ئالىملار ئۆيلىنىشنىڭ مۇستەھەب، قىلىشقا قىزىقتۇرۇلغان ۋە پەزىلەتلىرى كۆپ ئىش ئىكەنلىكىدە بىلئىتتىپاقتۇر. ئۆيلىنىشنىڭ پايدىلىرى كۆپتۇر. شۇ جۈملىدىن:
1) بالىلىق بولۇش؛ نىكاھ ئەۋلاد قالدۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى، ئىنسان نەسلىنىڭ كاپالىتى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ سۆيگۈسىگە ھەمدە ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەخىرلىنىدىغان كىشىلەرنى كۆپەيتىپ، ئۇ زاتنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىلىدۇ. ياخشى پەرزەنتنىڭ دۇئاسى بەرىكەتتۇر، سەبىيلىكتە ئۆلگەن بالا شاپائەت سەۋەبىدۇر.
2) شەھۋەتنىڭ زىيىنىدىن قۇتۇلۇپ، شەيتاندىن ساقلىنىش؛ نىكاھتا ھەم نەپسنى راھەتلەندۈرۈش، ھەم جۆرىسى بىلەن بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، نەپسىنى خۇشال قىلىش باردۇر.
3) كۈندىلىك ئۆي ئىشى غېمىدىن خالاس بولۇش؛ نىكاھ كىشىنى تاماق ئېتىش، ئۆي سۈپۈرۈش، ئورۇن سېلىش، قاچا – قۇچا يۇيۇش ۋە باشقا ئېھتىياجلارنى قامداش قاتارلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ، قەلبىنى يېنىكلىتىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىشلارنى بىر كىشى يالغۇز قىلىپ بولۇش تەس. ھەم كۆپ ۋاقىتنى ئالىدۇ، ھەم ئىلىم ئېلىش، ئىشلەشكە مەخسۇس ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. شۇڭا، سالىھە ئايال بۇ جەھەتتە ئېرىنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى، بۇلارنىڭ يولىغا چۈشمەسلىكى زېھىننى مەشغۇل قىلىدۇ.
4) نەپسكە قارشى جىھاد قىلىش، بالىچاقىلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئىگە بولۇش بىلەن نەپسنى چېنىقتۇرۇش. بالىچاقىلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىش، ئۇلارنىڭ يامان خۇي ۋە جەبر – جاپالىرىغا سەبر قىلىش، ئۇلارنى ياخشىلاشقا تىرىشىش، ئۇلارغا دىن يولىنى كۆرسىتىش، ئۇلار ئۈچۈن ھالال كەسىپ قىلىشقا تىرىشىش ۋە تەربىيەلەش قاتارلىق پايدىلىرى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستۈن پەزىلەتلىك ئەمەللەر بولۇپ، بۇلار كۆڭۈل بۆلۈش ۋە باشقۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. ئادىل باشقۇرۇش ھەقىقەتەن كاتتا پەزىلەت، ئۇنىڭدىن قاچقۇچىلار پەقەت مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالماسلىقتىن قورقۇپ قاچقانلاردۇر. بالىچاقىسىنىڭ جاپاسىنى تارتىش / سەبر قىلىش ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ يولىدا جىھاد قىلىش بىلەن باراۋەردۇر.
«سەھىھۇ مۇسلىم»دە كېلىشىچە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «(ئەگەر) بىر تىللانى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلساڭ، يەنە بىر تىللانى قۇل ئازاد قىلىشقا سەرپ قىلساڭ، يەنە بىر تىللانى مىسكىنگە سەدىقە قىلساڭ ۋە يەنە بىر تىللانى ئەھلىڭگە خەجلىسەڭ، بۇلاردىن ئەھلىڭگە نەپىقە قىلغىنىڭنىڭ ساۋابى ھەممىدىن كاتتىدۇر»(1).
نىكاھنىڭ ئاپەتلىرى ھەققىدە
ئۆيلىنىشنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاپەتلىرىمۇ بار:
1) ئەڭ بۈيۈك ئاپەت ھالال رىزىق تېپىشتىن ئاجىز كېلىش؛ چۈنكى، ھالالدىن رىزىق تېپىش تەس. ئۆيلەنگەنلەرنىڭ بەزىسى ئۆزىنىڭ بولمىغان نەرسىگە قول سوزۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
2) ئاياللارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلالماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ مىجەز – خۇيلىرىغا سەبر قىلالماسلىق؛ بۇ خەتەرلىكتۇر. چۈنكى، ئەركىشى پادىچىغا ئوخشايدۇ ۋە ئۆز پادىلىرىدىن سوراققا تارتىلىدۇ.
3) ئەھلى ۋە بالىلىرىنىڭ كىشىنى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ زىكرىدىن مەشغۇل قىلىپ قويۇشى. بۇنداق كىشى كېچە – كۈندۈزىنى بالىچاقىسى بىلەنلا ئۆتكۈزىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ قەلبى ئاخىرەتنى ئويلاش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ.
دېمەك، يۇقىرىقىلار نىكاھنىڭ ئاپەت ۋە پايدىلىرىدۇر.
بىراۋ ئۈچۈن ئۆيلەنگىنى ئەۋزەلمۇ ياكى بويتاق يۈرگىنىمۇ؟ دېگەن ھەقتە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىگە قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەلبەتتە، ئۆيلىنىشنى نىيەت قىلغۇچى ئۆزىنى بۇ ئەھۋاللارغا سېلىپ دەڭسەپ بېقىشى كېرەك. ئەگەر نىكاھنىڭ پايدا كەلتۈرۈش ئالامىتى بولسا، يەنى كىشى ھالال مال ۋە گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى بولسا ۋە شۇنداقلا شەھۋىتىنى بېسىقتۇرۇش ۋە تۇرمۇشىنى رەتلەشكە ئېھتىياجى بار يالغۇز ياش بولسا، شەك – شۈبھىسىزكى، بۇنداق كىشىنىڭ ئۆيلەنگىنى ئەۋزەل؛ ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە نىكاھ ئاپەت كەلتۈرگۈدەك بولسا، بويتاقلىقى ئەۋزەلدۇر. بۇ ئۆيلىنىشكە ئېھتىياجى يوق كىشى ھەققىدىكى ھۆكۈمدۇر، ئەگەر كىشى ئۆيلىنىشكە ئېھتىياجلىق بولسا، جەزمەن ئۆيلىنىشى ۋاجىبتۇر.
ياخشى ئائىلە قۇرۇش ھەققىدە
ياخشى بىر ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن ئايال كىشىدە تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەر بولۇشى كېرەك:
1) دىن؛ بۇ تۈپكى ئالاھىدىلىكتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دىندار ئايالنى تاللىغىن، قوللىرىڭ تارچىلىق كۆرمىسۇن»(2) دېگەن. دېمەك، ئايال كىشىنىڭ دىنى بولمىسا ئېرىنىڭ دىنىنى بۇزىدۇ ۋە قەدر – قىممىتىنى چۈشۈرىدۇ. ئەگەر ئايال كىشى كۈنلەمچى بولسا، ئەر كىشى دائىم بالايىئاپەت ۋە رەنج – مۇشەققەت ئىچىدە قالىدۇ.
2) گۈزەل ئەخلاق؛ ھەقىقەتەن، خۇلقى يامان بىر ئايالنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپتۇر.
3) ھۆسن – جامال؛ بۇمۇ ئايال كىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلەردىندۇر. چۈنكى، ئايالى گۈزەل ئەر ھارامدىن يىراق بولىدۇ، شۇڭا ئۆيلىنىدىغان ئايالغا قاراشقا بۇيرۇلغان(3). بەزىلەر گۈزەللىكنى مۇھىم بىلمەيتتى ۋە ھۆسن – جامالدىن زەۋق ئېلىشقا ئىنتىلمەيتتى. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — تېخىمۇ گۈزەل سىڭلىسىنى قويۇپ، كۆزى ئاجىز ياكى بىر كۆزى قارىغۇ بىر خانىمنى تاللىغانىكەن. لېكىن، بۇ كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋالدۇر. ئىنسان تەبىئىتى بۇنىڭ ئەكسىنى تاللايدۇ.
4) تويلۇق (مەھر ھەققى) يەڭگىل بولۇش؛ سەئىد ئىبنى مۇسەييەب — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — بىر قىزىنى ئىككى تەڭگە تويلۇققا ياتلىق قىلغان.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاياللارنىڭ تويلۇقلىرىنى قىممەت قىلىۋەتمەڭلار!» دېگەن(4).
ئايال كىشىنىڭ تويلۇقنى قىممەت قىلىۋېتىشى يامان كۆرۈلگەندەك، ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىنىڭ قانچىلىك مېلى بارلىقىنى سورىشىمۇ يامان كۆرۈلىدۇ. سۇفيان سەۋرىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن —: «ئەر كىشى بىر ئايال بىلەن توي قىلسا ۋە: ‹ئايال كىشىنىڭ نېمىلىرى بار› دەپ سورىسا، بىلگىنكى: ئۇ ئەر ئوغرىدۇر» دېگەن.
5) قىز بولۇش؛ چۈنكى، شەرىئەتنىڭ بەرپاچىسى (رەسۇلۇللاھ) قىز ئېلىشقا قىزىقتۇرغان(5). قىز تەگكەن ئايال ئېرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئېرىگە چوكاندىن بەكرەك كۆنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت ھاسىل بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسان تەبىئىتى تۇنجى كۆنگەن ئادەم بىلەن ئۇنس – ئۈلپەت بولىدىغان قىلىپ يارىتىلغان. قىز تەگكەن ئايال ئېرىنىڭ قاتتىق سۆيۈشىگە نائىل بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسان تەبىئىتى باشقىلار قول تەگكۈزمىگەن ئايالنى ئىستەيدۇ.
6) تۇغۇمچان بولۇش؛
7) نەسەبلىك بولۇش؛ يەنى دىندار ۋە ياخشى ئائىلىنىڭ قىزى بولسا ئەۋزەل.
8) ياتلاردىن بولۇش. ئەر كىشىنىڭ ئۆيلەنمەكچى بولغان ئايالنى كۆرۈپ، سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىشى كېرەك بولغىنىدەك، ئايالنىڭ ۋەلىيسىنىڭمۇ بولغۇسى كۈيئوغۇلنىڭ دىنى، ئەخلاقى ۋە ھال – ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. چۈنكى، نىكاھ بىر مەنادا ئايالنىڭ ئەرگە قۇللۇقىدۇر. قىزىنى پاسىق ياكى بىدئەتچىگە نىكاھلاپ قويۇش ھەم قىزىغا، ھەم ئۆزىگە زىيانكەشلىكتۇر. بىر كىشى ھەسەن ئەلبەسرىي — ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن — گە:
— قىزىمنى قانداق كىشىگە نىكاھلاپ قوياي؟ — دېگەندە، ئۇ مۇنداق دېگەن:
— ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشىگە نىكاھلاپ قويغىن، چۈنكى ئۇ ئەگەر قىزىڭنى ياخشى كۆرسە ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ، مۇبادا يامان كۆرۈپ قالسىمۇ ئۇنىڭغا ھەرگىز زۇلۇم قىلمايدۇ.
مۇئامىلىدىكى قائىدە – يوسۇنلار، ئەرنىڭ ئۈستىدىكى ۋە خاتۇننىڭ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتلەر ھەققىدە
ئەر كىشى ئون ئىككى تۈرلۈك ئىشتا مۆتىدىل ۋە ئەدەب – قائىدىگە ئۇيغۇن ئىش تۇتۇشى كېرەك:
1) توي تامىقى بېرىش؛ ئەر تەرەپنىڭ توي زىياپىتى بېرىشى مۇستەھەب ئەمەلدۇر.
2) ئايالى / ئاياللىرى بىلەن خۇش مۇئامىلىدە بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ (كۆپرەك ھېسسىياتچان ئىش تۇتۇشى تۈپەيلى) ئەقلى كوتىلىقى بائىس سالغان ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈش؛ سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئۆزئارا تەۋسىيە قىلىشىڭلار. ھەقىقەتەن ئاياللار ئەگرى قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان، قوۋۇرغىنىڭ ئەڭ ئەگرى يېرى ئۇنىڭ ئەڭ ئۈستىدۇر. ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ سۇندۇرۇۋېتىسەن، ئۇنى ئۆز پېتى قويساڭ، ھەمىشە ئەگرى تۇرىدۇ. شۇڭا (نەسىھىتىمنى قوبۇل قىلىپ،) ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار»(6) دېگەن.
بىلگىنكى، ئايالى بىلەن ياخشى ئۆتۈش دېمەك پەقەتلا ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمەسلىك دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئايالىغا ئەزىيەت بېرىشتىن توختاش بىلەن بىرگە ئايالىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈش، تەنتەكلىك ۋە قېيىداشلىرىغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىپ سەبر قىلىش دېمەكتۇر. «سەھىھەين»دە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى ئۇ زاتقا گەپ ياندۇراتتى(7)، ھەتتا بەزىلىرى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇ زاتقا ماي تارتاتتى».
3) ئايالى بىلەن ئوينىشىش ۋە چاقچاقلىشىش؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرى بىلەن ئوينىشاتتى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن مۇسابىقىلەشكەن ئىدى(8). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «قىز ئالساڭچۇ؟! ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشاتتىڭ، ئۇمۇ سەن بىلەن ئوينىشاتتى»(9) دېگەن.
4) ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك؛ ئوينىشىش ۋە چاقچاقلىشىشتا ئايال كىشىنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كەتكۈدەك ئاشۇرۇۋەتمەي، ئوتتۇراھال يول تۇتۇش لازىم. رىۋايەت قىلىنۇركى: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز ۋالىيلىرىدىن بىرىنى ئەيىبلىدى، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئايالى ئەيىبلەنگۈچىنى تىلىۋېلىش ئۈچۈن:
— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! نە ۋەجدىن ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىدىلا؟ —دېگەنىدى، ئۆمەر:
— ئى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى! سەن قايسى سالاھىيەت بىلەن بۇ ئىشقا ئارىلىشىسەن؟ ئاتىكارچىلىق قىلماي يىپىڭنى ئېگىر! — دېدى(10).
5) ئايالىنى كۈنلەشتە نورمال بولۇش؛ يەنى بالا – قازانىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارىماسلىق ۋە زىيادە گۇمانخور بولماسلىق كېرەك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەرگە چىققانلارنى (قايتىپ كەلگەندە) ئۆيىگە كېچىسى تۇيۇقسىز كىرىشتىن توسقان(11).
6) نەپىقىنى مۆتىدىل تۇتۇش، ئىسراپمۇ قىلماي، بېخىللىقمۇ قىلماي ئوتتۇراھال بولۇش؛ بىر كىشىنىڭ ياخشى تاماقنى ئائىلىسىگە يىدۈرمەي، پەقەت ئۆزىلا يېيىشى ناتوغرىدۇر. بۇنداق قىلىش قەلبتە غەزەپ پەيدا قىلىدۇ.
7) يىگىتنىڭ ھەيزدار ئايالغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلگۈدەك دەرىجىدە ھەيز ۋە ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىشى، ئايالىغا توغرا بولغان ئېتىقادنى ئۆگىتىشى، ئەگەر ئايالىدا بىدئەت بولسا ئۇنىڭ قەلبىدىن بارلىق بىدئەتنى يوقىتىشى ۋە ئايالىغا ناماز، ھەيز ۋە ئىستىھازە(12) ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشى كېرەك؛ يەنە ئايالىنىڭ ھەيز قېنى شام نامىزىدىن بۇرۇن بىر رەكئەت ناماز ئوقۇغىدەك ۋاقىت ئالدىدا توختىغان بولسا، پېشىن ۋە ئەسىرنىڭ؛ ئەگەر بامدات نامىزىدىن بۇرۇن بىر رەكئەت ناماز ئوقۇغىدەك ۋاقىت ئالدىدا ئۈزۈلگەن بولسا، ئاۋۋالقى ئاخشامقى شام ۋە خۇپتەننىڭ قازاسىنى ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى(13) ئايالىغا ئۆگىتىدۇ. بۇ ئاياللار بەك رىئايە قىلمايدىغان مەسىلىدۇر.
8) ئەگەر كىشىنىڭ بىرنەچچە خوتۇنى بولسا، ئۇلارغا ئادىلانە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؛ ئادىللىق ئاياللىرىنىڭ يېنىدا قونۇش ۋە خەرج – خىراجەت خۇسۇسىدا تەڭ مۇئامىلە قىلىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ بەندە قادىر بولالمايدىغان سۆيگۈ – مۇھەببەت ۋە جىنسىي تۇرمۇشتا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئەمەس. كىشى ئەگەر سەپەرگە چىقماقچى بولسا ۋە ئاياللىرىدىن بىرىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ چىقماقچى بولسا، ئۇلار ئارىسىدا چەك تاشلىغاي، چەك قايسىسىغا چىقسا، شۇ ئايالىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ چىققاي.
9) چىقىشماسچىلىق. ئەگەر خاتۇن كىشى چىقىشماسچىلىق قىلسا، ئۇنى ئەدەبلەش ۋە مەجبۇرىي ئىتائەتكە كۆندۈرۈش كېرەك. لېكىن، ئايالنى ئەدەبلەشتە ئالدى بىلەن نەسىھەت قىلىش ۋە قورقۇتۇش ئارقىلىق تەدرىجىي ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش كېرەك. ئەگەر بۇ ئۇسۇل كار قىلمىسا بىرگە ياتمىسۇن، يەنى خاتۇنغا كەينىنى قىلىپ ياكى ئايرىم كۆرپە سېلىپ ياتسۇن. ئۈچ كۈنگىچە گەپ قىلمىسا بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىشلار كار قىلمىسا، ئۇنى يارىلاندۇرمىغۇدەك، قان چىقمىغۇدەك ھالدا يۈزىدىن باشقا يەرلەرگە يەڭگىل ئۇرسا بولىدۇ.
10) جىمانىڭ ئەدەبلىرى: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلاش، قىبلىدىن باشقا ياققا بۇرۇلۇش، ئەر – خاتۇن بىر پارچە رەخت بولسىمۇ يېپىنىۋېلىش، قىپيالىڭاچ بولۇۋالماسلىق، جىمانى ئايالى بىلەن ئوينىشىش، قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش بىلەن باشلاش. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا جۈمە كۈنى جىما قىلىش مۇستەھەبتۇر.
ئەر ئۆز شەھۋىتىنى قاندۇرغاندىن كېيىن، ئايالىنىڭمۇ شەھۋىتىنى قاندۇرۇۋېلىشىنى كۈتسۇن. چۈنكى، ئايالىنىڭ لەززەت بىلەن ئېھتىلام بولۇشى كېچىكىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەر ھەيزدار ئايالى بىلەن ئويناشماقچى بولسا، ئايالنىڭ بەلدىن تىزىغىچە كالتا ئىشتان بولسىمۇ كىيىۋېلىشى؛ ھەيزدار ئايال بىلەن نورمال جىما ياكى ئارقىسىغا (مەقئىتىگە) يېقىنلىشىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى؛ ھەيزسىز ئايالى بىلەن ئىككىنچى قېتىم جىما قىلماقچى بولغان ئەرنىڭ تاناسىل ئەزاسىنى يۇيۇشى ۋە تاھارەت ئېلىپ ئاندىن كېلىشى؛ جۇنۇپ ھالدا چاچ چۈشۈرمەسلىك، تىرناق ئالماسلىق ۋە قان ئالماسلىق قاتارلىقلارمۇ ئەدەبنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەزل قىلىش(14) مەكرۇھ ئەمما رۇخسەت بېرىلگەن ئىشتۇر.
11) تۇغۇتقا ئالاقىدار ئەدەبلەر ئالتە تۈرلۈكتۇر:
ئا) ئوغۇل تۇغۇلسا بەك خۇشال بولۇپ، قىز تۇغۇلسا قايغۇرماسلىق؛ چۈنكى، كىشى خەيرنىڭ قايسىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
ئە) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قۇلىقىغا ئەزان ئوقۇش؛
ب) چىرايلىق ئىسىم قويۇش؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»دا كەلگەن بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە ئەڭ سۆيۈملۈك ئسىملار ئابدۇللاھ ۋە ئابدۇرراھماندۇر»(15) دېگەن. بىر كىشنىڭ ئىسمى يامان كۆرۈلىدىغان ئىسىم بولسا، ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىش مۇستەھەبتۇر، رەسۇلۇللاھ بىر قىسىم ساھابەلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. جۈملىدىن: ئەفلەھ (أفلح / بەختكە ئېرىشتى)، نافىئ (نافع /نەپ بەرگۈچى )، يەسار (يسار /سولخەي، سولچى)، رەباھ (رباح / پايدا)، بەرەكەت (بركة) قاتارلىق ئىسىملارنى قويۇش مەكرۇھتۇر. چۈنكى، مەسىلەن، «بەرىكەت بارمۇ؟» دېيىلسە: «ياق / يوق» دېيىلىپ قالىدۇ(16).
پ) ئوغۇل بالىغا ئىككى، قىز بالىغا بىر قوي(17) ئۆلتۈرۈپ ئەقىقىسىنى قىلىش؛
ت) خورما ياكى تاتلىق يېمەك بىلەن بالىنى ئېغىزلاندۇرۇش؛
ج) خەتنە قىلىش.
12) تالاق: بۇ ئاللاھ تائالا ئەڭ يامان كۆرىدىغان مۇباھتۇر. شۇڭا، بىر ئەرنىڭ بىگۇناھ ئايالىنى ئۇشتۇمتۇت تالاق قىلىشى مەكرۇھتۇر. ئايال كىشىنىڭمۇ ئەرنى تالاق قىلىشقا قىستىشى دۇرۇس ئەمەس. ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان ئەر شۇ تۆت ئىشقا رىئايە قىلسۇن:
ئا) ئىددەت ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئايالى ساق چاغدا / ئادەت كۆرۈپ ساقايغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلماي تۇرۇپ تالاق قىلىش؛
ئە) پۇشايمان قىلىپ قالسا ئايالىغا قايتىۋالالىشى ئۈچۈن پەقەت بىرلا تالاق قىلىش؛
ب) بۇ ئازابنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تالاق قىلغان ئايالىغا پايدىلىنالىغۇدەك بىرنەرسە بېرىپ سىلىق مۇئامىلە قىلىش بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساش؛ رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئايالىنى تالاق قىلدى ۋە ئۇنىڭغا 10 مىڭ دەرھەم ئەۋەتتى. بۇنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئايال: «ئايرىلىپ كەتكەن قەدىرداندىن كەلگەن ئازغىنە مال» دېدى.
پ) ئايالىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىماسلىق. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا جايى ئەڭ يامان كىشىلەردىن بىرى ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىپ، ئاندىن ئايالىنىڭ سىرىنى يايىدىغان كىشىدۇر»(18).
سالىھلەردىن بىر زات ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغاندا، ئۇنىڭغا:
— ئايالىڭدىن شۈبھىلەندۈرگەن ئامىل نېمە؟ — دېيىلگەنىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ:
— ئاقىل كىشى دېگەن ئايالىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىمايدۇ، — دېدى.
ئۇ ئايالىنى تالاق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن يەنە سوراشتى:
— ئايالىڭنى نېمىشقا تالاق قىلدىڭ؟ — ئۇ زات مۇنداق جاۋاب بەردى:
— مېنىڭ خەقنىڭ ئايالى بىلەن نېمە ئىشىم؟
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئەرنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىدۇر.
ئىككىنچى قىسىم: ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەقلىرى
ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەنكى: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ناۋادا بىر كىشىنى يەنە بىر كىشىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيدىغان بولسام ئىدىم، ئايالنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيتتىم»(19) دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
بۇ قىسىمدا ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىنى تەكىتلەيدىغان كۆپ ھەدىسلەر بار، خېلى كۆپ بولغان بۇ ھەقلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككىسى تۆۋەندىكىدەكتۇر:
1) ئىپپەتلىك بولۇش ۋە نومۇسىنى ساقلاش؛
2) قانائەتچان بولۇش. سەلەف سالىهلەر زامانىدا ئاياللار قانائەتچان ئىدى. بىر كىشى ئۆيىدىن چىقسا، ئايالى ئۇنىڭغا: «ھارام كەسىپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ! بىز ئاچلىققا ۋە نامراتلىققا سەبر قىلىمىز، ئەمما، جەھەننەم ئوتىغا سەبر قىلالمايمىز» دەيتتى.
خاتۇن كىشى ئېرىنىڭ مېلىنى ئىسراپ قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر خاتۇن كىشى ئېرىنىڭ رازىلىقى بىلەن باشقىلارغا تاماق بەرسە، ئېرىگە بولغان ساۋاب ئوخشاشلا ئايالغىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئېرىنىڭ رازىلىقىسىز باشقىلارغا تاماق بەرسە، ئېرىگە ساۋاب، ئايالغا گۇناھ بولىدۇ.
قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى قىزىنى كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن قىزىغا كېرەكلىك ئەدەب – قائىدە، نازاكەت يوسۇنلىرىنى ئۆگىتىشى لازىم. خاتۇن كىشى ئۆيدە ئولتۇرۇشى، يىپ ئېگىرىشى، قوشنىلىرىغا ئاز گەپ قىلىشى، ئېرى يوق ھالەتتە كىشىلەردىن يىراق تۇرۇشى، ئېرى بار يەردە ياكى يوق يەردە بىردەك ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىشى، ھەر ۋاقىت ئېرىنىڭ خۇشاللىقىنى كۆزلىشى، ئۆز نەپسى ۋە ئېرىنىڭ مېلى جەھەتتە ئەرگە خىيانەت قىلماسلىقى، ئېرىنىڭ كۆرپىسىگە ئېرى يامان كۆرىدىغان كىشىلەرنى دەسسەتمەسلىكى ۋە ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارنى ئۆيىگە كىرگۈزمەسلىكى كېرەك. ئايال كىشىنىڭ ھىممىتى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ھويلىدىكى ئىشلارنى ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە قىلىپ ئۆيىنى ياخشى سەرەنجاملاشتۇرۇشتا بولسۇن! ئېرىنىڭ ھەققىنى ئۆزى ۋە بارلىق يېقىنلىرىنىڭ ھەققىنىڭ ئۈستىدە قويسۇن!
نىكاھ بۆلۈمى ئاخىرلاشتى.
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. مۇسلىم (995).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5090)؛ مۇسلىم (1466).
3. مۇسلىم (1424): ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىڭ يېنىدا ئىدىم، بىر كىشى كېلىپ، ئەنسارلاردىن بىر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇ زات:
— سەن ئۇ ئايالنىڭ چىرايىنى كۆردۈڭمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ:
— ياق، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ماڭ، بېرىپ كۆرۈپ كەل! چۈنكى ئۇلار(ئەنسارلار)نىڭ كۆزلىرى بىرقانداق كېلىدۇ، — دېدى.
4. ئىبنى ماجە (1887). ئالبانىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5247)؛ مۇسلىم (715). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «قىز ئالساڭچۇ؟! ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشاتتىڭ، ئۇمۇ سەن بىلەن ئوينىشاتتى» دېگەن.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5186)؛ مۇسلىم (1468). يەنى ئۇلارنىڭ ئەسلى يارىتىلىشىدا ئەگرىلىك، ئەۋرىشىملىك بار، تۈزلەش ئەگرىلىكنىڭ مەنبەسى بولغان ئەڭ ئۈستى تەرىپىدىكى كاللىسى ۋە تىلىدا تېخىمۇ قىيىن. ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ تالاق قىلىۋېتىسەن، شۇڭا سەبر قىلىپ، ئۇلارغا ئېھسان قىلغىن ۋە ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتكىن. — ت.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2468)؛ مۇسلىم (1479). بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىدىمۇ كۈندەشلىك ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى تاكاللىشىش ۋە ئىچىنى سىقىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلەتتى.
8. ئەبۇ داۋۇد (2578)؛ ئىبنى ماجە (1979). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 131) «سەھىھ» دېگەن.
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5247)؛ مۇسلىم (715).
10. بۇ يەردىكى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى كىتابتا كەلگەندىن باشقا رىۋايەتلەرگە ئاساسەن تەھرىرلەندى.
11. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1801)؛ مۇسلىم (715). قايتىش ۋاقتى نامەلۇم ئۇزۇن سەپەردىن تۇيۇقسىز كېلىپ كۈندۈزى ياكى كېچىسى ئىشىك قېقىش ئەھلى ئائىلىسىگە يۇيۇنۇپ – تارىنىپ، ئېرىنى كۈتۈۋېلىشقا ياسىنىش پۇرسىتى بەرمىگەنلىكتىن كۆڭلىنىڭ سويۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى، كەلگۈچىنىمۇ بەزى ئۇقۇشماسلىقلارغا دۇچ كەلتۈرۈشى ياكى گۇمانخورلۇق تۇيغۇسى پەيدا قىلىشى جەھەتتىن ئۆيگە ئالدىن خەۋەر بېرىلمىگەن ئەھۋالدا كىرىش، بولۇپمۇ يېرىم كېچىدە كىرىش مەكرۇھتۇر.
12. ئىستىھازە (الْاسْتِحَاضَةُ): ئەرەبچە «ھەيز (الْحَيْضُ)» كەلىمەسىدىن تۈرلەنگەن ئىسىم بولۇپ، «ئايال کىشىنىڭ ئادەت (ھەيز) ياكى نىپاس كۈنلىرىدىن كېيىنمۇ داۋاملىق قانسىراپ تۇرۇشى»نى كۆرسىتىدۇ. فىقھ ئىستىلاھىدا بولسا: «ئاياللاردا ئادەت ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا كېسەللىكتىن ياكى (بالىياتقۇ ئاستىدىكى) مەلۇم تومۇر يېرىلغانلىقتىن قان (خۇن) كېلىش»تۇر. بۇ ھالەتتىكى ئايالغا «ئىستىھازىدار (الْمُسْتَحَاضَةُ)» دېيىلىدۇ. ئىستىھازە خۇنى ھەيز خۇنىدىن پۇراقسىزلىقى ۋە ئۇيۇشقاقلىقى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ھەيز خۇنى ئايال كىشى ساق – سالامەت تۇرۇپ كەلسە، ئىستىھازە خۇنى كېسەللىك ياكى بىرەر تەڭپۇڭسىزلىقتىن كېلىدۇ. ئىستىھازە خۇنىنىڭ ھۆكمى توختىماي بۇرۇن قاناش ياكى سۈيدۈك توختىماسلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش بولۇپ، شەرئىي ئەھكامدا ئىستىھازىدارلار ساغلام ئاياللاردىنمۇ، ھەيزدارلاردىنمۇ پەرقلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئىستىھازە ناماز، روزا، تاۋاپ، «قۇرئان» تىلاۋىتى ۋە جىماغا توسالغۇ بولمايدۇ. لېكىن، ھەربىر نامازغا ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ. — ت.
13. بۇ كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بولۇپ، ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا بۇ ئەھۋالدا ئاخىرقى بىر نامازنىلا ئوقۇشى كېرەك، چۈنكى ئالدىنقى نامازنىڭ ۋاقتى ئۆزرىلىك چاغدا چىقىپ كەتكەن، شۇڭا ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك ئەمەس. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 13/72. — ت.
14. ئايالىنىڭ قورساق كۆتۈرۈپ قېلىشىنى ئىستىمىگەن ئەرنىڭ جىنسى ئالاقىدە مەنىينى سىرتقا تۆكۈۋېتىشى. — ت.
15. مۇسلىم (2132).
16. مۇسلىم (2136 – 2138).
17. تىرمىزىي (1516). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
18. مۇسلىم (1437).
19. ئەبۇ داۋۇد (2140)؛ تىرمىزىي (1159)؛ ئىبنى ماجە (1852). ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 5294) «سەھىھ» دېگەن.

