يالغۇز ياشاشنىڭ ئەدەبلىرى

يالغۇز ياشاشنىڭ ئەدەبلىرى

ئالىملار: «كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش ئەۋزەلمۇ ياكى يالغۇز ياشاشمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىرلىككە كېلەلىگەن ئەمەس. دەرۋەقە ئىككىلىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا پايدا ۋە زىيانلىرى باردۇر. كۆپىنچە زاھىدلار يالغۇز ياشاشنى ئەۋزەل بىلگەن. سۇفيان سەۋرىي، ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم، داۋۇد ئەتتائىي، فۇزەيل، بىشر ئەلھافىي قاتارلىق ئالىملار يالغۇز ياشاشنى ئەۋزەل، دەپ قارىغانلاردىندۇر.

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، شۇرەيىھ، شەئبىي ۋە ئىبنى مۇبارەكلەر كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشنى مۇستەھەب، دەپ قارىغانلاردۇر. ھەر ئىككى گۇرۇھ ئالىملارنىڭ ئۆز قاراشلىرىغا دەلىللىرى بار. شۇ دەلىللەرگە ئىشارە قىلىدىغان بولساق: يالغۇز ياشاش ئەۋزەل دېگۈچىلەرنىڭ دەلىللىرى: «سەھىھەين»دىكى مۇنۇ ھەدىستۇر:

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەرنىڭ ياخشىسى كىمدۇر؟ — دېيىلگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— جېنى ۋە مېلى بىلەن جىھاد قىلغان كىشى ۋە بىر تاغدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغان، كىشىلەرگە يامانلىقى يەتمەيدىغان كىشىدۇر، — دېدى(1).

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:

«مەن:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! نىجاتلىق نېمىدۇر؟ — دەپ سورىغانىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— تىلىڭغا ئىگە بولغىن، ئۆيۈڭدىرەك بولغىن ۋە خاتالىقىڭغا يىغلىغىن (مانا بۇ نىجاتلىق)، — دېدى»(2).

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «خالايىقتىن يىراقلىشىپ يالغۇزلۇقتىن نېسىۋەڭلارنى ئېلىڭلار» دېگەن(3).

سەئىد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن ‹تاكى ئاللاھ تائالاغا ئۇچراشقىنىمغا قەدەر، ئۆزۈم بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا تۆمۈردىن بىر ئىشىك بولسا، مەن ئۇلارغا سۆزلىمىسەم، ئۇلارمۇ ماڭا سۆزلىمىسە› دېگەننى ئارزۇ قىلىپ قالدىم» دېگەن(4).

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: «ئاسمان ئەھلىگە تونۇلغان ۋە زېمىن ئەھلىگە بىلىنمىگەن ئىلىمنىڭ بۇلاقلىرى، كېچىنىڭ چىراغلىرى، ئۆيلەرنىڭ بىساتلىرى (ئۆيدە ئولتۇرىدىغان)، قەلبلەرنىڭ يېڭىلىرى (ئىبادەت قىلىشتا چارچىمايدىغان) ۋە كىيىملەرنىڭ كونىلىرى (باشقىلار پەرۋا قىلمايدىغان كىشىلەر) بولۇڭلار»(5).

ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۆزىنىڭ ئۆيى بولۇشى نېمىدېگەن ياخشى – ھە! ئۇ ئۆيىدە تىلىنى، ئەۋرىتىنى، كۆزىنى ھارامدىن ساقلايدۇ. بازار – رەستىلەردىكى ئورۇندۇقلاردىن ساقلىنىڭلار، ئۇ ئورۇندۇقلار ئىنساننى گاھ مەشغۇل قىلىدۇ، گاھ بىكارچى قىلىدۇ»(6).

داۋۇد ئەتتائىي رەھىمەھۇللاھ: «كىشىلەردىن شىردىن قاچقاندەك قاچقىن» دېگەن(7).

ئەبۇ مۇھەلھىل مۇنداق دېگەن: «سۇفيان سەۋرىي مېنى قولۇمدىن تۇتۇپ بىر مازارغا ئېلىپ باردى، ئاندىن بىز بىر تەرەپكە قايرىلدۇق، سۇفيان سەۋرىي يىغلىدى ۋە: ‹ئى ئەبۇ مۇھەلھىل! قولۇڭدىن كەلسە، زامانداشلىرىڭدىن ھېچكىمگە ئارىلاشماي ئۆتكىن، سېنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىڭ ئۆزۈڭنى تۈزەش بولسۇن› دېدى»(8).

«كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ياشاش ئەۋزەل» دېگەن قاراشنى تاللىغانلارنىڭ دەلىلى بولسا: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇ سۆزىدۇر: «كىشىلەرگە ئارىلىشىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەبر قىلىدىغان مۇئمىن كىشىلەرگە ئارىلاشمايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەبر قىلمايدىغان مۇئمىندىن ياخشىدۇر»(9).

ئۇلار بۇنىڭغا قاملاشمىغان تەرىقىدە دەلىللەرنى كەلتۈرۈپمۇ باققان. شۇ دەلىللەردىن، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى: ﴿روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالار) دەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 105).

ئۇ قاراشقا بۇ ئايەتنى دەلىل قىلىشمۇ ئورۇنسىز. چۈنكى، بۇ ئايەتتە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقىنى: شەرىئەتنىڭ ئاساسىدا مەزھەب ۋە ھەرخىل قاراشلارغا بۆلۈنۈپ كېتىشتۇر. ئۇلار يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىۋېتىشى ھالال بولمايدۇ»(10) دېگەن سۆزىنى دەلىل قىلىدۇ ۋە خالايىقىن ئايرىلىپ يەككە – يالغۇز بولۇۋېلىش «پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىش ھېسابلىنىدۇ» دەيدۇ. بۇ دەلىل ھەم زەئىفتۇر. چۈنكى، بۇ ھەدىستە كۆزدە تۇتۇلغىنى: مۇسۇلمان قېرىندىشىغا گەپ قىلماسلىق، سالام قىلماسلىق ۋە ئادەتلىنىپ كەلگەن ئارىلىشىشنى تەرك ئېتىشتۇر.

يالغۇزلۇقنىڭ پايدىلىرى، ئاپەتلىرى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ھەقنى ئاشكارا قىلىش
بىلگىنكى، كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىختىلاپى توي قىلىش ياكى بويتاق يۈرۈشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى ئىختىلاپىغا ئوخشايدۇ. بىز توي قىلىش ياكى بويتاق ياشاشنىڭ كىشىگە ۋە ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدۇق. بىزنىڭچە كىشىلەردىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشاش ياكى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشنىڭ ھۆكمىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئەۋۋەلا يالغۇز ياشاشنىڭ پايدىلىرى ھەققىدە توختىلايلى. بۇنىڭ ئالتە پايدىسى باردۇر:

بىرىنچى پايدا: ئىبادەتكە مەركەزلىشىش، ئاللاھ تائالاغا تىۋىنىش بىلەن يېقىنلىشىش. چۈنكى، بۇ ئىشلار بوش ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ، كىشىلەر بىلەن ئارىلاشسا، بوش ۋاقىت چىقارغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، يالغۇزلۇق ئەڭ باشتا بوش ۋاقىتنى زىيادە قىلىدۇ.

بەزى ھۆكۈمالارغا: «زاھىدلىق ۋە خىلۋەت جاي كىشىلەرنى نېمىگە ئېلىپ بارىدۇ؟» دېيىلگەنىدى، ئۇلار: «ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىششقا» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇۋەيس ئەلقەرنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەرۋەردىگارىنى تونۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن باشقىغا يېقىنلاشقان كىشىنى كۆرۈپ باقمىدىم» دېگەن.

بىلگىنكى، بىر كىشى ئاللاھنى داۋاملىق زىكىر قىلىش بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە داۋاملىق تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالانى تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇيەسسەر بولسا، ئۇنداق كىشىنىڭ كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش بىلەن مەشغۇل بولغىنىدىن ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە ئاللاھنى تونۇشقا بېرىلىشى ئەۋزەلدۇر.

ئىككىنچى پايدا: تولا چاغدا خالايىققا ئارىلىشىش سەۋەبلىك ئۇچرايدىغان گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن يالغۇز ياشاش ئارقىلىق قۇتۇلغىلى بولىدۇ. ئۇ گۇناھ – مەئسىيەتلەر تۆتتۇر:

1) غەيۋەت؛ كىشىلەر ئادەتتە باشقىلارنىڭ يۈز – ئابرۇيىنى ئويۇن – چاقچاق ۋە قىزىق پاراڭ ئوبيېكتى قىلىۋالىدۇ. ئەگەر بىر كىشى كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۇلارنىڭ غەيۋەت قىلىشلىرىغا قوشۇلسا، گۇناھكار بولىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر غەيۋەتكە قوشۇلماي سۈكۈت قىلسىمۇ گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى، غەيۋەتكە قۇلاق سالغۇچىمۇ غەيۋەت قىلغۇچىلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ قىلغان غەيۋىتىنى ئىنكار قىلساڭ، ئۇلار سېنى يامان كۆرىدۇ ۋە سېنىڭمۇ غەيۋىتىڭنى قىلىپ غەيۋەت ئۈستىگە غەيۋەت بولىدۇ. بەزىدە تىللاشقا چۈشىدۇ.

2) ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش؛ خالايىققا ئارىلاشقان كىشى مۇنكەر ئىشلارنى كۆرۈشتىن خالىي بولالمايدۇ. ئەگەر ئۇ مۇنكەر ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئىنكار قىلماي سۈكۈت قىلسا، ئاللاھقا ئاسىي بولىدۇ. ئەگەر مۇنكەر ئىشلارنى ئىنكار قىلسا، تۈرلۈك زىيانلارغا ئۇچرايدۇ. دېمەك، كىشىلەرگە ئارىلاشماي تەنھا ياشىغۇچى بۇ گۇناھلاردىن سالامەت قالىدۇ.

3) رىيا؛ رىياخورلۇق بولسا ساقلىنىش تەس ۋە داۋالاش قىيىن بىر كېسەلدۇر. كىشىلەرگە ئارىلاشقاندا تۇنجى بولۇپ ئۇلارغا سېغىنىش ئىزھار قىلىنىدۇ. ئۇ سېغىنىشنى ئەسلى پېتىچە سۆزلىسۇن ياكى كۆپتۈرۈپ سۆزلىسۇن، يالغانچىلىقتىن خالىي بولالمايدۇ. سەلەف سالىهلەر «قانداق تاڭ ئاتقۇزدۇڭ؟ قانداق كەچ قىلدىڭ؟» دەپ سورىغۇچىنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرىشتىن (يالغانچىلىق بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ) قورقاتتى. ئۇلاردىن بىرىگە:

— قانداق تاڭ ئاتقۇزدىڭىز؟ قانداق ئەھۋالىڭىز؟ — دېيىلگەنىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ:

— ئاجىز ۋە گۇناھكار ھالدا تاڭ ئاتقۇزدۇق، رىزقىمىزنى يەيمىز ۋە ئەجىلىمىزنى كۈتۈۋاتىمىز، — دېدى.

بىلگىنكى، ئەھۋال سورىغۇچىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىدىن: «تىج قوپاپلىمۇ؟» دەپ سورىشى ئۇنىڭغا مېھىر – شەپقىتى ۋە ياخشى كۆرۈشىدىن بولمىسا، بۇنداق سوراش ياسالمىلىق ۋە رىيا بولىدۇ. قەلبىدە يوقالماس ئۆچمەنلىك تۇرۇپ، «ئەھۋالى يامان بولسىكەن» دېگەن نىيەتتە ئەھۋال سورىشىمۇ مۇمكىن. يالغۇز ياشاشتا بۇ ئىشلاردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ. چۈنكى، بىر كىشى خەلق بىلەن ئۇچراشسا ۋە ئۇلارغا ئۇلارنىڭ ئەخلاقى بىلەن مۇئامىلە قىلمىسا، خەلق ئۇنى يامان كۆرىدۇ، ئۇنى يۈك ھېسابلايدۇ ۋە ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ دىنى كېتىدۇ. غەيۋەت قىلىنغۇچىمۇ ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىش يولىدا دىنى ۋە دۇنيالىقىدىن ئايرىلىدۇ.

4) ئىنسان تەبىئىتىنىڭ باشقىلارنىڭ ناچار ئەخلاقلىرىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇشى. بۇ بولسا غەپلەتتە قالغانلارلا ئەمەس، بەلكى ئەقىللىق كىشىلەرمۇ دىققەت قىلىپ بولالمايدىغان يوشۇرۇن كېسەلدۇر. بىر كىشى پاسىق بىلەن بىر مۇددەت — ئۇنى كۆڭلىدە ئىنكار قىلسىمۇ — بىرگە ئولتۇرسا ۋە شۇ ھالىتىنى پاسىق بىلەن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقسا، بۇزۇقچىلىقتىن نەپرەتلىنىشتە پەرق ھېس قىلىدۇ. چۈنكى، بۇزۇقچىلىققا كۆپ ئۇچرىشىش بىلەن بۇزۇقچىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە يەڭگىل تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالىدۇ ۋە بۇزۇقچىلىقنى چوڭ گۇناھ ساناش ۋە بۇزۇقچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىنى ئېغىر گۇناھ ھېس قىلىش يوقاپ كېتىدۇ. بىر كىشىنىڭ باشقىلاردىن سادىر بولغان چوڭ گۇناھلارنى ئۇزۇن مۇددەت كۆرۈشى ئۆزىدىكى كىچىك گۇناھلارنى كىچىك ساناشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭدەك بىر كىشى سەلەف سالىهلەرنىڭ زاھىدلىقى ۋە ئىبادەت قىلىش ھاللىرىنى ئويلانسا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ، قىلغان ئىبادەتلىرىنى كىچىك ھېسابلايدۇ ۋە بۇ ھالەت ئىبادەت قىلىشتا تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ نازۇك بايان: «سالىھلار تىلغا ئېلىنغاندا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ سىرىنى نامايان قىلغۇسى. بىر ئىش تەكرارلانغانسېرى ياكى كۆرۈلۈۋەرسە نورماللىشىپ قالىدىغانلىقىنىڭ بىر دەلىلى شۇكى، كۆپىنچە كىشىلەر رامازان ئېيىدا روزا تۇتمىغان بىر مۇسۇلماننى كۆرسە، بۇنى ناھايىتى چوڭ گۇناھ ھېسابلايدۇ. ھەتتا ئۇ مۇسۇلماننىڭ كافىرلىقىغا جەزم قىلغىلى تاس قالىدۇ. لېكىن، نامازنى قازا قىلىدىغان كىشىنى كۆرسە — بىر ۋاخ نامازنى تەرك ئېتىش ئىنساننى كۇپرىغا چىقىرىدىغان تۇرۇپ — ئۇنداق كىشىدىن روزىسىنى قازا قىلغان كىشىدىن نەپرەتلەنگەندەك نەپرەتلەنمەيدۇ. بۇنىڭ پەقەت بىر سەۋەبى بار، ئۇ بولسمۇ ناماز ھەركۈنى تەكرارلىنىدۇ، شۇڭا نامازغا كۆپرەك سەل قاراپ قالىدۇ. شۇنىڭدەك ئەگەر بىر فەقىھ بىرەر يىپەك لىباس كىيسە ياكى ئالتۇن ئۈزۈك تاقىسا، كىشىلەر ئۇنى قاتتىق ئەيىبلىشىدۇ – يۇ، بىرەر فەقىھ ئالىمنى غەيۋەت قىلغان ھالدا كۆرسىمۇ بۇنى چوڭ گۇناھ بىلىپ كەتمەيدۇ. ھالبۇكى غەيۋەتخورلۇق يىپەك كىيىم كىيىشتىن قاتتىقراق گۇناھتۇر. لېكىن، غەيۋەتنى كۆپ ئاڭلاش ۋە غەيۋەتخورلارنى تولا كۆرۈش سەۋەبلىك بۇ گۇناھنىڭ تەسىرى قەلبتىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. سەن بۇ نازۇك مەسىلىلەرنى چۈشەنگىن ۋە كىشىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ – قوپۇشتىن ئېھتىيات قىلغىن. چۈنكى، كۆرىدىغىنىڭ دۇنياغا ھېرىسمەنلىك ۋە ئاخىرەتتىن غەپلەتتە قېلىشنى ئاشۇرىدىغان نەرسىلەرلا بولۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە گۇناھ ئۆتكۈزۈشۈڭ ئاسانلىشىپ، تائەت – ئىبادەت رىغبىتىڭ ئاجىزلايدۇ. ئەگەر سەن ئاللاھ زىكىر قىلىنىدىغان بىر جاينى تاپساڭ، ئۇ جايدىن ئايرىلمىغىن، چۈنكى ئۇ جاي مۇئمىن ئۈچۈن غەنىيمەتتۇر.

ئۈچىنچى پايدا: پىتنە ۋە دۈشمەنلىشىشلەردىن قۇتۇلۇش، دىنىنى ئادەۋەتخورلۇق ۋە پاساتچىلىققا چۈشۈشتىن ساقلاش. چۈنكى، ھېچبىر شەھەرنىڭ ئاھالىسى تەرەپبازلىق ۋە دۈشمەنلىشىشلەردىن خالىي بولالمايدۇ. يالغۇز ياشىغۇچى بۇ ئىشلاردىن نېرى قالىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىتنىلەرنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇنى سۈپەتلەپ: «كىشىلەرنى ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلمىغان، ئامانەتلەرنى قايتۇرۇشتا ئاجىزلاشقان، ئۇلارنى مۇشۇنداق (ياخشىسى بىلەن ناچىرىنى ئايرىغىلى بولمايدىغان) ھالەتتە كۆرسەڭ» دەپ بارماقلىرىنى گىرەلەشتۈردى. رىۋايەت قىلغۇچى (ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما) ئېيتىدۇ: «مەن:

— شۇ زاماندا مېنى نېمىگە بۇيرۇيدىلا؟ — دېگەنىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۆيۈڭدە ئولتۇرغىن، تىلىڭغا ئىگە بولغىن، توغرا دەپ بىلگىنىڭگە ئەمەل قىلغىن، خاتا دەپ بىلگىنىڭنى تەرك ئەتكىن، ئۆز ئىشىڭغا بېرىلگىن ۋە ئومۇمنىڭ ئىشىدىن يىراقلاشقىن، — دېدى»(11). بۇنىڭغا مەنىداش باشقا ھەدىسلەرمۇ رىۋايەت قىلىنغان.

تۆتىنچى پايدا: كىشىلەرنىڭ يامانلىقىدىن قۇتۇلۇش. چۈنكى، كىشىلەر بەزىدە غەيۋەت، بەزىدە چېقىمچلىق بىلەن، بەزىدە گۇمانخورلۇق، بەزىدە قۇرۇق تۆھمەت ۋە بەزىدە يالغان خۇشامەت بىلەن باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىدۇ. كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۆتكەن كىشى ھەسەت، دۈشمەنلىك، ھەتتا ئۆز تونۇشلىرىدىن كېلىدىغان تۈرلۈك يامانلىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ. يالغۇز ياشاش بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. شائىر مۇنداق دېگەن:

دۈشمىنىڭ چىقۇر دوستلار ئىچىدىن،                    ئاگاھ بول، بولمىغاي دوستۇڭ زىيادە.

چۈنكى سەن يولۇققان كېسەلنىڭ كۆپى،                 باغلىقتۇر يېگەن ئىچكەن نەرسەڭگە.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتۇر: «كىشىلەردىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشاش يامان ھەمراھلاردىن قۇتۇلدۇرىدۇ»(12). ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم رەھىمەھۇللاھ ئېيتقان: «تونۇمايدىغان كىشىنى تونۇشقا تىرىشما، تونۇيدىغان كىشىنى تونۇماس بولغىن».

بىر كىشى مۇسۇلمان قېرىندىشىغا:

ــ ساڭا ھەجدە ھەمراھ بولايمۇ؟ ــ دېگەنىدى، ئۇ:

ــ ياق، بىز ئاللاھنىڭ پەردىسى ئىچىدە ياشايلى، چۈنكى بىز بىر – بىرىمىزدىن ئۆزئارا يامان كۆرۈشكە سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ قېلىشتىن قورقىمىز، ــ دېدى.

يالغۇز ياشاشنىڭ باشقا بىر پايدىسى: دىن، ئادەمگەرچىلىك ۋە باشقا تەرەپلەردىكى ئەيىبلەر يوشۇرۇن قالىدۇ.

بەشىنچى پايدا: كىشىلەرنىڭ سەندىن ۋە سېنىڭ كىشىلەردىن تەمەدە بولۇشۇڭنى ئۈزۈپ تاشلاش.

كىشىلەر دائىما مەمنۇن بولۇشنى خاھلايدۇ. ھالبۇكى، ھەممىنى رازى قىلىش يېتىپ بولماس بىر غايىدۇر. يالغۇز ياشاش ئۇلارنىڭ توي – تۆكۈن ۋە بەزمە – باراۋەتلىرىگە قاتنىشىشىنى كۈتۈش ۋە باشقا ئارزۇلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ.

دەپتۇرلەركى: «ھەممە خالايىقنى بىردەك مەھرۇم قالدۇرغان / ھېچكىمگە ئۈمىد بەرمىگەن كىشىدىن ھەممە رازى بولىدۇ».

سېنىڭ باشقىلاردىن تەمەيىڭىگە كەلسەك: دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرىگە قارىغان كىشىنىڭ قىزىقىشى قوزغىلىدۇ، قىزىقىش كۈچى تەمە / ئىستەكنى قوزغايدۇ ۋە ئۇ كىشى كۆپىنچە تەمە قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى كۆرگەندە ئەزىيەت چېكىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿بىز (كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېئمەتلىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ فانىي نېئمەتتىن) ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر﴾(20/«تاھا»: 131). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(پۇل مال ۋە يارىتىلىش جەھەتتە) ئۆزۈڭلاردىن تۆۋەن كىشىلەرگە قاراڭلار، ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كىشىلەرگە قارىماڭلار، بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمىتىنى تۆۋەن كۆرمەسلىكىڭلارغا پايدىلىق»(13) دېگەن.

ئالتىنچى پايدا: ئەقىلسىز، ئەخمەق كىشىلەرنى كۆرۈشتىن ۋە ئۇلارنىڭ يامان خۇلقلىرىغا ئۇچراشتىن قۇتۇلۇش. ئىنسان ئەقىلسىز كىشىدىن ئەزىيەت چەكسە، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدۇ. ناداننىڭ ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچرىغۇچى، ئەينى ئەزىيەت بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ، ئاقىبەت ئىش دىننىڭ بۇزۇلۇشىغا بارىدۇ. تەركى دۇنيالىقتا بولسا، بۇنىڭدىن پارىغ بولغىلى بولىدۇ.

يالغۇز ياشاشنىڭ زىيانلىرى ھەققىدە
بىلگىنكى، دىنىي ۋە دۇنياۋى مەقسەتلەرنىڭ بەزىسىگە باشقىلاردىن ياردەم سوراش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ بولسا كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش ئارقىلىقلا ھاسىل بولىدۇ.

ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە مەنپەئەتكە ئېرىشىش، تەربىيە بېرىش ۋە تەربىيە ئېلىش، دوست بولۇش ۋە دوستلۇقنى ھېس قىلدۇرۇرش، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىش بىلەن ساۋابقا ئېرىشىش، كەمتەرلىككە ئادەتلىنىش، بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تەجرىبىلەردىن پايدا ئېلىش ۋە ئىبرەت ئېلىش قاتارلىقلار كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشنىڭ پايدىلىرىدىن بولۇپ، تۆۋەندە بۇلارنى تەپسىلى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

بىرىنچى پايدا: ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئىلىم ئۆگىتىش؛ بۇنىڭ پەزىلىتىنى ئىلىمنىڭ بۆلۈمىدە بايان قىلدۇق. ئۆزىگە پەرز بولغان ئىلىمنى ئۆگەنگەن كىشى «باشقا ئىلىملەرگە مەركەزلىشىشىم ئاسان ئەمەس، ئىبادەتكە مەركەزلىشەي» دەپ قارىسا، ئىبادەت قىلىشقا بېرىلسۇن. ئەگەر شەرىئەت ئىلىملىرىدە ۋايىغا يېتش قابىلىيىتى بار كىشى ئىلىم ئۆگىنىشتىن بۇرۇن كىشىلەردىن ئايرىلىۋېلىپ يالغۇز ياشىسا، بۇ ئاپەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن رەﺑﯩﻴﺌ ئىبنى خۇسەيم رەھىمەھۇللاھ: «دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلىگىن! ئاندىن كىشىلەردىن ئايرىلغىن»(14) دېگەن. ئىلىم بولسا دىننىڭ ئاساسىدۇر، ئاۋام خەلقتىن ئايرىلىپ ياشاشتا (ئىلىم خۇسۇسىدا) ياخشىلىق يوقتۇر.

بىر ئالىم زاتتىن: «بىلىمسىز كىشىنىڭ كىشىلەرنى تاشلاپ يالغۇز بولۇۋېلىشىغا نېمە دەيسىز؟» دەپ سورالغانىدى، ئالىم جاۋابەن: «ئاپەت ۋە پالاكەتتۇر» دېدى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ئالىمنىڭكىچۇ؟» دېيىلگەنىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «يوقاپ كەتكەن تۆگە بىلەن سېنىڭ نېمە ئىشىڭ؟ ئۇ تۆگىنىڭ سۇ قاچىسى ۋە تۇيىقى ئۆزى بىلەن بىللە تۇرسا، ئىگىسى ئۇنى تېپىۋالغۇچە سۇ بار يەرگە كېلىپ دەل – دەرەخلەردىن يەپ يۈرمەمدۇ؟» دېدى(15).

ئىلىم ئۆگىتىشكە كەلسەك: نىيەت توغرا بولسا، ئىلىم ئۆگىتىشنىڭ ساۋابى بۈيۈكتۇر. قاچانكى، ئىلىم ئۆگىتىشتىن مەقسەت يۈز – ئابرۇي تىكلەش ۋە ئەگەشكۈچىلەرنى كۆپەيتىش بولسا، ئۇنداق ئىلىم ئۆگىتىش دىننىڭ ھالاكىتىدۇر. بۇ ھەقتە ئىلىم بۆلۈمىدە سۆزلەندى. زامانىمىزدا كۆپىنچە ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ مەقسىتى يامان بولۇپ قالدى. دىننىڭ مەقسىتى ئىلىم ئۆگەنگۈچىنى ناچار كىشىلەردىن ئايرىشتۇر. ئەگەر ئىلىم ئۆگەتكۈچى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئىلىم تەلەپ قىلىدىغان ۋە ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەيدىغان تالىبۇل ئىلىمگە يولۇقسا، ئۇنىڭ تەنھا ياشىشى دۇرۇس ئەمەس ۋە ئىلىمنى يوشۇرۇش ھارامدۇر.

«ئىلىمنى ئاللاھ رىزاسىدىن باشقا نەرسە ئۈچۈن ئۆگەنگەنىدۇق، لېكىن ئىلىم پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈنلا بولۇشقا ئۇنىدى» دېگەن كىشىنىڭ سۆزىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى، بۇنى دېگۈچى ئەسلىدە قۇرئان ئىلمى، ھەدىس ئىلمى، پەيغەمبەر ۋە ساھابەلەرنى تونۇش ئىلمىگە ئىشارەت قىلدى، بۇ ئىلىملەر قورقۇتۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم يەنە ئاللاھ قورقۇسىنى قوزغاشقا سەۋەب بولىدۇ. بۇ ئىلىملەر دەرھال تەسىر قىلمىسىمۇ كېيىنىچە تەسىر قىلىدۇ. ئەمما، كالام ئىلمى ۋە ئىختىلاپ ئىلمىگە كەلسەك، ئۇ ئىلىملەر دۇنياغا قىزىققۇچىنى ئاللاھ تائالا تەرەپكە قايتۇرالمايدۇ. بەلكى كالام ۋە ئىختىلاپ ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەنلەر ئۆمرىنى دۇنياغا بولغان ھېرىسمەنلىك بىلەن تاماملايدۇ.

ئىككىنچى پايدا: مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە مەنپەئەت ئېلىش؛ باشقىلاردىن مەنپەئەت ئېلىش كەسىپ قىلىش ۋە مۇئامىلە قىلىش بىلەن بولىدۇ. بۇ ئىشلارنى قىلىشقا موھتاج بولغۇچى يالغۇز ياشاشنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇردۇر. ئەمما، يېنىدا موھتاج قىلمىغۇدەك نەرسىسى بار كىشىنىڭ يالغۇز ياشىشى ئەۋزەلدۇر. لېكىن، كىشى ساخاۋەت ئۈچۈن كەسىپ قىلماقچى بولسا، بۇ ئۇنىڭ تەنھا ياشىشىدىن ئەۋزەلدۇر. بىراق، كىشىنىڭ تەنھا ياشىشى ئاللاھ تائالانى تونۇشىغا، قۇدرىتىنى قۇرۇق پەرەز ۋە بىمەنە خىياللار بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆرۈش ۋە بايقاش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشىغا پايدىلىق بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ يالغۇز ياشىشى كەسىپ قىلىشىدىن ئەۋزەلدۇر.

باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش بولسا مېلى ياكى بەدىنى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىپ، ئۇلارغا پايدا كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. كىشى ئەگەر يالغۇز ياشىسا نەپلە نامازلار ۋە بەدەنىي ئەمەللەر بىلەنلا ئۆتىدىغان كىشى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىنى چەيلىمىگەن ھالدا ئۆزگىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە قادىر بولالايدىغان كىشى بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھاجەتلەرنى راۋا قىلىپ ئۆزگىلەرگە پايدا يەتكۈزگىنى يالغۇز بولۇۋالغىنىدىن ئەۋزەلدۇر. ئەگەر كىشى قەلبەن داۋاملىق ئەسلەش ياكى داۋاملىق تەپەككۇر قىلىشتەك ئەمەل يولى ئېچىلغان كىشى بولسا، بۇ ئەمەلگە ئەلبەتتە ھېچ ئىش تەڭ بولمايدۇ.

ئۈچىنچى پايدا: تەربىيە قىلىش ۋە تەربىيە ئېلىش؛ بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ جاپاسىغا كۆنۈش، ئەزىيەتلەرنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىش، نەپسىنى تىزگىنلەش ۋە شەھۋەتنى بويسۇندۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنداق قىلىش ئەخلاقى تۈزەلمىگەن كىشى ئۈچۈن يالغۇز ئۆتۈشتىن ئەۋزەلدۇر.

بەئەينى ياۋا بىر ھايۋاننى كۆندۈرۈشتىن مەقسەت پەقەتلا كۆندۈرۈپ قويۇش بولمىغىنىدەك، نەپسنى كىشىلەرنىڭ جاپاسىنى كۆتۈرۈشكە كۆندۈرۈشتىن مەقسەتمۇ پەقەت كۆندۈرۈشلا ئەمەسلىكى چۈشىنىلىشى كېرەك. بەلكى مەقسەت: نەپسىنى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدىغان بىر ئۇلاغ قىلىپ تۇتۇشتۇر. بەدەن بولسا ئاخىرەت يولىنىڭ مىنەك ئۇلىغىدۇر. بۇ ئۇلاغنىڭ شەھۋەتلىرى بار بولۇپ، ئەگەر ئۇ شەھۋەتلەر يوقىتىلمىسا، ئۇ مىنگۈچىگە يولدا بويسۇنمايدۇ. بىر كىشى ئۇزۇن ۋاقىت مەشىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولسا، ئۇزۇن ۋاقىت ھايۋاننى كۆندۈرۈپ ئۇنىڭغا مىنمىگەن كىشىگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئېرىشكىنى پەقەت ھايۋاننىڭ چىشلەش ۋە تېپىشىدىن قۇتۇلۇشلا بولىدۇ. ئۇمۇ بىر پايدا، لېكىن ھەقىقىي مەقسەت ئەمەس. بىر ناسارا راھىبقا: «ئى راھىب!» دېيىلگەنىدى، ئۇ: «مەن راھىب ئەمەسمەن، پەقەت چىشلىگەك ئىتمەن، مەن كىشىلەرنى چىشلىمەي دەپ ئۆزۈمنى تىزگىنلىگەن كىشىمەن» دېدى. بۇ چىشلىگەك كىشى ئۈچۈن ياخشى، لېكىن بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلەنمەسلىك كېرەك.

ئەمما، تەربىيە بېرىشكە كەلسەك، ئۇ باشقىلارنى تەربىيەلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئىلگىرى تىلغا ئېلىنغاندەك، ئىلىمنى تارقاتقاندا كېلىدىغان نازۇك ئاپەتلەر باشقىلارغا تەربىيە بەرگەندىمۇ كېلىدۇ.

تۆتىنچى پايدا: كىشىلەر بىلەن ئۆزئارا دوستلىشىش ۋە دوستلۇقنى ھېس قىلدۇرۇش؛ بۇ خۇددى تەقۋا كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشقانغا ئوخشاش مۇستەھەبتۇر. بەزىدە قەلبنى يالغۇزلۇقنىڭ غەم – قايغۇلىرىدىن راھەتلىتىش ئۈچۈنمۇ دوستلىشىش بولىدۇ. شۇڭا، يالغۇز ياشىغۇچى ۋاقتىنىڭ مەلۇم قىسمىنى باشقا ۋاقتىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغان كىشى بىلەن دوستلۇق قۇرۇش ۋە پاراڭ ئارقىلىق بېيىتسە ياخشى. لېكىن، دوست بىلەن ئۇچراشقاندا مۇمكىنقەدەر دىنىي تېمىدا پاراڭلىشىش كېرەك.

بەشىنچى پايدا: ساۋابقا ئېرىشىش ۋە ساۋابقا ئېرىشتۈرۈش؛ جىنازىغا قاتنىشىش، كېسەل يوقلاش، نىكاھ ۋە باشقا چىللاقلارغا ئىجابەت قىلىش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىشكە بولىدۇ. بۇ ئىشلاردا مۇئمىننى سۆيۈندۈرۈش يۈزىدىن ساۋاب بولىدۇ.

ساۋابقا ئېرىشتۈرۈشكە كەلسەك، تەسەللى بېرىشى ياكى تەبرىكلىشى ۋەياكى يوقلىشى ئۈچۈن كىشىلەرگە ئىشىكىنى ئېچىش ئارقىلىق بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدەك ئەگەر كىشى ئالىم بولسا ۋە كىشىلەرگە ئۆزىنى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسا، كىشىلەر ساۋابقا ئېرىشىدۇ. لېكىن، كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشنىڭ ساۋاب – زىيانلىرىنى دەڭسەپ بېقىش، ئاندىن يالغۇز ياشاش ياكى ئارىلىشىپ ياشاشتىن قايسىسى ئەۋزەل بولسا شۇنى تاللىۋېلىشى كېرەك. سەلەف سالىهلەر يالغۇز ياشاشنى تاللايتتى.

ئالتىنچى پايدا: تەۋازۇچان بولۇشتۇر؛ يالغۇز ياشىغۇچى ئاسانلىقچە كەمتەرلىككە قادىر بولالمايدۇ. بەزىدە تەكەببۇرلۇق يالغۇز ھاياتنى تاللاشقا سەۋەب بولىدۇ، يىغىلىشلاردا ئۆزىگە بولغان ھۆرمەتنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە سورۇندا دېگەندەك كۆزگە كۆرۈنەلمەسلىك كىشىنى خالايىق بىلەن ئارىلىششتىن توسىدۇ. بەزىدە كىشى ئۆز نەزەرىدە ئۆزىنى ئۈستۈن ئورۇندا كۆرگەچكە، كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشتىن كىبىر قىلىدۇ. بۇنداق كىشىنىڭ ئالامىتى: باشقىلارنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىشىنى ياخشى كۆرۈش، لېكىن ئۆزى باشقىلارنى زىيارەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەسلىك، دۆلەت ئەركانى ۋە ئاۋام خەلقنىڭ ئۆزىگە مۇشتاقلىقى، ئۆيىگە كېلىپ تۇرۇشى ۋە قول – ئېتەكلىرىنى سۆيۈشىدىن خۇشال بولۇشتۇر. بۇ ۋەجدىن تەنھا ياشاش نادانلىقتۇر. چۈنكى، كەمتەرلىك بۈيۈك كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەيدۇ.

دېمەك، يالغۇز ياشاشنىڭ پايدا ۋە زىيانلىرىنى بىلگىنىڭدە، شۇنى جەزمەن كۆرۈپ يېتىسەنكى، مۇتلەق ھالدا «يالغۇز ياشاش تېخىمۇ ئەۋزەل» ياكى «خالايىق بىلەن ياشاش تېخىمۇ ئەۋزەل» دەپ ھۆكۈم قىلىش خاتادۇر. بەلكى بۇنىڭدا شەخسكە ۋە شەخسنىڭ ھالىغا، ئارىلاشقان ئادىمىگە ۋە ئۇ ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا، كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە تۈرتكە بولغان سەۋەبكە ۋە ئارىلىشىپ ئۆتۈش سەۋەبلىك قولدىن كېتىدىغان پايدىلارغا قاراش ۋە ئارىلىشىش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسە بىلەن قولدىن كەتكەن نەرسە ئارىسىنى دەڭسەپ بېقىش كېرەك. ئەنە شۇ چاغدا ھەقىقەت ئايان بولىدۇ ۋە قايسىسىنىڭ ئەۋزەللىكى روشەنلىشىدۇ.

ئىمام شافىئىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — ئېيتقانىكەن: «كىشىلەرنى پۈتۈنلەي تەرك قىلىش دۈشمەنلىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار بىلەن بەك يېقىن ئۆتۈشمۇ يامانلىقنى باشلاپ كېلىدۇ. شۇڭا، تەكەللۇپ بىلەن سەمىمىيلىك ئارىسىدا بولغىن!»(16) كىمكى بۇنىڭدىن باشقا گەپ قىلسا، ئۇ كەم ئەقىل كىشىدۇر.

بۇ ھەركىمنىڭ ئۆز ئەھۋالىدىن دېرەك بېرىدىغان بىر ئۆلچەمدۇر. بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس ھۆكۈمنى ئەكسىچە ئەھۋالدىكى كىشىگە بېرىشى دۇرۇس بولمايدۇ.

[يالغۇز ياشاشنىڭ ئەدەبلىرى] ئەگەر «يالغۇز ياشاشنىڭ ئەدەبلىرى نېمە؟» دېيىلسە، دەيمىزكى: كىشىلەردىن ئايرىلغۇچى بۇ ئارقىلىق ئەۋۋەلا ئۆزىدىن كىشىلەرگە يەتكۈسى يامانلىقنى توختىتىشنى، ئاندىن يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئامان قېلىشنى، ئاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈشتىن قۇتۇلۇشنى ۋە ئاندىن كېيىن بارچە ئىتائەت ۋە غەيرىتى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشقىلا نىيەت قىلىشى كېرەك. بۇ ئاشكارا ئەدەبلەردۇر.

ئاندىن يالغۇز قالغىنىدا ئىلىم، ئەمەل، زىكىر ۋە تەپەككۇرنى داۋاملاشتۇرغايكىم، تەنھا ياشاشنىڭ مېۋىسىنى ئالالىغاي. ساپ / ھۇزۇرلۇق ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ يېنىغا پات – پات كېلىشى ۋە زىيارەت قىلىشىنى توسقاي! باشقىلارنىڭ ھالىنى سورىمىغاي، شەھەردىكى تۈرلۈك پاراڭلارغا ۋە كىشىلەر مەشغۇل بولۇۋاتقان نەرسىلەرگە قۇلاق سالمىغاي. چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى قەلبكە مۇستەھكەم ئورنايدۇ، ھەتتا ناماز ئەسناسىدىمۇ دىققەتنى چاچىدۇ. دېمەك، خەۋەرلەرنىڭ قۇلاققا كىرىشى زېمىنغا ئۇرۇقنىڭ چۈشكىنىگە ئوخشايدۇ. ئازغىنە مەئىشەت / كىرىمگە قانائەت قىلغاي. ئەكسىچە بەكرەك كەڭرىچىلىكتە ئۆتمەكچى بولسا، بۇ ئۇنى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ.

كىشىلەردىن كەلگەن ئەزىيەتلەرگە سەبرچان بولغاي، تەنھا ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن كەلگەن ماختاشلارغا ياكى كىشىلەر بىلەن ئارىلاشمىغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەشلەرگە قۇلاق سالمىغاي. چۈنكى، بۇلار قەلبكە تەسىر قىلىدۇ ۋە كىشىنى ئاخىرەت يولىدا مەڭدىتىپ قويىدۇ.

داۋاملىق تەنھا ئىبادەت قىلىش مۇشەققىتىنى يېنىكلىتىپ، بىرەر دەم ھال – مۇڭ قىلىپ بىللە ئارام ئالغۇدەك سالىھ دوستى بولغاي. ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر سائەت يالغۇزلۇقتا ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگۈسى قالغان سائەتلەردە ياردەم بېرىدۇ. دۇنيا تەمەسىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندىلا، كىشىلەردىن ئايرىلىپ تۇرۇشتىكى سەبر مۇكەممەللىشىدۇ. تەمەگەرلىك ئارزۇنى ئاددىي قىلىش بىلەنلا ئۈزۈلىدۇ. شۇڭا، كىشى تاڭ ئاتقۇزسا كەچ قىلالمايدىغانلىقىنى، كەچ قىلسا تاڭ ئاتقۇزالمايدىغانلىقىنى ئويلىسۇن، شۇندىلا كۈن بويى سەبر قىلىشى ئاسان بولىدۇ.

يالغۇزلۇقتىن قەلبى سىقىلسا، ئۆلۈمنى ۋە قەبرىدىكى يالغۇزلۇقنى كۆپ ياد ئەتكەي! شۇنى جەزملەشتۈرۈرۋالغايكى، ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش ۋە ئۇ زاتنى تونۇشتىن قەلبىدە بىر ئۇنس – ئۈلپەت ھاسىل قىلالمىغان كىشى ئۆلۈمدىن كېيىنكى يالغۇزلۇقنىڭ سۈر – قورقۇنچىغا تاقەت قىلالمايدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش ۋە ئۇ زاتنى تونۇش بىلەن ئۇنسىيەت تاپسا، بۇ ئۇنسىيەتىنى ئۆلۈم يوق قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۆلۈم ئۇنسىيەت ۋە تونۇش ماقامىنى بىتچىت قىلالمايدۇ. ئاللاھ تائالا شەھىدلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھنىڭ يولىدا شەھىد بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇلۇپ تۇرىدۇ)﴾(3/«ئال ئىمران»: 169).

ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۆز نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىشقا بېرىلگەن كىشى شەھىدتۇر. شۇنىڭدەك بەزى ساھابەلەرنىڭ: «بىز كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى(17).

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.

تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد


1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6494)؛ مۇسلىم (1888). ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
2. ئەھمەد (22289)؛ تىرمىزىي (2406). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 1392) «سەھىھ» دېگەن.
3. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «ئەززۇھد»، (11)؛ ئىبنى ئەبى ئاسىم: «ئەززۇھد»، (48). سەنەدى زەئىف.
4. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «ئەلئۇزلە»، 57)).
5. ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە، (137).
6. ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە، (25).
7. ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە، (38).
8. ئىبنى ئەبىددۇنيا: يۇقىرىقى مەنبە، (31).
9. ئەھمەد، (5022)؛ تىرمىزىي (2507)؛ ئىبنى ماجە (4032). ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايىتى. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 6651) «سەھىھ» دېگەن.
10. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (6064)؛ مۇسلىم (2563) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى.
11. ئەھمەد (6987)؛ ئەبۇ داۋۇد (4343)؛ ئىبنى ماجە (3957). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 564) «سەھىھ» دېگەن.
12. ئىبنى ئەبى ئاسىم: «ئەززۇھد»، (85).
13. مۇسلىم (2963). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايىتى. بۇخارىي رىۋايىتى (6490) مۇ مۇشۇ مەزمۇندىدۇر.
14. ئىمام ئەھمەد: «ئەززۇھد»، (433)؛ ئىمام خەتتابىي: «ئەلئۇزلە»، (42).
15. بۇ يەردە «ئالىمنىڭ كىشىلەردىن ئايرىلىۋېلىشى قانداق بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگۈچى ئالىم «سەھىھۇلبۇخارىي» 2372 – ھەدىستە كەلگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «تۆگىنىڭ يوقاپ كەتكىنىچۇ؟» دېگەن سوئالغا بەرگەن جاۋابى بىلەن جاۋاب بەرگەن. يەنى: ئالىمنىڭ يالغۇز ياشىشىنى سۇ قاچىسى ۋە تۇيىقى ئۆزى بىلەن بىللە بولغان بىر تۆگىگە ئوخشاتتى. يەنى ئۇ تۆگە ئۆزى ماڭالايدۇ، زېمىندا كېزەلەيدۇ، چاڭقىسا سۇ ئىچكىلى كېلەلەيدۇ، دەرەخ غازاڭلىرىدىن يەپ، يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ. تۆگە پۇتى ساق ۋە سۇ تۇلۇمى يېنىدا بار ھالەتتە سەپەر قىلغان بىر كىشىگە ئوخشىتىلدى. شۇنىڭدەك ئالىم كىشى كىشىلەردىن ئايرىلىپ يالغۇز تۇرسا، شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ۋە يامانلىققا بۇيرۇيدىغان نەپسىدىن ئەمىن بولالايدۇ.
([16]) زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 19/70.
([17]) بەيھەقىي: «ئەززۇھد ئەلكەبىر»، (384). ھافىز ئىراقىي («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھياﺋ»، 3/2): «بۇ ھەدىسنى بەيھەقىي جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان، سەنەدى زەئىف» دېگەن. بۇ سۆز ھەدىس سۈپىتىدە مەشھۇر بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەدىس ئەمەس. بەلكى ھافىز ئىبنى ھەجەر («تەسدىدۇل قەۋس»تا) مۇئەييەنلەشتۈرگەندەك، تابىئىنلەردىن ئىبراھىم ئىبنى ئەيلەنىڭ سۆزىدۇر. ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ («مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 11/197): «ئاساسى يوق» دېگەن. بۇنى جىھادنىڭ شەنىنى چۈشۈرۈش، ۋەتەننى قوغداشنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلىشتەك خاتا تەشۋىقاتلاردا نەقىل كەلتۈرۈۋالىدىغانلار غەرەزلىكلەردۇر. چۈنكى، جىھادمۇ نەپسى – خاھىشى ۋە شەيتان بىلەن مۇجاھەدە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم جىھادنىڭ پەزىلىتى ۋە شەنىنى كۆتۈرىدىغان ئايەت – ھەدىسلەر كۆپتۇر. ئەمما، بىر ئۆمۈر داۋاملىشىدىغانلىقى جەھەتتىن جىھادنىڭ بىر تۈرى بولمىش نەپسى خاھىشى ۋە شەيتان بىلەن مۇجاھەدە قىلىشنى «چوڭ جىھاد»، دۈشمەن بىلەن قوراللىق جىھاد قىلىش ۋاقىتلىق بولغاچقا، ئۇنى «كىچىك جىھاد» دەپ ئاتاش خاتا ئەمەس.

Please follow and like us: