رامازاندىكى تىلىڭىز

رامازاندىكى تىلىڭىز

رامازاندا تىلنىڭمۇ بەزى ۋاقىتلاردا زىكىر ئېيتىش ۋە بەزى ۋاقىتلاردا سۈكۈت قىلىشتىن ئىبارەت ئىبادىتى باردۇر. سۈكۈت قىلىشمۇ ھەزرىتى مەريەم ئېيتقاندەك روزىنىڭ مەنىلىرىدىن بىرىدۇر: ﴿مەن ھەقىقەتەن راھمان تائالاغا شۇنداق بىر روزىنى نەزر قىلدىمكى، بۈگۈن ھېچبىر ئىنسانغا سۆز قىلمايمەن﴾(مەريەم: 26). ھەزرىتى مەريەم ۋەدە قىلغان روزا گەپ قىلماسلىق ۋە سۈكۈت قىلىش ئىدى. ۋەھالەنكى، بىزنىڭ روزىمىزدا تەلەپ قىلىنغان سۈكۈت قىلىش تىل ئارقىلىق سادىر بولغۇسى گۇناھلاردىن، گەپ – سۆزنىڭ ئاپەتلىرىدىن ساقلىنىشتۇر. گەپ – سۆزنىڭ ئاپەتلىرى بولسا پەرۋا قىلماستىن تىلدىن سادىر بولغان نەرسىلەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەرنى دوزاخقا دۈم تاشلايدىغان نەرسە شۇ تىللىرى بولماي نېمە؟»([1])

تىلنىڭ ئاپەتلىرى بولسا غەيۋەتخورلۇق، سۇخەنچىلىك، يالغانچىلىق، مەسخىرىۋازلىق، ھاقارەتخورلۇق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە مەنسىتمەسلىك دېگەندەك تولىمۇ كۆپتۇر.

يۇقىرىقىلاردىنمۇ يامانراقى، يەنى كىشى ئاللاھقا خالىس تەۋبە قىلمىغىنىدا جەھەننەمدە ئەبەدىي قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغىنى كۇپۇر ۋە شېرىك سۆزلەردۇر.

ئىنسان روزىسىدا تىلىنى ھارام قىلىنغان ئاپەتلەردىن قوغدىمىسا، تۇتقان روزىسىنىڭ پايدىسى نېمە؟! مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ روزا تۇتۇشتىن مەقسەت قىلىنغان تەقۋالىق ئەمەلىيلىشەمدۇ؟! تىلنىڭ ئاپەتلىرىدىن بىرى بولغان يالغانچىلىق روزىنىڭ روھىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ ۋە يوق قىلىۋېتىدۇ. ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «(روزىدار) كىشى يالغان سۆزلەش ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىشنى تەرك ئەتمىسە، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنىڭ يېمەك – ئىچمىكىنى تەرك ئېتىشىگە ئېھتىياجى يوقتۇر»([2]). شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا بىر ھەدىستە: «روزا بىر قالقاندۇر، بىرىڭلار روزا تۇتقان بولسا، سەت گەپ قىلمىسۇن، پاسىقلىق قىلمىسۇن، ۋارقىراپ – جارقىرىمىسۇن. ئەگەر بىرى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن تىللاشسا، ‹مەن روزىدار› دېسۇن»([3]) دەپ بۇيرۇش ئارقىلىق روزىنىڭ ئاساسىنىڭ يىمىرىلىپ كېتىپ، قالقان ياكى قوغدىغۇچى بولالماي قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناشايان سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ئەخلاقسىزلىق ۋە پۈچەك تەبىئەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. شۇ قاتاردا پاسىقلىق ۋە جاھالەت كەبى ئىككى چوڭ نۇقسان سەۋەبلىك ئاغزىدىن نامۇناسىب سۆزلەرنىڭ تۆكۈلۈشى روزىنىڭ جەھەننەمدىن قوغدىغۇچى قالقانلىق سۈپىتىنى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ.

ئىمام ئىبنۇل جەۋزىي مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار يېمەك – ئىچمەكتىن روزا تۇتىدۇ – يۇ، گەپ – سۆزدىن روزا تۇتمايدۇ؛ كېچىلىرى داۋاملىق قىيامدا تۇرىدۇ – يۇ، لېكىن ئىنسانلارغا ئەزىيەت بېرىدۇ. بۇ تۈرلۈك كىشىلەر تىلى ۋە ھەرىكىتى سەۋەبلىك گۇناھكاردۇر، روزىسى ۋە كېچىلىك قىيامىدا ئەجىر – مۇكاپاتسىزدۇر. قېنى ھىدايەتتىن ئۇزاقلىشىپ، يامان يوللارغا باشلامچىلىق قىلغۇچىلار؟ قېنى گۇناھلار قەلبىنى قارايتىۋەتسىمۇ تەۋبىگە ئالدىرىمىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقمىغان كىشىلەر؟ ئەي مىسكىن! ھالىڭغا ۋاي! رەھمەت ۋە مەغپىرەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رامازان ئېيىنى غەنىيمەت بىل! ئى مىسكىن! ئۆلۈم ئىشىك قېقىشتىن ئىلگىرى بۇرۇلۇپ نەپسىڭگە بىر قارا!»([4])

ئى روزىدار دوستۇم! بۇ ئازغىنە كۈنلەرنى ئۇلۇغلاڭ، غەنىيمەت بىلىڭ، راست بولسۇن ياكى چاقچاق بولسۇن، خۇشال ۋاقتىڭىزدا ياكى ئاچچىقلانغان ۋاقتىڭىزدا، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تىل قىلىچىدىن ۋە گەپ – سۆز ئوقىدىن روزىڭىزنى قوغداڭ!

ئى روزىدار قېرىندىشىم! رامازان ئېيى تىلىڭىزنى ھەقتائالاغا قۇللۇق قىلىشقا كۆندۈرۈشىڭىز ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەتتۇر. پەرز، ۋاجىپ ۋە مۇستەھەپلەردە قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردا، ھارام ۋە مەكرۇھلاردىن يىراق تۇرۇشتا تىلىڭىزنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك قۇللۇقلىرى باردۇر.

ئىمام ئىبنۇلقەييىم بۇ قۇللۇقلارنى زىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ قىسىملىرىنى ۋە ھەر قىسىمغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تىلنىڭ بەش تۈرلۈك قۇللۇقى باردۇر. ئۇلاردىن ۋاجىپ بولغانلىرى:

¯ ئىككى شاھادەتنى تەلەپپۇز قىلىش؛

¯ نامازنىڭ دۇرۇس ئادا تېپىشى ئۈچۈن ‹قۇرئان كەرىم›دىن (يادقا) تىلاۋەت قىلالىغۇدەك ئايەتلەرنى توغرا تىلاۋەت قىلىش؛

¯ رۇكۇ ۋە سەجدىلەردىكى تەسبىھ، رۇكۇدىن قوپقاندىن كېيىن ‹رەببەنا لەكەل ھەمد› دېيىش، تەشەھھۇد ۋە تەكبىرگە ئوخشاش ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇيرۇغان نامازدىكى ۋاجىپ زىكىرلەرنى تەلەپپۇز قىلىش.

تىلنىڭ ۋاجىپلىرىنىڭ قاتارىدىن يەنە: سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش، باشتا سالام قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقىدا ئىككى خىل قاراش بار. ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش، بىلىمىگەنگە ئۆگىتىش، توغرا يولنى كۆرسىتىش، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك گۇۋاھلىقنى ئادا قىلىش ۋە راست گەپ قىلىش قاتارلىقلار باردۇر.

مۇستەھەپ بولغىنى: «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىش، داۋاملىق ئاللاھنى ئەسلەش، پايدىلىق ئىلىملەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۆگىنىش ۋەھاكازالار.

تىلغا ھارام قىلىنغان نەرسىلەر: ئاللاھ تائالا رەسۇلىنى ئەۋەتكەن نەرسىگە قارشى بىدئەتلەرنى سۆزلەش، ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش، ئۇنى گۈزەل كۆرسىتىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ھاراملىقى ئەڭ ئېغىر بولغان ــ ئاللاھ توغرىسىدا ئىلىمسىز گەپ قىلىشقا ئوخشاش ــ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى يامان كۆرىدىغان بارلىق يامان نەرسىلەرنى سۆزلەش.

تىلغا مەكروھ بولغان نەرسىلەر: گەپ قىلماسلىق ياخشى بولغان ئىشلاردا گەپ قىلمىسا جازالانمايدىغان تۇرۇقلۇقمۇ گەپ قىلىپ يۈرۈش»([5]).

تىل بەدەندىكى قالغان ئەزالارغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا ھەدىستە: «ئادەم ئەۋلادى تاڭ ئاتقۇزۇشى بىلەن بارلىق ئەزالىرى تىلغا يالۋۇرۇپ: ‹ئاللاھتىن قورق، بىزنىڭ بارلىقىمىز سېنىڭ بىلەن بىرگە. سەن توغرا بولساڭ، بىزمۇ توغرا بولىمىز؛ سەن ئەگرى بولساڭ، بىزمۇ ئەگرى بولىمىز› دەيدۇ»([6]) دېيىلگەن.

ئىنسان قىلالايدىغان ئەڭ ئاسان ئىش گەپ قىلىش بولۇشى مۇمكىن، تىلنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى قولاي، ئۇدۇللا بولىدىغان بولسىمۇ، لېكىن مەسئۇلىيىتى ناھايىتى ئېغىردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، «سۈكۈت قىلىش بەكمۇ ئاز كىشى ئورۇندىغان ھۆكۈمدۇر» دېيىلگەن.

ئاز گەپ قىلىش سالىھلەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىدۇر، ئۇلار پەقەت گەپ قىلىش زۆرۈر بولغان نەرسىلەردىلا ياكى باشقىلارغا پايدا يەتكۈزىدىغان ۋە ياكى باشقىلاردىن پايدا ئالىدىغان نەرسىلەردە گەپ قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دەيدۇ: «تىلىڭنى يىغ، ئۆيۈڭدە ئولتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن يىغلا»([7]) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزى بىلەن مۇئازغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش بىلەن تىلنى قوغداش ئارىسىدىكى كۈچلۈك ئالاقىنى ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

رامازاندا روزىنى بۇزغۇچى بارلىق ناچار ئامىللاردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋالىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، تەقۋالىق بولسا تىلىنى تۇتۇۋېلىشقا باغلىقتۇر. دېمەك، مەيلى قاچانلا بولسۇن، تىلنىڭ روزىسى باشقا ئەزالارنىڭ روزىسىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.

مۈشكۈلاتلىرىمىزدىن بىرى ھەم شۇكى، تىللىرىمىزدىن پەرۋاسىزلارچە سادىر بولغان گەپ – سۆزلەرگە توشۇپ كەتكەن ئەمەل دەپتىرىمىز بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىمىزدا، بىز تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەلنىڭ قىممىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىمىزدۇر. چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن، مىسال تەرىقىسىدە بىر يىل ئىچىدە قىلىشقان گەپ – سۆزلىرىمىز تېلېفون تالونىغا ئوخشاش تالون شەكىلدە كەلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى! ئەجەبا ئۇ تالوننىڭ ئىچىگە قىلىشقان گەپ – سۆزلەرنىڭ سانى، ۋاقتى، قايسىسى ھەق، قايسىسى باتىل، ياخشىسى نەچچە، يامىنى نەچچە، قانچە ساۋاب، قانچە گۇناھ ھەممىسى بىرمۇبىر يېزىلغان بولسا، بۇ تالون قانچە بەت ۋە ھەربىر بەت ئۈچۈن تۆلەشكە تېگىشلىك نەرخ قانچىلىك بولار – ھە؟!

ئەجەبلىنەرلىكى، بەزىلىرىمىز ھاياتىنىڭ بىرنەچچە كۈنى ياكى سائەتلىرىگە قىياسلىغىلى بولمايدىغان بىرقانچە مىنۇتلۇق پاراڭ خاتىرلەنگەن تېلېفون تالونىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، سېكۇنت – سانىيەلىرى بىلەن خاتىرلەنگەن شۇ تالوننىڭ ناھايىتى قىممەت توختاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىنىمىزدە، چېكىمىزدىن تەرلەر ئاققان ھالدا بۇنچىلىك چىقىمغا سەۋەب بولغان شۇ پاراڭ ھەققىدە ئويلىنىمىز. مۇشۇنچىۋىلا چىقىم تۆلىنىشكە ھەقلىقمۇ؟ بۇ پاراڭلىشىشلارنىڭ شۇ چىقىملارغا تەڭ كەلگۈدەك قىممىتى بارمىدى؟! بەزى كىشىلەر ناھايىتى چىڭلىق قىلىپ، تېلېفون قىلىپ ياكى ئۇچۇر ئەۋەتىپ چىقىمدار بولماسلىق ئۈچۈن، تېلېفونىنى پەقەت كەلگەن تېلېفونلارنىلا قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما ئۆزى تېلېفون قىلغىلى ۋە ئۇچۇر ئەۋەتكىلى بولمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئەقىللىق كىشى گەپ قىلىشتىن كۆپرەك ئاڭلاش ئۈچۈن بەزى مۇھىم ئىشلىرىنى قۇلىقىغا ھاۋالە قىلغان ۋاقىتتا تىلى بىلەن مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ كىشى قىيامەت كۈنى گەپ – سۆزلىرىنىڭ تالونلىرىنى ئۆتىيەلمەسلىكتىن قورقىدۇ.

ئى روزىدار قېرىندىشىم! ئاخىرەتنىڭ ھېسابات تالونى ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە چىگىش بىر شەكىلىدە تىلىڭىزدىن پەرۋاسىزلەرچە تۆكۈلگەن گەپ – سۆزلىرىڭىزگە ئاساسەن بولىدۇ.

بۇ تالونلارنىڭ ئېغىرلىقىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن يېگانە چىقىش يولىڭىز شۇكى، سىزنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭىزغا ھېرىسمەن، مۇئمىنلەرگە ئامراق ۋە كۆيۈمچان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەسىيىتىنى تۇتۇپ مېڭىشىڭىزدۇر. ئۇ زات مۇنداق دېگەن: «تىلىڭنى يىغ!»

 

ئى ئاللاھ! تىللىرىمىزنى سېنى ئەسلەيدىغان، ساڭا شۈكۈر ئېيتىدىغان ۋە سېنىڭ دىنىڭغا دەۋەت قىلىدىغان قىلىپ بەر، تىللىرىمىزنى بىزنى ھالاكەتكە باشلىغۇچى پايدىسىز ئىشلاردىن ئۇزاق قىلىپ بەرگىن… ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


([1]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 21008 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 2616 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 3963 – ھەدىس. ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن.
([2]) «بۇخارىي»، 1903 – ھەدىس.
([3]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1904 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1151 – ھەدىس.
([4]) ئىبنۇل جەۋزىي: «بۇستانۇل ۋائىزىن»، 312 – بەت.
([5]) ئىبنۇلقەييىم: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 1 – توم، 114 -، 115- بەتلەر.
([6]) «تىرمىزىي»، 2407 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 11472 – ھەدىس. ئەبى سەئىدنىڭ رىۋايىتى، ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن.
([7]) تىرمىزىي: («سۈنەن»، 2406 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ