ئىنساننىڭ ئەقىل، نەپس، روھ ۋە قەلب پاكلىقى ئۇنىڭ ئاڭلىغان نەرسىلىرىگە باغلىقتۇر. كىشى ياخشى نەرسە ئاڭلىسا، ئەقىل، نەپس، روھ ۋە قەلبلىرى ياخشىلىنىدۇ. ئەكسىچە، ئاڭلىغىنى يارىماس نەرسە بولسا، قەلب ۋە روھىيىتىگە ناچارلىق يۈزلىنىپ، ئەقىل ۋە نەپسىگە يامانلىق سىڭىپ كېتىدۇ.
شۇڭا، ھارام قىلىنغان نەرسىنى ئاڭلاش فىقھى تەرەپتىن روزىنى بۇزمىسىمۇ، لېكىن رامازاندا چەكلىنىدۇ. قۇلاق ھارامدىن چەكلەنگىنىدە رامازاندىكى ئۇلۇغ ۋاقىتقا لايىق بىر شەكىلدە قۇللۇق قىلىشنىڭ تەقەززالىرىنى ئورۇنلاش جەھەتتە قەلبكە ياردەم بېرىدۇ. بۇ چاغدا قۇلاقنى ئاللاھ غەزەپلىنىدىغان نەرسىلەردىن ساقلاش روزىنىڭ سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى ئەمەس، بەلكى پەرزلىرىدىن بولۇپ سانىلىدۇ. چۈنكى، خۇددى رەببىمىزنىڭ: ﴿(ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى)نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال – سوراق قىلىنىدۇ﴾(ئىسرا: 36) دېگىنىدەك، قۇلاق يىل بويى ھېسابقا تارتىلىدۇ، رامازان ئېيىدا ئىنساننىڭ قۇلىقىغا قارىتا مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا، رامازاننىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش تېخىمۇ قەبىھتۇر. جابىر([1]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «روزا تۇتساڭ قۇلاق، كۆز ۋە تىلىڭنى ھارامدىن ساقلىغىن»([2]) دېگەن. ئاڭلاش ھارام قىلىنغان ئاۋازلار كۇپۇر سۆزلىرى، گۇناھ ئىبارىلىرى ۋە شەيتان ئازدۇرىدىغان ئاھاڭلاردۇر.
ئەي روزىدار! رامازاننىڭ ھۆرمىتى بىلەن قاتناشقان سورۇن ياكى ئۇچرىشىشلىرىڭدا قۇلىقىڭنى باتىل نەرسىلەردىن ساقلىغىن. ھەربىر باتىل نەرسىنى ئاڭلاشنىڭ ئۆزى (بىۋاسىتە قوبۇل قىلىش، رازىلىق كۆرسىتىش ۋە ياخشى كۆرۈش بىلەن بولغان ۋاقتىدا) بىر باتىللىقتۇر .
ئاللاھ تائالا قۇلاقنى ساقلاشنى مۇئمىنلەرنىڭ ئەڭ خاس سۈپەتلىرىدىن قىلدى. «مۇئمىنۇن» سۈرىسىدە كەلگەن مۇئمىنلەرنىڭ ئون خىل سۈپىتىدە نامازدىكى خۇشۇئنىڭ كەينىدىلا بىھۇدە ئىش ۋە سۆزلەردىن ئۆزلىرىنى ئۇزاق تۇتىدىغانلىقى زىكىر قىلىنغان. ئاللاھ تائالا: ﴿مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. ئۇلار (شۇنداق مۇئمىنلەركى) نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر﴾(مۇئمىنۇن: 1 – 3) دەيدۇ. مۇئمىن دېگەن ياخشى نەرسىلەرنى ئاڭلايدۇ، چۈنكى ناچار نەرسىلەرنى ئاڭلاش قەلبتىكى ياخشى نەرسىلەرنى ئاڭلاشنىڭ ئورنىنى زايە قىلىۋېتىدۇ ۋە نەپسىكە ھەقنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى قالايمىقان كۆرسىتىپ قويىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇلاقلىرىنى پاكىز تۇتقان كىشىلەرنى پاكلاپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ (يەنى قۇلاق سالماي): «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز» دەيدۇ﴾(قەسەس: 55).
رامازاندا قۇلاقنىڭ باتىلنى ئاڭلىماسلىقىغا قارىتا مەسئۇلىيىتى ئېغىرلاشقىنىدەك، ھەقنى ئاڭلاشقا قارىتا مەسئۇلىيىتىمۇ ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى، سەھەر – كەچلەردە جامائەت بولۇپ ئۈنلۈك قىرائەت بىلەن ئادا قىلىنىدىغان پەرز (بامدات، شام ۋە خۇپتەن) ۋە نەفلە (تەراۋىھ قاتارلىق) نامازلار گۈزەل رەۋىشتە دىققەت بىلەن ئاڭلاشنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغاندەك، ئىلىم مەجلىسى ۋە زىكىر سورۇنلىرىمۇ ئاڭلىغۇچىنىڭ تېتىكلىك ۋە دىققەت بىلەن ئاڭلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
«قۇرئان كەرىم» قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە قىلغۇچىلارنى ماختىغان كاتتا ئىبادەت دەل «قۇرئان» ئاڭلاشتۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، «قۇرئان» ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار (يەنى سۆز قىلماڭلار!)﴾(ئەئراف 204). «قۇرئان»دا جىنلارنىڭ ئۆز غەيب ئالىمىدە «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىنغىنىدا جىمجىت بولۇشۇپ، بېرىلىپ ئاڭلىغانلىقىنى مەدھىيەلەپ بىر سۈرە چۈشكەن، ئۇ بولسىمۇ «جىن» سۈرىسى: ﴿(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھيى قىلىندى، ئۇلار (قەۋمىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن) ئېيتتى: بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ «قۇرئان»نى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق﴾(جىن: 1). بىز ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە «قۇرئان كەرىم»نى ئاڭلىغىنىدا خۇددى شۇ جىنلار ئېيتقاننى ئېيتالايدىغانلار بارمىدۇ؟ ﴿بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ «قۇرئان»نى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز﴾(جىن: 1 – 2). قانچىلىك ئىنسان ئۇلار چۈشەنگەننى چۈشىنىپ، ئۇلار چاقىرغان ھىدايەتكە چاقىرىشىدۇ؟ ئۇلار ئۆز قەۋمىنى «قۇرئان» ئېلىپ كەلگەن ھىدايەتكە چاقىرىشقان ئىدى: ﴿ئى قەۋمىمىز! ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ بەزى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ﴾(ئەھقاف: 31).
«قۇرئان»نى ھەقىقىي تۈردە مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن قەلبنى ھازىرلاپ دىققەت بىلەن ئاڭلاش ۋە ئەقىلنى سەگەك تۇتۇش قاتارلىق بىرقانچە شەرتلەر تېپىلغاندا تىڭشالغان «قۇرئان» قۇلاقتىن قەلبكە يېتىپ بارىدۇ: ﴿بۇنىڭدا (ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان) قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى (ۋەز – نەسىھەتكە) ھۇزۇرىي قەلب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلبەتتە ۋەز – نەسىھەتلەر باردۇر﴾(قاف: 37).
ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «‹قۇرئان›دىن مەنپەئەتلىنەي دېسەڭ، ئۇنى ئوقۇغاندا ۋە ئاڭلىغاندا قەلبىڭنى ھازىر تۇت، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ سۆزلەۋاتقان كىشىدەك تۇيغۇدا بول! چۈنكى، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆز ئەلچىسى ئارقىلىق ساڭا قىلغان خىتابىدۇر. مەزكۇر ئايەت بۇلارنى ئىخچام لەۋزى بىلەن تولۇق ئىپادىلىگەن. ئۇشبۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ﴿بۇنىڭدا ئەلبەتتە ۋەز – نەسىھەتلەر باردۇر﴾ دېگەن يەرگە كەلگۈچە مەقسەت ئاللاھ توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىدىغان تىرىك قەلبتۇر. ئەۋۋەلا ‹قۇرئان›دىن ئىبارەت تەسىر كۆرسەتكۈچى بولسا، ئاندىن قوبۇل قىلىدىغان قەلب تىرىك، ئەستايىدىل ۋە ھازىر بولسا، شۇنداقلا قەلبنى مەقسەتتىن باشقا نەرسىگە بۇراپ كېتىدىغان بىرەر ئامىل بولمىسا، ئەنە شۇندا مەنپەئەتلىنىشتىن ئىبارەت مۇراد ھاسىل بولۇر»([3]).
ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ مۇئمىنلەرنى ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، «قۇرئان» ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار (يەنى سۆز قىلماڭلار)﴾(ئەئراف: 204) دەپ ئۆز سۆزىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاشقا بۇيرۇشى قۇلاقلارغا نىسبەتەن بىر شەرەپ ۋە پاكلاشتۇر. ھەمدە بۇ قۇلاقلارنىڭ ئۆزىمۇ شۈكۈر ئېيتىشنى ۋاجىپ قىلىدىغان بىر نېئمەتتۇر: ﴿يەنە سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە يۈرەكلەرنى ياراتتى، سىلەر ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر﴾(سەجدە: 9).
ئاللاھ تائالا ياخشىلىقنىلا ئاڭلاپ يامانلىققا قۇلاق سېلىشتىن يىراق تۇرغان كىشىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. رامازان قۇلاقلارنى تائەتلەر بىلەن پاكلاپ، يامانلىقتىن يىراق قىلىدىغان ياخشى بىر پۇرسەتتۇر. ئاڭلاشنىڭ ئۆزى ئالاھىدە بىر ئىبادەت بولۇپ، بۇ توغرىسىدا ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ ئاللاھ ۋە رەسۇلى ۋاجىب قىلغان ئىمان ۋە ئىسلامغا ئالاقىدار پەرزلەرگە قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش، شۇنداقلا ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازلاردىكى ئىمامنىڭ قىرائىتىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىش بىلەن بىرگە جۈمەنىڭ خۇتبىسىگە قۇلاق سېلىش ۋاجىپتۇر.
كۇپۇر ۋە بىدئەتكە قۇلاق سېلىش ــ ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىش ياكى كۇپۇر ۋە بىدئەت ئەھلىگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىش، ياكى كۇپۇر ۋە بىدئەتنى تونۇش بىلەن ئىمان ۋە سۈننەتنى يەنىمۇ قۇۋۋەتلەندۈرۈشكە ئوخشاش كۈچلۈك مەنپەئەت بولمىغان ۋاقتىدا ــ ھارامدۇر. ھەمدە ئاللاھنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ھەققىنى ياكى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە نەسىھەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇسۇلمانغا ئەزىيەت بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان، سېنىڭ بىلىپ قېلىشىڭنى خاھلىمايدىغان بىر قېرىندىشىڭنىڭ سىرلىرىغا قۇلاق سېلىشىڭ ھارامدۇر. يەنە شۇنداقلا گۇۋاھلىق بېرىش ياكى قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر مۇئامىلە، پەتۋا سوراش، سوتلىشىش ۋە ياكى داۋالاش دېگەندەك ئاۋازلىرى بىلەن پىتنە بولۇشىدىن قورقۇلىدىغان نامەھرەم ئاياللارغا قۇلاق سېلىش ھارامدۇر.
ۋە يەنە خىلمۇخىل چالغۇ ئەسۋابلىرىغا قۇلاق سېلىش ھارامدۇر. چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئاۋازى كىشى ئاڭلاشنى خاھلىمىغان ۋاقىتتىمۇ قۇلاققا كىرىپ قالغان بولسا، قۇلىقىنى ئېتىۋېلىش ۋاجىپ ئەمەس. لېكىن، شۇ ساز – چالغۇلارغا مايىللىقتىن ۋە قۇلاق سالغان ۋاقتىدا ھارامغا ئېلىپ بارغۇسى ئامىللاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاڭلاشتىن ساقلىنىش ۋاجىپتۇر. مۇستەھەپ ئىلىملەرگە، ‹قۇرئان› قىرائىتىگە، ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا ۋە پەرز بولمىغان، ئەمما ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان پۈتۈن نەرسىلەرگە قۇلاق سېلىش مۇستەھەپتۇر. مەكرۇھ بولسا جازا كەلمەيدىغان پۈتۈن يامان كۆرۈلگەن نەرسىلەرگە قۇلاق سېلىشتۇر. مۇباھ ئوچۇق – ئاشكارىدۇر»([4]).
ئى ئاللاھ! سەن بىزنى ياشاتقان مۇددەتچە قۇلاقلىرىمىزغا، كۆزلىرىمىزگە ۋە كۈچ – قۇۋۋەتلىرىمىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن! ھاياتىمىز بويىچە بىزنى شۇلاردىن ئايرىمىغىن!… ئامىن!
مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف
نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
([1]) ئەبۇ ئابدۇللاھ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھـەرام ئەسسەلىمىي ئەلئـەنسارىي (جَابِرُ بنُ عَبْدِ اللهِ بنِ عَمْرِو بنِ حَرَامٍ السَّلِمِيُّ الْأنْصَارِيّ، ھ. بۇرۇن 16 – ھ. 78 / م. 607 – 697) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ــ «ئەقەبە بەيئىتى»گە ئاتىسى بىلەن قاتناشقان، كېيىن «رىزۋان بەيئىتى»گە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن 15 غازاتقا قاتناشقان كاتتا ساھابە. ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان (1٫540 ھەدىس) ئالىم زاتلاردىن. ــ ت.
([2]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 21 – بەت.
([3]) ئىبنۇلقەييىم: «فەۋائىد»، 3 – بەت.
([4]) ئىبنۇلقەييىم: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 1 – توم، 115 – بەت.