ئىسلام ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئۇستازى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف

ئىسلام ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئۇستازى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف

(ھ. بۇرۇن 43 – ھ. 32 / م. 580 – 656)

 

«ماڭا بازارنى كۆرسىتىپ قوي!».

– ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف

 

باي بولۇشنى خالامسىز؟

ئىسلام بەزىلەر ئويلىۋالغاندەك كەمبەغەللەرنىڭلا دىنى ئەمەس، يەنە بەزىلەر ئويلىۋالغاندەك بايلارنىڭلا دىنىمۇ ئەمەس، بەلكى كەمبەغەللەرنىڭمۇ، بايلارنىڭمۇ دىنىدۇر، شۇنداقلا بارچە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىدۇر. مۇئمىن، تەقۋادار بولۇشىڭىز ئۈچۈن يوقسۇل بولۇشىڭىز شەرت ئەمەس. باي دېمەك زورلۇق بىلەن ئىگەللىۋېلىش دېگەن گەپمۇ ئەمەس. بەزى مۇسۇلمانلار سادىر قىلىۋاتقان چوڭ بىر خاتالىق بولسا، ئۇلارنىڭ: «ھەقىقىي ئىسلام دېگەن دۇنيانى تەرك ئېتىش ۋە تاشقى دۇنيادىن ئايرىلىپ، دەرۋىشلىككە بېرىلىشتۇر» دەپ قاراپ قالغانلىقىدۇر. ئەمەلىيەتتە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرى ئۇنداق ئەمەس ئىدى، دۇنيانى فەتىھ قىلغان سەلەف سالىھلار ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇنكى، ئۇلار ھاياتىنى تەبىئىي ھالەتتە ئۆتكۈزگەنىدى. كىم بۇ ئۈممەتنى كەمبەغەللەر ئۈممىتى دەيدۇ؟! ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەقىقەتەن بۇ ئۈممەتكە ئۈممەتنى يەلكىلىرىدە كۆتۈرۈدىغان سودىگەرلەرنى يارىتىپ بەردى. ئەگەر ئاللاھ ئەبۇبەكرىنىڭ بايلىقىنى ئاپىرىدە قىلمىسا ئىدى، بىلال مەككەنىڭ تاشلىرى ئاستىدا ئازابلىنىپ تۇرۇۋەرگەن بولاتتى. ئەگەر ئاللاھ ھەزرىتى ئوسمانغا بايلىق ئاتا قىلمىسا ئىدى، ساھابەلەر سۇسىز قېلىپ رۇمە قۇدۇقىغا ئىگىدارلىق قىلىدىغان يەھۇدىينىڭ ئىچىملىك سۈيىگە ئىنتىزار بولۇپ قالاتتى. ھەزرىتى ئوسمان ئۇ قۇدۇقنى سېتىۋېلىپ مۇسۇلمانلارغا ھەدىيە قىلىۋەتكەن ئىدى. ئەگەر ئاللاھ ئىمام بۇخارىينىڭ چىقىملىرىنى كۆتۈرۈپ ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدىغان ئانىسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا ئىدى، بۇخارىي ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن سەپەر قىلالمىغان بولاتتى. بۇ ئۈممەت بايلىرىسىز ھەرگىز مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايدۇ. ئۈممەت دەۋەتكە پۇل – مال سەرپ قىلىدىغان، بۇ ئۈممەتنىڭ قەددىنى تىكلىشى ئۈچۈن غەم يەيدىغان بايلارغا موھتاجدۇر. پۇل – مال دېمەك كۈچ – قۇۋۋەت دېمەكتۇر. كۈچ بۇ مۇھىم باسقۇچتا بىز ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كۈچلۈك مۇئمىن ئاجىز مۇئمىندىن ياخشى ۋە ئاللاھقا بەكرەك سۆيۈملۈك. (بىراق) ھەربىرىدە ياخشىلىق بار» دېگەن.

ئەگەر سىز باي مۇسۇلمان بولسىڭىز، گۇناھ ھېس قىلىشىڭىزنىڭ ياكى ئۆزىڭىزنى كەمبەغەل مۇسۇلمانلاردىن ئىمانىم تۆۋەن دەپ ھېس قىلىشىڭىزنىڭ كېرىكى يوق. بۇ ئاللاھنىڭ سىزگە بەرگەن رىزقىدۇر. بىلىڭكى، سىز پۇل – مېلىڭىز ئارقىلىق بۇ دىنغا باشقا نۇرغۇن كىشىلەردىن كۆپرەك خىزمەت قىلالايسىز. بۇ دىن خەدىجە، ئەبۇبەكرى، ئوسمان، ئابدۇرراھمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار ۋە باشقىلاردەك باي قەھرىمانلارنىڭ قولىدا بەرپا بولغان. لېكىن، پۇل – ماللىرىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن بىر مۇسىبەتكە ئايلىنىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ! كۆپلىگەن بايلار پۇل – ماللىرىنى ئاللاھقا ئاسىي بولىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىدۇ ياكى ئۇلار ئاشۇ پۇل – ماللارنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىش ئورنىغا ئۆزلىرى پۇل – ماللىرىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ. دەل شۇ چاغدا پۇل – مال ئۆز ئىگىسىگە نىسبەتەن بىر مۇسىبەت بولىدۇ.

سۆزلىمەكچى بولغان قەھرىمانىمىز بولسا، تارىختىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ كاتتا بايلىرىدىن بىرى ئىدى. شۇنداق تۇرۇپ ئۇ يەنە جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بېرىلگەن ئون كىشىنىڭ بىرى؛ ئەبۇبەكرى سىددىقنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولغان بەش ئېسىل كىشىنىڭ بىرى؛ ئالتە كېڭەش ئەزاسىنىڭ بىرى؛ بەدر ئەھلىنىڭ بىرى؛ رىزۋان بەيئەتىگە قاتناشقانلارنىڭ بىرى؛ ئىككى قېتىملىق ھىجرەت – ھەبەشىستان ھىجرىتى ۋە مەدىنە ھىجرىتىگە ئىشتىراك قىلغان ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ بىرى؛ ئىككى قىبلە – ئەقسا ۋە كەئبەگە قاراپ ناماز ئوقۇغان ساھابەلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ھەقىقەتەن مەردلىكنىڭ سىمۋولى، بايلارنىڭ ئۈلگىسىدۇر. ئۇ بولسىمۇ بۈيۈك قەھرىمان ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر.

بىز بۇ ئىسلام بۈيۈكىنىڭ قىسسەسىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن، بىزگە بۇ غايەت زور ئىسلامىي ئىقتىسادشۇناسنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئاسان چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغان بىر قىزىقارلىق ھېكايىنى سۆزلەشنى لايىق كۆردۈم. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر سودىگەر تىجارەت ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپ، بارغان يېرىدىن ئىككىنچى كۈنىلا قايتىپتۇ. شەھرىگە يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، دوستى ئۇنىڭدىن قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ. ئۇ جاۋابەن دەپتۇ: «قېرىندىشىم! يېرىم يولدا توكۇر ۋە قارىغۇ بىر كەپتەرنى كۆرۈپ قالدىم. كۆڭلۈمدە: ‹بۇ كەپتەر بۇ ھالەتتە قانداقمۇ ياشىيالايدىغاندۇ؟› دەپ تۇرسام، بىر ھازادىن كېيىن ئاشۇ قارىغۇ كەپتەرگە ئازراق يېمەك ئېلىپ يەنە بىر كەپتەر كەلدى. ئۆز – ئۆزۈمگە: ‹ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ! مۇشۇ چۆلنىڭ ئىچىدە بۇ قارىغۇ كەپتەرگە رىزىق بەرگەن خۇدايىم دۇنيا ئارقىسىدىن چېپىپ يۈرمىسەممۇ ماڭىمۇ رىزىق بېرىشكە قادىر› دېدىم. نەتىجىدە، دەرھال ئەھلىم ۋە بالىلىرىم يېنىغا قايتىشنى قارار قىلدىم». دوستى ئۇنىڭغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، قولىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ تۇرۇپ: «سۇبھانەللاھ، قېرىندىشىم! سەن نېمىشقا ئۆزىنىڭ يېمىكىنى باشقىلاردىن كۈتىدىغان توكۇر ۋە قارىغۇ كەپتەر بولۇشقا رازى بولىسەن؟ نېمىشقا ئۆزىدىن باشقا كەپتەرگە يېمەك بېرىدىغان كۈچلۈك كەپتەر بولۇشقا رازى بولمايسەن؟» دەپتۇ.

ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف ئالىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى بېرىدىغانلاردىن بولۇشنى خاھلىدى. بۇ بۈيۈكىمىز مەدىنەگە ھىجرەت قىلغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئۇلۇغ ساھابە سەئد ئىبنى رەﺑﯩﺌ بىلەن قېرىنداش قىلىپ قويدى. ھالبۇكى، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف باشقا ساھابەلەرگە ئوخشاش ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۆيلىرى ۋە پۇل – ماللىرىنى مەككەدە قالدۇرۇپ قۇرۇق قول كەلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەنسارىي قېرىندىشى سەئد ئىبنى رەﺑﯩﺌ ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنىڭ يېرىمىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدى. ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف مەردلەرچە: «ئاللاھ مېلىڭ ۋە ئەھلىڭگە بەرىكەت بەرسۇن! لېكىن، ماڭا بازارنى كۆرسىتىپ قوي» دەپ ئۆزرە قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەدىنە بازىرىغا راۋان بولۇپ، ئېلىم – سېتىم بىلەن شۇغۇللاندى. شۇنداق قىلىپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئۆتمەيلا مىليونىرلاردىن بىرىگە ئايلاندى. ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ تۆت خوتۇنى بار بولۇپ، ئۇلاردىن ھەربىرى 100 مىڭ دىنار مىراس ئالغان». مەلۇمكى، پەرزەنت مىراسخور بولغان ئەھۋالدا ئاياللار مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرىگە ئورتاقلىشىدۇ. ئاددىي ھېسابلاپ كۆرسەك، سەككىزنىڭ بىرى 100،000×4 = 400,000 بولسا، تولۇق مىراس 400,000×8= 3,200,000 يەنى ئۈچ مىليون ئىككى يۈز مىڭ دىنار بولىدۇ.

يۇقىرىقىسى تېخى بۇ مىليونىر ساھابە مۇسۇلمانلارغا خەجلىگەن زور پۇل – ماللارنى ۋە ئاللاھ يولىدا ۋەقفە قىلىۋەتكەن كارۋانلارنى چىقىرىۋېتىپ تۇرۇپ ھېسابلىغىنىمىزدۇر. بۇنىڭ ھەممىسى شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇ «خىزمەت» كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان كۆپلىگەن ياشلىرىمىزغا ئوخشاش ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ ئۆيىدە ئولتۇرۇۋالمىغان ئىدى. بۇ مۇئمىن ساھابە بۇ يەردە بىزگە بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغان يوشۇرۇن بىر سىر بار. ئۇ سىر – «ماڭا بازارنى كۆرسىتىپ قوي».

ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باي مۇئمىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ۋە ئەبۇبەكرى سىددىق ئىككىسى كەينىدە ئالەملەرنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇغان كائىنات يۈزىدىكى كاتتا پەزىلەتلىك زاتلاردۇر. بۇ مىليونىر ساھابە پۇل – ماللىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلغان بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىغا نەپىقە بېرىش شەرىپىگىمۇ مۇيەسسەر بولغان ئىدى. ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ پەزىلەتلىرىدىن بىرى شۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھقا ئۇنى جەننەتنىڭ سەلسەبىل بۇلاقلىرىدىن سۇغۇرۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلغان. ھاكىم ئۆز ئىسنادى بىلەن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە كېلىشىچە، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا: «مەندىن كېيىن سىلەرگە خەيرخاھلىق قىلىدىغان كىشى كۆيۈمچان ۋە راستچىلدۇر. ئى ئاللاھ! ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنى جەننەتنىڭ سەلسەبىل بۇلاقلىرىدىن سۇغارغىن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان (1).

ھاكىم ئۆز ئىسنادى بىلەن يەنە رىۋايەت قىلىشىچە، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئوغلى ئەبۇ سەلەمە مۇنداق دېگەن: مەن ئائىشە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نىڭ قېشىغا كىرگەندە ماڭا مۇنداق دېگەنىدى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ‹سىلەرنىڭ مەندىن كېيىنكى ئىشىڭلار مېنى غەمگە سالىدۇ، سىلەرگە (يەنى چىقىملىرىڭلارغا) سەۋرچانلاردىن باشقىسى سەۋر قىلالمايدۇ› دەيتتى. ئاللاھ ئاتاڭنى جەننەتنىڭ سەلسەبىل بۇلاقلىرىدىن سۇغارغاي!». ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف ئۇلارغا پۇلغا يارايدىغان بىرنەرسە ئەۋەتكەن، ئۇ نەرسە قىرىق مىڭغا سېتىلغان.

ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ئون كىشىنىڭ بىرى بولۇپ، ساھابەلەرنىڭ ئەڭ كاتتىلىرىدىن بىرى. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب كۆپ ئىشلاردا ئۇنىڭغا مەسلىھەت سالاتتى. مەسىلەن: ۋابا بار شەھەرگە كىرىش، مەجۇسىيلاردىن جىزيە ئېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

ھەزرىتى ئۆمەر فارۇق: «ئابدۇرراھمان مۇسۇلمانلارنىڭ كاتتىلىرىدىن بىرىدۇر» دەيتتى(2).

ئابدۇرراھمان يەنە ئۆمەر فارۇق ئۆزىدىن كېيىن خەلىفە بولۇشقا تاللىغان ئالتە كىشىنىڭ بىرىدۇر. شۇنداقلا ئۇ خەلىفە تاللاشتا ئاشۇ ئالتە كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم قىلغۇچى بولغانىدى.

تارىخشۇناس ئىبنى سەئد (ھ. 160 – 230 / م. 777 – 845) «ئەتتەبەقات» دېگەن كىتابىدا ئۆزىنىڭ سەنەدى بىلەن مىسۋەر ئىبنى مەخرەمەدىن رىۋايەت قىلىشىچە، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بىر كارۋاندا ئوسمان ئىبنى ئەففان بىلەن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئارىسىدا كېتىۋاتقىنىمدا، ئوسمان: ‹بۇ يوللۇق قارا كىيىم كىيىۋالغان كىم؟› دېدى. ئۇلار: ‹ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف› دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئوسمان مېنى توۋلاپ: ‹ئەي مىسۋەر!› دېدى، مەن: ‹مانا مەن، ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى!› دېدىم. ئۇ: ‹كىمكى ئۆزىنى بىرىنچى ھىجرەتتە ۋە ئاخىرقى ئىككىنچى ھىجرەتتە تاغاڭ (يەنى ئابدۇرراھمان) دىنمۇ ياخشى دەپ دەۋا قىلسا، يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ› دېدى»(3).

بۇ ئۇلۇغ ساھابە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە پۈتۈن ھاياتىنى رەببىگە ئىتائەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن. ھافىز ئىبنى كەسىر (ھ 701 – 774 / م. 1301 – 1373) مۇنداق دېگەن:

«ئۇ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان چېغىدا، بەدر ئەھلىدىن ھايات قالغان ھەربىر كىشىگە تۆت يۈز دىنار بېرىشنى ۋەسىيەت قىلغان. ئۇلار يۈز كىشى ئىدى. ھەزرىتى ئوسمان ۋە ھەزرىتى ئەلىدىن تارتىپ ھەممىسى ئۇنى ئالغان. ھەزرىتى ئەلى: ‹(خاتىرجەم) بار، ئەي ئىبنى ئەۋف! چۈنكى، سەن ئۇنىڭ (پۇل – مالنىڭ) پاكىزىنى تاپتىڭ، ئۇنىڭ كىرىنى تەرك ئەتتىڭ› دېگەن. ئۇ يەنە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ ھەربىرىگە كۆپ پۇل – مال ۋەسىيەت قىلغانىدى، ھەتتاكى، ھەزرىتى ئائىشە: ‹ئاللاھ ئۇنى سەلسەبىل بىلەن سۇغارغاي!» دەپ دۇئا قىلغانىدى. ئۇ يەنە زور ساندا قۇللارنى ئازاد قىلىۋەتكەن. ئۇ ۋاپات بولغاندا نامىزىنى خەلىفە ئوسمان ئىبنى ئەففان چۈشۈرگەن. ئۇنىڭ جىنازىسىنى سەئد ئىبنى ۋەققاس كۆتۈرگەن. ئۇ ھىجرىيەنىڭ 31 – يىلى بەقىي قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. بەزىلەر 32 – يىلى دەپنە قىلىنغان دەيدۇ، ئەمما بۇ ئەڭ توغرا قاراشتۇر».

ئاللاھ ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفدىن رازى بولغاي، ئۇنى كەڭ جەننەتىگە ئورۇنلاشتۇرغاي ۋە ئۇنى ئىسلامغا قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن ياخشى مۇكاپاتلارغا نائىل قىلغاي!

مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».

تەرجىمىدە: مۇھ ەممەد قاۋۇل قاراخانىي


1. «ئەلمۇستەدرەك»، (5423). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «سەھىھ» دېگەن.
2. «ئەلئىسابە»، 4/177.
3. «ئەتتەبەقات ئەلكۇبرا»، (3175).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ