ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدىكى نامسىز قەھرىمان نەجاشىي

ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدىكى نامسىز قەھرىمان نەجاشىي

(ئەسھەمە ئىبنى ئەبجەر)

(ھ. ? – 9 / م. ? – 632)

 

مەقسىتىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن مەن بىلەن بىرگە بۇ ئاجايىب قىسسەنى مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭ. ئىسكەندەرىيە چېركاۋىغا ئەگىشىدىغان، ئافرىقا پادىشاھلىرىدىن بىرى بولغان بۇ ناسارا پادىشاھ ھاياتىدا ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر ئەرەب پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىدۇ. پەيغەمبەر شەھرىلىك بىر ئەرەب مۇشرىك بولسا پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ساھابەلىرىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە بۇ ناسارا پادىشاھنى زىيارەت قىلىپ كېلىپ، كېچە – كۈندۈز ئۆز شەھرىدە كۆرۈپ تۇرغان پەيغەمبەرنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەرنى ئەسلا كۆرۈپ باقمىغان ئەشۇ ئافرىقىلىق پادىشاھنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولىدۇ. ئاندىن بۇ ئادەم ئىسلام قەھرىمانلىرىدىن بىر قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ – دە، كېيىن دەل ھېلىقى پادىشاھ مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى ئەگىشىدىغان چېركاۋ بار شەھەرنى يەنى ئىسكەندەرىيە شەھرىنى فەتىھ قىلىپ، ئۇنىڭ ئەھلىنى ئىسلامغا كىرگۈزىدۇ. ئۇ پەيغەمبەر – مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر، ھېلىقى ئەرەب كىشى – ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر، ئۇ ئافرىقىلىق مۇسۇلمان پادىشاھ – ھەبەشىستاننىڭ پادىشاھى ئەسھەمە ئىبنى ئەبجەردۇر (ئاللاھ ئۇنى بارچە ياخشىلىقلار بىلەن مۇكاپاتلىغاي!)

ئەگەر بۇ ھەيران قالارلىق ئىلاھىي ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئۆزگىچىلىك ھېس قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، مەن بىلەن بىرگە ئۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىق يەنە بىر ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭ.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، تۆۋەندىكى قىسسەگە نەزەر سالغان كىشى ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبىرى تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭغا كېرەكلىك شەرت – شارائىتلارنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئەلبەتتە.

مەككە ۋە ئەرەب قۇملۇقلىرىدىن يىراق يەردىكى ھەبەشىستان پادىشاھلىقى (ھازىرقى ئېفىئوپىيە، ئېرىترىيە ۋە شىمالىي سومالى) ئورمانلىقلىرىدا، قاراڭغۇ كېچىلەرنىڭ بىرىدە، بىر توپ سۇيىقەستچىلەر ھەبەشىستاننىڭ پادىشاھى ئەبجەرنى ئۆلتۈرۈپ، باشقا بىرىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەيدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلگەن پادىشاھنىڭ بالىسىنى قۇل سودىگەرلىرىنىڭ بىرىگە سېتىۋېتىدۇ. يامغۇرلۇق كېچىلەرنىڭ بىرىدە يېڭى پادىشاھ سىرتقا چىقىپ قوشۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان ۋاقتىدا، تۇيۇقسىز ئاسماندا ھەيران قالارلىق شەكىلدە چاقماق چاقىدۇ. چاقماق قوشۇندىكىلەرنى سوقماستىن، قوشۇننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پادىشاھنى سوقىدۇ. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پادىشاھ يىقىلىپ ئۆلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەبەشىستان شەھەرلىرىنى قالايمىقانچىلىق قاپلاپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلىشىپ، ئاۋۋالقى پادىشاھنىڭ ئوغلىنى تەختكە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدىشىدۇ. ئۇلار بۇ شاھزادىنىڭ قۇل قىلىپ سېتىلىش ئۈچۈن ئەرەب شەھەرلىرىگە قاراپ ماڭماقچى بولغان بىر كېمىدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ، كېمە قوزغىلىشتىن ئىلگىرى شاھزادىنى تاپىدۇ ۋە ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ.

قىسسەدىكى بۇ يىگىت ئەسھەمە ئىبنى ئەبجەر دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا نەجاشىي(1) ئىسمى بىلەن مەشھۇر بولغان پادىشاھ ئەنە شۇدۇر. بەلكىم نەجاشىينىڭ زۇلۇمنى ئۆچ كۆرىدىغان بولۇپ چوڭ بولۇشى ئۇنىڭ بالىلىق مەزگىللىرىدە كۆرگەن زۇلۇملار سەۋەبلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئادىللىقى بىلەن مەشھۇر بولغان ئىدى. شۇ جەھەتتىن، مۇشرىكلارنىڭ ساھابەلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان. قۇرەيشلەر ھىجرەت قىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن نەجاشىينىڭ كونا دوستى ئەمر ئىبنى ئاسنى ئەۋەتكەن. لېكىن، ئويلىمىغان يەردىن، ئاللاھ نەجاشىينىڭ قەلبىگە ئىماننى ئىلھام قىلىدۇ. ئۇ ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما قەۋمىدىن ئۆزىنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى يوشۇرىدۇ. بۇنداق قىلىشى ھەرگىزمۇ تەختنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى يەر يۈزىدىكى مۇسۇلمانلار سانىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ھەبەشىستان زېمىنىدىكى مۇسۇلمان پاناھلانغۇچىلارنىڭ خىرىستىيانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشىنى مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ناۋادا مۇشرىكلار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ ساھابەلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ قالسا، ئىسلام بايرىقىنى ئۇلارنىڭ كۆتۈرۈشى ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ھەبەشىستان زېمىنىدا 15 يىل تۇرغۇزدى. شۇنداق بولغاندا، مەككەدىكى مۇسۇلمانلارغا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسىمۇ، يەر يۈزىدە ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرىدىغان كىشىلەر بار بولاتتى. دەرھەقىقەت، مۇبادا مەككەدىكى مۇسۇلمانلار كېلىشمەسلىككە ئۇچرىسا، ئاندىن ھەبەشىستاندا قالغان مۇسۇلمانلارمۇ ئۆلتۈرۈلسە، ئىسلام يوقاپ كەتكەن بولاتتى. شۇنداق بولۇپ قالسا، يەر يۈزىدە كىم ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرەتتى؟!

نەجاشىي ئەسھەمە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستىراتېگىيەلىك پىلانىنى چۈشەنگەن ئىدى. شۇڭا، ئىسلام دەۋىتىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى مەخپىي تۇتۇشى زۆرۈر ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەتراپىدىكى باش پوپلارنى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە چاقىرىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىبادەت قىلىشنى تاشلاشقا بۇيرۇغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بۇ دىن سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارغا غەزەپلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن ئىدى. يەنە خىرىستىيانلارنىڭ ئۆزىگە قارشى چىقىپ تەختتىن چۈشۈرۈۋېتىشىدىن، خۇددى دادىسى ئىلگىرى ئۇچرىغان ئاقىۋەتكە قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. شۇنداق بولۇپ قالسا، يېتىلىۋاتقان ئىسلام دۆلىتىنىڭ قوللىغۇچىسى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۈچلۈك بىر ئىتتىپاقدىشى ھالاك بولۇپ كېتەتتى. يۇقىرىقى سەۋەبلەر كۆپىنچىلىرىمىز مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلىش تۈگۈل، ھەقىقىي ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان نەجاشىيغا «ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدىكى نامسىز قەھرىمان» دېگەن نامنى قوللىنىشىمغا تۈرتكە بولدى. لېكىن، نەجاشىينى بۇ سۈپەت بىلەن ئاتاشتىكى مۇھىم سەۋەب بولسا، مەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرۈشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىدىغانلىقىدىن قىلچىمۇ شەك قىلمايدىغان نەجاشىينىڭ مۇسۇلمان بولۇشىدىن سىرت، ھەبەشىستاندا مۇداپىئەدىكى ئىسلام جەڭچىسى بولۇپ ئۆتكەنلىكىدۇر. نەجاشىي مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆزى بىلەن ئەمەس، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان روھى بىلەن كۆرۈشنى ئەلا بىلگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئىچىدىن بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىغا ياردەمچى بولغان بۇ بۈيۈك شەخسنىڭ ۋاپات تاپقانلىقى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋەھيى ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەن كۈنى ساھابەلىرىنى پادىشاھ ئەسھەمە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) گە غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن يىغقان ئىدى.

ئى قەھرىمان نەجاشىي! ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن.

بۇ ئىسلامىي قىسسەدىكى ھەيران قالارلىق نۇقتا شۇكى، نەجاشىي بولسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇچراشقان مۇشرىكنىڭ ساھابە بولۇشىغا تۈرتكە بولغان بىردىنبىر تابىئىن ئىدى. ئۇ ساھابە بولسا ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر.

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».

تەرجىمىدە: ئەبۇ مۇھەممەد

—————
1. ھەبەشىستان پادىشاھلىرى «نەجاشىي» دەپ ئاتىلاتتى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ