د. شەرىف فەۋزى سۇلتان
رەب (پەرۋەردىگار) ـــ ئۇ شۇنداق گۈزەل ئىسىمدۇركى، بەندىگە ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك ھېس قىلدۇرىدۇ. زور كۆپچىلىك ئىنسانلار بالا – قازا، زۇلۇم – خارلىققا دۇچار بولسا، دەرھال «رەببىم ئۆزەڭ بار!» دەپ سالىدۇ.
«قۇرئان كەرىم»دە 900 دىن كۆپرەك ئورۇندا «رەب» ئىسمى كەلگەن بولۇپ، كۆپىنچە «ئالەملەرنىڭ رەببى، ئاسمانلارنىڭ رەببى، ئەرشنىڭ رەببى، قۇدرەت ئىگىسى، ھەممە نەرسىنىڭ رەببى» دېگەندەك خاس ۋە ئومۇمىي ھالدا مەخلۇقاتلارغا نىسبەت بېرىلگەن شەكىلدە كەلگەندۇر.
ئالەملەرنىڭ رەببى بولمىش ئاللاھ جىمى نۇقسانلاردىن پاكتۇركى، ئول ئاللاھ ئالەملەر يارىتىلىشتىن ئىلگىرىلا بار ئىدى، ئۇلار يارىتىلغاندىن كېيىنمۇ باردۇر، ئۇلار يوقالغاندىن كېيىنمۇ بار بولغۇسىدۇر. «ئالەملەر» (العالمون) بولسا كۆپلۈك شەكىلدىكى سۆز بولۇپ، بۇ ئىنسانلار ئالەمى، جىنلار ئالەمى، پەرىشتىلەر ئالەمى، ھايۋانات ئالەمى ۋە باشقا ئالەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياراتقۇچى زاتنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا روشەن ئالامەت ۋە كەسكىن دەلىلدۇر. شۇڭا ھەممىسى «ئالەم» دەپ ئاتالغاندۇر.
ئاللاھ تائالا ئۆز كىتابىنىڭ تۇنجى ئايەتىدە: ﴿جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر﴾(1/«فاتىھە»: 1) دېگەن ۋە يەنە : ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت – ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر﴾(6/«ئەنئام»: 162) دېگەن. ئاندىن يەنە دېگەنكى: ﴿ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شىركى بارلىقىنى بىلەمسەن؟﴾(19/«مەريەم»: 65)، يەنە: ﴿پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خاھلىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خاھلايسىلەر (يەنى ئاللاھ خاھلىمىغۇچە سىلەرنىڭ خاھلىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق)﴾(81/«تەكۋىر»: 29) دېگەن. دېمەك، بۇ ئىسىم ئاللاھنىڭ كىتابىدا ناھايىتى كۆپ كەلگەندۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، مەن رۇكۇ ۋە سەجدە ھالىتىمدە قۇرئان ئوقۇشتىن توسۇلدۇم. رۇكۇدا بولسا پەرۋەردىگار ئاللاھنى ئۇلۇغلاڭلار (يەنى سبحان ربي العظيم) دەڭلار، سەجدىدە بولسا تىرىشىپ دۇئا قىلىڭلار، سەجدىدە قىلغان دۇئايىڭلار بەكرەك ئىجابەت بولىدۇ»([1]).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «بەندە پەرۋەردىگارىغا كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئەڭ يېقىن بولىدۇ. ئەگەر ئاشۇ سائەتتە ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن بولۇشقا قادىر بولالىساڭ، شۇنداق قىلغىن»([2]) دېگەن، شۇنداقلا يەنە: «مەخپىي سەدىقە ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئۆچۈرىدۇ»([3]) دېگەن. ئۇ زات سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئوغلى) ئىبراھىم ۋاپات بولغان كۈنى ياش تۆككەندە مۇنداق دېگەن: «كۆزلەر ياش تۆكىدۇ، قەلب غەمكىن بولىدۇ، بىز پەقەت پەرۋەردىگار ئاللاھنىلا رازى قىلىدىغان سۆزنى ئېيتىمىز»([4]).
«رەب» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى
رەبلىك (رۇبۇبىييەت) مۇنداق ئىككى مەنىدە كېلىدۇ:
بىرىنچىسى: رەب ـــ مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتا يالغۇزدۇر.
ئىككىنچىسى: رەب ـــ جىمى مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى يېگانە زاتتۇر. يەنى ئاللاھتىن باشقا ياراتقۇچى ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى يوقتۇر.
دەرۋەقە، ئاسمان بىلەن زېمىننى تۇتاشتۇرغان تۇنجى ئايەت: ﴿ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن﴾(96/«ئەلەق: 1) دەل بىرىنچى مەنىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە بايان قىلىپ بېرىدۇ ۋە تەكىتلەيدۇ.
ئىككىنچى مەنىگە كەلسەك، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلەرگە) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىياھ ئۈندۈرۈپ) كىم رىزق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەرنى ئۆلۈك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ ئۆلۈك شەيئىلەرنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ) ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «(ئاللاھتىن ئۆزگىگە چوقۇنۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟ (يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى) سىلەرنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگارىڭلار، ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن ئۆزگە نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، نېمىشقا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟﴾(10/«يۇنۇس»: 31 – 32). ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى مەنىنى جەﻣﯩﺌ قىلىپ يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خاھلىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ)﴾(39/«زۇمەر»: 62).
دېمەك، پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ياراتقۇچىدۇر، رىزق بەرگۈچىدۇر ۋە ئىشلارنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر. ئول ئاللاھ ھەم بېرىدۇ، ھەم قايتۇرۇۋالىدۇ؛ ھەم ھىدايەت قىلىدۇ، ھەم ئازدۇرىدۇ؛ ھەم ھايات بېرىدۇ، ھەم ئۆلتۈرىدۇ؛ ھەم ئەزىز قىلىدۇ، ھەم خار قىلىدۇ؛ ھەم تار قىلىدۇ، ھەم كەڭرى قىلىدۇ. كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ تائالاغا بويسۇنغۇچىدۇر، مەخلۇقاتنىڭ ھېچبىرى ئاللاھ تائالانىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ.
ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھ تائالانىڭ ئالەمگە بولغان رەبلىكى ئۇ زاتنىڭ ئالەمنى باشقۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ۋە ھەمىشە قايىم ئىكەنلىكىدۇركى، ئول ئاللاھ يارىتىدۇ، رىزق بېرىدۇ، قەبزى روھ قىلىدۇ، تىرىلدۈرىدۇ؛ (خاھلىسا) تۆۋەن قىلىدۇ، (خاھلىسا) يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ (گاھ ئەركىن) قويۇۋېتىدۇ، (گاھ) چەكلەيدۇ؛ (ئىستىسە) ئەزىز قىلىدۇ، (ئىستىسە) خار قىلىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۆز ئىختىيارى ۋە ئىرادىسى بىلەن تەسەررۇپ قىلىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى ئىنكار قىلىش ئاللاھنىڭ رەبلىكى، ئىلاھلىقى ۋە پادىشاھلىقىنى ئىنكار قىلىشتۇر».
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بەرگەن نەرسىنى ھېچبىر چەكلەپ قويغۇچى يوقتۇر، ئۇ زات چەكلىگەن نەرسىنى ھېچبىر بەرگۈچى ھەم يوقتۇر، ئۇ زاتنىڭ ھۆكمىنى كېچىكتۈرگۈچى، ئەمرىنى رەت قىلغۇچى، كەلىمىلىرىنى ئۆزگەرتكۈچى ھەم يوقتۇر. جىمى پەرىشتىلەر ۋە روھ (جىبرىل ئەلەيھىسسالام) ئۇ زاتنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆرلەيدۇ، ئەمەللەر ئۇ زاتقا تەڭلىنىدۇ. ﴿ئاللاھ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاچقان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالىغۇچى بولمايدۇ﴾(35/«فاتىر»: 2). ئەگەر ئاللاھ بەندىسىگە مەلۇم بىر ياخشىلىقنى ياكى رەھمەتنى ئىرادە قىلسا، بۇنىڭغا قارشى پۈتكۈل ئىنسۇجىن يىغىلىپ توسقۇنلۇق قىلماقچى بولسا، ھەرگىزمۇ قادىر بولالمايدۇ. ﴿ئاللاھ رەھمىتىدىن توسقان نەرسىنى، ئاللاھ توسقاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچ قويۇپ بەرگۈچى بولمايدۇ﴾(35/«فاتىر»: 2). بۇنىڭ دەل ئەكسى ھەم ئوخشاشتۇر. ھەقىقەتەن ﴿ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(35/«فاتىر»: 2).
ئاللاھ غالىبتۇر: ھېچ نەرسە ئاللاھتىن غالىب كېلەلمەيدۇ، ھېچ نەرسە ئاللاھنى ئاجىز قىلالمايدۇ.
ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر: ئاللاھ بەندىسىنى ئەزىز قىلسۇن ياكى خار قىلسۇن، رىزقىنى كەڭرى قىلسۇن ياكى تار قىلسۇن، ھەممىسى ئاللاھنىڭ چوڭقۇر ھېكمىتى بىلەن بولغان بولىدۇ.
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ھەققىدە تەپەككۇر قىلايلى! بۇ بۇيرۇق يەتتە قات ئاسمان ۋە قوڭۇر زېمىننى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئەرش ئەلادىن چۈشىدۇ. ئول ئاللاھ نۇرغۇن ئىنسانلارغا ھايات بېغىشلاپ، يەنە نۇرغۇنىنى قەبزى روھ قىلىدۇ، كىملەرنىدۇر ئەزىز ۋە كىملەرنىدۇر خار قىلىدۇ. قانچىلىغان دۆلەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، يەنە قانچىلىغان دۆلەتلەرنى يوق قىلىدۇ، نېئمەتلەرنى ئىنكارچىلاردىن ئېلىپ شۈكۈر قىلغۇچىلارغا بېرىدۇ. تىلەكلەرنى ئورۇندايدۇ: يەنى يوقسۇلنى باي، قىيىننى ئاسان قىلىدۇ؛ كېسەلگە شىپا، زىيان – زەخمەتكە داۋا بېرىدۇ؛ ئاداشقانغا ھىدايەت، قورققانغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلسا؛ دەردمەنگە دەرمان، ئاجىز – مەزلۇمغا ياردەم بېرىدۇ؛ زالىمدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، گۇناھلارنى مەغپىرەت، تەۋبىنى قوبۇل، دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدۇ؛ ئۆزىگە يېلىنغۇچىلارنىڭ يالۋۇرۇشىدىن، دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن، تىلەكلەرنىڭ ھەرخىل تىللاردا ۋە پۈتمەس – تۈگىمەسلىكىدىن زېرىكىپ قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە سورىغىنىنى بېرىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ئاللاھنىڭ مۈلكىدىن يىڭنىگە يۇققان دېڭىزنىڭ سۈيىچىلىكمۇ بىرنەرسىنى كېمەيتمەيدۇ.
دېمەك، پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ ياراتقۇچىدۇر، رىزق بەرگۈچىدۇر، مالىكتۇر، مۇرەببىيدۇر، ھاكىمدۇر، سەييىدتۇر، مۇتەسەررىف (ئىشلارنى خاھلىغانچە قىلغۇچى) دۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿«ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) غا سېغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن﴾(114/«ناس»: 1 – 6). بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى ۋە مۇتلەق پادىشاھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: ﴿پىرئەۋن ئېيتتى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دېگەن نېمە؟» مۇسا ئېيتتى: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار»﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 23، 24).
كائىناتتا ئاللاھ بىلەن قوشۇپ باشقا ياراتقۇچى بارمۇ؟
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمىتىنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزق بېرىپ تۇرىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، (ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟﴾(35/«فاتىر»: 3).
مادامىكى، ئاللاھتىن باشقا ياراتقۇچى يوق، ئاللاھتىن باشقا رىزق بەرگۈچىمۇ ئەلۋەتتە يوقتۇر. دەرۋەقە ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ئاللاھنىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر﴾(51/«زارىيات»: 58). ئاللاھ يەنە ئېيتتىكى: ﴿ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار﴾(51/«زارىيات»: 22).
ئۇ ئاللاھ ياراتقۇچى ۋە رىزق بەرگۈچى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇيرۇيدۇ ۋە ھۆكۈم قىلىدۇ. ﴿يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر﴾(7/«ئەئراف»: 54). ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر (يەنى ئاللاھ ئىلىمسىز ھۆكۈم قىلمايدۇ): ﴿(مەخلۇقاتنى) ياراتقان زات بىلمەمدۇ؟ ئۇ شەيئىلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر﴾(67/«مۇلك»: 14). شۇنداق، ئۇ زات بىلىپ تۇرىدۇ. بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈم قىلىدۇ: ﴿ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن، كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ﴾(12/«يۈسۈف»: 40).
ئۇشبۇ كائىناتتىكى ئەڭ چوڭ خوجايىنلىق ۋە مۇتلەق تەسەررۇپ ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ تائالا دېدى: ﴿ئېيتىقىنكى، «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! خاھلىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خاھلىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خاھلىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خاھلىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق (خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن. كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن (شۇنىڭ بىلەن، كېچە – كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن – قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)؛ جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىسەن؛ ئۆزۈڭ خاھلىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزق بېرىسەن»﴾(3/«ئال ئىمران»: 26، 27)، ﴿ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر﴾(6/«ئەنئام»: 102).
رەب (پەرۋەردىگار) ھەققىدە قىسقا مۇنازىرە
پەرۋەردىگارىڭلار ھەققىدە خەلىلۇررەھمان (ئاللاھنىڭ دوستى) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تەڭرىنى ئىنكار قىلغۇچى نەمرۇد بىلەن مۇنازىرىلەشكەنىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد) نى كۆرمىدىڭمۇ؟﴾(2/«بەقەرە»: 258).
نەمرۇد ئىبنى كەنئان بولسا ئالەمشۇمۇل پادىشاھلاردىن بىرى ئىدى. ئېيتۇرلەركى، دۇنياغا تۆرت كىشى پادىشاھ بولغان بولۇپ، ئىككىسى مۇئمىن، ئىككىسى كاپىردۇر.
ئىككى مۇئمىن پادىشاھ بولسا سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ۋە ھەزرىتى زۇلقەرنەيندۇر.
ئىككى كاپىر پادىشاھ بولسا بابىل ھۆكۈمدارى بۇختۇننەسەر ۋە ئۆزىچە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ شىركى ئىككىنچى رەبلىك دەۋاسى قىلغان ۋە بۇ ھەقتە ئىبراھىم خەلىلۇللاھ بىلەن مۇنازىرىلەشكەن بەتبەخت نەمرۇدتۇر.
﴿پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد) نى كۆرمىدىڭمۇ؟﴾(2/«بەقەرە»: 258). يەنى ئۇ ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان پادىشاھلىق بىلەن ئاشۇنداق ئىپلاسلارچە ھەددىدىن ئاشتى ۋە پەرۋەردىگار ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالدى.
﴿ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى﴾(2/«بەقەرە: 258).
تىرىلدۈرۈش ۋە ئۆلتۈرۈش ئاللاھنىڭ سان – ساناقسىز، بارچە مەخلۇقاتىدىن ھېچبىرى قادىر بولالمايدىغان ئىككى پېئلىدۇر. ھېچقانداق بىر مەخلۇق قاي دەرىجە كۈچلۈك ۋە قابىل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، باشقىلارغا – گەر ئاللاھ خاھلىمىغان بولسا – بىر سېكۇنتمۇ ھاياتلىق بېرىشكە قادىر بولالمايدۇ، شۇنداقلا ھېچقانداق بىر مەخلۇق باشقىلارنىڭ – گەر ئاللاھ مەلۇم زامان ياشىشىنى خاھلىغان بولسا – ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قادىر بولالمايدۇ. دەرۋەقە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ تىرىلدۈرۈش ۋە ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى پېئلنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. چۈنكى، ئازغۇن نەمرۇد بۇ ئىككى ئىشقا قادىر بولالايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغانىدى.
﴿ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى﴾(2/«بەقەرە»: 258).
نەمرۇد بۇ سۆزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىككى كىشىنى ئېلىپ كېلىپ، ئىككىسىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. ئاندىن جازانى ئىجرا قىلىشتىن ئىلگىرى بىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ قويۇپ بەردى، يەنە بىرىگە جازانى ئىجرا قىلدى. ئۇ بۇ قىلمىشى ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلغان كىشىسىنى «تىرىلدۈردۈم»، جازانى ئىجرا قىلغان كىشىسىنى «ئۆلتۈردۈم» دەپ جۆيلىدى.
بۇنىڭ ئەجەبلىنەرلىكى يوقتۇر. ئۇ ھاماقەت ئىنسانلارنىڭ بىرىدۇركى، ئۇلار ھەققىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قۇياش كۆتۈرۈلگەندە، شەيتانلار ۋە ئادەمزاتنىڭ ھاماقەتلىرىدىن باشقا ئاللاھنىڭ ھەممە مەخلۇقاتى ئاللاھقا ھەمد ئېيتىش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ (يەنى‹سبحان الله وبحمده› دەيدۇ)»([5]).
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھاماقەتلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىزھار قىلىش ۋە ئۇنى خالايىق ئالدىدا رەسۋا قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى ئاللاھنىڭ تېخىمۇ روشەن بىر پېئلىغا دىققىتىنى بۇرىدى. خۇددى ئۇنىڭغا سەن «تىرىلدۈرەلەيمەن، ئۆلتۈرەلەيمەن» دەپ دەۋا قىلساڭ ۋە مەخلۇقاتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغان بولساڭ، مەن ساڭا ئۇنىڭدىنمۇ ئاددىي بىر ئىشىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن دېگەندەك بولدى: ﴿(نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كېلىپ بىرىنى ئۆلتۈردى، بىرىنى قويۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرۈپ): «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، (خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قوۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 258).
﴿ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر﴾(6/«ئەنئام»: 102).
رەببىمىز ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنى تەربىيەلىشى
شەيخ سەئدىي مۇنداق دېگەن: «رەببىمىز ئاللاھ بولسا ھەممە بەندىلىرىنى گۈزەل ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ۋە تۈرلۈك نېئمەتلەرنى بېرىش بىلەن تەربىيەلىگۈچىدۇر. بۇنىڭدىنمۇ خاسراق بولغىنى رەببىمىزنىڭ تاللانغان بەندىلىرىنى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى، روھلىرىنى ۋە خۇلقلىرىنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن تەربىيەلىشىدۇر. شۇڭا، ئۇلار كۆپىنچە دۇئالىرىنى بۇ ئۇلۇغ ئىسىم بىلەن قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار رەببىدىن بۇ خاس تەربىيەنى تىلەيدۇ».
ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەببىمىز ئاللاھنىڭ بەندىسىنى تەربىيەلىشى كۆيۈمچان، رەھىمدىل دادىنىڭ جىگەر پارىسى بولغان بالىسىنى تەربىيەلىشىدىن گۈزەلدۇر. دېمەك، ئاللاھ بەندىسىگە لۇتفى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ تۇرىدۇ، پەزلى، رەھمىتى، ياردىمى ۋە تەۋپىقىگە نائىل قىلىپ كۈچلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا ياخشىلىق قىلغانلىقىنىڭ ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەندە رەببىنى تېخىمۇ بەك تونۇيدۇ، ياخشى كۆرىدۇ، تەرىپىگە قايتىدۇ ۋە ئۇ زاتقا تەۋەككۈل قىلىدۇ. رەببىنىلا دوست تۇتىدۇ، رەببىگىلا ئىبادەت قىلىدۇ. مانا بۇ كىشى نېئمەتنىڭ قەدرىنى ۋە نېئمەت بەرگۈچىنى تونۇپ، ئۇنىڭ نېئمىتىنى ئىقرار قىلغان ۋە ئۇ نېئمەتنى نېئمەت ئاتا قىلغۇچى رازى بولىدىغان جايلارغا ئىشلەتكەن كىشىدۇر».
ئاللاھ بىز بەندىلىرىنى مۇنداق تەربىيەلەيدۇ:
بىرىنچى: بەزىدە ئاللاھ بىزنى ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردىن كېلىدىغان ئەزىيەت بىلەن سىنايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قەلبىمىز ئانىمىز، ئاتىمىزغا ياكى قېرىندىشىمىزغا ۋەياكى دوستىمىزغا ئەمەس، پەقەت يەككە – يېگانە ئاللاھقىلا تەلپۈنىدۇ.
ئىككىنچى: بەزىدە ئاللاھ بىزنى قەلبىمىزدە سەبرچانلىق، قانائەت ۋە ياراتقۇچىغا تولۇق ئىشىنىشتەك ئۇبۇدىييەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز ئۈچۈن سىنايدۇ. يەنى سىز ئاللاھنىڭ سىزگە نېئمەت بەرگەنلىكىدىن مەمنۇنمۇ – سىز؟ ئاللاھنىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، رەھىمدىل زات ئىكەنلىكىگە چىنپۈتەمسىز؟
ئۈچىنچى: بەزىدە ئاللاھ بىز ئىستىگەن رىزقنى توسۇپ قويىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ بۇ رىزق بىزنىڭ دىنىمىز ياكى دۇنيالىقىمىزنىڭ فەسادچىلىققا چۈشۈشىشىگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى، ياكى ئۇ رىزقنى بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلمىگەنلىكىنى، بەلكى مۇناسىپ ۋاقىتتا بەرسە بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
تۆتىنچى: بەزىدە ئاللاھ بىزگە بىز ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتقان بىر نېئمەتنى سەت كۆرسىتىپ قويىدۇ. چۈنكى ئاللاھ بەندىسىنىڭ قەلبىنىڭ دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن چاغدا، شۇ بەندىنىڭ دۇنيادىن قول ئۈزۈپ جەننەتكە مۇشتاق بولۇشىنى خاھلىغانلىقى ئۈچۈن، ئاڭا ئول دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئىرادە قىلغاندۇر.
بەشىنچى: ئاللاھ قەلبىمىزدە كىشى ئۆز ئىختىيارى بىلەن داۋالاشتىن ئاجىز كېلىدىغان بىر كېسەلنى بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزنى – گەرچە بىز يامان كۆرسەكمۇ – قەلبىمىزدىن بۇ كېسەلنى چىقىرىپ تاشلايدىغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بىلەن سىنايدۇ. كىشى بىر ئاز ئەلەم تارتىدۇ – يۇ، ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن داۋاملىق كۈلىدۇ.
ئالتىنچى: ئاللاھ بەزىدە دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلىشنى كېچىكتۈرىدۇ، ھەتتا بىز ھەممە سەۋەبلەرنى قىلىپ، ئاخىر ئاقىۋەت ئۈمىد ئۈزگەن ۋاقتىمىزدا، ھەقىقىي نېئمەت ئاتا قىلغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، ئويلىمىغان يەردىن بىزگە چىقىش يولى بېرىدۇ.
يەتتىنچى: بەزىدە بىز دۇنيانى كۆزلەپ تائەت – ئىبادەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، قەلبىمىزگە ھەقىقىي ئىخلاسمەنلىك قايتىپ كېلىپ، رەھىمدىل، مېھرىبان رەببىمىزگە ئىبادەت قىلىشقا ئادەتلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزنى سىنايدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، ئاللاھ سىزگە بېرىدۇ، ھەرگىز قۇرۇق قول قايتۇرمايدۇ.
سەككىزىنچى: ئاللاھ بىر بەندىگە ئۇزۇن بالا – مۇسىبەت بېرىدۇ ۋە بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئۆز قەلبىدە ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى تاشقىنلاپ تۇرىدىغان دەرىجىدە ئۇ زاتنى ھەقىقىي تونۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا لۇتف – ئىنايەت ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى كۆرسىتىدۇ.
توققۇزىنچى: ئاللاھ تائالا گاھىدا بەزىلىرىمىزنى ئىدراكتىن يوقسۇل، بارچە ھادىسىلەرنى ئۆزلۈكىدىن يۈز بېرىۋاتقاندەك چۈشىنىۋاتقان ھالەتتە كۆرىدۇ. شۇندا غەپلەت ئۇيقۇمىزدىن ئويغىنىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە ئاجايىپ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىلىرىنى ۋە دۇئالارنى تېز ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئونىنچى: ئاللاھ بەزىدە كىشى تەۋبىگە ئالدىرىسۇن ئۈچۈن پات – پات جازالاپ تۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ، پاكلايدۇ ۋە قەلبى قارىداپ، ھەقنى كۆرمەس بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن گۇناھ دۆۋىسى ئىچىدە تاشلاپ قويمايدۇ.
ئون بىرىنچى: گاھىدا مەلۇم بىر نەرسىدە «نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە ئاچچىقلانغان ھالەتتە ئۇنى بەك چىڭ تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالساق، ئۇ نەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئىخىتىيار قىلغىنىنىڭ بىز ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشىمىز ئۈچۈن ئاللاھ بىزگە ئۇ نەرسىنى بېرىدۇ.
ئون ئىككىنچى: گاھىدا بىر بالا – مۇسىبەتنىڭ ئىچىدە بولىمىز، ئاندىن ئاللاھ بىزگە ئۆز رەببىمىزنىڭ لۇتفىنى ھېس قىلىپ، چىن قەلبىمىزدىن «ئەلھەمدۇلىللاھ» دېيىشىمىز ئۈچۈن، ئوخشاش بىر مۇسىبەتتە بىزدىنمۇ ھالى ناچار ئادەمنى كۆرسىتىدۇ.
رەبلىك ئورەك ئىگىلىرىنىڭ قىسسەسىدە نامايان بولغاندۇر
«سەھىھۇ مۇسلىم»دە كەلگەن بىر ھەدىستە سۇھەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ئىلگىرى كىشىلەر ئارىسىدا بىر مەرزبان ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر سېھىرگەرى بار ئىدى».
ئۆتمۈشتە مەرزبان([6])لار خېلىلا مەشھۇر بولۇپ، ئۇلار كۈچ – قۇدرىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سېھىرگەرلەرگە تايىناتتى. بۇ سېھىرگەرلەر بولسا خالايىقنى تۈرلۈك ئالدامچىلىق ۋە ھىيلە – نەيرەڭلەر بىلەن ھۆكۈمدارلارغا بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى.
بىلىنگىندەك، ئالىملار سېھىرگەرنىڭ كاپىر ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ھەرخىل قاراشتا بولغان:
ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق ئالىملار سېھىرگەرنى مۇتلەق كاپىر دەپ قارىغان. چۈنكى، سېھىرگەرلەر بارنى يوق، يوقنى بار قىلالايدىغانلىقى، خاھلىسا پايدا، خاھلىسا زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقى، خاھلىغان ئىش ياكى ھالەتنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنى بىر – بىرىگە ئامراق ياكى ئۆچ (ئىسسىتقۇ ۋە سوۋۇتقۇ) قىلالايدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىشلارغا ئاللاھتىن باشقا كىم قادىر بولالىسۇن؟! دېمەك، سېھىرگەر ئاللاھقا ئۇ زاتنىڭ «رەب»لىكىدە شىرك كەلتۈردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿سۇلايمان (سېھىرگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن) كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى﴾(2/«بەقەرە»: 102). شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەدىستە بۇجالە ئىبنى ئەبدەھ رىۋايەت قىلىدۇكى: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹ھەممە سېھىرگەر ئەر، ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار› دەپ خەت يازغان». بۇجالە دېدىكى: «شۇنىڭ بىلەن بىز ئۈچ سېھىرگەرنى ئۆلتۈردۇق»([7]). دېمەك، سېھىرگەرنىڭ جازاسى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، كىشىلەرنى ۋە يۇرتلارنى ئۇنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇشتۇر.
«ئۇ سېھىرگەر قېرىغاندا مەرزبانغا: ‹مەن ياشىنىپ قالدىم، ماڭا بىر بالا ئەۋەتكىن – دە، مەن ئۇنىڭغا سېھىرگەرلىكنى ئۆگىتىپ قوياي› دېدى».
سوئال: نېمە ئۈچۈن قېرى سېھىرگەر بىرەر ياش يىگىت ياكى ئەقلى تولغان چوڭراق بىر ئادەمنى تەلەپ قىلماي، كىچىك بالىنى تەلەپ قىلىدۇ؟
جاۋاب: چۈنكى، گۆدەكلىكتە ئۆگىتىلگەن ئىلىم تاشقا ئويۇلغاندەك ئەينەن ساقلىنىپ قالىدۇ. مانا بۇ بىزنى بالىلىرىمىزغا كىچىكىدىن تارتىپلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ئاللاھ ۋە رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆيگۈسى بىلەن، ھەمدە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەر بىلەن خۇلقلاندۇرۇپ تەربىيەلىشىمىزگە چاقىرماقتا.
قېرى سېھىرگەرنىڭ: «ماڭا بىر بالا ئەۋەتكىن – دە، مەن ئۇنىڭغا سېھىرگەرلىكنى ئۆگىتىپ قوياي» دېگەن سۆزىدە ناچار دوستتىن يىراق بولۇش ھەققىدە مۇھىم ئۈگۈت باردۇر. ناچار كىشى ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ ئۆزگەرمەي، ئۆز پېتىچە قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
«بالا يولدا كېتىۋېتىپ بىر راھىبقا ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، راھىبقا قىزىقىپ قاپتۇ».
«سۈنەنى تىرمىزىي»دە: «راھىب ئاشۇ ۋاقىتتا ھەق دىندا ئىدى» دەپ كەلگەن.
بۇ يەردە مۇھىم بىر سوئال زېھنىمىزگە كېلىدۇ: بالا سېھىرگەرلىكنى ئۆگىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، قانداقسىگە راھىبنىڭ سۆزىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى؟
جاۋاب: فىترەت مۇھىمدۇر. يەنى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىمان ۋە تەۋھىد ئۈزرە ياراتقاندۇر. راھىب بولسا ساپ، پاكىز قەلبلەر قوبۇل قىلمايدىغان تىلسىملارنىلا سۆزلەيدىغان سېھىرگەرنىڭ قارشىسىدا، پەقەت تەۋھىدنىلا سۆزلەيتتى.
«شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر كۈنى سېھىرگەرنىڭ يېنىغا بارغۇچە راھىبنىڭ قېشىدا ئولتۇرىدىكەن. سېھىرگەرنىڭ قېشىغا كەلگەندە، سېھىرگەر ئۇنى كېچىكىپ قالدىڭ دەپ ئۇرىدىكەن».
بالىنىڭ كىچىكلىكىنى كۆزدە تۇتساق، بۇ تاياق بالىغا نىسبەتەن مەلۇم سىناق – ئىمتىھان دېيىشكە بولىدۇ. يەنى ئاللاھ تائالا ئۇ بالىنى كىچىكىدىن باشلاپلا كامىل رەۋىشتە تەربىيەلەشنى ئىرادە قىلغاندۇر.
«ئۇ بالا بۇ ئىشنى راھىبقا شىكايەت قىپتۇ».
بۇ كەينىگە چېكىنىش ئۈچۈن ئۆزرە بايان قىلغان كىشىنىڭ شىكايىتى ئەمەس، بەلكى داغدام مېڭىۋاتقان يولىدا پەيدا بولغان توسالغۇ – قىيىنچىلىققا نىسبەتەن ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مەقسىتىدە قىلىنغان شىكايەتتۇر. دېمەك، تۈز يولدا مېڭىۋاتقانلارغا قىيىنچىلىقلار كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇڭا تەربىيەچىلەر بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىپ، ئول قىيىنچىلىقلار ئۈچۈن مۇناسىپ چارە – تەدبىرلەرنى تېپىشى كېرەك.
«راھىب ئۇنىڭغا: ‹ئەگەر سېھىرگەردىن قورقساڭ، ئۇنىڭغا مېنى ئۆيدىكىلەر كېچىكتۈردى، دېگىن. ئەگەر ئۆيۈڭدىكىلەردىن قورقساڭ، مېنى سېھىرگەر كېچىكتۈردى، دېگىن› دەپتۇ».
بۇ يەردە راھىب نۆۋەتتىكى رېئاللىقنىڭ «بىر مەيدان جەڭ» ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، بالىنىڭ يالغان ئېيتىشىغا رۇخسەت قىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «يالغان گەپ قىلىش پەقەت ئۈچ خىل ئەھۋالدىلا ھالال بولىدۇ: (بىرى) ئەرنىڭ ئايالىنى رازى قىلىش ئۈچۈن (يالغان سۆزلىشى)، (يەنە بىرى) ئۇرۇشتا يالغان گەپ قىلىش ۋە (ئۈچىنچىسى) كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىش»([8]).
ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار ئويلانسۇنكى، بۇ گۆدەك ھەم سېھىرگەرنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ قانداق جازالىشىدىن قەتئىينەزەر دەرس سورۇنىغا قاتنىشىشقا نەقەدەر ھېرىسمەن بولغان! نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن تالىبلار ھېچقانداق توسالغۇ بولمىسىمۇ، ئىلىم سورۇنلىرىنى تاشلايدۇ؟! دەرۋەقە، ئۇلار پەقەت دۇنيا بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئىلىمدىن باش تارتىشنىڭ رەببى ئەززە ۋەجەللەنىڭ غەزىپىنى قوزغىغۇچى غەپلەتتە قالغاندۇر.
«بالا شۇنداق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇشتۇمتۇت يوغان بىر ھايۋان پەيدا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يولىنى توسۇۋاپتۇ. بالا كۆڭلىدە: ‹راھىب ئۈستۈنمۇ ياكى سېھىرگەر ئۈستۈنمۇ؟ بۇنى بۈگۈن بىر بىلىپ باقاي› دەپتۇ – دە، تاشتىن بىرنى ئېلىپ: ‹ئى ئاللاھ! ئەگەر ساڭا راھىبنىڭ ئىشى سېھىرگەرنىڭ ئىشىدىن ياخشى بولسا، مۇشۇ تاش بىلەن ھايۋاننى ئۆلتۈرگىن، كىشىلەرنىڭ يولى راۋان بولسۇن› دەپ تاشنى ئېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھايۋان ئۆلۈپتۇ، كىشىلەرنىڭ يولى راۋان بوپتۇ».
مانا مۇشۇنىڭدەك قاچانكى سىناقلار ئېغىرلاشقانسېرى، كىشىنىڭ سەبر قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ۋە كۆڭۈللەر تەسكىن تاپىدىغان مۆجىزىلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
بۇ يەردە بالىدا ئىلىم ئۆگىنىش يولىدا قوش مەنبەنىڭ تەسىرىنى ئۇنتۇپ قالمايلى! يەنى دەسلەپتە شەك – شۈبھىسىز بالىنىڭ قەلبى راھىب بىلەن بىللە بولسىمۇ، ئىككىلىنىش پەيدا بولغانىدى. شۇڭا، قەلبىنىڭ تەسكىن تېپىشى مەقسىتىدە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلدى.
«بالا بۇ ئىشتىن راھىبنى خەۋەرلەندۈرۈپتۇ».
يەنى راھىبقا ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغانلىقىنى ۋە بولغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.
«راھىب بالىغا: ‹ئى بالام! سەن بۈگۈن مەندىن ئېشىپ كېتىپسەن…
يەنى «ئاللاھ تائالا سېنى بۇ روشەن كارامەت بىلەن كۈچلەندۈرۈپتۇ». راھىب بۇ يەردە بىزگە كەمتەرلىك ھەققىدە ئېسىل تەلىم بېرىۋاتىدۇ. چۈنكى، راھىب بالىغا تەۋھىدنى ئۆگەتكەنلىكى ۋە باشقا ئىلىملەرنى تەلقىن قىلغانلىقى ئۈچۈن شەكسىز ئۇنىڭدىن ئەۋزەلدۇر. شۇنداق بولسىمۇ يەنە بالىغا: «سەن بۈگۈن مەندىن ئېشىپ كېتىپسەن» دېدى.
شەك يوقكى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مۇنداق دېگەن: ﴿ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 215).
…بۇ ماقامغا ئىگە بولۇپسەن، ھەقىقەتەن سەن پات ئارىدا سىناققا دۇچ كېلىسەن…
بۇ غەيىبتىن سۆزلەش ئەمەس. بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ كەۋنىي ۋە شەرئىي قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن دېيىلگەن سۆزدۇر. بىزچىمۇ ئىمان يولىدا ماڭغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ – خۇسۇسەن ئىمانغا دەئۋەت قىلغۇچى تېخىمۇ شۇنداق – سىناققا دۇچ كېلىشى مۇقەررەردۇر. سىناققا مۇبتەلا بولۇش مەلۇم بىر ئۈممەتكىلا خاس ئەمەستۇر، بەلكى ھەر دەۋردىكى مۇئمىنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئىنسانلار «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئاللاھ (ئىمانىدا) راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، (ئىمانىدا) يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 2، 3).
…سىناققا دۇچ كەلگەن چېغىڭدا مېنى ئاشكارىلاپ قويمىغىن› دەپتۇ».
بۇ بالا – قازانى تەلەپ قىلماسلىق، بەلكى ئۇنىڭدىن يىراق بولۇش ۋە ئاللاھتىن ئافىيەت سوراش ھەققىدە چوڭ بىر قائىدەدۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دۈشمەن بىلەن يۈزلىشىشنى تەلەپ قىلماڭلار، ئاللاھتىن سالامەتلىك سوراڭلار»([9]). بۇ يەردە يەنە زۆرۈر بولغاندا، بەزىدە دەئۋەت ئىشلىرىدا يوشۇرۇن بولۇشقا تەرغىب قىلىنغاندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئاشكارا قىلىشقا ئىمكانىيەت بولغانغا قەدەر ئۈچ يىل مەخپىي دەئۋەت ئېلىپ بارغانىدى.
«كېيىنچە بالا قارىغۇ، بەرەس (ئاق كېسەل) ۋە باشقا كېسەللەرنىمۇ داۋالايدىغان بوپتۇ».
بۇ ئاللاھ تائالا بارلىق پەيغەمبەلەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇئجىزەلىرىدىكىگە ئوخشاش، بىرەر ئىنساننىڭ ئۇ بالىغا ئەگەشمەسلىكىگە باھانە تېپىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئاشۇ بالىغا ئاتا قىلغان كارامەت ياكى مۇئجىزەدۇر. ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن﴾(3/«ئال ئىمران»: 49). ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسى بىلەن ئۇرۇۋېدى) دەريا يېرىلدى، (ھەر بىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 63).
كارامەت ياكى مۇئجىزە بىلەن سېھىر ۋە جادۇگەرلىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرق بولسا دىيانەتلىك، ئىتائەتچان بولۇش ۋە سۈننەتنى چىڭ تۇتۇشتۇر. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ: «ئەگەر بىر كىشىنىڭ ھاۋادا ئۇچقانلىقىنى ياكى سۇدا ماڭغانلىقىنى كۆرسەڭلار، ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگەشكەنلىكىنى كۆرگىنىڭلارغا قەدەر تەستىقلىماڭلار» دېگەنىكەن.
«بىر كۈنى مەرزباننىڭ كور بولۇپ قالغان بىر ئۈلپەتدىشى بۇنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كېلىپ: ‹ئەگەر كۆزۈمنى ساقايتىپ قويساڭ، مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا سوۋغا قىلىمەن› دەپتۇ».
شۇنداق بىر ئوچۇم ئىنسانلار باركى، مال – دۇنيادىن باشقىنى بىلمەيدۇ. لېكىن، راستچىل دەئۋەتچى ئۆز دەئۋىتىدە مال – دۇنيا ئۈچۈن كۆزىنىڭ قىرىنى سېلىپمۇ قويمايدۇ. بەلكى ھەر بىر قەدىمىنى ئېلىش ۋە قويۇشقىچە ھەممە ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالادىن ئەجىر – ساۋاب ئىزدەيدۇ.
«ئۇ بالا: ‹مەن ھەقىقەتەن ھېچبىر كىشىنى ساقايتالمايمەن، پەقەت ئاللاھ تائالا شىپالىق بېرىدۇ. ئەگەر سەن ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتساڭ، مەن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلاي، ساڭا شىپالىق بەرسۇن› دەپتۇ».
مانا بۇ رەببىمىز ئاللاھتۇركى، كېسەللەرگە شىپالىق بەرگۈچى دوختۇر ياكى دورا ۋە ياكى يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەككە – يېگانە، تەڭدىشى يوق ئۇلۇغ رەببىمىزدۇر. ئىبراھىم خەلىلۇللاھ نامى بۈيۈك بولغان رەببىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئاغرىپ قالسام ئۇ مېنى ساقايتىدۇ﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 80).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيتتى: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى! كېسەللىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن. شىپالىق بەرگىن. سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن. پەقەت سېنىڭ بەرگەن شىپايىڭلا ئۈنۈملۈكتۇر. شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، كېسەللىك قالمىغاي»([10]).
قارىغىنكى، مال – دۇنيا، سوۋغا – سالامدىن باشقىنى بىلمەيدىغان مەرزباننىڭ ئول ئۈلپەتدىشى ناھايىتى ئاددىي بىر دەئۋەت بىلەنلا قانداق ئىمان ئېيتتى. چۈنكى، ئىماننىڭ ھەقىقىتى ھەر بىر ئىنساننىڭ نەپسىدە يوشۇرۇن بار بولۇپ، بۇنى پەقەت توغرا دەئۋەت ئۇسلۇبىلا قېزىپ چىقىرىدۇ.
«ئۇ كىشى مەرزباننىڭ يېنىغا بېرىپ بۇرۇنقى ئورنىدا ئولتۇرۇپتۇ. مەرزبان ئۇنىڭغا:
ــ كۆزۈڭنى كىم ساقايتىپ قويدى؟ ــ دەپتۇ. ئۇ:
ــ پەرۋەردىگارىم، ــ دەپتۇ. (مەرزباننىڭ ئاچچىقى كېلىپ):
ــ سېنىڭ مەندىن باشقا پەرۋەردىگارىڭ بارمۇ؟ ــ دەپتۇ. ئۇ:
ــ ئاللاھ تائالا مېنىڭ ۋە سېنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر، ــ دەپتۇ».
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىمان مۇئمىننى ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىشتىن يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھنىڭ غەيرىدىن قورقۇشتىن يەككە – يېگانە ئاللاھتىنلا قورقۇشقا، ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ئۈمىد قىلىشتىن يەككە – يېگانە ئاللاھنىڭلا پەزلىنى ئۈمىد قىلىشقا ۋە نادانلىقنىڭ ۋە كۇپۇرنىڭ زۇلمىتىدىن، شەك – گۇماننىڭ قاساۋىتىدىن ئىلىمنىڭ نۇرىغا، ئىمانىي ھاياتقا ۋە يەقىن (ھەقىقىي ئىمان) نىڭ راھىتىگە ھىجرەت قىلدۇرىدۇ. دېمەك، ئىمان مۇشۇنداق ھەيران قالارلىق ئاجايىباتلارنى پەيدا قىلىدۇ.
«شۇنىڭ بىلەن مەرزبان ئۇنى قاتتىق قىيناپتۇ. ئۇ ئاخىر بالىنى دەپ قويۇپتۇ».
بۇ خىيانەت قىلىش ئەمەس، بەلكى سەبر قىلىش ۋە مۇستەھكەم تۇرۇشتا ئىنسان تاقىتىنىڭ ئاخىرقى چېكىدۇر. بۇ كىشى ئاخىرقى ھېسابتا دىنىدا كۈچىنىڭ يېتىشىچە چىڭ تۇرغانلىقىغا قارىتا ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
«شۇنداق قىلىپ بالا مەرزباننىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ. مەرزبان بالىغا: ‹ئى ئوغلۇم! سېنىڭ سېھىر ماھارىتىڭ قارىغۇ ۋە ئاق كېسەللەرنى داۋالاش دەرىجىسىگە يېتىپتۇ ۋە مۇنداق – مۇنداق ئىشلارنى قىلالاپسەن› دەپتۇ».
مەرزبان بۇ گېپى ئارقىلىق بالىغا: «سېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭنى داۋاملاشتۇرۇشىڭغا توسالغۇ بولمايمەن، لېكىن بىر شەرتىم باركى، كىشىلەرگە: ‹بۇ مەن مەرزباننىڭ مەكتىبىدە ئۆگەنگەن سېھىردۇر، مەن قىلىۋاتقان دەئۋەت مەرزباننىڭ يوليورۇقى، نازارىتى ۋە رىئايىتىدە بولغاندۇر› دە» دېمەكچى. لېكىن، بالا مەرزباننىڭ دېگەن يېرىدىن چىقماي، ئۆز دەئۋىتى بىلەن، ھەربىر مۇسۇلمانغا ئاللاھقا قىلىدىغان ئىبادىتىدە كېرەكلىك بولغان ساپ، خالىس تەۋھىد ئەقىدىسىنى تەبلىغ قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلەندى.
«بالا: ‹ياق، مەن ھېچكىمنى ساقايتالمايمەن، پەقەت ئاللاھ تائالا شىپالىق بېرىدۇ› دەپتۇ».
ھەقىقەتنى بۇرمىلاش ۋە ساغلام دەئۋەتكە جاھالەت تونىنى كىيگۈزۈش ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بولدى. مانا مۇشۇنىڭدەك دەئۋەتچى ھەقىقەتنى ئىزاھلايدۇ، بايان قىلىدۇ – دە، ئول ھەقىقەت قۇياش كەبى ئاشكارا بولىدۇ ۋە كىشىلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەر ئارقىلىق توغرا دىننى چۈشىنىدۇ.
«شۇنىڭ بىلەن مەرزبان ئۇنىمۇ قاتتىق قىيناپتۇ. ئاخىر بالا راھىبنى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. راھىب ئەكەلدۈرۈلۈپتۇ. مەرزبان ئۇنىڭغا: ‹دىنىڭدىن يان!› دەپتۇ. راھىب ئۇنىماپتۇ. مەرزبان ھەرە ئەكەلدۈرۈپ، راھىبنىڭ بېشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەرىدەپتۇ. راھىبنىڭ بېشى ئىككى پارچە بولۇپ يەرگە چۈشۈپتۇ. ئاندىن مەرزبان ئۈلپەتدىشىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا: ‹دىنىڭدىن يان!› دەپتۇ. ئۇمۇ ئۇنىماپتۇ. ئاندىن ئۇنىڭمۇ بېشىنى ھەرىدەپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىپتۇ».
دېمەك، تەۋھىد كۆڭۈللەرگە ئورنىشىپ، ئىمان لەززىتى قەلبلەرنى ئاۋات قىلغاندا، مانا مۇشۇنداق نەتىجىلەر كېلىپ چىقىدۇ. قارايدىغان بولساق، ھۇزۇر – ھالاۋەت ۋە باي -باياشات تۇرمۇشنىڭ ساھىبى بولغان پادىشاھنىڭ ئول ئۈلپەتدىشى ئويۇن – تاماشا بىلەن تولغان ھاياتتا قانداق بەخىرامان ياشاۋاتقان ئىدى؟! ئاخىرىدا ئۆز دىنىنى ساقلاش ئۈچۈن قانداق سەبر قىلدى؟!
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم راھىب بىلەن مەرزباننىڭ ئۈلپەتدىشىنىڭ ئۇشبۇ ئايانچلىق قىسمىتىنى ئەسھابلىرى ئۇ زاتنىڭ يېنىغا بوزەك قىلىنغانلىقلىرىنى شىكايەت قىلىپ كەلگەندە ئېيتىپ بەرگەنىدى؛ خەبباب ئىبنى ئەرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ھال ئېيتقىلى كەلسەك، ئۇ زات كەئبىنىڭ كۆلەڭگۈسىدە چاپىنىنى بېشىغا قويۇپ يېتىپتىكەن، بىز ئۇ زاتقا:
ــ ئاللاھ تائالادىن بىزگە نۇسرەت تەلەپ قىلماملا؟! بىزگە دۇئا قىلماملا؟! ــ دېگەنىدۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ــ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن بەزىلەر تۇتۇپ كېلىنىپ، كولانغان ئورەكلەرگە تاشلىنىپ، باشلىرى ئوتتۇرىدىن ھەرىدىلىپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىلەتتى، (بەزىلىرى) تۆمۈر تارغاقلار بىلەن بەدەنلىرى تارىلىپ، ئەتلىرى ئۇستىخانلىرىدىن ئاجرىتىۋېتىلەتتى. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇلارنى دىنىدىن ياندۇرۇۋېتەلمىگەنىدى. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالا ئىسلام دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدۇ. ھەتتا سەنئادىن ھەزرەمەۋتكىچە بولغان ئارىلىقتا ماڭغان ئۇلاغلىق كىشىلەر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدىغان بولىدۇ. پادىلىرى توغرۇلۇق بۆرىلەردىنلا ئەنسىرەيدۇ. لېكىن، سىلەر ئالدىراپ كېتىۋاتىسىلەر، ــ دېدى»([11]).
زالىملار ھەقكە دەئۋەت قىلغۇچىلارغا مانا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. يەنى ئۇلار دەئۋەتچىلەرنىڭ قايىل قىلىش ئۈچۈن مۇناقەشە قىلىشىغا بىر ئازمۇ پۇرسەت بەرمەيدۇ. پەقەتلا ئازابلايدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ.
«(مەرزبان) ئاندىن بالىنى ئەكىلىپ ئۇنىڭغىمۇ: ‹دىنىڭدىن يان› دەپتۇ. بالىمۇ ئۇنىماپتۇ. مەرزبان ئۇنى قول ئاستىدىكى بىر توپ كىشىگە تاپشۇرۇپ: ‹سىلەر پالانى تاغقا چىقىڭلار، تاغنىڭ چوققىسىغا چىققاندا، ئۇ دىنىدىن يانمىسا تاشلىۋېتىڭلار› دەپتۇ. ئۇلار مېڭىپ بىر تاغقا چىقىپتۇ. بالا: ‹ئى ئاللاھ! مېنى خاھلىغىنىڭ بويىچە ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلىغىن› دەپتۇ. شۇ چاغدا تاغ تەۋرەپ مەرزباننىڭ ئادەملىرى چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۇ بالا مەرزباننىڭ ئالدىغا يالغۇز كەپتۇ. مەرزبان ئۇنىڭدىن:
ــ يېنىڭدىكىلەر قېنى؟ ــ دەپ سوراپتۇ. بالا:
ــ ئاللاھ تائالا مېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلىدى، ــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
مەرزبان ئۇنى باشقا بىر توپ ئادەملىرىگە تاپشۇرۇپ:
ــ سىلەر ئۇنى بىر كېمىگە سېلىڭلار، كېمە دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا، ئەگەر دىنىدىن يانمىسا ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىڭلار، ــ دەپتۇ. ئۇلار مېڭىپ دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، ئۇ بالا: ‹ئى ئاللاھ! خاھلىغىنىڭ بويىچە مېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلىغىن› دەپتۇ. شۇ چاغدا كېمە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنە مەرزباننىڭ قېشىغا يالغۇز كەپتۇ. مەرزبان ئۇنىڭغا:
ــ يېنىڭدىكىلەر قېنى؟ ــ دەپتۇ. بالا:
ــ ئاللاھ تائالا مېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلاپ قالدى، ــ دەپتۇ».
دېمەك، ھەممىگە كۇپايە (يېتەرلىك)، ھەممىگە قادىر، ئەزىز ياكى خار قىلغۇچى پەقەت ۋە پەقەت يەككە – يېگانە ئاللاھتۇر. كىمكى ئاللاھقا ئېسىلسا، ئاللاھ ئۇنى ھىدايەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايىدۇر. كىمكى ئاللاھقا ئىشلىرىنى تاپشۇرسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا نىجاتلىق بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى﴾(65/«تالاق»: 3).
بۇ يەردە مۇھىم بىر سوئال بار: بالا مەرزباننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، ھەر قېتىم يەنە مەرزباننىڭ يېنىغا بېرىشىغا تۈرتكە بولغان نەرسە نېمە؟
جاۋاب: بالا ئۆزىنىلا قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلىمىدى، بەلكى ئۈممىتى ئۈچۈن ئىمانلىق ھايات بەخش ئېتىشنى، يەنى قانچىلىك بەدەل تۆلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز ئەقىدىسىنىڭ غەلىبە قىلىپ، تەۋھىد بايرىقىنىڭ سامادا لەپىلدىشىنى ئويلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ئاللاھتىن باشقا رەب (پەرۋەردىگار) يوق ئىكەنلىكىنى ۋە يەنە پەقەت ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئىشنىڭلا ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىشى ئۈچۈن، پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتتى.
يەنە بىر سوئال: نېمە ئۈچۈن مەرزبان راھىب ۋە ئۈلپەتدىشىنى ئۆلتۈرگەندەك، ئۇ بالىنى دەسلەپتىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىدى؟
جاۋاب: مەرزبان (گەرچە ئۇ ئېتىراپ قىلمىسىمۇ) ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىۋاتقان بالىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئۆزىگە قارشى جامائەت پىكرى قوزغىلىپ كېتىشنى خاھلىمىدى.
«بالا مەرزبانغا:
ــ سەن مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلمىغۇچە مېنى ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيسەن، ــ دەپتۇ. مەرزبان:
ــ ئۇ نېمە ئىش؟ ــ دەپ سوراپتۇ. ئۇ بالا:
ــ سەن كىشىلەرنى بىر دۆڭگە يىغىپ، مېنى خورمىنىڭ شېخىغا ئاسقىن، ئاندىن مېنىڭ ئوقدىنىمدىن بىر ئوقنى ئېلىپ، ئوقيانىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ: ‹بۇ بالىنىڭ رەببى (پەرۋەردىگارى) بولغان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن› دەپ ئاتقىن. ھەقىقەتەن شۇنداق قىلساڭ مېنى ئۆلتۈرەلەيسەن، ــ دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ مەرزبان كىشىلەرنى بىر دۆڭگە يىغىپتۇ. بالىنى بىر خورما شېخىغا ئېسىپتۇ. ئاندىن ئوقداندىن ئوقنى ئېلىپ، ئوقيانىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ: ‹بالىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن› دەپ ئۇنىڭغا ئېتىپتۇ. ئوق بالىنىڭ چېكىسىگە تېگىپتۇ. ئۇ قولى بىلەن چېكىسىنى تۇتقان پېتى ئۆلۈپتۇ. كىشىلەر: ‹بىز بالىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق› دەپ توۋلىشىپتۇ».
پادىشاھ بالىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاجىز، مەجبۇرلانغان تەرىقىدە ئاۋاز قوشتى. شۇنىڭ بىلەن دەئۋەت ھەممە كىشىلەرگە يېتىپ بېرىپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يەككە – يېگانە ياراتقۇچى، رىزق بەرگۈچى، بارچە ئىشلارنى ئىدارە قىلغۇچى ۋە بىردىنبىر ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بولغۇچى رەببى بارلىقىنى بىلىپ يەتتى.
«كىشىلەر مەرزباننىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: ‹كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن قورققان ئىش ئاخىر يۈز بەردى. ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەر ئىمان ئېيتتى› دەپتۇ. ئاندىن مەرزبان كوچا ئېغىزلىرىغا چوڭقۇر ئورەك كولاپ، ئوت يېقىشقا بۇيرۇپتۇ. ئوت يېقىلىپ ئۇلغىيىشقا باشلاپتۇ. مەرزبان: ‹كىم دىنىدىن يانمايدىكەن، ئۇنى ئوت يېقىلغان ئورەككە تاشلاڭلار ياكى ئورەككە سەكرەشكە زورلاڭلار› دەپتۇ. مەرزباننىڭ ئادەملىرى ئەينەن شۇنداق قىلىپتۇ. ھەتتا كىچىك بالىسى بار بىر ئايال ئورەك ئالدىدا تۇرۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ بالىسى زۇۋانغا كېلىپ: ‹ئانىجان! چىدىغىن، چۈنكى ھەقىقەت سەن تەرەپتە› دەپتۇ»([12]).
بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئاللاھ تائالانىڭ «بۇرۇج» سۈرىسىدىكى سۆزىنى چۈشىنىپ يېتىمىز:
﴿بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى، ئورەكلەرنىڭ ئىگىلىرىگە لەنەت بولسۇن. ئۇ ئورەكلەر لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتلار بىلەن تولدۇرۇلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى. ئۇلار مۇئمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر. پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك – شۈبھىسىز قاتتىقتۇر. ئاللاھ (خالايىقنى) ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى) تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھ (مۇئمىن بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر. ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر. خاھلىغىنىنى قىلغۇچىدۇر. (ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ – پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسىسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟ (قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئاشۇ كاپىرلارغا نازىل بولغان ئازابتىن ئىبرەت ئالماي) داۋاملىق ئىنكار قىلىشىۋاتىدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر. بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھفۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر﴾(85/«بۇرۇج»: 1 – 22).
رەب (پەرۋەردىگار) تائالانىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى:
بىرىنچى: ئاللاھ تائالاغا بۇ ئىسىم بىلەن دۇئا قىلىشىمىز كېرەك
بارچە پەيغەمبەرلەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئىسىم بىلەن دۇئا قىلغانلىقى بىزگە يېتەرلىكتۇر:
ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھەۋۋا ئانىمىز جەننەتتە چەكلەنگەن يېمەكلىكنى يەپ سېلىپ، ئاللاھتىن ئۆزلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلىگەندە، مانا شۇ ئىسىم بىلەن دۇئا قىلغانىدى: ﴿ئۇلار: «رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى﴾(7/«ئەئراف»: 23).
نۇھ ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ ئىسىم بىلەن دۇئا قىلغانىدى: ﴿رەببىم! ماڭا، ئاتا – ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۇئمىن ئەرلەرگە، مۇئمىنە ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن﴾(71/«نۇھ»: 28)، ﴿نۇھ رەببىگە دۇئا قىلىپ: «رەببىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى (سەن ماڭا ئۇلارنىڭ نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان ئىدىڭ)، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى﴾(11/«ھۇد»: 45).
مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ ئىسىم بىلەن دۇئا قىلغانىدى: ﴿مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن»﴾(7/«ئەئراف»: 151).
يۈسۈف ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ ئىسىم بىلەن دۇئا قىلغانىدى: ﴿يۈسۈف: «ئى رەببىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەفئ قىلمىساڭ، (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن، نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى﴾(12/«يۈسۈف»: 33)، ﴿رەببىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى﴾(12/«يۈسۈف»: 101).
زەكەرىيياﺋ ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ ئىسىم بىلەن دۇئا قىلغانىدى: ﴿زەكەرىيانىڭ (قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى (بالىسىز، ۋارىسسىز) يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن (يەنى ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، سەنلا باقىي قالىسەن)» دەپ نىدا قىلدى﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 89).
سۇلايمان ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ ئىسىم بىلەن دۇئا قىلغانىدى: ﴿سۇلايمان ئېيتتى: «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن (مەندىن باشقا) ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن»﴾(38/«ساد»: 35).
ئىمراننىڭ ئايالىمۇ بۇ ئىسىم بىلەن دۇئا قىلغانىدى: ﴿ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى: «رەببىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن) ئازاد قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم، (بۇ نەزرەمنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن»﴾(3/«ئال ئىمران»: 35).
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتتە رىۋايەت قىلىنغان دۇئالىرىنىڭ كۆپىنچىسىمۇ بۇ ئۇلۇغ ئىسىم بىلەن قىلىنغانىدى.
سالىھلەرنىڭ دۇئاسىمۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئۆزىنىڭ روشەن كىتابىدا خەۋەر بەرگەندەك، بۇ ئۇلۇغ ئىسىم بىلەن بولغاندۇر: ﴿رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ›رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار‹ دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئىمان ئېيتتۇق، رەببىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن. رەببىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى (يەنى ئىتائەت قىلغانلارغا خاس بولغان جەننەتنى) بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن»﴾(3/«ئال ئىمران»: 193، 194)، ﴿ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) ئېيتىدۇ: «رەببىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەفئ قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن (سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭدىن) ئايرىلمايدۇ﴾(25/«فۇرقان»: 65). چۈنكى، ئول رەببىمىز ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ھەممە نەرسىنىڭ مالىكىدۇر، ھەممە نەرسىدە تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر ۋە ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
بەزى سەلەفلەر مۇنداق دېگەن: «كىمكى: ‹ئى رەببىم! ئى رەببىم! ئى رەببىم!› دېسە، ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ».
ئىككىنچى: بۇ ئىسىمنى پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا قوللىنىشىمىز كېرەك
ئەگەر «رەب» دېگەن بۇ ئىسىم تىلغا ئېلىنسا، ئۇ پەقەتلا رەببىمىز ئاللاھنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىسىمنى ئاللاھتىن باشقىسىغا قوللىنىش مۇتلەق جايىز ئەمەس. لېكىن، ئىزافە قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، مەسىلەن: «رەببۇددار» (ھويلىنىڭ ئىگىسى)، «رەببۇلئۇسرە» (ئائىلە خوجايىنى)، «رەببۇلغەنەم» (قوينىڭ ئىگىسى) دېگەندەك. ئەمما، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇلنىڭ ئۆز خوجايىنىغا: «رەببىي» دېيىشتىن توسقان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «(خوجايىنلار ئۈچۈن) ‹رەببىڭگە تاماق بەرگىن›، ‹رەببىڭنىڭ تاھارىتىگە سۇ بەرگىن› دېمەڭلار، ‹سەييىدىي، مەۋلايە› دەڭلار. (قۇللار ئۈچۈن) ‹ئەبدىي، ئەمەتىي› دېمەڭلار، ‹فەتايە، فەتاتىي، غۇلامىي› دەڭلار»([13]).
ئۈچىنچى: ئاللاھ ئۈچۈن ھەقىقىي قۇلچىلىق قىلىشىمىز كېرەك
ئەگەر «ئاللاھ تائالا پۈتكۈل كائىناتنى ۋە كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، جىمى كائىناتتا جان بېرىش ۋە جان ئېلىش، يارىتىش، رىزقلاندۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشلار بىلەن تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر» دەپ تەن ئالغان ئىكەنمىز، ئول ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شىرك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشىمىز ۋە ئىبادەتتە ئىخلاس قىلىشىمىز لازىمدۇر. بەندە پەقەت ئاللاھقىلا ئېسىلىشى، ئاللاھتىنلا قورقۇشى، ئاللاھتىنلا ئۈمىد قىلىشى ۋە ھەرقانداق زىياننى دەﻓﺌ قىلىپ، پايدىلارنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىشى كېرەك.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئېيتقىنكى، «ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)». ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر قانداقمۇ قايمۇقتۇرۇلىسىلەر؟»﴾(23/«مۇئمىنۇن»: 88، 89). يەنى قانداقمۇ ئاللاھتىن باشقىغا ئېسىلىسىلەر؟! ئاللاھتىن باشقىسىدىن قورقىسىلەر؟! ئاللاھنىڭ باشقىغا ئۈمىد باغلايسىلەر؟!
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان» دەپ سورىساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دەفىئ قىلىشقا، يا ئاللاھ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى توسۇۋېلىشقا، ئاللاھتىن باشقا سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار قادىر بولالامدۇ؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟» ئېيتقىنكى، «ماڭا ئاللاھ كۇپايىدۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)»﴾(39/«زۇمەر»: 38).
ئەگەر بىر كىشى «نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ھەقىقىي ئىلاھتۇر؟» دەپ سورىسا، مۇنداق دەيمىز:
جاۋاب: چۈنكى، ئۇ ئاللاھ رەب (پەرۋەردىگار) تۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئىلاھ بولۇشقا لايىق ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشى، ئىتائەت قىلىشى، ياخشى كۆرۈشى، ئۇلۇغلىشى، كامىل بويسۇنۇشى ۋە ئىلتىجا قىلىشى ۋاجىپ بولغان زات چوقۇم ياراتقۇچى، بەندىلىرىگە رىزق بەرگۈچى، تەدبىر قىلغۇچى ۋە ھەممىگە قادىر بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇلاردىن بىرەرىگە نۇقسان يېتىپ قالسا، ئىلاھ بولالمايدۇ.
ئاللاھ تائالا بۇ نۇقتىلارنى تۆۋەندىكى ئايەتتە جەملەپ، بۇ ئارقىلىق مۇشرىكلار ۋە باشقىلارغا ھۆججەت كەلتۈردى: ﴿ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇلار (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەن قوۋمدۇر. زېمىننى (ئىنسانلارغا ۋە ھايۋانلارغا) تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە (تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى ئورناتقان، ئىككى دېڭىز ئارىسىدا (يەنى تاتلىق سۇ بىلەن شورلۇق سۇ ئارىسىدا ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) توساقلارنى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (باشقا ئىلاھ يوق) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز – نەسىھەت ئالىسىلەر. قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، رەھمىتىدىن (يەنى يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشتىن) ئىلگىرى شاماللارنى بېشارەت قىلىپ ئەۋەتىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) ئاللاھ ئۇلارنىڭ شىرك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر. (ئىنساننى) دەسلەپتە خەلق ئەتكەن، ئاندىن ئۇنى تىرىلدۈرىدىغان كىم؟ سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزق بېرىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار». ئاللاھتىن بۆلەك ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ﴾(27/«نەمل»: 64).
بۇنداق بولغانىكەن، ئۆزىنىڭ بىر رەببى بارلىقىنى تەن ئالغان كىشى بىر لەھزەمۇ رەببىگە ئىبادەت – ئىتائەت قىلىشتىن غەپلەتتە قالمايدۇ.
تۆتىنچى: ھالال ۋە ھارام قىلىش پەقەت شەرىئەت ئىگىسى بولغان ئول ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر دەپ ئېتىقاد قىلىشىمىز كېرەك
يەنى ھالال قىلىش ۋە ھارام قىلىش ھوقۇقى نامى بۈيۈك يېگانە رەببىمىزگە خاستۇر. ھالال ۋە ھاراملارنى ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە ئۆز كىتابىدا ياكى رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىدە بېكىتكەندۇر. مەن ياكى سىز ۋەياكى ھېچبىر كىشى ئۈچۈن، ئاللاھ ۋە رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تىلغا ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېيىشى دۇرۇس بولمايدۇ. كىمكى بۇ پرىنسىپقا مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ۋە ئۇ زاتنىڭ رەبلىكىگە شىرك كەلتۈرگەن بولىدۇ.
ئەدىي ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بوينۇمغا ئالتۇن كرېست ئاسقان ھالدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلگەنىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئى ئەدىي! بۇنى بوينۇڭدىن ئېلىپ تاشلىۋەتكىن!› دېدى. مەن ئۇنى ئېلىپ تاشلىۋېتىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلگىنىمدە ئۇ زات ‹تەۋبە› سۈرىسىنى ئوقۇپ: ﴿ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلەر بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شىرك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر﴾ دېگەن يەرگە كەپتىكەن، ئۇ سۈرىنى ئاخىرىغىچە ئوقۇپ بولدى. مەن:
ــ بىز ئۇلارغا ئىبادەت قىلمايمىز، ــ دېدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ــ ئۇلار ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلسا، سىلەرمۇ ھارام قىلمىدىڭلارمۇ؟ ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال قىلسا، سىلەرمۇ ھالال قىلمىدىڭلارمۇ؟ ــ دېدى. مەن:
ــ شۇنداق، ــ دېگەنىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ــ ئەنە شۇ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشتۇر، ــ دېدى»([14]).
بەشىنچى: ئاللاھتىن مەمنۇن بولۇش
ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى بەجانىدىل ئورۇنداش، چەكلىگەن ئىشلاردىن بەدەر قېچىش، سىناق – ئىمتىھانلىرىغا – گەرچە ئەلەملىك بولسىمۇ – سەبر قىلىش، قاتتىقچىلىققىمۇ، پاراۋانلىققىمۇ، بارغىمۇ، يوققىمۇ، ساقلىققىمۇ، ساقسىزلىققىمۇ بىردەك رازى بولۇش كېرەك (يەنى بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆز لايىقىدا مۇئامىلە قىلىش كېرەك).
كىمكى رەببىدىن رازى بولسا، رەببى ئۇنىڭ قەلبىگە سائادەت ۋە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ، دىلىغا ئىماننى جا قىلىپ، ئاسىيلىقنى يامان كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ رەب ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ دىن ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولغان كىشى ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيدۇ»([15]).
ئالتىنچى: ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ھەممە نەرسىدىن ئادا – جۇدا بولۇش
شۇنىڭدەك يەنە ئاللاھنىڭ دىنىغا مۇخالىپ بولىدىغان ھەممە نەرسىدىن ئادا – جۇدا بولۇش، شىرك ئەقىدىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىش ۋە زېمىندا رەببىمىزنىڭ دىنىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش كېرەك. بۇلار ئاللاھ يولىدا جاننى ۋە مالنى پىدا قىلىش ۋە توغرا گەپ قىلىش بىلەن بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئىبراھىم ئېيتتى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلغىنىڭلار نېمە؟ سىلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئىبادەت قىلغىنى نېمە؟ ئۇلار (يەنى بۇتلار) مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر، پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر). ئۇ مېنى ياراتقان، ئۇ مېنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئۇ مېنى يېگۈزگۈچى، ئىچۈرگۈچىدۇر. ئاغرىپ قالسام مېنى ئۇ ساقايتىدۇ. ئۇ مېنى قەبزى روھ قىلىدۇ، كېيىن يەنە تىرىلدۈرىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىلىم – ھېكمەت ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلارغا قوشقىن﴾(26/«شۇئەرا»: 75 – 83).
يەتتىنچى: بەندە ئۈستىگە مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەن كىشىلەر ھەققىدە رەببىدىن قورقۇشى كېرەك
يەنى بەندە ياشىنىپ قالغان ئاتا – ئانىسى، ئايال، بالا – چاقىلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى، مال – ئۇلاغلىرى ۋە باشقا بارلىق يەلكىسىگە مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەنلەر توغرۇلۇق ئۇلۇغ رەببىدىن قورقۇشى كېرەك.
ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئەنسارىينىڭ بېغىغا كىرىپ قارىسا، بىر تۆگە بار ئىكەن. تۆگە رەسۇلۇللاھنى كۆرۈپ بوزلىدى ۋە ئىككى كۆزىدىن ياش قۇيۇلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، لوككىسى ۋە قۇلىقىنىڭ كەينىنى سىلىغانىدى، جىم بولدى. رەسۇلۇللاھ:
ــ بۇ تۆگىنىڭ ئىگىسى كىم؟ بۇ تۆگە كىمنىڭ؟ ــ دېگەنىدى، ئەنسارىيلاردىن بىر يىگىت كېلىپ:
ــ بۇ مېنىڭ تۆگەم، ئى رەسۇلۇللاھ! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ــ ئاللاھ تائالا ساڭا بەرگەن بۇ تۆگە ھەققىدە ئاللاھ تائالادىن قورقمامسەن؟ ئۇ تۆگە سېنىڭ ئۆزىنى ئاچ قويىدىغانلىقىڭ ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقىڭ توغرىسىدا ماڭا شىكايەت قىلىۋاتىدۇ، ــ دېدى»([16]).
سەككىزىنچى: بەندە رەببانى بولۇشى كېرەك
كىشى قانداق قىلىپ رەببانى بەندە بولالايدۇ؟
1. كىشى ئالدى بىلەن قەلبىنى يېگانە ئاللاھقىلا باغلىشى كېرەك؛
يەنى نە مال – دۇنيانىڭ، نە ئابرويلۇق كىشىنىڭ، نە ئايال زاتى، نە تۈرلۈك ھەۋەسنىڭ، نە ئەمەل – مەنسەپ، نە يۈز – ئابرۇينىڭ ۋە يا نە دوست – يارەنلىرىنىڭ قۇلى بولۇپ قالماي، قەلبى يەككە بىر ئاللاھقىلا باغلانغان ھالدا ئاللاھنىڭلا قۇلى بولۇشى كېرەك.
فۇزەيل ئىبنى ئىياز بىر كىشىگە مۇنداق دېگەن: «مەن ساڭا بىر سۆزنى ئۆگىتىپ قويايكى، ئۇ دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىدۇر. ۋەللاھى (ئاللاھ بىلەن قەسەمكى)، ئەگەر ئاللاھ تائالا سېنى قەلبىڭ پاك، بىر ئۆزىدىن باشقىسىغا ئورۇن قالمىغان ھالدا كۆرسە، شۇ چاغدا ئاللاھ تائالادىن نېمىنى سورىساڭ شۇنى بېرىدۇ»([17]).
2. شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش كېرەك؛
بەندە شەرئىي ئىلىم ئارقىلىق رەببىگە سەگەكلىك بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ بىرەر ئىنسانغا كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى لايىق بولمايدۇ (يەنى پەيغەمبەردىن مۇنداق گەپنىڭ سادىر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ) ۋە لېكىن (ئۇ): «كىتابنى ئۆگەتكەنلىكىڭلار، ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەببانى بولۇڭلار» (دەيدۇ)﴾(3/«ئال ئىمران»: 79). يەنى رەببانى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ۋە رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىلمىنى ئۆگىنىدۇ، شۇ بويىچە ئەمەل قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىدۇ.
3. سىناق – مۇسىبەتلەرگە، پۇل – مال ۋە ئايال زاتىنىڭ پىتنىسىگە سەبر قىلىشى كېرەك؛
بۇ سەبر شىكايەت، ۋايساشتىن خالىي، چىرايلىق سەبر بولۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇداگۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 146).
4. زاھىد، مۇتەئەببىد بولۇشى كېرەك؛
ھېچبىر نەرسىنىڭ ئۆزىنى تائەت – ئىبادەتتىن مەشغۇل قىلىپ قويۇشىغا ياكى رەببىنى ئۇنتۇلدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك.
5. ئاللاھنىڭ دىنىغا غەيۇر، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقۇچى بولۇشى كېرەك.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئەھبارلىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!﴾ (5/«مائىدە»: 63) رەببانى بەندە ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى توسۇشتا قاتتىق غەيۇردۇر (شىجائەتلىكتۇر). ئۇ ئۆزى ئۈچۈن غەزەپلەنمەيدۇ، لېكىن ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلار قىلىنسا غەزەپلىنىدۇ.
ئۇلۇغ رەببىم ئاللاھتىن مېنى، ئاتا – ئانامنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمەن، ئامىن.
مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ الرب جل جلاله https://www.alukah.net/
تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات
([1]) «سەھىھۇ مۇسلىم»: 479 – ھەدىس.
([2]) «سۈنەنۇتتىرمىزىي»: 3579 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([3]) تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، 1018 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([4]) «سەھىھۇلبۇخارىي»، 1303 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»: 2315 – ھەدىس.
([5]) تەبەرانىي: «مۇسنەدۇششامىييىن» 960 – ھەدىس؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇلئەۋلىياﺋ» 6/111. ئالبانىي «سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ» 5999 – ھەدىستە: «ھەسەن» دېگەن.
([6]) مەرزبان (مرزبان): پارسچە ئۇنۋان نامى بولۇپ، پارس ئىمپېرىيسى (م.ب 247 – م. 224) ۋە ساسانىي ئىمپېرىيىسى (م. 224 – 651) دەۋرىدە چېگرا رايوننىڭ ئامانلىقىنى قوغداشقا مەسئۇل قومداندانلارغا بېرىلگەن ئۇنۋان. ھىجازغا قوشنا بولغان ساسانىيلەر ئىراقتا مۇتلەق ھاكىمىيەت قۇرۇپ، شام ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدا ئەسكەر تۇرغۇزغان. ئىدارىي ئىشلاردا پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ساسانىيلەر 37 / 636 – يىلى قادىسييە جېڭى، 642 – يىلى نىھاۋەند ئۇرۇشى بىلەن مۇتلەق زەپەر قازانغان ئىسلام قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغان. ئاخىرىقى ئىمپېراتور يەزدىگىرد III ۋە ئاقسۆڭەكلەر شەرققە، خوراسانغا قېچىپ بېرىپ، 651 – يىلى ھازىرقى تۈركمەنىستاننىڭ مەرۋ شەھرى ئەتراپىدا بىر تۈگمەنچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ھايات قالغان ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ۋە 819 – يىلى بۇخارا مەركەزلىك سامانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغان، 999 – يىلى قاراخانىيلار خانىدانى تەرىپىدىن تارىخ سەھىپىسىگە كۆمۈلگەن. _ ت.
([7]) «مەئرىفەتۇسسۈنەن ۋەلئاسار»، 16456 – ھەدىس.
([8]) «سۈنەنۇتتىرمىزىي»: 1939 – ھەدىس. ئالبانىي: «‹ئەرنىڭ ئايالىنى رازى قىلىش ئۈچۈن› دېگەن كەلىمىدىن باشقىسى ‹سەھىھ›» دېگەن.
([9]) «سەھىھۇلبۇخارىي»، 2965 – ۋە 2966 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ مۇسلىم»، 1742 – ھەدىس.
([10]) «سەھىھۇلبۇخارىي»: 5675 – ھەدىس.
([11]) «سەھىھۇلبۇخارىي»، 3612 – ۋە 6943 – ھەدىس.
([12]) «سەھىھۇ مۇسلىم»: 3005 – ھەدىس. بۇ يۇقىرىدىكى مەرزبان بىلەن بالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىسنىڭ تەخرىجى.
([13]) «سەھىھۇلبۇخارىي»: 2552 – ھەدىس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىزگە گەپ – سۆزلەردە قاتتىق دىققەت قىلىشىمىزنى ئۆگەتكەن. «رەببىڭگە» دېگەن سۆز «ئىگەڭگە» دېگەن مەنىدە كەلگەن بولسىمۇ، بۇ لەۋزنى پەقەت ئاللاھقىلا خاس قىلىشىمىز كېرەك. «ئەبد» دېگەن سۆزنىمۇ «ئاللاھنىڭ بەندىسى» دېگەنگىلا ئىشلىتىشىمز كېرەك – ت.
([14]) «سەھىھۇلبۇخارىي»، 3612 – ۋە 6943 – ھەدىس.
([15]) «سەھىھۇلبۇخارىي»، 3612 – ۋە 6943 – ھەدىس.
([16]) «سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد»، 2549 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([17]) ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىي: «سىفەتۇسسەفۋە»، 1 – توم، 430 – بەت.