(ھ. بۇرۇن 18 – ھ. 11 / م. 604 – 632)
«دادىسىدىن قالسىلا فاتىمەدىنمۇ ئەۋزەلرەك بىرىنى كۆرمىدىم».
_ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا
تەبەرانىي «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (2721).
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەككەدە ھەرەمنىڭ ئىچىدە كۆز ئالدىدىلا يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ، يۈرىكى يېرىلايلا دەپ قالغانىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئەلەملىك ياشلار تۆكۈلۈۋاتاتتى. مەككەنىڭ ئەقىلسىزلىرى بولغان ئەبۇ جەھل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ قاقاقلاپ كۈلۈشلىرى ئۇنىڭ ئەلىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنىدى. دەرۋەقە، مۇشرىكلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەيتۇللاھتا ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ رەسۇلۇللاھنى كافىرلارنىڭ زۇلۇمىدىن قوغدايدىغان تاغىسى ئەبۇ تالىب ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ۋاقىت ئىدى. ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئەبۇ جەھل ھەمراھلىرىغا قاراپ، ئۇلاردىن: «قايسىڭلار پالانى جەمەتنىڭ تۆگىسىنىڭ ئىچ – باغرىنى ئېلىپ كېلىپ، مۇھەممەد سەجدە قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسى ئارىسىغا ئارتىپ قويىدۇ؟» دەپ سورىدى. گۇناھكار ئۇقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيت: «مانا مەن» دېگىنىچە بېرىپ، ئۇنى ئەكىلىپ رەسۇلۇللاھ سەجدە قىلىۋاتقاندا رەسۇلۇللاھنىڭ گەدىنىگە قويۇپ قويدى. شۇئان كافىرلارنىڭ كۈلكە ئاۋازلىرى كۆتۈرۈلدى. ۋەھالەنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىدىرلىيالماي، شۈك تۇرغان ھالدا رەببىگە سەجدە قىلىۋاتاتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ئىسلام دەۋىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مۇسۇلمانلارنى مۇشرىكلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىشقا بۇيرۇپ، ئۇرۇش قىلىشتىن چەكلىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد مەككەدە ھېچبىر ھىمايىچىسى يوق ئاجىزلاردىن ئىدى. ئەگەر ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنى ھىمايە قىلسا، شەكسىزكى، ئۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلار ئارىسىدا ئۇرۇش باشلىنىپ كېتەتتى – دە، مۇسۇلمانلار دەسلەپكى مەزگىللەردىلا قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر قاينامغا كىرىپ قالاتتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يىراقتىن ئون ياشقىمۇ بارمىغان كىچىك بىر قىزنىڭ مەككە كوچىلىرىنىڭ بىرىدە رەسۇلۇللاھ تەرەپكە ئوقتەك يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ كىچىك قىز رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈستىدىكى مەينەتچىلىكلەرنى كىچىك قوللىرى بىلەن ئېلىپ تاشلىدى، ئاندىن ئەبۇ جەھل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا قاراپ، ئۇلارنى بالىلارچە ئاۋازى بىلەن خۇددى پادىشاھلاردەك تىللاپ كەتتى. ئەبۇ جەھل ۋە ھەمراھلىرى بۇ جۈرئەتلىك كىچىك قىزنىڭ جاسارىتىدىن ھەيران قېلىپ، بۇ قىزنىڭ كىملىكىنى سورىدى. «ئۇ – مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمەدۇر» دەپ جاۋاب بېرىلدى.
مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزى قەھرىمان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قەھرىمان بىر ئاتا ۋە قەھرىمان بىر ئانىنىڭ قىزى، بىر قەھرىماننىڭ ئايالى ھەم ھەسەن – ھۈسەيندىن ئىبارەت بۈيۈك ئىككى قەھرىماننىڭ ئانىسى ئىدى. گويا قەھرىمانلىق بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئۆزىگە بىر ئايالنىڭ ئىسمىنى تاللىماقچى بولۇپ، فاتىمە بىنتى مۇھەممەدنىڭ ئىسمىدىن باشقىنى تاپالمىغاندەكلا ئىدى. قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن؟! ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھنىڭ پۈتۈن ئالەمدىكى ئەڭ شىجائەتلىك بەندىسىنىڭ قۇچاقلىرىدا، دۇنيا تارىخىدا ھېچبىر ئاتا ھېچبىر قىزىغا بېغىشلىمىغان مۇھەببەتنى بېغىشلىغان بىر ئاتىنىڭ باغرىدا، پەيغەمبەر ھۇزۇرىدا تەربىيەلەنگەن تۇرسا. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەجەل كۆرپىسىدە سەكراتقا چۈشۈپ قالغان، فاتىمە ئۇنىڭ قېشىغا كىرگەن بىر مەنزىرە كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە. بىلمەيمەن، رەسۇلۇللاھقا سەكراتنىڭ ئاچچىقلىرى بەكرەك ئېغىر كەلدىمۇ ياكى سۆيۈملۈك قىزىنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويۇش ئۈچۈن تۇرالمىغانلىقىمۇ؟ رەھمەت پەيغەمبىرى قىزى يېنىغا كەلگەندە، دائىم پېشانىسىگە سۆيۈپ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغۇزاتتى. بۇ قېتىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆيۈملۈك «كۆز قارىچۇقى» ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرالمىغانىدى.
قىزلىرىنى خورلايدىغان ئاتىلارغا ئەجەبلىنىمەن. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزەرىدە رەسۇلۇللاھنىڭ دەسسىگەن توپىسىغىمۇ تەڭ كەلمەيدۇ. قىز پەرزەنتلىك بولغانلىقىنى بىلگىنىدە، چىرايلىرى ئۆڭۈپ كەتكەن ئاتىلارغا ئەجەبلىنىمەن. ئىنسانىيەت پەيغەمبىرى قىزى فاتىمەگە قىلغان ياخشى مۇئامىلىگە ئوخشاش قىزلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغان دادىلارغا ئەجەبلىنىمەن. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ باتۇرلۇقى ۋە شان – شەرىپى توغرىسىدىكى ھېكايىلىرى سان – ساناقسىزدۇركى، بىر – ئىككى كىتابنىڭ سەھىپىلىرىگە سىغمايدۇ. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى ئىپادىلەيدىغان يازمىلارنى مىڭلارچە كىتابلارغا پۈتسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ. بىز بىرەر دۆلەتنىڭ بىرىنچى خانىمى توغرىسىدا ياكى ئاڭسۆڭەكلەر تەبىقىسىنىڭ بىرەر ئايال خوجايىنى توغرىسىدا سۆزلەۋاتمايمىز. بەلكى – قۇلاق سېلىڭ – بىز جەننەت ئەھلى ئاياللىرىنىڭ گۈلتاجى بولغان بىر ئايال توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمىز. بۇ شۇنداق بىر ئۇلۇغلۇقكى، ئۇ توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپرەك يېزىشتىن قەلىمىم ئاجىز كەلدى. مەندەك بىر ئاجىز پېقىر قانداقمۇ جەننەت ئەھلى ئاياللىرىنىڭ گۈلتاجى بولمىش بىر خانىم توغرۇلۇق يازالىسۇن؟!
ئاق ئاتلىق شاھزادە ئىزدەۋاتقان قىزلىرىمىز شۇنى بىلمەيدۇكى، مۆتىۋەر ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى بولمىش بۇ خانىمنىڭ مەھرى بىر تال ساۋۇت بولغان. چۈنكى، چەۋەنداز ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ قول ئىلكىدە بارى شۇ ئىدى. ئۆزلىرىنى دۇنيا مەلىكىسى چاغلاپ قالغان كۆپلىگەن قىزلىرىمىز بىلمەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزىنىڭ تويى بولغان كۈنىدە ھەدىيە بەرگۈدەك بىرنەرسە تاپالماي، پەقەت سۇ ئىچىدىغان بىر تال پىيالە، ئىككى تال كوزا، بىر پارچە مەخمەل رەخت ۋە تاۋار تاشلىق بىر تال ياستۇق، ئىككى دانە يارغۇنچاق بەرگەنىدى. بۇ ئۇلۇغ خانىم يارغۇنچاق بىلەن ئۇن تارتىپ، قوللىرى قاپىرىپ كېتەتتى، تۇلۇم بىلەن سۇ توشۇپ، بېلى مۈكچىيىپ كېتەتتى، ئۆي تازىلاپ كىيىملىرى توپا – چاڭ بولۇپ كېتەتتى، ئوچاققا ئوت يېقىپ، كىيىملىرى كۆيۈپ قالاتتى. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يوقسۇللۇق ۋە جاپالاردا ئېرى بىلەن بىللە بولغان. نەتىجىدە، ئېغىر مۇشەققەتلەر ئۇنىڭ تېنىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنىدى.
قىزلىرىمىزغا دەيدىغىنىم، سىزچۇ؟ سىز فاتىمەدەك بولالىدىڭىزمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇنىڭ مەرتىۋىسى سىزنىڭ مەرتىۋىڭىزدىنمۇ يۇقىرى، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ مەرتىۋىسى سىزنىڭ ئاتىڭىزنىڭ مەرتىۋىسىدىنمۇ ئۈستۈندۇر.
مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».
تەرجىمىدە: ئىلمىنۇر ئابدۇللاھ