ئىمام نەۋەۋىي ۋە ئىلىمگە بېغىشلانغان ھايات

ئىمام نەۋەۋىي ۋە ئىلىمگە بېغىشلانغان ھايات

(ھ. 631 – 676 / م. 1233 – 1277)

 

نەسەبى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

تولۇق ئىسمى ئەبۇ زەكەرىييا مۇھيىددىن يەھيا ئىبنى شەرەف نەۋەۋىي بولۇپ، ھ. 631 / م. 1233 – يىلى سۇرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ھەۋران رايونى نەۋا دېگەن يېزىسىدا، سالىھ بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 10 ياشقا كىرگەندە بىر قىسىم ئەھلى ئىلىملەرنىڭ قولىدا «قۇرئان» يادلاش ۋە فىقھ ئوقۇشنى باشلىغان. ھ. 649 / م. 1251 – يىلى «ھەدىس يۇرتى» مەدرىسەسىدە بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دادىسى بىلەن بىرلىكتە دەمەشقكە كەلگەن ۋە ئۇمەۋىي مەسجىدى يېنىدىكى رەۋاھىيە مەدرىسەسىدە تۇرغان. 651/ م. 1254 – يىلى دادىسى بىلەن ھەج قىلغان، ھەجنى تۈگىتىپ دەمەشقكە يېنىپ كەلگەن ۋە دەمەشقتە تۇرۇپ، ئۇ يەرنىڭ ئالىملىرىدىن ئىزچىل ئىلىم ئالغان.

ئەخلاقى ۋە سۈپەتلىرى

ئىمام نەۋەۋىي ناھايىتى سۈرلۈك، ئاز كۈلىدىغان، ئويۇن – تاماشا بىلەن خۇشى يوق، ھەقنى ئاچچىق بولسىمۇ دەۋېرىدىغان، ئاللاھ ئۈچۈن زالىمنىڭ زۇلۇمىدىن قورقمايدىغان كىشى ئىدى. زاهىدلىق ۋە پەرھىزكارلىق ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سۈپىتى بولۇپ، تارىخىي كىتابلارنىڭ مۇئەللىفلىرى ئۇنىڭ زاهىدلىقتا باشلامچى، پەرھىزكارلىقتا ئۈلگە، ھۆكۈمدارلارغا نەسىھەت قىلىش، ياخىشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشتا مىسلىسىز ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇنكى، ئۇ بىر كۈندە پەقەت خۇپتەندىن كېيىنلا بىر ۋاقىت تاماق يەيتتى، ھېچكىمدىن ھېچنەرسە ئالمايتتى، ئەمىر ۋە ۋەزىرلەرگە تالاي خەتلەر يېزىپ، ئەل – يۇرتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى.

ئىلمىي ھاياتى

ئۇنىڭ ئىلمىي ھاياتى دەمەشقكە كەلگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان:

بىرىنچىسى: دەسلەپكى ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق مەزگىللىرىدە ئەستايىدىل بىلىم ئىگىلەش.

ئىككىنچىسى: بىلىم ساپاسىنىڭ كەڭ بولۇشى. ئۇ ئەستايىدىل بىلىم ئىگىلەش بىلەن بىرگە، مول بىلىم ۋە نۇرغۇن مەرىپەتنى ئۆزىدە توپلىغان. ئۇ ھەركۈنى شەيخلەردە شەرھ ۋە تۈزىتىش(1) بىلەن ئون ئىككى دەرس ئوقۇيتتى.

ئۈچىنچىسى: مول – ھوسۇللۇق نەتىجىلىرى. ئۇ ھ. 660/ م. 1262 – يىلى 30 يېشىدا ئۆزىدىكى بىلىمنى نامايان قىلىشقا باشلىغان. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ۋاقتىغا بەرىكەت بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۇ كاتتا ۋە ھەيران قالارلىق كىتاب ۋە ئەسەرلىرىگە پۈتۈن زېھنىنى چىقارغان بولۇپ، سىز ئۇ كىتابلارنىڭ ئىبارىسىنىڭ ئوڭاي، دەلىلىنىڭ يارقىن، ئىدىيەسىنىڭ روشەن ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھازىرغىچە پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

ئىمام نەۋەۋىي كېچە – كۈندۈز ھېچبىر ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزمەي، ئىلىم بىلەن مەشغۇل ئىدى، ھەتتا دەرسكە بېرىش ۋە قايتىش يولىدا دەرسلىرىنى تەكرارلاش ياكى مۇتالىئە قىلىش بىلەن بولاتتى. ئالتە يىل مۇشۇ يوسۇندا ئىلىم تەھسىل قىلدى، ئاندىن كېيىن ئۆز نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىش، فىقھنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە ئەمەل قىلىش ۋە ئالىملارنىڭ ئىختىلاپىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئىجتىھاد قىلىش خاراكتېرى بىلەن كىتاب يېزىش ھەم مۇسۇلمانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرىغا نەسىھەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدى. ئۇ قەلب ئەمەللىرىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، قەلبنى يامانلىقتىن ساپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرەتتى، ھەر ئىشتا ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇراتتى. نەۋەۋىي ھەرخىل ئىلىملەردە تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھەدىسلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى ۋە يادقا ئالغۇچى، ھەدىسنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى، سەھىھى ۋە زەئىفىنى، يات سۆزلىرىنى، توغرا مەنىلىرىنى ۋە ھەدىستىن ھۆكۈم ئېلىشنى پىششىق بىلگۈچى ئىدى. شۇنداقلا يەنە، ئۇ پۈتۈن ۋاقىتلىرىنى ھەرخىل ئىلىمگە ۋە ئەمەلگە ئىشلىتەتتى، بىر قىسىم ۋاقتىنى يېزىقچىلىققا، بىر قىسمىنى ئۆگىتىشكە، بىر قىسمىنى نامازغا، يەنە بىر قىسمىنى «قۇرئان» ئوقۇشقا، يەنە بىر قىسىم ۋاقتىنى ئەمرىمەرۇپ، نەھيىمۇنكەرگە ئاجرىتاتتى.

ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇشى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، قىسقا مۇددەتتىلا بىرقانچە كىتابنى يادلىۋالاتتى. شۇڭا، ئۇ ئۇستازى ئەبۇ ئىبراھىم ئىسھاق ئىبنى ئەھمەد مەغرىبىينىڭ قىزىقىشى ۋە سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇستازى ئۇنى دەرسخانىسىدا ياردەمچى ئۇستاز قىلىۋالغان ئىدى. كېيىن ئۇ «ئەشرەفىييە ھەدىس يۇرتى»دا ۋە باشقا مەدرىسەلەردە دەرس ئۆتكەن ئىدى.

ئىمام نەۋەۋىينىڭ شاگىرتى ئالائىددىن ئىبنى ئەتتار (ھ. 654 – 724 / م. 1256 – 1324) ئۇنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىش مەزگىلى توغرۇلۇق ئۇنىڭ تىلىدىن مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: ئۇ ھەركۈنى شەيخلەردە شەرھ ۋە تۈزىتىش بىلەن ئون ئىككى دەرس ئوقۇيتتى، «الوسيط (ئەلۋەسىيت)» ناملىق كىتابتىن ئىككى دەرس، «المهذب (ئەلمۇھەززەب)» ناملىق كىتابتىن بىر دەرس، (ھۇمەيدىينىڭ) «الجمع بين الصحيحين (ئەلجەمئۇ بەينەسسەھىھەين)» ناملىق كىتابىدىن بىر دەرس، «سەھىھۇ مۇسلىم»دىن بىر دەرس، ئىبنى جىننىينىڭ گىرامماتىكا توغرىسىدىكى «اللمع (ئەللۇمەﺋ)» دېگەن كىتابىدىن بىر دەرس، ئىبنى سىككىتنىڭ تىل توغرىسىدىكى «إصلاح المنطق (ئىسلاھۇل مەنتىق)» دېگەن كىتابىدىن بىر دەرس، مورفولوگىيە ھەققىدە بىر دەرس، ئۇسۇلۇلفىقھ ھەققىدە بىر دەرس، ھەدىس راۋىيلىرى ھەققىدە بىر دەرس، ئەقىدەدە بىر دەرس ئوقۇيتتى. ئۇ مۇشۇ دەرسلەرگە ئالاقىدار مۈشكۈل مەسىلىلەرنىڭ شەرھىنى، ئىبارىلەرنىڭ ئىزاھاتىنى يېزىپ ۋە بەزى كەلىمىلەرگە تاۋۇش بەلگىسى قويۇپ ماڭاتتى.

نۇرغۇن فەقىھلەر ئۇنىڭدىن دەرس ئاڭلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلمى ۋە پەتۋالىرى ھەر تەرەپكە تارىغان ھەمدە بارلىق ئىسلام ئەللىرىدىكى ئامما ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان ۋە ئۇنىڭ كىتابلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن.

ئۇستازلىرى

ئىمام نەۋەۋىينىڭ ھەدىس ئاڭلىغان ئۇستازلىرى ئەبۇلفەرەج ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەبۇ ئۆمەر، (ئەڭ بۈيۈك ئۇستازى) مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد مەقدىسىي، ئەبۇ ئىسمائىل ئىبنى ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى ئەبۇليۇسر، ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى ئابدۇددائىم، ئەبۇلبەقاﺋ خالىد نابۇلسىي، ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلمۇھسىن ئەنسارىي، زىيا ئىبنى تەممام ھەيسىي، ھافىز ئەبۇلفەزل مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەلبەكرىي، دەمەشق خەتىبى ئەبۇلفەزل ئابدۇلكەرىم ئىبنى ئابدۇسسەمەد، ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇررەھمان ئىبنى سالىم ئىبنى يەھيا ئەبنارىي، ئەبۇ زەكەرىييا يەھيا ئىبنى فەتھ ئەسسەيرەفىي ئەلھەررانىي، ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەھمەد ئىبنى فازىل ئەلۋاسىتىي ۋە باشقىلار.

ئىلمىي تۆھپىلىرى

نەۋەۋىي فەقىھدۇر

ئىبنى ئەتتار ئېيتىدۇ: «ئۇ شافىئىي مەزھەبىگە، ئۇنىڭ قائىدە – پىرىنسىپلىرى، ئاساسلىرى ۋە شاخچىلىرىغا ھەم ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ مەزھەبلىرىگە، شۇنداقلا يەنە ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقلاشقان، ئىختىلاپلاشقان ۋە بىرلىككە كەلگەن پۈتۈن مەسىلىلىرىگە پىششىق ئىدى، شۇلارنىڭ ھەممىسىدە سەلەف سالىھلارنىڭ يولىنى تۇتقان ئىدى».

نەۋەۋىي مۇھەددىستۇر

قانداقلا بىر زامان كەلسۇن، شۇ زامانغا خاس مۇھەددىسلەرمۇ بىرگە مەيدانغا كەلگەن ۋە ئۇلار ھەدىس ئىلمىدە كەمنى تولۇقلاش، ياكى شەرھلەش، ياكى تۈزىتىشتەك يېڭىچە خىزمەتلەرنى تاپقان. ئىسلامنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر مەزگىللىرىدە ئىبنى سالاھ (ھ. 577 – 643 / م. 1181 – 1245)، نەۋەۋىي، مىززىي (ھ. 654 – 742 / م. 1256 – 1341)، زەھەبىي (ھ. 679 – 748 / م. 1274 – 1348) قاتارلىق ئۇلۇغ مۇھەددىسلەر ئۆتكەن. نەۋەۋىي ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈممەتنىڭ فەقىھى بولۇشى بىلەن ئالاھىدە پەرقلەنگەن. بىر ئالىمنىڭ ھەم فىقھىدا چوڭقۇرلاپ، ھەم ھەدىس بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىشى كەم ئۇچرايدۇ.

ئىبنى ئەتتار ئېيتىدۇ: ئىمام نەۋەۋىي شەيخلىرىدە «سەھىھۇلبۇخارىي» ۋە «سەھىھۇ مۇسلىم»، «ئەبۇ داۋۇد»، «تىرمىزىي»، «نەسائىي»، «مۇۋەتتا»، «مۇسنەدۇ شافىئىي»، « مۇسنەدۇ ئەھمەد»، «دارىمىي»، «ئەبۇ ئەۋانە ئىسفىرايىينىي»، «ئەبۇ يەئلا مەۋسىلىي»، «ئىبنى ماجە»، «دارەقۇتنىي»، «بەيھەقىي»، ئىمام بەغەۋىينىڭ «شەرھۇس سۈننە»، يەنە ئۇنىڭ تەفسىر ھەققىدىكى كىتابى «مەئالىمۇتتەنزىل»، زۇبەير ئىبنى بەككارنىڭ «ئەلئەنساب»، «ئەلخۇتەبۇنەباتىييە»، «رىسالەتۇل قۇشەيرىي»، ئىبنى سۇننىينىڭ «ئەمەلۇل يەۋمى ۋەللەيلە»، خەتىبۇل باغدادىينىڭ «ئادابۇسسامىئى ۋەرراۋىي» ۋە يەنە باشقا نۇرغۇن كىتابلارنى ئۆگەنگەن. مەن بۇنىڭ ھەممىسىنى شەيخ رەھىمەھۇللاھنىڭ خېتىدىن نەقىل قىلدىم.

نەۋەۋىي ۋە ھەدىس فىقھىسى

نەۋەۋىي ئۆزىنىڭ ھەدىس ساھەسىدىكى ئىلمىنى مۇھەددىسلەر ئۈچۈن نەفلە ئىش ھېسابلىنىدىغان رىۋايەت قىلىش دائىرىسىگىلا قارىتىۋالمىغان، بەلكى ئۇنىڭ ھەدىس ساھەسىدىكى غېمى «سەھىھۇ مۇسلىم»غا يازغان شەرھىنىڭ مۇقەددىمەسىدە تىلغا ئالغاندەك، ھەدىسنىڭ ھەرخىل تەرەپلىرىنى بىلىش، ئاندىن ھەدىسنى فىقھىي جەھەتتىن تەتقىق قىلىش ئىدى. ئۇنىڭدىن نۇرغۇنلار ھەدىس ئاڭلىغان. ئەبۇلفەتىھ، مىززى ۋە ئىبنى ئەتتار قاتارلىقلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

نەۋەۋىي ۋە تىل ئىلمى

«ھېچكىم ئەرەب تىلىنى، ئۇنىڭ گىرامماتىكىسىنى، مورفولوگىيىسىنى، تۈرلىنىشلىرىنى ۋە يەككە سۆزلەرنىڭ مەنىلىرىنى پىششىق بىلمىگۈچە، ‹قۇرئان› ۋە ‹سۈننەت›نى ياخشى چۈشىنەلمەيدۇ ھەم ‹قۇرئان› ۋە ‹سۈننەت›تىن ئەھكام ئالالمايدۇ، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئىماملارنىڭ ئىبارىلىرىنى ئىگىلىيەلمەيدۇ». مانا بۇ نەۋەۋىينىڭ قارىشىدۇر. ئۇ شۇ ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرەتتى. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئۇ ئۆزىنىڭ «تهذيب الأسماء واللغات (تەھزىيبۇلئەسمائى ۋەللۇغات)» ناملىق كىتابىنىڭ بېشىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش ھەققىدە ئۇزۇن گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئالىملار بىردەك شۇنىڭغا چاقىرىق قىلغان، بەلكى تېخى مۇپتى، ئىمام ۋە قازىلاردا شۇ ئىلىملەرنىڭ بولۇشىنى شەرت قىلغان ھەمدە ئۇلارنى ئۆگىنىشنىڭ پەرز كۇپايىلەردىن ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن».

ئىمام نەۋەۋىينىڭ «تحرير التنبيه (تەھرىرۇتتەنبىھ)» ۋە «تهذيب الأسماء واللغات (تەھزىيبۇلئەسمائى ۋەللۇغات)» دېگەن ئىككى كىتابى ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى تەڭتۇشلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە تىل ئىلمىغا پىششىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

تېبابەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۇرۇنۇشى

نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «تېبابەت ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىش كۆڭلۈمدىن كېچىپ، ئىبنى سىنانىڭ ‹ئەلقانۇنۇ فىتتىب› دېگەن كىتابىنى سېتىۋالدىم ۋە شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشقا بەل باغلىدىم. تۇيۇقسىز قەلبىمنى قاراڭغۇلۇق بېسىۋالدى، بىر نەچچە كۈن ھېچنىمە قىلالماي شۇنداق ئۆتتۈم. نەتىجىدە، بۇ قاراڭغۇلۇق ماڭا نەدىن كىرگەندۇ دەپ، بۇ ئىش ھەققىدە ئويلاندىم. ئاندىن ئۇنىڭ سەۋەبىنىڭ تېبابەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىكەنلىكىنى ئاللاھ ماڭا ئىلھام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال ھېلىقى كىتابنى سېتىۋەتتىم ۋە تېبابەت ئىلمىگە ئالاقىدار پۈتۈن نەرسىلەرنى ئۆيۈمدىن چىقىرىپ تاشلىدىم. نەتىجىدە، كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ، ئۆز ھالىغا قايتتى، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم دەسلەپكى ھالىتىگە قايتتى».

بەلكىم ئۇنىڭ قەلبىگە چۈشكەن قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ تېبابەتكە كۆنەلمىگەنلىكىگە بېرىپ تاقىلىشى مۇمكىن ياكى تېبابەت مەسىلىلىرى ئۇنىڭغا چۈشىنىكسىز بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ، تېبابەت ئۆگىنىشكە قىزىقىپ قېلىشتا ئىمام شافىئىينىڭ بۇ سۆزىدىن تەسىرلەنگەن بولسا كېرەك: «ھالال – ھارام ئىلمىدىن قالسا، تېبابەتتىنمۇ ئېسىل بىر ئىلىمنى بىلمەيمەن».

مۇھىم مەنسەپلىرى

ئىمام نەۋەۋىي ئىقبالىييە مەدرىسەسىدە ھ. 669 / م. 1271 – يىلىغىچە ئىبنى خەللىكاننىڭ ئورنىدا مۇدەررىسلىك بىلەن شۇغۇللانغان. شۇنداقلا يەنە، ئۇ فەلەكىييە ۋە رۇكنىييە مەدرىسەلىرىدە نائىب(2) بولغان.

نەۋەۋىي ھ. 665 – 676 / م. 1267 – 1277 – يىللىرى شام ئېلىدىكى ئەڭ ئاتاقلىق ھەدىس ئىلمى يۇرتى بولغان «ئەشرەفىييە ھەدىس يۇرتى»غا باش شەيخ بولغان. ئۇنىڭ باش شەيخلىكىگە پەقەت شۇ دەۋردىكى ئىلىمدە، خۇسۇسەن، ھەدىس ئىلمىدە ئەڭ كامالەتكە يەتكەن كىشىلا ئىگە بولالايتتى. ھەدىس يۇرتىنىڭ باش شەيخى دەپ ئاتالغان كىشى ئىلىم ساھەسىدە ئەڭ بۈيۈك ئاتاققا ئېرىشكەن بولاتتى. نەۋەۋىيدىن بۇرۇن ئۇنىڭغا باش بولغانلار: تەقىييۇددىن ئىبنى سالاھ ۋە شىھابۇددىن ئەبۇ شامە مەقدىسىي قاتارلىقلاردۇر.

تاجۇددىن سۇبكىي ئېيتىدۇ: «دادام: ‹ئەشرەفىييە ھەدىس يۇرتىغا مىززىيدىنمۇ ئالىم ۋە ھافىز، نەۋەۋىي ۋە ئىبنى سالاھتىنمۇ پەرھىزكار كىشى كىرىپ باقمىدى› دېگەن ئىدى».

ئەسەرلىرى

ئىمام نەۋەۋىي ھ. يىلى ھېسابىدا پەقەت 46 يىل ياشىغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇ شۇ دەرىجىدە كۆپ كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغانكى، ئەگەر قالدۇرغان كىتابلىرى ئۇنىڭ ھايات كۈنلىرىگە چېچىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ھەربىر كۈنىگە ئىككى كۇرراسە(3) توغرا كېلىدۇ.

بىز ئۇنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشنى 18 يېشىدا باشلىغانلىقىنى بىلسەك، ئۇ ھالدا قانچىلىكتىن توغرا كېلەر؟ نېمىدېگەن ئۆتكۈرلۈك بۇ؟! نېمىدېگەن يۈكسەك ئىرادە بۇ؟! نېمىدېگەن بەرىكەتلىك ئۆمۈر بۇ؟!

مەشھۇر ئەسەرلىرى

1. «‹سەھىھۇ مۇسلىم›نىڭ شەرھى». ئۇنىڭدا سەنەد، لۇغەت، مەجھۇل راۋىيلارنىڭ ئىسمىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مەنىنى شەرھلەش، ھەدىستىن ئېلىنىدىغان ھۆكۈملەر، ھەدىسنىڭ زاھىرىغا ئېسىلغانلار ۋە ئۇنىڭغا قارشى پىكىردە بولغانلار، ئۇلارنىڭ ھۆججىتى ۋە يەنە نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلەر تەتقىق قىلىنىدۇ.

2. «روضة الطالبين (رەۋزەتۇتتالىبىين)». بۇ كىتاب شافىئىي مەزھەبىدىكى مۆتىۋەر چوڭ كىتابلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى نەۋەۋىي ئىمام ئوبۇلقاسىم رافىئىي (ھ. 555 – 623 / م. 1160 – 1226) نىڭ «الشرح الكبير (چوڭ شەرھ)» ناملىق كىتابىدىن ئىخچاملىغان. كۆپلىگەن ئىماملار ئۇنىڭ بۇ كىتابىنى مەدھىيەلىگەن.

3. «المنهاج (ئەلمىنھاج)». نەۋەۋىينىڭ ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى ئىمام رافىئىينىڭ «المحرر (ئەلمۇھەررەر)» دېگەن كىتابىدىن ئىخچاملىغان. نەۋەۋىينىڭ ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويغان تۈزىتىشلىرى ۋە تاللاشلىرى بار.

4. «رياض الصالحين (رىيازۇسسالىھىن)»(4). ھەدىس ۋە نەسىھەت كىتابلىرىدىن ھېچبىرى بۇ كىتاب ئېرىشكەن ئالقىش ۋە كەڭ تارقىلىشقا ئېرىشىپ باقمىغان. ئۇ كىتابنى ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئەسسىددىقىي ئەششافىئىي «دليل الفالحين لطريق رياض الصالحين (دەلىيلۇلفالىھىن)» ناملىق كىتابىدا شەرھلىگەن.

5. «الأذكار (ئەلئەزكار)». ئىمام نەۋەۋىي ئۇنىڭدا بىر كېچە – كۈندۈزدە قىلىنىدىغان ئەمەللەرنى سۆزلىگەن ۋە ئۇنىڭغا ھەرخىل مۇناسىۋەتلەردە ئېيتىلىدىغان زىكىرلەرنىمۇ قوشقان.

6. «التبيان (ئەتتىبيان)»، ئىمام نەۋەۋىي ئۇنىڭدا قاريىلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرىنى، «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرىنى، «قۇرئان»نى تىلاۋەت قىلىشقا ئالاقىدار ئەھكام، ئۇستاز ۋە شاگىرت ئەدەب – قائىدىلىرىنى بايان قىلغان(5).

يەنە باشقا كىتابلىرى

«تحرير التنبيه (تەھرىرۇتتەنبىھ)»، «تصحيح التنبيه (تەسھىھۇتتەنبىھ)»، «الإيضاح في المناسك (ئەلئىيزاھ فىلمەناسىك)»، «الإرشاد (ئەلئىرشاد)»، «التقريب (ئەتتەقرىيب)»، «الأربعين النووية (قىرىق ھەدىس)»(6)، «بستان العارفين (بۇستانۇل ئارىفىن)»، «مناقب الشافعي (مەناقىبۇششافىئىي)»، «مختصر أسد الغابة (مۇختەسەرۇ ئۇسدىلغابە)»، «الفتاوى (پەتۋالار)»، «أدب المفتي والمستفتي (ئەدەبۇل مۇفتىي ۋەلمۇستەفتىي)»، «مختصر آداب الاستسقاء (مۇختەسەرۇ ئادابۇل ئىستىسقاﺋ)»، «رؤوس المسائل (رۇئۇسۇلمەسائىل)»، «تحفة طلاب الفضائل (نۇھفەتۇ تۇللابىل فەزائىل)»، «الترخيص في الإكرام والقيام (ئەتتەرخىيسۇ فىلئىكرام ۋەلقىيام)»، «مسألة تخميس الغنائم (مەسئەلتۇ تەخمىيسىل غەنائىم)»، «مختصر التذنيب (مۇختەسەرۇتتەزنىب)»، «مسألة نية الاغتراف (مەسئەلتۇ نىيەتۇل ئىئتىراف)»، «دقائق المنهاج والروضة (دەقائىقۇلمىنھاجى ۋەررەۋزەتى)»، «التقريب والتيسير (ئەتتەقرىيبۇ ۋەتتەيسىير)» … قاتارلىقلار(7).

ۋاپاتى

ئىمام نەۋەۋىي «نەۋا» دېگەن يېزىسىغا قايتىپ كېلىپ، ۋەقفەلەردىن ئارىيەتكە ئالغان كىتابلارنى قايتۇردى، ئۇستازلىرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارغا دۇئا قىلدى ۋە يىغلىدى ھەمدە يەنە تىرىك يارەنلىرىنى يوقلاپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتى. ئاندىن بەيتۇلمۇقەددەسنى ۋە خەلىل شەھرىنى زىيارەت قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن نەۋاغا قايتىپ كەلدى ۋە يېزىسىدا ئاغرىپ قېلىپ، ھ. 676، 24 – رەجەب / م. 1277، 20 – دېكابىر كۈنى ۋاپات بولدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا چەكسىز رەھمەتلىرىنى بېغىشلىغاي ۋە ئۇنى مول ياخشىلىقلار بىلەن مۇكاپاتلىغاي!

 

مەنبە: http://islamstory.com/ar

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

—————-
1. يەنى ئۇ دەۋردە كىتابلار قولدا كۆچۈرۈلىدىغان بولغاچقا، تەبىئىي خاتالىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇستاز – شاگىرت بىر نەچچە نۇسخىنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ، بايقالغان خاتالىقنى تۈزىتىپ ماڭىدۇ.
2. مۇئاۋىن مۇدىر مەنىسىدە.
3. كۇرراسە (الكُرَّاسَةُ): كىتابنىڭ 20 بەت ئەتراپىدىكى بىر بۆلۈكى، خەت يېزىشقا تۈپلەنگەن 10 ۋاراق (20 سەھىپە) ئەتراپىدىكى دەپتەر. قاراڭ: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/783.
4. بۇ كىتابى «ياخشىلارنىڭ باغچىسى» نامىدا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
5. بۇ كىتابنى ئاتاۋۇللاھ سەئىد ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان ۋە «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن 2019 – يىلى «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» نامىدا ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.
6. بۇ كىتابى «قىرىق ھەدىس» نامىدا ئۇيغۇرچىغا بىرنەچچە قېتىم تەرجىمە قىلىنغان.
7. ئىمام نەۋەۋىينىڭ بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنماي قالغان يەنە بىر مۇھىم كىتابى بار. ئۇ بولسىمۇ ئىمام ئەبۇ ئىسھاق شىرازىنىڭ «ئەلمۇھەززەب» ناملىق كىتابىغا يازغان شەرھى — «المجموع (ئەلمەجمۇﺋ)»دۇر. بارلىق مۇسۇلمانلار نەزەرىدە، بۇ كىتاب سېلىشتۇرما فىقھ مەنبەلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن سانىلىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي بۇ كىتابىدا شافىئىي مەزھەبتىكى تۈرلۈك قاراشلارنى باھالاپ چىقىش بىلەن بىللە ھەدىس ئىلمىگە ئالاقىدار بىلىملەر، تىل تەتقىقاتى، سەلەفلەرنىڭ ۋە بارلىق ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرىنى قولاي ۋە ئىلمىي ئۇسلۇبتا بايان قىلىدۇ. لېكىن، ئىمام نەۋەۋىي بۇ كىتابىنىڭ 9 – جىلدىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋاپات بولغان. ئىمام تەقىييۇددىن سۇبكى 3 جىلدنى تولۇقلىغاندىن كېيىن ۋاپات بولغان. ئاخىرىنى شەيخ مۇھەممەد نەجىب ئەلمۇتىيئىي تاماملىۋەتكەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ