رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر كىشى ھەزرىتى ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:
— ئى ئىبراھىم! مەن نەپسىمگە پەقەت ئىگە بولالمايۋاتىمەن، ماڭا نەپسىمنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىپ قېلىشىدىن توسوپ قالىدىغان ۋە نەپسىمنى ئازاب – ئوقۇبەتتىن قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان بىر ئىشنى كۆرسىتىپ قويسىلا! — دېگەن ئىكەن. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم بۇ كىشىنىڭ سۆزىگە جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:
— ئەگەر سەن مۇنداق بەش تۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا ماقۇل بولۇپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساڭ، قىلغان گۇناھلىرىڭ ساڭا زىيان ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، سۈرگەن ئەيش – ئىشرەتلىرىڭمۇ سېنى قىلچە ئازاب – ئوقۇبەتكە يولۇقتۇرمايدۇ، — دەپتۇ. ھېلىقى كىشى ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەمگە: ئەمىسە بۇلارنى ماڭا ئېيتىپ بەرسىلە، — دەپتۇ. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم جاۋابەن:
— بىرىنچى تۈرلۈك ئىشقا كەلسەك، ئەگەر سەن ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولۇپ گۇناھ ئۆتكۈزمەكچى بولساڭ، ئۇ بەرگەن رىزىقنى ئەسلا يېمە! — دەپتۇ. ھېلىقى كىشى:
— زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا تەۋە رىزىق تۇرسا، مەن قەيەرلەردىن رىزىق تېپىپ يەي؟— دەپتۇ. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم:
— مانا، دېمەك ئاللاھ بەرگەن رىزىقنى يەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاسىي، گۇناھكار بولۇشۇڭ سېنىڭچە توغرىمۇ؟ — دەپتۇ. ھېلىقى كىشى:
— ياق، توغرا ئەمەس، ماڭا ئىككىنچى ئىشنى ئېيتىپ بەرسىلە، — دەپتۇ. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم:
— ئەگەر سەن ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولۇپ گۇناھ ئۆتكۈزمەكچى بولساڭ، ئۇنىڭغا تەۋە ھېچبىر جايدا تۇرما — دەپتۇ. ھېلىقى كىشى:
— بۇ قانداق بولغىنى، بۇ ئىككىنچى ئىش ئالدىنقىسىدىنمۇ ئېغىر ئىكەنغۇ، مەشرىق بىلەن مەغرىپ ئارىسىدىكى ھەممە جاي ئاللاھقا تەۋە تۇرسا، قەيەردىمۇ ياشاي؟ — دەپتۇ. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم:
— ھەببەللى، دېمەك ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇنىڭغا تەۋە جايدا ياشاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاسىي، گۇناھكار بولۇشۇڭ سەنچە توغرىمۇ؟ — دەپتۇ. ھېلىقى كىشى:
— ياق، توغرا ئەمەس، ئەمدى ئۈچىنچى ئىشنى ئېيتىپ بەرسىلە، — دەپتۇ. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم:
— ئەگەر سەن ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولۇپ گۇناھ ئۆتكۈزمەكچى بولساڭ، ئالدى بىلەن ئوبدان قارىغىن ۋە ئۇ سېنى كۆرمەيدىغان بىرەر جاينى تېپىپ ئاشۇ يەردە گۇناھ ئۆتكۈزگىن! — دەپتۇ. ھېلىقى كىشى:
— ھەي ئىبراھىم، بۇ نېمە دېگەنلىرى، ئاللاھ ھەممە سىرلاردىن خەۋەردار زات ئەمەسمۇ؟ — دەپتۇ. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم:
— مانا ئەمەسمۇ، دېمەك سەن ئۇ بەرگەن رىزىقنى يەپ، ئۇ تۇرغۇزغان جايدا ياشاپ تۇرۇپ، سېنى ھەمىشە كۆرۈپ تۇرغۇچى ۋە قىلغان ھەممە قىلمىشىڭنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتقا ئاسىي، گۇناھكار بولغانلىقىڭ سېنىڭچە توغرىمۇ؟ — دەپتۇ.
— ياق، توغرا ئەمەس، ئەمدى ماڭا تۆتىنچى ئىشنى ئېيتىپ بەرسىلە، — دەپتۇ. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم:
— ناۋادا سېنى قەبزى روھ قىلىش ئۈچۈن ئۆلۈم پەرىشتىسى ئالدىڭغا كەلسە ئۇنىڭغا: مەن ئالدى بىلەن ئاللاھقا خالىس تەۋبە قىلىپ، ئۇنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋالاي، دېگىن! — دەپتۇ. ھېلىقى كىشى:
— ئەزرائىل گېپىمگە قۇلاق سالمايدىغان تۇرسا؟ — دەپتۇ. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم:
— مانا ئەمەسمۇ؟ دېمەك ساڭا ئەزرائىل كەلسە ئۇنىڭ ساڭا مۆھلەت بەرمەيدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپسەن، گۇناھلىرىڭغا تەۋبە قىلىۋىلىشىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئۆلۈمدىن بىردەملىك نېرى قىلالمايسەنۇ، ئۆلۈمدىن خالاس بولالايدىغىنىڭدىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتىسەن؟ — دەپتۇ. ھېلىقى كىشى:
— ماڭا ئەمدى بەشىنچى ئىشنى ئېيتىپ بەرسىلە، — دەپتۇ. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم:
— ئەگەردە قىيامەت كۈنى زەبانىيە دەپ ئاتالغان دوزاخنىڭ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى سېنى دوزاخقا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلسە، ئۇلار بىلەن ھەرگىز بىرگە ماڭما! — دەپتۇ. ھېلىقى كىشى:
— ئۇنداق پەيتتە ئۇلار مېنى قويۇپ بەرمەيدىغان، گەپلىرىمگە پەرۋامۇ قىلىپ قويمايدىغان تۇرسا؟ — دەپتۇ. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم شۇئان ئۇنىڭغا:
— ئۇنداقتا سېنىڭ نىجات تېپىشىڭ ئۈچۈن يەنە نېمە ئىش قالدى؟ — دەپتۇ. ھېلىقى كىشى:
— ئى ئىبراھىم! دېگەنلىرى ماڭا يېتەرلىك بولدى، ئەمدى مەن ئاللاھقا تەۋبە – ئىستىغفار قىلىپ ئۇندىن كەچۈرۈم تىلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا خالىس تەۋبە قىلىمەن، — دەپتۇ ھەمدە ئۇ كىشى تاكى بۇ ئالەمدىن ئايرىلغانغا قەدەر ھاياتىنى ئەمەل – ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشنى قولدىن بەرمەپتۇ.
مەنبە: ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ «تەۋبەكار زاتلار» ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: رىدا.