ۋىتىر نامىزى بىلەن باشقا نەفلە نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇش

ۋىتىر نامىزى بىلەن باشقا نەفلە نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ۋىتىر نامىزى بىلەن باشقا نەفلە نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىدە بەزىدە جامائەت بولۇپ نەفلە ناماز ئوقۇغان.

كۇرەيب رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: «ﻣﻪﻥ ﮪﺎﻣﻤﺎﻡ ﻣﻪﻳﻤﯘﻧﻪﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻗﻮﻧﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، ﻣﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﺘﯩﻢ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪن ئايالى ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﺴﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﺘﻰ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﻪ ﺑﻮلۇۋﯨﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ‹ﺋﺎﻝ ﺋﯩﻤﺮﺍﻥ› ﺳﯜﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ تۇﺭﯗﭖ، تامغا ﺋﯧﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﻛﻮﻧﺎ تۇﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﺩﯨﻦ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺗﯘﺭﺩﻯ، ﻣﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﯓ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﯞﯗﻻﭖ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ (ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ئۆتكۈزۈپ) ﻗﻮﻳﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ، ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ، ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ، ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ، ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ، ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﯞﯨﺘﺮ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻳﺎﺗﺘﻰ، ﻣﯘﺋﻪﺯﺯﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﺎﻣﺪﺍﺗﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ».(1)

ئەبۇ ۋائىل ئابدۇللاھ (ئىبنى مەسئۇد) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن:

— بىر كېچىسى مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ناماز ئوقۇغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھ قىيامدا تۇرىۋەرگەن ئىدى، مەن بولالماي يامان بىر ئىشنى قىلىشنى ئويلاپ قالغانىدىم، — دېگەنىدى، بىز:

— نېمە قىلىشنى ئويلاپ قالغانىدىلا؟ — دەپ سورىساق، ئۇ:

— نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى (ئۆرە تۇرغان ھالەتتە) قويۇپ، ئولتۇرۇۋالاي دەپ ئويلاپ قالغانىدىم، — دېدى.(2)

يەنە ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە كېچىدە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغان.(3)

سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يوقلاپ بارغاندا كېچىدە بىللە ناماز ئوقۇغان.

ئەبۇ جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەۋن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى مۇنداق دېگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سالمان بىلەن ئەبۇددەردائنى قېرىنداش قىلىپ قويغانىدى. سالمان ئەبۇددەردائنى يوقلاپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايالى ئۇممۇددەردائنىڭ كىيىنىشتە ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ:

— نېمە بۇ تۇرقىڭىز؟ — دېگەنىدى، ئۇممۇددەرداﺋ:

— قېرىندىشىڭىز ئەبۇددەردائنىڭ دۇنياغا ھاجىتى يوق، — دېدى. ئاندىن ئەبۇددەرداﺋ كېلىپ سالمانغا تائام تەييارلىدى. سالمان ئەبۇددەردائغا:

— سەنمۇ يېگىن، — دېگەنىدى، ئەبۇددەرداﺋ:

— مەن روزا تۇتۇۋالغان، سەن يېگىن، — دېدى. سالمان:

— سەن يېمىگۈچە مەنمۇ يېمەيمەن، — دېگەنىدى، ئەبۇددەرداﺋ يېدى. كېچىنىڭ ئەۋۋەلىدە ئەبۇددەرداﺋ تۇرماقچى بولغانىدى، سالمان:

— ئۇخلا! — دېدى، ئەبۇددەرداﺋ ئۇخلىدى. سەل تۇرۇپ ئەبۇددەرداﺋ يەنە تۇرماقچى بولۇۋېدى، سالمان:

— ئۇخلا، — دېدى. كېچىنىڭ ئاخىرى بولغاندا، سالمان:

— ئەمدى تۇر! — دېدى. ئىككىسى ناماز ئوقۇپ بولغاندا، سالمان ئۇنىڭغا:

— رەببىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، نەپىسىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، ئەھلىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار. شۇڭا، ھەربىر ھەق ئىگىسىگە ئۆز ھەققىنى بېرىشىڭ كېرەك، — دېدى.

ئەبۇددەرداﺋ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىڭ يېنىغا كېلىپ بۇ ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەنىدى، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سالمان راست ئېيتىپتۇ، — دېدى.(4)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزىدە كۈندۈزدىمۇ نەفلە نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇغان:

مەھمۇد ئىبنى ئەررەﺑﯩﺌ ئەلئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىتبان ئىبنى مالىك ئەنسارىيلاردىن بەدر غازىتىغا قاتناشقان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: يارەسۇلەللاھ! مېنىڭ كۆزۈم ئاجىزلاپ قالدى، مەن جەمەتىمگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرەتتىم، يامغۇر ياغقاندا ئۇلار بىلەن مەن بار يەرنىڭ ئارىلىقىدىكى ۋادىدا ئېقىن بولۇپ قالغاچقا ئۇلارنىڭ مەسجىدىگە بېرىپ ناماز ئوقۇپ بېرەلمەيمەن، ئۆيۈمدىكى بىرەر جاينى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىۋېلىشىم ئۈچۈن ئۆيۈمگە كېلىپ ناماز ئوقۇپ بېرىشلىرىنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم» دېۋىدىم. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ خاھلىسا پات ئارىدا شۇنداق قىلىمەن» دېدى. ئىتبان دېدى: «ئەتىسى كۈن ئېگىز كۆتۈرۈلگەندە رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇبەكرىلەر كېلىپ ئۆيگە كىرىشكە ئىجازەت سورىۋىدى، مەن ئىجازەت بەردىم. رەسۇلۇللاھ ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرمايلا: «ئۆيۈڭنىڭ قەيىرىدە ناماز ئوقۇپ بېرىشىمنى ياخشى كۆرىسەن؟» دېدى. مەن ئۆينىڭ بىر تەرىپىنى كۆرسەتتىم. رەسۇلۇللاھ تۇرۇپ تەكبىر ئېيتتى، بىزمۇ ئۇنىڭ كەينىدە سەپ تارتتۇق، رەسۇلۇللاھ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ سالام بەردى».(5)

ئىسھاق ئىبنى ئەبى تەلھە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ مومىسى مۇلەيكە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈچۈن تائام تەييارلاپ رەسۇلۇللاھنى چاقىرغان، رەسۇلۇللاھ تائامدىن بىكار بولۇپ: «تۇرۇڭلار مەن سىلەرگە ناماز ئوقۇپ بېرەي» دېدى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇزۇن ئىشلەتكەنلىكتىن قارىداپ كەتكەن بورىمىزغا سۇ چېچىۋەتتىم. رەسۇلۇللاھ بورىدا تۇردى، يەنە بىر يېتىم بالا ئىككىمىز رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىدە تۇردۇق، موماي ئارقىمىزدا تۇردى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ بېرىپ ئاندىن قايتتى».(6)

ئىمام نەۋەۋىي: «بۇ ھەدىستە نەفلە نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇسا جائىز بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار. يەنە ئۇنىڭدا كۈندۈز نەفلەلىرىنىڭمۇ كېچە نەفلەلىرىگە ئوخشاش ئىككى رەكئەتتىن قىلىپ ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكىگە دەلىل بار» دەيدۇ.(7)

بۇ ھەدىسلەر ۋىتىر ۋە ئۇندىن باشقا نەفلە نامازلارنى رامازاندا ۋە رامازاندىن باشقا چاغلاردا جامائەت بىلەن ئوقۇسا بولىدىغانلىقىنى، كىشىلەر بۇنى تاشلىسا بولمايدىغان قائىدە ياكى ۋاجىب دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن داۋاملىق ئىزچىل شۇنداق قىلماي بەزىدە شۇنداق قىلسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بىرقانچە كېچە مەسجىدتە ساھابەلەر بىلەن بىللە ناماز ئوقۇغاندا ۋىتىرنىمۇ بىللە ئوقۇغان بولۇشى كېرەك. كۆپچىلىك ئالىملار ۋىتىرنى نەفلە ناماز قاتارىدىن دەپ قارايدۇ. يۇقىرىدىكى ھەدىسلەردىمۇ ئىبنى ئابباس قاتارلىق ساھابەلەر ۋىتىرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن جامائەت بولۇپ بىللە ئوقۇغان. شۇڭا، بەزىدە ئۆي ياكى مەسجىدتە، كېچىدە ياكى كۈندۈزدە جامائەت بولۇپ نەفلە ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. بۇنىڭدا چەكلىمە يوق.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 18 – رامازان / م. 2011، 18 – ئاۋغۇست

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 48 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (992)؛ «مۇسلىم»، (763).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1135)؛ «مۇسلىم»، (773).
3. «مۇسلىم»، (772).
4. «بۇخارىي»، (1968).
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5401)؛ «مۇسلىم»، (33).
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (380)؛ «مۇسلىم»، (658).
7. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 5/163.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ