باياشات ۋاقتىڭدا ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكىن، قىيىنچىلىققا يولۇققىنىڭدا ئاللاھ سېنى ياد ئېتىدۇ

باياشات ۋاقتىڭدا ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكىن، قىيىنچىلىققا يولۇققىنىڭدا ئاللاھ سېنى ياد ئېتىدۇ

دوكتور سالمان ئەۋدە

 

دۇنيانىڭ ھەقىقىتى

شەكسىزكى، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ تائالاغا ھەمد ئېيتىمىز، بىر ئۆزىدىن ياردەم سورايمىز ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز. شۇنداقلا ئول ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقلىرىدىن ۋە ئەمەللىرىمىزنىڭ ناچارلىرىدىن پاناھ تىلەيمىز. گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، ئول يەككە – يېگانە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ زاتنىڭ شېرىكى يوقتۇر؛ يەنە گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر.

ئى قېرىندىشىم! بىلگىنكى، ئاللاھ تابارەكە ۋە تائالا بىزگە مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كەرىم»دە ئۇشبۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ھەقىقەتىنى ناھايىتى روشەن بايان قىلىپ بەردى. مەسىلەن، ئاللاھ تائالا ئېيتتىكى: [(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى كىشىلەرگە) دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدە مۇنداق مىسالنى كەلتۈرگىن: (ئۇ شۇنىڭغا) ئوخشايدۇكى، بىز ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردۇق، شۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بىر – بىرىگە چىرمىشىپ بۇلۇق ئۆستى، كېيىن ئۇ قۇرۇپ تۆكۈلدى، شاماللار ئۇنى (تەرەپ – تەرەپكە) ئۇچۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر] (كەھف:45). ئۇ زات يەنە: [ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگۈرۈشى، نېئمەتلىرىنىڭ ئۆتكۈنچىلىكى، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇر بولۇشى بىلەن خۇددى) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى – دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئۇرۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز](يۇنۇس:24) دېگەن. يەنە بىر سۈرىدە: [سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر. ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر](ئەئلا: 16 – 17) دېگەن.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بۇنى ئوچۇق بايان قىلىپ: «مەن دۇنيانى ياخشى كۆرمەيمەن ۋە ئۈلپەتلەشمەيمەن، مەن دۇنياغا نىسبەتەن بىر دەرەخنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىغان، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنى تاشلاپ كەتكەن بىر يولۇچىغا ئوخشاشمەن» دېگەن(1). يەنە شۇنداقلا بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ مىسالى ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن رىۋايەتتە: «ھەقىقەتەن دۇنيا بىر كۆۋرۈكتۇركى، ئىنسان ئۈچۈن ۋاجىپ بولغىنى ئۇنىڭدىن ئۆتۈش، لېكىن ئاۋات قىلماسلىقتۇر» دېيىلگەندەكتۇر.

دېمەك، دۇنيا بەجايىكى بىر كۆۋرۈكتۇركى، ئۇنىڭدىن ئۆتۈشىمىز، لېكىن ئۇنىڭغا بېرىلىپ كەتمەسلىكىمىز ۋاجىپتۇر. ئەمما، مەڭگۈلۈك قارارگاھ بولغان دىيار ئاللاھ تائالا: [دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن – كۈلكە ۋە غەپلەتتىن ئىبارەتتۇر، شۈبھىسىزكى، ئاخىرەت يۇرتى ھەقىقىي ھايات (يۇرتىدۇر)، ئەگەر ئۇلار بىلسە ئىدى (بۇ دۇنيانى ئۇ دۇنيادىن ئارتۇق كۆرمەيتتى)] (ئەنكەبۇت: 64) دەپ ئېيتقاندەك، دەل ئاخىرەت دىيارىدۇر.

ئىنسان ئۆز تەبىئىتىدە پېقىردۇر

دەرھەقىقەت، ئىنسان بۇ دۇنيا ھاياتىدا خۇددى ئاللاھ تائالا: [ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خاھلىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ (ئورنۇڭلارغا) يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئاللاھقا قىيىن ئەمەس. ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ] (فاتىر: 15 – 17) دەپ ئېيتقاندەك، ئۆز تەبىئىتىدە موھتاجدۇر. دېمەك، ئىنسان ھەرقانچە كۆپ مال – دۇنياسى، بالا – چاقىلىرى، يۈز – ئابرۇيى ۋە ھوقۇق – مەنسىپى بولسىمۇ، يەنىلا موھتاجدۇر. چۈنكى، بۇ نەرسىلەر ھامىنى يوقاپ كېتىدۇ، بالا – چاقىلارمۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بەلكى يوقاپ كەتمەي، ئىنساننىڭ قولىدا بار دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا ئاللاھ تائالاغا موھتاجدۇر، ئاجىزدۇر.

بىز ئەتراپىمىزدا كۆپلىگەن ئىنسانلارنى ئۇچرىتىمىز. ئۇلار شۇنچە كۆپ بايلىقى، ھوقۇق – مەنسىپى ۋە بالا – چاقىلىرى بولسىمۇ، نۇرغۇن غەم – ئەندىشىلەرگە ۋە ياكى باشقا كېسەللەرگە مۇپتىلا بولۇپ، ھاياتى چىدىغۇسىز ئازابقا تولغانلىقىنى، ئەگەر مۇمكىنچىلىكى بولسا ئىلكىدىكى ھەممە نەرسىسى كەتسىمۇ، يوقىتىپ قويغان ئاشۇ بەخت – سائادىتىنى قايتا قولغا كەلتۈرۈشكە شۇنچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ بىزگە ھەقىقىي بايلىقنىڭ مال – دۇنيا، بالا – چاقا ۋە ياكى باشقا بىر نەرسىدە ئەمەس، بەلكى قەلبتە ئىكەنلىكى، بەندە ھەممە ھالەتلىرىدە، ھەتتا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك مۇددەتتىمۇ ئاللاھ تائالادىن بىھاجەت بولالمايدىغانلىقى ۋە ئاجىز ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت روشەن بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنداقلا بەندىنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن، كېلىشى مۇقەررەر بولغان ئۆلۈمدىن قورقۇپ، ھەر ۋاقىت ئۇنى ئەسلەپ تۇرىدىغانلىقىمۇ ئۇنىڭ موھتاج ۋە بەك ئاجىز ئىكەنلىكىنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر. بۇ ئۆلۈم ئاللاھ تائالا ھەربىر مەخلۇقنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈۋەتكەن بىر ھۆكۈمرانكى، پۈتۈن جانلىقلار، ھەتتا پەيغەمبەرلەر ۋە پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان ۋە قۇتۇلالمايدۇ، پەقەت ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىمىزنىڭ زاتىلا مەڭگۈ قالىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسان ھەر دائىم بۇ ئەھۋاللاردىن، شۇنداقلا كېلىشى مۇقەررەر بولغان ئۆلۈمدىن قورقىدۇ ۋە ئەندىشە ھېس قىلىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (يەرگە) تۆت چاسا كاتەكچە سىزىپ، ئۇ كاتەكچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كاتەكچىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەن بىر سىزىق سىزدى. ئاندىن كېيىن يەنە كاتەكچىنىڭ ئىچىگە بىر مۇنچە ئۇششاق سىزىقلارنى سىزدى ۋە: ‹بۇ ئوتتۇرىدىكى سىزىق ئىنسان، ئۇنى ئوراپ تۇرغۇچى بۇ كاتەكچە بولسا ئۇنىڭ ئەجىلى. كاتەكچىدىن چىقىپ تۇرغىنى بولسا ئۇنىڭ ئارزۇسى. كىچىك سىزىقلار بولسا، مۇسىبەتلەردۇر. بۇ مۇسىبەت ئوقى يولىدىن چىقىپ كېتىپ، ئىنسانغا تەگمەي قالسا، يەنە بىرى كېلىپ تېگىدۇ. ئەگەر ئۇمۇ تەگمەي قالسا، ئەجەل ئوقى تېگىدۇ› دېدى»(2).

دېمەك، ئىنسان ھاياتىدا تۈرلۈك كېسەللىك، بالا – مۇسىبەت، پېقىرلىق ۋە باشقا نۇرغۇن ئەھۋاللارغا دۇچار بولىدۇ. بۇنىڭدىن قۇتۇلسا، ئۇ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلسا، بۇ چىرمىۋالىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ دۇنيانى تەقدىر – قىسمەت، سىناق – ئىمتىھان دىيارى قىلغان بولغاچقا، بۇ مۇقەررەر قانۇنىيەتتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانغا ئۇنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ۋە پىلانلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغۇچى ئۆلۈم كېلىدۇ.

مانا بۇ ئىنساندۇر. گەرچە بىز بۇ ئىشنىڭ ۋە بۇ دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى بىلسەكمۇ، يەنىلا كۆپلىگەن ئىنسانلارنىڭ دۇنيادا قورقۇنچ ۋە غەم – ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، غەيرى مۇسۇلمانلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئەۋۋەلا بۇ تۈرلۈك مۇسىبەت ۋە ئاپەتلەردىن، ئاندىن قالسا كېلىشى مۇقەررەر بولغان ئۆلۈمدىن قورقۇپ بىر مىنۇتمۇ كۆڭلى خاتىرجەم بولمىغان ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.

شۇنىڭ ئۈچۈن، كاپىرلار «بۇ كائىناتنىڭ ھەممىسى بىزلەر ئۈچۈن دۈشمەن» دەپ ئويلايدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار كائىناتنىڭ سىرلىرىنى يېشىدىغان ئىلىمگە يۈزلەنگەن ۋاقىتتىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ «بۇ كائىنات بىزنىڭ دۈشمىنىمىزدۇر» دېگەن مەنتىقىسى بويىچە يۈزلىنىدۇ، ئاندىن ئۇ سىرلارنى بايقاشقا ئۇرۇنىدۇ ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن بايقاش ۋە كەشپىياتلارنى «تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش» دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئەسلىدىلا تەبىئەتنى ئۆزلىرىگە دۈشمەن دەپ گۇمان قىلاتتى ئەمەسمۇ!

ئەمما، مۇئمىنگە كەلسەك، مۇئمىن بەندە بەزىدە قەلبىگە بۇ قورقۇنچ تۇيغۇلىرى كېلىپ قالسىمۇ، خۇددى ئاللاھ تائالا جىھادقا چىقماي قېلىپ قالغان ئۈچ كىشى ھەققىدە: [جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ ئاللاھ قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان، ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر](تەۋبە: 118) دېگەندەك ۋە يەنە بىر ئايەتتە: [(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ تەرەپكە قېچىڭلار (يەنى ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىڭلار)](زارىيات: 50) دەپ ئېيتقاندەك، يەنىلا ھەقىقىي ئىلتىجا قىلىنغۇچى زات ئاللاھتۇر دەپ بىلىدۇ.

دېمەك، ئىنسان بىر نەرسىدىن قورقسا، ئۇنىڭدىن قاچىدۇ. لېكىن، مۇسۇلمان ئاللاھ تائالادىن قورقسا، يەنە ئۇ زاتنىڭ تەرىپىگە قاچىدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق خەۋەر بەرگەنكى، بەندە مۇسىبەتلەردىن، كېسەللىك، تاسادىپىيلىق، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئەھۋاللاردىن – ھالبۇكى، ئۆلۈم ئۆلۈمدىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللاردىن ئېغىرراقتۇر ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ئەھۋاللار ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىرراقتۇر – قورقىدۇ. ئەمما، مۇئمىن بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدىن قورقسىمۇ، ھەقىقىي بىردىنبىر قاچىدىغان، پاناھلىنىدىغان جاي پەقەتلا بىردۇر دەپ بىلىدۇ. مانا بۇ «قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئاللاھ تائالانىڭ سېنى ياد ئېتىشى ئۈچۈن، باياشات ۋاقتىڭدا سەن ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكىن» پرىنسىپىدۇر.

دەرھەقىقەت، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممەتنىڭ ئالىمى ھېسابلانغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا مۇشۇ مەزمۇندا بىر ئۈگۈت بەرگەن (رەسۇلۇللاھ ۋاپات تاپقاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس 12 – 13 ياشلاردا ئىدى. – ت). ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۆزى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىنگىشىۋالغانىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئى ئوغۇل! مەن ساڭا بىرنەچچە سۆزنى ئۆگىتىپ قوياي: ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ تۇرغىن، ئاللاھ تائالامۇ سېنى ياد ئېتىدۇ. ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكىن، ئاللاھ تائالانى ئالدىڭدىلا تاپىسەن. قاچانكى، بىرەر نەرسە سورىماقچى بولساڭ، ئاللاھ تائالادىنلا سورا. ياردەم تىلىمەكچى بولساڭ، ئاللاھ تائالادىن تىلە. بىلگىنكى، ئەگەر جىمى ئادەملەر ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يىغىلسىمۇ، ئۇلار ساڭا ئاللاھ تائالانىڭ ساڭا پۈتۈۋەتكەن نەرسىدىن باشقىنى بېرەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن زىيان يەتكۈزۈشكە يىغىلسىمۇ، ئاللاھ تائالا ساڭا پۈتۈۋەتكەن نەرسىدىن باشقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. قەلەملەر كۆتۈرۈلدى. بەتلەر قۇرۇدى (يەنى تەقدىر ئاللىقاچان پۈتۈلۈپ بولدى)› دېدى»(3).

ئاللاھنىڭ غېرىپ (ئاجىز) لارنى مۇھاپىزەت قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنىڭ بايانى ھەققىدە ئەمەلىي ئۈلگىلەر

ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىسلام غېرىبانە باشلانغان، يەنە غېرىبانە ھالىتىگە قايتىدۇ. غېرىبلەر بەختلىك بولسۇن» دېگەن. دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە غېرىبلەرنىڭ باياشات ۋاقىتلىرىدا ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەن، توغرا، دۇرۇس يولدا ماڭغان ۋە يەنە كىشىلەر نارازى بولسىمۇ، ئاللاھ بىلەنلا مەمنۇن بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ بەختلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. بۇ يەردىكى «بەخت» ئالىملار چۈشەندۈرگەندەك، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى كۆپ، پاك ياخشىلىقلار ۋە گۈزەل نەتىجىلەردۇر. بۇ ياخشىلىقلار بولسا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاغزىدىن ئاشۇ غېرىبلەر ئۈچۈن قىلغان ۋەدىسىدۇركى، ئۇلار كىشىلەر بۇزۇلغاندا توغرا يولدا ماڭغان ۋە توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەنلەرنى ئىسلاھ قىلغانلاردۇر. ئۇلار يەنە كۆپچىلىك ئىنسانلار ئۆزلىرىگە ئەگەشمىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ھەق ئۈستىدە چىڭ تۇرغانلاردۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاغزى بىلەن كەلگەن بۇ ۋەدىنىڭ راستلىقىغا رېئاللىق ۋە تارىخ شاھىد بولدى. دەرۋەقە، بىز مۇبارەك قوللىرى بىلەن ئىسلامنىڭ نۇرىنى تۇنجى بولۇپ ئالەمگە چاچقان ئاشۇ دەسلەپكى غېرىب مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ بەك كۆپ ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۇق. مەككە دەۋرىدە ئۇلارنىڭ سانى ئاز، ئەتراپىدىكى مۇشرىكلەرنىڭ سانى كۆپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە گويا بارچە ئىنسانلار ھەممىسى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇلارغا قارشى دۈشمەنلىك قىلغان ئەھۋاللاردىمۇ، ئاللاھ يەنىلا چىقىش يولى بېرىپ، ئۇلارغا ئۇلارنى قوغدايدىغان ۋە ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەر چىقىرىپ بەرگەن ئىدى.

ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مۇھاپىزەت قىلغانلىقى

بۇنىڭ ئەڭ روشەن دەلىلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىستۇر:

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئېيتىدۇ: «مۇشرىكلەر كەئبىنىڭ يېنىغا يىغىلىپ، (ئۆزئارا): ‹بىز (ھېچقاچان) مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) نىڭ قىلغانلىرىغا سەبر قىلغاندەك سەبر قىلمىغانىدۇق. ئۇ بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىزنى ھاقارەتلىدى، ئارىمىزنى بۆلۈۋەتتى، ئاتا – بوۋىلىرىمىزنى تىللىدى ۋە دىنىمىزنى ئەيىبلىدى. بىز مۇشۇنداق چوڭ قىلمىشى ئالدىدىمۇ ئۇنىڭغا قارىتا سەبر قىلدۇق› دېيىشتى. شۇ پەيتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلدى. ئۇ زات ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، مۇشرىكلەر ئۇ زاتقا بەزىبىر گەپلەرنى قىلدى ۋە مەسخىرە قىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولسا ئۇلارغا قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى. ئىككىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلار يەنە ئۇ زاتقا ئەۋۋەلقىدەك گەپلەرنى قىلىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە پەرۋا قىلماي ئۆتۈپ كەتتى. ئۈچىنچى قېتىمدىمۇ ئۇ زاتقا يەنە ئالدىنقى ئىككى قېتىمقىدەك گەپلەرنى قىلغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا قاراپ: ‹ئى قۇرەيش جامائەسى! قۇلاق سېلىڭلار! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرگە ئۆلۈمنى، ھالاكەتنى ئېلىپ كەلدىم› دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ئۇلارنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى خۇددى چوققىسىغا قۇش قونۇۋالغاندەك بولۇپ كەتتى (قۇشنى چۆچۈتمەسلىك ئۈچۈن جىمجىت تۇرۇشقا كىنايە). ھەتتا ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەڭ قاتتىق مۇئامىلە قىلىدىغىنىمۇ ئەڭ گۈزەل سۆزلەرنى قىلدى ۋە: ‹ئى ئەبۇلقاسىم! قايتقىن، راشىد ھالەتتە قايتقىن، ئاللا بىلەن قەسەمكى، سەن نادان ئەمەسسەن› دەپ كەتتى».

ئاللاھ تائالانىڭ ساھابىلەرنى ھىمايە قىلغانلىقى

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ئۈچۈنمۇ ئۇلارنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە قۇل بولۇپ قالغانلىرىنى ئازاد قىلىدىغان ياردەمچىلەرنى تەيىنلەپ بەرگەنىدى. ھەتتا ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانىدى. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇدى ۋە ئۇ زېمىندا ھېچكىمنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا يول قويمايدىغان بىر پادىشاھ بارلىقىنى خەۋەر بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەرگە باردى ۋە نەجاشىينىڭ يۇمشاق مۇئامىلىسى، غەمخورلۇقى ۋە ياخشىلىق قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. (ھەتتا) بۇ ئەھۋال ئۇلارغا قۇرەيش (كۇپپارلىرى) دىن يولۇققان جەۋر – زۇلۇم ۋە ئەزىيەتلەرنى ئۇنتۇلدۇردى.

قۇرەيشلىكلەر ئۇ ساھابىلەرنىڭ ھەبەشىستاندا ئېرىشكەن ئىمتىيازلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۇرالماي، ھەبەشىستان پادىشاھىغا ئول پادىشاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىككى كىشىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. لېكىن، بۇ ئىككى ئەلچى مەغلۇبىيەت بىلەن قايتتى ۋە نەجاشىي مەزكۇر مۇسۇلمانلارغا: «سىلەر چىقىڭلار، سىلەر مېنىڭ مەملىكىتىمدە خاتىرجەمسىلەر، كىمكى سىلەرنى تىللىسا زىيان تارتىدۇ، كىمكى سىلەرنى تىللىسا زىيان تارتىدۇ، كىمكى سىلەرنى تىللىسا زىيان تارتىدۇ» دېدى. شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمانلار ياخشىلارنىڭ ياخشى دىيارى بولغان ھەبەش زېمىنىدا تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئەنسارلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى، (مۇھاجىرلارنى) ياخشى كۈتۈۋېلىشى ۋە پاناھلىق بېرىشىنى نېسىپ قىلدى، بۇ ھېچكىشىگە سىر ئەمەستۇر(4).

مانا بۇ ئەھۋاللار ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غېرىبلەر ئۈچۈن ۋەدە قىلغان كۆپ ياخشىلىقلارنىڭ بىر قىسمىدۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييەنى مۇھاپىزەت قىلغانلىقى

غېرىبلەر تارىختىن بۇيان ھېچبىر كىشىنىڭ كۆڭلىدىن كېچىپ باقمىغان ھۆرمەت – ئېتىبارلارغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى. بۇنىڭ بىر مىسالى، ئاشۇ غېرىبلەردىن بىرى بولغان ۋە ئىلىم، ئەمەل، دەۋەت ۋە جىھاد ساھەسىدە يولباشچى، شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھتۇر. ئۇ زاتنىڭ تەرجىمىھالىدا مۇنداق كەلگەن:

«ئىلخانىي موڭغۇللىرىنىڭ پادىشاھى بولمىش گازان ئاتلىق خان قوشۇن تارتىپ ئىسلام يۇرتلىرىغا بېسىپ كىرىپ، دەمەشق شەھرىگە يېقىن بىر يەرگە بارىگاھ قۇرۇپ، شەھەرگە ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم ئالىملار كەلدى. ئۇلار كىرگەندە، شەيخۇلئىسلام ئۇنىڭ ئالدىدا تىك تۇرۇپ قاتتىق گەپ قىلدى ۋە:

— ئى گازان: سېنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىڭ مۇشرىك، كاپىر بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارغا سەن ھازىر قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندەك، ھېچبىر ئەزىيەت يەتكۈزمىگەنىدى، ھالبۇكى سەن مۇسۇلمانلىقنى دەۋا قىلىسەن، — دېگەنىدى، گازان ئۇ زاتقا:

— ئى شەيخ! ماڭا دۇئا قىلغىن! — دېدى. شۇنىڭ بىلەن شەيخۇلئىسلام ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: ‹ئى ئاللاھ! ئەگەر سېنىڭ بۇ بەندەڭ سېنىڭ دىنىڭغا ياردەم بېرىش ۋە سېنىڭ سۆزۈڭنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن سېنىڭ يولۇڭدا جىھاد قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنى كۈچلەندۈرگىن ۋە ياردەم بەرگىن. ئەگەر ساڭا جەڭ ئېلان قىلىش ۋە مۆمىن بەندىلىرىڭگە ئەزىيەت بېرىش ئۈچۈن كەلگەن بولسا، ئۇنى ھالاك قىلغىن ۋە قوشۇنلىرى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلغىن› دېدى. شەيخۇلئىسلام بۇ زالىمغا ئۇزۇن بەددۇئا قىلدى، زالىم بولسا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ‹ئامىن› دەپ تۇردى. ئاندىن شەيخۇلئىسلام باشقا ئالىملار بىلەن بىللە ئۇنىڭ يېنىدىن يېنىپ چىقتى. ئالىملار ئۇنىڭغا:

— بىزنىڭ سەن بىلەن بىللە ماڭغىمىز يوق، چۈنكى بىز بۇ زالىمنىڭ سېنىڭ پېيىڭگە بىرەر قاتىلنى سالمايدىغانلىقىدىن خاتىرجەم ئەمەسمىز، — دېيىشىدۇ، شەيخ:

— مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە مېڭىشنى خاھلىمايمەن، — دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار باشقا – باشقا يوللار بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ئەمما، شەيخۇلئىسلام رەھىمەھۇللاھ دەمەشىق شەھرىدىكى ئۆيىگە يېتىپ كەلمەي تۇرۇپلا، ئۆزىنى ئۇنى قوغداش ئۈچۈن چىققان نۇرغۇن موڭغۇل ئەسكەرلىرىنىڭ ئارىسىدا كۆردى. قالغان ئالىملارغا كەلسەك، ئۇلاردىن بىرى مۇنداق دېگەنىدى: ‹بىزنى بىر توپ بۇلاڭچىلار قورشىۋېلىپ يالىڭاچلىۋەتتى، ئەزىيەت بەردى ۋە ئۈست – بېشىمىزدىكى نەرسىلەرنى ئېلىۋالدى›»

مانا بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ غېرىبلەر ئۈچۈن دۇنيادا تەييارلىغان كۆپ ۋە كاتتا ياخشىلىقلىرىدىن بىر ئۆرنەكتۇر.

باياشات ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشنىڭ مەنىسى

ئى قېرىنداشلار! شەكسىزكى، قورقۇش تۇيغۇسىغا ئىگە، دۇنيادا ئەمىنلىككە موھتاج ۋە بىرگىنە ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىدىن ئۆزگە قاچىدىغان جاي يوقلۇقىنى بىلگەن بەندە باياشات ۋاقتىدا ئاللاھ تائالانى ياد ئەتكەن، شۇنىڭ بىلەن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىرىدا ئاللاھ تائالا ئۆزلىرىنى ياد ئېتىدىغان غېرىبلەردىن بولۇشقا موھتاج بولىدۇ. ئۇنداقتا «باياشات ۋاقىتتا ئاللاھنى ياد ئېتىش» دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟

ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالانى تونۇش ئۈچ ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بىرىنچى: ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش، ئاغزاكى شاھادەت ئېيتىش ۋە ئۇ يەككە – يېگانە زاتنىڭ بۇ بىپايان كائىناتنىڭ بىردىنبىر تەسەررۇپ قىلغۇچى ۋە ئىدارە قىلغۇچى زات ئىكەنلىكىنى بىلىشتۇر؛

بۇنىڭغا بىنائەن، ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايدىغان ياكى كائىناتتا ئاللاھ بىلەن قوشۇپ باشقا بىر ئىدارە قىلغۇچى ھەم بار دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان سېكۇلەرلەر (دەھرىيلەر)، كوممۇنىستلار، دىنسىزلار… ۋەھاكازالار بۇ كاتىگورىيەگە كىرمەيدۇ.

ئىككىنچى: ئىبادەتنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش ۋە ئىبادەتنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا مەركەزلەشتۈرۈش؛

چۈنكى، ئىنسان چوقۇنۇلغۇچىسىز ياشىيالمايدۇ. بۇ كۆپلىگەن ئاشقۇن، توغرا يولدىن قېيىپ كەتكەن ئازغۇنلارنىڭ ھالىدۇركى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئاللاھقا يۈزلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ھەقىقىي زاتنى تاپالمىغان بىچارىلەردۇر. شۇ جۈملىدىن ئۆتكۈنچى دۇنياغا قۇل بولۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن چاپىدىغانلار بار، ئىچى بوش توپقا مەستانە بولۇپ شۇنىڭ ھەۋىسى بىلەن ياشايدىغانلار بار، مەشۇقىنىڭ دەردىدە سەرسان بولۇپ مەجنۇن بولۇپ كېتىدىغانلار بار، پۇل – مالغا قاتتىق ھېرىسمەن بولۇپ كېتىدىغانلار بار ۋە يەنە ئۆزلىرىنىڭ قۇلى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئاللىقانداق بىر نەرسىلەرنىڭ ھەۋەسكارى بولۇپ، شۇ نەرسىلەرگە چوقۇنىدىغانلار بار.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىبادەت پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ تائالا ئۈچۈنلا بولۇشى كېرەك. مانا بۇ «تەۋھىد»نىڭ مەنىسىدۇر، «لائىلاھە ئىللەللاھ» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىدۇر. يەنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىنغۇچى مەبۇد بەرھەق يوق دېگەنلىك. بۇنىڭغا بىنائەن، پەرىشتىلەرگە ياكى پەيغەمبەرلەرگە، ياكى ۋەلىيلەرگە ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا بەندىلەرگە ئىبادەت قىلغانلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىدىغانلار ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئابىد (ئىبادەت قىلغۇچى) ئىكەنلىكلىرىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر مەزكۇر كاتېگورىيە دائىرىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ۋە ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرۇش كېرەك. قاچانكى ئىنسان ئاللاھ تائالاغا ئۇ زاتنى ياد ئېتىش يۈزىسىدىن كۆپ ئىبادەت قىلىپ ۋە كۆپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ يېقىنلاشقان بولسا، ئاللاھمۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدا شۇ بەندىنى شۇنچىلىك ياد ئېتىپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدۇ.

ئۈچىنچى ئىش: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرىنى بىلىش.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەك – شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ بىر كەم يۈز، (يەنى) 99 ئىسمى بار، كىمكى ئۇلارنى يادلىسا، جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇ ئاللاھ تاقتۇر، تاقنى ياخشى كۆرىدۇ»(5). ئاللاھ تائالانىڭ ئىسم – سۈپەتلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. بىز دائىم تەكرارلاپ تۇرىدىغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆگەتكەن قۇنۇت دۇئاسىدا مۇنداق كېلىدۇ:

«ئى ئاللاھ! سەندىن سەن ئۆزۈڭ ئاتىغان ياكى كىتابىڭدا چۈشۈرگەن، ياكى مەخلۇقاتلىرىڭدىن بىرەرسىگە ئۆگەتكەن، ياكى ئۆزۈڭنىڭ تەرىپىدىكى غەيب ئىلمىڭغا خاس قىلغان پۈتۈن ئىسىملىرىڭنىڭ نامى بىلەن سورايمەنكى…» (6).

شاپائەت ھەققىدىكى ئۇزۇن ھەدىستە يەنە مۇنداق كەلگەن: «… پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەرشنىڭ ئاستىغا يەتكەندە پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قەلبىنى ئاچىدۇ. ئاندىن ئۇ زات ئاشۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالاغا ئاللاھ ئۆزىگە ئۆگەتكەن ھەمدۇسانالار بىلەن ھەمد ئېيتىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ھەمدلەرنى ھازىر بىلمەيدۇ»(7). يەنى بۇ دېگەنلىك ھايات ۋاقتىدا بىلمەيدۇ دېگەنلىكتۇر.

ئاللاھنىڭ ئەسمالىرىنىڭ (ئىسىم – سۈپەتلىرىنىڭ) تولۇق سانىنى پەقەت ئاللاھ ئۆزىلا بىلىدۇ. لېكىن، بۇ ئىسىم – سۈپەتلەرنىڭ بىلىنگەنلىرى 99 بولۇپ، بۇ ئەسمالارنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى باردۇر. ئۇ بولسىمۇ، ئۇلارنى يادلىغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ. «يادلىسا» دېگەن سۆز ھەدىستە «احصاء» دېگەن لەۋز بىلەن كەلگەن بولۇپ، تۆۋەندە بۇ كەلىمىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

بۇ كەلىمە (احصاء) بىرقانچە مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ئالدى بىلەن بۇ ئەسمالارنى ياخشى بىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بۇ ئىسىم – سۈپەتلەرنى بىلمىگەن كىشى ئۇلارنى يادلىيالمايدۇ. شۇڭا، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرى (ئەسمائۇل ھۇسنا) تونۇشتۇرۇلغان بىرەر كىتابنى تېپىپ پايدىلىنىشىمىز ۋە چىن قەلبىمىز بىلەن يادلىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى قەدەمدە بۇ ئىسىملارنىڭ ھەربىرىدىن ئەرەب تىلىدا ئىرادە قىلىنغان مەنىلەرنى ياخشى بىلىشىمىز كېرەك.

ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئىسىملارنىڭ ھەربىرى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىر سۈپەتكە دالالەت قىلىدىغان بولۇپ، ھەر ئىسىم دالالەت قىلغان سۈپەتنى ياخشى بىلىشىمىز كېرەك.

ئاخىرىدا بۇ مەنىلەرنى قەلبلىرىمىزگە جا قىلىشىمىز، ئەتىگەن – كەچتە ئۇلارنى يادلاپ – ئەسلەپ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ تەقەززاسى بويىچە تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلىپ، گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.

دېمەك، يۇقىرىدىكى تەرتىپ بويىچە قىلغان ۋاقتىمىزدا، بۇ ئىسىملارنى ھەقىقىي يادلىغان بولىمىز ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۇلارنى يادلىغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن خۇش بېشارەتىگە لايىق بولغان بولىمىز.

ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنى ھەقىقىي تونۇش ئۈچ ئىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ:

بىرىنچى: ئاللاھ تائالانى تەن ئېلىش ۋە يەككە – يېگانە، شېرىكى يوق زات دەپ بىلىش؛

ئىككىنچى: ئىبادەتنى ئاللاھ تائالاغىلا قىلىش ۋە ئول زاتقا ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق يېقىنلىشىش؛

ئۈچىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئەسمالىرىنى بىلىش، ئۇلارنىڭ تەقەززاسى بويىچە تائەت – ئىبادەت قىلىش ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى تەرك ئېتىش.

بىزلەر بۇ بىرقاتار ئىشلار ئارقىلىق باياشات ۋاقىتلىرىمىزدا ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنى ياد ئەتسەك، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئەلبەتتە بىز بىلەن بىللە بولىدۇ. بۇلار خاھ بىز ھاياتىي دۇنيادا يولۇقىدىغان پېقىرلىق ياكى باشقا سىناقلار بولسۇن، خاھ ئۆلۈم سەكراتىدىكى مۈشكۈلچىلىكلەر ياكى قەبرىدىكى ئىمتىھانلار بولسۇن، خاھى قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقلار بولسۇن ئوخشاشتۇر.

بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاغزى بىلەن قىلغان راست ۋەدىسىدۇر.

ئالدى بىلەن ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى تۈرلۈك شەھۋەت ۋە شۈبھەلەردىن ساقلاپ، ھەرۋاقىت شۇ كىشى بىلەن بىللە بولۇشى ئۈچۈن، دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەك.

بۇ دېگەنلىك، سەن باياشات ۋاقتىڭدا ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، بىر كۈن دىنىڭ ھەققىدە سىنالغان ئىشلاردا ئاللاھ سېنى ياد ئېتىدۇ دېگەنلىكتۇر. يەنى ئاللاھ سېنى كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدىغان تۈرلۈك شۈبھىلەردىن ساقلاپ قالىدۇ. شۇ جۈملىدىن ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئەكسىچە شەيتاننىڭ كىچىككىنە ۋەسۋەسىسى بىلەنلا گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتكەن بىر ئادەمنىڭ قىسسەسىنى سۆزلەپ بەردى: [ئەگەر بىز خاھلىساق، ئۇنى (تەقۋادار ئۆلىمالار دەرىجىسىگە) كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، ئۆز نەپس – خاھىشىغا بويسۇندى، ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، قوغلىۋەتمىسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئەنە شۇ قەۋمنىڭ مىسالىدۇر، ئويلاپ بېقىشلىرى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى (قەۋمىڭگە) سۆزلەپ بەرگىن](ئەئراف: 176).

بىز ئەتراپىمىزدا كۆپلىگەن ئىنسانلارنى ئۇچرىتىمىزكى، ئۇلار ئۆمرىنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە، بولۇپمۇ ياشلىق مەزگىلىدە ئىلاھىيەت ۋە پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت ئېتىقادىي مەسىلىلەرگە ئالاقىدار تۈرلۈك شۈبھە ۋە ۋەسۋەسىلەرگە مۇپتىلا بولىدۇ. ئەگەر ئۇلاردىن بىرەرسى ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىشتا راستچىل بولسا، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن كاللىسىغا تاقالغان شۇ شۈبھە ۋە ۋەسۋەسىلەر شۇلار توغرىلىق بىرەر كىتاب ئوقۇمىسىمۇ ياكى باشقا ھەل قىلىش چارىسىنى تاپمىسىمۇ، ناھايىتى تېزلا قەلبلىرىدىن يوقاپ كېتىدۇ ۋە ئۇ ھەقتە پىكىر قىلمايدىغان، قەلبى ئىمان نۇرى بىلەن تولغان ھالەتتە بولۇپ كېتىدۇ.

بۇنىڭ دەل ئەكسىچە يەنە نۇرغۇن ئىنسانلار باركى، ھەرقانچە ئەقىللىق، بىلىملىك، ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغانلىرى شۇنچىۋالا كۆپ بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا تۈرلۈك شۈبھىلەرنىڭ دوقمۇشلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىسى ئاجىز، كۆپ ئىبادەت قىلمىغان ۋە باياشات ۋاقىتلىرىدا ئاللاھنى ياد ئەتمىگەن، شۇنىڭ بىلەن قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئاللاھمۇ ئۇلارنى ياد ئەتمىگەنلىكى ئۈچۈندۇر.

ئاللاھنىڭ بەندىسىنى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياد ئېتىدىغانلىقىنىڭ مىساللىرى

بەزىدە ئىنسان دىنى بارىدىمۇ شەھۋەتكە (سىناققا) دۇچ كېلىدۇ، كىشى بۇنداق چاغدا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالانىڭ ئۆزىگە يار بولۇپ، ياردەم بېرىشىگە بەك موھتاج بولىدۇ. بىز يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى، جۈملىدىن مىسىر ئەزىزىنىڭ ئايالى مەقسەتلىك ھالدا قاتتىق ياسىنىپ كېلىپ گۈزەل يۈزلۈك يۈسۈفنى زىناغا چاقىرغانلىقىدىن ئىبارەت بۈيۈك پىتنىنى ئاڭلىغانمىز. ھالبۇكى، ئۇ چاغدا ھەزرىتى يۈسۈف ھەنۇز مىسىر ئەزىزىنىڭ قەسرىدە قۇل ئورنىدىكى بىر كىشى ئىدى. ئۇنى شىددەت بىلەن مەئسىيەتكە چاقىرغان، بەلكى دېگىنىنى قىلمىسا زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق خارلاش بىلەن تەھدىت سېلىۋاتقان ئايال بولسا ئۇنىڭ خوجايىنى ئىدى. دېمەك، بۇ ناھايىتى قىيىن بىر ئەھۋال ئىدى. مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا رەببى ئاللاھ ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولدى، چۈنكى ھەزرىتى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام باياشات ۋاقتىدا رەببىنى كۆپ ياد ئەتكەندۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: [بىز يۈسۈفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق، شۈبھىسىزكى، يۈسۈف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى](يۈسۈف: 24).

شۇنىڭدەك ئىنسان دۇنيالىقى بارىدىمۇ سىناققا دۇچ كېلىدۇ. خۇددى ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتقا تاشلانغان چاغدا دۇچ كەلگەن سىناققا ئوخشاش. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: [بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق (بەخش ئېتىدىغان) بولۇپ بەرگىن» دېدۇق](ئەنبىيا: 69). بۇ ھەقتە بىر شائىر مۇنداق بىر بېيىت يازغانىكەن:

ئىبراھىمدەك ئىمانلىق بولسا كىشى،

جەننەت ئېرۇر ئانىڭچۈن دۇنيا سىنىقى.

بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە تۇتقان قانۇنىيىتىدۇركى، ئەگەر ئۇلار مېھرىبان ئاللاھقا يېقىنلىشىشتا ۋە ياد ئېتىشتە راستچىل بولسا، قىيىنچىلىققا يولۇققانلىرىدا ئول ئاللاھ ئۇلارنىڭ يېنىدا بولغاي.

ئاخىرىدا، كەمىنە ھەرقايسىلىرىغا ئاللاھقا يېقىنلاشقان كىشى بىلەن ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغان بىر – بىرىگە قارىمۇ – قارشى ئىككى مىسالنى سۆزلەپ بېرىش بىلەن سۆزۈمنى تۈگەتمەكچىمەن:

بىرىنچى مىسال: ئاللاھ ئەززە جەللە «قۇرئان كەرىم»دە بايان قىلغان يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىدۇر. يەنى [ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ (كىشىلەر بىلەن) توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى. (كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى)](ساففات: 140، 141). دېمەك، ئۇلار چەك تاشلاشقان چاغدا، چەك يۇنۇس ئەلەيھىسسالامغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن كېمىدىكىلەر نەبى يۇنۇسنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. ئاندىن ئۇنى بېلىق يۇتتى، ھالبۇكى ئۇ ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دېگەن: [ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى](ساففات: 143، 144). چۈنكى، ئۇ: [لَّا إِلَـٰهَ إِلَّا أَنتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنتُ مِنَ الظَّالِمِينَ (پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم](ئەنبىيا: 87) دېگەنىدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ: [ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى (بېلىق يۇتقان چاغدىكى) غەمدىن خالاس قىلدۇق](ئەنبىيا: 88) دېدى. بۇ ۋەقەلىكتىن كېيىن، ئاللاھ بۇ قانۇنىيەتنىڭ يۇنۇس ئەلەيھىسسالامغىلا خاس ئەمەسلىكى، بەلكى باياشات ۋاقىتلىرىدا ئاللاھنى تونۇغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئومۇمىي ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: [شۇنىڭدەك مۆمىنلەرنى (ئېغىرچىلىقلاردىن) خالاس تاپقۇزىمىز](ئەنبىيا: 88) دېدى.

بۇنىڭ تەتۈرسى يەنە بىر مىسالغا قارايلى: ئۇ بولسىمۇ زالىم پىرئەۋننىڭ ۋەقەلىكى بولۇپ، ئۇ دېڭىزغا غەرق بولۇپ كېتىش ئالدىدا، ئۆزىنىڭ شەكسىز ھالاك بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ۋە مال – دۇنيا، بالا – چاقا، تاجۇ – تەخت، ئوردۇ ۋە خىزمەتكارلارنىڭ قىلچىلىكمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەنىدى. ئاللاھ بۇ ھالەتنى قۇرئاندا مۇنداق بايان قىلغان: [پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن ئۆزگە ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى](يۇنۇس: 90). پىرئەۋن بۇ سۆزنى ئىمان ئېيتىش پۇرسىتى قولدىن كەتكەندىن كېيىن دېگەنلىكى ئۈچۈن، مۇنداق جاۋاب كەلدى: [(ئۇنىڭغا دېيىلدىكى) «(ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە) ئەمدى (ئىمان ئېيتامسەن؟) ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ. سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز (يەنى سېنىڭ جەسىتىڭنى دېڭىزدىن چىقىرىپ قويىمىز)»](يۇنۇس: 91، 92).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن جىبرىل ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنىدى: ‹ئى مۇھەممەد! ئەگەر مېنى، مەن دېڭىزدىكى لايدىن ئېلىپ، ئۇنى پىرئەۋننىڭ ئاغزىغا ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى يېتىپ قالمىسۇن دەپ، تىققان چېغىمدا كۆرگەن بولساڭ قانداق بولاتتىڭ؟!»(8) دەرھەقىقەت، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇنىڭ قىيامەت كۈنى بارىدىغان جايىنى بايان قىلىپ: [پىرئەۋن قىيامەت كۈنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆز قەۋمىنى دوزاخقا باشلاپ كىرىدۇ، ئۇ جاي نېمىدېگەن يامان!](ھۇد: 98) دېدى. يەنە بىر ئايەتتە پىرئەۋننىڭ بەرزەخ ھاياتى ۋە قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ: [ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب نازىل بولدى. ئۇلار ئەتىگىنى – ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ)](غافىر: 45 – 46) دېدى.

ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم! ئى ئۆزى، مېلى ۋە بالا – چاقىلىرى ھەققىدە شەكسىز كۆپلىگەن مۇسىبەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ۋە ھەرۋاقىت ئۆلۈمنىڭ ئۆزىنى پۇراپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن بەندە! سىز ئەڭ راستچىل، نەسىھەت قىلغۇچى ۋە ئىشەنچلىك پەيغەمبەرنىڭ ۋەسىيىتىنى چىڭ تۇتۇڭ. ئۇ بولسىمۇ «قىيىنچىلىققا يولۇققىنىڭدا ئاللاھنىڭ سېنى ياد ئېتىشى ئۈچۈن، باياشات ۋاقتىڭدا ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكىن»نى ئوبدان ئۆزلەشتۈرۈڭ.

ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسىڭىز، ئاللاھ تائالا سىزنى تاشلىۋىتىدۇكى، قايسى دوقمۇشتا ھالاك بولۇپ كېتىشىڭىزگە پەرۋا قىلمايدۇ. ئۇ چاغدا، قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋە سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىڭىزدە، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زاتقا يېلىنغىنىڭىزنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.

ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! بىزنى باياشات ۋاقىتلىرىدا سېنى كۆپ ياد ئېتىدىغان، شۇ ئارقىلىق قىيىنچىلىققا يولۇققانلىرىدا سەنمۇ ئۇلارنى ياد ئېتىدىغان بەندىلىرىڭنىڭ قاتارىدىن قىلغىن، ئامىن…

 

مەنبە: تعرف إلى الله في الرخاء يعرفك في الشدة – د. سلمان بن فهد العودة https://www.salmanalodah.com

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات


1. «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 2377 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»، 4109 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 3709 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2. «سەھىھۇلبۇخارىي»، 6417 – ھەدىس.
3. «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 2516 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
4. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 1740 – ھەدىس.
5. «سەھىھۇلبۇخارىي»، 2736 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 2677 – ھەدىس.
6. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 3712 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئىبنى ھىببان»، 972 – ھەدىس؛ ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. «سەھىھۇلبۇخارىي»، 7510 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 193 – ھەدىس.
8. «سۈنەنۇتتىرمىزىي»، 3107 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ