ھەج ۋە ئۆمرەدە چاچ قىسقارتىشنىڭ ئۆلچىمى

ھەج ۋە ئۆمرەدە چاچ قىسقارتىشنىڭ ئۆلچىمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئۆمرەدە چاچنى قىسقارتماقچى بولساق، قانچىلىك مىقداردا قىسقارتىش يېتەرلىك بولىدۇ؟ باشنىڭ ھەممە يېرىدىن قىسقارتىش كېرەكمۇ ياكى ئۇ يەر – بۇ يەردىن قىسقارتسىمۇ بولامدۇ؟ 3 – 4 تال چاچنىلا قىسقارتىشچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئۆمرە قىلغۇچى تاۋاپنى تۈگىتىپ، سافا – مەرۋە ئارىلىقىدا يەتتە قېتىم سەئيى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھاجى ئاساسلىق ھەج ئەمەللىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇلۇغ ئىبادىتى ئاخىرلاشقان بولغاچقا، ئىھرامىدىن چىقىدۇ ۋە ئادەتتىكى كىيىملىرىنى كىيىدۇ.

چاچنى چۈشۈرۈش ياكى قىسقارتىش ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيەتلىرىنىڭ بىرقىسمى بولۇپ، ھۆكمى ۋاجىبتۇر. ئۇنى تەرك قىلغانلارغا بىر قوي قان قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. بۇ ئەمەل ئۆمرە قىلغۇچىنىڭ ئاللاھ تائالاغا تولۇق بويسۇنۇشىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتىگە نائىل قىلىدىغان ۋە ئەجىرگە ئېرىشتۈرىدىغان تائەتلەردىندۇر.

ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن ھەج ۋە ئۆمرە قىلغان ئەر چاچنى چۈشۈرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ، چۈشۈرۈشى ئەۋزەل. ئاياللار قىسقارتسىلا بولىدۇ، چۈشۈرۈشى بىھاجەت.

پاينەكباشلاردىن ياكى بېشىدا چاچ بولمىغانلاردىن چۈشۈرۈش ۋە قىسقارتىش ساقىت بولامدۇ؟ دېيىلسە، جاۋابىمىز شۇكى، ئەگەر بېشىدا چاچ بولمىسا، ھەنەفىي ۋە مالىكىي مەزھەبلەر قارىشىدا چاچ چۈشۈرگەنگە ئوخشىتىپ بېشىغا ئۇستىرا سېلىۋېتىش (غىردىۋېتىش) ۋاجىبتۇر. چۈنكى، بۇ بىر ئىبادەت بولۇپ، چاچ بولمىغىنىدا چاچنىڭ ئورنى بولغان تېرىگە يۆتكىلىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا «ئۇنداق قىلىش مۇستەھەب» بولسا، يەنە بەزى ئالىملار: «ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى مەقسەت چاچ چۈشۈرۈش ئىدى. ھالبۇكى، بۇ كىشىنىڭ بېشىدا چۈشۈرىدىغان چاچ يوق» دېگەن. بېشىدا يارا ياكى تېڭىق بولغانلىقتىن بېشىغا ئۇستىرا سېلىش ياكى چېچىنى كېسىش پەقەتلا مۇمكىن بولمايدىغانلاردىن بۇ ئەمەل ساقىت بولىدۇ(1).

چاچ چۈشۈرۈشنىڭ ئەۋزەل بولۇشىنىڭ ئاساسى شۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئى ئاللاھ! (چاچ) چۈشۈرگۈچىلەرنى مەغپىرەت قىلغىن، — دېگەندە، ساھابەلەر:

— ئى رەسۇللاھ! قىسقارتقۇچىلارنىمۇ (دېۋەتسىلە)! — دېگەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (يەنە):

— ئى ئاللاھ! (چاچ) چۈشۈرگۈچىلەرنى مەغپىرەت قىلغىن، — دېگەن ۋە ئۈچ قېتىم شۇنداق تەكرارلىغاندىن كېيىن تۆتىنچى قېتىمدا:

— قىسقارتقۇچىلارنىمۇ، — دېگەن(2).

قۇرئاندىمۇ 48/«فەتىھ»: 27 – ئايەتتە چۈشۈرگۈچىلەر قىسقارتقۇچىلاردىن ئاۋۋال تىلغا ئېلىنغان. 2/«بەقەرە»: 196 – ئايەتتە بولسا چۈشۈرۈشلا تىلغا ئېلىنغان.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆمرە قىلغۇچى ئەرلەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى چېچىنى چۈشۈرەلمىسە، قىسقارتسا بولىدۇ.

«ئەڭ ئاز بولغاندا قانچىلىك قىسقارتسا، ۋاجىب ئادا تاپقان ھېسابلىنىدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە گەرچە ئالىملاردىن: «چاچىنىڭ ھەممىنى قىسقارتىش كېرەك» دېگەنلەرمۇ، «ئۈچ تال چاچنى قىسقارتسىمۇ ئادا تاپىدۇ» دېگەنلەر بولسىمۇ، ئەمما ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ قارىشىدا «باشنىڭ تۆتتىن بىرىدىن ئاز قىسقارتسا ۋاجىب ئادا تاپمايدۇ. قىسقارتىش مىقدارى ئەڭ ئاز دېگەندە بارماقنىڭ ئۇچ ئۈگىسىچىلىك (2 سانتېمىتىر ئەتراپىدا) بولۇشى كېرەك»(3).

ئەلۋەتتە يۇقىرىقى ئۆلچەم ئەرلەر ئۇزۇن چاچ قويۇش ئومۇملاشقان دەۋرلەردىكى ئىجتىھادىي ئۆلچەم بولۇپ، ئۇزۇن چاچلىق ئاياللارنىڭ قانچىلىك قىسقارتىشى ھەققىدە سەلەفلەردىن ئوخشىمىغان بايانلار كەلگەن. بەزىلەر: «چاچنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قىسقارتىدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بىر بارماق ئۇچى ئۈگىسىچىلىك قىسقارتىدۇ» دېگەن. «بۇنىڭدا شەرىئەت بەلگىلىگەن مەلۇم چەك يوق» دېگەنلەرمۇ بولغان(4). بۈگۈنكى كۈندە چېچى ئۇزۇن ئەرلەر ۋە ئاياللار ھەممە چېچىنىڭ ياكى تۆتتىن بىرىنىڭ ئۇچىدىن شۇنچىلىك ئۇزۇنلۇقتا قىسقارتسا بولىدۇ. ئەمما، چېچى بەكلا قىسقىلار ئۇنىڭدىنمۇ ئاز قىسقارتماي چارە يوق.

قانائەتىمىزچە، ئەرلەر چاچنىڭ ھەممىنى چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت سۈننەت ۋە ئەۋزەل ئەمەلنى تۇتۇشى لازىم. تۇتالمىغانلار قىسقارتىشتا شەرىئەتتە ئېنىق بىر چەك قويۇلمىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چېچىنىڭ ھەممىسىدىن ياكى تۆتتىن بىرىدىن كۆڭلى تەسكىن تاپقۇدەك ئۇزۇنلۇقتا قىسقارتسا، ۋاجىب ئادا تاپىدۇ. ئاياللارمۇ ئۆرۈم ياكى ئۆرۈم بولمىغان چېچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇچىدىن بىرمىقدار كېسىۋەتسە بولىدۇ. ئەمما، «ئۈچ تاللا چاچنى قىسقارتىش ھېساب بولىدۇ» دېگەن قاراش گەرچە بەزى مۇجتەھىدلەرنىڭ قارىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كۆڭۈل ئانچە خاتىرجەم بولمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿…ئاندىن ئۇلار كىرلىرىنى تازىلىسۇن…﴾(22/«ھەج»: 29) دېگەن ئەمرى ئۆز ئىچىگە ئالغان چاچ چۈشۈرۈش ۋە قىسقارتىش ھەقىقىي مەنادا ۋۇجۇدقا چىقمىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ بىلەن بۇ ۋاجىب ئەمەل ئادا تاپمايدۇ دەپ قارىغان كۆپچىلىك ئالىملار خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. دېمەك، چاچنى چۈشۈرمەيدىغانلار چاچنى ياسىتىۋېتىش ۋۇجۇدقا چىققۇدەك قىسقارتىشى لازىم. شۇڭا، بۇ مەسىلىدە ھەنەفىي ئالىملارنىڭ قارىشىنى تاللانغان قاراش دېيىشكە بولىدۇ.

شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى، چاچ چۈشۈرىدىغان ياكى قىسقارتىدىغان كىشى تاپالمىغاندا ياتاققا قايتىپ ئالدىراپلا ئىھرامدىن چىقىۋالماي، ھېچبولمىغاندا ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ ياكى قىسقارتىپ ئاندىن ئېھرامدىن چىقىش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2022. 11. 7

 

————————————————–
1. ئىبنۇلمۇنزىر: «ئەلئىشراف»، 3/355؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/199 – 201؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/564؛ ئىبنى نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 3/355؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 4/ 30؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 10/96؛ 18/99.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1727)؛ «مۇسلىم»، (1301).
3. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/165؛ ئىبنى نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 2/372.
4. ئىبنى ئەبى شەيبە: «ئەلمۇسەننەف»، (13064 – 13075).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ