ئەلۋەكىل جەللە جەلالۇھۇ

ئەلۋەكىل جەللە جەلالۇھۇ

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ھەممە ئىشىڭدا) ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئاللاھ (ساڭا) ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر﴾(33/«ئەھزاب»: 3).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿شۈبھىسىزكى، مېنىڭ (ئىخلاسمەن) بەندىلىرىم ئۈستىدىن سەن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايسەن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر﴾(17/«ئىسرا»: 65).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿سەن پەقەت (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تەسەررۇف قىلغۇچىدۇر﴾(11/«ھۇد»: 12).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿(مۇشرىكلەر تەرەپدارى بولغان) ئادەملەر ئۇلارغا: «شەك – شۈبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!» دېدى﴾(3/«ئال ئىمران»: 173).

بۇ ئىسىمنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى مەنىسى
ئاللاھ تائالا چەكسىز ئىلمى، كەمالى قۇدرىتى ۋە شۇمۇلى ھېكمىتى بىلەن مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا رىزق بېرىشكە، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشقا كېپىل بولغۇچىدۇر. بۇ بولسا ئاللاھ تائالانىڭ «ئەلۋەكىل» دېگەن ئىسمىنىڭ ئومۇمىي مەنىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خاھلىغانچە تەسەررۇف قىلىدۇ)﴾(39/«زۇمەر»: 62).

بۇ ئىسىمنىڭ خاس مەنىسىگە كەلسەك:

ۋەكىل ئاللاھ سالىھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلارنى ئاسان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، تەس – مۈشكۈل ئىشلاردىن يىراق قىلىدۇ.

ئول ئاللاھ ئۆزىگە ئىلتىجا قىلغان، ئۆزىگە تايانغان ۋە شۇنداقلا قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىشەنگەن كىشىلەرگە كۇپايە قىلىدۇ. مۇئمىن بەندىلىرىگە ئۇلارنىڭ رىزق، كىرىم، قوغدىنىش، ياردەم ۋە ئىززەت قاتارلىق ھەممە ئېھتىياجلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ ۋە ئۇلاردىن بارلىق يامانلىقلارنى دەﻓﺌ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە) يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟﴾(39/«زۇمەر»: 36). ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ﴾(65/«تالاق»: 3). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياتماقچى بولسا مۇنداق دەيتتى: «الحمد لله الذي أطعمنا وسقانا، وكفانا وآوانا، فكم ممَّن لا كافيَ له ولا مُؤوي، (يەنى، بىزنى ئوزۇقلاندۇرغان، ئۇسسۇزلۇق بەرگەن، بىزگە كۇپايە قىلغان ۋە بىزگە ئورۇن بەرگەن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇن. دۇنيادا نۇرغۇن ئىنسانلار باركى، ئۇلارنىڭ غەمخورلۇق قىلغۇچىسىمۇ يوق، باشپاناھ بولغۇچىسىمۇ يوقتۇر)»([1]).

خۇلاسە كەلام، ۋەكىل ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر، كېپىل بولغۇچىدۇر ۋە كۇپايە قىلغۇچىدۇر.

ئەلۋەكىل تائالانىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى
بىرىنچىدىن: ئاللاھنى ھامىي قىلىشىمىز كېرەك

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇ مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ھامىي قىلىۋالغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن)﴾(73/«مۇززەممىل»: 9). ئى قېرىندىشىم! بۇ ئايەتتە پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، بۈيۈكلەرنىڭ بۈيۈكى بولغان ئاللاھ بىز ۋە سىزنى ئۆزىنى ھامىي قىلىشقا بۇيرۇدى. پەقەت ئۆزىنىلا پاناھ تارتىشقا، ئۆزىگىلا ئىشىنىشىكە ۋە ھەممە ئارزۇ – ئارمانلارنى پەقەت ئۆزىدىنلا تەلەپ قىلىشىقا بۇيرۇدى.

«ئۇنى ھامىي قىلىۋالغىن» دېگەن بۇ ئايەتتە بۇيرۇق ناھايىتى روشەن بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا مەقسەتنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەكسىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ: ﴿مەندىن غەيرىنى ھامىي (يەنى پەرۋەردىگار) قىلىۋالماڭلار!﴾(17/«ئىسرا»: 2) دېدى.

ئۇنداقتا ئاللاھنى قانداق ھامىي قىلىمىز؟

جاۋاب:

1) تىلىمىز دائىم ئۇ زاتقا تايانغانلىقىمىزنى ۋە تەۋەككۈل قىلغانلىقىمىزنى سۆزلەپ تۇرۇشى كېرەك؛ ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەرقاچان ئۆيۈمدىن چىققاندا، ئاسمانغا قاراپ مۇنداق دەيتتى: «بِسْمِ اللَّهِ، توكَّلْتُ عَلَى اللَّهِ، اللَّهُمَّ إِنِّي أعوذُ بِكَ أنْ أَضِلَّ أَوْ أُضَلَّ، أَوْ أَزِلَّ أوْ أُزلَّ، أوْ أظلِمَ أوْ أُظلَم، أوْ أَجْهَلَ أَوْ يُجهَلَ عَلَيَّ، (يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئى ئاللاھ! ئېزىپ كېتىشىمدىن، ئازدۇرۇلۇپ كېتىشىمدىن، تېيىلىپ كېتىشىمدىن ياكى تېيىلدۈرۈلۈشىمدىن، زۇلۇم قىلىشىمدىن ياكى زۇلۇم قىلىنىشىمدىن، نادانلىق قىلىشىمدىن ياكى باشقىلارنىڭ ماڭا نادانلىق قىلىپ قويۇشىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن)»([2]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆيىدىن چىققاندا ‹بِسْم اللَّهِ توكَّلْتُ عَلَى اللَّهِ، وَلا حوْلَ وَلا قُوةَ إلاَّ بِاللَّهِ (يەنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھ تائالانىڭ مەدىتى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ)› دېسە، ئۇ كىشىگە: ‹ھىدايەت قىلىندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ ۋە قوغدالدىڭ› دېيىلىدۇ ۋە شەيتانلار ئۇنىڭدىن يىراق قىلىنىدۇ»([3]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «‹لا حوْلَ وَلا قُوةَ إلاَّ بِاللَّهِ› نى كۆپ ئېيتقىن. چۈنكى، بۇ جەننەتنىڭ خەزىنىلىرىدىن بىر خەزىنىدۇر»([4]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «‹لا حوْلَ وَلا قُوةَ إلاَّ بِاللَّهِ› دېگىن، شۇندىلا ئاللاھ: ‹بەندەم ئىخلاس قىلدى ۋە ھەممە ئىشلىرىنى (ماڭا) تاپشۇردى› دەيدۇ»([5]).

«لا حوْلَ وَلا قُوةَ إلاَّ بِاللَّهِ» ۋە ئۇنىڭ مەنىسى

بۇ «سېنى يامان كۆرۈلىدىغان ئىشلاردىن پەقەت ئاللاھلا توسۇپ قالىدۇ، سېنى ياخشى كۆرگەن ئىشلىرىڭغا پەقەت ئاللاھلا مۇۋەپپەق قىلىدۇ ياكى بەندىنىڭ بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكىلىشى پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى بىلەنلا بولىدۇ، يەنى ئاللاھ خاھلىغان ئىش بولىدۇ، خاھلىمىغان ئىش بولمايدۇ» دېگەنلىكتۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە قىيىنچىلىقتا قالغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئانى ئۆگىتىپ مۇنداق دېگەن: «قىيىنچىلقتا قالغۇچىنىڭ دۇئالىرى: ‹اللهم رحمتَك أرجو، فلا تَكِلْني إلى نفسي طرفةَ عينٍ، وأصلح لي شأني كله لا إله إلا أنت، (يەنى، ئى ئاللاھ! رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، مېنى ئۆزۈمگە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ تاشلاپ قويمىغىن، مېنىڭ ھەممە ئىشلىرىمنى ئوڭشاپ بەرگىن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر)› دۇر»([6]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئۇخلايدىغان چاغدا ئوقۇيدىغان دۇئانى ئۆگىتىپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ياتماقچى بولساڭ، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭنى بېسىپ ياتقىن ئاندىن: ‹اللهم أسلمتُ وجهي إليك، وفوَّضتُ أمري إليك، وألجأت ظهري إليك؛ رغبةً ورهبةً إليك، لا ملجأ ولا منجى منك إلا إليك، آمنتُ بكتابِك الذي أنزلت، ونبيِّك الذي أرسلت (يەنى، ئى ئاللاھ! ئۆزۈمنى ساڭا تاپشۇردۇم، سېنىڭ ساۋابىڭنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىڭدىن قورقۇپ سەن تەرەپكە يۈزلەندىم. ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم. ئۆزۈمنى سېنىڭ قوغدىشىڭغا يۆلىدىم. پاناھگاھ ۋە قۇتقۇزغۇچى ئۆزۈڭسەن. سېنىڭ نازىل قىلغان كىتابلىرىڭغا ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىڭگە ئىشەندىم)› دېگىن. ئەگەر شۇ كېچىسى قازا قىلىدىغان بولساڭ، ئىمان بىلەن كېتىسەن. ئەگەر تاڭ ئاتقۇزساڭ، ياخشىلىققا ئېرىشىسەن. ئەڭ ئاخىرقى سۆزۈڭ شۇ بولسۇن»([7]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىز ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولساق، ئاللاھ تائالاغا ئېسىلىشىمىزنى، ئۇ زاتتىن ياردەم تىلىشىمىزنى ۋە ئۇ زاتقا مەسىلھەت (ئىستىخارە) قىلىشىمىزنى ئۆگەتتى. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئىشلىرىمىزدا ئىستىخارە قىلىشنى خۇددى قۇرئان سۈرىلىرىنى تەلىم بەرگەندەك تەلىم بېرەتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: ‹قايسىبىرىڭلا بىرەر ئىش قىلماقچى بولسا، پەرزدىن باشقا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاندىن: اللهم إني أستخيرُكَ بعلمك، وأستقدرك بقدرتك، وأسألك من فضلك العظيم؛ فإنك تقدر ولا أقدر، وتعلَمُ ولا أعلم، وأنت علام الغيوب، اللهم إن كنت تعلم أن هذا الأمر خيرٌ لي في ديني ومعاشي وعاقبة أمرى – أو قال: عاجل أمرى وآجله – فاقدُرْه لي ويسِّره لي، ثم بارِك لي فيه، وإن كنت تعلم أن هذا الأمر شرٌّ لي في ديني ومعاشي وعاقبة أمرى، فاصرِفْه عني واصرفني عنه، واقدر لي الخير حيث كان، ثم أرضني به (يەنى، ئى ئاللاھ! مەن ئۈچۈن بۇ ئىشتا قانداق قىلسام ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئىلمىڭ بىلەن سەندىن تىلەيمەن. سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن. چۈنكى، ھەممىگە سەن قادىرسەن. مەن قادىر ئەمەسمەن. ھەممىنى سەن بىلىسەن. مەن بىلمەيمەن. ھەممە غەيب ساڭا ناھايىتى ئايدىڭ. ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بۇ ئىشنىڭ مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ئۈچۈن خەيرلىك بولىدىغانلىقىنى، ئىشىمنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەيرلىك بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇ ئىشنى ماڭا ياراشتۇرۇپ بەرگىن، ئاندىن شۇ ئىشتا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئەگەر بۇ ئىشنىڭ مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ئۈچۈن زىيانلىق ۋە ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇنى مەندىن ۋە مېنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن. ياخشىلىق قەيەردە بولسۇن، مېنى ئۇنىڭغا مۇيەسسەر قىلغىن. شۇنىڭ بىلەن مېنى مەمنۇن قىلغىن) دەپ دۇئا قىلسۇن ۋە ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ئېيتسۇن› دېدى»([8]).

بۇلارنىڭ ھەممىسى «ئاغزاكى تەفۋىز (تاپشۇرۇش)» دەپ ئاتىلىدىغان ئىشلاردۇر. يەنى تىلىڭ دائىم «ۋەكىل» دېگەن سۈپەتكە ئىگە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغانلىقىڭنى سۆزلەپ تۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ سوت مەھكىمىسىدە بىر دەۋاسى بولۇپ، باشقىلار ئۇنىڭغا بۇ دەۋاغا قارىتا مەشھۇر، پىشقان بىر ئادۋۇكاتنى تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلغان بولسا، بۇ چاغدا ئادۋۇكاتنىڭ تەجرىبىسى قانچىلىك چوڭ بولسا، ئۇ كىشى شۇنچىلىك خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ. ئۇنداقتا كىشى ئىشلىرىنى ئەلۋەكىل تائالاغا تاپشۇرسا، ئەھۋال قانداق بولۇپ كېتەر؟!

بۇ نۇقتىغا قارىتا ئەھلى ئىلىملەر بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە: «ئاللاھقا ۋە ساڭا تەۋەككۈل قىلدىم» دېيىشىنى توسقان ۋە بۇنى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشنىڭ بىر تۈرى دەپ سانىغان. چۈنكى، پەقەت يەككە – يېگانە ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىنىدۇ ۋە تايىنىلىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ چوقۇم دېيىشى زۆرۈر بولۇپ قالسا: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، ئاندىن ساڭا… » دېسۇن. بۇ بولسا قەلبنىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە سەۋەبلەرنى ياراتقۇچى ئاللاھقا ئېسىلىشى بىلەن بىرگە سەۋەبلەرنىمۇ تۇتقانلىقتۇر.

2) كىشىنىڭ قەلبى رەببىگە ئېسىلىشى، رەببىدىن خاتىرجەم، رەببىگە ئىشەنگەن ۋە رەببىگە تايانغان بولۇشى كېرەك. مانا بۇ مۇھىم نۇقتىدۇر، ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىشتۇر ۋە ئاللاھنىڭ «ۋەكىل» ئىسمىگە ئىمان ئېيتقانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. چۈنكى، تەۋەككۈل دېگەن –– قەلبنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىدا پايدىلىق ئىشلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، زىيانلىق ئىشلارنى دەﻓﺌ قىلىشتا پەرۋەردىگار ئاللاھقا چىن تايىنىشى، ھەمدە ھەقىقىي بەرگۈچى ۋە چەكلىگۈچى ۋە پايدا – زىيان يەتكۈزگۈچى پەقەتلا ئاللاھتۇر دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇر.

تەۋەككۈلنىڭ تەرىپىدە مۇنداقمۇ دېيىلگەن: «بۇ، قەلبنىڭ پەرۋەردىگار ئاللاھنىڭ ئالدىدا خۇددى مېيىت ئۆزىنى خاھلىغانچە ئۆرۈپ – چۆرۈيدىغان غەسسالنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك تۇرۇشىدۇر».

بەزىلەر مۇنداق دېگەن: «بەزى كىشىلەر: ‹ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم› دەيدۇ، ھالبۇكى ئۇ ئاللاھقا يالغان ئېيتىدۇ. ئەگەر ئاللاھقا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلغان بولسا، ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنىغا رازى بولغان بولاتتى. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھېكمىتى، ئىلىمى ۋە چەكسىز قۇدرىتى بىلەن بەندىلىرىنىڭ رىزقىغا كېپىل بولغۇچى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ پايدا – مەنپەئەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىدۇر».

ھەقىقەتەن «تەۋەككۈل قىلىش» ئەقىدىسى زېھنلەردە ئورنىشى ۋە قەلبلەردە قارار تېپىشى ۋاجىبتۇر. بۇ ئارقىلىق مۇئمىن ھەممە ئىش – پائالىيەت ۋە يۈرۈش – تۇرۇشلىرىدا ياراتقۇچى ۋە ھەقىقىي ئىبادەت قىلىنغۇچى ئىلاھ بولمىش پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلغۇچى، ياردەم تىلىگۈچى ۋە ئىشەنگۈچى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنساندىن تەلەپ قىلىندىغىنى ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتۇر. قالغىنى بولسا بۇلۇتلارنى پەيدا قىلغۇچى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ.

ئەگەر بىراۋ: «ئاللاھنى قايسى ئىشلاردا ۋەكىل (ھامىي) قىلىمىز؟» دەپ سورىسا، مۇنداق جاۋاب بېرىمىز:

1. ئالدى بىلەن ئاللاھنى ھەممە ئىشتا ۋەكىل (ھامىي) قىلىمىز

چۈنكى، تەۋەككۈل قىلىش ئىماننىڭ ئۇنۋانى ۋە ئىسلامنىڭ بەلگىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر (ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغان ياردىمىگە) ئىشەنسەڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار﴾(5/«مائىدە»: 23). ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿مۇسا: «ئى قوۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار) دېدى»﴾(10/«يۇنۇس»: 84).

دېمەك، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش ھەر زامان، ھەر ماكاندا مۇئمىننىڭ ھالىدۇر:

بىرىنچى: كىمكى توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلماقچى بولسا، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن؛ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن)﴾(11/«ھۇد»: 123). يەنە ئاللاھ بىزنى ھەر نامىزىمىزدا: ﴿(رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز﴾(1/«فاتىھە»: 5) دەپ ئوقۇشىمىزغا بۇيرۇدى. چۈنكى، ئاللاھ سېنىڭ ئىبادەت قىلىشىڭغا ياردەم بەرمىسە، سەن ھېچ ئىشنى قىلالمايسەن.

ئىككىنچى: كىمكى دەئۋىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ۋە ئۇنىڭ باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشىنى مەقسەت قىلسا، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلسۇن؛ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، سەن: «ئاللاھ ماڭا كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئەھەدىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن ۋە ھېچ ئەھەدىدىنمۇ قورقمايمەن)، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن﴾(9/«تەۋبە»: 129).

ئۈچىنچى: كىمكى رىزقىنىڭ كەڭرى بولۇشىنى ۋە ھالال كەسب قىلىشنى مەقسەت قىلسا، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلسۇن؛ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە قۇشلارغا رىزق بەرگەندەك رىزق بېرىدۇ. قۇشلار ئەتىگەنلىرى ئاچ ھالەتتە چىقىپ، كەچلىرى توق قورساق قايتىپ كېلىدۇ»([9]).

تۆتىنچى: كىمكى توغرا ۋە ئادىل ھۆكۈم قىلىشنى مەقسەت قىلسا، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلسۇن؛ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەر (دىن ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا) ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) ئەنە شۇ ئاللاھ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىمەن﴾(42/«شۇرا»: 10).

بەشىنچى: كىمكى دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلسۇن؛ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردىمىنى تەرك ئەتسە، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۇئمىنلەر يالغۇز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن! (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)﴾(3/«ئال ئىمران»: 160).

ئالتىنچى: كىمكى ئەھد – كېلىشىملىرىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلسا، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلسۇن؛ ئاللاھ تائالا يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن مۇنداق دېگەن: ﴿يەئقۇب ئېيتتى: «بۇنيامىننى قوغداشتا ھەممىڭلار ھالاك بولمىساڭلارلا چوقۇم ماڭا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ چىڭ ۋەدە بەرمىگۈچە ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن». ئۇلار (يەنى ئوغۇللىرى) ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، يەئقۇب: «بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر» دېدى﴾(12/«يۈسۈف»: 66).

يەتتىنچى: ئىنسان گەپ – سۆزلىرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى ۋە مەقسەت – ئىرادىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشى كېرەك؛ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 159)، ﴿كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ﴾(65/«تالاق»: 3).

ئى قېرىندىشىم! شۇنى بىلگىنكى:

ئىشلارغا سەۋەب قىلىش ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشقا زىت ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، قەلبنىڭ سەۋەبلەرگە باغلىنىپ قېلىشىدىن ھەزەر قىلىش كېرەك، مانا بۇ تەۋەككۈلگە زىت كېلىدىغان ئەھۋالدۇر؛ ئاللاھ تائالا ھەزرىتى مەريەم ئەلەيھەسسالامغا مۇنداق دېگەن: ﴿خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ﴾(19/«مەريەم»: 25). مەريەم ئانىمىز بولسا ئاجىز، تۇغۇتلۇق، نىفاسدار ئايال ئىدى، خورما دەرىخى بولسا ئۆزلىكىدىن ئىرغاڭلىمايدۇ. لېكىن، بۇ يەردە ئاللاھ تائالا بىزگە مۇھىم بىر دەرسنى بىلدۈرۈشنى ئىرادە قىلغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ: «گەرچە ئاجىز بولسىمۇ بىرەر سەۋەبنى قىلىپ بېقىش كېرەك، ھالبۇكى سەۋەب قىلغۇچى ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالمىغانلا بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەر قولغا كېلىدۇ» دېگەندىن ئىبارەتتۇر.

ئى دوستۇم، قىل تەۋەككۈل رەھمانغا ھەرنەرسىدە،

خوپ كۆرمىگىن ئاجىزلىقنى زىنھار ئۆزۈڭگە.

كۆر ئېيتتى ئاللاھ تولغاقتىكى مەريەمگە،

«ئېرغىتقىن دەرەخنى، چۈشەر خورما )يە(».

گەر خاھلىسا ئاللاھ بېرەتتى بىسەۋەب ھەم،

لېكىن ھېكىمەت «سەۋەب قىلماق»تا – دە!

 ئىككىنچىدىن: ئاللاھتىن بىزگە كۇپايە قىلىشىنى (يېتەرلىك بولۇشىنى) سورايمىز

ئەگەر بەندە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە رىزق، كىرىم، قوغدىنىش، ياردەم ۋە ئەزىزلىك جەھەتتە يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئاللاھقىلا باغلىنىپ باشقىدىن بىھاجەت بولىدۇ ۋە ئاللاھنىڭلا ئۆزىگە يېتەرلىك بولۇشىنى سورايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى (ئاللاھتىن) ئۆزىگە كۇپايە بولۇشىنى تىلىسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە بولىدۇ»([10]).

كىمكى قىيىن، مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچار بولۇپ قالسا، ئاللاھتىن ئۆزىگە كۇپايە بولۇشىنى سورىسۇن، شۇندىلا ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە بولىدۇ

ھەدىستە كېلىشىچە، بىر مۇئمىن بالا دىنىدىن يېنىشتىن باش تارتقاندا، پادىشاھ ئۇنى قول ئاستىدىكى بىر توپ كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ: «سىلەر پالانى تاغقا چىقىڭلار، تاغنىڭ چوققىسىغا چىققاندا، ئۇ دىنىدىن يانمىسا تاشلىۋېتىڭلار» دەپتۇ. ئۇلار مېڭىپ تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، بالىنى تاشلىۋەتمەكچى بولغاندا، بالا: «ئى ئاللاھ! سەن خاھلىغىنىڭ بويىچە مېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلىغىن» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تاغ تەۋرەپ پادىشاھنىڭ ئادەملىرى تاغدىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ بالا پادىشاھنىڭ ئالدىغا يالغۇز كەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «سەن قانداق كەلدىڭ؟ ھەمراھلىرىڭ قېنى؟» دەپتۇ. بالا: «ئاللاھ تائالا مېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلىدى» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇنى ئادەملىرىدىن يەنە بىر توپ كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ: ئۇنى ئاپىرىپ كېمىگە سېلىشقا، كېمە دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا، ئۇنى دىنىدىن يېنىشقا قىستاشقا، ئەگەر يانمىسا، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشكە بۇيرۇپتۇ. ئۇلار شۇنداق قىلىپ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتمەكچى بولغاندا، بالا: «ئى ئاللاھ! خاھلىغىنىڭ بويىچە مېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلىغىن» دەپتۇ. شۇ ھامان كېمە ئۆرۈلۈپ، ئۇلار سۇغا غەرق بولۇپ كېتىپتۇ. ئاللاھ ئۇ بالىنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ»([11]).

كىمكى ئۈستىدە قەرزى بولسا، ئاللاھقا يېلىنسۇن ۋە ئاللاھتىن كىفايەت تىلىسۇن. شۇندىلا ئاللاھ ئۇنىڭغا كىفايەت بولىدۇ

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «بىر مۇكاتەب([12]) ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

ــ مەن ئازادلىقىم ئۈچۈن بەلگىلەنگەن پۇلنى تېپىشتىن ئاجىز كەلدىم، شۇڭا ماڭا ياردەم قىلسىلا، ــ دېگەندە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

ــ مەن ساڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئۆگىتىپ قويغان بىرنەچچە كەلىمىلەرنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟ تاغدەك قەرزىڭ بولسىمۇ، ئاللاھ سېنى ئۇنىڭدىن خالاس قىلىدۇ. سەن: ‹اللَّهُمَّ اكْفِنِي بِحَلالِكَ عَنْ حرامك وأغنني بِفَضْلِك عَمَّن سواك (يەنى ئى ئاللاھ! ماڭا ھالال رىزق ئاتا قىلىپ، مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن، پەزل – مەرھەمىتىڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭدىن باشقىلاردىن بىھاجەت قىلغىن)› دېگىن، ــ دېگەن»([13]).

دېمەك، بەندە ھەممە ئىشتا ھامىي بولغۇچى، كېپىل بولغۇچى ئاللاھتىن ئۆزىگە كىفايەت بولۇشىنى تىلىشى كېرەك.

ئاللاھنىڭ «ۋەكىل» ئىسمىغا ئىمان ئېيتىشنىڭ مېۋىلىرى:
بىرىنچى: شەيتاندىن ساقلانغىلى بولىدۇ

ئاللاھ تائالا قوغلاندى شەيتان ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلەرنىڭ ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلار (يەنى يۆلەنگۈچىلەر) نىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ (يەنى پەرۋەردىگارىغا چىن يۆلەنگەن مۇئمىنلەرگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى تەسىر قىلالمايدۇ)﴾(16/«نەھل»: 99). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: « كىمكى ئۆيىدىن چىققاندا ‹بِسْم اللَّهِ توكَّلْتُ عَلَى اللَّهِ، وَلا حوْلَ وَلا قُوةَ إلاَّ بِاللَّهِ، (يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھ تائالانىڭ مەدىتى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ)› دېسە، ئۇ كىشىگە: ‹ھىدايەت قىلىندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ ۋە قوغدالدىڭ› دېيىلىدۇ ۋە شەيتان ئۇنىڭدىن يىراق قىلىنىدۇ. ئاندىن بىر شەيتان يەنە بىر شەيتانغا: ‹ھىدايەت قىلىنغان، كۇپايە قىلىنغان ۋە قوغدالغان ئادەمگە قانداقمۇ كۈچۈڭ يەتسۇن› دەيدۇ»([14]).

ئىككىنچى: شۇم پال ئېلىشتىن قۇتۇلۇپ، تەفائۇل (ياخشىلىققا ئۈمىدۋار بولۇش) غا يۈزلىنىش بولىدۇ

شۇم پال ئېلىش جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىلمىشى، شۇنداقلا ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدۇر. شۇم پال ئېلىش ئەرەبچە «تشاؤم» دېيىلىدىغان بولۇپ، بۇ بىر قىسىم يامان گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەت ۋە باشقا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەردىن شۇملۇق ھېس قىلىش دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن، بەزى كىشىلەر «خىزمەتكە بارىمەن» دەپ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپ، بىرئازدىن كېيىنلا قايتىپ كېلىدۇ. «نېمىشقا قايتىپ كەلدىڭ» دەپ سورالسا: «مەن پالانىنى كۆرۈپ قالغانىدىم، شۇڭا شۇملۇق ھېس قىلىپ قايتىپ كەلدىم ياكى مۇنداق گەپنى ئاڭلاپ قالغانىدىم، شۇنىڭدىن شۇملۇق ھېس قىلىپ قايتىپ كەلدىم» دەيدۇ. ئەگەر يامان بىر ئەھۋال يېتىپ قالسا، «مەن بۈگۈن كىمنىڭ يۈزىگە قاراپ قالغاندىمەن؟!» دەيدۇ.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئەھۋاللاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «شۇم پال ئېلىش شىركتۇر» دەپ ئۈچ قېتىم ئېيتىپ، «شۇم پال ئېلىش شىركتۇر، بىزنىڭ ئىچىمىزدىن قانداقلىكى كىشى بولىدىكەن، ئۇ شۇم پال ئېلىشتىن خالىي بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن بۇ قىلمىشنى تەۋەككۈل قىلغانلىقى بىلەن يوق قىلىدۇ»([15]) دېگەن.

دېمەك، ئاللاھنىڭ «ۋەكىل» ئىسمىگە ئىمان ئېيتىش تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ قەلبلىرىدە خاتىرجەملىك ۋە تەمكىنلىكنى پەيدا قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلماستىن، تىنچ ھالەتتە داغدام يولدا ماڭىدىغان قىلىدۇ.

ئۈچىنچى: ئەزىزلىكنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى ئاللاھقا يۆلىنىدىكەن (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىدۇ). چۈنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(8/ئەنفال: 49).

بۇ ئايەتكە بىنائەن مۇنداق دېيەلەيمىزكى، ئاللاھ غالىب بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھتىن ئامانلىق تىلىگەن كىشى خار بولمايدۇ. ئاللاھنى پاناھ تارتقان، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغان كىشى ھەرگىز زايە بولۇپ كەتمەيدۇ.

ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر شەيئىنى ئۆز ئورنىغا قويىدۇ ۋە ھېچبىر كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ.

تۆتىنچى: ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە نائىل بولغىلى بولىدۇ

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 159). ئەگەر ئاللاھ بىر بەندىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنى ھەرگىزمۇ دوزاختا ئازابلىمايدۇ. ئەگەر ئاللاھ بىر بەندىنى ياخشى كۆرسە، ئۇ ياخشى كۆرۈشنى بەندىلىرىنىڭ قەلبلىرىگە تاشلايدۇ. ئەگەر ئاللاھ بىر بەندىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ ۋە سورىغىنىنى بېرىدۇ.

بەشىنچى: ھېساب ئېلىنماستىن ۋە ئازاب قىلىنماستىن جەننەتكە كىرگىلى بولىدۇ

ئىمران ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئۈممىتىمدىن يەتمىش مىڭ كىشى جەننەتكە ھېساب ئېلىنماستىن ۋە ئازاب قىلىنماستىن كىرىپ كېتىدۇ، ــ دېگەندە، ساھابىلەر:

ــ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئۇلار كىملەر؟ ــ دېيىشتى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئۇلار داغلاپ داۋالاش قىلمايدىغان، سۈف كۆچ قىلمايدىغان ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغانلاردۇر، ــ دېدى»([16]).

ئالتىنچى: رىزقى كەڭرى بولىدۇ

ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە قۇشلارغا رىزق بەرگەندەك رىزق بېرىدۇ. قۇشلار ئەتىگەنلىرى ئاچ ھالەتتە چىقىپ، كەچلىرى توق قورساق قايتىپ كېلىدۇ»([17]).

دوستلىرىم! پەيغەمبىرىمىزنىڭ «ئەگەر ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىدىغان بولساڭلار» دېگەن سۆزى ئۈستىدە ئويلىنايلى! بىز ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمۇ ياكى خىزمەتكە، مائاشقا، تىجارەتكە، سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە ياكى بانكىدىكى ئامانەت پۇلغىمۇ؟ دېمەك، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش ئاجىزلاپ كەتتى، پەقەت ئاللاھ رەھىم قىلغان كىشىلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

ۋە يەنە «ئاللاھ سىلەرگە قۇشلارغا رىزق بەرگەندەك رىزق بەرگەن بولاتتى» دېگەن سۆزى ئۈستىدە ئويلىنايلى! ئەگەر بىز رىزقتىن ۋە تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقىدىن بىئارام بولساق، بۇ بىزنىڭ ئاللاھقا قىلغان تەۋەككۈلدە ئاجىز ئىكەنلىكىمىزنىڭ ئالامىتىدۇر.

ئېيتۇرلەركى، ھاتىمۇلئەسەم بىر يىلى ھەج قىلىشنى نىيەت قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ نىيىتىنى بالىلىرىغا ئۇقتۇرغان ئىكەن، ئۇلار: «بىزنى كىمگە تاپشۇرىسەن» دەپتۇ. ھالبۇكى، ھاتىمنىڭ مۇستەھكەم ئىمان، تەۋەككۈل ۋە يەقىن نېئمىتى بىلەن شەرەپلەنگەن بىر قىزى بار بولۇپ، بۇ قىز: «مەيلى، دادىمىز ھەجگە بارسۇن، رىزقنى دادىمىز بەرمەيدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاتىم ھەجگە كېتىپتۇ. ئۇلار بولسا قورسىقى ئېچىپ، ئۇ قىزنى ئەيىبلەشكە باشلاپتۇ. ئۇ قىز: «ئى ئاللاھ! مېنى ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىجالەتكە قويمىغىن» دەپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي شەھەرنىڭ ئەمىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. ئەمىر خىزمەتكارلىرىغا: «ماڭا سۇ ئەكەپ بېرىڭلار!» دېگەنىكەن، ھاتىمنىڭ بالا – چاقىلىرى ئەمىرگە يېڭى ساپاقلىق ساپال قاچا ۋە سوغۇق سۇ سۇنۇپتۇ. ئەمىر سۇدىن ئىچىپ: «بۇ كىمنىڭ قورۇسى» دېگەنىكەن، ئۇلار: «بۇ ھاتىمۇلئەسەمنىڭ قورۇسى» دەپتۇ، شۇندا دەرھال قورۇغا بىر دانە ئالتۇن ھەمياننى ئېتىپتۇ ۋە: «كىم مېنى ياخشى كۆرسە، مەن قىلغاندەك قىلسۇن» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلەرمۇ يانلىرىدىكى ھەممە پۇل – مالنى قورۇنىڭ ئىچىگە ئېتىشىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن (ھاتىمنىڭ) قىزى يىغلاشقا باشلاپتۇ. ئانىسى: «قىزىم نېمىشقا يىغلايسىز؟ مانا ئاللاھ نېمىگەن كەڭ رىزق بەردى!» دەپتىكەن، قىز: «چۈنكى، بىر مەخلۇق بىزگە نەزەر تاشلاپ قويغان ئىدى، باي بولۇپ كەتتۇق، ئەگەر خالىق بىزگە نەزەر تاشلىسا، ئەھۋال قانداق بولۇپ كېتەر!» دەپتۇ.

بىر كۈنى ھاتىمگە: «سىلى تەۋەككۈل قىلىشنى قانداق چۈشەندىلە؟» دېيىلگەنىكەن، ئۇ: «بىلدىمكى، ماڭا تەۋە رىزقنى باشقىلار يەپ كېتەلمەيدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىدىم. يەنە بىلدىمكى، مېنىڭ ئەمەلىمنى باشقىلار قىلىپ قويالمايدىكەن، شۇڭا ئۆز ئەمەلىم بىلەن مەشغۇل بولدۇم. يەنە بىلدىمكى، ئۆلۈم ماڭا تۇيۇقسىز كېلىدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭغا ئالدىرىدىم ۋە يەنە بىلدىمكى، ئاللاھ مېنى ھەرۋاقىت كۆرۈپ تۇرىدىكەن، شۇڭا قاتتىق سەزگۈر بولدۇم» دەپتۇ.

يەتتىنچى: كىفايەت ھاسىل بولىدۇ ۋە غەم – ئەندىشىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ

بەزى سەلەفلەر مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھەر بىر ئەمەلنىڭ مۇكاپاتىنى شۇ ئەمەلنىڭ جىنسىدىن قىلدى. ئەمما، ئۆزىگە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ مۇكاپاتىنى بولسا ئۆزىنىڭ بەندىسىگە كۇپايە قىلىدىغانلىقى قىلدى. دەرۋەقە، ئاللاھ: ﴿كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ﴾(65/«تالاق»: 3) دېدى. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا تەۋەككۈل قىلغۇچىنىڭ مۇكاپاتىغا قارىتا: «ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق ئەجىر بېرىمىز» دېمىدى. بەلكى ئۆزىنى ئول بەندىگە كافىي، ھامىي ۋە ساقلىغۇچى قىلدى.

بۇ ئەھۋالدا بىز بىزگە ئاسان قىلىنغان ھەر قانداق مۈشكۈلات، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى، ھەل بولغان قىيىنچىلىق ۋە ھاجەتلەرنى، يېغىۋاتقان بەرىكەت، دەﻓﺌ قىلىنغان، كۆتۈرۈۋېتىلگەن تۈرلۈك يامانلىقلارنى سۈرۈشتۈرمەيلى.

قاراڭ! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غاردىكى چاغدا ھەمراھى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى ئەبۇ بەكرى! ئىككى كىشىنىڭ ئۈچىنچىسى ئاللاھ بولسا، بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟!» دېگەن.

قاراڭ! ئاللاھ تائالا پىرئەۋن ئائىلىسىدىكى مۇئمىن كىشى ھەققىدە ئۇنىڭ قوۋمىگە دېگەن سۆزىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿(سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(40/«غافىر»: 44).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرى ئۇلارنى كۇفۇر قوشۇنلىرى قورشىغان چاغدا ئېيتقان سۆزىگە قاراڭ! ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(مۇشرىكلەر تەرەپدارى بولغان) ئادەملەر ئۇلارغا: «شەك – شۈبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!» دېدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ نېئمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى، ھېچقانداق زىيان – زەخمەتكە ئۇچرىمىدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 173، 174).

سەككىزىنچى: قەرزلەر ئادا قىلىنىدۇ

باشتا ئوقۇغىنىمىزدەك، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىدىن ياردەم سوراپ كەلگەن مۇكاتەبكە: «مەن ساڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئۆگىتىپ قويغان بىرنەچچە كەلىمىلەرنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟ تاغدەك قەرزىڭ بولسىمۇ، ئاللاھ سېنى ئۇنىڭدىن خالاس قىلىدۇ. سەن: ‹ئى ئاللاھ! ماڭا ھالال رىزق ئاتا قىلىپ، مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن، پەزلى – مەرھەمىتىڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭدىن غەيرىيدىن بىھاجەت قىلغىن› دېگىن»([18]) دېگەن.

«سەھىھۇلبۇخارىي»دا مۇنداق بىر ھەدىس كەلگەن: «بەنى ئىسرائىلدىن بىر كىشى بەنى ئىسرائىلدىن يەنە بىر كىشىدىن مىڭ دىنار قەرز بېرىپ تۇرۇشىنى سورىدى. قەرز بەرگۈچى:

ــ ماڭا گۇۋاھچى بولىدىغان شاھىدلارنى كەلتۈر، ــ دېگەنىدى، قەرز ئالغۇچى:

ــ ئاللاھ گۇۋاھچى بولۇشقا يېتەرلىكتۇر، ــ دېدى. قەرز بەرگۈچى:

ــ بىر كېپىل كەلتۈر، ــ دېگەنىدى، قەرز ئالغۇچى:

ــ ئاللاھ كېپىل بولۇشقا يېتەرلىكتۇر، ــ دېدى. قەرز بەرگۈچى:

ــ راست ئېيتتىڭ ــ دېدى ۋە مىڭ دىنارنى ئۇنىڭغا مەلۇم مۇددەت بەلگىلەپ بېرىپ تۇردى. ئاندىن قەرز ئالغۇچى دېڭىزغا بېرىپ، بەزى ئىشلىرىنى قىلىپ تۈگەتتى. ئاندىن (قەرزنى قايتۇرىدىغان) مۇددەت يېتىپ كەلگەندە، ئۇ ھېچبىر مەركەب (ئۇلاغ ياكى باشقا قاتناش ۋاسىتىسى) تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر كۆتەكنى ئېلىپ ئۇنى ئويدى ۋە ئۇنىڭغا مىڭ دىنار پۇلنى ۋە پۇلنىڭ ئىگىسىگە يېزىلغان بىر پارچە خەتنى كىرگۈزدى. ئاندىن ئاغزىنى ھىم ئېتىپ: ‹ئى ئاللاھ! شەكسىزكى، سەن مېنىڭ پالانىدىن مىڭ دىنار قەرز ئالغانلىقىمنى بىلىسەن، ئۇ مەندىن بىر كېپىل بولغۇچىنى سورىغاندا، مەن: ”ئاللاھ كېپىل بولۇشقا يېتەرلىكتۇر“ دېگەنىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ (سېنىڭ كېپىل بولۇشۇڭغا) رازى بولغان ئىدى. ئۇ مەندىن بىر گۇۋاھچىنى سورىغاندا، مەن: ”ئاللاھ گۇۋاھچى بولۇشقا يېتەرلىكتۇر“ دېگەنىدىم، ئۇ بۇنىڭغىمۇ رازى بولغان ئىدى. مەن (ھازىر) ئۇنىڭغا ئۆز پۇلنى ئەۋەتىپ بېرىش ئۈچۈن ۋاسىتە تېپىشقا تىرىشقان بولساممۇ تاپالمىدىم، شەكسىزكى مەن بۇ كۆتەكنى ساڭا ئامانەت قىلىمەن› دەپ، ئۇنى دېڭىزغا ئاتتى، ھەتتا كۆتەك دېڭىزغا چۆكۈپ كەتتى. ئاندىن ئۇ كىشى مەركەب ئىزدەپ يۈرۈپ كەتتى. (دەل بۇ چاغدا) قەرز بېرىپ تۇرغان كىشىمۇ پۇلىنى ئېلىپ كەلگەن بىرەر مەركەبنى ئۇچرىتىپ قېلىش مەقسىتىدە (دېڭىزنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە) چىققان ئىدى، پۇلىنى ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى كۆتەكنى ئۇچراتتى. ئۇ كۆتەكنى ئوچاققا ئوتۇن بولۇپ قالار دەپ ئالدى، ئاندىن ئۇنى يارغانىدى، پۇلىنى ۋە بىر پارچە خەتنى كۆردى. ئۇنىڭدىن كېيىن قەرز ئالغان كىشى مىڭ دىنارنى ئېلىپ يېتىپ كەلدى ۋە:

ــ يېنىڭغا ۋاقتىدا كېلىش ئۈچۈن قاتناش ۋاسىتىسى ئىزدىگەن بولساممۇ، ھېچنەرسە تاپالمىدىم، ــ دېگەنىدى، قەرز بەرگۈچى:

ــ سەن ماڭا بىرەر نەرسە ئەۋەتكەنمىدىڭ؟ ــ دېدى. قەرز ئالغۇچى:

مەن يېنىڭغا بالدۇرراق كېلىش ئۈچۈن قاتناش ۋاسىتىسى تاپالمىدىم دېمىدىممۇ! ــ دېدى. قەرز بەرگۈچى:

ــ شەكسىزكى، ئاللاھ سەن ئەۋەتكەن كۆتەك بىلەن قەرزىڭنى ئادا قىلىپ بەردى، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ (ئېلىپ كەلگەن) پۇلىنى ئېلىپ راشىد ھالەتتە قايتتى»([19]).

توققۇزىنچى: پۈتۈن غەم – قايغۇلار يوق بولىدۇ

بىر دەئۋەتچى مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: «بىر كىشى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراپ غەم – قايغۇنىڭ ئىچىدە قاپتۇ. بىر شەيخ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن مەن ئۇنىڭغا ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ مەندىن خىزمىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئارىغا قويغۇدەك بىرەر كىشى بار – يوقلىقىنى سورىدى. مەن:

ــ سەن دېگەندەك بىرەرىنى تونۇمايمەن، لېكىن سېنىڭ قىيىنچىلىقلىرىڭنى ھەل قىلىپ، غەملىرىڭگە كۇپايە قىلىدىغان بىرىنى تونۇيمەن ــ دېدىم. ئۇ قاتتىق قىزىققان ھالدا:

ــ ئۇ ئىدارە باشلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟ ــ دېدى.

ــ ئەلبەتتە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، ــ دېدىم. ئۇ:

ــ ئۇنى تونۇملا؟ ــ دېدى. مەن:

ــ ئەلبەتتە تونۇيمەن، ــ دېدىم. ئۇ:

ــ ئۇنىڭغا گەپ قىلالاملا؟ ــ دېدى. مەن:

ــ ئەلبەتتە گەپ قىلالايمەن، سەنمۇ گەپ قىلالايسەن، ــ دېدىم. ئۇ:

ــ ئۇ كىم؟ ــ دېدى. مەن:

ــ ئۇ ئاللاھتۇر، سەن سەھەر ۋاقتى ئورنىڭدىن تۇرۇپ، ئۇ زاتقا ئەھۋالىڭنى ئېيتقىن، ــ دېدىم.

كېيىن ھېلىقى ھاجەتمەن كىشى مۇنداق سۆزلەپ بەردى: ‹مەن ئۇنىڭ گېپىدىن تەسىرلىنىپ، كېچىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇدۇم ۋە ئاللاھقا ئۇ زاتنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك يالۋۇرۇپ تۇرۇپ دۇئا قىلدىم. ئاندىن ئەتىگەندە بىۋاسىتە ئىدارە باشلىقىنىڭ يېنىغا كىردىم. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ مېنى قارشى ئالدى ۋە ھال – ئەھۋالىمنى سورىدى، ھالبۇكى ئىلگىرى ئوتتۇرىمىزدا ھېچبىر ئالاقە – مۇناسىۋەت يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن:

ــ ئەزبىرايى، ئەھۋالىم بۇ يەردىن بۇ يەرگىچە، ــ دېگەنىدىم، ئۇ دەرھال تەلىپىمنى ئورۇنداپ بەردى. شۇنداق قىلىپ ئۈچ ئايدىن بېرى ھەل بولمىغان قىيىنچىلىقىم ھەل بولۇپ كەتتى. مەن ئۆزۈممۇ ئىشەنمىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇرغاچ:

ــ كىمكى مەخلۇققا ئېسىلسا جاپادا قويىدۇ، كىمكى خالىققا تەۋەككۈل قىلسا كۇپايە قىلىدۇ، ــ دېدىم›».

ھەقىقەتەن بۇ گەپنى دېگۈچى راست ئېيتقاندۇر: «مېلىغا ئىشەنگەن مالسىز قالۇر، ئەقلىگە ئىشەنگەن ئازغىشۇر، يۈز – ئابرۇيىغا ئىشەنگەن خار بولۇر، ئاللاھقا ئىشەنگەننىڭ مېلى ئازايماس، ئەقلى ئازدۇرماس ۋە خار – زەبۇن بولماس».

مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ الوكيل جل جلاله https://www.alukah.net/

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات

——————————

([1]) «سەھىھۇ مۇسلىم»: 2715 – ھەدىس.
([2]) «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»: 5094 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇتتىرمىزىي»: 3427 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇننەسائىي»: 5486 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»: 3884 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([3]) «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»، 5095 – ھەدىس؛ نەسائىي: «ئەسسۈنۇلكۇبرا»، 9838 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([4]) «سۈنەنۇتتىرمىزىي»: 3601 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([5]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 7966 – ھەدىس؛ نەسائىي: «ئەسسۇنەنۇلكۇبرا»، 9757 – ھەدىس؛ ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، 54 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇلجامىئ‍»، 2614 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
([6]) «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»: 5090 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
([7]) «سەھىھۇلبۇخارىي»: 247 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»: 2710 – ھەدىس.
([8]) «سەھىھۇلبۇخارىي»: 1162 – ھەدىس.
([9]) «سۈنەنۇتتىرمىزىي»: 2344 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»: 4164 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»: 205 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([10]) «سۈنەنۇننەسائىي»: 2594 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
([11]) «سەھىھۇ مۇسلىم»: 3005 – ھەدىس.
([12]) مۇكاتەب – مەلۇم (مىقداردا) پۇل تۆلەش بەدىلىگە ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن توختام تۈزۈشكەن قۇل. (ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت، مۇھەممەد سالىھ: 732- بەت).
([13]) «سۈنەنۇتتىرمىزىي»: 3563 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
([14]) «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»، 5095 – ھەدىس؛ نەسائىي: «ئەسسۈنۇلكۇبرا»، 9838 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([15]) «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»: 3910 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇتتىرمىزىي»: 1614 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»: 3538 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»: 3687 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([16]) «سەھىھۇ مۇسلىم»: 218 – ھەدىس.
([17]) «سۈنەنۇتتىرمىزىي»: 2344 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇ ئىبنى ماجە»: 4164 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»: 205 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([18]) «سۈنەنۇتتىرمىزىي»: 3563 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
([19]) «سەھىھۇلبۇخارىي»: 2291 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.