سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! قارتىنى كۆڭۈل ئېچىش ۋە كاللىنى سەگىتىش ئۈچۈن ئوينىسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئاخىرەتكە نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ ئورنىنى ئاللاھ تائالا مۇنداق بايان قىلغان:
﴿بىلىڭلاركى، دۇنيا ھاياتى پەقەتلا ئويۇن – تاماشا، كۆڭۈل ئېچىش، زىبۇزىننەت، ئاراڭلاردا ئۆزئارا پەخىرلىنىش، مال – مۈلۈك، پەرزەنت كۆپلۈكى بىلەن پەخىرلىشىشتىن ئىبارەتتۇر، گويا ئۇ يامغۇر ئۆستۈرگەن، دېھقانلارنى مەپتۇن قىلغان بىر ئۆسۈملۈككە ئوخشايدۇكى، كېيىن قۇرۇپ قالغىنىدا، سەن ئۇنى سارغايغان ھالىتىدە كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ھەقىقەت شۇكى، ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابمۇ، ئاللاھتىن مەغپىرەت ۋە رازىلىقمۇ باردۇر، دۇنيا ھاياتى پەقەتلا ئالدىنىدىغان كىشى ئالىدىغان نەرسىدۇر ﴾(57«ھەدىيد»: 20).
شۇڭا، مۇسۇلمان كىشى ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رازىلىقى بىلەن مەغپىرىتىگە نائىل بولۇش، ئازابىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دۇنيادىكى ۋاقتىنى بىھۇدە زايە قىلىۋەتمەسلىكى لازىم.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىككى نېمەتتە نۇرغۇن كىشىلەر زىيان تارتىپ كېتىدۇ: بىرى، ساغلاملىق، يەنە بىرى، بوش ۋاقىتتۇر» دېگەن.(1)
بۇ ھەدىسنى ئالىملار مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «ئىنسان پەقەت ئېھتىياجى قامدالغان، تېنى ساغلام بولغاندىلا، تولۇق بېرىلىپ ئىبادەت قىلالايدۇ. بەزىدە كىشىنىڭ ئېھتىياجى قامدالغىنى بىلەن تېنى ساغلام بولمايدۇ، يەنە بەزىدە تېنى ساغلام بولغىنى بىلەن ئېھتىياجى قامدالماي قالىدۇ، نەتىجىدە، تېرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئىش – ئوقەت قىلىش ھەلەكچىلىكىدە ئىبادەتكە تولۇق بېرىلەلمەي قالىدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى ئىككى شەرت قانداق بىر كىشىگە جەم بولغان ئەھۋالدا، تائەت – ئىبادەت قىلىشتىن ھۇرۇنلۇق قىلسا، ئۇ تىجارەتتە زىيان تارتقان كىشىگە ئوخشايدۇ».(2)
قارتا ئويناش ھۆكمىگە كەلسەك، بۇ بىر خىل ئويۇن بولۇپ، بەزىلەر بۇنىڭدا قىمار ئوينايدۇ، بەزىلەر قىمارسىز ئوينايدۇ. يەنە بەزىلەر نەچچە سائەتلەرگىچە ئولتۇرۇپ، ئاللاھنىڭ ۋە بەندىلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى زايە قىلىۋېتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئازراق ئويناپ كۆڭۈل ئاچىدۇ، ۋاجىب ئەمەللەرنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ. شۇڭا، بۇنى ئويناش مەسىلىسىدە، ئالىملارنىڭ قارىشى بىردەك ئەمەس.
ئەسلىدە قارتا ئويناشنىڭ ئۆزىنى ھارام دېيىشكە بولمايدۇ. لېكىن، قارتا ئويناش بىلەن بىللە بولىدىغان بەزى ھارام ئىشلار، بۇ ئويۇننى ھارام قىلىۋېتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بەزى ئالىملار بۇنى ھارام دەپ قارايدۇ. بەزىلەر مەكرۇھ دەپ قارايدۇ، بەزىلەر مۇباھ دەيدۇ.
ئالىملار ھەممىسى ئىتتىپاققا كەلگەن مەسىلە شۇكى، قارتىنى قىمار ئۈچۈن ئوينىسا، ياكى قىمارسىز بولسىمۇ، نامازنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ قالسا، ياكى ئاتا – ئانىغا ئىتائەتسىز قىلىپ قويسا، ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان بىرەر ۋاجىب ئەمەلنى قىلماسلىققا ئېلىپ بارسا، ئويناش ھارام بولىدۇ.
ئەمما، قىمار ئۈچۈن ئوينىمىسا، ۋاجىب ئەمەللەرنى زايە قىلىۋەتمىسە، تىل – ھاقارەت بولمىسا، ئۇرۇشۇپ قالمىسا، ۋاقتىنىمۇ ئارتۇق ئىسراپ قىلىۋەتمىسە، ئىچ پۇشقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئانچە – مۇنچە ئوينىسا، بەزى ئالىملار بۇنى شىشخالغا ئوخشىتىپ ھارام دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر مەكرۇھ، دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر بىكار ئويۇن بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھارام ياكى مەكرۇھ، دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر بۇنىڭدا سۈرەت بولغانلىقى ئۈچۈن چەكلىگەن. يەنە بەزىلەر مۇباھ، دېگەن.
لېكىن، ھارام ياكى مەكرۇھ قىلىۋېتىدىغان ئەھۋاللار بولمىسا، مۇباھ ئىشلار دائىرىسىگە كىرىدۇ، دېگەن قاراش مۇۋاپىق. ئەمما، بۈگۈنكى بۇ ئەھۋالدا، ۋاقىتنى ئىلىم، دىن ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش، پەرزەنت تەربىيەلەش، مىللەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، بىرەر كەسىپ ئىگىسى بولۇپ يېتىلىش قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلغان تۈزۈك.
بۇ، قارتا ئوينايدىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغىمۇ باغلىق. سائەتلەرچە ئوقۇپ ياكى ئىشلەپ، ئاندىن بىرەر سائەت دەم ئېلىش ئۈچۈن ئويناش بىلەن، ئوقۇيدىغان، ئىشلەيدىغان ۋاقىتلاردا ئوقۇماي، ئىشلىمەي، ئويناۋېرىش ئەلبەتتە ئوخشىمايدۇ.
داۋاملىق ياكى نەچچە سائەتلەرچە قوپماي ئويناپ ۋاقىت زايە قىلىش، نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلاردىن مەھرۇم قىلىشى، ۋاجىب ئەمەللەرنى زايە قىلىۋېتىشى ئېنىق.
توردا ياكى كومپيوتېردا قارتا ئويۇنى ئويناشمۇ شۇنداق بولسا كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 26 – شەۋۋال / م. 2011، 24 – سېنتەبىر
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 97 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «بۇخارىي»، (6412).
2. مۇبارەكفۇرىي: «تۇھفەتۇل ئەھۋەزىي»، 6/485.