ئايال خاھلىمىغان ئەھۋالدا ئەر مەجبۇرىي تالاق قىلسا چۈشەمدۇ؟

ئايال خاھلىمىغان ئەھۋالدا ئەر مەجبۇرىي تالاق قىلسا چۈشەمدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئايال كىشى ئاجرىشىشنى خاھلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئەر كىشى مەجبۇرىي تالاق قىلسا چۈشەمدۇ؟ قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەر كىشىگە ئايالىنى تالاق قىلىش زۆرۈر بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بىر ھەدىستە: «ھالالنىڭ ئاللاھقا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغىنى تالاقتۇر» دەپ كەلگەن.(1)

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە كەڭچىلىك قىلىش يۈزىسىدىن تالاقنى يولغا قويغان، ھارام قىلىۋەتمىگەن. لېكىن، ياقتۇرمىغان. شۇڭا، شەرئى ئۆزرە ياكى تۈزۈك بىر سەۋەب بولمىغان ئەھۋالدا تالاق قىلىۋېتىش يامان كۆرۈلىدۇ. ئەلبەتتە، ئايالى خاھلىمىغان ئەھۋالدىمۇ تالاق قىلسا تالىقى ھېساب بولىدۇ. شەرئى ئۆزرە بولسا، تالاق قىلىش جائىز بولىدۇ.

ئەگەر تالاق قىلمىسا شەرئى جەھەتتىن چاتاق چىقىدىغان بولسا، مەسىلەن، ئايال ئىپپىتىنى ساقلىمايدىغان، نامازغا ئېتىبار بەرمەيدىغان، دىيانىتى بەكلا سۇس ئايال بولسا، ئۇنى تۈزەشكە ئۇرۇنۇپ ئوڭشىيالمىسا، تالاقتىن باشقا چارە بولمىسا، تالاق قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ.

ئەر – خوتۇنلۇق دېگەن ئالاھىدە تاللاش باسقۇچلىرىدىن كېيىن ۋۇجۇدقا چىقىدىغان مۇقەددەس رىشتە، بۇنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىسلام كۆرسەتكەن نۇرغۇن چارىلەرنى قىلىش ئارقىلىق بۇ رىشتىنى پەرۋىش قىلىپ تۇرۇش لازىم. تالاق قىلىش نەسىھەت، تەربىيە ۋە ئورنىنى ئايرىش قاتارلىق چارىلەر كار قىلماي پەقەت چارە بولمىغاندا مۇراجىئەت قىلىدىغان ۋاسىتىدۇر.

ئىسلام شەرىئىتىدە تالاق قىلىش ھوقۇقى ئەرلەرنىڭ قولىدا بولىدۇ. لېكىن، بۇنداق دېسەك ئاياللار ھوقۇقىنى يوقىتىۋەتكەندەك بىر تۇيغۇ بېرىشى مۇمكىن. بىراق، جانابىي ئاللاھ ياراتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەخلۇقلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. شۇڭا، تالاق قىلىش ھوقۇقىنى ئەرلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان.

بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بار:

1. توينىڭ بېشىدىن تارتىپ پۇل خەجلەيدىغان، تويلۇق بېرىدىغان، ئۆي تەييارلايدىغان، ئائىلىنىڭ چىقىمىنى قىلىدىغان كىشى ئەر كىشىدۇر.

2.يارىتىلىش جەھەتتىنمۇ ئەر كىشى ئايال كىشىگە قارىغاندا تېخىمۇ سالماق، ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىيالايدىغان، ئاسان ھاياجانلىنىپ كەتمەيدىغان تەبىئەتلىكتۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەرلەر ئاياللاردىن خەبەر ئېلىپ تۇرغۇچىلاردۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنىڭ بەزىلىرىنى بەزىلىرىدىن ئەۋزەل قىلغانلىقىدىن ۋە ئەرلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى خەجلىگەنلىكىدىندۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 34).

باشقىلارغا زىيان ئۇرۇش چەكلەنگەن بولغاچقا، ئىسلام شەرىئىتى تالاق قىلىش ھوقۇقىنى ئەرلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزغىنى بىلەن ئايال كىشىگىمۇ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئەھۋال ئاستىدا ئاشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ھوقۇق بەرگەن:

1. «خۇلئى» قىلىش ئارقىلىق ئاجرىشىۋېلىش. بۇ چارە ئەر بىلەن ئۆي تۇتۇش پەقەت مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا ئالغان تويلۇقنى ئەرگە قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق بولىدۇ.

2. ئايال كىشى «تالاق قىلىش ھوقۇقى مېنىڭ قولۇمدا بولسۇن» دەپ شەرت قىلىپ تەگكەن بولسا، ئەر رازى بولۇپ ئالغان بولسا. ئايال كىشى ئاجرىشالايدۇ.(2)

3. ئەر ئائىلىسىنى باقمىغان، چىقىمىنى قىلىپ بەرمىگەن ئەھۋالدا ئايال كىشى دەۋا قىلىپ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

4. ئەر ئۇزۇن مۇددەت يوقاپ كەتكەن، قەيەردىلىكى بىلىنمىگەن ئەھۋالدا ئايال كىشى دەۋا قىلىپ ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 23 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 27 – ئاپرېل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 126 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئەبۇ داۋۇد، بەيھەقىي ۋە باشقىلار «مۇرسەل»، ھەم «مۇسنەد» رىۋايەت قىلغان بولۇپ، «مۇرسەل»، دېگەن قاراش توغرا. ئىبنۇلمۇلەققىن: «ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 8/65 – 67.
2. بۇ بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا جائىز بولمايدۇ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ