ئەسسامەد جەللە جەلالۇھۇ

ئەسسامەد جەللە جەلالۇھۇ

دوكتور شەرىف فەۋزىي سۇلتان

 

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ – ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ﴾(112/«ئىخلاس»: 1 – 4).

ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «مۇشرىكلار نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ‹ئى مۇھەممەد! بىزگە رەببىڭنىڭ نەسەبىنى دەپ بەرگىن› دېگەندە، ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنى نازىل قىلغان: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ – ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ﴾(112/«ئىخلاس»: 1 – 4)»(1).

 

بۇ ئىسىمنىڭ ئاللاھ تائالا ھەققىدىكى مەنىسى

ئالىملار ئاللاھنىڭ بۇ گۈزەل ئىسمىغا كۆپ تەرىپلەرنى بەرگەن:

ئەسسامەد جەللە جەلالۇھۇ — شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇقتا كامىل بولغان زاتتۇر.

ئەسسامەد جەللە جەلالۇھۇ — ئۇ قورسىقى بولمىغان، يەپ – ئىچمەيدىغان، تائام بېرىدىغان، لېكىن ئۆزى تائام يېمەيدىغان زاتتۇر(2).

ئەسسامەد جەللە جەلالۇھۇ — ئۆلمەيدىغان، مىراس قالدۇرمايدىغان زاتتۇر. چۈنكى، ھەرقانداق نەرسە تۇغۇلىدىكەن، ئۇ چوقۇم ئۆلىدۇ، ھەرقانداق نەرسە ئۆلىدىكەن، ئۇنىڭدىن مىراس قالىدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بولسا مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان ۋە مىراس قالدۇرۇشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدىغان زاتتۇر(3).

ئەسسامەد جەللە جەلالۇھۇ — ئىنسان ، جىن ۋە باشقا ئۈستۈنكى، ئاستىنقى ئالەمدىكى جىمى مەخلۇقاتلار چوڭ – كىچىك ھەممە ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا سىغىنىدىغان زاتتۇر.

بۇ مەنىلەرنىڭ ئەڭ سەھىھرەكى شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ تۆۋەندە زىكىر قىلغىدۇر: «ئۇ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا پۈتۈن ھاجەتلەر ۋە ئارزۇ – ئارمانلار ئۈچۈن يۈزلىنىدىغان، مۇسىبەتلەردە ياردەم تىلىنىدىغان زاتتۇر»(4).

ئىمام خەتتابىي رەھىمەھۇللاھ دېگەنكى: «ئەسسامەد — ئۇ جىمى ئىشلاردا (رەھمىتى) ئۈمىد قىلىنىدىغان، ھاجەت ۋە مۇسىبەتلەردە ئۇنىڭغا سىغىنىلىدىغان زاتتۇر»(5).

ئىمام سەئدىي دېدىكى: «ئۇ پۈتۈن ھاجەتلەردە ۋە مۇسىبەتلەردە تايىنىلىدىغان زاتتۇر»(6).

يەنە دېگەنكى: «ئۇ پۈتۈن مەخلۇقاتلار ھەممە ھاجەتلىرىدە، ئەھۋاللىرىدا ۋە زۆرۈرىيەتلىرىدە يۈزلىنىدىغان زاتتۇر، چۈنكى ئۇ ئۆز زاتىدا، سۈپەتلىرىدە، ئىسىملىرىدا ۋە ئەفئاللىرىدا مۇتلەق كامالەت ئىگىسىدۇر»(7).

ئەسسامەد جەللە جەلالۇھۇ – ئۇ ئارزۇ – ئارمانلىرىمىزدا يۈزلىنىدىغان، مۇسىبەت يەتكەندە ياردەم تىلىنىدىغان، بالا – قازالاردا پاناھلىنىدىغان زاتتۇر. بىز ھاياتىمىزنىڭ ھەربىر لەھزىلىرىدە ئۇ زاتقا موھتاجمىز، ئەگەر ئىختىيارىي ھالەتتە ئۇنىڭغا قايتمىغانلارمۇ مەجبۇرى ھالەتتە قايتىدۇ.

 

ئاللاھ تائالاغا بۇ گۈزەل ئىسمىغا قارىتا قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟

بىرىنچى: ئاللاھ تائالانى ئەڭ خالىس ھالەتتە ياخشى كۆرۈشىمىز كېرەك

چۈنكى، پۈتۈن مەخلۇقاتلار يۈزلىنىدىغان، ھاجەتلىرىنى، قىينچىلىقلىرىنى راۋا قىلىشتا تەلپۈنىدىغان ئۇ زات ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ياخشى كۆرۈلۈشكە لايىقتۇر. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئالىيجاناب نەپسلەر ئۆزىگە ياردەم قىلغان ۋە ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىپ بەرگەن كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ يارىتىلغاندۇر. ئۇنداقتا، يامانلىقلارنى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم يوق قىلالمايدىغان، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم ئىجابەت قىلالمايدىغان ئەسسامەد جەللە جەلالۇھۇ ياخشى كۆرۈلۈشكە تېخىمۇ لايىق ئەمەسمۇ؟! بۇ ياخشى كۆرۈشنىڭ ئىپادىسى ئۇ زاتقا ئىتائەت قىلىشقا يۈزلىنىش ۋە ئۇ زات رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشتۇر.

 

ئىككىنچى: بەندە ھاجەتلىرىگە قارىتا ئاللاھ تائالاغىلا يۈزلىنىشى ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرىنىڭ روياپقا چىقىشىدا ئاللاھقىلا ئۈمىد باغلىشى كېرەك

يەنى بەندە پەقەت يەككە – يېگانە ئول ئاللاھقىلا يۈزلىنىشى، ئۇنىڭدىنلا سورىشى، ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلىشى، ئېسىلىشى ۋە ئىشەنچ قىلىشى كېرەك. خۇددى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىرىڭلار پەقەت ئۆزىنىڭ گۇناھىدىنلا قورقسۇن ۋە رەببىدىنلا ئۈمىد قىلسۇن» دېگەندەك.

ئىمام قۇرتۇبىي دېگەنكى: «ھەربىر مۇكەللەفنىڭ ‹مەڭگۈلۈك ۋە يەككە – يېگانىلىك پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر› دەپ بىلىشى ۋە ھاجەتلىرىگە قارىتا ئول ئاللاھقىلا تەلپۈنۈشى ۋاجىب بولىدۇ»(8).

ئى قېرىندىشىم! غەم – قايغۇلىرىڭدىن، كېسىلىڭدىن ۋە قەرزلىرىڭدىن ھەرگىز غەم قىلمىغىن. چۈنكى، سەن ئەسسامەد جەللە جەلالۇھۇغا ئىلتىجا قىلساڭ، ئۇ زات سېنى ھەرگىز خار قىلمايدۇ ۋە زايە قىلىۋەتمەيدۇ. سەن ئۇ زاتقا ئىلتىجا قىلىشىڭدا ۋە ھاجەتلىرىڭنى ئېيتىشىڭدا راستچىل بولغىن. بىلگىنكى، قىيىنچىلىقنىڭ ھەل بولۇشىنى كۈتۈشمۇ ئىبادەتتۇر. بىر ھالەتنىڭ ئۆرگەرمەي داۋاملىشىشى مۇھالدۇر، كۈنلەر يېڭىلىقلار بىلەن تولغاندۇر، غەيب بولسا مەستۇردۇر (تاڭ ھامان ئاتقۇچىدۇر). ﴿ھەقىقەتەن ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق باردۇر﴾(94/«شەرھ»: 6).

مۇئمىن كىشى «يَا صَمَدُ (يا سامەد)» دېگەن ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ بۈيۈك، ناھايىتى كۈچلۈك، ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدىغان ھەممىگە قادىر بىر زاتقا تەلپۈنۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئىلتىجا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك.

بۇ بولسا پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ماڭغان، چىن قەلبىدىن چۈشىنىپ ئاڭقىرىپ يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم ياشىغان ۋە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەكرەمۇلئەكرەمىن بولغان زاتنىڭ ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولغان يولدۇر.

ئالايلۇق، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئوتقا تاشلانغاندا، ئەسسامەد سۈپەتكە ئىگە بولغان رەببىنى زىكىر قىلدى ۋە ئۇنىڭغا سىغىندى، شۇنىڭ بىلەن ئوتنىڭ تەبىئىتى (ئىسسىق ۋە دىمىق) ھارارەتتىن سالقىنلىققا، كۆيدۈرۈشچانلىقتىن سوغۇقلۇق ۋە خاتىرجەملىك بەخش ئەتكۈچىلىككە ئالماشتۇرۇلدى.

مۇسا ئەلەيھىسسالام سۇغا غەرق بولۇش ئالدىدا ئەسسامەد جەللە جەلالۇھۇغا سىغىندى ۋە ئۇ زاتقا شەكسىز ئىشەندى، شۇنىڭ بىلەن دېڭىز يېرىلىپ ئۇنىڭ مېڭىشى ئۈچۈن كەڭرى يول ئېچىپ بېرىلدى. بۇ ئارقىلىق غەرق بولۇپ كېتىشتىن ۋە دۈشمەننىڭ يېتىشىۋېلىشىدىن قورقۇشنىڭ ئورنىنى بۇ پەيغەمبەرنىڭ نىجات تېپىشى ۋە دۈشمىنىنىڭ ھالاك بولۇشى ئىگىلىدى.

خوش، مۇشۇنىڭدەك كىمكى قەلبىنى ئاللاھنىڭ غەيرىدىن پۈتۈنلەي پارىغ قىلىپ، يەككە – يېگانە زات ئەسسامەدكىلا تەلپۈنىدىكەن ۋە ئول ئەسسامەد جەللە جەلالۇھۇدىنلا سورايدىكەن، ئۇ ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ ۋە سورىغىنىنى بېرىدۇ.

ئەگەر سورىساڭ، ئاللاھ تائالادىنلا سورا، ئەگەر تىلىسەڭ، ئاللاھ تائالادىنلا ي تىلە! بىلگىنكى، ئەگەر پۈتۈن ئىنسانلار يىغىلىپ ساڭا بىرەر مەنپەئەت يەتكۈزمەكچى بولسا، ئاللاھ ساڭا تەقدىر قىلغاندىن باشقا ھېچقانداق مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ. ساڭا بىرەر زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن يىغىلسىمۇ، ئاللاھ ساڭا تەقدىر قىلغاندىن باشقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

ئۈچىنچى: بەندە بۇ گۈزەل ئىسىمنى ئۆزلەشتۈرۈشى، شۇ ئارقىلىق ياخشى ئىشلاردا ئىزدەپ تۇرۇلىدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان بولۇشى كېرەك

ئىمام قۇرتۇبىي ئېيتقانكى: «بەندە باشقىلار ئىزدەپ تۇرىدىغان، ئىشىكى ھەردائىم ئوچۇق كىشى بولۇشى ئۈچۈن، ‹ئالىيجانابلىق› ئەخلاقى بىلەن زىننەتلىنىشى كېرەك. ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ئاتىسىدىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ‹مەن سەئد ئىبنى ئۇبادەنىڭ يېنىغا كەلدىم، بىر نىدا قىلغۇچى تۆپىلىكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ: ”كىم ياغ ۋە گۆشنى ياخشى كۆرسە، سەئدنىڭ يېنىغا كەلسۇن“ دەپ توۋلاۋاتاتتى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى قەيسنىڭ يېنىغا كەلدىم، ئۇمۇ شۇنىڭدەك نىدا قىلىۋاتاتتى›»(9). دېمەك، بەختلىك كىشى دېگەن باشقىلارنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان، ھاجەتمەنلەرنى ئىزدەيدىغان كىشىدۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بەندە قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدىلا بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ»(10) دېگەن.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «كىمكى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىدۇ»(11) دېگەن. ئويلاپ باقايلىكى، ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ھاجىتىمىزنى راۋا قىلىپ بەرسە، يەنە باشقا نېمە ھاجەت – غەملىرىمىز قالسۇن؟!

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشى باشقىلارغا ئەڭ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان كىشىدۇر، ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەل بىر مۇسۇلمانغا خۇشاللىق بېغىشلىشىڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىشىڭ، ياكى قەرزىنى ئادا قىلىپ قويۇشۇڭ، ياكى ئۇنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ قويۇشۇڭدۇر. مېنىڭ بىرەر مۇسۇلمان قېرىندىشىم بىلەن ئۇنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بېرىش ئۈچۈن مېڭىشىم ماڭا (بۇ) مەسجىد (مەسجىدۇننەبەۋىي) تە بىر ئاي ئېتىكاپتا ئولتۇرغىنىمدىن سۆيۈملۈكراقتۇر»(12).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(باشقىلارغا) قىلىنغان ياخشىلىقلار تۈرلۈك يامانلىقلاردىن، ئاپەت ۋە ھالاكەتلەردىن ساقلاپ قالىدۇ. دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر»(13) دېگەن.

 

تۆتىنچى: بەندە «ئىخلاس» سۈرىسىگە ئۇنى ئوقۇش، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك

«ئىخلاس» سۈرىسىنىڭ پەزىلەتلىرى بەك كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغانلىقى بىزگە يېتەرلىكتۇر. ئەبۇددەردائ‍ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر كېچىدە قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇشتىن ئاجىز كېلەمدۇ؟ — دېگەندە، ساھابەلەر:

— (بىر كېچىدىلا) قانداقمۇ قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇپ بولىدۇ، — دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ:

— ‹قُلْ هُوَ الله أَحَدٌ / قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد› قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، — دېدى(14).

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتتىككى: «قازىنىڭ ئېيتىشىچە: ‹مازەرىي مۇنداق دېگەن: بۇ سۆزنىڭ مەنىسى شۇكى: قۇرئان قىسسەلەر، ھۆكۈملەر ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ سۈرە سۈپەتلەرگە خاستۇر. دېمەك، سۈپەتلەر ئۈچتىن بىردۇر›»(15).

ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «بىر كىشى بىرسىنىڭ ‹قُلْ هُوَ الله أَحَدٌ / قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد›نى قايتا – قايتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، تاڭ ئاتقاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ، بۇ ئەھۋالنى بايان قىلدى، ئۇ كىشى بۇ ئوقۇشنى ئاز كۆرگەندەك قىلاتتى. شۇندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئۇ سۈرە قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە باراۋەردۇر› دېدى»(16).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دېگەنكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئەسھابلىرىگە):

— يىغىلىڭلار! مەن سىلەرگە قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇپ بېرىمەن، — دېگەنىدى، بىرمۇنچە كىشىلەر يىغىلدى. ئاندىن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىقىپ ‹قُلْ هُوَ الله أَحَدٌ / قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد›نى ئوقۇپ بېرىپ كىرىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىن بەزىلەر:

— مەن ‹ئۇ زاتقا ۋەھيى كەلگەنلىكى ئۈچۈن كىرىپ كەتتى› دەپ قارايمەن، — دېيىشتۇق. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە چىقىپ:

— مەن سىلەرگە ‹قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇپ بېرىمەن› دېگەنىدىم، دىققەت! ئول سۈرە قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە باراۋەردۇر، — دېدى»(17).

بىر ساھابە ھەمراھلىرىغا نامازلىرىنىڭ ھەممىسىدە ‹قُلْ هُوَ الله أَحَدٌ / قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد›نى ئوقۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ ئەھۋالنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئېيتقانىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىڭلار، — دېدى. ئۇلار سورىغاندا، ئۇ ساھابە:

— چۈنكى، ئۇ سۈرە رەھمان تائالانىڭ سۈپىتىدۇر، مەن ئۇ سۈرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ (بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن):

— ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دەپ قويۇڭلار، — دېدى»(18).

ئويلايلى! بۇ سۈرە «قُلْ هُوَ الله أَحَدٌ / قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» بىلەن باشلاندى. سەۋەبى شۇكى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەڭ لايىق بولغان تولىمۇ كاتتا ۋە شەرەپلىك ئىلىمگە يەنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى بىلىش ئىلمىگە ئالاقىداردۇر. ئەگەر «قۇرئاننىڭ كۆپ ئايەتلىرىدە ‹قُلْ هُوَ الله أَحَدٌ / قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد› دېگەن سۆز يوق ھالەتتىمۇ ئەقىدە ئۆگىتىلىدىغۇ؟» دېيىلسە، بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، بۇ سۈرىنىڭ بىرقانچە خۇسۇسىيەتلىرى بار:

1) بۇ سۈرە باشتىن ئاياغقىچە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنى تونۇشتۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال باشقا سۈرىلەردە يوق.

2) بۇ سۈرىدە، ئاللاھنىڭ «الصمد / ئەسسامەد» ئىسمىغا ئوخشاش، باشقا سۈرىلەردە بولمىغان خاس مەنىلەر بار. بۇ ئىسىم بۈيۈك ئىسىملاردىن بولۇپ، قاچانىكى ئۇنى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلساق، قەلبىمىزنىڭ ئۇنىڭ تەسىرى ۋە ئېغىرلىقىدىن لەرزىگە كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. شۇڭا، بىرقانچە ئورۇندا بۇ سۈرىنى ئوقۇش مۇستەھەب بولىدۇ. ئۇلار:

1. ۋىتىر نامىزىنىڭ ئاخىرقى رەكئەتىدە؛

2. نامازلاردىن كېيىن؛

3. بامدات ۋە نامازشامنىڭ سۈننىتىنىڭ ئىككىنچى رەكئەتىدە؛

4. تاۋاپ نامىزىنىڭ ئىككىنچى رەكئەتىدە؛

5. ئۇخلايدىغان چاغدا؛

6. كېسەل بولغاندا؛

7. ئەتىگەن ۋە كەچلىك زىكىرلەردە.

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق خەۋەر بەرگەنكى: «كىمكى بۇ سۈرىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئۈچ قېتىم ‹فەلەق› ۋە ‹ناس› سۈرىلىرى بىلەن (ھەربىر سۈرىنى ئۈچ قېتىمدىن) ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھەممە ئىشىغا كۇپايە قىلىدۇ»(19).

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە خەۋەر بەرگەنكى: «كىمكى بۇ سۈرىنى ئون قېتىم ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىدۇ»(20).

شۇنداق بولغانىكەن، بۇ سۈرە چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز ۋە ئويلىنىشىمىزغا لايىقتۇر.

بەشىنچى: ئاللاھ تائالاغا ئۇ زاتنىڭ «ئەسسامەد» دېگەن بۇ گۈزەل ئىسمى بىلەن دۇئا قىلىشىمز كېرەك

ئابدۇللاھ ئىبنى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىنىڭ: ‹اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِأَنِّي أَشْهَدُ أَنَّكَ أَنْتَ اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ الأَحَدُ الصَّمَدُ، الَّذِي لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ وَلَمْ يَكُنْ لَهُ كُفُوًا أَحَدٌ (ئى ئاللاھ! مەن سەندىن سېنىڭ تۇغمىغان، تۇغۇلمىغان ۋە ھېچ كىشى تەڭداش بولالمايدىغان، ھەممە ئۇنىڭغا موھتاج بولىدىغان يەككە – يېگانە ئاللاھ ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىمنى ۋەسىلە قىلىپ سورايمەنكى… › دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ: ‹ئۇ ئاللاھتىن تىلغا ئېلىپ دۇئا قىلىنسا ئىجابەت قىلىدىغان، شىپى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ سورالسا بېرىدىغان ئەڭ كاتتا ئىسمى بىلەن سورىدى› دېدى»(21).

ئى «ئەلۋاھىد»، «ئەلئەھەد» دېگەن سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان، ساڭا ھەممە نەرسە دائىم موھتاج بولىدىغان ئاللاھ! ئى بالىسى بولمىغان، ھېچكىم تەڭداش بولالمايدىغان ئاللاھ! قەلبلىرىمىزگە خاتىرجەملىك چۈشۈرگىن، ھاجەتلىرىمىزنى راۋا قىلىپ بەرگىن، دەرد – ئەلەملىرىمىزنى يوق قىلغىن، ئىشلىرىمىزنى ئوڭشاپ بەرگىن. ھەقىقەتەن سەن نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار، نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچىسەن – ھە!

 

مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ الصمد جل جلاله
https://www.alukah.net/sharia/0/

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات


1. تىرمىزىي (3364). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
2. ئىمام ئەبۇ جەئفەر ئەتتەبەرىي: «تەفسىرۇتتەبەرىي».
3. تىرمىزىي (3364). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
4. ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «سۈرە ‹ئىخلاس›نىڭ تەپسىرى».
5. ئىمام خەتتابىي: «شەئنۇددۇئائ‍».
6. ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر سەئدىي: «بەھجەتۇ قۇلۇۋبىل ئەبرار».
7. ئىمام سەئدىي: «تەفسىرۇ سەئدىي».
8. ئىمام قۇرتۇبىي: «ئەلئەسنا فىي شەرھى ئەسمائىللاھىل ھۇسنا».
9. ئىمام قۇرتۇبىي: «ئەلئەسنا فىي شەرھى ئەسمائىللاھىل ھۇسنا».
10. مۇسلىم (2699).
11. بۇخارىي (2442)؛ مۇسلىم (2580).
12. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلئەۋسەت»، (6026). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
13. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلئەۋسەت»، (3796). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
14. مۇسلىم (811).
15. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم».
16. بۇخارىي (5013).
17. مۇسلىم (812).
18. بۇخارىي (7375).
19. تىرمىزىي (3575). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
20. ئەھمەد (3/437). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
21. تىرمىزىي (3475). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us: