سىيادان

سىياداننىڭ شىپالىق رولى توغرىسىدىكى ھەدىس شەرىفلەر

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

خالىد ئىبنى سەئىد رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز مەدىنەگە قاراپ يولغا چىقتۇق. بىز بىلەن غالىب ئىبنى ئەبجەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بار بولۇپ، ئۇ يولدا ئاغرىپ قالدى. ئۇ كېسەلدىن ساقايماي تۇرۇپلا مەدىنەگە يېتىپ كەلدۇق. ئىبنى ئەبى ئەتىق ئۇنى يوقلاپ كىرىپ، بىزگە: مۇنۇ سىياداننى ئىشلىتىڭلار، بەش ياكى يەتتە دانە سىياداننى ئېزىپ، بىرقانچە تامچە زەيتۇن يېغى بىلەن بۇرنىنىڭ ماۋۇ، ماۋۇ يەرلىرىگە (بۇرنىنىڭ ئىككى تۆشۈكىگە) تېمىتىڭلار، چۈنكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ماڭا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «مۇشۇ سىيادان سامدىن باشقا ھەممە كېسەلگە شىپادۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ: سام دېگەن نېمە؟ دېسەم رەسۇلۇللاھ: «ئۆلۈم» دېدى(1).

ئىبنى شىھاب رىۋايەت قىلىپ دېدى: ئەبۇ سەلەمە بىلەن سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئىككىيلەن ماڭا سۆزلەپ بەردىكى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «سياداندا سام (ئۆلۈم)دىن باشقا ھەممە كېسەلگە شىپالىق بار». ئىبنى شىھاب: سام دېگەن ئۆلۈمدۇر، سىيادان دېگەن شونىزدۇر، دېدى(2).

بۇ ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگىنى قارا رەڭلىك دان بولۇپ، ئۇيغۇرچە سىيادان(3)، ئەرەبچە «الحبة السوداء» ياكى «حبة البركة» («بەرىكەت دېنى» دېگەن مەنادا) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈك ئىلمى ساھەسىدە Nigella sativa ئاتىلىدۇ. يەنە Black seed (قارا دان)، black cumin (قارا زىرە) ياكى Ranunculaceae دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «سىيادان فارس تىلىدا ”شونىز“ بولۇپ، ئۇ قارا زىرەدۇر. ”ھىندىستان زىرىسى“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ پايدىسى ئىنتايىن كۆپ» دېگەن(4).

ھەدىس دۈشمەنلىرى: ”ھازىرقى ئىلىم – پەن ۋە تېبابەت، شۇنداقلا ئەمەلىي رېئاللىق سىياداننىڭ ھەممە كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدىغانلىقىنى رەت قىلىدۇ“ دەپ، بۇ ھەدىس شەرىفنى رەت قىلىشىدۇ. ئۇلارغا جاۋاب مۇنداق:

بىرىنچىدىن، بۇ ھەدىس سەھىھلىكتە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىستۇر. بۇ ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى يەنە بىر ۋاريانتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداق بىر كېسەللىك بولىدىكەن، چوقۇم سىياداندا ئۇنىڭغا شىپالىق بار. پەقەت ئۆلۈم بۇنىڭ سىرتىدا» دېگەن(5). يەنە بىر ۋارىيانتىدا: «مۇشۇ سىياداننى ئىشلىتىڭلار! چۈنكى، ئۇنىڭدا ئۆلۈمدىن باشقا ھەرقانداق كېسەللىككە شىپالىق بار» دېگەن(6).

ئەگەر بۇ ھەدىسنى ئومۇميۈزلۈك دەپ چۈشەنسەك، مەنىسى ھەققىدە ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «ھەممە كېسەلگە شىپادۇر دېگەننىڭ مەنىسى بۇ ھەربىر كېسەللىككە سىيادان ئايرىم ئىشلىتىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى، بەزى كېسەللىككە سىيادانلا بېرىلىدۇ. بەزىسىگە باشقا دورىلار بىلەن بىللە ئىشلىتىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر»(7). يەنى سىياداننىڭ ھەممە كېسەللىكلەرگە قارىتا شىپالىق رولى بار، گاھى ئۆزى ساپ ھالەتتە شىپا بولسا، گاھى باشقا دورىلارنىڭ تەركىبىگە كىرىپ پايدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەدىس مەزمۇنىنىڭ ئىلىم – پەن بىلەن ياكى ئەمەلىي رېئاللىق بىلەن زىت كېلىدىغان بىر تەرىپى بولمايدۇ. چۈنكى ئىلىم – پەن سىياداننىڭ شىپالىق رولىنى تەكىتلەيدۇ.

بەزى ھەدىسشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەدىستىكى «ھەممە/كۇللى (كل)» كەلىمەسى ئەرەب تىلىدا كۆپ قىسمىنىمۇ ئىپادىلەيدىغان، ئەمما «جىمى (جميع)» سۆزى بولسا ئومۇميۈزلۈك ھەممىنى ئىپادىلەيدىغان بولغاچقا، بۇ ھەدىس جىمى كېسەللىكلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدە تۇتمىغان، بەلكى ئۇنىڭدىكى ئومۇم خاسلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئىسپاتى شۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سىياداننى جىمى كېسەلگە بۇيرۇمىغان. بەلكى بەزىسىگە ھەسەل، بەزىسىگە ھىجامەت، يەنە بەزىسىگە باشقا دورىلارنى بۇيرۇغان. ئەگەر سىيادان ھەممە كېسەلگە ئومۇميۈزلۈك شىپا بولىدىغان بولسا، سىياداننىلا بۇيرۇغان بولاتتى. دېمەك، بۇ ھەدىس سىياداندا كۆپ كېسەللىكلەرگە بولۇپمۇ، شۇ چاغلاردا كەڭ تارقالغان كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە شىپا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنى تەكىتلەيدىغان قوشۇمچە پاكىتلاردىن بىرى، ھەدىستە «شىپا» كەلىمەسى ئەرەپ تىلى گىرامماتىكا قائىدىسى بۇيىچە نەكىرە ھالىتىدە كەلگەن بولۇپ، ئەرەپ تىلىدا «نەكىرە ئىسپات ھالىتىدە ئومۇملۇقنى بىلدۈرمەيدۇ». يەنى ئۇنىڭدا تولۇق شىپالىق ئەمەس، شىپالىق بار. يەنە بىرى ھەدىستىكى «ئۇنىڭدا» دېگەن مەنىدىكى «فيه (فىيھى)» كەلىمەسىمۇ «نەھل» سۈرىسى 60 – ئايەتتىكى «ئۇنىڭدا كىشىلەرگە شىپا بار» دېگەن ئايەتتىكىدەك، ئۇنىڭدا مەلۇم شىپا بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دېگەنلىك ئۇنىڭ ئۆزىلا ھەممە كېسەلگە ھەل قىلغۇچ شىپا دېگەنلىك بولمايدۇ. لېكىن بۇ چۈشىنىش ھەدىستىكى «ئۆلۈمدىن باشقا» دېگەن ئىبارەدىكى ئومۇملۇق بىلەن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى بۇ تەرىقىدە ئىستىسنا قىلىش ئۇسۇلىلفىقھتا ئومۇملۇقنى بىلدۈرىدۇ. يەنە «ئالىملاردىن ھەدىسنى ئۇنىڭ بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلىدىغان ھەممە كېسەلگە شىپا دەپ ئىزاھلىغانلارمۇ بار. چۈنكى، ئۇ سوغۇقتىن بولغان كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ. ئەمما ئىسسىقتىن بولغانغا پايدا قىلمايدۇ»(8). بۇنىڭغا ئاساسەن «ھۆللۈكتىن ياكى سوغۇقتىن بولغان كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىگە سىياداندا شىپا بار» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ئىككىنچىدىن، قەدىمكى ۋە ھازىرقى تېبابەت ئەھلى ۋە ئىلىم – پەت تەتقىقاتلىرى سىياداندا ئىنساندا كۆرۈلىدىغان نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە شىپالىق بارلىقىنى، ئۇنىڭ بەدەندىكى ئىممۇنىتېت كۈچىنى قوغداپ، تۈرلۈك ۋە نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ۋە ئۇنى ساقايتىشتا رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە ۋە بۇنىڭدا ھەممىسى بىردەك ئىتتىپاق. مىسالغا ئالساق، قەدىمكى تېۋىپلەردىن ئىمام ئەبۇبەكرى رازىي، ئىبنى سىنا سىيادان پايدا قىلىدىغان كېسەللىكلەردىن نۇرغۇننى ۋە ھەربىر كېسەللىككە سىياداننىڭ قاي تەرىقە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. بۇلارنىڭ يەكۈنلىرىنى ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ جەملىگەن(9).

يېڭى تېبابەت ۋە ئىلىم – پەندىكى تەرەققىياتمۇ قەدىمكى مۇسۇلمان تېۋىپلەرنىڭ بايانلىرىنى تەكىتلىگەن. ھازىرقى دەۋر ئالىملىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىچە، سىياداننىڭ نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ شىپا تېپىشىدا، شۇنداقلا ئىنسان بەدىنىنى نۇرغۇن كېسەللىكلەردىن قوغدايدىغان ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچلەندۈرۈشتە رولى ئىنتايىن چوڭدۇر. ئىلمىي تەجرىبە تەتقىقاتلىرىدا ئايان بولۇشىچە، سىياداننىڭ سۈيدۈك شېكىرى(Urine sugar)، يۇقىرى قان بېسىم (Hypertension)، جىگەر تالالىشىش (Liver fibrosis)، زىققا (Asthma)، باكتېرىيە، ۋىرۇس سەۋەبلىك ياللۇغلىنىش، بەدەندىكى ماي نىسبىتى ئۆرلەپ كېتىش، ئاشقازان يىرىڭداش، يىرىڭلىق يارا، راك، قاتارلىق يۈزلەرچە كېسەللىكلەرگە داۋاسى بولغاندىن سىرت، يەنە جىگەر بىلەن بۆرەكنى زەھەردىن قوغداش رولى بار(10).

بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەدىسشۇناسلارنىڭ ھەدىسنى ئومۇم مەنىسىدە چۈشىنىشىنى كۈچلەندۈرىدۇ. يەنى، سىيادان بەزى كېسەللىكلەرگە تولۇق شىپا، يەنە باشقا كۆپ كېسەللىكلەرگە باشقا دورىلار بىلەن بىرلىكتە شىپا بولىدۇ. بۇ بەدەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە جانلاندۇرۇش ئارقىلىق بولىدۇ. چۈنكى، بۇ سىستېما جىمى كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارغا تاقابىل تۇرىدۇ. ھەممە كېسەلگە تولۇق ياكى قىسمەن شىپا بەخش ئېتەلەيدۇ. مانا بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى يۈزلەرچە ئىلمىي تەتقىقات ئىسپاتلىغان بىر ھەقىقەت بولۇپ، ئىلىم – پەننىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتى تېخى توختاپ قالغىنى يوق.

بۇ ھەقتىكى يېڭى يۈزلەرچە ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن نەمۇنىلەر:

Pharmacological and toxicological properties of Nigella sativa– 2003 Apr;

Effect of Nigella sativa (N. sativa L.) and oxidative stress on the survival pattern of MCF-7 breast cancer cells. –2003

Effects of Alpha-hederin and Thymoquinone, constituents of Nigella sativa, on Human Cancer Cell Lines–May 2005

Antitumor Activity of Gemcitabine and Oxaliplatin Is Augmented by Thymoquinone in Pancreatic Cancer — July 2009

Reactive oxygen species mediate thymoquinone-induced apoptosis and activate ERK and JNK signaling—2010

Modulation of apoptosis in human hepatocellular carcinoma (HepG2 cells) by a standardized herbal decoction of Nigella sativa seeds, Hemidesmus indicus roots and Smilax glabra rhizomes with anti- hepatocarcinogenic effects—2012

Effect of Nigella sativa fixed and essential oils on antioxidant status, hepatic enzymes, and immunity in streptozotocin induced diabetes mellitus–2014

Evaluation of the protective effect of Nigella sativa extract and its primary active component thymoquinone against DMBA-induced breast cancer in female rats — 2015 Mar

———————————–
1. «سەھىھۇل بۇخارىي»، 5687 – ھەدىس.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «سەھىھۇل بۇخارىي»، 5688 – ھەدىس، «مۇسلىم»، 2215 – ھەدىس.
3. سىيادان ئاتالغۇسى ئۇيغۇرچىغا فارسچە: سیاه‌دانه (قارا دانە) دىن كەلگەن بولۇپ، بوتانىكا ئىلمىدە ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق، غولى تىك، ئىگىزلىكى 30 – 60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدىغان، كۆپ شاخلايدىغان، ئۇرۇقى قارا ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ ئوتى ۋە ئۇرۇقىمۇ سىيادان دەپ ئاتىلىدۇ. سىياداننىڭ مايسىسى ۋە ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ، سوغۇق يەلنى ھەيدەش، خۇننى راۋان قىلىش ۋە قاننى جانلاندۇرۇش رولىغا ئىگە. قاراڭ: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، (د – ف) 1992، 723 – بەت.
4. «زادۇل مەئاد»، 4 – توم، 269 – بەت.
5. «مۇسلىم»، 2215 – ھەدىس.
6. «تىرمىزىي»، 2113 – ھەدىس. ئالبانىي سەھىھ دېگەن.
7. «فەتھۇل بارىي»، 10 – توم، 144 – بەت.
8. «فەتھۇل بارىي»، 10 – توم، 144 – بەت.
9. مەسىلەن، ئىمام ئەبۇبەكرى رازىي: «ئەلھاۋىي فىتتىب»، 3 – توم، 412 – 413 – بەتلەر، ئىبنى سىينا: «ئەلقانۇن فىتتىب»، 3 – توم، 409 – بەت، ئىبنۇلقەييىم: «زادۇل مەئاد»، 4 – توم، 269 – بەت.
10. قاراڭ: ھەمدىي ئابدۇللاھ ئەسسائىيدىي: «ئۇممىي پەيغەمبەر سۈننىتىدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر ئېنسىكلوپىديەسى (موسوعة الإعجاز العلمي في سنة النبي الأمي)»، 661 – 662 – بەتلەر؛ دوكتور ئابدۇللاھ بامۇسا: «ھەدىستىكى ۋە يېڭى تېبابەتتىكى سىيادان»، 24 – بەت؛ دوكتور قاسىم سۇۋەيدانىي: «تېبابەت ئىسلامنىڭ مۇنبىرى»، 79 – بەت؛ دوكتور ئابدۇللاھ سەئىد: «سىيادان» 34 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز