراز بۇ كىتابنى تەھقىقلەپ نەشرگە تەييارلىغان. ئارقىدىن يەنە ئىمام شاتىبىينىڭ «الاعتصام» ناملىق كىتابى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۆزىنىڭ «سۈننەت ۋە بىدئەت ئارىسىدىكى تارازا (الميزان بين السنة والبدعة)» ناملىق كىتابىدا «قۇرئان» ۋە ھەدىس يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ يېڭىچە تەپەككۇر ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچىگەن. ئەمما، تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇ مەزكۇر كىتابى پۈتۈشكە ئازلا قالغاندا ۋاپات بولۇپ كەتكەن.

دوكتور مۇھەممەد دەراز 20 – ئەسىرنىڭ يېرىمىدا، فرانسىيەدىكى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە، ئالجىرىيەلىك پەيلاسوپ مالىك ئىبنى نەبى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت باغلىغان. ئىككىيلەننىڭ پىكرىي يۆنىلىش، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە، «قۇرئان كەرىم» تەتقىقات ئۇسلۇبىنى يېڭىلاش قاتارلىق تەرەپلەردە كۆپ ئوخشاشلىقى بار ئىدى. بۇنى دوكتور مۇھەممەد دەراز مالىك ئىبنى نەبىينىڭ «‹قۇرئان›ىي ھادىسىە (الظاهرة القرآنية)» دېگەن كىتابىغا يېزىپ بەرگەن تەقرىزىدە ئوچۇق تىلغا ئالغان. مالىك ئىبنى نەبىنىڭ مەزكۇر كىتابى بىلەن دوكتور مۇھەممەد دەرازنىڭ «بۈيۈك بېشارەت (النبأ العظيم)» ۋە «‹قۇرئان كەرىم›ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات (مدخل إلى القرآن الكريم)» دېگەن ئىككى كىتابىنى سېلىشتۇرۇپ باققان ئوقۇرمەننىڭ كۆزى 20 – ئەسىردە ئۆتكەن مۇسۇلمان ئاقىللار قاتارىدىكى مەزكۇر ئىككى گىگانت شەخس ئارىسىدىكى پىكرىي يېقىنلىقنى بىر قاراپلا بايقىۋالالايدۇ.

پىكرىي ۋە ئەقلىي يېقىنلىق مۇناسىۋىتى ئۆزئارا قېرىنداشلارچە ھىمايە قىلىش، ئورتاق كۈرەش قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇپ، دوكتور مۇھەممەد دەراز ماراكەشنىڭ فرانسىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشىنى تەلەپ قىلغۇچىلار بىلەن ئاكتىپ ھالدا بىر مەيداندا تۇرغان. شۇ سەۋەبلىك فرانسىيەدە ئوقۇغۇچى ۋە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقاندا ھەر خىل خەتەرلەرگە دۇچ كەلگەن. مەن بۇ قۇرلارنىڭ بۇ ئېسىل ئائىلىنىڭ ماراكەش خەلقىگە سۇنغان ئىلمىي ۋە ئەمەلىي تۆھپىلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىغا بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئالىيجانابلىقى

دوكتور مۇھەممەد دەراز ئالىيجاناب روھ ساھىبى، نادىر ئەخلاق ئىگىسى بولۇپ، قاتارلىق شەيخ ئابدۇللاھ ئەلئەنسارى ئۇنىڭ ئەخلاقىي سۈپەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ زېرەك، چېچەن، سالماق، چىدامچان، كەمتەر، چىقىشقاق، ۋاپادار، جۈرئەتلىك، قەيسەر، جەسۇر، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان، يۇمشاق سۆزلۈك، يېقىملىق ۋە ھەقەمسايىلىرىگە خەيرخاھلىق قىلىدىغان كىشى ئىدى».

ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى «قۇرئان»ىي ۋەزىپىنىڭ قىممىتىنى ئاڭقىرىغان، ئولتۇرسا – قوپسا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ غېمىنى يەيدىغان كىشى ئىدى. ئوقۇغۇچىسى ئەللامە يۈسۈف قەرەداۋى ئۇستازى ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان: «بىز داۋاملىق ئۇستازىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا كىرسەكلا ئۇنىڭ ئىسلامنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ غېمى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرەتتۇق».

ئۇنىڭ غۇرۇلۇق شەخس ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ فرانسىيەدە تۇرۇۋاتقان بولۇشىغا قارىماستىن، شۇ ۋاقىتتا فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ماراكەشنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارا قوللىشى ئىدى. مىسىر ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇنىڭغا «ئەزھەر باش شەيخى»لىك مەنسىپىنى تەڭلىگەندە، ئۇ ئەزھەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ چات كېرىۋېلىشىدىن خالىي مۇستەقىل ئىلمىي ئورگانلىق سالاھىيىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى شەرت قىلغان. ئىنقىلاب رەھبەرلىرى بۇ شەرتنى رەت قىلغاندا، ئۇمۇ بۇ مەنسەپنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە تەكرار – تەكرار تەكلىپ قىلىنغانلىقىغا قارىماي رەت قىلىش قارارىدا ئىزچىل چىڭ تۇرغان.

كۆپ قۇرۇلمىلىق تەپەككۇرى

دوكتور مۇھەممەد دەراز ئەللامە قەرەداۋى سۈپەتلىگەندەك «ھەم ئەزھەرنىڭ، ھەم سوربوننىڭ پەرزەنتى» ئىدى. ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ھەربىرىنى ئۆز مەنبەسىدىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتى ئۇنىڭ تېيىزلىق ۋە يۈزەكىلىكتىن، شۇنداقلا كۆمۈلۈپ قالغان مول مەنبەلىك مەدەنىي مىراسلار بىلەن ھەپىلەشكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى گىرىپتار بولۇپ قېلىۋاتقان «ئەقلىي ھەزىمى ناچارلىق كېسىلى»دىن يىراق، يېتۈك تەھلىلىي قۇرۇلمىلىق تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرگەن. ئۇ غەزالى، ھەكىم تىرمىزى، ئەبۇ تالىب مەككى قاتارلىقلارنىڭ ئىلھامبەخش پىكىرلىرىگە چوڭقۇر چۆككەنىدى. دىكارت، كانت، بەرجىسون قاتارلىقلارنىڭ پەلسەپەسىنى پۇختا بىلەتتى. دوكتور دەراز كۆپ قۇرۇلمىلىق بۇ خىل تەپەككۇر ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تەھلىلىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، دەلىللىشىنىڭ ئىسپاتلىق، ئىنچىكە، قايىل قىلارلىق ۋە «قۇرئان كەرىم»نى مەنبە قىلغان ھالدا بالاغەتلىك بولۇش بىلەن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن.

«قۇرئان كەرىم»گە بولغان ئىشتىياقى

دوكتور مۇھەممەد دەرازنىڭ ئەڭ مۇھىم خاراكتېرىنىڭ، شۇنداقلا ئىلمىي ۋە ئەمەلىي تۆھپىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنبەسى ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»گە بولغان مەپتۇنلۇقىدۇر. ئۇ ھەقىقىي قۇرئانشۇناس ئىدى، «قۇرئان»غا بولغان مۇھەببىتى ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قاپلىغان، ئەس – يادىنى ئىگىلىگەن ئىدى. داۋاملىق «قۇرئان» بىلەن مەشغۇل ئىدى، يا ئوقۇيتتى، يا مۇلاھىزە يۈرگۈزەتتى، يا نامازدا ئوقۇيتتى. پۈتۈن ئىلمىي تەتقىقاتى پەقەت «قۇرئان»غىلا مەركەزلەشكەن ۋە «قۇرئان»نىلا چۆرىدىگەن ئىدى. دوكتور مۇھەممەد دەراز ئاللاھنىڭ كىتابىغا بولغان ئىشتىياقىنى، پۈتكۈل ئەس – يادىنىڭ ئۇنىڭدىلا بولۇپ قېلىشىنى تىزگىنلىيەلمەيتتى. ئۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ كەلىمىلىرىنى مەپتۇنلۇق بىلەن مۇلاھىزە قىلاتتى ۋە «نۇرلۇق ئۈنچىلەر» دەپ سۈپەتلەيتتى.

دوكتور مۇھەممەد دەراز جاپا ھېس قىلماستىن كۈنىگە ئالتە پارە «قۇرئان» ئوقۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. ئۇ «قۇرئان كەرىم»نى ھەقىقەتەن چوڭ كۆرەتتى. تەپسىر دەرسى ئۆتۈۋاتقانلىرىدا «تىلاۋەت سەجدىسى» ئايىتىگە توغرا كېلىپ قالسا، دەرھال سەجدە قىلاتتى. ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسكە دەرسنى باشلاشتىن بۇرۇن تاھارەت ئېلىپ كىرىشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇنىڭ لاھوردىكى قۇرۇلتايغا بىللە بارغان سەپەردىشى شەيخ مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ بىزگە خۇپتەن نامىزىدا ئىمام بولاتتى. نامازدىن كېيىن ھەممەيلەن ئۇيقۇغا تۇتۇش قىلسا، ئۇ نامىزىغا، ‹قۇرئان›ىغا تۇتۇش قىلاتتى. مەن ئۇنى داۋاملىق يا ‹قۇرئان› ئوقۇۋاتقان، يا ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرەتتىم».

ئوتتۇرھاللىق مېتودى

دوكتور مۇھەممەد دەراز ئىسلامدا ئوتتۇرھال يول تۇتۇپ ماڭىدىغان ئىماملارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئوتتۇرھاللىق مېتودى ئىسلامنىڭ پىكرىي دۇنياسىنى گاڭگىرىتىپ، قالايمىقانلاشتۇرۇپ كەلگەن ئەقىل بىلەن نەقىل، سۈننەت بىلەن بىدئەت، جەبرىيلىك (سەلبىي تەقدىرچىلىك) بىلەن ئىختىيارچىلىق، تىنچلىق بىلەن ئۇرۇش، ئىلىم – پەن بىلەن دىن، ئەخلاق بىلەن قانۇن… قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىككى تەرەپلىك چوڭ تېمىلار ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىدە نامايان بولغان. مەن دوكتور دەرازنىڭ بۇ ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە چوڭ تېمىلار ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىنى تەتقىق قىلدىم. ئاللاھ خالىسا، پات يېقىندا نەشردىن چىقىدىغان مەخسۇس شۇ ھەقتىكى تەتقىقات كىتابىمدا بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي بايانلار بار. بۇ جايدا ئۇنىڭ مۇلاھىزىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلىشقا ئىمكان يوق. شۇڭا، پەقەت ئۇنىڭ «ئەقىل بىلەن نەقىلنىڭ مۇناسۋىتى» توغرىسىدىكى بايانىدىن بىر پارچىنىلا كەلتۈرىمەن. ئۇ مۇنداق قارايدۇ: «ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىش ساماۋى شەرىئەتكە تەۋە بولۇشتىن بۇرۇن ئىنسانغا ئورنىتىۋېتىلگەن ئىچكى ئىلھامدۇر، ئىلاھىي قانۇن تۇغما ئەخلاقىي قانۇنلارنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئۇ ھەقىقەت ۋە ياخشىلىقتىن توسقۇچى ئىللەتلەر بىلەن يۇقۇملانغان ياكى گاڭگىراشقا، ئىزتىراپقا چۆكۈپ قېلىشقا ئېلىپ بارغۇچى زۇلمەتلەر كونتروللۇقىغا ئالغىلىۋاتقان ئىنسانىي تۇغما تەبىئەتنىڭ زۆرۈر تولۇقلىغۇچىسىدۇر. ۋەھىينىڭ نۇرى بولمىغان ئەھۋالدا، ئىنسانىيەت ياخشى بىلەن ياماننى پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدىكى ئايىغى چىقماس جەڭگە – جېدەل ئىچىدىن چىقالمايدۇ. ھېسسىياتقا ھېسسىيات بىلەنلا تەڭ تۇرۇلغاندەك، ئەقىلغىمۇ ئەقىل بىلەنلا تەڭ تۇرۇلىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخى بۇددىزم نېرۋاناچىلىرىنىڭ تەركىدۇنياچىلىقىدىن تارتىپ يۇنان راۋاقچىلىرىنىڭ چەكسىز ئەركىنچىلىكىگە قەدەر بۇ خىل ئايىغى چىقماس چۈشكۈنلۈكلەردىن بىزنى خەۋەردار قىلغان. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەھىي نۇرى بىلەن تۇغما تەبىئىي خاراكتېر نۇرىنىڭ بەيگىدە تەڭ چېپىۋاتقان ئىككى چەۋەنداز كەبى بولۇشى كېرەكلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. چۈنكى، بۇ، تۇغما تەبىئىي خاراكتېر قانۇنىنى ياراتقۇچى، ساماۋى شەرىئەتنى يولغا قويغۇچى زاتنىڭ ئىرادىسىدۇر».

يېتەكچىلىك ۋە ئىسلاھات

دوكتور دەرازنىڭ پىكرىي پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دېگۈدەك ئىسلاھاتچىلىق روھىدىكى ئۆتكۈر تەنقىدنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان. ئۇنىڭ ئىسلاھاتچىلىقى ھەممىدىن بەك «قۇرئان» تەتقىقاتىدا ئەڭ گەۋدىلەنگەن. بۇ جايدا بىز پاكىتلىق ھالدا شۇنداق دېيەلەيمىزكى، دوكتور دەراز «قۇرئان كەرىمنىڭ ئەخلاقى (أخلاق القرآن)» ھەققىدىكى ئىلم بىلەن «قۇرئان كەرىمنىڭ ئەسلى مەنبەسى (مصدر القرآن)» ھەققىدىكى ئىلىمدىن ئىبارەت ئىككى ئىلىمگە ئاساس سالغان ۋە بىرىنچىسى توغرىسىدا «‹قۇرئان›دىكى ئەخلاق دەستۇرى (دستور الأخلاق في القرآن)» ناملىق كىتابنى، ئىككىنچىسى توغرىسىدا «بۈيۈك بېشارەت (النبأ العظيم)»، «‹قۇرئان كەرىم›ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات (مدخل إلى القرآن الكريم)» دېگەن ئىككى كىتابنى يازغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ھېچكىم مېڭىپ باقمىغان يولدا مېڭىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ ئىككى ئىلىمگە ئاساس سېلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلگەن. شۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ بۇ مەيداندىكى خىزمىتى ھەقىقەتەن قىممەتلىك. بۇ ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ، پەقەت ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ باققان ۋە ئۇ كىتابلاردىكى پۇختىلىقنى، چوڭقۇرلۇقنى، روشەنلىكنى ئۆزى بىۋاسىتە ھېس قىلغان كىشىلا بىلىپ يېتەلەيدىغان جاپا – مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، خالاس.

دوكتور مۇھەممەد دەرازنىڭ «‹قۇرئان›ئىلىملىرى»دا ياراتقان يېڭىچە ئۇسلۇبلىرى قوللانغان مېتودىدىن نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. ئىسلام ئالىملىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇسلۇبىنىڭ مۇكەممەللىكىگە ھەر دائىم تىلشۇناسلىق ۋە بايان ئۇسلۇبى نۇقتىسىدىن پاكىت كۆرسىتىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەنىدى. ئەمما، دوكتور دەراز بولسا «قۇرئان كەرىم»نى مەنتىقلىق يوسۇندا تارىخىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەھلىلىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بۇ ئەلالاشتۇرۇلغان مېتود بۇرۇنقى ئەنئەنىۋىي مېتودقا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە «قۇرئان كەرىم» تىپىك ئەرەب مەدەنىيىتى تۈسىدىن دۇنياۋى تۈسلۈك ئورنىغا قويۇلغان.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم» پەيلاسوپى دوكتور مۇھەممەد ئابدۇللاھ دەرازغا رەھمەت قىلغاي!

مەنبە: دوكتور مۇھەممەد مۇختار شىنقىيتىنىڭ «خيرة العقول السليمة في القرن العشرين» ناملىق كىتابچىسى.

تەرجىمىدە: بىلىميار

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ