«تەسبىھ نامىزى» ۋە ئۇنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

«تەسبىھ نامىزى» ۋە ئۇنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. «تەسبىھ نامىزى»نى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ نامازنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىس بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

«تەسبىھ نامىزى (صلاة التسابيح)»: 300 تەسبىھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت رەكئەتلىك نەفلە ناماز بولۇپ، ھەربىر رەكئەتتە قىرائەتتىن كېيىن ئون بەش قېتىم، رۇكۇدا تەسبىھتىن كېيىن ئون قېتىم، رۇكۇدىن تۇرغاندا ئون قېتىم، سەجدىدە ئون قېتىم، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئون قېتىم، ئاندىن سەجدە قىلىپ ئون قېتىم، ئاندىن سەجدىدىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قىيامغا تۇرۇشتىن بۇرۇن يەنە ئون قېتىم «سۇبھانەللاھى ۋەلھەمدۇلىللاھى ۋەلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەسبىھ ئوقۇلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ زىكىر ھەر رەكئەتتە يەتمىش بەش قېتىم ئوقۇلىدۇ.

بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ھەدىس كەلگەن. ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئاتام) ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبكە مۇنداق دېدى:

«ئى تاغام ئابباس! ئەگەر بەجا كەلتۈرسەڭ ئاللاھ تائالا سېنىڭ بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى، كونا ۋە يېڭى، سەھۋەن ۋە قەستەن، كىچىك ۋە چوڭ، مەخپىي ۋە ئاشكارا گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىدىغان بىر ئىشنى ساڭا ئۆگىتىپ قويۇشۇمنى خاھلامسەن؟ خاھلىساڭ، تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇغىن. ھەر رەكئەت نامازدا ‹فاتىھە›گە بىر سۈرە قوشۇپ ئوقۇغىن. بىرىنچى رەكئەتنىڭ قىرائىتىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆرە تۇرغان ھالەتتە: سُبْحَانَ اللَّهِ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ وَلَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَاللَّهُ أَكْبَرُ، «سۇبھانەللاھى ۋەلھەمدۇلىللاھى ۋەلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر» (ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىب – نۇقساندىن پاكتۇر، پۈتۈن ھەمدۇسانلار ئاللاھ تائالاغىلا خاستۇر، ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر) دېگەن زىكىرنى ئون بەش قېتىم ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇ قىلىپ، رۇكۇدا ئۇ زىكىرنى يەنە ئون قېتىم ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇدىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۇ زىكىرىنى يەنە ئون قېتىم ئوقۇغىن. ئاندىن سەجدە قىل ۋە سەجدىدە يەنە ئون قېتىم ئوقۇ. ئاندىن سەجدىدىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، يەنە ئون قېتىم ئوقۇ. ئاندىن سەجدە قىلىپ، يەنە ئون قېتىم ئوقۇ. سەجدىدىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قىيامغا تۇرۇشتىن بۇرۇن يەنە ئون قېتىم ئوقۇغىن. شۇنداق قىلىپ، بۇ زىكىر ھەر رەكئەتتە يەتمىش بەش قېتىم ئوقۇلىدۇ. قالغان رەكئەتلەرنىمۇ مۇشۇنداق ئوقۇغىن. ئەگەر بۇ نامازنى ھەر كۈنى بىر قېتىم ئوقۇش ئىمكانىيىتىڭ بولسا (كۈندە) ئوقۇغىن. ئۇنىڭغا ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا، ھەر جۈمە كۈنى بىر قېتىم ئوقۇغىن. ئۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا، ئايدا بىر قېتىم ئوقۇغىن. ئۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا، يىلدا بىر قېتىم ئوقۇغىن. ئۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيىتىڭ بولمىسا، پۈتۈن ئۆمرۈڭدە بىر قېتىم بولسىمۇ ئوقۇغىن». بۇ ھەدىس ئەبۇ راﻓﯩﺌ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان(1).

بۇ ھەدىسنى بەزى مۇھەددىسلەر سەھىھ دەپ قاراپ، «بۇنداق ناماز ئوقۇش سۈننەت» دېگەن بولسىمۇ، مۇھەققىق مۇھەددىسلەر ئۇنى زەئىف (ھەتتا توقۇلما) دەپ قارىغان ۋە «بۇنداق ناماز ئوقۇش يوق، بەلكى بىدئەت» دېگەن. مەنچىمۇ مۇشۇ قاراش كۈچلۈك. چۈنكى، ھەدىس سەنەدلىرىنىڭ ھەممىسى زەئىف بولۇش بىلەن بىرگە ئادەتتىكى ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىغا ئوخشىمىغانلىقتىن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىمۇ زەئىفتۇر. بۇنداق پەزىلىتى كاتتا بىر ناماز ئوقۇش بار بولسا ئىدى، ئىستىخارە نامىزىدەك بىزگە شەك چۈشمەيدىغان ئىشەنچلىك يول ۋە سەنەد بىلەن كەلگەن بولاتتى. دەسلەپكى ئەسىرلەردىكى سەلەف سالىھلەر بىردەك ئۇنى بىلىپ كەتكەن، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان بولاتتى. بۇ نامازنىڭ ئوقۇش ئۇسۇلى ئادەتتىكى نامازدىن باشقىچە بولۇپلا قالماي، ئۇنى ھەركۈنى ياكى ھەر ھەپتە، ياكى ھەر ئاي ياكى، ئۆمۈردە بىر قېتىم قىلىش ئىختىيارلىقى بېرىلگەن. بۇمۇ باشقا بىر ئىبادەتتە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋال. ئۇنىڭدىكى زىكىرلەرگە بېكىتىلگەن سان ۋە زىكىر ئۇسۇلىمۇ باشقا نامازدا كۆرگىلى بولمايدىغان ئەھۋال. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت ئىمامدىن بىرەرسىمۇ ئۇنى سۈننەت ياكى مۇستەھەپ دېمىگەن. شۇڭا، ھېچكىم ئىختىلاپ قىلمىغان پەرز نامازنىڭ ئالدى – كەينىدىكى سۈننەتلەر، تەراۋىھ، چاشگاھ، تەھەججۇد… قاتارلىق دەلىلى ئېنىق ۋە ئىشەنچلىك، ئىختىلاپ بولمىغان نەفلە نامازلارنى ئوقۇش يېتەرلىك.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئايەتلەرنىڭ ياكى سۈرىلەرنىڭ ۋەياكى تەسبىھلەرنىڭ سانىنى بېكىتكەن ھەرقانداق ناماز ھەدىس ئالىملىرىنىڭ بىردەك قارىشىدا ‹يالغان› دەپ قارىلىدۇ. پەقەتلا ‹تەسبىھ نامىزى›دا ئۇلار ئىككى خىل قاراشتا بولغان. ئىككى قاراشنىڭ كۈچلۈكرەكى — ئۇنى بەزى ئەھلى ئىلىملەر راست دەپ قارىغان بولسىمۇ — ئۇ يالغاندۇر. شۇڭلاشقا ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇجتەھىد ئىماملىرى ئوقۇمىغان. ھەتتا ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئۇنىڭ كاتتا شاگىرتلىرى بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنى سەھىھ ئەمەس دەپ قارىغان ۋە بۇ نامازنى ئوقۇشنى يامان كۆرگەن. ئەمما، ئىمام مالىك، ئەبۇ ھەنىفە، شافىئىي ۋە ئۇلاردىن باشقا مۇجتەھىد ئىماملار بۇ ھەدىس توغرىسىدا ئاڭلاپمۇ باقمىغان. ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ئىماملارنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئۇ نامازنى ئوقۇشنى مۇستەھەپ دەپ قارىغانلار بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ تاللىشى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۇستازلىرىدىن قىلغان نەقىل ئەمەستۇر. ئەمما، ئىبنۇلمۇبارەك ‹ئىسپاتلانمىغان ھەدىس بىلەن بىر سۈننەتنى پەيدا قىلىۋالماسلىق ئۈچۈن قىيامدا تۇرۇشتىن بۇرۇن تەسبىھ ئېيتىش ئۇسۇلى بايان قىلىنغان ھەدىستىكى تەرىقىدە ناماز ئوقۇش›نى مۇستەھەپ دېمىگەن، بەلكى ئۇ ‹ئادەتتىكى ناماز ئۇسۇلىغا ئوخشايدىغان بىر خىل نامازنى ئوقۇش يوللۇق› دەپ قارىغان»(2).

ۋەلھاسىل، بۇ ھەقتىكى ھەدىس سەھىھ ئەمەس، ئۇ نامازنى ئوقۇش كۈچلۈك قاراشتا بىدئەت. بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى سەھىھ دېگەن يەنە بىر قاراشنى تۇتۇپ ئۇ نامازنى ئوقۇيدىغانلار ئوقۇسا ئۆزىنىڭ تاللىشى. بۇ ھەقتە دەتالاش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب (ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر).

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2022. 4. 28

—————————————————————————-
1. «ئەبۇ داۋۇد»، 1297 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 482 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 1386 – ھەدىس.
2. ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «مىنھاجۇسسۈننە ئەننەبەۋىييە»، 7 – توم، 315 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.