«غەزەبكە يولۇققانلارنىڭ ئولتۇرۇشىدەك ئولتۇرامسەن؟» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟

«غەزەبكە يولۇققانلارنىڭ ئولتۇرۇشىدەك ئولتۇرامسەن؟» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، ئۇستاز! «ئەبۇ داۋۇد»تىكى 4848 – نومۇرلۇق شەرىد ئىبنى سۇۋەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە: «مەن مۇنداق، سول قولۇمنى ئۇچامنىڭ ئارقىدا قويۇپ، قولۇمنىڭ ئالقىنىغا تايىنىپ يېنىمچە ئولتۇراتتىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: ‹غەزەبكە يولۇققان (يەھۇدىي) لارنىڭ ئولتۇرۇشىدەك ئولتۇرامسەن؟› دېدى» دېيىلىپتىكەن، بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

مەزكۇر ھەدىسنى ئىبنى جۇرەيج ئىبراھىم ئىبنى مەيسەرەدىن، ئۇ ئەمر ئىبنى شەرىدتىن، ئۇ ئاتىسى شەرىد ئىبنى سۇۋەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئالىملار بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىدە ۋە ئۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنىڭ نامازنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا ئومۇميۈزلۈك قارىتىلغانلىقىدا ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. مەزكۇر ھەدىسنى بەزى مۇھەددىسلەر «سەھىھ» دېگەن بولسىمۇ، توغرىسى، بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن ئىبنى جۇرەيج مۇدەللىس(1) بولۇپ(2)، ئۇ ئەنئەنە(3) قىلىپ رىۋايەت قىلغان بولغاچقا، بۇ ھەدىس «زەئىف»تۇر. لېكىن، بۇ ھەدىسنىڭ نامازدا شۇنداق ئولتۇرۇشنى چەكلىگەن ۋارىيانتى «سەھىھ» سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغاندۇر. ئابدۇرراززاق («مۇسەننەف»، 3057 – ھەدىستە) مۇنداق رىۋايەت قىلغان:

ئىبنى جۇرەيج دېدىكى: ماڭا ئىبراھىم ئىبنى مەيسەرە خەۋەر بەردىكى: ئۇ ئەمر ئىبنى شەرىدنىڭ مۇنداق خەۋەر بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىنىڭ نامازدا ئولتۇرغىنىدا سول قولىنى يەرگە قويۇشى توغرۇلۇق: ‹ئۇ غەزەبكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئولتۇرۇش شەكلى› دېگەن».

بۇ رىۋايەتتە ساھابە تىلغا ئېلىنمىغان بولغاچقا، بۇ ھەدىس «مۇرسەل»دۇر. لېكىن، بۇ «مۇرسەل» ھەدىسنى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا رىۋايەتلەر بار. مەسىلەن، ھاكىم («ئەلمۇستەدرەك»، 387 – ھەدىستە) ۋە ئىبنى خۇزەيمە («سەھىھ»، 692 – ھەدىستە) نافىئتىن، ئۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىنىڭ نامازدا ئولتۇرغاندا سول قولىغا تايىنىشىنى چەكلىگەن». بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى «سەھىھ»تۇر.

ھاكىمنىڭ يەنە بىر رىۋايەتى («ئەلمۇستەدرەك»، 1007 – ھەدىس) دە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشى نامازدا ئولتۇرغاندا سول قولىغا تايىنىشنى چەكلىگەن ۋە: ‹بۇ يەھۇدىيلارنىڭ نامىزى› دېگەن» دەپ كەلگەن. بۇ ھەدىسنىڭمۇ سەنەدى «سەھىھ»تۇر.

نافىئتىن يەنە ئابدۇرراززاق قىلغان بىر رىۋايەت («مۇسەننەف»، 3055 – ھەدىس) تە، ئۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ نامازدا ئىككى قولىغا تايىنىپ ئولتۇرغان بىر كىشىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «نېمىشقا نامىزىڭدا غەزەبكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئولتۇرۇشىدا ئولتۇرىسەن!؟» دېگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ «مەۋقۇف ھەدىس»نىڭمۇ سەنەدى «سەھىھ»تۇر.

بۇ رىۋايەتلەر يۇقىرىقى «مۇرسەل» رىۋايەتنىڭ سەھىھلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى ناماز ئىچىدە چەكلەنگەن «سەھىھ» رىۋايەت بويىچە ئەمەل قىلىش توغرا بولىدۇ. ناماز سىرتىدا ئۇنداق ئولتۇرۇش چەكلەنمەيدۇ.

نامازدا بۇنداق ئولتۇرۇشنى چەكلەشنىڭ سەۋەبى يەھۇدىيلار نامازدا شۇنداق ئولتۇرۇۋالاتتى. ئەمدى، «بۇنى ناماز سىرتىغىمۇ ئومۇملاشتۇرۇشقا بولامدۇ؟» دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى نامازدا ئولتۇرۇشتا كەلگەن. لېكىن، بەزى ئەھلى ئىلىملەر يۇقىرىقى ناماز بىلەن قەيت قىلمىغان ئىبنى جۇرەيجنىڭ «زەئىف» رىۋايەتىگە ئاساسلىنىپ: «ناماز سىرتىدىمۇ ئوخشاش چەكلىنىدۇ» دەپ قارىغان. ھالبۇكى، ناماز سىرتىدا چەكلەيدىغانغا ئۇ زەئىف ھەدىستىن باشقا بىرەر «سەھىھ» ھەدىس كەلمىگەن.

ۋەلھاسىل، غەزەبكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئولتۇرۇش شەكلى ھەققىدە بىر – بىرىگە ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل ھەدىس كەلگەن. بىرى، بۇ خىل ئولتۇرۇشنى ناماز ئىچىدە چەكلىگەن. يەنە بىرى، ئۇنداق قەيت قىلمىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن گەرچە بەزى ئالىملار «بۇ خىل ئولتۇرۇش نامازنىڭ ئىچىدە ياكى سىرتىدا ئوخشاشلا يامان كۆرۈلىدۇ» دەپ قارىغان ۋە بۇنى «ھەر ئىككى ھەدىسكە تەڭ ئەمەل قىلىش بولىدۇ، بۇ خىل ئولتۇرۇش شەكلىنى چەكلەشتىكى سەۋەبمۇ ناماز سىرتىغىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، ناماز ئىچى بىلەن ناماز سىرتىنىڭ پەرقى يوق» دېگەن بولسىمۇ، يەنە بەزىلەر يۇقىرىقى ھەدىس تەتقىقاتىدىكى تەرجىھ قىلىشقا ئاساسلىنىپ: «بۇ خىل ئولتۇرۇشنى ناماز ئىچىدىلا مەكروھ ياكى ھارام» دەپ چەكلىگەن. بۇ چۈشەنچىگە ئاساسەن نامازدا بىر (بەزى ھەدىسلەردە ئىككى) قولىنى يەرگە قويۇپ ئولتۇرۇشنىڭ شەكلى تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا قولىنى يەرگە قويۇپ، قولىغا تايىنىپ ئولتۇرۇشتۇر. باشقا ھەدىسلەردە قولىدا بېلىنى تۇتۇپ ناماز ئوقۇشمۇ چەكلەنگەن(4).

دېمەك، بۇ غەزەبكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىبادەت شەكلىگە ئوخشاپ قالماسلىق كۆزدە تۇتۇلغان، ناماز ئىچىگە قارىتىلغان چەكلىمە دېيىش ئەڭ توغرىدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2022. 6. 23

——————————————————
1. «مۇدەللىس (الْمُدَلِّس)»: ئەرەب تىلىدا قاراڭغۇلاشتۇرغۇچى ياكى ئەيىبنى يوشۇرغۇچى مەنىسىدەدۇر. ھەدىس ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا بولسا: بىر ھەدىسنى ئىسنادتىكى ئەيىبنى يوشۇرۇپ، ياخشى كۆرسىتىپ رىۋايەت قىلغۇچىنى كۆرسىتىدۇ. مۇدەللىس ئادەتتە ئۆزى ئۇچراشقان ۋە تەلىم ئالغان ئۇستازىدىن ئاڭلىمىغان بىر ھەدىسنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىغاندەك قىلىپ رىۋايەت قىلىدۇ ياكى ئۇچراشمىغان ۋە تەلىم ئالمىغان ئۇستازىدىن بىر ھەدىسنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىغاندەك قىلىپ رىۋايەت قىلىدۇ. ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئۇ ھەدىسنى كىمدىن ئاڭلىغانلىقىنى يوشۇرىدۇ. بۇ تۈرلۈك راۋىيلەر ئېنىق قىلىپ «ئاڭلىدىم» دېمىسە، كۈچلۈك قاراشتا رىۋايەتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. قاراڭ: «موسوعة علوم الحديث الشريف (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 330 – 335 – بەتلەر، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». ئالىملار گۇرۇپپىسى، قاهىرە، م. 2003.
2. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «تەھزىبۇتتەھزىب»، 6 – توم، 359 – بەت؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «تەبەقاتۇل مۇدەللىسىين»، 1 – توم، 41 – بەت.
3. «ئەنئەنە (الْعَنْعَنَة)»: ئەرەبچە «پالانىدىن، ئۇ پوكۇنىدىن» دېگەندىكى شەخستىن شەخسكە يېتىپ كەلگەنلىكنى بىلدۈرىدىغان «-دىن/-تىن» مەنىسىدىكى «ئەن» ھەرپىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئەنئەنە» كەلىمەسىمۇ مۇشۇنىڭدىن كەلگەندۇر. ھەدىس ئىلىملىرى ئىستىلاھىدا: ھەدىسنى «پالانى پالانىدىن، ئۇ پوكۇنىدىن» دەپ سۆزلەپ بېرىشنى ياكى ئاڭلىغانلىقنى، ياكى خەۋەر بەرگەنلىكنى بايان قىلماستىن رىۋايەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەرزدە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس «مۇئەنئەن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەنئەنە ھەدىسنىڭ سەنەدىنىڭ تۇتىشىشىنى ئېنىق بىلدۈرىدىغان ئىبارىلەردىن بولماستىن، بىر خىل ئېھتىماللىقى بار بولغاچقا، راۋىيلەرنىڭ بىر – بىرى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى، مۇدەللىس بولماسلىقى شەرتى بىلەن مۇھەددىسلەر بۇ خىل مۇئەنئەن ھەدىسلەرنى سەنەدى تۇتاشقان دەپ قوبۇل قىلىدۇ. قاراڭ: «موسوعة علوم الحديث الشريف (ھەدىس شەرىف ئىلىملىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 556 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». ئالىملار گۇرۇپپىسى، قاهىرە، م. 2003.
4. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 4 – توم، 18 – بەت؛ موللا ئەلى قارىي: «ئەلمىرقات»، 8 – توم، 526 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇسسىرات»، 1 – توم، 65 – بەت؛ ئەسسەفارىينىي: «غىزائۇل ئەلباب»، 2 – توم، 76 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.