(ھ. ؟ – 581 / م. ؟ – 1185)
نام – شۆھرەت، ئىززەت – ھۆرمەت ئەرلەرگىلا خاس، جاھاندىن نام – نىشانسىز، ئىزسىز ئۆچۈش ئاياللارغىلا باقىۋەندە ئەمەس.
نۇرغۇن ئاياللار ئىلىم – پاراسىتى، ئىپپەت – نومۇسى ۋە باتۇرلۇقى بىلەن تارىخ بەتلىرىگە ئىسىملىرىنى ئالتۇن ھەل بىلەن نەقىشلىگەن. ئۇلار كېيىنكىلەر ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولۇپ قالغان. ئەنە شۇ مەشھۇر ئاياللارنىڭ بىرى فەقىھە، مۇھەددىسە، ئادىل پادىشاھ نۇرىددىننىڭ مەسلەھەتچىسى سەمەرقەنتلىك فاتىمەدۇر.
فاتىمە خانىم ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ كاتتا فەقىھلىرىدىن بىرى، »تحفة الفقهاء / فۇقەھائلار ھەدىيەسى« ناملىق مەشھۇر كىتابنىڭ مۇئەللىفى ئالائۇددىن ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەسسەمەرقەندىي (ئۆ ھ. 539 / م. 1144) نىڭ قىزى بولۇپ، ئالىملار ماكانى تۈركىستانغا تەۋە كاسان(1) شەھرىدە تۇغۇلغان.
ئۆز ھاياتىنى ئىلمىي خىزمەتكە ئاتىغان، كۈندۈزلىرى ئىلىم ئۆگىتىش، كىتاب يېزىش، كېچىلىرى تەھەججۇد، ئىبادەت بىلەن ئالدىراش ئىبادەتگۇي، زاھىد ئالىم ئىمام ئالائۇددىن ئۆز ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەشكىمۇ سەل قارىمىغان ۋە قىزى فاتىمەنى ئىلىملىك، ئەخلاقلىق، ھايالىق قىلىپ تەربىيەلىگەن.
ئىلىمسۆيەر، تىرىشچان فاتىمە خانىم فىقھ ئىلمىنى دادىسىدىن ئۆگەنگەن. دادىسىنىڭ ئىلمى بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماستىن، يەنە باشقا ئۆلىمالاردىنمۇ ئىلىم ئۆگىنىپ، ئىلمىنىڭ يۇقىرىلىقى، پىكرىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، زېرەكلىكى ۋە گۈزەللىكى بىلەن مەشھۇر بولغان. شۇنداقلا دادىسىنىڭ »تحفة الفقهاء / فۇقەھائلار ھەدىيەسى« دېگەن كىتابىنى تولۇق ياد ئالغان.
رۇم پادىشاھلىرى (ئانادولۇ تەرەپتىكى سەلجۇقىيلارنى دېمەكچى)، كاساننىڭ يۈز – ئابرۇيلۇق، باي كىشىلىرى ئەلچى بولۇپ كېلىشكە باشلىغان(2). لېكىن، ئۆزىنى ئىلىمگە بېغىشلىغان، ئىلىمنى ھەقىقىي بايلىق دەپ بىلىدىغان دادىسى ئالىم ئالائۇددىن سەمەرقەندىي زامانىمىز ئەھلى ئىلىملىرىنىڭ ئەكسىچە، ھەممىسىنى رەت قىلغان. ئىلىمسۆيەر، ھايالىق فاتىمە خانىممۇ دەۋرىمىز قىزلىرىنىڭ ئەكسىچە «بايۋەتچە، يۈز – ئابرۇيلۇق كىشىلەرگە تېگىمەن» دەپ دادىسىغا قارىشى چىقمىغان.
دادىسىنىڭ شاگىرتلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالائۇددىن ئەبۇبەكرى ئىبنى مەسئۇد ئىبنى ئەھمەد ئەلكاسانىيمۇ بار ئىدى.
فاتىمە دادىسىنىڭ شاگىرتى «ئۆلىمالار شاھى» دەپ نام بېرىلگەن ئەنە شۇ ئالائۇددىن كاسانىيغا ياتلىق بولغان.
ئالائۇددىن كاسانىي «تحفة الفقهاء / فۇقەھائلار ھەدىيەسى» نى شەرھلەپ، ئىسمىنى «بدائع الصنائع في ترتيب الشرائع / شەرئىي ھۆكۈملەرنى رەتلەشتىكى تەڭداشسىز ھۈنەرلەر» دەپ ئاتىغان. بۇ كىتاب ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ مۇھىم فىقھ كىتابلىرىنىڭ بىرىدۇر.
شەيخ سەمەرقەندىي ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى مۇكاپاتلاپ، ئالىمە، فەقىھە قىزى فاتىمە خانىمنى نىكاھلاپ بەرگەن. ھەتتاكى كىشىلەر ئارىسىدا «سەمەرقەندىينىڭ ‹تۇھفە›سىنى شەرھلەپ، قىزىغا ئۆيلەندى» دېگەن سۆز تارقالغان.
ئەللامە ئابدۇقادىر قۇرەشىي مۇنداق دەيدۇ: «كاسانىي سەمەرقەنتكە كېلىپ، سەمەرقەندىينى ئۇستاز تۇتۇپ، ئىلىم ئۆگەنگەن. تۇھفەسىنى شەرھلەپ، ئۇستازىغا كۆرسەتكەن، ئۇستازى ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ قىزى فاتىمەنى نىكاھلاپ بەرگەن ۋە ‹تۇھفە›سىنىڭ شەرھىنى قىزىنىڭ تويلۇقىغا ھېساب قىلغان»(3).
نۇرغۇن ئۆلىمالاردىن ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە نۇرغۇن ئۆلىمالارغا ئىلىم ئۆگەتكەن.
دادىسى پەتۋا كەلسە، پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن قىزىغا كۆرسىتەتتى. پەتۋا ئۇنىڭ ۋە دادىسىنىڭ مۆھۈرى بېسىلغاندىن كېيىن قايتۇرۇلاتتى. توي قىلغاندىن كېيىن، كاسانىي بىر ئۆيدە ئولتۇرغان ئاتا، قىز ۋە كۈيئوغۇل ئۈچ كىشى بىر پەتۋا ھەيئىتىگە ئايلانغان. پەتۋا ئۈچەيلەننىڭ مۆھۈرى بېسىلىپ بېرىلىدىغان بولغان.
فاتىمە خانىم ھەدىس، فىقھ ئىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن ئالىم، فەقىھ ئايال بولۇپ، ئەللامە ئابدۇقادىر قۇرەشىي »الجواهر المضيئة في طبقات الحنفية / ھەنەفىي ئۆلىمالىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدىكى نۇرلۇق گۆھەرلەر « ناملىق كىتابىدا تارىخچى ئىبنى ئەدىمدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە، فاتىمە مەزھەبلەرنىڭ قاراشلىرىنى ياخشى نەقىل قىلالايتتى. ئېرى پەتۋا ئىشلىرىدا خاتالاشسا، توغرىسىنى كۆرسىتىپ قوياتتى. خاتالىشىش سەۋەبىنى بىلدۈرۈپ قوياتتى – دە، ئېرى ئۇنىڭ سۆزىگە كېلەتتى. ئېرىگە پەتۋا بېرەتتى، ئېرى ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلاتتى ۋە ئىززەتلەيتتى. فاتىمە ۋە ئېرى ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن ئىدى. پەتۋا كەلسە، ئۇنىڭ ۋە دادىسىنىڭ مۆھۈرى بېسىلىپ قايتۇرۇلاتتى. توي قىلغاندىن كېيىن، ئېرىنىڭ قوشۇلۇپ، ئۈچەيلەننىڭ مۆھۈرى بېسىلغاندىن كېيىن قايتۇرۇلىدىغان بولدى. فاتىمە خەتتاتلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر ئىدى»(4).
فاتىمە خانىم مېھماندوست، خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئايال ئىدى.
ھەلەب شەھرىدىكى ھەلاۋىيە مەدرەسەسىنىڭ مۇدەررىسىلىرىدىن بىرى داۋۇد ئىبنى ئەلى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ رامازاندا فۇقەھائلارغا ئىپتارلىق بېرىشنى باشلاپ بەرگەن. بۇ ئادەت كۈنىمىزگىچە داۋام قىلماقتا. فاتىمە قولىدىكى ئىككى بىلەيزۈكنى سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىغا ھەر كۈنى ئىپتارلىق بەرگەن»(5).
فاتىمە خانىم ئېرى كاسانىي بىلەن بىرگە رىم (ھازىرقى تۈركىيە) شەھەرلىرىگە سەپەر قىلغان. رىم شەھەرلىرىدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، ئېرى بىلەن رىم دۆلىتى (شۇ ۋاقىتتا تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان سەلجۇقىيلار دۆلىتى) نىڭ فەقىھ ئالىمى شەئرانىي ئارىسىدىكى مۇنازىرىدىن كېيىن، سەلجۇقىي سۇلتانى مەسئۇد قىلىچ ئارسلانخان ئۇنى ھەلەب شەھرىگە شام، مىسىر، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ پادىشاھى ئادىل پادىشاھ نۇرىددىن مەھمۇد زەنگىينىڭ يېنىغا ئەۋەتىۋەتكەن. نۇرىددىن زەنگىي كاسانىي ۋە ئايالى فاتىمەنى ناھايىتى ئىززەت – ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالغان ۋە كاسانىينى ھالاۋىيە مەدرەسەسىنىڭ ئۇستازلىقىغا تەيىنلىگەن(6). نۇرىددىن زەنگىي فاتىمەنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى. بەزى ئىچكى ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالاتتى. فىقھىي مەسىلىلەردە ئۇنىڭ پىكىرىنى كۆپ ئالاتتى. ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىق قىلاتتى.
تارىخچى ئۆمەر رىزا كەھھالە: «مەشھۇر ئاياللار» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «فاتىمە خانىم ئالىمە، فەقىھە، مۇھەددىسە، ئالىيجاناب ئايال بولۇپ، نۇرغۇن ئۆلىمالاردىن ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە نۇرغۇن ئۆلىمالارغا ئىلىم ئۆگەتكەن. دەرس ئۆگىتىش بىلەن مەشغۇل بولغان. فىقھ، ھەدىس ساھەسىدە بىرنەچچە پارچە كىتابمۇ يازغان. ئادىل پادىشاھ شەھىد نۇرىددىن زەنگىي بىلەن دەۋرداش بولۇپ، نۇرىددىن بەزى ئىچكى ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالاتتى. فىقھىي مەسىلىلەردە ئۇنىڭ پىكىرىنى كۆپ ئالاتتى. ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىق قىلاتتى»(7).
ئەر – خوتۇن ئالىملار ھەلەب شەھىرىدە سۇلتان نۇرىددىننىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغان.
ئەللامە ئابدۇقادىر قۇرەشىي تارىخچى ئىبنى ئەدىمدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام كاسانىي ئايالى فاتىمە خانىمنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ھەلەبتىن يۇرتىغا قايتىپ كەتمەكچى بولغان. سۇلتان نۇرىددىن بۇنى بىلىپ، ئۇنى چاقىرىپ، يېنىدا ھەلەبتە قېلىشنى تەلەپ قىلغان. كاسانىي قايتىپ كېتىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن ۋە ئۇستازىنىڭ قىزى بولمىش ئايالىنىڭ گېپىنى يىرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىمام كاسانىي سۇلتان نۇرىددىن بىلەن ئورتاق پىكىرگە كېلىپ، ئايالى فاتىمەگە سۇلتاننىڭ تەلىپىنى پەردىسىز، بىۋاسىتە ئوقۇپ بېرىشكە خىزمەتچى ئەۋەتكەن. خىزمەتچى فاتىمەنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، كىرىشكە ئىجازەت سورىغان. فاتىمە ئىجازەت بەرمىگەن ۋە ئۆزىنى دالدىغا ئالغان. ئېرىگە: ‹سىز فىقھ ئىلمىدىن شۇ دەرىجىدە يىراقلىشىپ كەتتىڭىزمۇ؟ بۇ خىزمەتكارنىڭ ماڭا قارىشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى بىلمەمسىز؟ بۇ خىزمەتكار بىلەن باشقا ئەرلەر ئارىسىدا نېمە پەرق بار؟› دەپ خەت ئەۋەتكەن. خىزمەتكار قايتىپ بېرىپ، سۇلتاننىڭ ھۇزۇرىدا ئىمام كاسانىيغا بۇ خەتنى يەتكۈزگەن. كېيىن ئۇلار سۇلتان نۇرىددىننىڭ خېتىنى بىر ئايالدىن ئەۋەتكەن. ئايال خەتنى فاتىمەگە ئوقۇپ بەرگەن. فاتىمە سۇلتاننىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ھ. 581 / م. 1185 – يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ھەلەبتە تۇرۇپ قالغان(8). ئىمام كاسانىي بولسا ۋاپات بولغانغا قەدەر ھەر جۈمە كېچىسى ئايالىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ھ. 587 / م. 1191 – يىلى ۋاپات بولۇپ ئايالىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر ئوغۇل پەرزەنتى بولۇپ، ئۇنى سۇلتان زاھىر تەربىيەلىگەن، ئۇمۇ فىقھ ئىلمى بىلەن مەشغۇل بولغان»(9).
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»
تەييارلىغۇچى: ئاتائۇللاھ سەئىد
2019. 6. 28
1. كاسان: ئۆزبېكىستاندىكى قەدىمىي، مەشھۇر شەھەرلەرنىڭ بىرى. سەمەرقەنتنىڭ 137 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان.
2. ئۆمەر رىزا كەھھالە: «مەشھۇر ئاياللار»، 4/94.
3. ئەللامە ئابدۇقادىر قۇرەشىي: «الجواهر المضيئة في طبقات الحنفية / ھەنەفىي ئۆلىمالىرىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدىكى نۇرلۇق گۆھەرلەر»، 2/244.
4. يۇقىرىقى كىتاب 2/278.
5. يۇقىرىقى مەنبە.
6. ئىلمىي گۇرۇپپا / نۇسرەتتىن بولەللى: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» (تۈركچە) «FÂTIMA bint ALÂEDDİN es-SEMERKANDİYYE» ماددىسى، ئىستانبۇل، م. 1995، 12/225.
7. ئۆمەر رىزا كەھھالە: «مەشھۇر ئاياللار»، 4/94.
8. قۇرەشىي: «الجواهر المضيئة»، 2/278.
9. يۇقىرىقى كىتاب، 2/246.