ئىسلام دىنى ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق دىنىدۇر

ئىسلام دىنى ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق دىنىدۇر

سوئال: مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلىشتىن ئالدىنمۇ ئىسلام دىنى بارمىدى؟ «قۇرئان كەرىم»دىكى: ﴿ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ۋە لېكىن، توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، ئاللاھقا بويسۇنغۇچى ئىدى﴾ دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى نېمە؟

جاۋاب: بارلىق گۈزەل ماختاشلار يېگانە ئاللاھقا مەنسۇپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە خاتىرجەملىكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇ زاتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ھەمدە ساھابەلىرىگە ۋە شۇنداقلا تا قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۇ زاتنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن! مەقسەتكە كەلسەك:

ئسلام دېگەنلىك ئۆزۈڭنى ۋە قەلبىڭنى ئاللاھ تائالاغا پۈتۈنلەي تاپشۇرۇشۇڭ دېگەنلىك بولۇپ يەنى سېنىڭ يېگانە ئاللاھقا، ئۇ زاتنىڭ دىنىغا سەمىمىي بولغان ھالدا قۇلچىلىق قىلىشىڭنى كۆرسىتىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرىنى مۇشۇ مەنىدىكى ئىسلام بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ۋە كىتابلارنى نازىل قىلغان بولۇپ، بۇ مەنە بىلەن ئىسلام ئاللاھنى يەككە – يېگانە دەپ بىلىشنى ۋە ئىبادەتنى يالغۇز ئاللاھقىلا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئىسلام دىنى بولسا ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق دىنى بولۇپ، ئۇندىن ئۆزگە دىن يوق، ئىسلام دىنىدىن باشقا ھېچقايسىبىر دىن ساماۋى بولغان ئەمەس، ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن دىنى يۇقىرىقى مەنىلەرگە ئىگە ئىسلام دىنى بولغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خىتاب قىلىپ: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھيى قىلدۇق﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 25) دەيدۇ.

دېمەك، ھەممە پەيغەمبەرلەر ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ۋە ئازغۇنلۇقتىن يىراق بولۇشتىن ئىبارەت مۇشۇ دەۋەت يىلتىزىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاللاھنىڭ نەزىردە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى)دۇر﴾(3/«ئال ئىمران»، 19) دېگەن سۆزى شۇ سەۋەبتىندۇر.

شۇڭا، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىسلامدىن ئۆزگە دىن دىن ئەمەس، ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى، ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»، 85)

بۇ ئارقىلىق بىز يەنە «قۇرئان كەرىم»دە نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قەۋمىگە: ﴿ئەگەر سىلەر (مېنىڭ نەسىھىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن (يۈز ئۆرۈشۈڭلارغا سەۋەبچى بولىدىغان) ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن (ئاللاھقا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم﴾(10/«يۇنۇس»: 72) دېگەنلىكىنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ: ﴿ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن» دېدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى. ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىنىنى (يەنى، ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى، ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار»﴾(2/«بەقەرە»: 131، 132) دېگەنلىكىنى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قەۋمىگە: ﴿ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى، ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار)﴾(10/«يۇنۇس»: 84) دېگەنلىكىنى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابەلىرى بولغان ھەۋارىيونلارنىڭ: ﴿ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (پەيغەمبەرلىكىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز﴾(3/«ئال ئىمران»، 52) دېگەنلىكىنى، فىرئەۋننىڭ سېھىرگەرلىرىنىڭ بولسا ئىمان ئېيتقان ۋاقتىدا: ﴿پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن﴾(7/«ئەئراف»: 126) دېگەنلىكلىرىنى ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ بېلقىسغا ئەلچى ئەۋەتكىنىدە، سۆزىنىڭ بىسمىللاسىدىن كېيىنلا: ﴿سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كېلىڭلار﴾(27/«نەمل»: 31) دېگەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز.

دېمەككە، ئىسلام ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق دىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىغا چاقىرغان ۋە ئىسلام دىنىنى تارقاتقان، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن ئىسلام دىنى بولسا، ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر دىنىنىڭ خاتىمىسى بولۇپ، ئىسلام ئەنە شۇ دىنلارنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىش، پۈتۈنلەش ھەمدە ئۇ دىنلاردا پەيدا بولغان بۇرمىلانمىلار، ئوشۇق قېتىلمىلار ياكى كەمتۈك – نۇقسانلىقلارنى ئوڭشاش ئۈچۈن كەلگەن.

ئىسلام دىنى بولسا خۇددى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن بارلىق گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم»(1) دەپ ئېيتقىنىدەك، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى بارچە پەيغەمبەرلەر دىنىنى خۇلاسىلىگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىدىن ئىلگىرىكى نازىل قىلىنغان ھەممە كىتابلارنى بىردەك تەستىقلىغۇچى، مۇكەممەللەشتۈرگۈچى، شاھىت بولغۇچى ۋە خاتالىرىنى تۈزىگۈچى پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. شۇنداق بولغاچقا، ئىسلام دىنى ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ بىردەك ئورتاق دىنى ھېسابلىنىدۇ.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى بولسا يەھۇدىيغا ياكى ناسارالارغا تەۋە قىلىپ ئاتاشنىڭ ئۆزى بىر بىمەنىلىك، ﴿ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ۋە لېكىن، توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، ئاللاھقا بويسۇنغۇچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى﴾(3/«ئال ئىمران»، 67). ئۇ زات توغرا، كەڭچىل بولغان ئىسلام مىللىتىنىڭ ساھىبى ئىدى. بىزنى مۇسۇلمانلار دەپ ئاتىغان كىشىمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بولىدۇ، بۇ نۇقتىدىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەخسۇس بىر ئۇنۋانغا ئىگە دىنلارنىڭ ھېچبىرىگە تەۋە قىلىنمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئاللاھ بۇ دىننى ئىسلام نامىدىن باشقا نام بىلەن ئاتاشنى راۋا كۆرمىدى.

ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ نام ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ھىدايەتكە باشلاش ئۈچۈن نازىل قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئاشۇ نام بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئەسلىي ساماۋى دىنغا مەنسۇپ نامدۇر، ئاللاھ تائالا ۋەياكى مۇسۇلمانلاردىن بىرەرى بۇ دىننى خۇددى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت قىلىپ ناسارالارنى «مەسىىھىييە» دەپ ئاتىغىنىغا ئوخشاش «مۇھەممەدىيە» دەپ ئاتىغان ئەمەس.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دىن بارچە پەيغەمبەرلەر بىردەك ئىشتىراك ئەتكەن، ھەممىگە ئورتاق ئىسلام دىنىدۇر. ﴿ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە) بىز ۋەھيى قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار﴾(42/«شۇرا»: 13).

دېمەك ئىسلام بارلىق ئەقىدىلەرنىڭ يىغىندىسى ۋە ھەممە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنىڭ ئۈلگىسى ھەمدە بىردەك پەيغەمبەرلەر توسقان چەكلىمىلەرنىڭ ئاساسىدۇر.

ئەمما، بۇ يەردە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن دىنلاردىكى شەرئىي ئەھكامغا دائىر مەسىلىلەردە ھۆكۈمدە بىردەكلىكى بولمىغان بىر بۆلۈك مەسىلىلەر بار بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا چارە بولىدىغان شەرئىي قانۇنچىلىققا دائىر ھۆكۈم مەسىلىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خىل شەرىئەتچىلىككە ئائىت مەسىلىلەر خۇددى ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلارغا بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق﴾(5/«مائىدە»: 48) دەپ ئېيتقىنىدەك دەۋر، زامان، شارائىت ۋە ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ ئالمىشىشى بىلەن تەڭ ئۆزگىرىپ تۇرغان. شۇ سەۋەبلىك، خۇددى مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدە يۈز بەرگىنى كەبى بەزى شەرىئەتلەردە ھارام قىلىنغان بىر قىسىم نەرسىلەر يەنە بىر شەرىئەتتە ھالال قىلىپ يولغا قويۇلغان ئىدى، «قۇرئان كەرىم» ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە: ﴿مەن سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم)﴾(3/«ئال ئىمران»، 50) دەيدۇ.

ئەمما، ئىسلام شەرىئىتى بولسا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇ شەرىئەتلەردىكى يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئەھكاملارنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئۇلاردىن بۇرمىلانغانلىرىنى بولسا يوق قىلدى ھەمدە ئالدىنقى شەرىئەتلەرنىڭ تولۇقلانمىغان تەرەپلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقانداق زامان ياكى ماكانغا ئۇيغۇن ۋە ماس كېلىدىغان، ئومۇم بولغان مەڭگۈلۈك ئىسلام شەرىئىتى قانۇنىنى يولغا قويدى.

 

مەنبە: يۈسۈف قەرەداۋىي ماقالىلىرى.

تەرجىمىدە: رىدا.


1. «ئەھمەد»، (8939)؛ بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، (273). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ