ئىسلام دىنى ھارام قىلغان قەلب قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىن: ئۆزىگە تەمەننا قويۇش

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي

ئۆزىگە تەمەننا قويۇشمۇ ئىسلام دىنى ھارام قىلغان قەلب قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. بۇ دېگەنلىك، كىشىنىڭ ئۆز نەپسى، پىكرى، كۆزقارىشى ۋە ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق نەرسە بىلەن كۆرەڭلىشىدۇر. كىشىنىڭ بۇ ھالىتى، ئۆز نەپسىگە مىكروسكوپتا ياكى تېلېسكوپتا قارىغان ئادەمنىڭ ھالىتىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى بەك چوڭ ياكى ھەيۋەتلىك نەرسىدەك، ئەتراپىدىكى باشقا شەيئى ۋە ئادەملەرنى بولسا ئۆز نەزەرىدە ھېچقانداق قەدىر – قىممىتى يوق، دەسسەپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ، پەرۋا قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئەرزىمەس نەرسىلەردەك كۆرىدۇ. ئۇ ھەرقېتىم ئۆزىگە تەمەننا قويغانسېرى، شۇنچە يوغىناپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ ۋە ئۆزىنى «ھەممە نەرسە»، ئەتراپىدىكى باشقا ئىنسانلارنى بولسا «ھېچنېمە» دەپ قارايدۇ.

كۆپىنچە ۋاقىتتا، بۇ ئەھۋال ئىقتىدارلىق كىشىلەر ۋە سالىھ، تەقۋادار ئىنسانلاردا كۆرۈلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىدىكى ئىلىم – مەرىپەت ۋە سالىھ ئەمەللەرنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۆزلىرىگە ئۇلۇغلۇق ۋە چوڭلۇق نەزەرى بىلەن قاراپ قالىدۇ.

 

 ئىمام غەززالىي ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ نېمە ئۈچۈن سۆكۈلگەنلىكىنى شەرھلەيدۇ

ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنى سۇلۇك ئەھلى ۋە تەسەۋۋۇف ئالىملىرىدەك شەرھلىگەن ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى، ھۆكمىنى بايان قىلىپ بەرگەن بىرەرسىنى ئۇچرىتالمايمىز. ئۇلار بولسا بۇ ساھەدە مۇتەخەسسىسلەشكەن ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ ئۇستازلىرىدۇر. بۇ نۇقتىدا، ئىمام غەززالىينىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ ئەكىلىمىز. چۈنكى، ئىمام غەززالىينىڭ سۆزىدە چوڭقۇر ۋەز – نەسىھەتلەر بار. ئۇ مۇنداق دېگەن:

بىلگىنكى، ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ئاللاھنىڭ كىتابىدا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە قاتتىق سۆكۈلگەن بىر ئىشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۇنەين كۈنىدە (يەنى جېڭىدە) ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار، سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى﴾(9/«تەۋبە»: 25). دېمەك، بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلەش تەرىقىسىدە بايان قىلدى.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىنى ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ (ئازابىدىن) توسىيالايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى﴾(59/«ھەشر»: 2). بۇ ئايەتتە، ئاللاھ بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىدىن بولغان كافىرلارغا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىدىن ۋە شانۇشەۋكىتىدىن كۆرەڭلەپ، ئۆزلىرىگە تەمەننا قويغانلىقى ئۈچۈن، رەددىيە بەردى.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەرگە ئەمەللىرى جەھەتتىن ئەڭ زىيان تارتقۇچىلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟ ئۇلار ھاياتىي دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان، ئەمما ئۆزلىرى «ئوبدان ئىش قىلدۇق» دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر﴾(18/«كەھف»: 103، 104). بۇ ئايەتتىمۇ بايان قىلىنغىنى بويىچە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب: قىلغان ئەمەللىرىدىن كۆرەڭلىگەنلىكى ئۈچۈندۇر.

بەزىدە ئىنسان توغرا قىلغان ئەمىلىگە قارىتا ئۆزىگە تەمەننا قويغاندەك، خاتا قىلغان ئەمىلىگە قارىتامۇ ئۆزىگە تەمەننا قويىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھالاكەتكە تاشلىغۇچى ئۈچ تۈرلۈك قىلمىش بار. بۇلار: ئىتائەت قىلىنىدىغان بېخىللىق، ھاۋايى – ھەۋەسكە بېرىلىش ۋە ھەركىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاش قاتارلىقلار»(1).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەبۇ سەئلەبە ئەلخۇشەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: «ئىتائەت قىلىنىدىغان بېخىللىق، ھاۋايى – ھەۋەسكە بېرىلىش ۋە ھەركىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاشنى كۆرگىنىڭدە، ئۆزۈڭ بىلەنلا بول»(2).

ھەزرىتى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ھالاكەت ئىككى تۈرلۈك ئىشتا بولىدۇ: ئۈمىدسىزلىنىش ۋە ئۆزىگە تەمەننا قويۇش»(3). ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئىككى ئىشنى جەملەپ كەلتۈردى. چۈنكى، بەخت – سائادەتكە داۋاملىق تىرىشىش، ئىزدىنىش، ئەستايىدىل بولۇش ۋە چىڭ تۇرۇش بىلەنلا يەتكىلى بولىدۇ. ئۈمىدسىزلەنگەن ئادەم بولسا تىرىشمايدۇ ۋە ئىزدەنمەيدۇ. ئۆزىگە تەمەننا قويغان ئادەم بولسا ئۆزىنى بەختلىك بولدۇم ۋە مەقسىتىمگە يەتتىم دەپ ئويلاپ تىرىشمايدۇ. دېمەك، بار نەرسىگە قارىتا ئىزدىنىش ۋە تەلەپ قىلىش بولمايدۇ. مۇھال(4)غا قارىتامۇ ئىزدىنىش ۋە تەلەپ قىلىش بولمايدۇ. بەخت – سائادەت ئۆزىگە تەمەننا قويغان ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرىدا بار، نائۈمىدنىڭ تەسەۋۋۇرىدا مۇھال نەرسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ نۇقتىدا تۇرۇپ، بۇ ئىككى ئىشنى جەملىگەن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار! ئۇ زات تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ﴾(53/«نەجم»: 32). ئىبنى جۇرەيج مۇنداق دېگەن: «بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى، ئەگەر بىر ياخشى ئىشنى قىلساڭ، ‹مەن مۇنداق ئىشنى قىلدىم› دېمىگىن، دېگەنلىكتۇر»(5). زەيد ئىبنى ئەسلەم ئۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئەمەلنى ياخشى ئەمەل دەپ ئويلىماڭلار! بۇنداق قىلىش بولسا ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتۇر»(6).

ھەزرىتى تالھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوھۇد جېڭى كۈنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تېنىنى قالقان قىلىپ قوغدىغانىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈستىدە دۈم يېتىپ، ئالقىنى يارىلىنىپ كەتكەن ئىدى(7). ئۇ جېنىنى پىدا قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداش يولىدا يارىلىنىشتەك بۇ كاتتا ئىشى ئۈچۈن ئۆزىگە تەمەننا قويغاندەك بولىۋىدى، ھەزرىتى ئۆمەر بۇنى ئۇنىڭ چىرايىدىن سەزگەندەك قىلىپ: «تالھەنىڭ بارمىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداش جەريانىدا يارىلانغاندىن بۇيان، ئۇنىڭدا ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ قېلىۋاتىدۇ»(8) دېگەنىدى. لېكىن، ھەزرىتى تالھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزىگە قويغان بۇ تەمەننانى ئىزھار قىلىپ بىرەر مۇسۇلماننى ھاقارەتلىگەنلىكى نەقىل قىلىنمىغان.

كېڭەش ئەسناسىدا، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما خەلىپە ئۆمەرگە:

— تالھەنى خەلىپە تەيىنلەشكە قانداق قارايدىلا؟ — دېگەندە، ئۆمەر:

— ئۇ، چوڭچىلىقى بار ئادەم، — دېگەن.

ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتىن ئاشۇنداق كاتتا ساھابەلەرمۇ قۇتۇلالمىغان تۇرسا، باشقا ئاجىز ئىنسانلار بەك دىققەت قىلمىسا، بۇ ئەھۋالدىن قانداقمۇ قۇتۇلالىسۇن؟!

مۇتەررىف مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ كېچىسى ئۇخلاپ قېلىپ، پۇشايمانلىقتا تاڭ ئاتقۇزۇشۇم مەن ئۈچۈن كېچىسى قىيامدا تۇرۇپ، ئۆزۈمگە تەمەننا قويغان ھالدا تاڭ ئاتقۇزغىنىمدىن ياخشىدۇر»(9).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن بولساڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق بولغان يەنە بىر ئىشتىن قورققان بولاتتىم، ئۇ: ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتۇر، ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتۇر»(10). بۇ ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنى ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىن سانىدى.

 بىشر ئىبنى مەنسۇر داۋاملىق ئىبادەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت دىيارىنى ئەسلىتىدىغان زاتلاردىن ئىدى. بىر كۈنى بۇ زات نامازنى بەك ئۇزۇن ئوقۇدى. بىر كىشى ئۇنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، قاراپ تۇرغانىدى. بىشر ئۇنىڭغا دىققەت قىلدى. بىشر نامازنى ئوقۇپ بولغان چاغدا، ئۇ كىشىگە مۇنداق دېدى: «مەندىن كۆرگەن ئەھۋال ساڭا ئەرزىپ قالمىسۇن! چۈنكى، لەنىتى ئىبلىسمۇ پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە ئۇزۇن زامان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھازىرقى ئەھۋالىغا كېلىپ قالدى»(11).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن:

— كىشى قاچان خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ؟ — دەپ سورالغاندا،

— ئۇ ئۆزىنى مەن ياخشى قىلدىم دەپ ئويلاپ قالغان چاغدا، — دېگەن(12).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل – مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشىگە ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلەرنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار!﴾(2/«بەقەرە»: 264). بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «مىننەت قىلىش» بولسا بەرگەن سەدىقىنى چوڭ سانىغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. دېمەك، ئەمەلنى چوڭ ساناش ئۆزىگە تەمەننا قويغانلىقتۇر. بۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى، ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش، قاتتىق ئەيىبلىنىدىغان ئىشتۇر(13). ئىمام غەززالىينىڭ بايانى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.

 

ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ ئاقىۋەتلىرى

مۇسۇلماننىڭ قەلب قىلمىشلىرىدىكى يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى ياخشى چۈشىنىۋېلىشى ئەڭ مۇھىم ۋاجىپلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشى ۋە بۇلارنى شۇ ئىلىمنىڭ ئەھلىدىن تونۇۋېلىشى كېرەك.

ئىمام غەززالىي ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بايان قىلىپ:

«بىلگىنكى، ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ ئاقىۋەتلىرى بەك كۆپتۇر. مەسىلەن، ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش كىبىرگە ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى، ئۇ كىبىرنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. شۇڭا، ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتىن كىبىر، كىبىردىن بولسا بەك كۆپ يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇلار ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ بەندىلەرئارا مۇئامىلىدىكى يامان ئاقىۋەتلىرىدۇر. ئەمما، بۇنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇئامىلىدىكى يامان ئاقىۋەتلىرىگە كەلسەك، ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ئىنساننىڭ ئۆز گۇناھلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشىغا ۋە سەل قارىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئىنسان ئۆزىنى گۇناھلىرى ھەققىدە ئويلىنىشتىن ‹بىھاجەتتۇرمەن› دەپ ئويلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، گۇناھلىرىنى ئەسلىمەيدۇ، ھەتتا ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئەسلىگەن گۇناھلىرىنى بولسا كىچىك ساناپ، ئۇنى تۈزىتىۋېلىشقا تىرىشمايدۇ. بەلكى ‹ئاللاھ بۇ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىۋېتىدۇ› دەپ ئويلاپ قالىدۇ.

ئەمدى ئىبادەت ۋە ئەمەللەرگە كەلسەك، ئىنسان بۇ ئەمەللىرىنى چوڭ ساناپ، ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە تەۋپىق ۋە ئىمكانىيەت بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت نېئمەتلىرىنى ئۇنتۇپ، ئەمەللىرى بىلەن ئاللاھقا مىننەت قىلىدۇ. ئەگەر ئىنسان بۇ ئەمەللىرى بىلەن ئۆزىگە تەمەننا قويسا، ئۇ ئەمەللەرنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىنى كۆرمەي قالىدۇ. نەتىجىدە، ئەمەللەرنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىنى كۆزەتمىگەن كىشىنىڭ ئەمەللىرى زايە بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، زاھىرىي ئەمەللەر پۈتۈنلەي ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس بولۇشى كېرەك، بولمىسا بىھۇدە قىينىلىشتۇر، خالاس. ئۆزىگە تەمەننا قويماستىن، ئاللاھتىن قورقۇش تۇيغۇسى غالىپ كەلگەن ئادەملا ئەمەللىرى ھەققىدە ئويلىنىپ تۇرىدۇ. ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان ئادەم بولسا ئۆز نەپسى ۋە كۆزقاراشلىرىدىن مەغرۇرلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم بولۇپ كېتىدۇ، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئورنى باردەك، ئاللاھتا ھەققى باردەك ئويلاپ قالىدۇ – دە، قىلغان ئەمەللىرى بىلەن ئاللاھقا مىننەت قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ نېئمەتلەرنى ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغاندۇر. نەتىجىدە ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش، مەزكۇر ئىنساننى ئۆزىنى ماختاشقا ۋە ئۆزىنى پاك ساناشقا ئېلىپ بارىدۇ.

ئەگەر ئىنسان ئۆزىنىڭ كۆزقارىشى، ئەمەللىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىدىن مەغرۇرلانسا، بۇ ئەھۋال ئۇنى باشقىلارنىڭ ئىلمىدىن پايدىلىنىشتىن، باشقىلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشتىن ۋە سوئال سوراشتىن چەكلەپ قويىدۇ. ئۇ كىشى ئۆز كۆزقارىشى بويىچە ئىش قىلىپ، ئۆزىدىن ئالىمراق بولغان كىشىدىن سوئال سوراشتىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتىدۇ. بەزىدە، بۇ ئىنسان كۆڭلىدىن كەچكەن خاتا كۆزقاراش بىلەن كۆرەڭلەپ، ‹بۇ مېنىڭ پىكرىمدۇر› دەپ سۆيۈنىدۇ. باشقىلارنىڭ پىكىرلىرىدىن خۇشال بولمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرۇپ، باشقا ۋەز – نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالمايدۇ. بەلكى باشقىلارنى ‹بىرنەرسە بىلمەيدۇ›غا چىقىرىپ ئۆزىنىڭ خاتا پىكرىنى يورغىلىتىدۇ. بۇ ئەھۋال دۇنياۋى ئىشلاردا بولسا، ئۇنىڭدا چۆكۈپ كېتىدۇ. ئەگەر دىنىي مەسىلىلەردە بولۇپ قالسا، بولۇپمۇ ئەقىدىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە بولۇپ قالسا، ھالاك بولىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى ‹خاتا ئويلاپ قالغاندىمەن› دەپ، ئۆز كۆزقارىشىغا ئۇنچىۋالا ئىشىنىپ كەتمەي، ‹قۇرئان›نىڭ نۇرى بىلەن ھىدايەت تېپىپ، ئۆلىمالاردىن داۋاملىق مەسلىھەت ئېلىپ ۋە ھەق ئۈستىدىكىلەردىن سوراپ تۇرغان بولسا، بۇ ئەھۋال ئۇ كىشىنى ھەقىقەتكە ئېلىپ بارغان بولاتتى.

ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنىڭ مانا مۇشۇنداق يامان ئاقىۋەتلىرى بولغاچقا، ئۇ ئىنساننى ھالاكەتكە تاشلايدىغان ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر. بۇ رەزىل ئەخلاقنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپەتلىرىدىن بىرى شۇكى، بۇ خىل خاراكتېردىكى ئىنسان ئۆزىنى ‹مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ بولدۇم›، ‹ھەممىدىن بىھاجەت بولدۇم› دەپ ئويلىغاچقا، داۋاملىق تىرىشىشتىن توختاپ قالىدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى ئوپئوچۇق ھالاكەتتۇر. ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۆزىنىڭ ئىتائىتىگە راۋۇرۇس مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز دەيدۇ»(14).

 

ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش بىلەن ئەمەلى بىلەن مىننەت قىلىش (الإدلال) نىڭ چەك – چېگراسى

ئىمام غەززالىي يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«بىلگىنكى، ئىنسان ئۆزىنى كامالەتكە يەتتىم دەپ قاراپ قالسا، ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويىدۇ. ئىلىمدە ياكى بىرەر ئەمەلدە ۋەياكى پۇل – مالدا ئۆزىنىڭ كامالەتكە يەتكەنلىكىنى بىلگەن ئادەم ئۈچۈن ئىككى ھالەت باردۇر:

بىرى، كىشى بۇ ئارتۇقچىلىقنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا نۇقسان يېتىشىدىن ئەنسىرىگەن بولسا، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزىگە تەمەننا قويغۇچى ھېسابلانمايدۇ.

يەنە بىرى، كىشى بۇ ئارتۇقچىلىقلارنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ. لېكىن، بۇ نېئمەتلەرنى ئۆزىگە نىسبەت بەرمەستىن، ئاللاھنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېئمىتى دەپ خۇشال بولىدۇ. بۇمۇ ھەم ئۆزىگە تەمەننا قويغۇچى ھېسابلانمايدۇ.

ئۈچىنچى بىر خىل ھالەت بولسا، ئىنسان نېئمەتنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ، بەلكى بەك خاتىرجەم بولۇپ كېتىدۇ ۋە خۇشال بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خۇشاللىقىنىڭ سەۋەبى ‹بۇ ئاللاھنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېئمىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، كامالەتكە يەتتىم، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتىم› دەپ ئەمەس، ‹بۇ مېنىڭ سۈپىتىم ۋە مەن بۇنىڭغا لايىقمەن› دەپ قارىغانلىقىدۇر. مانا بۇ ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتۇر. قاچانكى، ئىنسان ‹بۇ ئاللاھ ماڭا ئاتا قىلغان نېئمەت، ئاللاھ خاھلىسا يەنە تارتىۋالىدۇ› دەپ قەلبەن بىلگەن چاغدا، ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش يوقايدۇ.

دېمەك، ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش: ئىنساننىڭ نېئمەتنى ئاللاھنىڭ بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇش بىلەن بىرگە نېئمەتنى چوڭ سانىشى ۋە ئۇنىڭغا تايىنىۋېلىشىدۇر. ئەگەر بۇنىڭغا ‹مېنىڭ ئاللاھدا ھەققىم بار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئورنۇم يۇقىرى› دېگەن قاراش قوشۇلۇپ، شۇ ئەمەلى بىلەن ئۆزىگە دۇنيادا بىرەر كارامەتنىڭ كېلىشىنى كۈتكەن بولسا ۋە ئۆزىگە پاسىقلارغا يەتكەندەك بىرەر يامانلىقنىڭ يېتىپ قېلىشىنى يىراق سانىغان بولسا، بۇ ‹ئەمەلى بىلەن مىننەت قىلىش› دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى ‹ئەمەلىمنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ئورنۇم بار› دەپ قارىغانلىقتۇر. شۇنىڭدەك، ئىنسان بەزىدە باشقىلارغا بىرنەرسىنى بېرىدۇ. كەينىدىنلا بەرگەن نەرسىسىنى چوڭ بىلىپ مىننەت قىلىدۇ. مانا بۇمۇ ئۆزىگە تەمەننا قويغۇچىدۇر. ئەگەر بىرنەرسە بەرگەن كىشىدىن ئۆزىگە خىزمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسا ياكى ئۇنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشتا ئۆزىنى كېچىككەن دەپ قارىمىسا، بۇ، ئەمەلى بىلەن مىننەت قىلغانلىق بولىدۇ.

قەتادە ئاللاھ تائالانىڭ ﴿كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە﴾(74/«مۇددەسسىر»: 6) دېگەن ئايىتى ھەققىدە: ‹يەنى ئەمەلىڭ بىلەن مىننەت قىلما دېگەنلىكتۇر›(15) دېگەن. ‹ئەمەل بىلەن مىننەت قىلىش› بولسا ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتىنمۇ بەكرەك رەزىل ئىشتۇر. چۈنكى، ئەمەلى بىلەن مىننەت قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆزىگە تەمەننا قويغۇچىدۇر، لېكىن بىرقىسىم ئۆزىگە تەمەننا قويغۇچىلار ئەمەلى بىلەن مىننەت قىلماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش بولسا نېئمەتكە قارىتا بىرەر مۇكاپاتنى كۈتمەستىن، نېئمەتنى چوڭ بىلىش ياكى نېئمەتنى ئۇنتۇپ قالغانلىققا قارىتا ئېيتىلىدۇ. ئەمەلى بىلەن مىننەت قىلىش بولسا، مۇكاپات كېلىشنى كۈتكەنلىككە قارىتا ئېيتىلىدۇ. ئەگەر دۇئاسىنىڭ چوقۇم ئىجابەت قىلىنىدىغانلىقىنى كۈتسە ۋە ئىجابەت قىلىنماسلىقىنى قەلبەن قاتتىق يامان كۆرسە ۋە بۇنىڭدىن ھەيرەتتە قالغان بولسا، بۇ ئەمەلى بىلەن مىننەت قىلغانلىق بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىرەر پاسىقنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت قىلىنماسلىقىدىن ھەيران قالمايدۇ، ئۆزىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت قىلىنماسلىقىدىن ھەيرەتتە قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ھەم ئۆز – ئۆزىگە تەمەننا قويۇش ھەم ئەمەلى بىلەن مىننەت قىلىش ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ كىبىرنىڭ باشلانمىلىرى ۋە سەۋەبلىرىدۇر. ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر»(16). غەززالىينىڭ بايانى تۈگىدى.

 

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھاراملار» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

————————————————
1. «مۇسنەدۇ بەززار»، 7293 – ھەدىس؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، 5452 – ھەدىس؛ ئەبۇ نۇئەيم: «ھىليەتۇل ئەۋلىياﺋ»، 2 – توم، 160 – بەت؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، 745 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 453 – ھەدىس) «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن. مۇنزىرىي: («ئەتتەرغىب»، 654 – ھەدىس) «بۇ ھەدىس بىرقانچە ساھابىدىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، سەنەدلىرىنىڭ بىرىمۇ تەنقىدتىن خالىي بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ جۇغلانمىسى ئىنشائاللاھ ھەسەن دەرىجىگە يېتىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
2. «ئەبۇ داۋۇد»، 4341 – ھەدىس؛ تىرمىزىي: (3058 – ھەدىس) «ھەسەن، غەرىب» دېگەن. «ئىبنى ماجە»، 4014 – ھەدىس؛ ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 2 – توم، 322 – بەت) «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 1025 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن.
3. ئىمام ئەبۇللەيس سەمەرقەندىي: «تەنبىھۇل غافىلىن»، 485 – بەت.
4. مۇھال (المُحَال): ئە. مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. قاراڭ: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، I (2016)، 619 – بەت. — ت.
5. «تەفسىرۇ ماۋەردىي»، 5 – توم، 402 – بەت.
6. «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 22 – توم، 71 – بەت.
7. «بۇخارىي»، 4063 – ھەدىس. قەيس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن تالھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىنىڭ پالەچ ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇ ‹ئۇھۇد غازىتى›دا ئاشۇ قولى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغدىغان ئىكەن».
8. ئىمام سۇبكىي: («تاباقاتۇششافىئىييە»، 6 – توم، 354 – بەت) «ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ بۇ سۆزىنىڭ سەنەدىنى تاپالمىدىم» دېگەن.
9. ئىبنۇل مۇبارەك: «ئەززۇھد»، 448 – بەت.
10. «مۇسنەدۇ بەززار»، 6936 – ھەدىس. مۇنزىرىي: («ئەتتەرغىب»، 4431 – ھەدىس) «سەنەدى ياخشى» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
11. ئىبنۇل جەۋزىي: «بەھرۇددۇمۇﺋ»، 141 – بەت.
12. يۇقىرىقى مەنبە، 139 – بەت.
13. ئىمام غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 3 – توم، 369 – 370 – بەتلەر.
14. ئىمام غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 3 – توم، 370 – 371 – بەتلەر.
15. «تەفسىرۇ ئىبنى ئەتىييە»، 5 – توم، 393 – بەت.
16. ئىمام غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 3 – توم، 370 – 371 – بەتلەر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز