قىز - چوكانلار چېچىنى قىسقارتسا ياكى چۈشۈرۈۋەتسە بولامدۇ؟

قىز – چوكانلار چېچىنى قىسقارتسا ياكى چۈشۈرۈۋەتسە بولامدۇ؟

سوئال: ئۇزۇن چاچ كىيىمنىڭ ئىچىدە بولغان تەقدىردىمۇ، چىگىشلىشىپ بەك ئىچىمنى پۇشۇرىۋېتىدۇ. ئۆرۈۋالاي دېسەم بەك يوغان بولۇپ كېتىپ، ھەدىستە چەكلەنگەن ھالەتكە ئوخشاپ قالىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن كەستۈرۈشنى نىيەت قىلىپ قالدىم. ئەگەر جائىز بولسا، قانچىلىك مىقداردا كەستۈرسەم بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئايال كىشى ئاۋارە بولماسلىق ياكى چىگىش بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، چېچىنى قىسقارتسا بولىدۇ، بۇنىڭدا چەكلىمە يوق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پاك ئاياللىرىمۇ، چاچلىرىنى مۈرىسىگە (ياكى قۇلاق تۈۋىگە) قەدەر قىسقارتقان.(1)

ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «بۇ ھەدىستە، ئاياللارنىڭ چېچىنى قىسقارتسا جائىز بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار» دېگەن.(2)

پەقەتلا ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىش ئۈچۈن قىسقارتسا، بۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىشى جەھەتتىن چەكلىنىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەر بىلەن، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان.([3])

ئەمما، پۈتۈنلەي چۈشۈرۈۋېتىش مەلۇم كېسەللىك سەۋەبىدىن ياكى زۆرۈر ئېھتىياج سەۋەبىدىن بولسا مۇباھ بولىدۇ، نورمال ئەھۋالدا بولسا مەكرۇھ بولىدۇ، چۈنكى ئاياللارنىڭ چېچى بىر زىننەت، بۇ زىننەتنى ئېلىۋېتىش ياخشى ئىش ئەمەس، لېكىن چۈشۈرۈۋېتىشنى ھارام دەيدىغان بىرەر سەھىھ دەلىل يوق.

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايال كىشىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىشىنى توسقان» دېگەن ھەدىسنى، ئىمام تىرمىزىي قاتارلىقلار ھەزرىتى ئەلى ۋە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلغان.(4) لېكىن، ھەدىس ئالىملىرى ھەر ئىككىيلەندىن رىۋايەت قىلىنغان بۇ ھەدىسنى «زەئىف» دەپ قارىغان.(5)

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى ئالىملار بۇ ھەدىستە پەرزەنت ياكى يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندا، چاچنى چۈشۈرۈۋېتىپ ھازا تۇتۇش چەكلەنگەن دەپمۇ قارىغان. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىس زەئىف، سەھىھ ئەمەس.

ئەمما، ھەج پائالىيىتى قىلغاندا، ئاياللارنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش ئەمەس، قىسقارتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىس كەلگەن بولۇپ، ئۇنى ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «ئاياللارغا چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك ئەمەس، كېرەك بولغىنى پەقەتلا قىسقارتىشتۇر».(6)

لېكىن، بۇ ھەدىستە، ئاياللارنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشنى چەكلەش يوق، پەقەتلا ھەج پائالىيىتىدە قىلىش كېرەك بولغاننى بايان قىلغان، خالاس. ئاياللارنىڭ ھەج پائالىيىتىدە چېچىنى چۈشۈرۈش ۋاجىب ئەمەس دېگەنلىك، ھەجدە ياكى نورمال شارائىتتا چۈشۈرسە ھارام بولىدۇ دېگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇڭا، بەزى ئالىملار ھەج پائالىيىتىدە ئايال كىشى چېچىنى چۈشۈرۈۋەتسىمۇ مەقسەت ئادا بولىدۇ دەپ قارىغان، لېكىن ئاياللارغا ھەج ئىبادىتى جەھەتتىن تەلەپ قىلىنغىنى پەقەتلا قىسقارتىشتۇر.(7)

ئاياللارنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىشتە ئېنىق ۋە سەھىھ بىرەر چەكلىمە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن كۆپچىلىك ئالىملار: «ئايال كىشىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشى مەكرۇھ بولىدۇ» دېگەن.(8)

يەنە بىر قىسىم ئالىملار يۇقىرىقى ھەدىسلەرنى ئاساس قىلىپ: «مەلۇم كېسەللىك ياكى زۆرۈر ئېھتىياج بولمىغان ئەھۋالدا، ئايال كىشىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشى ھارام، دەپ قارىغان.(9)

بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغىنىمىز شۇكى، چاچ قىسقارتىش ياكى چۈشۈرۈش مەسىلىسىدە قىز بىلەن چوكان ئوخشاش، پەقەتلا چوكان ئېرىدىن سوراپ قىسقارتىشى مۇۋاپىق. لېكىن، چاچنى كېسىدىغان كىشى ياكى ساتىراچ ئايال بولۇشى لازىم.

قىسقارتىش ئۆلچىمى ھەققىدە ئېنىق بىر كۆرسەتمە يوق، لېكىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى قۇلاق تۈۋىگىچە ياكى مۈرىسىگىچە قىسقارتقانلىقى مەلۇم. ئاساسەن ئەرلەرگە ئوخشىۋالمايدىغان مىقداردا بولۇشى لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 16 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 20 – ئاپرېل

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 98 – نومۇرلۇق پەتۋا.

——————–
1. «مۇسلىم»، (754).
2. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 4/5.
3. «بۇخارىي»، (5885).
4. «تىرمىزىي»، (914)؛ «نەسائىي»، (9297)؛ زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»، 3/95؛ ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، (1649).
5. مەسىلەن: ئىمام تىرمىزىي: «بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى قالايمىقان» دېگەن. شەيخ ئالبانىي بۇ ھەدىسنى «زەئىف» دېگەن.
6. «ئەبۇ داۋۇد»، (1985). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
7. ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 5/149.
8. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/154؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 2/141؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/439؛ ئەلھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 3/129.
9. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 11/279؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10/375.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ