ئىسلام دىنى ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق دىنىدۇر

سوئال: مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلىشتىن ئالدىنمۇ ئسلام دىنى بارمىدى؟ قۇرئان كەرىمدىكى: «ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ۋە لېكىن، توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، ئاللاھقا بويسۇنغۇچى ئىدى» دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى نېمە؟

جاۋاب: بارلىق گۈزەل ماختاشلار يېگانە ئاللاھقا مەنسۇپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە خاتىرجەملىكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا، ھەمدە ساھابىلىرىگە ۋە شۇنداقلا تا قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۇ زاتنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن! مەقسەتكە كەلسەك:

ئسلام دېگەنلىك ئۆزۈڭنى ۋە قەلبىڭنى ئاللاھ تائالاغا پۈتۈنلەي تاپشۇرۇشۇڭ دېگەنلىك بولۇپ يەنى، سېنىڭ يېگانە ئاللاھقا، ئۇ زاتنىڭ دىنىغا سەمىمى بولغان ھالدا قۇلچىلىق قىلىشىڭنى كۆرسىتىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىنى مۇشۇ مەنىدىكى ئىسلام بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ۋە كىتابلارنى نازىل قىلغان بولۇپ، بۇ مەنە بىلەن ئىسلام ئاللاھنى يەككە – يېگانە دەپ بىلىشنى ۋە ئىبادەتنى يالغۇز ئاللاھقىلا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئىسلام دىنى بولسا ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق دىنى بولۇپ، ئۇندىن ئۆزگە دىن يوق، ئىسلام دىنىدىن باشقا ھېچقايسىبىر دىن ساماۋى بولغان ئەمەس، ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن دىنى يۇقىرىقى مەنىلەرگە ئىگە ئسلام دىنى بولغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.»([1])

دېمەك، ھەممە پەيغەمبەرلەر ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ۋە ئازغۇنلۇقتىن يىراق بولۇشتىن ئىبارەت مۇشۇ دەۋەت يىلتىزىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھنىڭ نەزىردە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى)دۇر.»([2]) دېگەن سۆزى شۇ سەۋەبتىندۇر.

شۇڭا، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىسلامدىن ئۆزگە دىن دىن ئەمەس، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى، ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر.»([3])

بۇ ئارقىلىق بىز يەنە قۇرئان كەرىمدە نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قەۋمىگە: «ئەگەر سىلەر (مېنىڭ نەسىھىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن (يۈز ئۆرۈشۈڭلارغا سەۋەبچى بولىدىغان) ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن (ئاللاھقا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم».»([4]) دېگەنلىكىنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن» دېدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى. ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىنىنى (يەنى، ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى، ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» ([5]) دېگەنلىكىنى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى، ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار)»([6]) دېگەنلىكىنى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بولغان ھەۋارىيونلارنىڭ: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (پەيغەمبەرلىكىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز»([7]) دېگەنلىكىنى، پىرئەۋننىڭ سېھىرگەرلىرىنىڭ بولسا ئىمان ئىيتقان ۋاقتىدا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن»([8]) دېگەنلىكلىرىنى ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ بېلقىسغا ئەلچى ئەۋەتكىنىدە، سۆزىنىڭ بىسمىللاسىدىن كېيىنلا: «سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كېلىڭلار»([9]) دېگەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز.

دېمەككى، ئىسلام ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق دىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىغا چاقىرغان ۋە ئىسلام دىنىنى تارقاتقان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن ئىسلام دىنى بولسا، ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر دىنىنىڭ خاتىمىسى بولۇپ، ئىسلام ئەنە شۇ دىنلارنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىش، پۈتۈنلەش ھەمدە ئۇ دىنلاردا پەيدا بولغان بۇرمىلانمىلار، ئوشۇق قېتىلمىلار ياكى كەمتۈك – نۇقسانلىقلارنى ئوڭشاش ئۈچۈن كەلگەن.

ئىسلام دىنى بولسا خۇددى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن بارلىق گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم»([10]) دەپ ئېيتقىنىدەك، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى بارچە پەيغەمبەرلەر دىنىنى خۇلاسىلىگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىدىن ئىلگىرىكى نازىل قىلىنغان ھەممە كىتابلارنى بىردەك تەستىقلىغۇچى، مۇكەممەللەشتۈرگۈچى، شاھىت بولغۇچى ۋە خاتالىرىنى تۈزىگۈچى پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. شۇنداق بولغاچقا، ئىسلام دىنى ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ بىردەك ئورتاق دىنى ھىسابلىنىدۇ.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى بولسا يەھۇدىيغا ياكى ناسارالارغا تەۋە قىلىپ ئاتاشنىڭ ئۆزى بىر بىمەنىلىك، «ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ۋە لېكىن، توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، ئاللاھقا بويسۇنغۇچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»([11]) ئۇ زات توغرا، كەڭچىل بولغان ئىسلام مىللىتىنىڭ ساھىبى ئىدى. بىزنى مۇسۇلمانلار دەپ ئاتىغان كىشىمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بولىدۇ، بۇ نۇقتىدىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەخسۇس بىر ئۇنۋانغا ئىگە دىنلارنىڭ ھېچبىرىگە تەۋە قىلىنمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئاللاھ بۇ دىننى ئىسلام نامىدىن باشقا نام بىلەن ئاتاشنى راۋا كۆرمىدى.

ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ نام ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ھىدايەتكە باشلاش ئۈچۈن نازىل قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئاشۇ نام بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئەسلىي ساماۋى دىنغا مەنسۇپ نامدۇر، ئاللاھ تائالا ۋەياكى مۇسۇلمانلاردىن بىرەرى بۇ دىننى خۇددى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت قىلىپ ناسارالارنى «مەسىىھىييە» دەپ ئاتىغىنىغا ئوخشاش «مۇھەممەدىيە» دەپ ئاتىغان ئەمەس.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دىن بارچە پەيغەمبەرلەر بىردەك ئىشتىراك ئەتكەن، ھەممىگە ئورتاق ئسلام دىنىدۇر. «ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار.»([12])

دېمەك ئىسلام بارلىق ئەقىدىلەرنىڭ يىغىندىسى ۋە ھەممە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنىڭ ئۈلگىسى ھەمدە بىردەك پەيغەمبەرلەر توسقان چەكلىمىلەرنىڭ ئاساسىدۇر.

ئەمما، بۇ يەردە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن دىنلاردىكى شەرئى ئەھكامغا دائىر مەسىلىلەردە ھۆكۈمدە بىردەكلىكى بولمىغان بىر بۆلۈك مەسىلىلەر بار بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر كىشلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا چارە بولىدىغان شەرئى قانۇنچىلىققا دائىر ھۆكۈم مەسىللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خىل شەرىئەتچىلىككە ئائىت مەسىلىلەر خۇددى ئاللاھ تائالا: «سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق.»([13]) دەپ ئېيتقىنىدەك دەۋر، زامان، شارائىت ۋە ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ ئالمىشىشى بىلەن تەڭ ئۆزگىرىپ تۇرغان. شۇ سەۋەبلىك، خۇددى مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدە يۈز بەرگىنى كەبى بەزى شەرىئەتلەردە ھارام قىلىنغان بىر قىسىم نەرسىلەر يەنە بىر شەرىئەتتە ھالال قىلىپ يولغا قويۇلغان ئىدى، قۇرئان كەرىم ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم).»([14])

ئەمما، ئىسلام شەرىئىتى بولسا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇ شەرىئەتلەردىكى يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئەھكاملارنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئۇلاردىن بۇرمىلانغانلىرىنى بولسا يوق قىلدى، ھەمدە ئالدىنقى شەرىئەتلەرنىڭ تولۇقلانمىغان تەرەپلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقانداق زامان ياكى ماكانغا ئۇيغۇن ۋە ماس كېلىدىغان، ئومۇم بولغان مەڭگۈلۈك ئىسلام شەرىئىتى قانۇنىنى يولغا قويدى.

مەنبە: يۈسۈف قەرەداۋىي ماقالىلىرى.

تەرجىمىدە: رىدا.

—————————-
([1]) «ئەنبىيا» سۈرىسى، 25 – ئايەت.
([2]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 19 – ئايەت.
([3]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 85 – ئايەت.
([4]) «يۇنۇس» سۈرىسى، 72 – ئايەت.
([5]) «بەقەرە» سۈرىسى، 131 – 132 – ئايەتلەر.
([6]) «يۇنۇس» سۈرىسى، 84 – ئايەت.
([7]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 52 – ئايەت.
([8]) «ئەئراف» سۈرىسى، 126 – ئايەت.
([9]) «نەمل» سۈرىسى، 31 – ئايەت.
([10]) بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئىمام بۇخارى، ھاكىم ۋە بەيھەقىي قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان.
([11]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 67 – ئايەت.
([12]) «شۇرا» سۈرىسى، 13 – ئايەت.
([13]) «مائىدە» سۈرىسى، 48 – ئايەت.
([14]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 50 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.