سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ماڭا ۋەھيى قىلىشقا تېگىشلىك نەرسىنى ۋەھيى قىلدى، ماڭا بىر كېچە – كۈندۈزدە 50 ۋاقىت نامازنى پەرز قىلدى. ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغىچە چۈشتۈم. ئۇ: رەببىڭ ئۈممىتىڭگە نېمىنى پەرز قىلدى؟ دەپ سورىدى، مەن: 50 ۋاقىت نامازنى دېدىم. ئۇ: رەببىڭگە قايتىپ، يەڭگىللىتىشنى سورىغىن، ئۈممىتىڭ ھەرگىز قادىر بولالمايدۇ، مەن بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى سىناپ كۆرگەن، دېدى. مەن رەببىمنىڭ يېنىغا، يەنى مۇناجاتلاشقان جايغا قايتىپ كېلىپ نىدا قىلىپ: ئى رەببىم، ئۈممىتىمدىن يەڭگىللەتسىلە، دەپ سورىدىم. مەندىن بەشنى ئېلىپ تاشلىدى. ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: بەشنى ئېلىپ تاشلاپ يەڭگىللەتتى، دېسەم، ئۈممىتىڭ قادىر بولالمايدۇ، يەنە قايتىپ يەڭگىللىتىشنى سورىغىن، دېدى. مەن رەببىم بىلەن مۇسا ئارىلىقىدا چۈشۈپ – چىقىپ يۈردۈم. ئاخىرى ئاللاھ تائالا: ئى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم! ھەقىقەتەن بۇ بىر كېچە – كۈندۈزدىكى بەش ۋاقىت نامازدۇر، ھەربىر ۋاقىت نامازغا ئونى بېرىلىدۇ، ئۇ بەش ناماز 50 ۋاقىت بولىدۇ. كىم بىر ياخشىلىقنى نىيەت قىلىپ ئەمەل قىلالمىسا، بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ، ئەمەل قىلسا، ئون ياخشىلىق يېزىلىدۇ. ئەگەر يامانلىقنى مەقسەت قىلىپ ئەمەل قىلمىسا، ھېچنېمە يېزىلمايدۇ، ئەگەر ئۇ يامانلىقنى قىلىپ سالسا، بىر گۇناھ يېزىلىدۇ، دېدى. مەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا چۈشۈپ، بۇلارنى دېسەم، ئۇ: يەنە قايتقىن، رەببىڭدىن يەڭگىللىتىشنى سورىغىن دېدى. مەن: رەببىمنىڭ قېشىغا بېرىۋېرىپ خىجىل بولۇپ قالدىم دېدىم». مۇسلىم، ئەھمەد، تىرمىزىي، ئەبۇ داۋۇدلار توپلىدى. بۇ ھەدىسنى خىتتايچە «ئازغانلار كىملەر» (谁是缱怒者) دېگەن كىتابتا «بۇ ھەدىس توغرا ئەمەس، ئاللاھ بىلىپ تۇرۇپ ئۇنداق قىلمايدۇ، دەپتۇ، يەنى بىلىپ تۇرۇپ بەندىسىگە ئۇنداق 50 ۋاقىت پەرز قىلمايدۇ، مۇسلىم سەھىھ دېگەن بىلەن ئۇلارمۇ خاتالىشىدۇ دەپتۇ. ئىككىلىنىپ قالدىم ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرسىلە!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
نامازنىڭ باشتا 50 ۋاقىت پەرز قىلىنىپ كېيىن 5 ۋاقىتقا يەڭگىللىتىلگەنلىكى ھەققىدە كەلگەن ئىسراﺋ – مىئراج كېچىسى بولغان ۋەقەلىكلەر توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارقىلىق ئەبۇ زەر ۋە مالىك ئىبنى سائسائە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن «بۇخارىي»، «مۇسلىم» ۋە باشقا سۈنەن كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەردۇر. سەھىھ بولغاندىمۇ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى سەھىھ ھەدىسلەردۇر. شۇڭا، بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەرنى «سەھىھ ئەمەس» دېيىش توغرا ئەمەس.
جانابىي ئاللاھ نامازنى باشتا 50 ۋاقىت پەرز قىلىپ كېيىن 5 ۋاقىتقا يەڭگىللەتكەن بولسا نېمە بوپتۇ؟ ئاللاھ خاھلىغىنىنى قىلىدۇ، بەندىلەرنىڭ ئۇنداق – مۇنداق دەپ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەققى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەر ھەدىسنى توغرا ياكى توغرا ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلىپ ئايرىيدىغانلار كەلسە – كەلمەس كىشىلەر ئەمەس. بەلكى ھەدىسشۇناسلاردۇر.
بۇ سەۋەبتىن، تونۇلغان ئىشەنچلىك ئالىملارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇش، نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ئاللىقانداق بىريەرلەردىن تېپىپ تەرجىمە قىلغان كىتابلارنى ئوقۇماسلىق كېرەك. سەلەفلىرىمىز: «بۇ دېگەن دىن. شۇڭا، دىنىڭنى كىمدىن ئالغىنىڭغا ئوبدان قارا» دېگەن.(1)
ئالىملىرىمىز: ئىلىمنىڭ قورالى تۆتتۇر: زېرەكلىك، ساغلام كىتاب، يېتۈك ئۇستاز ۋە تىنماي ئۆگىنىش، دەپتىكەن. شۇڭا، ساغلام ئالىملار يازغان ساغلام كىتابلارنى ئوقۇش كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 21 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 25 – ئاپرېل
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 12 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. ئەلخەتىب ئەلباغدادىي: «ئەلفەقىھۇ ۋەلمۇتەفەققىھۇ»، 2/378.