توي - تۆكۈنلىرىمىزدىكى ئەدەب - قائىدىلەر

توي – تۆكۈنلىرىمىزدىكى ئەدەب – قائىدىلەر

توي – تۆكۈنلەر ھەققىدە ئايرىم توختىلىش بۇ تۈرلۈك مەرىكىلەر كۆپ بولۇۋاتقان بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە مۇھىم دېيىشكە بولىدۇ. ئىككى ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئائىلە قۇرۇشى ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئەمرىنى ئىجرا قىلىش، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ياشارتىش بولۇپلا قالماستىن، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ۋە ئانا تىلىنى، ھەتتا ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ساقلاشنىڭ ئاساسلىق چارىسىدۇر. ئاتا – ئانىسى يېنىدا بولمىغان ياشلارنى ئۆيلەپ قويۇشمۇ مۇھاجىرەتتىكى جامائەتچىلىكنىڭ ئاللاھ كىتابىدا بۇيرۇغان مەجبۇرىيىتىدۇر.

ئىسلام دىنىمىز كۆپچىلىك خۇشال – خۇرام بولىدىغان توي – تۆكۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشنى چەكلىمىگەن. لېكىن، ئۇنىڭغا مەلۇم ئۆلچەم ۋە ئەدەب – قائىدىلەرنى بېكىتكەن. مەسىلەن،

1.   توي مەرىكىسىگە تونۇشلىرىنى، ئۇرۇق –  تۇغقانلىرىنى ۋە مەھەللە – كويدىكىلەرنى چاقىرىش تەكىتلەنگەن سۈننەت، ۋاجىبمۇ دېيىلىدۇ. چاقىرىلسا بېرىش ۋاجىبتۇر. ئۆزرىسى بولسا ياكى ئارىلىق يىراق بولسا بارماسلىققا رۇخسەت قىلىنغان. توي مەرىكىسىگە چاقىرىش ۋە چاقىرىلسا بېرىشنىڭ سۈننەت ۋە ۋاجىپلىقى توينى كەڭ ئېلان قىلىشقىمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

ھۇمەيد ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفكە: «بىر قوي بىلەن بولسىمۇ توي زىياپىتى بەر» دېگەن(1). ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىرىڭلار توي زىياپىتىگە چاقىرىلسا، ئۇنىڭغا بارسۇن» دېگەن(2). ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «كىمكى تويغا چاقىرىلسا بارمايدىكەن، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ» دېگەن(3).

2.   توي مەرىكىسىگە كەمبەغەللەرنى چاقىرماي، بايلارنى چاقىرىش جائىز ئەمەس. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بايلارلا چاقىرىلىپ، كەمبەغەللەر چاقىرىلمىغان توي زىياپىتى تامىقى تاماقنىڭ ئەڭ ناچىرىدۇر» دېگەن(4).

3.   توي مەرىكىسىدە ئېغىر مۇنكەرات بولسا، مەسىلەن ھاراق – شاراپ ئىچىش، ئەر – ئاياللار ئارىلاش ئولتۇرۇش، بىللە ئۇسۇل ياكى تانسا ئويناش… قاتارلىقلار بولىدىغانلىقى ئېنىق بولسا ياكى بولۇشىدىن ئەنسىرىسە، ئۇنىڭغا بارماسلىق كېرەك. بۇنىڭدا ئالىملار بىردەك قاراشتا(5). ئۇقماي بېرىپ قالغىنىدا شۇنداق مۇنكەراتلارنى كۆرسە، ئۇنى نەسىھەت بىلەن توختىتالىسا توختىتىپ ئولتۇرىدۇ. توختىتالمىسا تويدىن چىقىپ كېتىدۇ.

4.   كاپىرنىڭ، مۇناپىقنىڭ ۋە خائىننىڭ تويىغا بېرىش ۋاجىب ئەمەس. شۇنداقلا توي ئىگىسىنىڭ كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمى ھارامدىن كىرگەن بولسا بارماسلىققا رۇخسەت قىلىنغان.

5.   بىر تويغا چاقىرىلغان بولسا، كېيىن ئوخشاش ۋاقىتقا يەنە بىر تويغا چاقىرىلسا، ئىككىسىگە تەڭ بارغىلى بولمىغانلىقتىن، ئالدىن چاقىرىلغىنىغا بارىدۇ.

5. توي – تۆكۈنلەردە داپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان سازلار چېلىنسا بولىدۇ. پاكىز مەزمۇندىكى ناخشىلار ئېيتىلسىمۇ بولىدۇ. لېكىن ئەرلەرگە ئەرلەر، ئاياللارغا ئاياللار ئېيتىشى مۇناسىپ.

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بىر تويدا كېلىننى بىر ئەنسارىينىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ ئاپارغان. قايتىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئائىشە! ئويۇن – تاماشا بولدىمۇ؟ ئەنسارلار ئويۇن – تاماشاغا ئامراق» دېگەن(6).

6. توي – تۆكۈنلەردە ھاياسىز كىيىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر نامەھرەملەر كۆرىدىغان بولسا ھارام دەرىجىسىگە بارىدۇ. تويى بولغان قىزنى يۈزى ياكى بىلەكلىرى ئوچۇق، تار كىيىنگەن، گىرىم قىلغان ھالدا ئەرلەر سورۇنىغا ئېلىپ چىقىشمۇ ھارام. يىگىتنىمۇ يات ئاياللار تولۇق كىيىنمەي ئولتۇرغان ئايرىم سورۇنغا ئەكىرىش توغرا ئەمەس. ئاياللارغا ئايرىم سورۇندا يۇقىرىقىدەك كىيىنىشكە رۇخسەت.

7. قىز – يىگىتنىڭ مېھمانلار ئالدىدا بىللە ئۇسسۇل ئوينىشى ۋە بەزى قىلىقلارنى قىلىشى ھارام. ئاياللارنىڭ ئاياللار ئالدىدا، ئەرلەرنىڭ ئەرلەر ئالدىدا ھايالىق ئۇسۇل ئوينىشىغا رۇخسەت. ساما سالسىمۇ بولىدۇ.

8. توي مەرىكىسىدە ئىسراپ قىلىشقا، رىياكارلىق، ئاۋىيخورلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.

9. توي مەرىكىسىنى نىكاھ كۈنىدە ياكى ئۇنىڭدىن بىر كۈن ياكى بىرقانچە كۈن كېيىن قىلسىمۇ بولىدۇ. توي مەرىكىسىنى بىرقانچە كۈن قىلسىمۇ بولىدۇ.

10. توي مەرىكىسى سەۋەبلىك ناماز زايە بولسا ياكى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈلسە بولمايدۇ.

11. مېھمانلارنىڭ قىز – يىگىتكە ۋە ساھىبخانغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىشى سۈننەت ۋە مۇستەھەب.

12. توي مەرىكىسىدە قىزنىڭ ئاق رەڭلىك توي كۆڭلىكى كىيىشى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا توغرا ئەمەس. باشقا رەڭدە كىيسە بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئايرىم پەتۋا بار.

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

2021. 7. 25


1. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 5153 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1427 – ھەدىس.
2. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 5173 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1429 – ھەدىس.
3. «بۇخارىي»، 5177 – ھەدىس.
4. «بۇخارىي»، يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ بىر قىسمى.
5. ئىبنۇل ئەرەبىي: «ئارىزەتۇل ئەھۋەزىي»، 5 – توم، 7 – بەت.
6. «بۇخارىي»، 5162 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ