دىن بىلەن ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

يازغۇچى : دوكتۇر تاھا ئابدۇرراھمان

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : زىياگۈل لوقمان يۇمران (Ziluryum)

 

(تەرجىماندىن ئىلاۋە: دوكتۇر تاھا ئابدۇرراھمان چاغداش ئەرەب مۇسۇلمان پەيلاسوپلىرى ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرەب غەربىي دىيارىنىڭ (بەزى شىمالى ئافرىقا ئەرەب دۆلەتلىرى، ئالجىرىيە، تۇنىس، تۇماراكەش دۆلەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.) پەيلاسوپلارنىڭ بىرى. يەنە بىر كۆزگە كۆرۈنگەن پەيلاسوپ پروفېسسور ئەبۇ يەئرۇب ئەلمەرزۇقى ئىسلام ئەقلىيەتچىلىكىنى ئاساس قىلىپ، بۇرۇنقى مۇسۇلمان پەيلاسوپلارنىڭ خاتالىرىنى رەت قىلىپ، ئىسلام روھىغا بويسۇنغان ئەقلىيچىلىكنى ئاساس قىلغان چاغداش ئىسلام پەلسەپىسىدە يول باشلاپ ماڭغان بولسا، تاھا ئابدۇرراھمان پەلسەپە بىلەن تەسەۋۋۇپنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇنداقلا تەسەۋۋۇپنى ئۇنىڭغا چاپلاشقان «شالتاقلىرى» يەنى، تەسەۋۋۇپتىكى سەلبىيلىك، تەسلىمچىلىك، پىكىرچىلىكنى ئەمەلدىن ئۈستۈن كۆرۈش، بىدئەتچىلىك، خۇراپاتلىق ۋە ئازغۇنلۇقتىن ئايرىپ، پەلسەپە ئاساسىسدا تەسەۋۋۇپنى ئەقلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتقان ئاز ئۇچرايدىغان پەيلاسوپلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە يەنە پەلسەپىدىكى تىل ۋە ئەخلاق مەسىلىلىرى بەلگىلىك ئورۇن تۇتقان. ئۇ 1970 – يىلىدىن بېرى ماراكەش رابات مۇھەممەد بەشىنچى ئۇنىۋېرسىتىدە پەلسەپە دەرس ئۆتۈپ 2005 – يىلى پىنسىيەگە چىققان. 1972 – يىلى فرانسىيە سوربۇن ئۇنىۋېرسىتىگە ئوقۇشقا بېرىپ ئۇنۋان ئالغان. 2006 – يىلى ئىيسىسكو ئىسلام ئىدىيەسى ۋە پەلسەپىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئەرەب ۋە فرانسوز تىللىرىدا يازغان 15 كە يېقىن ئەسىرى بار.

بۇ ئىككى كىشى ئىسلام ئەنئەنىسى ۋە مىراسلىرىنى پەلسەپە بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ بىر – بىرىنى زىت كۆرسىتىدىغان ۋە ياكى قوبۇل قىلغان پەلسەپە ئىلىملىرىگە تەسلىم بولۇپ، شۇنداقلا ئىسلام ئىلاھىي ھىكمەت تەلىماتلارنى ئىنسانلارنىڭ پەلسەپىسىگە بويسۇندۇرۇپ شەرھىلەيدىغان بۇرۇنقى مۇسۇلمان پەيلاسوپلار تۇتقان يولدىن باشقىچە يول تۇتقانلاردۇر.

دوكتۇر تاھا پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانغۇچى ۋە شۇ ساھەدە يازغانلىقى ئۈچۈن بۇ يازمىسى ھەجمى كىچىك بولسىمۇ پەلسەپىۋىيلىكى كۈچلۈك، ئىبارىلىرى ئىخچام، قۇرۇلمىسى پۇختا بىر ماقالىدۇ. تەرجىمە جەريانىدا بەزى سۆز ئىبارىلەرنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئۆزلەشتۈرۈپ ئېلىشقا تىرىشتىم.)

دىن بىلەن ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

بىزدىن باشقىلار دىن بىلەن ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئۇزۇندىن بېرى ئىزدىنىپ، بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ئۆزلىرىگە يېڭى تارىخ بەرپا قىلىشتا مۇھىم بىر ئاساس بولۇپ قالدى. ئۇلار بۇ تارىخىغا ھەرخىل گۈزەل نام – سۈپەتلەرنى بېرىپ زىننەتلەپ كەلدى. بىزچۇ؟ بىزمۇ شۇنداق قىلالىدۇقمۇ؟ ئۇلاردەك نەتىجىگە ئېرىشەلىدۇقمۇ؟ بىز ئەگەر بۇ توغرىسىدا ئۇلار ئىزدىگەندەك ئىزدەنسەك، ئۇلار تەپەككۇر قىلغاندەك تەپەككۇر قىلساق، ئەلۋەتتە، ھەئە دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتۇق. ئەمەلىيەتتە، بولسا بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز ئىجادىيەتتىن خالى بولۇپ، يېڭىلىق يوق، پەقەت باشقىلارنىڭ دېگىنىنى تەكرارلايدىغان بولۇپ قالدۇق.

بىز دوراپ، دېگەنلىرىنى تەكرارلىغانلار دىن بىلەن ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇنداق ئۈچ گۇرۇپپىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.

1. دىن بىلەن ئىلىم ئۆزئارا بىر – بىرىگە زىت (contradiction).

بۇ گۇرۇپپىدىكىلەر دىن بىلەن ئىلىمنى بىر – بىرىگە زىت، قارمۇ – قارشى، زىت([1]) بولغانلىقى ئۈچۈن زادى بىرىنى تاللاپ بىرىنى تاشلاش كېرەك دەپ قارىدى. ھەتتا ئىلىمنى دىنغا جەڭ ئېلان قىلغۇزدى ۋە بۇ جەڭنىڭ نەتىجىسى پەقەت ئىلىمنىڭ دىن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى بولۇش كېرەك دەپ قارىدى، ئاخىرىدا ئىلىمنى غەلىبە قىلغان دەپ ئېلان قىلىشتى. بىزدىنمۇ بىر قىسىملار بۇ خىل كۆزقاراشنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشتى. ئۇلارنىڭ دەلىل – ئىسپاتى بولسا باشقىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ بىزنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىمىز ئىدى. ئۇنداق بولغان ئىكەن شۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭساق تەرەققي قىلىمىز دەپ قارىدى. بۇلار بىلمەيدۇكى، باشقىلارنىڭ ئىلىم بىلەن دىننى زىت دەپ قاراشقا سەۋەب بولغان مۇشكىلاتلارنىڭ بىزدە يوق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ دىنى بىلەن بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىشمەيدۇ. ئۇلار بۇ نۇقساننى بىزگە تېڭىشقا ھەرقانچە ئۇرۇنسىمۇ بۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

2. دىن بىلەن ئىلىم زىت ئەمەس، ئەمما ئىككىسى ئايرىم ئايرىم نەرسە (Separation).

بۇلار ئالدىنقىلاردەك دىن بىلەن ئىلىمنى زىت، بىرى بار يەردە بىرى تۇرمايدۇ دەپ قارىمىسىمۇ، ئىككىسى ئايرىم نەرسە؛ ئىككىسىنىڭ ئوبيېكتى باشقا باشقا؛ ئىلىم ئىشلىگەن يەردە دىن ئىشلىمەيدۇ، دىن ئىشلىگەن يەردە ئىلىم ئىشلىمەيدۇ([2]) دەپ قاراشتى. بۇلارنىڭ قارىشىچە ئىلىمنىڭ ئوبيېكتى بىلىش ۋە ھەقىقەت بولسا دىننىڭ ئوبيېكتى ھېس – تۇيغۇ ئىدى. بىلىش ۋە ھەقىقەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھېسسيات ۋە تۇيغۇغا ماس كەلمەيدۇ. ھېس – تۇيغۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىمۇ بىلىش ۋە ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن ئىلىممۇ دىننى يىقىتالمايدۇ، دىنمۇ ئىلىمنى يىقىتىشقا كۈچى يەتمەيدۇ.

بىزدىنمۇ يەنە بىر قىسىملار بۇ كۆزقاراشقا يېپىشتى. ئۇلارنىڭ دەلىلى بولسا ئىلىم ئەقلىي يەكۈنگە تايانسا، دىن قەلبنىڭ قايىل بولۇشىغا قۇرۇلاتتى. بىزنىڭمۇ باشقىلاردەك تەرەققىي قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەقىلنى شۇلارنىڭ شەرتلىرىگە بويسۇندۇرۇشىمىز كېرەك ئىدى. بىزدىن بۇرۇنقىلاردىن ئۇلارنىڭ بۇ گېپىگە ئوخشاشراق گەپ چىقىپ قالسا پەخىرلىنىپ كېتىشتى ھەم ئۇلارغا ئەگىشىشنى تەۋسىيە قىلىشتى. (مەسىلەن، ئبنى رۇشد ئىلىم ئالىملارغا ماس كېلىدىغان ئەقلى ئىسپاتقا (بۇرھان) تايىنىدۇ، دىن بولسا ئاۋاملارغا ماس كېلىدىغان ئىشىنىشكە تايىنىدۇ دەپ قاراپ ئىلىم بىلەن دىننى ئايرىۋەتكەن) بۇلار بىلمەيدۇكى، ئىسپات (ئەقىل)نىڭ ئۆزى ئىشىنىش (قەلب)تىن ئايرىلالمايدۇ. ئىشىنىشمۇ ئىسپاتسىز بولالمايدۇ.

3. دىن بىلەن ئىلىم زىت ئەمەس، لېكىن بىر – بىرى بىلەن ماسلىشالمايدۇ (Incompatibility)..

دىن ۋە ئىلىم ھەر ئىككىسى مەلۇم ئوبيېكتىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما، بىر – بىرىگە ماسلاشمايدۇ. مەسىلەن ئىلىمدىكى ئىشىنىش بىلەن دىندىكى ئىشىنىش، ئىلىمدىكى بىلىش بىلەن دىندىكى بىلىش ئوخشاشمايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىلىم بىلەن دىن ھاياتلىقنىڭ ئىككى خىل شەكلى ھېسابلىنىدۇ ياكى بىر – بىرىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئىككى دۇنيا دەپ قارىلىدۇ. بۇنداق بولغان ئىكەن، دىننى ئىلىمنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ دەپ رەت قىلىشنىڭ ئورنى يوق ۋە ياكى دىنغا ئىلىمنى زورلاپ تېڭىپ ئۇنى كۈچلۈك قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ ئورنىمۇ يوق.([3])

بىزدىن يەنە بۇ خىل قاراشنى ياقلايدىغان بىر قىسىملار مەيدانغا كەلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە دىن شەيئىلەرنى ئابىستراكىت ئىشارەت ۋە مەجاز بىلەن ئىپادىلىسە، ئىلىم ھەقىقەت ۋە كونكرېتلىق بىلەن ئىپادىلەيتتى. خۇددى شېئىرنىڭ تىلى بىلەن مەنتىقىنىڭ تىلى پەرقلەنگەندەك پەرقلىنەتتى.

مانا بۇ باشقىلارنىڭ ئىزدىنىشى ۋە تەپەككۇرى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۈچ خىل قاراش. دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بىزدىن بەزىلەر بۇنى قارىغۇلارچە قوبۇل قىلىشتى. ھالبۇكى بىرىنچى قاراشتا زىتلىق سەۋەبىدىن دىننى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنسا، ئىككىنچى قاراشتا ئىلىمنى دىندىن ئۈستۈن قويۇۋالدى، ئۈچىنچى قاراشتا بولسا ئىلىمنى دىن بىلەن تەڭ دەرىجە قىلىپ قويدى.

بۇ دورامچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى قانداق؟

بىزگە نىسبەتەن يۇقىرىدىكى قاراشلار دىنىمىز بىلەن ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بايان قىلىپ بەرمەستىن بەلكى تېخىمۇ چىگىش قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ مۇناسىۋەتنى بۇرۇنقى ئەجداتلىرىمىز چۈشەنگەن توغرا شەكلىدە چۈشىنەلمەي قالدۇق. بۇ توغرا يولغا كىرىش ئۈچۈن بىز ئاۋۋال يۇقارقى دورامچىلىقنى چۆرۈپ تاشلاپ، باشقىلاردىن بىزگە سىڭىپ كىرگەن تۆۋەندىكى ئىككى خىل تەسەۋۋۇرنى رەت قىلىشىمىز كېرەك.

بىرىنچى خىل تەسەۋۋۇر، ئىلىم دېيىلسە تەبىئىي پەننىلا كۆزدە تۇتۇش.

بىز دەيمىزكى، ئىلىمنى پەقەت تەبىئىي پەنگىلا خاس قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكى ئىككى پرىنسىپقا ئالاقىدار:

1. ئەقىل كۆپ مەرتىۋىلىك بولىدۇ (ranks of reason)

بۇنىڭ بايانى شۇكى، ئىلىم جاۋابىنى بېرىدىغىنى دەل: «ئەقلىم بىلەن نېمىنى چۈشىنىمەن؟» دېگەن سوئال بولۇپ، نەتىجىدە، ئىلىمدىكى ئاساس ساغلام ئەقىلدىن ئىبارەت بولىدۇ.([4]) بىراق ساغلام ئەقىلمۇ – ئادەتتە، كەڭ تارقالغاندەك – بىر مەرتىۋىدە بولماستىن، ھەقىقەتتە نەچچە مەرتىۋىدە بولىدۇ. بۇ ئەقلى مەرتىۋىلەرنىڭ قايسىسى تېپىلسا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىگە لايىق ئىلىم بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن قاچانكى ئىلىم چېتىلغان ئاشۇ ئەقىلنىڭ مەرتىۋىسى تەبىئىي پەنلەر چېتىلغان ئەقىلنىڭ مەرتىۋىسىدىن يۇقىرى بولۇپ قالسا، بۇ ئىلىم تەبىئىي پەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىمدىن ئۈستۈن بولىدۇ. ئوخشاشلا ئىلىم چېتىلغان ئاشۇ ئەقىلنىڭ مەرتىۋىسى تەبىئىي پەنلەر چېتىلغان ئەقىلنىڭ مەرتىۋىسىدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، بۇ ئىلىم تەبىئىي پەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىمدىن تۆۋەن بولىدۇ. دېمەك ئىلىم دېگەن تەبىئىي پەنلەر بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغان دەرىجىدە كەڭدۇر.

2. ئىلىمنىڭ بىر – بىرىنى تولۇقلىشى

يەنى، ھەر قانداق بىر ئىلىم تاكامۇللىشىشى ئۈچۈن ئۆزىدىن ئالىيراق بولغان بىر ئىلىمگە موھتاج بولىدۇ. چۈنكى، ھەر قانداق ئىلىمنىڭ چېكى، ئەيىبلىرى بولىدۇ. بۇ ئەيىبلەر ۋە چەكلەرنى پەقەت مەزكۇر ئىلىمدىن تېخىمۇ ئۈستۈن بولغان بىر ئىلىم بىلەن تولۇقلاش مۇمكىن. تەبىئىي پەن ئىلىملىرىنىڭ ئەيىبلىرىنى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئالىي بولغان بىر ئىلىم يېپىپ تۇرىدۇ.

ئىككىنچى خىل تەسەۋۋۇر دىننى پەقەت ئىمانغىلا خاس قىلىش.

دەيمىزكى دىننىمۇ پەقەت ئىمان ياكى روھانىيلىققىلا خاس قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك ئىككى پرىنسىپتۇر.

بىرىنچى پرىنسىپ، ھايات بىرلا ساھە ئەمەس. بۇنىڭ بايانى شۇكى، دىن جاۋاب ئېلىپ كېلىدىغان ئەڭ ماھىيەتلىك سوئال: قانداق ياشايمەن؟ دىن ئىبارەت. دىن بۇنىڭغا سالىھ بولۇپ، توغرا يولدا ياشا دەپ جاۋاب بېرىدۇ.([5]) ئەمما، بۇ سالىھ بولۇپ ياشاش بىرلا ساھەدە بولمايدۇ، بەلكى بىر قانچە ساھەنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ساھەلەرنى تۆۋەندىكى ئۈچ چوڭ تۈرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن.

1. ئىمان (بۇنىڭغا ئېتىقاد، ئىشىنىشكە دائىر بارلىق ئىشلار كىرىدۇ)

2. ئىلىم (ياكى بىلىش، بارلىق بىلىم تۈرلىرى كىرىدۇ)

3. ئەمەل (بارلىق ئىش – ھەرىكەت)

دىن تەلەپ قىلىدىغان سالىھ بولۇپ ياشاش بۇ ئۈچىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. يالغۇز ئىمان بىلەنلا ياكى يالغۇز ئىلىم بىلەنلا ياكى يالغۇز ئەمەل بىلەنلا، ۋە ياكى بۇلاردىن ئىككىسى بىلەنلا ياشاش دىن تەلەپ قىلغان سالىھ بولۇپ ياشاشقا يەتكۈزەلمەيدۇ. بەلكى بۇ ئۈچىنىڭ بىرلىشىشىدىن كېلىدۇ. شۇڭا، دەيمىزكى دىن يالغۇز ئىمان ياكى روھىيەت ياكى مېتافىزىكىلا ئەمەس.

ئىككىنچى پرىنسىپ، يۇقىرىقى ئۈچ خىل شەكىلنىڭ بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىشى ۋە تولۇقلىشى

يۇقىرىدىكى بۇ ئۈچ ساھەنىڭ ھەر بىرى ئۆزى يالغۇز ھاياتلىقنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. بەلكى يەنە قالغان ئىككىسىنى تەقەززا قىلىپ تۇرىدۇ. بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر – بىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ.

ئۇنداقتا دىن بىلەن ئىلىمنىڭ بىز چۈشىنىدىغان توغرا ئالاقىسى قايسى؟

1. يۇقىردا دېيىلگەن پرىنسىپ يەنى، ئەقىلنىڭ كۆپ مەرتىۋىلىك پرىنسىپىغا ئاساسەن، بىز چۈشىنىدىغان ئىلىم باشقىلار چۈشەنگەن ئىلىم ئۇقۇمىدىن كەڭرى بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە باشقا بىر پرىنسىپ يەنى، ئىلىمنىڭ تاكامۇللىشىشى پرىنسىپىگە ئاساسەن ھەر بىر ئىلىم ئۆزىدىن ئالىيراق بولغان يەنە بىر ئىلىمگە موھتاج بولىدۇ. بۇ ئۇقۇم باشقىلار بىلگەن ئىلىم ئۇقۇمىغا ئوخشىمايدۇ.

2. دىنمۇ يۇقىردا دېيىلگەن بىر پرىنسىپ يەنى، ھاياتلىقنىڭ ئۈچ ساھەسى پرىنسىپى ۋە يەنە باشقا بىر پرىنسىپ ھاياتلىقنىڭ ئۈچ خىل ساھەسى بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىش ۋە تولۇقلاش پرىنسىپىگە ئاساسەن باشقىلار چۈشەنگەن دىن ئۇقۇمىدىن كەڭرى بولىدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ باشقىلار بىلگەن دىن ئۇقۇمىدىن پەرقلىنىدۇ.

يۇقىرىقى دىن بىلەن ئىلىم ئۇقۇمىنىڭ كەڭرى بولغان ئىككى ئۇقۇمىغا ئاساسەن مۇنداق دەيمىز:

1. بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزدە دىن بىلەن ئىلىم بىر – بىرىگە زىتمۇ ئەمەس، قارىمۇ قارىشىمۇ ئەمەس، ئالاھىدە پەرقلىقمۇ ئەمەس، بىر – بىرىنى يەكلەيدىغانمۇ ئەمەس، بەلكى بىر – بىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. يەنى، ئىمان ۋە ئەمەل دىننىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولغاندەك ئىلىممۇ دىننىڭ بىر تەركىبى قىسمىدۇر.

2. بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى ئىلىم دىن بىلەن چىقىشالايدۇ (دىن بىلەن ئىلىم زىت دېگەنلەرگە خىلاپ ھالدا)، ئەمما ئىلىم دىندىن مەرتىۋە جەھەتتە يۇقىرى بولمايدۇ (دىن بىلەن ئىلىم پەرقلىنىدۇ دېگەنلەرگە خىلاپ ھالدا) ۋە يەنە شۇنداقلا دىن بىلەن تەڭ بىر مەرتىۋىدە كەلمەيدۇ (دىن بىلەن ئىلىم توقۇنىشىدۇ دېگەنلەرگە خىلاپ ھالدا) ئەمما، ئىلىم دىندىن بىر دەرىجە ئاستىدا تۇرىدۇ. ئەمما، بىرى يەنە بىرىدىن ئەۋزەل بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇددى بىر پۈتۈن نەرسىنىڭ بىر پارچىسى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغاندەك، ئۈچتىن بىر تۆۋەن بولغاندەك.

3. بىز دىننىڭ بىر تەركىبى دەپ قارىغان ئىلىم يالغۇز دىنىي ئىلىملەرنىلا كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى زاغرا تىلىمىزدا پەننىي بىلىملەر دەپ قارالغان ماتېماتىكا پەنلىرى، تەبىئىي پەنلەر، ئىجتىمائىيەت ۋە ئىنسانىيەت پەنلىرى، ھاياتلىق پەنلىرى ئىشقىلىپ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى، يۇقىردا دېيىلگەن ئىككى پرىنسىپقا (ئەقىلنىڭ كۆپ مەرتىۋىسى ۋە ئىلىملەرنىڭ بىر بىرىنى تولۇقلىشى) بويسۇنغان ھەر قانداق ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋە ياكى ئۇنى قوللىنىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىبادەت قىلىش دىن تەلەپ قىلغان سالىھ بولۇپ ياشاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىرىنچى پىرىنسىپتا ئىلىملەرنىڭ ئەقىلنىڭ كۆپ مەرتىۋىلىكىگە قاراپ ھەرخىل بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەڭ ئالىيسىنىڭ تەبىئەتتىن ھالقىغان ئىلىم ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىككىنچى پرىنسىپتا ھەر قانداق ئىلىمنىڭ ئۆزىدىن ئالىي بولغان يەنە بىر ئىلىمگە تۇتۇشقانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىدىكى كەمچىلىكنى تولۇقلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

4. باشقىلار چۈشەنگەننىڭ ئەكسىچە، ئىلىمنىڭ تەرەققىي قىلىپ بېرىشى دىننىڭ تەسىرىنى تارايتماستىن ئەكسىچە كەڭرىتىپ بارىدۇ. دىننى ئارىلاشتۇرماستىن ئۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ بارىدۇ. چۈنكى، ئىلىمنى دىننىڭ بىر تەركىبى قىسمى دەپ قارىغانكەنمىز، ئىلىم تەرەققىي قىلغانسېرى بىزنىڭ بىلىش دائىرىمىزنى كەڭرىتىپ، چۈشەنچىمىزنى يارقىنلاشتۇرۇپ بارىدۇ. دىننى ئەڭ ياخشى شەكلىدە تەتبىقلاشقا ياردەم قىلىدۇ.

خۇلاسە كالام شۇكى: ئىسلامنىڭ قارىشىدا، دىن بىلەن ئىلىمنىڭ ئالاقىسى بۇ ئىككىسى بىر – بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن، ئىلىم دىننىڭ تەركىبى قىسىمى بولغان ئالاقىدۇر. بىز دىننى ئىلىمدىن ئاۋۋال قويىمىز. بۇ دېگەنلىك بىرىنى بىرىدىن ئەۋزەل كۆرگەنلىك ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلۈكنى جۈزئىيلىكنىڭ، ئومۇمنى خاسنىڭ ئالدىغا قويغاندەك ئىشتۇر. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ئىلىم بايقىغان كەشپىياتلار، ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىيقەتلەر بۇ دىننىڭ راستلىقىغا، ئەھكاملىرىنىڭ توغرىلىقىغا ئىسپات بولۇپ تۇرۇپتۇ. خۇددى نامازلىرىمىز پەرۋەردىگارىمىز بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى كۈچەيتىپ تۇرغاندەك كۈچەيتىپ تۇرۇپتۇ.

————————————————-
([1]) بۇلار سىكۇلارىزمچىلار، تەجرىبىچىلىك پەلسەپىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار.
([2]) بۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن چاغداش ئالمان تەبىرچى پەيلاسوپلىرىدىن فرېدرىك شلايرماخىر. ئۇنىڭ»ساپ دىن» ناملىق ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىغان كىتابىغا قاراڭ.

F. SCHLEIERMACHER: On Religion،Speeches to its Cultured Despisers، trans. R. CROUTER، Cambrige University Pres، 1998.
([3]) بۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئاۋىستىرىيىلىك پەيلاسوپ ۋىجنىشتاين، ئۇنىڭ»دىنى ئېتىقاد توغرىسىدا لېكسىيىلەر» دېگەن توپلىمىغا قاراڭ»WITTGENSTEIN: Leçons et conversations sur l’esthétique، la psychologie et la croyance religieuse، trad. Jacques FAUVE، Gallimard، Paris، pp. 107 – 135
([4]) قۇرئان كەرىمدىكى: «بىز ئىنسانلارغا(قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئىلىم ئىگىلىرىلا چۈشىنەلەيدۇ.» (ئەنكەبۇت سۈرىسى، 43 – ئايەت)
([5]) قۇرئان كەرىمدىكى: «ئەر، ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيانىڭ قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز.» («نەھل» سۈرىسى، 97 – ئايەت)

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز