ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ ھەقىقىتى

ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بولسا قەلبنى ساختا ئىلاھلارغا قۇل بولۇشتىن ئازات قىلىدىغان، ئاللاھتىن ئۆزگە ھەرخىل مەبۇدلارغا، گەرچە كۆرۈنۈش ۋە شەكىل جەھەتتىن شۇنداق ئەركىن كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە، كىشىلەرنى ئۆزىگە قۇل ساناپ، ئۇلارنى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە قۇللۇققا ۋە بوي ئېگىشكە مەھكۇم قىلىدىغان ئاشقىن تاغۇتلارنىڭ ھەرقاندىقىغا ئىتائەت قىلىش ۋە بويسۇنۇشتىن ئازات قىلىدىغان يىگانە يول ھېسابلىنىدۇ.

چۈنكى، ئىنسان قەلبىدە بىر ياراتقۇچىغا، بىر ئىلاھقا ۋە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، ئىنتىلىدىغان ۋە رازىلىقىنى كۆزلەپ ئەمەل قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر مەبۇدقا ئۆز ئۆزىدىن موھتاجلىق بار بولۇپ، ئەگەردە ئۇ مەبۇد يىگانە ئاللاھ بولمىغىنىدا ئۇ ئىنسان، باشقا ئىلاھلارنىڭ ۋە ياكى قانداقتۇر كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ۋە ياكى كۆرگىلى بولمايدىغان، ئەقىلغا سىغىدىغان ۋە ياكى سىغمايدىغان، مەۋجۇتلۇقى ئېنىق ۋە ياكى ئېنىق بولمىغان تۈرلۈك ئىلاھلارنىڭ ۋە ئاللىقانداق ئەربابلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ناۋادا ئايلىنىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ ھاۋايى – ھەۋەس، خىياللار قاينىمىدا ياشاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

دېمەك ئاللاھ تائالاغا خالىس قۇلچىلىق قىلىشنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە، ئەركىنلىككە چىقىش ۋە ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇشنىڭ يولىدۇر.

بىر ئاقىل ئىنسان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئۆز بەدىنىنىڭ ئەزالىرىنى بېجىرىم، قامىتىنى تۈز قىلىپ ياراتقان پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشى ۋە ئۇندىن باشقا نەرسىلەر ياكى كىشىلەرگە چوقۇنۇپ ئۇلارغا قۇلچىلىق قىلىشنى تاشلىشىدىنمۇ ئارتۇق شەرەپلىك ئىش بولمايدۇ.

شۇنداقلا بىر ئىنسانغا نىسبەتەن، ئۆز بەخت – سائادىتى ۋە روھىي ساغلاملىقى ئۈچۈن نىيەت – ئىقبالىنى ئىتائەت ۋە مۇھەببەت بىلەن بېزىگەن ھالدا بىر ئىلاھ تەرەپكە يۈزلەندۈرۈشىدىنمۇ ئارتۇق مەنپەئەتلىكراق ئىش بولمىسا كېرەك. چۈنكى، شۇنداق قىلالىغان ئىنسان ئۆز قەلبىنى باشقا ئىلاھلار ۋە ساختا خۇدالارغا بۆلۈپ بەرمەيدۇ. «ئاللاھ (سىلەرگە مۇنداق) بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا (ئىشقا سېلىشنى) تالىشىدىغان نۇرغۇن خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ (بىرسى بۇ ئىشقا، بىرسى ئۇ ئىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ كىمنى رازى قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ)، يەنە بىر قۇل بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمگىلا خاستۇر، بۇ ئىككى قۇل(نىڭ ئەھۋالى) باراۋەرمۇ؟»([1])

دېمەك بىرلا خوجايىنغا مەنسۇپ قۇل پايدا ئالالايدۇ. چۈنكى، ئۇ قايسى ئىشنى قىلسا خوجايىنىنى رازى بولىدىغىنىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنى مەمنۇنىيەت ۋە خوشاللىق بىلەن ئورۇندايدۇ، ئەمما بىرى يەنە بىرى بۇيرۇغان ئىشنىڭ ئەكسىنى بۇيرۇيدىغان تالاشقاق خوجايىنلارنىڭ قولىغا قالغان قۇلغا كەلسەك ئۇ نەقەدەر بىچارە، نەقەدەر بەختسىز قۇل ھە!

ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: بىر ئاللاھقا ئىبادەت (قۇلچىلىق) قىلىشتىن ئۆزىنى چوڭ تۇتقان ھەرقانداق بىرىنىڭ ئۆزگە باشقا بىرىگە قۇلچىلىق قىلىدىغىنى چوقۇم. چۈنكى، ئىنسان دېگەن ئىرادىگە تايىنىپ تۇرۇپ ھەركەت ئېلىپ بارىدىغان سەزگۈر بىر جانلىق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئىسىملار ئىچىدە ھارىس، ھەممام قاتارلىق ئىسىملار ئەڭ راستچىل ئىسىملاردۇر» دېگەنلىكى ئىشەنچىلىك ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ھارىس دېگەن: ھەركەت بىلەن ئۈنۈم ھاسىل قىلغۇچى، ھەممام بولسا: ئىشنى ھىممەت ئارقىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلغۇچى دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ، ھىممەت: كىشىنىڭ ئىرادىگە كېلىشتىكى دەسلەپكى قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، ئىنسان ھەر ۋاقىت ئىرادىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ھەرقانداق بىر ئىرادىنىڭ يەتمەكچى بولغان مۇرات – نىشانى بولىدۇ، شۇنداقلا ھەر قانداق بەندىنىڭ يەتمەكچى بولغان سۆيگۈسى ۋە غايسىنىڭ تۈگەنجىسىدىن ئىبارەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نىشانى بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، كىمكى ئاللاھ تائالانى ئۆز مەبۇدى، سۆيگۈسى ۋە ئىرادىسىنىڭ ئاخىرقى چېكى قىلماي، بەلكى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن ئۆزىنى چوڭ تۇتقان بولسا ئۇنىڭ، ئاللاھتىن ئۆزگە قۇلچىلىق قىلىدىغان ئارزۇلۇق نىشانى بار ئىكەنلىكى مۇقەررەر، نەتىجىدە، ئۇ ئۆزى ئارزۇلاپ ئىرادە باغلىغان مەبۇدىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۇ مەبۇدى يا مال – دۇنيا بولىدۇ، ياكى يۈز ئابروي، ياكى ھاۋايى – ھەۋەس ۋە ياكى قۇياش، ئاي، يولتۇز، بۇت، پەيغەمبەر ياكى سالىھلارنىڭ قەۋرىلىرى قاتارلىق ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ قىلىۋېلىنغان مەبۇدلار ۋە ياكى ئۆزلىرى چوقۇنىۋاتقان پەرىشتىلەر، ئەنبىيالار بولىدۇ، ياكى بولمىسا ئۇ مەبۇد يۇقىرىلاردىن باشقا ئاللاھتىن ئۆزگە مەبۇد قىلىۋېلىنغان نەرسە – كېرەكلەر بولىدۇ. ئەگەردە ئۇ ئاللاھتىن ئۆزگىگە قۇلچىلىق قىلغانلا بولسا ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىشتىن ئۆزىنى چوڭ تۇتقان ھەرقانداق ئادەم ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن فىرئەۋن، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىپ ئىبادەت قىلىشتىن ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلىقى سەۋەبلىك مەخلۇقاتلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مۇتەكەببىرگە ئايلانغان ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار (بولغان ئاللاھ)غا سېغىنىپ، ھېساب كۈنى (يەنى، قىيامەت كۈنى)گە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىر(نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى)دىن پاناھ تىلەيمەن.» ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئايىتىدىن باشلاپ تاكى: «بۇزغۇنچىلىق قىلىپ (ئىماندىن باش تارتقان)، (بەندىلەرگە) زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.»([2]) دېگەن ئايىتىگە قەدەر فىرئەۋن كۆزدە تۇتۇلغان.

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايىتىدە فىرئەۋننىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىكى بىلەن سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمىنىدا پىتنە ـ پاسات تۇغدۇرۇشقا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلاشقا قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى.»([3])

نەتىجە شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، كىشى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن ئۆزىنى قانچىكى ئۈستۈن تۇتسا، ئۇ شۇنچىلىك بۈيۈك شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ، چۈنكى ئىنسان ئاللاھقا بەندىلىك قىلىشتىن ئۆزىنى چوڭ تۇتقانسىرى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئاۋۋالقى مەقسىتى بولغان سۆيۈملۈك ئىرادە ۋە نىشانىغا قارىتا ئېھتىياجى ۋە موھتاجلىقى تىخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ.

ئىبنى تەيمىيە يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان قەلبى ئاللاھ تائالانى ئۆزىنىڭ خوجايىنى قىلماي تۇرۇپ ھېچبىر مەخلۇقات ئۇنىڭغا قانائەت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. قەلب ئەنە شۇنداق تونۇشقا كەلگىنىدە ئاندىن ئۇ قۇلچىلىقنى پەقەت ئاللاھقىلا قىلىدۇ، ياردەمنى پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزىدىنلا سورايدۇ، تەۋەككۈلنى ئاللاھقىلا قىلىدۇ، پەقەت ئاللاھ ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇ رازى بولغان ئىشلارغىلا خوشال بولىدۇ، ئاللاھ يامان كۆرگەننىلا يامان كۆرۈپ ئۇندىن نەپرەتلىنىدۇ، ئاللاھقا دوست بولغاننى دوست تۇتىدۇ، دۈشمەنلىك قىلغاننى دۈشمەن تۇتىدۇ، ئۇ پەقەت ئاللاھنىلا ياخشى كۆرىدۇ، بىرەر ئىشقا پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن غەزەپ قىلىدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن بېرىدۇ ۋە ئاللاھ ئۈچۈن توسىدۇ.

دېمەك قەلبنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا بولغان ئىخلاسى كۈچەيگەنسېرى ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان قۇلچىلىقى ۋە ئۆزگە مەخلۇقاتلاردىن ئۆزىنى بىھاجەت تۇتۇشى مۇكەممەللىشىپ ماڭىدۇ، قەلبنىڭ ئاللاھقا بولغان قۇلچىلىقى مۇكەممەللەشكىنىدە بولسا، ئۇنىڭ شېرىك ۋە تەكەببۇرلۇقتىن پاك بولۇشىمۇ مۇكەممەللىشىپ ماڭىدۇ».

مەنبە: يۈسۈپ قەرداۋى ماقالىلىرى.

تەرجىمىدە: رىدا.

—————————-
([1]) «زۇمەر» سۈرىسى، 29 – ئايەت.
([2]) «غافىر» سۈرىسى، 27 – ئايەتتىن 35 – ئايەتكىچە.
([3]) «ئەئراف» سۈرىسى، 127 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.