جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغانلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش

جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغانلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، باشقىلارنىڭ جازانە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلار بىلەن سودا قىلىشقا بولامدۇ؟ مەسىلەن، ئاتا – ئانام ياڭاق، پاختا ساتىدىغان خوجايىنلار يا بانكىدىن ئۆسۈملۈك قەرز ئالىدۇ يا بانكىغا پۇل قۇيۇپ ئۆسۈم ئالىدۇ. يەنە مەسىلەن، ئىچكىرىدىكى خوجايىنلار بىلەن سودا قىلسام قانداق؟ شۇ خوجايىنلارنىڭ جازانە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. جاۋاب بەرسىڭىز. ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مۇسۇلمان كىشىگە جازانە قىلىش، ئۆسۈم بېرىش ۋە ئېلىش ھارامدۇر.

ھەقتائالا ئېيتقانكى: ﴿جازانە يەيدىغانلار (قىيامەتتە) ساراڭلىقتىن شەيتان سوقۇۋەتكەن ئادەملەردەكلا قوپىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ئېلىم – سېتىم جازانىگە ئوخشاش، دېگەنلىكىدىندۇر. ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانىنى ھارام قىلدى. شۇڭا، كىمىكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن بولدى قىلسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا قالىدۇ. كىمكى جازانە قىلىشقا قايتىدىكەن، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 275).

﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر جەڭگە دۇچار بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلىڭلار، ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، سەرمايەڭلار سىلەرنىڭدۇر، زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر. ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر ھەقىقەتنى ياخشى بىلىدىغان بولساڭلار، سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى زۇلۇمغا ئۇچرىماستىن قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى تولۇق بېرىلىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 278 – 281).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جازانە يېگۈچىگە ۋە يېگۈزگۈچىگە لەنەت قىلغان.(1) يەنە بىر ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جازانە يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، ئۇنى يازغۇچىغا ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھچى بولغان ئىككى شاھىدقا لەنەت قىلغان ۋە: «ئۇلار باراۋەر» دېگەن.(2)

شۇنداقلا قايسى شەكىلدە بولسۇن جازانە مۇئامىلىسىگە ھەمكارلىشىشمۇ گۇناھقا ھەمكارلاشقانلىق جەھەتتىن ھارام بولىدۇ.

ئەمما، ئۆزى جازانە مۇئامىلىسى قىلمايدىغان، جازانە مۇئامىلىسىگە ھەمكارلاشمايدىغان بولسا، جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغانلار بىلەن مەيلى ئېلىم – سېتىم، مەيلى باشقا شەكىلدە شەرىئەت يولغا قويغان ھالال مۇئامىلىلەرنى ئۇلار بىلەن شېرىكلەشمەي قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، يەھۇدىيلار جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغان تۇرۇقلۇق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىيلار بىلەن سودا ۋە قەرز مۇئامىلىسى قىلغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يەھۇدىيدىن نېسىگە ئاشلىق ئېلىپ، ئۇنىڭغا ساۋۇتىنى رەنىگە قويغان» دەپ رىۋايەت قىلغان.(3)

ھافىز ئىبنى ھەجەر ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىستە مۇئامىلىنىڭ ئۆزى ھارام مۇئامىلە بولمىغان ئەھۋالدا كافىرلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ جائىزلىقى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادلىرى ۋە ئۆزئارا مۇئامىلىلىرىنىڭ بۇزۇقلۇقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغانلىقىغا دەلىل بار بولۇپ، بۇ ھەدىستىن مال – مۇلكىنىڭ كۆپ قىسمى ھارام بولغان كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ جائىزلىقى چىقىرىلغاندۇر».

ھافىز ئىبنى ھەجەر يەنە ئېيتىدۇ: «ئالىملار مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ باي ساھابەلەر بىلەن مۇئامىلە قىلماي يەھۇدىي بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى ھېكمەت شۇكى، يا جائىزلىقنى بايان قىلىپ قويۇش ئۈچۈن، ياكى ساھابەلەرنىڭ قولىدا ئۇ چاغلاردا ئارتۇق ئاشلىق يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى ساھابەلەرنىڭ ئاشلىق پۇلىنى ياكى ئۇنىڭ بەدىلىنى ئالماي تۇرۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى سىقىپ قويماسلىقنى خاھلىغانلىقى ئۈچۈن، چۈنكى ساھابەلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنچىلىك ئاشلىقنى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەكنى بېرەلەيدىغانلىرى بولۇشى يىراق ئەمەس، بەلكى رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا بىلدۈرمىگەن بولۇشى، بۇ ۋەقەلىكنى نەقىل قىلغان ئاشلىق بېرەلمەيدىغانلار بىلگەن بولۇشى مۇمكىن».(4)

ئەلبەتتە، جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغان كىشى بىلەن قىلمايدىغان كىشىنىڭ بىرىنى تاللاش پۇرسىتى بولسا، جازانە مۇئامىلىسى قىلمايدىغان كىشىنى تاللاش دىيانەت ۋە تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئەمما، جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغان كىشى بىلەن مۇئامىلە قىلىش جائىز.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 5 – شەئبان / م. 2011، 6 – ئىيۇل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 148 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. «بۇخارىي»، (5347).
2. «مۇسلىم»، (1598).
3. «بۇخارىي»، (2096).
4. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 5/141.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ