ھۆججەتۇلئىسلام ئەبۇ ھامىد غەززالىي

ھۆججەتۇلئىسلام ئەبۇ ھامىد غەززالىي

(ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111)

 

ئىمام غەززالىي فىقھىي ئېنسىكلوپېدىكلىك، پەلسەپەۋى رەھبەرلىك ۋە تەسەۋۋۇفچە روھىي مايىللىقلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، پىكرىنىڭ دادىل، زېھنىنىڭ ئۆتكۈر بولۇشى بىلەن بىرگە، زېرەكلىكى، نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، دەلىل – پاكىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، ئەقىل ئىشلىتىشتە چېۋەرلىكى ۋە تەپەككۇرىنىڭ ئىتتىكلىكى بىلەن تونۇلغان. ئەنە شۇ سۈپەتلەر ئۇنى ھەرخىل ئىلىملەردە ۋە ئوخشىمىغان پەنلەردە بايراقدار بولۇشقا لايىق قىلغانىدى. غەززالىي فەقىھ ھەم پەيلاسوپ، سوپى ھەم ئۇسۇلىي(1) بولۇپ، يۇقىرىقى ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىدە مول بىلىم، پىشقان ئەقىل، ئۆتكۈر پاراسەت ۋە سەگەك پىكىرلەردىن ئىبارەت مەھكەم رامكا ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. نەتىجىدە، ئۇ شۇلارنىڭ ھەممىسىدە يېتۈك شەخسكە ئايلىنىپ، كەم ئۇچرايدىغان مەشھۇر ئېنسىكلوپېدىك ئالىمنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھەتتا گوللاندىيەلىك شەرقشۇناس ت. ج. دې بور Tjitze Jacobs de Boer (1866 – 1942) ئۇنى «ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ ھەيران قالارلىق شەخس» دەپ قارىغان(2).

ئەبۇ ھامىد غەززالىي بىر ئالىمدا بولۇشقا تېگىشلىك ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ۋە بىر شەخستە بولۇشقا تېگىشلىك سالاھىيەتلەرنىڭ بارىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان. بۇرۇنقىلار ۋە كېيىنكىلەر ئۇنىڭ ھەققىدە ئوخشىمىغان پىكىردە بولغان بولۇپ، ئۇنى تەنقىدلىگەنلەرمۇ، مەدھىيەلىگەنلەرمۇ بولغان. شۇنداقلا قوللىغانلارمۇ ۋە قارشى تۇرغانلارمۇ بولغان. ئۇ ئىسلامچىلارنىڭمۇ ھەم غەربلىكلەر ۋە شەرقشۇناسلارنىڭمۇ زور كۆڭۈل بۆلۈشىگە سازاۋەر بولغان. گاھىدا ھۆكۈملىرى توقۇنۇشلۇق بولغان بۇ مول تەتقىقاتلارنىڭ ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىنى كۆپ جەھەتتىن بېيىتقانلىقىنى بايقايمىز.

نام – نەسەبى

تولۇق ئاتىلىشى يېتۈك ئىمام، ھۆججەتۇلئىسلام (ئىسلام ھۆججىتى)، زەينۇلئابىدىن (ئابىدلار زىننىتى)، زاماننىڭ مۆجىزىسى ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەتتۇسىي ئەششافىئىي ئەلغەززالىي بولۇپ، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى زېرەكلىك ساھىبىدۇر، ئۇلۇغ ئىمامدۇر، فەقىھ ئالىمدۇر، پەيلاسوپ ۋە تەربىيەچى ئۇستازدۇر. ئەرەب – ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا پىكىر ئەربابلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تېگى پارسلاردىندۇر. ئىسلام ئەقىدىسىگە چوڭقۇر چۆككەنلىكى ۋە ئۇنى جان – جەھلى بىلەن قوغدىغانلىقى ئۈچۈن «ھۆججەتۇلئىسلام» دەپ تونۇلغان. تۇغۇلغان يېزىسى «غەزالە»گە تەۋە قىلىنىپ، غەزالىي دەپ ئاتالغان. بەزىلەر ئۇنى دادىسىنىڭ تىرىكچىلىك كەسپى بولغان يىپ ئېگىرگۈچى (غەززال) لىككە تەۋە قىلىپ غەززالىي دەپ ئاتايدۇ(3). ئەمەلىيەتتە، ھەر ئىككىلىسى توغرا.

ئۆسۈپ يېتىلىشى

ئىمام غەززالىي ھ. 450 / م. 1058 – يىلى ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان خۇراسان شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان تۇس شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ يەر ھازىر «شەھەر» دەپ ئاتىلىدۇ. غەززالىي نامرات ئائىلىدە ئۆسكەن بولۇپ، دادىسى ئىلىمنى، ئالىملارنى ۋە تەسەۋۋۇفچىلارنى ياخشى كۆرىدىغان، ھۈنىرىدىن باشقا نەرسىسى يوق كەمبەغەل ۋە سالىھ كىشى ئىدى، ئىككى بالىسى مۇھەممەد ۋە ئەھمەدكە قاتتىق ئىلىم ئوقۇتۇش ئىستىكى بار ئىدى. ئۇنى ساقايماس بىر كېسەل چىرمىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئىككى بالىسىنى ئۆزىنىڭ بىر سوپى دوستىغا ۋەسىيەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىدە بار ئازغىنە پۇلنى بېرىدۇ ۋە ئىككىسىگە ئىلىم ئوقۇتۇشنى ۋە ياخشى تەربىيەلەشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ(4). ھېلىقى كىشى دوستىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئورۇنلاشقا تىرىشىدۇ. ئاخىرىدا بالىلارغا ئاتىسى قالدۇرغان پۇللار تۈگەپ، ئۇنىڭغا بالىلارنى بېقىش چىقىمى ئېغىر كېلىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلارنى شۇ ۋاقىتتا كەڭ تارالغان ۋە ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرگە كېپىل بولىدىغان مەدرىسەلەرنىڭ بىرىگە كىرگۈزىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ئىككىسى مەدرىسەدە ياشاپ، مەدرىسەدە ئىلىم ئوقۇيدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ كىشى غەززالىي ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «بىلىپ قېلىڭلاركى، مەن ئىككىڭلارغا تېگىشلىك ھەققىڭلارنى سەرپ قىلىپ بولدۇم. مەن بولسام، ھېچبىر پۇل – مېلى يوق كەمبەغەل ۋە يوقسۇل بىر ئادەممەن. سىلەردىن ياردىمىمنى ئايىماي كەلدىم. مېنىڭچە، سىلەر ئەڭ ياخشىسى ئىلىم ئوقۇغۇچى بولغاندىكىن بىرەر مەدرىسەگە بېرىپ پاناھلانساڭلار، قورسىقىڭلارنى ئوبدان باقالايتتىڭلار» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلغان. بۇ ئۇلارنىڭ سائادەتمەن بولۇشىغا ۋە دەرىجىلىرىنىڭ ئۈستۈن بولۇشىغا سەۋەب بولغانىدى. غەززالىي بۇ ئىشنى بايان قىلىپ: «ئاللاھتىن باشقىنى(5) كۆزلەپ ئىلىم ئۆگىنىشنى باشلىۋىدۇق، ئىلىم يەنىلا ئاللاھتىن باشقىغا بولۇشقا ئۇنىمىدى» دەيتتى(6).

ئۇنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشتىكى تىرىشچانلىقى

غەززالىي كىچىكىدە ئۆز شەھرى تۇستا ئۇستازى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئەتتۇسىي ئەررازەكانىي (ھ ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) دا ئازراق فىقھ ئوقۇدى، ئاندىن جۇرجانغا سەپەر قىلىپ، غازى ئىمام ئەبۇ نەسر ئىسمائىل ئىبنى مەسئەدە ئەلئىسمائىلىي ئەلجۇرجانىي (ھ 407 – 477 / م. 1016 – 1084) دىن ئىلىم ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن تۇسقا قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇردى. ئاندىن ھ. 473 – يىلى سەلجۇقىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى ۋە باغدادتىن كېيىنكى ئىلىم شەھرى بولغان نىشاپۇرغا يۆتكەلدى ۋە نىزامىييە مەدرىسەسىگە ئوقۇشقا كىردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە «ئىمامۇل ھەرەمەين (ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى)» دەپ تونۇلغان تالانتلىق بۈيۈك ئالىم ئەبۇلمەئالى ئابدۇلمەلىك ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلجۇۋەينىي ئەننىشاپۇرىي (ھ. 419 – 478 / م. 1028 – 1085) دا ئىلمى ئۇسۇلۇلفىقھ ھەم ئىلمى كالام ۋە ئىلمى مەنتىق ئۆگەندى ۋە ئۇستازىنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتتى. ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ ئوقۇپ، مەزھەبتە، ئىختىلاپىي مەسىلىلەردە، مۇنازىرە ۋە ئۇسۇل پەنلىرىدە ئۈستۈنلۈك قازاندى. ھەممە ئۇنىڭ زەكىيلىكىگە، ئىنچىكە مەنىلەرگە شۇڭغۇشىغا ۋە مەلۇماتىنىڭ كەڭرىلىكىگە ھەيران قالدى. ئۇستازى جۇۋەينىي ئۇنى تەرىپلەپ: «غەززالىي تولۇپ تاشقان بىر دېڭىزدۇر» دەيتتى(7). ئۇ 400 نەپەر قۇرداشلىرىنى بېسىپ چۈشۈپ، ئۇستازىنىڭ ياردەمچىسى ۋە ئورۇنباسارى «خەلپەت» بولدى. ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىدە «مەنخۇل» (تاسقالغان) دېگەن كىتابىنى يېزىپ، ئۇستازى ئەبۇلمەئالىيغا كۆرسەتكەندە، ئۇستازى: «مېنى تىرىك ھالىتىمدىلا كۆمدۈڭ، ھازىرچە سەۋر قىلىپ تۇرساڭ بولماسمىدى؟! سېنىڭ كىتابىڭ مېنىڭ كىتابىمنى يېپىپ قويدى» دېگەنىكەن(8).

غەززالىينىڭ دەۋرى

غەززالىينىڭ دەۋرى (يەنى ھ. 5 – / م. 10 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى، ئابباسىيلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرى) پىكرىي جەھەتتىن، ئىسلامدا پەلسەپەۋى مېتودلارنىڭ گۈللىنىشى بىلەن ئالاھىدىلەنگەن. چۈنكى، بۇ پەلسەپەۋى مېتودلار فارابىي ۋە ئىبنى سىنا رەھبەرلىك قىلغان مەششائىييە ئىسلام مەدرىسەسى(9) نى تىزگىنلىگەنىدى. شۇنداقلا بۇ مەزگىلدە سوپى تەرىقىتىنىڭ بەلگىلىرىمۇ مۇكەممەللەشكەن ۋە ئىسلامدىكى روھىي ھاياتلىقنىڭ مەزمۇنلىرىمۇ چوڭقۇرلاشقان. سىياسىي جەھەتتىن، ئۇنىڭ دەۋرى (ئابباسىيلارنىڭ) سىياسىي، ھەربىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىش بىلەن پەرقلەنگەن. چۈنكى، ئۇ دەۋردە تۈرك ئىرقلىرى باغدادتىكى خەلىفەلىك ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىۋالغان. باغدادتىكى ئەمەلىي ھوقۇق ئىگىلىرى سەلجۇقىيلار بولغان. ئىسمائىلىييە ۋە باتىنىييە شىئەلىرى خىلافەتكە تەھدىت سالغان. ئانتاكىيە ۋە بەيتۇلمۇقەددەس ئەھلىسەلىبلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. سەلجۇقىيلار سۈننىي مەزھەب (ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە مەزھەبى) نى قوغداش ئۈچۈن نىزامىييە مەدرىسەلىرىنى قۇرغان بولسا، مىسىردا فاتىمىي ئۇبەيدىيلەر شىئە مەزھەبى دەۋىتىنى كۈچەيتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلامدا مەزھەب كۈرىشى ئەۋجىگە چىققانىدى.

ئۇنىڭ نىزامىييە مەدرىسەسىگە كىرىشى

ئىمام غەززالىي نىشاپۇردا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ، شۇ يەردە ئۆيلىنىدۇ ۋە بالىلىق بولىدۇ. ئۇستازى ئىمام جۇۋەينىي ھ. 478 / م. 1085 – يىلى ۋاپات تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 28 يېشىدا نىشاپۇردىن ئايرىلىپ، ئوردىغا بارىدۇ ۋە سەلجۇقىيلار ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك (ھ. 408 – 485 / م. 1018 – 1092) نى ئىزدەيدۇ. نىزامۇلمۈلكنىڭ سورۇنى ئەھلى ئىلىملەرنىڭ جەمگاھى ۋە پاناھگاھى ئىدى، شۇنداقلا ئۇ ئىلىمنى سۆيىدىغانلىقى ۋە ئالىملارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان ئىدى. غەززالىي ئوردىدا بىر بۆلۈك ئىماملار ۋە ئالىملار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، رەقىبلىرى ۋە بەسلەشكۈچىلىرىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ ئىلمى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، شۆھرىتى كەڭ يېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئابرويى ئۆسۈپ ۋە داڭقى تارىلىپ، ئىسمى جاھاننى بىر ئالىدۇ. نەتىجىدە، نىزامۇلمۈلك ئۇنى قەۋەتلەپ ئىززەت – ئىكراملار بىلەن قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇنى باغدادتىكى نىزامىييە مەدرىسەسىنىڭ مۇدەررىسلىكىگە تەيىنلەيدۇ. شۇ دەۋردە بۇ مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىش ئالىملار ئىنتىلىدىغان ۋە بەسلىشىدىغان ئەڭ چوڭ ئىستەك ئىدى. ئۇ ھ. 474 / م. 1091 – يىلى باغدادقا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېشى 34 تىن ھالقىمىغان ئىدى. بىر ئالىمنىڭ بۇنچىلىك ياشتا بۇ مەنسەپكە ئىگە بولۇشى ئاز ئۇچرايتتى. ئۇ نىشاپۇردىن چىقىشى بىلەن تەڭ شاگىرتلىق ھاياتى بىلەن پۈتۈنلەي خوشلىشىپ، كۈرەشچان ۋە قېزىشچان، پىشقان بىر ئالىم سۈپىتىدە ھەقىقىي ئىلمىي ھايات جەڭگاھىغا كىرگەنىدى. غەززالىي نىزامىييە مەدرىسەسىدە دەرس بېرىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ گۈزەللىكى، كامالى ئارتۇقچىلىقى، تىلىنىڭ پاساھىتى، ئىنچىكە ئىلمىي مەسىلىلىرى، نازۇك ئىشارەتلىرى خالايىقنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدۇ. ئۇلار ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ(10). ئۇنىڭ زاماندىشى ئابدۇلغافىر فارسىي (ھ. 451 – 529 / م. 1059 – 1135): «باغدادتا ئۇنىڭ ھەشەمىتى ۋە دەرىجىسى يۇقىرىلاپ، ھەتتا كاتتىلارنىڭ، ئەمىرلەرنىڭ ۋە خەلىفەلىك سارىيىنىڭ ھەشەمىتىنىمۇ بېسىپ چۈشكەنىدى» دېگەن. ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى تالىبلاردىن نۇرغۇنلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا ئوقۇيتتى. ئۇ «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)» دېگەن كىتابىدا ئۆزىنىڭ ۋە نىزامىييە مەدرىسەسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈپەتلەپ: «مەن باغدادتا ئۈچ يۈز ئوقۇغۇچىغا دەرس ئۆگىتىشكە مەسئۇلمەن» دەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئىلمى ئۇسۇل، فىقھ، ئىلمى كالام ۋە ھېكمەت ھەققىدە كىتاب يېزىشنى باشلايدۇ. غەززالىي ھىممىتىنى مۇنازىرە قۇرۇشقا قارىتىپ، تىرىشچانلىقىنى ھەقىقەتنى ئىزدەشكە مەركەزلەشتۈرىدۇكى، ئۇنىڭ دەۋرىدە پىكرىي ھاياتلىقنى تىزگىنلىۋالغان تۆت پىرقە ئاشۇ ھەقىقەت ھەققىدە تالىشىۋاتاتتى. ئۇ پىرقىلەر: بىرىنچىسى، ئۆزلىرىنى پىكىر، مەنتىق ۋە پاكىت ئەھلى دەپ دەۋا قىلىدىغان پەيلاسوپلار؛ ئىككىنچىسى، ئۆزلىرىنى ئىجتىھاد ۋە نەزەر ئەھلى دەپ قارايدىغان مۇتەكەللىملەر؛ ئۈچىنچىسى، ئۆزلىرىنى مەسۇم ئىمامدىن تەلىم ئېلىشقا خاسلاشقۇچىلار ۋە تەلىمات ئەھلىلىرى دەپ داۋراڭ سالىدىغان باتىنىيلار؛ تۆتىنچىسى، ئۆزلىرىنى ئىلاھىي ھەزرەتنىڭ خاس كىشىلىرى، مۇشاھەدە ۋە مۇكاشەفە ئەھلى دەيدىغان سوپىلار.

ئىمام غەززالىينىڭ پىكرىي بۇرۇلۇش باسقۇچى

غەززالىي تۆت يىل ئىلىم ئۆگىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ جەرياندا كاتتا شۆھرەت قازىنىدۇ ھەم كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ ۋە ئېھتىرامىغا سازاۋەر بولىدۇ. شۇنداقلا «ھۆججەتۇلئىسلام» نامىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ پەلسەپە تەتقىق قىلىشقا، بولۇپمۇ فارابىي ۋە ئىبنى سىنالارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىشقا بېرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا مەلۇماتىنىڭ كەڭرىلىكىنى كۆرسىتىدىغان كىتابى «مقاصد الفلاسفة (پەيلاسوپلارنىڭ مەقسەدلىرى)»نى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ كىتابىدا ئۇ پەيلاسوپلارنىڭ لوگىكا، تەبىئەت ۋە مېتافىزىكىدىكى قاراشلىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ ۋە پەلسەپە بىلەن پەيلاسوپلار ئالدىدا تولۇق بىتەرەپلىكنى ساقلايدۇ. لېكىن، تېزلا قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، «تهافت الفلاسفة (پەيلاسوپلارنىڭ زىتلىقلىرى)» دېگەن كىتابىنى يازىدۇ ۋە ئۇنىڭدا پەيلاسوپلارنىڭ ئازغۇنلۇقىنى بايان قىلىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ قىممىتىدىن ۋە پاكىتلىرىدىن شەكلەندۈرىدۇ.

غەززالىي باغدادتا تۇرۇش ئارىلىقىدا ئېغىر كرىزىسلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇنى ئۇ «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)» دېگەن كىتابىدا بايان قىلغان. بۇ كرىزىسلار كۆپلىگەن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي شۇنداقلا پىكرىي ۋە مەزھەبىي پارچىلىنىشلار ھەمدە ئىسلام خەلىفەلىكىنىڭ كىچىك دۆلەتلەرگە ۋە بىر – بىرىگە تىغ كۆتۈرىدىغان پادىشاھلىقلارغا بۆلۈنۈشى، مۇسۇلمان گۇرۇھلارنىڭ ئۆزئارا توقۇنۇشۇشى قاتارلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىگە بېرىپ تاقىلاتتى.

غەززالىي ئاشۇ تۆت پىرقە ئارىسىدىن ھەقىقەتنى قىدىرىشقا تىرىشىپ، ئۇ پىرقىلەرنى ئىنتايىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىدۇ، ئاخىرى ئۇلارنى چۈشىنىدۇ ۋە يېقىندىن تونۇيىدۇ ھەم شۇ پىرقىلەرنىڭ ھەممە قاراشلىرىنى تولۇق ئىگىلەپ چىقىدۇ. ئۇ مەزكۇر قاراشلارنى بىر – بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك كىتابى «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)»دا تەپسىلىي شەكىلدە تىزىملايدۇ.

غەززالىي «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈمگە سەپسالدىم. قارىسام، مەن ھەرتەرەپتىن ئارقانلار بىلەن باغلاقلىق ئىكەنمەن. قىلغان ئىشلىرىمغا سەپسالدىم، ھالبۇكى، ئىشلىرىمنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىتىش ئىدى. قارىسام، مەن ئاخىرەت يولىدا پايدىسىز ۋە ئەھمىيەتسىز ئىلىملەرگە يۈزلىنىۋاپتىمەن. ئاندىن مەن ئىلىم ئۆگىتىشتىكى نىيىتىم ھەققىدە ئويلاندىم. قارىسام، ئۇ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس ئەمەس ئىكەن. بەلكى، ئۇنىڭ تۈرتكىسى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى ئابروي ئىزدەش ۋە شۆھرەت قازىنىش ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئۆرۈلەي دەپ قالغان بىر يارنىڭ لېۋىدە تۇرۇۋاتقانلىقىمغا ۋە ئوتقا يېقىنلاپ قالغانلىقىمغا چىنپۈتتۈم». شۇنىڭ بىلەن ئۇ گۆدەكلىكىدىن تارتىپ ئۆزىدە بىخ سۈرگەن تەسەۋۋۇفقا يېڭىدىن يۈزلىنىشكە باشلايدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ كۆزقاراشلىرى ۋە ئوي – پىكىرلىرىدە سادىر بولغان دەرگۇمانلار ئۇنى مۇدەررىسلىكتىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە ئۈندىگەنىدى. نەتىجىدە، ئۇ ئورنىغا قېرىندىشى ئەھمەدنى قويۇپ قويۇپ، نىزامىييە مەدرىسەسىنى تەرك ئېتىدۇ.

غەززالىي باغدادتىن ئايرىلىشنى قارار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدە بار مال – مۈلۈكتىن ئۆزىگە ۋە بالىلىرىغا يېتەرلىكنىلا ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنى كىشىلەرگە تارقىتىۋېتىدۇ. ئاندىن ھ. 488، زۇلقەئدە / م. 1095، نويابىردا باغدادتىن ئايرىلىپ، شامدا ئىككى يىلچە تۇرىدۇ(11). ئۇ ۋاقتىنى دەمەشق مەسجىدىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزىدۇ. مەسجىدتە ئۇ تەنھالىق، خىلۋەت، روھىي چېنىقىش، نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىش، نەپسىنى پاكلاش، ئەخلاقىنى ساپلاشتۇرۇش، قەلبىنى ئاللاھ تائالانىڭ زىكرى ئۈچۈن سۈزۈلدۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئاندىن ئۇ دەمەشقتىن بەيتۇلمۇقەددەسكە يۆتكىلىدۇ. ئۇ ھەركۈنى سەخرە مەسجىدى(12) گە كىرەتتى ۋە ئىشىكنى تاقاپ، تەنھالىقى ۋە پىنھانلىقىغا غەرق بولاتتى. شۇ يەردە ئۇ داڭلىق كىتابى «إحياء علوم الدين (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش)»نى يېزىشقا باشلايدۇ. ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇمەۋىي جامەسىنىڭ غەربىي مۇنارىدا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن، يەنە بىر قېتىم دەمەشقكە قايتىدۇ. شۇ ئارىدا ئۇنىڭدا ھەجگە بېرىش ئارزۇسى قوزغۇلۇپ، ھ. 489 / م. 1096 – يىلى پەرز ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككەگە قاراپ يولغا چىقىدۇ، ئاندىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەنى زىيارەت قىلىدۇ. غەززالىي ئۆزى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاندىن دەمەشقتىن بەيتۇلمۇقەددەسكە سەپەر قىلدىم. ھەركۈنى سەخرە (مەسجىدى) گە كىرەتتىم ۋە ئىشىكىنى تاقايتتىم. ئاندىن پەرز ھەج چاقىرىقى، شۇنداقلا مەككە، مەدىنە بەرىكەتلىرىدىن بەھرىلىنىش، خەلىل (ئىبراھىم)(13) نى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى زىيارەت قىلىش ئىستەكلىرى ۋۇجۇدۇمدا تىپىرلىدى. نەتىجىدە، ھىجازغا ئاتلاندىم»(14).

ئىمام غەززالىي پەرز ھەجنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، مىسىرغا بارىدۇ ۋە بىر مەزگىل ئىسكەندەرىيەدە تۇرىدۇ. دېيىلىشىچە، «ئۇ ماراكەش ھۆكۈمدارى ئەمىر يۈسۈف ئىبنى تاشفىن (ھ. 400 – 500 / م. 1009 – 1106) بىلەن ئۇچرىشىش مەقسىتىدە، مىسىردىن ماراكەش دىيارىغا دېڭىز سەپىرى قىلماقچى بولۇپ تۇرغىنىدا، يۈسۈف ئىبنى تاشفىننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يېتىپ كەلگەن. نەتىجىدە، ئۇ ئىرادىسىنى ئۇياقتىن بۇرىغان». شۇنىڭدىن كېيىن غەززالىي يەنە قايتا دەمەشقكە قايتىدۇ ۋە ئۇ يەردە كىتابى «إحياء علوم الدين (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش)»نى پۈتتۈرۈشكە كىرىشىدۇ. كېيىنكى يىلى باغدادقا سەپەر قىلىدۇ، لېكىن باغدادتا ئىككىنچىلەپ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ خۇراسانغا بارىدۇ ۋە ئىزچىل پىنھانلىققا ھېرىس بولۇپ، ھاياتىنى زاهىدلىق ۋە تەپەككۇر بىلەن، قەلبىنى ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن سۈزۈلدۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئون يىلچە شۇ ھالەتتە داۋام قىلىدۇ. ئۇ پىنھانلىق، زىكىر، تەپەككۇر بىلەن ھاياتلىق سەۋەبلىرىنى، ھاياتلىقنىڭ داۋانلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىشنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغانىدى. شۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆزى ئىزدەۋاتقان ئاشۇ ھەقىقەتكە يېتەلىگەن ۋە شاگىرتلىرى ۋە مۇرتلىرىغا تەلقىن قىلىپ كەلگەن ئاشۇ جەزمىيەتنى، يەنى نۇرلىرى پەيغەمبەرلىك چىراغىدىن، خالىس ئىسلام جەۋھىرىدىن ئېلىنغان، ھەقىقىي زاھىدلارنىڭ جەزمىيىتىنى تاپالىغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يۇرتى تۇسقا قايتىدۇ. ئۇ بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئاندىن مېنى ھىممىتىم ۋە بالىلىرىمنىڭ چاقىرىقلىرى يۇرتقا قايتىشقا تارتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى يۇرتقا قەتئىي قايتماس بولغىنىمدىن كېيىن يەنە قايتتىم ۋە يۇرتۇمدىمۇ پىنھانلىق، زىكىر ئۈچۈن قەلبنى سۈزۈلدۈرۈش غەرىزىدە كىشىلەرگە ئارىلاشماستىن تەنھالىقنى تاللىدىم»(15).

ھ. 499 / م. 1105 – يىلى سەلجۇقىيلار ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك ئوغلى فەخرۇلمۈلك ئۇنى خۇراسان ۋالىيسى سانجار ئارقىلىق نىشاپۇردىكى نىزامىييە مەدرىسەسىدە مۇدەررىسلىك قىلىشقا چاقىرتىدۇ. ۋەزىر ئىمام غەززالىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئورنى ۋە دەرىجىسىنى، كامالى پەزىلەتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن ئىدى. نەتىجىدە، ۋەزىر ئۇنى ئىستىدى ۋە ئۇنىڭ نىشاپۇرغا كېلىشى ئۈچۈن ئىستىكىدە ناھايىتى چىڭ تۇرۇۋالدى. ئاخىرى ئىمام غەززالىي ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ نىشاپۇرغا بارىدۇ ۋە ھ. 499 / م. 1105 – يىلى زۇلقەئدە/ ئىيۇل ئېيىدا نىزامىييە مەدرىسەسىدە دەرس ئۆتۈشكە باشلايدۇ. شۇ توغرىدا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھ. 499 – يىلى زۇلقەئدەدە ئاللاھ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىشىم ئۈچۈن، نىشاپۇرغا يۆتكىلىشكە مۇيەسسەر قىلدى. ھالبۇكى، بۇ تەنھا ياشاشنىڭ مۇددىتى 11 يىلغا (488 – 499) يەتكەنىدى». لېكىن، غەززالىي ئۇ يەردىمۇ ئۇزۇن تۇرالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ نىشاپۇرغا يېتىپ كەلگىنىدە، ۋەزىر فەخرۇلمۈلك ھ. 500 / م. 1106 – يىلى مۇھەررەم / سىنتەبىردە ھەششاشىيلار گۇرۇھىنىڭ قولىدا سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋالىيلار ئۇنىڭغا نىزامىييە مەدرىسەسىدە دەرس ئۆتۈش مەسلىھەتىنى بەرگەندىن كېيىن، بىر مەھەل شۇنداق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن (يۇرتى) تۇسقا قايتىدۇ ۋە تۇس ئۇنىڭ سەپەرلىرىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولىدۇ. ئۇ يەردە غەززالىي ئۆيىدىن ئايرىلماي، تا ئەجەل كەلگەنگە قەدەر نەسىھەت، ئىبادەت ۋە مۇدەررىسلىككە بېرىلىدۇ. نىزامۇلمۈلك ئوغلى ئەھمەد (ۋاپاتى ھ. 544 / م. 1149) سەلجۇقىيلارغا ۋەزىر بولغاندا ئۇنى خەلىفە نامىدىن نىزامىييە مەدرىسىسىگە ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلىپ مەكتۇب يازغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ تەكلىپنى رەت قىلىدۇ.

ئىبنى خەللىكان مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ يۇرتىدىكى ئۆيىگە قايتىپ، سوپىلار ئۈچۈن بىر خانىقاھ، خانىقاھنىڭ بېقىنىغا ئىلىم ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن بىر مەدرىسە بەرپا قىلدى. ئۇ تاكى رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا كەتكۈچە، ۋاقىتلىرىنى ‹قۇرئان› خەتمە قىلىش، كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش، دەرس ئۆتۈش قاتارلىق ياخشى ئىشلارغا تەقسىملىگەنىدى»(16).

بۇ مەزگىل (ھ. 503 / م. 1109 – يىلى( دە ئۇ ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىدە مەشھۇر ئەسىرى «المستصفى (سۈزمە)» نى يازىدۇ.

ئىمام غەززالىينىڭ ۋاپاتى

ئىمام غەززالىي ھ. 505، 14 -جۇمادىيەلئاخىر / م. 1111، 19 – دېكابىر دۈشەنبە كۈنى 55 يېشىدا ۋاپات تاپتى. ئۇ تەسەۋۋۇف، فىقھ ۋە پەلسەپەگە ئائىت كىتاب – رىسالىلىرى بولۇپ جەمئىي 457 پارچىغا يەتكەن زور بىر مەدەنىي مىراسنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇلاردىن خېلى جىقى ھېلىھەم قوليازما سۈپىتىدە تۇرماقتا ۋە بەزىلىرى يوقاپ كەتكەن.

ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قىلغان ئىشى ھەدىس ئۆگىنىش ۋە ھەدىس ئەھلى بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئىككى «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» – «سەھىھۇلبۇخارىي» ۋە سەھىھۇ مۇسلىم»نى مۇتالىئە قىلىش بولغانىدى(17). ناۋادا ئۇ يەنە ئاز كۈن ياشىغان بولسا ئىدى، چوقۇم ھەدىس ئىلمىدە ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەتتى. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىمام غەززالىغا بەرگەن چوڭ بىر تەۋپىقىدۇركى، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ تۈگەنچىسىنىمۇ ھەدىس ۋە سۈننەت ئۈستىدە قىلدى. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى بۇ پەزىلەتكە ئۆز پەزل – مەرھەمىتى بىلەن مۇۋەپپەق قىلغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. لېكىن، ئۇنىڭ ھەدىس ئىلمىدە ئەسەر يېزىشىغا ئۆمرى يار بەرمىگەن. ئۇ ئۆزىدىن كېيىن پەقەت قىزلىرىنىلا قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى قامدىغۇدەك تىرىكچىلىكى ۋە مىراسى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا پۇل – مال تەڭلەنگەندە، ئۇنى قوبۇل قىلمىغان. گەپ – سۆزلىرىدە گىرامماتىكا جەھەتتىن خاتالىق كۆرۈلۈپ تۈزىتىش بېرىلسە، ئىنساپ بىلەن ئۆزىنىڭ گىرامماتىكا بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقىنى، گىرامماتىكىدىن پەقەت گەپ – سۆزلىرىدە ئېھتىياجلىق بولىدىغان مىقدار بىلەن كۇپايىلەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. شۇنداق تۇرۇپ، ئۇ خۇتبە يازاتتى، ئەدىب ۋە پاساھەتمەنلەرنىمۇ ئاجىز قالدۇرغۇدەك ئىبارىلەر بىلەن كىتابلارنى شەرھلەيتتى.

غەززالىينىڭ پىكرىي باسقۇچلىرى

غەززالىينىڭ پىكرىي باسقۇچلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئەڭ دەسلەپ بۇ مۇتەپەككۇر ۋە پەيلاسوپ قالدۇرغان كىتاب – ئەسەرلەرنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. غەززالىي ئۆزىنىڭ ھالىنى بايان قىلىش يۈزىسىدىن «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)» دېگەن كىتابىنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ پىسخىكا ھالىتىنى، شۇنداقلا شەك باسقۇچىدىن تەسەۋۋۇفتا بىر مەزھەب كەبى سانىلىدىغان جەزمىيەت باسقۇچىغا يۆتكەلگەنگە قەدەر تارتقان دەردلىرىنى ئۇزۇندىن – ئۇزۇن ئاڭلاتقان. غەززالىي بۇ كىتابنى تەسەۋۋۇف يولىدا مېڭىپ، ئون يىل داۋاملاشقان تەنھالىقتىن كېيىن، ئەللىكتىن ھالقىغاندا تۈزگەن. دېمەك، ئۇ كىتاب ئۇنىڭ پىشقان يېشىنىڭ يەكۈنى بولۇپ، ئۇنى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە يازغان. شۇڭا، مەزكۇر كىتابنى ئەبۇ ھامىد غەززالىينىڭ ئاخىرى بېرىپ توختىغان پىكرىي ۋە دىنىي قانائەتلىرىنىڭ بەلگىسى، دەپ ساناش مۇمكىن.

1. شەك باسقۇچى

ئىمام غەززالىي ئېيتىدۇ: «قىران چاغلىرىمدىن تارتىپلا، ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتىشكە قىزىقىش مېنىڭ خۇيۇم ۋە ئادىتىم ئىدى. كۆردۈمكى، ناسارالارنىڭ بالىلىرى ناسارا بولۇپ يېتىلىدىكەن، يەھۇدىيلارنىڭ بالىلىرى يەھۇدىي بولۇپ يېتىلىدىكەن، مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرى مۇسۇلمان بولۇپ يېتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم تۇغما تەبىئەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە ھەرىكەتلەندى». غەززالىي تەقلىدچىلىكنى جەزمىي ئىشەنچكە ئېلىپ بارالمايدۇ، دەپ قارايتتى. شۇڭا، ئۇ ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ مەزھەبلىرىگە قارىمۇقارشى بىر يول تۇتتى. ئەقىلنىڭ دائىرىسىنىڭ تار ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغانلىقى ئۈچۈن، مەرىپەتنى ئەقىلگە مەركەزلەشتۈرۈش ئورنىغا مەرىپەتنى ئىمانغا مەركەزلەشتۈردى ۋە ئەقىلنىڭ ئىمان بىلەن پۇت تىرەپ تۇرمىسا، مەرىپەت قورالى بولۇشقا يارىمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى ھەمدە ئىماننى چىقىش نۇقتىسى ۋە مەرىپەتنىڭ مىزانى قىلدى.

2. جەزمىيەت باسقۇچى

ئىمام غەززالىي جەزمىي ئىلىمنى «شەيئىلەرنى زەررىچە شەك قالمىغۇدەك دەرىجىدە توپتولۇق ئېچىپ بېرىدىغان ئىلىم» دەپ مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئىلىمنىڭ ئۇل – ئاساسلىرى ۋە شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇشبۇ سۈپەتكە ئىگە ئىلىمنى ئىزدەشكە كىرىشتى. لېكىن، ئۇنداق ئىلىمنى تاپالمىدى. چۈنكى، ئىلىم يا ماددىيەتكە ئالاقىدار بولاتتى، يا ئەقلىيەتكە ئالاقىدار بولاتتى. ھالبۇكى، ئۇنىڭدا ماددىيەتكىمۇ، ئەقلىيەتكىمۇ ئىشەنچ يوق بولۇپ، ئەقلى سېزىمىنى، سېزىمى ئەقلىنى ئىنكار قىلىۋاتاتتى. غەززالىينىڭ سەپسەتە مەزھەبىدە تۇرۇۋاتقاندىكى دەرگۇمانلىرى ئىككى ئايغا يېقىن داۋاملاشتى. ئاخىرىدا ئۇ ئەقلىي ھەقىقەت ۋە بەدىيھىييات (ئاكسىئومالار) نىڭ تەسىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىگە تاشلىغان نۇردىن ئىبارەت تاشقى ياردەم بىلەن ئىمانغا قايتتى. شۇ يەردە ئۇ ئەقىلنىڭ دىنىي ئەقىدىنىڭ مەنبەسى بولالمايدىغانلىقىنى، ئەقىلنىڭ دىننى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقى، بەلكى ئەقىلگە دىننىڭ توغرىلىقىنى دىن ئۆزى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.

3. جەزمىي ئىلىم باسقۇچى

ئىمام غەززالىي ئۆزىنى شەك قايناملىرىدىن قۇتقۇزغان جەزمىيەتنىڭ شەرتلىرىنى بېكىتكەندىن كېيىن، پىرقە ۋە مەزھەبلەرنى تەتقىق قىلىشقا يۆتكىلىپ، ئۇلارنى مۇتەكەللىملەر، باتىنىيلار، پەيلاسوپلار ۋە سوپىلار دەپ تۆت قىسىمغا يىغىنچاقلايدۇ ھەمدە ئاۋۋالقى ئۈچ پىرقىنى تەنقىدلەپ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مۇرىدلىرى، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ پاكىتلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. ئاندىن ئەڭ ساغلام يول تەسەۋۋۇف يولى دەپ خۇلاسىلەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزەرىدە مۇتەسەۋۋىفلەر پەيغەمبەرلىك نۇرى بىلەن توغرا يول تاپىدىغانلار بولۇپ، مۇتەكەللىملەر تەقلىدچى، پەيلاسوپلار ئەقىل بىلەن كۇپايىلەنگۈچى، باتىنىيلار بولسا ئۆزلىرىنى مەسۇم ئىمامدىن تەلىم ئالىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغۇچى ئىدى.

ھ. بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئىسلاھاتچىسى

ئىمام غەززالىي كىچىك چېغىدىن تارتىپ ئۆزىنى ۋەزىپە ئىگىسى دەپ ھېس قىلاتتى، شۇنداقلا خىلمۇخىل دىنىي پىرقىلەر ۋە بىر – بىرىگە ئۆچمەن پىكرىي ئېقىملار ئارىسىدا بولۇۋاتقان توقۇنۇشلارنى كۆرگەن ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە بۇنداق توقۇنۇشلار كىشىلەرنىڭ زور كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تالاش – تارتىش قىلىشىغا ئېرىشەتتى. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرى ۋە مۇنازىرىلىرىدە شۇ پىرقە – تائىپىلەرنى تەتقىق قىلىشىغا ۋە قارشى تۇرۇشىغا قىزىقتۇرغان نەرسە يۇقىرىقى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

ئۇنىڭ تۇنجى مۇھىتى ۋە گۆدەكلىكىدىكى ئەسلىمىلەر سوپىلىقنىڭ ئۇنىڭ ئەقلى ۋە ئېڭىغا ئورناپ كېتىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ھەم سوپىلىق ئۇنى ھايات بويى تىزگىنلىۋالغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئۆز جەمئىيىتىنىڭ مەسىلىلىرىدىن ۋە ئۆز ئۈممىتىنىڭ مۈشكۈلاتلىرىدىن قاچمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرۈۋاتقان پىكرىي ئېقىملار، دىنىي مەزھەبلەر ۋە پەلسەپەۋى يۆنىلىشلەرنى كۆزىتىدۇ ۋە ئانالىز قىلىش، تەنقىدلەش بىلەن ئۇلارغا قارشى ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ئىبادەتنىڭ ساپ، ئاڭنىڭ سۈزۈك، ئىماننىڭ چوڭقۇر، دۇنيا ئىشىدا زاھىد بولۇش … لاردەك تەسەۋۋۇف روھانىيىتى بىلەن دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىغا باراۋەر قاراشتىكى ئىلمىي ئەقلىيەتنى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى بىرلەشتۈرىدۇ.

ئىمام غەززالىي دىنغا ئەھمىيەت بېرىپ، ساغلام ئەقىدىنى ۋە توغرا ئىسلامنى قوغدايتتى. «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)»، «فضائح الباطنية (باتىنىيلارنىڭ رەسۋاچىلىقلىرى)»، «تهافت الفلاسفة (پەيلاسوپلارنىڭ زىتلىقلىرى)» قاتارلىقلارغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە بۇ ئوچۇق كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ چوڭ ھەجىملىك ئەسىرى ۋە بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيىسى «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن (إحياء علوم الدين)» (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش) ئارقىلىق ھ. بەشىنچى ئەسىرنىڭ دىن ئىسلاھاتچىسى بولۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك بىر غايىنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. بۇ تەرىپىنى ئۇنىڭ ئۇشبۇ قىممەتلىك گۆھىرى ۋە ۋە بۇ ساھەدە يېگانە كىتابىغا تاللىغان نامىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

مۇتەپەككۇر غەززالى

شۇنىسى ئايانكى، غەززالىينىڭ پىكىر – ئىدىيەسى تەپەككۇر بىلەن بىلىنىپ، ئىلمىي تەجرىبىلەر بىلەن تاۋلانغان خىلمۇخىل ئىلىملەردىن يۇغۇرۇلغانىدى. ئىمام غەززالىي ھەر نەرسىنى بىلىشكە مەھلىيا ئادەم بولغانلىقتىن، ئۆز دەۋرىنىڭ تىرىك ئېنسىكلوپېدىكى ئىدى. ئۇ «ھۆججەتۇلئىسلام» ۋە «بەشىنچى ئەسىر ئىسلاھاتچىسى» دېگەن ناملارغا نائىل بولغان ئىدى. ئىمام غەززالىينىڭ ئەھمىيىتى ئۇنىڭ ئېنسىكلوپېدىك بىلىمىدىلا ئەمەس. چۈنكى، تارىختا نۇرغۇن ئېنسىكلوپېدىكلار ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭى ۋە قەلبىدىكى غەززالىينىڭ ئورنىغا ئىگە بولالمىغان ۋە ھۆججەتۇلئىسلام نامىغا ئېرىشەلمىگەن. ھەرقانداق ئىزدىنىپ كۆرگەن كىشىگە ئايان بولغىنىدەك، غەززالىي ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن بىرىدۇر ھەم ئۇلار ئىچىدە ئىجادچانلىققا ئەڭ يېقىنى بولۇشى مۇمكىن. ئاتاقلىق شەرقشۇناس ئىزاق يەھۇدا گولدزىھېر Ignác (Yitzhaq Yehuda) Goldziher (م. 1850 – 1921) نىڭ قارىشىچە، غەززالىي مۇتەپەككۇرلۇق قۇدرىتى بىلەن ئومۇمىي دىنىي ئاڭنى كەڭ يايالىغان بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق سوپىزم قاراشلىرىنى يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرگەن ۋە ئۇنى ئىسلامدىكى دىنىي ھاياتلىقتا ئۈنۈمدار ئامىللاردىن قىلغان. غەززالىي ھەققىدە دېيىلگەن كۆزقاراشلار ھەرخىل بولسىمۇ، ھەممەيلەن ئۇنىڭ بىلىم – مەرىپەت ئىشلىرىدىكى نوپۇزى ۋە تەسىرىگە قول قويغان.

پەيلاسوپ غەززالىي

ئىمام غەززالىي پەلسەپەنى ئاغدۇرۇش بىلەن پەيلاسوپ بولغان، لېكىن باشقىچە ئۆلچەم ۋە باشقىچە يول بىلەن بولغان. ئۇ باشقىلارغا ئەگەشكۈچى بولماستىن، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يېتىشكەن. گەرچە ئۆزىنى پەيلاسوپ دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، پەيلاسوپ ئىدى. ئۇنىڭدىن: «سەن پەيلاسوپمۇ؟» دەپ سورالسا، ئەلبەتتە، ئۇنى ئىنكار قىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ پەيلاسوپ ئىكەنلىكى شەرق ۋە غەربتىكى كۆپلىگەن كىشى ئېتىراپ قىلغان مەسىلە. ھەتتا داڭلىق فىرانسۇز شەرقشۇناس پەيلاسوپ جوزىف ئارنېست رىنان Joseph Ernest Renan (م. 1823 – 1892): «ئىسلام پەلسەپەسى غەززالىيدەك ئىجادىي بىر پىكىرنى ئىشلەپچىقىرىپ باقمىدى» دېگەن. ئۇ يەنە، غەززالىيدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىسلامچى پەيلاسوپلار ئارىستوتېل Aristotle (م. ب. 384 – 322) پەلسەپەسىگە ياكى يېڭى ئەپلاتونىزىم Neoplatonism (م. ب. 250 – م. 550) پەلسەپەسىگە ئەگەشكۈچى ئىكەنلىكىنى، يالغۇز غەززالىيلا ئۇلارغا قارشى ئىنقىلاب قىلىپ، ئۆزىگە خاس يول تۇتقانلىقىنى بايان قىلغان(18).

پەيلاسوپ غەززالىي جۈرئەت، شىجائەت ۋە زېرەكلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۆز دەۋرىدە ھۆكۈم سۈرگەن خىلمۇخىل پىكرىي ئېقىملارغا قارشى تۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسلامنى پاك ساقلاش نىشانى بىلەن ئاشقۇن پىرقىلەرنى مەركەزلىك تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ تەنقىدلىرى ئوبيېكتىپ بولۇش ۋە بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان. غەززالىي پەيلاسوپلارغا رەددىيە بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بەزى تەرەپلەردە ئىسلامغا مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ھەمدە كىشىلەرنى ئېنىقلىماستىن ۋە تەكشۈرۈپ كۆرمەستىنلا ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ يەنە، باتىنىييە مەزھەبىنىڭ سىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر – ئىدىيەلىرىنىڭ ماھىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ باتىللىقلىرى ۋە ئازغۇنلۇقلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارنى رەسۋا قىلغان. شۇ چاغلاردا بۇ پىرقىنىڭ فىتنە – پاساتلىرى ئەۋج ئېلىپ، سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتىن ئۇلارنىڭ خەتىرى چوڭىيىپ كەتكەنىدى. غەززالىي ئۇلارغا رەددىيە بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خەتىرىنى ئاجىزلىتىش، دىنىي ۋە سىياسىي نوپۇزىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلغان.

ئىمام غەززالىي ئۆز پەلسەپەسىدە ئىلىمگە ئاشىقلىقىنى ۋە ھەقىقەت ئىزدەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. ئۇ گۇمان ۋە پەرەزدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي پىكىرنى مەنبە قىلغان ئەقلىي مېتودنى قوللانغان. غەززالىي ئۇنى بۇ سۆزىدە ئوچۇق ئىپادىلىگەن: «شەيئىلەر زەررىچە شەك قالمىغۇدەك دەرىجىدە توپتولۇق ئېچىپ بېرىلىدىغان ئىلىم جەزمىي ئىلىمدۇر. ئۇنداق ئىلىمدە خاتالىق ۋە ئوي – خىيال مۇمكىنچىلىكى بولمايدۇ»(19).

ئۇ ئۆزىنىڭ گۇمان ئارقىلىق ھەقىقەت ئىزدەش تەجرىبىسى توغرىسىدا: «گۇمان قىلمىغان كىشى نەزەر سالمايدۇ، نەزەر سالمىغان كىشى كۆرمەيدۇ، كۆرمىگەن كىشى غەپلەت ۋە گۇمراھلىقتا قالىدۇ» دېگەن(20).

ئىمام غەززالىي توققۇز ئەسىر بۇرۇن قوللانغان بۇ مېتود فرانسىيە پەيلاسوپى دىكارت René Descartes (م. 1596 – 1650) ئوتتۇرىغا قويغان مېتودقا قاتتىق ئوخشايدۇ. بۇ ھال دىكارتنىڭ ئۇشبۇ بۈيۈك ئىسلام پەيلاسوپىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. گەرچە غەززالىينىڭ ئىلگىرىلىك ۋە مۇستەقىللىق ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، ئىككى پەيلاسوپ ئۆز ئەينى بىر بىلىش تەجرىبىسىنى باشتىن كەچۈرگەن. غەززالىي ئۆز كىتابى «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)»دا كەلتۈرگەن «گۇمان جەزمىيەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدۇر» دېگەن مەشھۇر ئىبارە دىكارتنىڭ ئۆز مەزھەبىنى قۇرۇشىغا ئاساس بولغان(21). بۇنى تۇنىسلىق تارىخچى دوكتور ئوسمان ئەلكەئئاك (م. 1903 – 1976) ئىسپاتلاپ چىققان بولۇپ، ئۇ پارىژدىكى دىكارتنىڭ شەخسىي كىتابخانىسىدىن غەززالىينىڭ «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)» دېگەن كىتابىنىڭ لاتىنچە تەرجىمىسىنى تاپقان. ھالبۇكى، ئۇ كىتابنىڭ بىر بېتىدە غەززالىينىڭ «گۇمان جەزمىيەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدۇر» دېگەن مەشھۇر سۆزىنىڭ ئاستىغا بىر قىزىل سىزىق تارتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ چۆرىسىگە دىكارتنىڭ پوچېركىسى بىلەن «بىزنىڭ مېتودىمىزغا قوشۇلسۇن» دېگەن بىر ئىبارە يېزىلغان.

تەسەۋۋۇفچى غەززالىي

ئىمام غەززالىي تەسەۋۋۇفچىلار كۆپىيىپ كەتكەن بىر مۇھىتتا ياشىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىدە بولاتتى. شۇنىڭدەك، ئۇ ئۆز زامانىسىدا بار بولغان ئىلىم – مەرىپەتلەرنى ئۆگەنگەن بولۇپ، شۇلاردىن بىرى تەسەۋۋۇف ئىلمىدۇر. گۆدەكلىكىدىن تارتىپ ئىمام غەززالىينى قورشاپ تۇرغان ئاتموسفېرا تەسەۋۋۇف ھىدلىرى بىلەن تولۇپ تاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى، قېرىندىشى، تاغىسى، ۋەسىيسى ھەمدە ئۇستازى فارەمەدىي(22) – ھەممىسى تەسەۋۋۇفچى ئىدى، ۋەزىر نىزامۇلمۈلكمۇ سوپىلارنى ياخشى كۆرەتتى. نەتىجىدە، ئۇنىڭدا تەسەۋۋۇفقا قىزىقىش ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىش پەيدا بولغان. بەلكىم غەززالىينىڭ دەسلەپكى ھاياتىدا ھاۋايى – ھەۋەس ياكى شۆھرەت، ياكى يۇقىرىغا ئۆرلەش ئىستەكلىرى ئۇنى سوپىلىق تەرەپكە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشتىن توسۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇ ئۆز – ئۆزىدىن ھېساب ئالغان ۋە ئۆزىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، گۆدەكلىكىدىكى كونا ئىستەكلەر ئۇنىڭغا غالىب كەلگەن ۋە ئۇنى پۈتۈنلەي تەسەۋۋۇف سەيناسىغا ئىتتىرگەن.

ئىمام غەززالىي گۇمان مەزگىلىنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ھەقىقىي سوپى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل بولىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ پۈتۈن تۇرمۇشىدا زاھىد بولىدۇ ۋە سوپىلىق تەرىقىتىدىكى بارلىق پىكىرلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، روھىي يۈكسىلىش ھالەتلىرىگە شۇڭغۇيدۇ.

شۇنىسى ئېنىقكى، غەززالىغا چۈشكەن ئەڭ كۆرۈنەرلىك تەنقىدلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ سوپىلىق يولىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەنلىكى، سوپىلاردىكى ئۆرپ – ئادەت ۋە ھەرخىل ئىشلارنى فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ لوگىكىسىغا تەڭلەپ باقماستىن قوبۇل قىلغانلىقىدۇر. ئۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇفقا فىقھ بىلەن ئەمەس زوقى بىلەن، ئەقلى بىلەن ئەمەس قەلبى بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇڭلاشقا، ئەبۇلفەرەج ئىبنۇلجەۋزىي (ھ. 510 – 597 / م. 1116 – 1201) ۋە باشقا تەنقىدچىلەر ئۇنىڭ سوپىزمنىڭ كۆپلىگەن شەرىئەتكە مۇخالىپ پىكىرلىرى ۋە قىلىقلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. شۇنداقتىمۇ، غەززالىينى ۋە ئۇنىڭ كىتابى «إحياء علوم الدين (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش)»نى تەكشۈرۈپ كۆرگەن ئىنساپلىق بىر ئادەم شۇنى ئىنكار قىلالمايدۇكى، ئۇ تەسەۋۋۇفنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە قوبۇل قىلمىغان، بەلكى ھەللاجلاردەك «ئەھلى ھۇلۇل»(23)نىڭ تەسەۋۋۇفىنى كەسكىن رەت قىلىپ، پەقەت «قۇرئان» ۋە «سۈننەت»كە يېقىن تەسەۋۋۇفنى قوبۇل قىلغان ھەمدە تەسەۋۋۇف ئەھلى ئەگەشكەن ھەربىر پىكىر ۋە سۈلۈكنى ئىسلام ئاساسلىرىغا باغلاشقا، «قۇرئان» – «ھەدىس» ۋە ئەسەر(24)نى مەنبە قىلىشقا تىرىشقان.

تەسەۋۋۇف ئەھلى ئارىسىدا بىلىمسىزلىك تارىلىۋاتقان بىر پەيتتە، غەززالىي ئاخىرەت يولىدا ماڭىدىغان كىشى ئۈچۈن شەرئىي ئىلىمنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن ھەم ئىسلامىي ئىلىملەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يازغان كىتابلىرىنىڭ تۇنجىسىنى «كىتابۇل ئىلىم» قىلغان ھەمدە «مىنھاجۇل ئابىدىن (ئابىدلارنىڭ يولى)» دېگەن كىتابى ئارقىلىق ئابىد كىشىنىڭ بېسىپ ئۆتۈشى كېرەك بولغان تۇنجى داۋاننىڭ ئىلىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە سائادەتنىڭ پەقەت ئىلىم ۋە ئەمەل بىلەنلا قولغا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇفتىكى ئەڭ يارقىن ئۇتۇقلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ تەسەۋۋۇفنى نوقۇل زوق، خىيالچانلىق، تەھلىل ۋە كۆپتۈرمىچىلىكتىن ئەمەلىي ۋە ئەخلاقىي ئىلىمگە يۆتكىدى ۋە شۇ ئارقىلىق قەلب كېسەللىكلىرىنى داۋالىدى، قەلبلەرنى ئېسىل ئەخلاقلار بىلەن پاكلىدى. غەززالىيدىن بۇرۇن تەسەۋۋۇفنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق ھالغا كەلگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن كىشى غەززالىينىڭ تەسەۋۋۇفتىكى ۋە تەسەۋۋۇف ئەھلى ئارىسىدىكى تۆھپىسىنى ۋە تەسىرىنى بىلمەي قالمايدۇ.

ئەسەرلىرى

مول بىلىم ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىلىم ئىگىسى بولغان ئىمام غەززالىي يېزىقچىلىقتىن ۋە كىتاب يېزىشتىن توختاپ باقمىغان. بولۇپمۇ، يۇرت كېزىش، زاهىدلىق ۋە ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئون يىل جەرياندا كۆپ يېزىقچىلىق قىلغان. راۋىيلاردىن بىرى ئەگەر غەززالىينىڭ يازغان كىتابلىرى ئۇنىڭ ئۆمرىگە چېچىلسا، ئۇنىڭ ھەربىر كۈنىگە تۆت كۇرراسە(25) توغرا كېلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ تۈزگەن كىتابلىرىنىڭ سانى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان بولۇپ، دوكتور ئابدۇرراھمان بەدەۋىي(26) (م. 1917 – 2002) غەززالىي ھەققىدە يازغان كىتابى«غەززالىي ئەسەرلىرى»دە 69 دانە كىتابنىڭ كەسكىن ئۇنىڭغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. تەتقىقاتچىلاردىن دوكتور جەمىل سەلىبا(27) (م. 1902 – 1976) بىلەن مۇھەممەد كامىل ئەيياد(28) (م. 1901 – 1986) غەززالىينىڭ ئەسەرلىرىدىن بېسىلغىنى، قوليازمىسى ۋە يۈتكىنى بولۇپ جەمئىي 228 پارچە كىتاب ۋە رىسالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تىزىملىك تۈزگەن. ئۇنىڭ كىتابلىرى ئاساسەن تەسەۋۋۇف ۋە فىقھى، ئىلاھىيەت ۋە مەنتىق، پەلسەپە ۋە ئەخلاق تېمىلىرىنى چۆرىدىگەن. لېكىن، ئۇ كىتاب – رىسالىلىرىدە گاھىدا پىسخىكا، جەمئىيەت، تەربىيە، سىياسەت ۋە تەبىئەت پەنلىرىدەك باشقا كۆپلىگەن تېمىلارغىمۇ كىرگەن ۋە كەڭ توختالغان.

غەززالىينىڭ ئۇنىڭغا تەۋەلىكى كەسكىن بولغان كىتابلىرى يېزىلىش تارىخى بويىچە بىرنەچچە باسقۇچقا بۆلىنىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچ:

ھ. 465 – 478 / م. 1073 – 1086 – يىلىغىچە، يەنى ئۇستازى ئەبۇلمەئالىي جۇۋەينى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى باسقۇچ. بۇ باسقۇچتا يازغان كىتابلىرى:

1. «التعليقة في فروع المذهب (شافىئىي مەزھەب فۇرۇئاتىغا ھاشىيە)». بۇ، يولدا قاراقچىلار ئېلىۋېلىپ، كېيىن قايتۇرۇپ بەرگەن كىتابى.

2. المنخول في أصول الفقه. «ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىدە تاسقالغان» دېگەن كىتاب.

ئىككىنچى باسقۇچ:

ھ. 478 – 488 / م. 1086 – 1096 – يىلىغىچە بولغان باسقۇچ. بۇ باسقۇچتا يازغانلىرى تۆۋەندىكىلەر:

1.  «البسيط في فروع المذهب (شافىئىي مەزھەب فۇرۇئاتىدا تەپسىلىي بايان)». ئىبنى خەللىكان بۇ كىتابى توغرىسىدا: «ئىسلامدا ئونىڭغا ئوخشاش بىر كىتاب يېزىلمىغان» دېگەن.

2. «الوسيط». (ئالدىدىكى كىتابىدىن خۇلاسىدۇر).

3. «الوجيز». (ئالدىدىكى كىتابىنىڭ ئىخچاملانمىسى).

4. «خلاصة المختصر ونقاوة المعتصر». يەنە بىر ئاتىلىشى: «الخلاصة في الفقه الشافعي».(شافىئىي مەزھەب فىقھىسىدە خۇلاسە(

5. «المنتخل في علم الجدل» (بەس – مۇنازىرە ئىلمىدە تاللانما).

6. «مآخذ الخلاف» (قاراش ئوخشاش بولمىغان فىقھىي مەسىلىلەردىكى ھۆكۈم ئاساسلىرى).

7.  «تحصين المآخذ» (قاراش ئوخشاش بولمىغان فىقھىي مەسىلىلەردىكى ھۆكۈم ئاساسلىرىنى مۇستەھكەملەش).

8.  «المبادئ والغايات» (ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىدە باشلىنىش نۇقتىلىرى ۋە كۆزلەنگەن مەنزىللەر).

9.  «شفاء الغليل» (قىياس ۋە سەۋەبلەندۈرۈش ھەققىدە).

10. «فتوى لابن تاشفين» (غەززالىينىڭ ماراكەش مۇرابىتىنلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارى ئەمىر يۈسۈف ئىبنى تاشفىنگە ئەندەلۇستىكى بەگلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ۋاجىبلىقى ھەققىدە بەرگەن پەتۋاسى).

11. «الفتوى اليزيدية» (يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيەنى كافىرغا چىقارغانلارنىڭ ھۆكمى ھەققىدە).

12. «مقاصد الفلاسفة» (پەيلاسوپلارنىڭ مەقسەدلىرى) پەلسەپە پىرىنسىپلىرىنىڭ بايانى ھەققىدە بولۇپ، گېرىك پەلسەپەسى بىلەن ئىسلام پەلسەپەسىنى خۇلاسىلىگەن ئەڭ ياخشى كىتاب.

13. «تهافت الفلاسفة». (پەيلاسوپلارنىڭ زىتلىقلىرى) ئۇنىڭدا پەيلاسوپلارنىڭ ئازغۇنلۇقىنى بايان قىلىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ قىممىتى ۋە پاكىتلىرىدىن شەكلەندۈرىدۇ.

14. «معيار العلم». (ئىلىم ئۆلچىمى) بۇ كىتابىنى ھ. 488 / م. 1096 – يىلى تاماملىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۈرلۈك لوگىكىلىق قاراشلارنى بايان قىلىش بىلەن بىللە بەزى ئاتالغۇلار ۋە ئىسلام ماقال – تەمسىللىرىنى ئىزاھلىغان. بۇ تھافت الفلاسفە دېگەن كىتابىدا كەلگەن ئىستىلاھلارنى ۋە پەيلاسوپلارنىڭ قاراشلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يېزىلغان.

15. «معيار العقول». (ئەقىللەر ئۆلچىمى)

16. «محك النظر في المنطق». (پىكىر تەكشۈرگۈچى) بۇ كىتابىنى ھ. 488 / م. 1096 – يىلى تاماملىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ تۈرلۈك لوگىكىلىق قاراشلارنى بايان قىلغان. لېكىن بۇنىڭدا ئىستىلاھلارنى ئىسلام ئۇسۇلۇفىقھ ئىستىلاھلىرىغا ئايلاندۇرغان.

17. «القسطاس المستقيم». (توغرا تارازا) غەززالىي بۇ كىتابىدا لوگىكىنى «قۇرئان» مېتودىدىن ئېلىنغان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە قىياسنى «قۇرئان» ئايەتلىرىدىن چىقىرىپ بەرگەن. لوگىكىنى ئىسلام تاۋىقىدا ئېرىتىپ يېڭى ئىستىلاھلارنى سۇنغان.

18. «ميزان العقل».(ئەقىل تارازىسى)

19. «المستظهري» بۇ كىتابى «فضائح الباطنية (باتىنىيلارنىڭ رەسۋاچىلىقلىرى)» دېگەن كىتابىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى. ئىمام غەززالىي بۇ كىتابىنى خەلىفە ئەلمۇستەزھىر بىللاھ نامىغا ئاتاپ يازغاچقا شۇنداق ئاتىغان.

20. «حجة الحق» (باتىنىيلارغا رەددىيە).

21. «قواصم الباطنية» (باتىنىيلارغا رەددىيە).

22. «الاقتصاد في الاعتقاد». بۇ ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىنى ئەشئەرىيلەر ئۇسۇلى بويىچە ئەقىل ۋە شەرىئەت كۆرسەتمىلىرى ئاساسىدا بايان قىلىدىغان ئەسەردۇر. بۇنى ئىمام غەززالىي نىزامىييە مەدرىسىسىدە ئوقۇتۇشتىن ۋاز كېچىشتىن سەل بۇرۇنلا يازغان. «ئەلئەزھەر ئۇنۋېرسىتېتى»دا ھازىرغىچە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلماقتا.

23. «الرسالة القدسية في العقائد». (ئەقىدىلەر ھەققىدە قۇدسىي رىسالە) بۇ كىتابى «‹إحياء علوم الدين (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش)»نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئىمام غەززالىي زامانىدىلا ئايرىم كىتاب قىلىنغان.

24.  «المعارف العقلية والأسرار الإلهية». (ئەقلىي مەرىپەتلەر ۋە ئىلاھىي سىرلار) ئىمام غەززالىي بۇ كىتابىدا لوگىكا، كالام، سۆزلەش، يېزىقچىلىق، ناتىقلىق قاتارلىق تېمىلاردا توختالغان.

ئۈچىنچى باسقۇچ:

ھ. 488 – 499 / م. 1096 – 1106 – يىلىغىچە. بۇ باسقۇچتا كۆپ كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى «إحياء علوم الدين (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش)»دۇر.

تۆتىنچى باسقۇچ:

ھ. 499 – يىلىدىن 503 – يىلىغىچە. بۇ باسقۇچتىكى ئەڭ مۇھىم كىتابلىرى:

1. «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)». ئىمام غەززالىي بۇ كىتابىنى ھ. 500 / م. 1106 – يىلى تاماملىغان بولۇپ، بۇ كىتابى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى پىكرىي ۋە روھىي يۆنىلىشنى، قانداق قىلىپ شەك باسقۇچىدىن ئاخىرقى تاللىشى بولغان جەزمىيەت نۇرىغا ئېرىشىش جەريانىنى بايان قىلغان.

2. «المستصفى في علم الأصول». (ئۇسۇلۇفىقھتا سۈزمە) بۇنى ھ. 503 / م. 1109 – يىلى يازغان.

ئاخىرقى ئۆمرىدە يەنى ھ. 503 – 505 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا يازغان كىتابلىرى:

1.  «منهاج العابدين» (زاھىدلىق، ئەخلاق ۋە ئىبادەت ھەققىدە).

2. «إلجام العوام عن علم الكلام» (ئاۋامنى كلام ئىلمىدىن تىزگىنلەش). بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىتابى بولۇپ، ھ. 505 / م. 1111 – يىلى ۋاپاتىدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن تاماملىغان. بۇ كىتابىدا بۇ كىتابىدا (ئاۋام كالام ئىلمىنىڭ مۇخاتەبى بولمىغاچقا، ئاۋامنى كالام ئىلمى بىلەن شۇغۇللانماسلىققا، ئىلىمنى ئۆزىنىڭ ئەھلىگە تاپشۇرۇشقا چاقىرىپ،) سەلەف سالىھلارنىڭ مەزھەبىنى بايان قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مەزھەبلەرنى بىدئەتكە چىقارغان.

كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار غەززالىينىڭ كىملىكىنى، تۇتقان يولىنى ۋە پىكىر يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم كىتابلىرى ئۈچ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار:

1. «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)». ئۇنىڭ بۇ كىتابى ئۇنىڭ پىكىر تەرەققىياتى، ئوقۇ – ئوقۇتۇشتىن گۇمانغا، ئاندىن جەزمىيەتكە يۆتكىلىشى، تەسەۋۋۇف ۋە ئىلمى كالامغا، پەلسەپە ۋە پەيلاسوپلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنى بىلىشتە زۆرۈر مەنبە ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابتا غەززالىي تەقلىدچىلىكنى رەت قىلىپ، ئەقلىي تەپەككۇر يەنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يولىنى ئەلا بىلگەن بولۇپ، مەزكۇر كىتابتا ئۇنىڭ مېتودىنىڭ قائىدىلىرى ۋە جەزمىيەت ئىزدەشتىكى ئەقلىي لىنىيىسى ئايدىڭلىشىدۇ.

2. «تهافت الفلاسفة (پەيلاسوپلارنىڭ زىتلىقلىرى)». بۇ كىتاب قاتتىق جۈرئەت بىلەن يېزىلغان بولۇپ، غەززالىينىڭ ئۇنىڭدىكى نىشانى پەيلاسوپلارنى ئەقىلسىزگە چىقىرىش ئەمەس، بەلكى پەيلاسوپلارنىڭ ئۆز قاراشلىرىدا تايانغان ناتوغرا ئەقلىي مېتودلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىدى. غەززالىي بۇ كىتابىدا، ئەقىل ۋەھيىنى ئۆزىگە يېتەكچى، رەھنەما قىلمىسا تەبىئەت ئارقىسىدىكى (غەيبىي) ھەقىقەتكە يېتىشتىن تامامەن ئاجىز كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

3. «إحياء علوم الدين (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش)». بۇ ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم كىتابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى ھەرخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان بۇ كىتابى ئىسلام ئەخلاقىغا ئائىت كىتابلار ئىچىدە تا بۈگۈنگىچە دۇنياغا ئەڭ كەڭرى تارالغان كىتاب ھېسابلىنىدۇ. ئەبۇلفەرەج ئىبنۇلجەۋزىي (ھ. 510 – 597 / م. 1116 – 1201) نىڭ رىۋايەتىگە ئاساسلانغاندا، غەززالىي كىتابىنى خىلۋەتتىكى چېغىدا يازغان. ئۇ شەيتاننىڭ كىشىلەرنى تىزگىنلەپ، ئازدۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، دىننىڭ ئۆلىمالار نەزەرىدە ھۆكۈمەتنىڭ پەتۋاسىغا، تۆرە تالىشىش ۋە ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشقا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، قەلبلەردە ئىخلاسنى ئورنىتىش ئۈچۈن، ھەر ئىشتا ئىخلاسنى ئاساس ۋە شوئار قىلىشتىن ئىبارەت سەلەف سالىھلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە بۇ كىتابىنى يېزىپ چىققان. جەمئىيەتنى توغرا ئىسلام ئەقىدىسىگە قايتۇرۇش ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن، بىر ئىدېئولوگىيە چەمبىرى ياساشقا تىرىشقان. دىن ۋە ئەقىدە مەسىلىلىرى بىلەن بىرگە، پىسخىكا، جەمئىيەت، ئەخلاق، سىياسەت ۋە تەربىيە تېمىلىرىدىمۇ توختالغان. ھەمدە يەنە، ئاياللار ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى بايان قىلغان.

 

 مەنبە:www.islamstory.com

 تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»


1. ئۇسۇلىي: ئۇسۇلۇلفىقھ ئىلمىغا چوڭقۇرلاپ چۆككەن ئالىم.
2. «ئىسلامىيەتتىكى پەلسەپە تارىخى»، 1901 – يىلى گوللاندىيەلىك شەرقشۇناس ت. ج. دې بور تەرىپىدىن ئىسلام پەلسەپەسى ھەققىدە ئەڭ تولۇق يېزىلغان ئەسەر (Geschichte der Philosophie im Islam) نىڭ گىرمانچىدىن ئەرەبچە تەرجىمىسى. 290 – بەت.
3. زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 19/343.
4. تاجۇددىن سۇبكىي: «تاباقاتۇششافئىييە ئەلكۇبرا»، 6/193.
5. يەنى پاناھلىق جاي ۋە تاماق بار ئىكەن دەپ مەدرىسەگە كىرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىدۇ.
6. تاجۇددىن سۇبكىي: «تاباقاتۇششافئىييە ئەلكۇبرا»، 6/194.
7. يۇقىرىقى مەنبە: 6/196.
8. زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 19/335.
9. مەششائىييە ئىسلام مەدرەسەسى (Islamic peripatetic school): «پىيادە يۈرۈپ ھېكمەت ئۆگىتىشنى كۆرسىتىدىغان ‹مەششائىييە ‹Peripatetic school ئاتالغۇسى ئەپلاتون Plato (م. ب. 427 – 347) ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئارىستوتېل Aristotle (م. ب. 384 – 322) قۇرغان ئەقلىي يەكۈنلەرنى ئاساس قىلغان پەلسەپەۋىي مەدرەسە»نىڭ نامى بولۇپ، بۇ مەدرەسەنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئىزاھلاش ۋە پەلسەپەۋى ئاساسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش نەتىجىسىدە تۇنجى ئىسلام پەيلاسوپى ئەبۇ يۈسۈف ئەلكىندىي (ھ. 185 – 252 / م. 801 – 867)، «ئىككىنچى مۇئەللىم» دەپ ئاتالغان ئەبۇ نەسر ئەلفارابىي (ھ. 260 – 339 / م. 874 – 950)، «شەيخ رەئىس» دەپ ئاتالغان ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا (ھ. 370 – 428 / م. 980 – 1036) قاتارلىق ئىسلام ئالىملىرى مەششائىييە ئىسلام مەدرەسەسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇلار تالانتلىق مۇسۇلمان ئالىملار بولغاچقا، پەلسەپەۋى يەكۈنلەر بىلەن ئىسلام شەرىئىتى ئوتتۇرىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، پەلسەپەگە بەكرەك ئېغىپ كەتكەن ۋە ئۆزلىرى «مۇتلەق توغرا» دەپ قوبۇل قىلغان ئەقلىي يەكۈنلەر بىلەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقان، لېكىن ئەقلىي يەكۈنلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىشىنى، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى رەت قىلىپ، ئۇنى بىردىنبىر توغرا ۋە ھەق دەپ قارىۋالغان. نەتىجىدە ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئەقلىي يەكۈنلىرىگە بويسۇندۇرۇپ تەئۋىل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى مۇسۇلمان مۇتەكەللىملەرنىڭ تەنقىدىگە ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. كېيىنچە ئەندەلۇسلۇق ئاتاقلىق پەيلاسوپلاردىن ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى باجە (ھ. 487 – 533 / م. 1080 – 1138)، ئەبۇلۋەلىد مۇھەممەد ئىبنى رۇشد (ھ. 520 – 595 / م. 1126 – 1198) لار ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپەسىگە ئۆتكۈر نەزەر سېلىپ ئۇنى شەرھلىگەن ۋە چۈشىنىش قىيىن بولغان جايلارنى يېشىپ بەرگەن. بۇنىڭدىن مىلادىيە 15 -، 16 – ئەسىرلەردىكى ياۋروپالىق پەيلاسوپلار پايدىلانغان. قاراڭ: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 1297 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
10. تاجۇددىن سۇبكىي: «تاباقاتۇششافئىييە ئەلكۇبرا»، 6/197.
11. تاجۇددىن سۇبكىي: «تاباقاتۇششافئىييە ئەلكۇبرا»، 6/197؛ ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 12/ 149.
12. ئەقسا مەسجىدىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان بۆلۈكى.
13. بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ 35 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى ئەلخەلىل شەھرىگە جايلاشقان ھەزرىتى ئىبراھىم خەلىلۇللاھنىڭ قەبرىسى كۆزدە تۇتۇلغان.
14. «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)»، 49 – بەت.
15. «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)»، 49 – بەت.
16. ئىبنى خەللىكان: «ۋەفەياتۇل ئەئيان»، 4/218.
17. تاجۇددىن سۇبكىي: «تاباقاتۇششافئىييە ئەلكۇبرا»، 6/210.
18. ئەبدۇ ئەششىمالىي: «دراسات في تاريخ الفلسفة العربية الإسلامية ورجالها»، 553 – بەت.
19. «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)»، 6 – بەت.
20. يۇقىرىقى مەنبە: 7 – بەت.
21. ئىمام غەززالىي بىلەن دىيكارتقا مەنسۇپ قىلىنغان شەك مېتودى ھەققىدە توختىلىدىغان بولساق، دېيكارتنىڭ بۇ مېتودتا غەززالىي بىلەن ئوخشاپ قېلىشى ھەققىدە ئىككى خىل پەرەز بار. بىرى، ئۇدۇل كېلىپ قېلىش. يەنى ھەربىر ئالىمنىڭ ياشىغان مۇھىت شارائىتى ئۇنى مۇشۇ مېتودغا ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان. بۇ ھەقتە گېرمانىيەدە پېروفېسسور راينھارد لاۋت Reeinhard Lauth دېيكارتنىڭ غەززالىي بىلەن بولغان پىكرىي مۇناسىۋىتى ھەققىدە بىر تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلغان. بۇ تەتقىقاتنى گېرمانىيىلىك شەرقشۇناس ئانتون ئاشبىتالىر A. Spitaler كۆرۈپ چىققان ۋە ئۇ دىيكارتنىڭ غەززالىينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇنى دىيكارتنىڭ غەززالىينى ھېچ تونۇمىسىمۇ ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاش پىكىرگە كېلىپ قېلىشى دەپ چۈشەندۈرگەن.

           ئىككىنچى پەرەز: دىيكارتنىڭ غەززالىينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بولۇپمۇ «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)» دېگەن ئەسىرىنىڭ دىيكارتقا تەسىر قىلغانلىقى ۋە پەلسەپىدىكى ئىجادىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى بىر مەنبەسى ئىكەنلىكى.

بۇ پەرەزنى تۆۋەندىكىلەر كۈچلەندۈرىدۇ: گېرمانىيىلىك يازغۇچى كىرىستوف فون ۋولزوگىن Christoph Von Wolzogen «غەززالىي دىيكارتتىن بۇرۇن دىكارتچىمىدى؟» دېگەن ماقالىسىدا دىكارتنىڭ شەك مېتودىنىڭ ئىسلام پەلسەپىسىدىن كەلگەنلىكىنى، غەززالىينىڭ «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)» دېگەن كىتابى بىلەن دىيكارتنىڭ «مىتافىزىيكىي تەئەممۇلاتلار» دېگەن كىتابى گۇۋاھ بولغىنىدەك، ئىككى مېتودنىڭ بىر – بىرىگە چىپىسلىشىدىغانلىقىنى ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك باغلىنىش بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

گېرمانىيە جوتىنجىن ئۇنۋېرسىتېتىدا ئىشلەيدىغان ئابدۇسسەمەد ئەششازىلىي غەززالىينىڭ «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)» دېگەن كىتابنىڭ گېرمانچە تەرجىمىسىنىڭ كىرىش سۆزىدە دىكارتنىڭ شەرقشۇناس دوستلىرىدىن جاكوب جولىيوس Jacob Golius (1596 – 1667) ۋە لىفىنوس ۋارنىر Levinius Varner قاتارلىقلارنىڭ قولىدا «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)»نىڭ ئەرەبچە قوليازما نۇسخىسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىغان.

ئوسمان كەئئاكنىڭ مىسىرلىق دوستى ئاتاقلىق تەتقىقاتچى دوكتور مۇھەممەد ئابدۇلھادىي ئەبۇ رىيدە ئۇنىڭدىن ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇججەتۇل ئىسلام ئەبۇ ھامىد غەززالىينىڭ غەرب پىكرىگە بولغان تەسىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىغا ياردەم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان. ئوسمان كەئئاك فرانسىيە دۆلەت كۇتۇبخانىسىدا ئىشلەيدىغان بولغاچقا، ئۇ دىكارتنىڭ خاس كۇتۇبخانىسىغا كىرەلىگەن ۋە ئۇنىڭدىكى كىتابلارنى مۇتالىئە قىلىشقا باشلىغان. ئۇ توساتتىن دىيكارتنىڭ كىتابلىرى ئارىسىدا «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقۇزغۇچى)»نىڭ لاتىنچە تەرجىمىسىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ غەززالىينىڭ پىكىرلىرىنىڭ بىرقانچىسى ئاستىغا سىزىلىپ، دىكارتنىڭ پوچىركىسى بىلەن «بۇ بىزنىڭ مېتودىمىزغا ئېلىنىدۇ» دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ ئېنىقلا پىكىر ئوغرىلاش بولۇپ، بۇ ۋەقەلىكنى دوكتور ئوسمان كەئئاك «ئىسلام پىكرى 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى»دا يەتمىشىنچى يىللاردا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەيران قالارلىقى قىرىقتىن ئارتۇق ئەسەر قالدۇرغان ۋە يەتتە خىل تىل بىلىدىغان دوكتور ئوسمان كەئئاك شۇ كۈننىڭ ئەتىسى ھ. 1396، 19 – رەجەب / م. 1976، 15 – ئىيۇن كۈنى ياتىقىدا ئۆلۈك تېپىلىدۇ. ئۇ سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلدىمۇ ياكى ئۆلۈپ قالدىمۇ ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.

ئوسمان كەئئاكنىڭ بايان قىلىشىچە «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقازغۇچى)»نىڭ «گۇمان جەزمىيەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدۇر» دېگەن مەشھۇر ئىبارىسى ئاستىغا دىيكارت قىزىل قەلەمدە «بۇ بىزنىڭ مېتودىمىزغا ئېلىنىدۇ» دەپ يازغان.

سوربون ئۇنۋېرسىتىدىن پەلسەپە پەنلىرىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ۋە ئەلئەزھەر ئېنىۋېرسىتېتى ئۇسۇلىددىن فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە ئەۋقاپ مىنىستىرى بولغان دوكتور مەھمۇد ھەمدىي زەقزۇق (ھ. 1352 – 1441 / م. 1933 – 2020) «المنھج الفلسفي بين الغزالي وديكارت (غەززالىي بىلەن دىكارت ئوتتۇرىدىسىكى پەلسەپەۋى مېتود)» دېگەن ئەسىرىدە، يەنە دوكتور نەجىب مۇھەممەد ئەلبەھبىيتىي (ھ. 1326 – 1412 / م. 1908 – 1992) «المدخل إلى دراسة التاريخ والأدب العربيين (ئەرەب تارىخى ۋە ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا كىرىش)» ناملىق ئەسىرىدە دىيكارتنىڭ ئەبۇ ھامىد غەززالىيدىن، بولۇپمۇ «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقۇزغۇچى)» دېگەن كىتابىدىن پىكىر ئوغرىلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
22. مەۋلانا ئەبۇ ئەلى ئەلفەزل ئىبنى مۇھەممەد ئەلفارمەزىي ئەلخۇراسانىي (أَبُو عَلِيٍّ الفَضْلُ بنُ مُحَمَّدٍ الفَارمَذِيُّ الخُرَاسَانِيُّ): (ھ. 407 – 477 / م. 1017 – 1084) «رۇكنۇلئىسلام»، «ئەلمۇرشىد»، «قۇتۇبۇززامان» ۋە «شەيخۇل مەشايىخ» دېگەندەك ناملارنى ئالغان، ۋەزىر نىزامۇلمۇلكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان كاتتا مۇتەسەۋۋىف، زاھىد، ۋائىز. «نەقشەبەندىييە تەرىقىتىنىڭ ئەلەۋىي سىلسىلەسىدە ئەبۇلقاسىم ئەلجۇرجانىينىڭ، بەكرىي سىلسىلەسىدە ئەبۇلھەسەن ئەلخەرەقانىينىڭ خەلىفەسى» دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى سىلسىلە ئۇنىڭدا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى يۈسۈف ئەلھەمەدانىيدا تۇتۇشۇپ، نەقشەبەندىييە تەرىقىتىنىڭ 8 – ئالتۇن ھالقىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
23. ھۇلۇل (الْحُلُوْلُ): ئەرەب تىلىدا: «چۈشمەك، ئورۇنلاشماق، چارە – تەدبىر ۋە ۋاقتى كەلمەك» دېگەن مەنىلەردە، ئەقىدە ئىستىلاھىدا: ئاللاھ بىلەن ئىنساننى بىرلەشتۈرۈپ قارايدىغان بىر قىسىم تەسەۋۋۇفچىلارنىڭ ئېتىقادىدا «ھەقتائالانىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتى بىلەن تاللانغان ئىنسانلارغا چۈشۈشى ۋە ئۇلاردىكى ئىنسانىي تەبىئەتنى يوقىتىشى»دىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار خالىق (ياراتقۇچى) ۋە مەخلۇق (يارالغۇچى) دەپ ئايرىسىمۇ، پەقەت ئاللاھتىن ئىبارەت بىرلا مەۋجۇدلۇقنى ئىقرار قىلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ نامايەندىلىرىدۇر دەپ قارايدۇ. بۇ خرىستىيانلارنىڭ «ئاللاھ ئىيساغا چۈشكەن» دېگەن ئېتىقادىغا ئوخشاش بولغىنىدەك، نۇسەيرىيلەرنىڭ ئاللاھ تائالا «ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا چۈشكەن» دېگەن ئېتىقادىغىمۇ ئوخشاش. جەھمىيلەرنىڭ نەزەرىدە بولسا «ئاللاھ تائالانىڭ جىمى مەخلۇقاتلارغا چۈشۈشىدىن ئىبارەت» بولۇپ، بۇ مۇتەسەۋۋىفلەرنىڭ «مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرلىكى (وَحْدَةُ الْوُجُوْدِ)» ئېتىقادى بىلەن ئوخشاش. بۇ ئېتىقادتىكىلەر «ئەھلى ھۇلۇل (أَهْلُ الْحُلُوْلِ)» ياكى «ھۇلۇلىي (حُلُوْلِيٌّ)» دېيىلىدۇ. «ھۇلۇل» بىلەن «مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرلىكى»نىڭ پەرقى شۇكى، «ھۇلۇل» ئىككى مەۋجۇدلۇقنى ئىسپاتلىسا، «مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرلىكى» بىر مەۋجۇدلۇقنى ئىسپاتلايدۇ. قاراڭ: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 1/193؛ دوكتور رەفىق ئەلئەجەم: «مَوْسُوْعَةُ مُصْطَلَحَاتِ التَّصَوُّفِ الْإِسْلَامِيِّ (ئىسلامىي تەسەۋۋۇف ئاتالغۇلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 305 – بەت، «لۇبنان ناشىرۇن نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1999؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصْطَلَحَاتِ العُلُوْمِ الشَّرْعِيَّةِ (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلىرى قامۇسى)»، 716 – بەت. «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
24. ئەسەر (الْأَثَرُ): ئەرەب تىلىدا: «ئىز، خەبەر، ئىلگىرىكىلەردىن قالغان سۆز ۋە قالدۇق» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، كۆپچىلىك مۇھەددىسلەرنىڭ ئىستىلاھىدا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياكى ساھابەگە، ياكى تابىئىنغا نىسبەت بېرىلگەن سۆز ياكى پېئىل، ياكى تەقرىر، ياكى جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي سۈپەت قاتارلىقلار»دىن ئىبارەت. بۇ قاراشقا ئاساسەن بۇ ئاتالغۇ ھەدىسنىڭ «مەرفۇﺋ»، «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ» ئۈچ تۈرىگە قوللىنىلىدۇ. خۇراسان فەقىھلىرىنىڭ ئىستىلاھىدا «ئەسەر» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقىلاردىن رىۋايەت قىلىنغاننى يەنى ساھابەگە ياكى تابىئىنغا نىسبەت بېرىلگەن «مەۋقۇف» بىلەن «مەقتۇﺋ»نى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغاننى يەنى «مەرفۇﺋ»نى ئۇلار «خەبەر» دەپ ئاتايدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْإِسْلَامِيَّةُ الْعَامَّةُ (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 18 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003؛ دوكتور نۇرىددىن ئىتر: «مَنْهَجُ النَّقْدِ فِيْ عُلُوْمِ الْحَدِيْثِ»، 28 – بەت. «دارۇلفىكر نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1979.
25. كۇرراسە (الكُرَّاسَةُ): كىتابنىڭ 20 بەت ئەتراپىدىكى بىر بۆلۈكى، خەت يېزىشقا تۈپلەنگەن 10 ۋاراق (20 سەھىپە) ئەتراپىدىكى دەپتەر. قاراڭ: «الْمُعْجَمُ الْوَسِيطُ (ئەلمۇئجەمۇل ۋەسىت)»، 2/783.
26. يىگىرمىنچى ئەسىردىكى داڭلىق ئەرەب پەيلاسوپلىرىنىڭ بىرى. يازغان، تەرجىمە قىلغان ۋە نەشىرگە تەييارلىغان ئەسەرلىرى 150 پارچىدىن ئاشىدۇ. «غەززالىي ئەسەرلىرى» نامىدا ئەسەر يازغان.
27. سۈرىيەلىك يازغۇچى ۋە پەيلاسوپ. سوربوندىن «ئىبنى سىنا نەزەرىدىكى مىتافىزىكا ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق تېمىسى بىلەن دوكتورلۇق ئالغان. پەلسەپىگە ئائىت ئەسەرلەرنى يازغان، تەرجىمە قىلغان ۋە نەشىرگە تەييارلىغان. غەززالىينىڭ «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقۇزغۇچى)» نىمۇ نەشىرگە تەييارلىغان.
28. لىۋىيەلىك ئەدىب. جەمىل سالىبا بىلەن بىرلىكتە «ئىبنى خەلدۇن تاللانمىلىرى»، «ھەي بىن يەقزان» ۋە غەززالىينىڭ «المنقذ من الضلال (ئازغۇنلۇقتىن قۇتقۇزغۇچى)»نى نەشىرگە تەييارلىغان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ