ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس
تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە.
باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز الحكيم القاهر الصمد الكريم كرم آدم من جميع المخلوقات بأصناف… وفضل بعضهم على بعض بتوفيق العلم والعمل واكتساب الكمالات باعث نبيه محمد صلى الله عليه وسلم مع الكلم وبدايع الحكم وجاعله للناس بشيرا ونذيرا…
ئاخىرى: أول وآخر اين نسخه بى سرانجام از نام شريف حضرت خان مزين ومجلا شد. حق سبحانه وتعالى ودود شريف آن بادشاه حميده خصال را از جميع آفات وبليات نگاه داراد يمنه وكرمه.
ئەسەر ھەققىدە:
جۇراس ئۇرۇقى شەرقىي تۈركىستاندا ماكانلاشقان بولۇپ، بولۇپمۇ مىرزا فاضىل جۇراسنىڭ ئوغلى شاھ مەھمۇد جۇراس/چۇراس بۇ رايونغا ئائىت «تارىخ» ناملىق ئەسەرنى يازغان. شاھ مەھمۇد م. 17 – ئەسىردە ياشىغان. ئۇنىڭ «ئەنىسۇتتالىبىن» ۋە «تارىخ» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار بولۇپ، كېيىنكىسى ئاساسلىقى ئاقسۇ، كاشغەر ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخىي ۋەقەلەرنى ئاساس قىلىدۇ. شاھ مەھمۇد جۇراس ئۆزىنىڭ بۇ ئەسەرىنى ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى، شائىرى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر دوغلات (ھ. 905 – 957/م. 1500 – 1551) نىڭ «تارىخى رەشىدى» ناملىق ئەسەرىنىڭ داۋامى قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، كېيىنكى ۋەقەلەر ئاپتورنىڭ دادىسى ۋە باشقا زامانداشلىرىنىڭ بايانلىرى، شۇنداقلا شاھ مەھمۇد جۇراسنىڭ شەخسىي كۆزىتىشلىرى ئاساسىدا بايان قىلىنغان. بۇ ئەسەر ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز ۋە ئويراتلارنىڭ تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەسلى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ موغۇلىستان بىلەن شەيبانىيلار، ئاشخانىيلار، قازاق خانلىرى ۋە سۇلتانلىرى، قىرغىز قەبىلە ئىتتىپاقلىرى ۋە ئويراتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەپسىلاتلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، ئاساسلىقى كاشغەردىكى ۋەقەلەرگە مەركەزلەشكەن. بۇ ئەسەر موغۇلىستان خانلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى، شۇنداقلا چالىش (قاراشەھەر)، تۇرپان ۋە قۇمۇل رايونلىرىدىكى چاغاتاي سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى توغرىسىدا ۋاقىت تەرتىپى بويىچە مەلۇمات بېرىدۇ. مەزكۇر ئەسەر چاغاتاي سۇلالىسىدىن بولغان يۇنۇس خان (1462–1487) دەۋرىدىن باشلىنىپ، ئىسمائىل خان تەختكە چىققان 1670-يىلغىچە بولغان تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسەر بىر مۇقەددىمە ۋە 118 بابتىن تەركىب تاپقان.
شاھ مەھمۇد جۇراس بۇ ئەسەرىنى خان ئىسمائىل (1670–1600 ئارىسى ھۆكۈمدار) نىڭ نامىنى قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قۇدرەتلىك ئەمەلدار ئەركە بەگنىڭ تەكلىپى بىلەن يازغان.
بۇ ئەسەر ھەققىدىكى تۇنجى مەلۇمات زەكى ۋەلىدى توغاندىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسەرنى 1913 – يىلى تاشكەنتتە بايقىغان.
ۋ. ۋ. بارتولد بۇ ئەسەرنىڭ تارىخىي مەنبە سۈپىتىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى دەرھال تونۇپ يەتكەن؛ ئۇ 1918-يىلى 31-يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ ۋە فىلولوگىيە بۆلۈمىنىڭ يىغىنىدا، ئۆزى تەسىس قىلغان «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا ئائىت مەنبەلەر» (Texts on the History of Central Asia) ناملىق يۈرۈشلۈك ئەسەرلەرنىڭ ئۈچىنچى تومى سۈپىتىدە، شاھ مەھمۇد جۇراسنىڭ ئەسەرىدىن «ئومۇمىي مەزمۇننىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ھەمدە دەسلەپكى مەنبە (بىرىنچى قول مەنبە) خاراكتېرىگە ئىگە» بولغان قىسمىنى نەشر قىلىشنى تەكلىپ قىلغانىدى. گەرچە بۇ ئەسەر نەشر قىلىنمىغان بولسىمۇ، ۋ. ۋ. بارتولدنىڭ فوتوكوپىيەدىن قولدا كۆچۈرۈۋالغان قوليازمىسى ھازىر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخىپىنىڭ قوليازمىلار بۆلۈمىدە ساقلانماقتا.
كېيىنچە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1988 – يىلى «سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار» نامىدا نەشر قىلىنغان ۋە ئۇنى نەشرگە تەييارلىغان قۇربان ۋەلى بۇ ئەسەرنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئوخشىمىغان نۇسخىلىرى بارلىقىنى ئېيتقان.
ئو. ف. ئاكىمۇشكىن تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەن بۇ ئەسەر يەنە رۇس تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان (بۇ تەرجىمە كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ) ھەمدە تەھلىللىك تېكىست ۋە ئىزاھاتلار، تەرجىمە، تەتقىقات ۋە قوشۇمچە ئەسكەرتىش ۋە كۆرسەتكۈچلەر بىلەن تولۇقلانغان. ئۇ م. 2010 – يىلى رۇسىيە سانت پېتېربۇرگ تىلشۇناسلىق جەمئىيىتىدە نەشر قىلىنغان.
شاھ مەھمۇد جۇراسنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
تارىخچى ۋە ئەدىب شاھ مەھمۇد ئىبنى مىرزا فازىل جۇراس 17 ـ ئەسىرنىڭ يىگىرمىنچى يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، يوقىرى قاتلام ھەربى ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
شاھ مەھمۇد جۇراس ئۆز دەۋرنىڭ يوقىرى مەلۇماتلىق كىشىسى بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن يېقىندىن تونۇشقان. ئۇ 17 ـ ئەسىرنىڭ 70 ـ يىللىرى تەخمىنەن ھىجرىيە 1087 (م. 1676–1677-يىللىرى) ئەتراپىدا قىرىق ياشتىن ئاشقىنىدا «تارىخ» ناملىق ئەسەرىنى فارسچە يېزىپ چىققان. كېيىن كىشىلەر بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى مىرزا مەھمۇد ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى» ناملىق ئەسەرىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخى جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى «تارىخى رەشىدى» ــ زەيلى» (داۋامى) دەپ ئاتاشقان.
شاھ مەھمۇد جۇراس «تارىخ» ناملىق ئەسەرىدە سۇلتان سەئىدخان، ئاياز شىكەستە، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان، ئاماننىساخان قاتارلىق شائىرلار ھەققىدە قىممەتلىك ماتېرىياللارنى بېرىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن نەمۇنىلەر كۆرسىتىپ ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا ئۆچمەس خىزمەت كۆرسەتتى. ئەسەردە بىز يەنە ئەدىبنىڭ ئۆز شېئىرلىرنىمۇ ئۇچرىتىمىز.
«تارىخ»تىن كېيىن شاھ مەھمۇد جۇراس 17 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرى 18 ـ ئەسىرنىڭ بېشىدا «ئەنىسۇتتالىبىن» (ئەبۇ مەنسۇر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، «رەفىقۇتتالىبىن» دەپ ئاتىغان) ناملىق بىئوگرافىك ئەسەرىنى يېزىپ، ئۇنى مەشھۇر شائىر ۋە دۆلەت ئەربابى ئەرشىينىڭ دادىسى دانىيال خوجىنىڭ ھاياتىنى يورۇتۇپ بېرىشكە بېغىشلىغان. بۇ ئەسەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەينى يىللاردىكى ئىجتىمائىي ـ سىياسى تارىخى، جەمئىيەت ئەھۋالىنى، شۇ دەۋر ئەدەبىي ھاياتىنى بىلىش ـ چۈشىنىشتە قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.
ئالاقىدار تەتقىقات:
Кузнецов В. С. [Рецензия на кн.:] Шах-Махмуд ибн Мирза Фазил Чурас. Хроника // Письменные памятники Востока / Историко-филологические исследования. Ежегодник 1976—1977. М.: Наука, ГРВЛ, 1984. С. 314—317.
***
اسم الكتاب: التاريخ لشاه محمود جراس
الفن: التاريخ، التراجم.
أولها: الحمد للقادر العزيز الحكيم القاهر الصمد الكريم كرم آدم من جميع المخلوقات بأصناف… وفضل بعضهم على بعض بتوفيق العلم والعمل واكتساب الكمالات باعث نبيه محمد صلى الله عليه وسلم مع الكلم وبدايع الحكم وجاعله للناس بشيرا ونذيرا…
آخرها: أول وآخر اين نسخه بى سرانجام از نام شريف حضرت خان مزين ومجلا شد. حق سبحانه وتعالى ودود شريف آن بادشاه حميده خصال را از جميع آفات وبليات نگاه داراد يمنه وكرمه.
معلومات عن الكتاب:
استقرت عشيرة «جوراس أو تشوراس» في تركستان الشرقية؛ ومما يشار إليه أن شاه محمود جوراس —وهو ابن ميرزا فاضل جوراس — قد ألّف عملاً تاريخياً بعنوان «تاريخ» يتناول شؤون المنطقة. عاش شاه محمود خلال القرن السابع عشر، وتضم قائمة مؤلفاته كتابي «أنيس الطالبين» و»تاريخ»، حيث يركز الأخير بشكل أساسي على الأحداث التاريخية في مناطق آقسو وكاشغر وتركستان الشرقية.
أراد شاه محمود جوراس لهذا العمل أن يكون تكملةً لكتاب «تاريخ رشيدي» – وهو العمل التاريخي والشعري الشهير للمؤرخ الأويغوري المرموق ميرزا محمد حيدر دوغلات (905 – 957هـ / 1500 – 1551م) –؛ حيث يسرد الأحداث اللاحقة استناداً إلى روايات والد المؤلف وغيره من المعاصرين، فضلاً عن ملاحظات شاه محمود جوراس الشخصية. ويحتوي العمل على معلومات أولية وثيقة الصلة بتاريخ الأوزبك والأويغور والقازاق والقرغيز والأويرات، كما يسلط الضوء على تفاصيل العلاقات بين «مغولستان» وكل من الشيبانيين والأشترخانيين وخانات وسلاطين القازاق والاتحادات القبلية للقرغيز والأويرات، مع التركيز بشكل أساسي على الأحداث التي شهدتها كاشغر.
يقدم هذا العمل عرضاً تاريخياً مرتباً زمنياً لفترات حكم الخانات المغول، وكذلك لحكم سلالة الجاغتاي في مناطق تشاليش (قره شهر) وطُرفان وقومول. ويغطي العمل الحقبة الممتدة من عهد يونس خان (1462 – 1487م) وهو أحد حكام سلالة الجاغتاي وحتى عام 1670م، حين اعتلى إسماعيل خان العرش. ويتألف العمل من مقدمة و118 فصلاً.
ألّف شاه محمود جوراس هذا العمل بناءً على اقتراح إركي بك، وهو مسؤول نافذ سعى إلى الحفاظ على تخليد اسم الخان إسماعيل.
وقد وردت المعلومات الأولى حول هذا الكتاب عن طريق زكي وليدي طوغان، الذي اكتشفه في طشقند عام 1913.
أدرك ف. ف. بارتولد على الفور القيمة الكبيرة لهذا العمل كمصدر تاريخي؛ ففي اجتماع لقسم التاريخ وفقه اللغة التابع لأكاديمية العلوم عُقد في 31 يناير 1918، اقترح نشر ذلك الجزء من مؤلَّف شاه محمود جوراس —الذي «يُشكّل قرابة نصف المحتوى الإجمالي ويحمل سمات المصدر الأولي»— باعتباره المجلد الثالث من السلسلة التي كان قد أطلقها تحت عنوان «نصوص حول تاريخ آسيا الوسطى». ورغم أن هذا العمل لم يُنشر قط، إلا أن نسخة المخطوطة —التي نسخها ف. ف. بارتولد بخط يده عن نسخة مصورة— محفوظة حالياً في قسم المخطوطات بأرشيف أكاديمية العلوم السوفيتية السابقة.
تُرجم هذا العمل -الذي تولى تحريره لاحقاً أو. إف. أكيموشكين- إلى اللغة الروسية (حيث تشكل هذه الترجمة الجزء الثاني من الكتاب)، وأُلحق به نص تحليلي، وشروح، والترجمة ذاتها، وأبحاث، وملاحظات وفهارس إضافية. وقد صدر الكتاب عام 2010 عن «جمعية سانت بطرسبرغ اللغوية» في روسيا.
نبذة عن حياة شاه محمود تشوراس
وُلد المؤرخ والأديب شاه محمود بن ميرزا فاضل جوراس في أواخر عشرينيات القرن السابع عشر، وذلك في كنف عائلة من كبار القادة العسكريين.
كان شاه محمود جوراس رجلاً واسع الاطلاع ومثقفاً بارزاً في عصره، ومتبحراً في الأدب الكلاسيكي الشرقي والأويغوري. وفي سبعينيات القرن السابع عشر—أي قرابة عام 1087هـ (1676 – 1677م)—وحين كان قد تجاوز الأربعين من عمره، ألّف كتاباً بعنوان «تاريخ» باللغة الفارسية. وفي وقت لاحق، ونظراً لأن محتوى هذا العمل كان يشبه إلى حد كبير كتاب «تاريخ رشيدي» لميرزا محمد حيدر ويغطي الأحداث التاريخية التي تلت تلك الحقبة، فقد أطلق عليه الناس اسم «ذيل تاريخ رشيدي» (أي تكملة لكتاب «تاريخ رشيدي»).
لقد أسدى شاه محمود جوراس -من خلال مؤلَّفه المعنون «تاريخ»- خدمةً جليلة لتاريخ أدبنا؛ إذ قدّم معلومات قيّمة عن شعراء مثل السلطان سعيد خان، وأياز شكسته، والسلطان عبد الرشيد خان، وأمان نساء خان، وعرض نماذج من أعمالهم. كما يضم الكتاب أيضاً قصائد من نظم المؤلف نفسه.
عقب تأليف كتاب «تاريخ»، كتب شاه محمود جوراس عملاً يندرج في أدب السير بعنوان «أنيس الطالبين» (وهو العمل الذي ترجمه أبو منصور إلى اللغة الأويغورية تحت عنوان «رفيق الطالبين») وذلك في أواخر القرن السابع عشر ومطلع القرن الثامن عشر، مكرساً إياه لسرد سيرة دانيال خوجة — والد الشاعر ورجل الدولة الشهير «عرشي». ويُعد هذا العمل مصدراً قيّماً لفهم التاريخ الاجتماعي والسياسي، والأحوال المجتمعية، والحياة الأدبية في تركستان الشرقية خلال تلك الحقبة.
بحوث ذات صلة:
Кузнецов В. С. [Рецензия на кн.:] Шах-Махмуд ибн Мирза Фазил Чурас. Хроника // Письменные памятники Востока / Историко-филологические исследования. Ежегодник 1976—1977. М.: Наука, ГРВЛ, 1984. С. 314—317.
«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! حمل الآن Download now
بۇ يەردىن:
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس ئاكىمۇشكىن1» pdf
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس ئۇيغۇرچە» pdf

