ئابرۇيپەرەسلىك ۋە رىياكارلىق

قەلبنىڭ ھارام قىلىنغان قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىن: ئابرۇيپەرەسلىك ۋە رىياكارلىق

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي

 

رىياكارلىق ئىسلام دىنى ھارام قىلغان، قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلەندۈرگەن قەلب قىلمىشلىرىنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، «قۇرئان»دا بۇنى كۆپ ئۇچرىتىمىز.

«قۇرئان»دىكى قىسقا سۈرىلەردىن «مائۇن» سۈرىسىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر. شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ. نامازنى رىيا بىلەن ئوقۇيدۇ. ئۇلار قولقا بەرمەيدۇ(1)﴾(107/«مائۇن»: 1 – 7).

بۇ قىسقا سۈرە دىن بىلەن ئويناشقان ۋە دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان ئاشۇ ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇردى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىننىڭ ھەقىقىتى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتۇر. ئۇلار ھەقىقىي رەۋىشتە ئاللاھتىن قورقمايدۇ، ئاجىزلارنىڭ ۋە باشقا ھەرقانداق مەخلۇقاتنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمايدۇ. ئۇلار بەزى نامازلارنى ئوقۇسىمۇ، نامازلارنى مۇنتىزىم ئادا قىلماي، سەھۋەنلىك ۋە غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ. بۇ سۈرىنىڭ بېشىدا ئاللاھ تائالا دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان ئاشۇنداق ئىنسانلارنى تىلغا ئالدى. ھالبۇكى، دىن ئۇنداق كىشىگە ياتتۇر. ﴿دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر﴾(107/«مائۇن»: 1 – 3). كىمكى يېتىمنى دۆشكەلىسە، ئۇنىڭغا قەھر قىلسا، قوپاللىق قىلسا، مىسكىننىڭ ھالىغا يەتمىسە ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشكە قىزىقتۇرمىسا، ھەقىقەتەن ئۇ دىننى ئىنكار قىلغۇچى ئىنساندۇر. چۈنكى، دىنغا ئىشەنگەن كىشى بۇنداق ئىشلارنى قىلمايدۇ.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل – مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشىگە ئوخشاش بەرگەن سەدىقەڭلەرنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار! بۇنداق ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا – چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ، ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 264). دېمەك، بۇ ئادەم كافىرغا ئوخشاشتۇركى، ئەگەر مېلىنى سەرپ قىلسا، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلمايدۇ، بەلكى ئىنسانلارنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلغاندەك، رىيا قىلىپ سەرپ قىلىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇ ئىنسانلارنىڭ قولىدا بىرنەرسە بولسا، يېنىغا بېرىپ ئەجرىنى ئۇلاردىن ئالسۇن!

بۇ مەزمۇندا ئاللاھ يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىشەنمەيدۇ، ئاخىرەت كۈنىگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. كىمكى ئۆزىگە شەيتاننى ھەمراھ قىلىدىكەن، شەيتان نېمىدېگەن يامان ھەمراھ!﴾(4/«نىساﺋ»: 38). ئاللاھ تائالا بىر ئادەم خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلمىغان ئەمەلگە ساۋاب بەرمەيدۇ: ﴿ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەش ۋە نەپسلىرىنى ئادەتلەندۈرۈش يۈزىدىن سەرپ قىلىدىغانلار ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولمىسا شەبنەم بىلەنمۇ قانىدىغان بىر باغقا ئوخشايدۇ. ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 265).

رىياكارلارنىڭ تۈرلىرى

رىياكارلار تۈرلۈك – تۈرلۈك بولىدۇ:

ئۇلارنىڭ بىرى ئىماننىڭ ئۆزى بىلەن رىيا قىلىدىغانلاردۇر. بۇ تۈردىكىلەرنىڭ رىياسى خۇددى تىللىرىدا «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ، دىللىرىدا ئىمان ئېيتمايدىغان ھەقىقىي مۇناپىقلارنىڭ رىياسىغا ئوخشاشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿كىشىلەر ئارىسىدا «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق» دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 8)؛ ﴿مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇرسەن» دەيدۇ، سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر﴾(63/«مۇنافىقۇن»: 1)؛ ﴿كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ (لېكىن ئۇ يالغانچى مۇناپىقتۇر)، ئۇ دىلىدىكى نەرسىگە (يەنى دىلى باشقا، تىلى باشقا ئەمەسلىكىگە) ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئەشەددىي دۈشمەندۇر. ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 204 – 205).

يەنە ئاللاھ تائالا: ﴿شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ، كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ. مۇناپىقلار كۇفۇر بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، نە ئۇلارغا مەنسۇپ، نە بۇلارغا (يەنى مۇئمىنلەرگىمۇ، كافىرلارغىمۇ مەنسۇپ ئەمەس)، كىمنى ئاللاھ گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن﴾(4/«نىساﺋ»: 142، 143) دېگەن ئايەتتە ئەيىبلىگەن مۇناپىقلارنىڭ رىياسىمۇ شۇ تۈردىكىلەرنىڭ رىياسىدىندۇر.

ۋە يەنە نامازنى ئادا قىلىش، زاكات بېرىش، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ۋە ھەج قىلىشتىن ئىبارەت ئىسلامنىڭ رۇكنلىرى بولغان ئىبادەتلەرنى قىلىش بىلەن رىيا قىلىشمۇ شۇ تۈردىكىلەرنىڭ رىياسىدىندۇر.

رىياكارلارنىڭ يەنە بىر تۈرى ئىبادەتنىڭ ئۇل – ئاساسى بىلەن رىيا قىلىدىغانلاردۇركى، ھەتتا بەزى ئىنسانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «تاھارەتسىز ئوقۇلغان نامازنى ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ»(2) دېگەن سۆزىدىن غەپلەتتە قالغان ھالدا، پەرز نامازلارنى تاھارەتسىز ھالەتتە ئوقۇغانلىقلىرىنى ئاڭلىدۇق.

يەنە بىر تۈرى نامازلارنى دەل ۋاقتىدا ۋە مەسجىدتە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئوقۇيدىغان ئادەملەردۇركى، ئەمما ئۇلار كىشىلەرنىڭ كۆرمەسلىكىدىن خاتىرجەم بولسىلا نامازنى تەرك ئېتىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە كۆپ ناماز ئوقۇپ، ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ: ﴿ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى. ئۇلار سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلەيتتى﴾(51/«زارىيات»: 17 – 18) دېگەن سۆزىنى تەتبىقلاۋاتقان قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۆزىنى باشقىلارغا كېچىلەردە ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرسىتىش بىلەن رىيا قىلىدىغانلار بار.

ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكى نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ھېچبىر ئىشى مەخپىي قالمايدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن ھېچ ئىشىنى يوشۇرالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچنەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس﴾(3/«ئال ئىمران»: 5). ئۇلاردىكى بۇ ئەھۋال باشقا بارلىق پەرز ئەمەللەردە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئىلىم – مەرىپىتى بىلەن، بولۇپمۇ شەرئىي ئىلىملەرنى بىلگەنلىكى ۋە دىندا فەقىھ بولغانلىقى بىلەن رىيا قىلىدىغانلار بار. بۇ تۈردىكى ئىنسانلار قىيامەت كۈنى بىلگىنىگە ئەمەل قىلىدىغان، ئەمەللىرىدە ئىخلاس قىلىدىغان، ئىخلاسىدا راستچىل بولىدىغان ۋە راستچىللىقى قوبۇل قىلىنىدىغان رەببانىي ئالىملارنىڭ قاتارىدا ھەشر قىلىنىشىنى خاھلايدۇ. ھالبۇكى، بەزى ئالىملار قىيامەت كۈنى ئىلمى سەۋەبلىك ئازابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىلمى ئۇلارغا ئاللاھقا ئىخلاس قىلىشنى ۋە ئاخىرەت دىيارىنى تەلەپ قىلىشنى ئۆگىتەلمىگەن. نەتىجىدە ئۇلار ئاللاھنىڭ: ﴿ئۇلار ھاياتىي دۇنيانىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىن غەپلەتتىدۇر﴾(30/«رۇم»: 7) دېگەن سۆزىدىكى كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالىدۇ.

يەنە بەزى شەيخلەرگە ئوخشاش، ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ قوللىرىنى سۆيىدىغان ۋە قاتتىق ئۇلۇغلايدىغان ئەگەشكۈچىلىرى، مۇرىتلىرى ۋە ياردەمچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن رىيا قىلىدىغانلار بار. ھالبۇكى، بۇنداق شەيخلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھېچقانداق ۋەزنى يوقتۇر. چۈنكى، ئىنسانلار يوغان قورساقلىرى ۋە ئېسىل كىيىملىرى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. بىر سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئېگىز بويلۇق، سېمىز بىر ئادەم كېلىدۇ. ئۇ ئادەم ئاللاھنىڭ نەزەرىدە، پاشىنىڭ قانىتىچىلىكمۇ كەلمەيدۇ» دېدى. ئاندىن «﴿قىيامەت كۈنى ئۇلارنى قىلچە ئېتىبارغا ئالمايمىز﴾(18/«كەھف»: 105) دېگەن ئايەتنى ئوقۇڭلار!» دېدى(3).

رىيا قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن يەنە مۇسلىمدىكى بىر سەھىھ ھەدىستە زىكىر قىلىنغان تۆۋەندىكى ئادەملەر بار: «كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ‹ئالىم› دېيىشىنى كۆزلەپ ‹قۇرئان› ئوقۇغان ۋە ئۆگەتكەن قارىي؛ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ‹پۇل سەرپ قىلىدىغان سېخىي› دېيىشىنى كۆزلەپ پۇل سەرپ قىلغان باي؛ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ‹ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان باتۇر› دېيىشىنى كۆزلەپ جىھاد قىلىغان مۇجاھىد. ئەنە شۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئوتى ئەڭ بۇرۇن تۇتىشىدىغان كىشىلەردۇر»(4).

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

———————————————-
1. قولقا بەرمەك: باشقىلار ئېھتىياجلىق بولۇپ سوراپ كىرگەن نەرسىلەرنى (قولقا — ئاساسەن ئۇششاق – چۈششەك تۇرمۇش بۇيۇملىرى — نى) ئارىيەتكە بېرىپ تۇرماق. قاراڭ: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، (ق – ل)، 288 – بەت. — ت.
2. «مۇسلىم»، 224 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 4729 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2785 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
4. «مۇسلىم»، 1905 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ