كۆپ نىكاھلىقلارنىڭ مىراسلىرى قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟

كۆپ نىكاھلىقلارنىڭ مىراسلىرى قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز!‏‏ دىيارىمىزدا كۆپ نىكاھلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا كېيىنكى ئايالىنى چوڭ ئايالى ۋە تۇغقانلىرى ئاساسەن بىلمەيدىغانلار كۆپ ئىكەن، چۈنكى ھەرقانچە تەقۋا مۇسلىمەمۇ، ئېرىگە ئىككىنچى ئايال نىكاھلاپ بېرىشكە قوشۇلمايدىكەن. ئەگەر يوشۇرۇن نىكاھ قىلغان ئەر ياكى ئايالدىن بىرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇلارنىڭ مىراسلىرى قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟ ئايالنىڭ مېلى كۆپ بولسىچۇ؟ مەيلى ئەر ياكى ئايال تەرەپ بولسۇن، ئۇلارنىڭ خۇتۇن – بالىلىرى ئۇ نىكاھتىن خەۋەرسىز تۇرسا، بۇ مەسىلىنى كىم بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ بىر تەرەپ قىلىشقا ئىمكان بولمىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەر كىشىگە مەلۇم شارائىتتا مەلۇم شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا، بىر ۋاقىتتا تۆتكە قەدەر خوتۇن ئېلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقى ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرھاللىقى ۋە تۈرلۈك جەمئىيەت ۋە شارائىتلاردا ئەمەلىي تەتبىقلىنىشقا ماس بولغانلىقىدىندۇر. بۇ شەرتلەر ئۇ ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولۇپ، ئەر كىشى بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلالايدىغان بولسا، بىردىن ئارتۇق خوتۇن ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنغانلار قاتارىغا كىرىدۇ. بولمىسا ئارتۇق ئېلىش چەكلىنىدۇ.

كۆپ نىكاھلىق ئەر ھايات ۋاقتىدا خوتۇنلىرىغا ۋە ئۇ خوتۇنلاردىن بولغان پەرزەنتلىرىگە تەڭ – باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى شەرت قىلىنىپ، خوتۇن، بالىچاقىلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقى قوغدالغاندەكلا، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ شەرىئەت بەلگىلىگەن بويىچە مىراستىن بەھرىمەن بولۇش ھەققىمۇ قوغدالغان.

ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزگەن كىشى ئىنساپ بىلەن قارايدىغان بولسا، بىردىن ئارتۇق خوتۇن ئېلىش مەسىلىسىدە دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئىسلام شەرىئىتىنى تەنقىدلىشىنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئاسانلا ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالايدىغانلىقى بىر ھەقىقەت بولسا، كۆپ نىكاھلىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە مۇسۇلمانلارنىڭ تولۇق رىئايە قىلىپ كېتەلمەيۋاتقانلىقىنىڭ شەرئى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردە نۇرغۇن ئېگىز – پەسلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىمۇ بىر ھەقىقەتتۇر.

ئىككىنچى نىكاھ بىرنەچچە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن شەرتلىرى تولۇق بولغان ئەھۋالدا، بۇ نىكاھ شەرىئەتتە ئېتىراپ قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى توي خېتى بىلەن ئىسپاتلاشنىڭ قىيىنلىقى، توينى جاكارلىماسلىق، بۇرۇنقى خوتۇنىغا، بالىچاقىلىرىغا، ئىككىنچى خوتۇننىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرالماسلىق تۈپەيلى، نۇرغۇن زىيانلار كېلىپ چىقىدۇ.

مەسىلەن، ئىككىنچى ئايالنى قورساق كۆتۈرمەسلىككە زورلاش ئارقىلىق ئۇنى پەرزەنت كۆرۈش ھەققىدىن مەھرۇم قىلىش، قورساق كۆتۈرگەن ئەھۋالدا ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە زورلاش، ئىككىنچى خوتۇننى يوشۇرغانلىقتىن ئۆزىنىڭ ئايالىغا ئۆزى ئىگە بولالماسلىق، خوتۇنلىرى ۋە پەرزەنتلىرىگە ئادالەت تەقەززاسى بويىچە مۇئامىلە قىلالماسلىق، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى سىلە – رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇش، رەسمىي توي خېتى ۋە نوپۇس كۆتىكىگە ئورناتمىغانلىقتىن كېيىنچە خوتۇن، بالىچاقىلىرىنىڭلا نەپىقە ۋە مىراسلىرىنى ئەمەس، بەلكى تېخى ئايالى بۇرۇن تۈگەپ كەتسە، ئۆزىنىڭمۇ مىراس ھەققىنى زايە قىلىۋېتىش… ۋەھاكازالار.

مىراس مەسىلىسى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى. چۈنكى، ئىسلام شەرىئىتى مىراس مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ئاللاھ تائالا ھەربىر مىراسخورنىڭ نېسىۋىلىرىنى كىتابىدا تەپسىلىي بايان قىلغان. مىراسنى شۇ بويىچە تەقسىم قىلىش بولسا، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز قىلىنىپ، بۇ بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشتا ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، بەلگىلىمىلەرگە تاجاۋۇز قىلىدىغانلارغا دوزاختا مەڭگۈلۈك ئازاب ۋەدە قىلىنغان.

ئەر ئۆلۈپ كەتسە، ئايالىنىڭ مىراسى «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق بېكىتىلگەن:

1. ئېرىنىڭ پەرزەنتى يوق بولسا، پۈتۈن مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدۇ.

2. ئېرىنىڭ پەرزەنتى بولسا، پۈتۈن مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرىنى ئالىدۇ.

مېيىتنىڭ بىرنەچچە ئايالى بولغان ئەھۋالدا، يۇقىرىدا بەلگىلەنگەن مىراسنى ئۇلار ئۆزئارا تەڭ بۆلۈشىدۇ.

ئاياللاردىن بىرى تۈگەپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئايالىنىڭ پەرزەنتى بولسا، ئېرى پۈتۈن مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدۇ. پەرزەنتى بولمىسا، پۈتۈن مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ.

پەرزەنتلەرنىڭمۇ نېسىۋىلىرى ھەربىر ئوغۇلغا قىزنىڭ ئىككى ھەسسە ئۆلۈشى بويىچە قۇرئاندا تەپسىلىي بېكىتىلگەن.

ئەمدى سىزنىڭ سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، ئەر – خوتۇنلاردىن بىرى تۈگەپ كەتسە، ئۇنىڭ مىراسى شەرىئەت بېكىتكەن بويىچە، يۇقىرىقىدەك بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىم. ئايالنىڭ مال – مۈلكى ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن، ئوخشاشلا ئېرى قالدۇرغان مىراستا ئۇنىڭ ئاللاھ بېكىتكەن ھەققى بار ۋە ئۇنىڭ بۇ ھەققىنى تەلەپ قىلىش ھەققى بار. شۇنداقلا، ئەرنىڭمۇ ئايالى قالدۇرغان مىراستا ھەققى بار.

لېكىن، ئۇنىڭ مېيىتنىڭ ئايالى ياكى ئېرى ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ؟ شەرىئەت نىكاھتا ئەڭ ئاز دېگەندە راۋۇرۇس ئىككى ئەر كىشى نىكاھقا گۇۋاھ بولۇشىنى نىكاھنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن شەرت قىلغان بولغاچقا، كېيىنچە مۇشۇنداق ئىسپاتلاش ئېھتىياجى كۆرۈلگەندە گۇۋاھچىلار نىكاھنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن رولىنى جارىي قىلدۇرۇشى، گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشكە چاقىرىلسا باش تارتماسلىقى لازىم. باش تارتسا گۇناھكار بولۇش بىلەن بىللە، باشقىلارنىڭ ھەققىنى زايە قىلىۋەتكەن بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن ھەق ئىگىسى بولغان مىراسخور پۈتۈن مىراسنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان باشقا مىراسخورلاردىن مىراسىنى تەلەپ قىلىشى لازىم. دەۋاگەر ئالدى بىلەن گۇۋاھچىلار ئارقىلىق مېيىت بىلەن ئۆزىنىڭ ئەر – خوتۇنلۇق ياكى پەرزەنتلىك مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئەھۋالدا باشقا مىراسخورلار ئۇلارنىڭ مىراسخورلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بېرىشى لازىم. بەرسە بەردى، بەرمىسە، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالغان بولىدۇ ۋە ئۇ ھەق ئاخىرەتكە قالىدۇ.

ھەق ئىگىسى بولغان مىراسخور مىراسىنى ئالالمىسا، بۇنىڭ سەۋەبچىسى دەسلىپىدە يوشۇرۇن نىكاھ قىلغان ئەر – ئايال بولىدۇ. كېيىن بۇنىڭ گۇناھى ئۇلارنىڭ مىراسخورلىقى گۇۋاھچىلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مىراسىنى بەرمىگەنلەرگە بولىدۇ. ئەگەر مىراسخور ئۆزىنىڭ مىراسخورلىقىنى گۇۋاھچىلار ئارقىلىق ئىسپاتلىيالمىغان ئەھۋالدا، بۇ ئاقىۋەتكە ئۆزى ۋە نىكاھىغا گۇۋاھ بولغان گۇۋاھچىلار مەسئۇل بولىدۇ. چۈنكى، توي قىلغۇچى نىكاھقا گۇۋاھ بولۇشقا تۈزۈك گۇۋاھچىنى ئەكەلمىگەن. گۇۋاھچىمۇ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشتەك باش تارتىشقا بولمايدىغان بۇرچىنى ئادا قىلمىغان.

بۇ ئاقىۋەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بىر يولى شۇكى، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، مىراس ھەققىنى ئالالماي قالغان مىراسخورنىڭ شەرىئەتتە ئۆزىگە تېگىشلىك مىراسىنىڭ مىقدارىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ئاز مىقداردا پۇل ياكى باشقا مۈلۈك ئېلىپ، ئۆز رازىلىقى بىلەن مىراس ھەققىدىن ۋاز كېچىشتىن ئىبارەت سۈلھ قىلىپ، بۇ دەۋانى چىرايلىقچە بىر تەرەپ قىلىشىدۇر. بۇ سۈلھ ئارقىلىق مىراس مەسىلىسى ھەل بولغان، ھەممەيلەن گۇناھ ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلغان بولىدۇ.

بۇ ئۇسۇلنى ئۆلىمالار مىراس ئىلمىدا «مۇخارەجە» دەپ ئاتايدۇ. بۇ مىراسخورلارنىڭ بەزىلىرى بىرەرسىنى مەلۇم مىقداردىكى مۈلۈك بەدىلىگە مىراستىن چىقىرىۋېتىشكە ئۆزئارا سۈلھ قىلىش دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ ئادەتتە، دەۋا – دەستۇرلاردا سۈلھلىشىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇنىڭ جائىزلىقىدا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.(1)

بۇ سۈلھ توختامى پۈتكەن تەقدىردە، ھەققىدىن ۋاز كەچكەن مىراسخور ئالغان مال – مۈلۈككە ئىگە بولىدۇ – دە، ئۇنىڭ مىراستىكى نېسىۋىسى سۈلھلەشكەن باشقا مىراسخورلارغا ئۆتۈپ كېتىپ، ئۇلارغا خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا، ئۇ مىراسخورنىڭ نېسىۋىسىنىمۇ ئومۇم مىراس قاتارىدا ئۆز نېسىۋىلىرى بويىچە ئۆزئارا تەقسىم قىلىنىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئىككى شېرىك ۋە ۋارىسلار مالنى تەقسىم قىلغاندا ئۆزئارا رازىلىشىپ، بىرى نەق بار تاۋارنى ئېلىپ، يەنە بىرى كىشىلەردىكى قەرزنى ئالسا بولىدۇ، ئەگەر بىرىنىڭ نېسىۋىسى ھالاك بولسا، يەنە بىرىدىن تۆلىتىپ ئالالمايدۇ» دېگەن.(2)

تابىئىنلاردىن ھەزرىتى ئەتاﺋ:

— مال – مۈلۈك ۋە نەرسە – كېرەك ئەشيالارنى مىراس ئالغان ئىككى كىشى مىراسنى تەقسىم قىلماي تۇرۇپ، بىرى ھەققىنى يەنە بىرىگە سېتىۋەتسە بولامدۇ؟ — دەپ سورالغاندا:

— ھەئە، —دەپ جاۋاب بەرگەن.(3)

بۇنىڭ جائىزلىقىنىڭ ئاساسلىق دەلىلى ساھابەلەر دەۋرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئاغرىق ياتقان ۋاقتىدا ئايالى تۇمازىر بىنتى ئەسبەغنى تالاق قىلىۋەتكەن ۋە ئۇ ئايالى ئىددەتتىكى چاغدا ۋاپات بولغان. ھەزرىتى ئوسمان ئۇ ئايالغا مىراس بەرمەكچى بولغاندا ئابدۇرەھماننىڭ باشقا ئۈچ ئايالى ئۇ ئايال بىلەن سۈلھلىشىپ، ئۇ ئايال ئالىدىغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى بولغان 83 مىڭ (تىللا ياكى تەڭگە) نى ئۇ ئايالغا بېرىپ رازى قىلغان. بۇ ئەھۋال خەلىفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ساھابەلەر ئىجماﺋ قىلغاندۇر.(4)

بۇ تەرىقىدە قىلىنغان سۈلھ توختامى مىراستىن چىقىپ كەتكەن ۋە قالغان مىراسخورلارنىڭ ھەممىسى رازى بولغان ئەھۋالدا، قولايلاشتۇرۇش ۋە تالاش – تارتىشنى ھەل قىلىش يۈزىسىدىن جائىز بولىدۇ. بۇنىڭ جائىز بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر تېپىلىشى كېرەك:

1. ھەربىر مىراسخورنىڭ بالاغەتكە يەتكەن ئاقىل كىشى بولۇشى ۋە ئۆز ئىرادىسى بىلەن رازى بولغان بولۇشى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نارەسىدە ياكى ساراڭ كىشى بولۇپ قالسا، بۇ سۈلھ توغرا بولمايدۇ.

2. پۈتۈن مىراسنىڭ مىقدارىنى بىلگىلى بولىدىغان بولسا، ھەربىر مىراسخور نېسىۋىسىنى ئېنىق بىلگەن بولۇشى شەرت. بىلگىلى بولىدىغان نېسىۋىسىنى بىلمەي تۇرۇپ سۈلھلەشسە سۈلھ توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ نېسىۋىسىنى ئاز ئويلاپ مىراستىن ۋاز كېچىشكە رازى بولغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە، نېسىۋىسى كۆپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا نامەلۇملۇق ۋە قاراڭغۇلۇق بولىدۇ. ئىمام شافىئىيمۇ بۇنى ئېنىق تەكىتلىگەن ۋە: «سۈلھ قىلغۇچى ھەربىر تەرەپ، ئۆزىنىڭ ھەققىنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ سۈلھ قىلغان بولسا، سۈلھ جائىز بولمايدۇ» دېگەن.(5)

قازى شۇرەيھ: «قانداق بىر ئايال ئېرى قالدۇرغان مىراس مىقدارىنى بىلمەي تۇرۇپ سۈلھ قىلغان بولسا، بۇ گۇمانلىق ئىشتۇر» دېگەن.(6)

ئىمام ئەھمەد قازى شۇرەيھنىڭ بۇ سۆزىگە ئاساسلىنىپ، نېسىۋىسىنى بىلىپ سۈلھلىشىشنى شەرت قىلغان.(7)

ئىمام ئىبنى ھەزممۇ قازى شۇرەيھنىڭ ئاشۇ سۆزىنى بايان قىلغاندىن كېيىن: «بۇمۇ سۈلھنىڭ پەقەت مىقدارى ئېنىق بولغان ھەقنى ئىقرار قىلغاندا جائىز بولىدىغانلىقىنىڭ بايانىدۇر» دېگەن. ئىمام بەيھەقىيمۇ ھەزرىتى ئابدۇرەھمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالىنىڭ سۈلھلىشىش ۋەقەلىكىنى بايان قىلىپ: «بۇنى ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى بىلىپ سۈلھ قىلغان دەپ چۈشىنىمىز» دېگەن.(8)

ئەمما، پۈتۈن مىراس مىقدارىنى بىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋالدا، نېسىۋىسىنى بىلەلمىگەن مىراسخورنىڭ بەدەل ئېلىپ سۈلھ قىلسا جائىزلىقىنىڭ دەلىلى ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىستۇر: ئىككى كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مىراس دەۋاسىنى قىلىپ كەلگەن. ئۇ ئىككىسىنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئىسپاتى يوق بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ دەۋالشىسىلەر، پاكىتىنى قويۇشتا بەزىلىرىڭلار بەزىلىرىڭلاردىن گەپكە ئۇستىراق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، مەن كىمگە قېرىندىشىنىڭ ھەققىدىن بىرەر نەرسىنى بۇيرۇپ بېرىپ ھۆكۈم قىلغان بولسام، ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭغا بىر پارچە ئوتنى پارچىلاپ بەرگەن بولىمەن. شۇڭا، ئۇنى ئېلىپ قالمىسۇن» دېۋىدى، ئۇلار يىغلاپ كېتىپ، ھەربىرى: مېنىڭ ھەققىم سېنىڭ بولسۇن دېيىشتى. بۇنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ: «قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپسىلەر. ئەمدى توغرا يوسۇندا بۆلۈشۈشكە تىرىشىپ بۆلۈشۈڭلار، ئاندىن چەك تاشلىشىپ ھالاللىشىڭلار» دېدى.([9])^

ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر: «بۇ ھەدىستە ھاكىم ھۆكۈم قىلىپ قويمىسىمۇ، شېرىكلەر ئۆزئارا بۆلۈشىۋالسا بولىدىغانلىقىغا،…نامەلۇم بولغان ھەقتىن ئۆتۈۋېتىش، ئۇنىڭغا سۈلھلىشىش ۋە ئۇنى بېرىۋېتىشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل بار» دېگەن.(10)

بۇنىڭغا ئاساسەن، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتكەنلىكتىن پۈتۈن مىقدارىنى ئېنىق بىلگىلى بولمىغان بولسا، بۇ چاغدا نېسىۋىسىنى بىلمىگەن مىراسخور مىقدارى مەلۇم بەدەل ئېلىپ، ھەققىدىن ۋاز كەچسە بولىدۇ.

3. بەدەلنىڭمۇ، مىراستىكى نېسىۋىسىنىڭمۇ مىقدارى ئېنىق بولغاندىن كېيىن ۋاز كەچكەن مىراسخورنىڭ سۈلھدە ئالغان بەدىلى ئۆز نېسىۋىسىدىن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھەر ئىككى ئەھۋالدا جائىز. لېكىن، مىراس نەق پۇل بولغان ئەھۋالدا، بەدەلگە پۇل ئالسا، پۇلنى پۇلغا ئالماشتۇرۇشتا شەرت قىلىنغان نەقمۇنەق بولۇشتەك شەرتلەرگە رىئايە قىلىنمىسا جازانە شۈبھىسى پەيدا بولۇپ قالىدۇ.(11)

4. سۈلھ قىلىپ مىراستىن ۋاز كەچكەن مىراسخور بىر كىشى بولسۇن ياكى بىرنەچچە كىشى بولسۇن، ئوخشاشلا جائىز. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىككىنچى ئايالى پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە بىرىنچى ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن سۈلھ قىلسا بولىدۇ.

5. ئەلبەتتە، بۇ سۈلھنى تۈزگەندە مىراس قالدۇرغۇچى شەخس ۋاپات بولغان بولۇشى لازىم. چۈنكى، ۋاپات بولمىغان ئەھۋالدا، مىراسخور ياكى مىراس دېگەن نەرسە مەۋجۇد بولمايدۇ.

يۇقىرىقىلارغا بىنائەن، مىراس تېخى تەقسىم قىلىنمىغان بولسىمۇ، مىراس مىقدارى ئېنىق، ھەربىر مىراسخورنىڭ نېسىۋىسى مەلۇم بولسا، ئىككىنچى خوتۇن ئالغانلارنىڭ مىراس دەۋالىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر تەرىقىدە سۈلھ قىلىشقا قەدەم قويسا بولىدۇ.

ئەمما، ئادەتتىكى نورمال ئەھۋاللاردا بەلگىلەنگەن قائىدە بويىچە تەقسىم قىلىپ، ھەربىر مىراسخورغا ھەققىنى تولۇق بېرىش لازىم.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بەزى مىراسخورلارنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىك جاھىلىيەتنىڭ قالدۇقلىرى بولۇپ، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئويلايدىغانلار ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشتىن، پەرزەنتلىرىگە ھارامنى يېگۈزۈشتىن ساقلىنىش ئىنتايىن زۆرۈر. «ئۆرپ – ئادىتىمىز شۇنداق ئىدى» دەپ بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، جاھىلىيەت قالدۇقلىرى بولغان ھەرقانداق ئادەت ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى ۋە شەرىئىتىگە زىت كەلسە، مۇسۇلمان كىشى چوقۇم ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنۇشى لازىم.

ئاللاھنىڭ يولىدا رۇس ماڭماي، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە ماقۇل دېمەي، ئاللاھنىڭ تەۋسىيىسىنى ئىجرا قىلماي، باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى بەرمەي، يېقىن تۇغقانلىرىغا زۇلۇم قىلىپ تۇرۇپ، ناماز ئوقۇيمەن، روزا تۇتىمەن، مەسجىدكە چىقىمەن، تاراۋىھ ئوقۇيمەن، تەبلىغ ئاڭلايمەن، ھەجگە بارىمەن دەپ يۈرگىنىنىڭ ئاخىرەتتە تۈزۈك قىممىتى بولمىسا كېرەك.

تۇغقانلارنىڭ ھەققى، يېتىمنىڭ ھەققى ئاخىرەتتىلا ئەمەس، بۇ دۇنيادىمۇ ھارامخۇرلار ئۈچۈن ئوت بولىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئوتنى يەيدۇ. تۇغقانلىرىغا مىراسىنى بەرمەي تۇرۇۋالغانلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چەك – چېگرىغا تاجاۋۇز قىلغانلار بولۇپ، ئاخىرەتتە مەڭگۈ دوزاختا قالىدۇ. ئۇلارغا خارلىغۇچى ئازاب باردۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 18 – سەپەر/ م. 2016، 18 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 64 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 1/75؛ ئىمام مالىك: «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 11/362؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/465؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 4/317؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 8/261؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە: «ئەھكامۇتتەرىكات ۋەلمەۋارىيس»، 127 – بەت؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 6/202 .
2. «بۇخارىي»، «ھاۋالە قىلىش ۋە ھاۋالىدىن يېنىۋالسا بولامدۇ؟» دېگەن باب.
3. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (23371).
4. «سۇنەنۇ سەئىد ئىبنى مەنسۇر»، (1959)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (11137)؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ئەددىرايە»، 2/180.
5. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 3/221.
6. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (22892)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 6/65.
7. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 4/318.
8. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 8/161؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 6/65.
9. «ئەبۇ داۋۇد»، (3584)؛ «ئەھمەد»، (26760). شۇئەيب ئەرنائۇت: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن.
10. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىيد»، 22/222.
11. زەيلەئىي: «تەبيىينۇل ھەقائىق»، 5/50؛ دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 6/202.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ