رامازاندىكى ئەگىشىشىڭىز

رامازاندىكى ئەگىشىشىڭىز

ئەمەلنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئىخلاس شەرت قىلىنغىنىدەك، ئاللاھنىڭ رازى بولۇشى ئۈچۈن «قۇرئان» ۋە سۈننەتكە ئەگىشىش شەرتتۇر.

ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىدىن دەلىل ئېلىنمىغان ھەرقانداق بىر ئەمەل ياكى ئىبادەت رەت قىلىنىدۇ. بۇ تۈرلۈك ئەمەل ياكى ئىبادەتنىڭ ساھىبى قانچىلىك ئىخلاس قىلسا قىلسۇن، ھېچقانداق بىر مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ ھەقتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى دىنىمىزدا ئەسلىدە يوق بولغان بىرەر ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ»([1]) دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا توغرا بىر شەكىلدە ئەگىشىش ئىخلاسنىڭ كاپالىتىدۇر. ئىخلاس بىلەن پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن ۋاقىتتا ئەمەل توغرا بولغان ۋە قوبۇل قىلىنىدىغان بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿كىمكى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن) ياخشى ئىش قىلسۇن، پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن﴾(كەھف: 110) دەيدۇ.

ئەمەلنىڭ توغرا بولۇشى رەسۇلۇللاھنىڭ يولىغا ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ، چۈنكى ئۇ يوللارنىڭ ئەڭ مۇكەممىلى ۋە ئەڭ ياخشىسىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبىلىرىدە مۇنداق دەيتتى: «سۆزلەرنىڭ ئەڭ راست بولغىنى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، يوللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەدنىڭ يولىدۇر، (ئىبادەتتىكى) ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى يېڭىدىن پەيدا بولغىنىدۇر»([2]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ئېتىقادىي ئىشلاردا، ئىبادەتتە، مۇئامىلىدە ۋە ئەخلاقتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھتىن ئېلىپ كەلگەن خەۋىرىنى تەستىقلاش، بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىش، توسقانلىرىدىن ۋە چەكلىگەنلىرىدىن يېنىش بىلەن بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتە، نىيەتنىڭ سەمىمىي بولۇشى ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى ۋە مەغپىرىتىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(ئال ئىمران: 30).

رامازاندا بولسا سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى پەيغەمبىرىمىز تۇتقاندەك روزا تۇتۇپ، ئۇ زات ئوقۇغاندەك ناماز ئوقۇپ گۈزەل بىر شەكىلدە ئەگىشىش بىلەن ئىسپاتلاشقا چاقىرىلدىڭىز.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇشبۇ مۇبارەك ئاي ھەققىدە مۇكەممەل بىر يوليورۇقى باردۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەردىن، ھىدايەت تاپقانلاردىن بولايلى. ھىدايەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ. ﴿ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار﴾(ئەئراف: 158).

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامازاندىكى سۈننەتلىرىنى تەپسىلىي بىر شەكىلدە بايان قىلغان([3]). بىز تۆۋەندە ئىخچام ۋە روشەن نەقىل قىلىمىز. شۇڭا، ئۇنىڭغا قۇلاقلىرىڭىزنى دىڭ تۇتۇڭ ۋە كۆزلىرىڭىزنىمۇ ئىتائەتكە كۆپرەك يۈزلىنىش نىيىتى بىلەن يوغان ئېچىڭ! ئۇنۇتماڭكى، مۇئمىننىڭ نىيىتى ئەمەلىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى مۇئمىن ئەمەلىنى مۇكەممەل قىلىشتىن ئاجىز كەلسىمۇ، مۇكەممەللىكتىن باشقىسىنى نىيەت قىلمايدۇ.

ئىبادەتلەرنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامازاندىكى سۈننەتلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. ئۇ زات رامازان ئېيىدا، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىيسى بولۇپ كېتەتتى. سەدىقە، ياخشىلىق، «قۇرئان» تىلاۋىتى، ناماز، زىكىر – تەسبىھ ۋە ئېتىكاپ قاتارلىق ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلاتتى. يەنى رامازاندا ئىبادەت ئۈچۈن باشقا ئايلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى. بەزىدە، ۋاقتىنى كېچە – كۈندۈز ئىبادەتتە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىپتارمۇ قىلماستىن بىرقانچە كۈن ئۇلاپ روزا تۇتاتتى. لېكىن، ساھابەلەرنى ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن چەكلەيتتى. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، مەن ئاللاھ تەرىپىدىن يېمەك – ئىچمەك بىلەن تەمىنلىنىپ تۇرىمەن»([4]) دېگەنىدى ۋە: «ئۇلاپ روزا تۇتماڭلار، قايسىبىرىڭلار ئۇلاپ روزا تۇتماقچى بولسا، (ئىپتاردا ئېغىز ئاچمىغان بولسا ئېشىپ كەتسە ئىككىنچى) سوھۇرلۇققىچە ئۇلىسۇن»([5]) دېيىش ئارقىلىق بىرىنچى كۈنىدىكى سەھەر ۋاقتىدىن ئىككىنچى كۈنىدىكى سەھەر ۋاقتىغىچە ئۇلاپ روزا تۇتۇشقىلا رۇخسەت قىلغانىدى.

ئىپتارغا ئالدىراشمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ساھابەلەرنى ئىپتارنى بالدۇر قىلىشقا قىزىقتۇراتتى ۋە: «كىشىلەر ئىپتارنى قىلىشقا ئالدىراپ تۇرسىلا، مېنىڭ سۈننىتىم بويىچە ئىش قىلغان بولىدۇ»([6]) دەيتتى. ئۇ زات يەنە سوھۇرلۇق يېيىشكە ھەم سوھۇرلۇقنى مۇمكىنقەدەر كېچىكتۈرۈشكە ئۈندەيتتى ۋە ئۆزىمۇ كېچىكتۈرەتتى.

خورما بىلەن ئېغىز ئېچىشمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن ئىدى. ئەگەر خورما تاپالمىسا، سۇ بىلەن ئاچاتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «خورما تاپالىغان كىشى ئىپتارنى خورما بىلەن، خورما تاپالمىغان كىشى سۇ بىلەن قىلسۇن، چۈنكى سۇ (ئىچ ئەزالارنى) تازىلايدۇ»([7]).

شام نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئىپتار قىلىشمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى ئىدى. ئېغىز ئاچقان چېغىدا ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇيتتى ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلىپ: «ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار نەمدەلدى، ئاللاھ خاھلىسا ئەجىر مۇقىملاشتى»([8]) دەيتتى.

رامازان جارچىسىنىڭ: «ئى ياخشىلىق ئىزدىگۈچى، كەل!»([9]) دېگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلىش، يالۋۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىشتە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن ئىدى.

رەسۇلۇللاھ روزا تۇتقۇچىنىڭ كەمتەر ۋە ئېغىر – بېسىق بولۇشىنى ياخشى كۆرەتتى. سەت گەپ قىلىشتىن، ۋارقىراپ – جارقىراشتىن، باشقىلارنى تىللاشتىن ياكى تىللىغۇچى بىلەن تەڭ تۇرۇشتىن چەكلەيتتى. ئۇ زات بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار روزا تۇتقان بولسا، سەت گەپ قىلمىسۇن، پاسىقلىق قىلمىسۇن، ۋارقىراپ – جارقىرىمىسۇن، ئەگەر بىرى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن تىللاشسا، ‹مەن روزىدار› دېسۇن»([10]).

پەيغەمبىرىمىز سەپەر قىلغان ۋاقىتتا بەزىدە روزا تۇتاتتى، بەزىدە تۇتمايتتى. ساھابەلەرنىمۇ تۇتۇش – تۇتماسلىقتا ئىختىيارىغا قويۇپ بېرەتتى. دۈشمەنگە يېقىنلاشقان ۋاقىتتا ساھابەلەرنى ئۇرۇش قىلىشتا كۈچلۈك بولسۇن ئۈچۈن ئېغىز ئېچىشقا بۇيرۇيتتى، دۈشمەنگە يېقىنلاپ قالغاندا مۇنداق دېگەنىدى: «دۈشمىنىڭلارغا يېقىنلىشىپ قالدىڭلار. تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن روزاڭلارنى بۇزۇشىڭلار ياخشىدۇر». بۇ بىر رۇخسەت ئىدى. ئاندىن باشقا بىر يەرگە كەلگەندە مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر سەھەر ۋاقتىدا دۈشمىنىڭلارغا ھۇجۇم قىلىسىلەر، كۈچلۈك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن روزا تۇتماڭلار»([11]). دېمەك، بۇ كەسكىن بۇيرۇق ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلغان ۋاقىتتا روزا تۇتقۇچى ئېغىز ئاچسا بولىدىغان مۇساپىنى ئۆلچەپ يۈرمەيتتى. ساھابەلەر سەپەرگە ئاتلانغان ۋاقىتلىرىدا مەھەللىدىن چىقىپ كەتكەن – كەتمىگەنلىكى بىلەن ھېسابلاشمايلا ئېغىزلىرىنى ئاچاتتى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئىكەنلىكىنى خەۋەر بېرىشكەن ئىدى. مەسىلەن، مۇھەممەد ئىبنى كەئب([12]) مۇنداق دەيدۇ: «مەن رامازاندا ئەنەس ئىبنى مالىك([13]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلسەم، ئۇ سەپەرگە چىقماقچى بولۇپ تۇرغانىكەن. تۆگىسىنى جابدۇتۇپ، سەپەر كىيىمىنى كىيگەندىن كېيىن، تاماق ئەكەلدۈرۈپ يېدى. مەن:

ــ بۇ (سەپەردە روزا تۇتماسلىق) سۈننەتمۇ؟ ــ دەپ سورىغانىدىم:

ــ سۈننەت، ــ دېدى، ئاندىن ئۇلىغىغا مىندى»([14]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇنۇپ ھالىتىدە سوھۇر ۋاقتى كىرىپ قالسا، ئەۋۋەل سوھۇرلۇق يەپ، ئاندىن يۇيۇناتتى([15]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىدار ۋاقىتلىرىدا بەزى ئاياللىرىنى سۆيگەن ۋە روزىدارنىڭ ئايالىنى سۆيۈشىنى تاھارەت ئالغۇچىنىڭ ئېغىزىنى چايقىشىغا ئوخشاتقان ئىدى. بۇ ھەقتە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن روزىدار تۇرۇپ، نەپسىمگە ئىگە بولالماي ئايالىمنى سۆيۈپ قويدۇم. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:

ــ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن بۈگۈن چوڭ ئىشتىن بىرنى قىلىپ سالدىم، روزىدار تۇرۇپ ئايالىمنى سۆيدۈم، ــ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ــ ئېيتىپ باققىنە، سەن روزىدار تۇرۇپ ئاغزىڭغا سۇ ئېلىپ چايقىساڭ، بىر نېمە بولامدۇ؟ ــ دېدى. مەن:

ــ ھېچنېمە بولمايدۇ، ــ دېدىم. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاممۇ:

ــ شۇنىڭدەكلا، ھېچ ئىش بولمايدۇ، ــ دېدى»([16]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىدار ھالىتىدە چىشىنى مىسۋاكلاپ، چوقىسىىغا سۇ تۆكەتتى ئۇسسۇزلۇق ياكى قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن بېشىغا سۇ تۆككەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان([17]). رەسۇلۇللاھ روزىدار ھالىتىدە ئېغىزىنى چايقايتتى ۋە بۇرنىغا سۇ ئالاتتى. لېكىن، روزىدارنى بۇرنىغا سۇ ئېلىشتا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن چەكلىگەن ئىدى.

لەقىيت ئىبنى سەبرە([18]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! تاھارەت ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىلە، ـ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ:

ــ تاھارەتنى كامىل ئال، بارماقلىرىڭنىڭ ئارىسىغا سۇ ئۆتكۈزگىن. روزىدار ھالەتتىن باشقا ۋاقىتتا بۇرنۇڭغا سۇنى قاتتىق ئالغىن، ــ دېگەن([19]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، كېچە قىيامىنى تەرك ئەتمەيتتى. ئۇخلاپ قالسا ياكى سالامەتلىك سەۋەبلىك كېچىسى تۇرالمىسا، كۈندۈزى ئون ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچە نامىزى ئون بىر رەكئەت ياكى ئون ئۈچ رەكئەت ئىدى. بۇ ھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامازان ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئون بىر رەكئەتتىن ئاشۇرمايتتى»([20]). يەنە بىر رىۋايەتتە ئون بىر رەكئەتكە بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى قاتقانلىقىنى ئېيتقان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى بىلەن ئون ئۈچ رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى»([21]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى قىيامدا تۇرۇش ئۈچۈن ئويغانغان ۋاقىتتا ئەۋۋەل مىسۋاك ئىشلىتىش بىلەن باشلايتتى. ئاندىن ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى، ئاندىن تاھارەت ئالاتتى، ئاندىن يەڭگىل ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچە قىيام ئۈچۈن تۇرغان ۋاقتىدا نامىزىنى يەڭگىل ئىككى رەكئەت بىلەن باشلايتتى»([22]) دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىدىكى نامىزى ئىبنۇلقەييىم بايان قىلغاندەك ئۈچ تۈرلۈك ئىدى:

بىرى: ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيتتى. كۆپىنچە بۇ خىل ئوقۇيتتى؛

ئىككىنچىسى: ئولتۇرۇپ ئوقۇيتتى ۋە ئولتۇرۇپ رۇكۇ قىلاتتى؛

ئۈچىنچىسى: ئولتۇرۇپ قىرائەت قىلاتتى، قىرائىتىدىن ئاز بىر قىسمى قالغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ رۇكۇ قىلاتتى([23]).

غەنىيمەت بىلىڭ ئى ئەزىز قېرىندىشىم! رامازان ئېيىدىكى پۈتۈن ۋاقىتلىرىڭىزنى، بەلكى ھاياتىڭىزدىكى بارلىق ۋاقىتلىرىڭىزنى ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ئىسپاتلاش يولىدا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىغا ئەگىشىش ئۈچۈن غەنىيمەت بىلىڭ، قەدىرلەڭ.

 

ئى ئاللاھ! بىزگە سېنىڭ مۇھەببىتىڭنى، سېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ مۇھەببىتىنى ۋە سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەلنىڭ مۇھەببىتىنى رىزىق قىلىپ بەرگەيسەن! بىزنى ئەلچىڭگە ئەگەشتۈرگىن ۋە بۇ ئەگىشىشىمىزنى ساڭا بولغان مۇھەببىتىمىزنىڭ ھەقىقىي بىر دەلىلى قىلىپ بەرگىن! … ئامىن!

 

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى


([1]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2697 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1718 – ھەدىس.
([2]) «مۇسلىم»، 867 – ھەدىس.
([3]) ئىبنۇلقەييىم: «زادۇل مەئاد»، 2 – توم، 87 – بەت.
([4]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1922 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1098 – ھەدىس.
([5]) «بۇخارىي»، 1963 – ھەدىس.
([6]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1957 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1098 – ھەدىس.
([7]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 15798 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 695 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 2355 – ھەدىس؛ «ئىبنى خۇزەيمە» 2066 – ھەدىس. ئىبنى خۇزەيمە ۋە ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([8]) «ئەبۇ داۋۇد»، 2357 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»، 2 – توم، 185 – بەت؛ ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، 1- توم، 422 – بەت. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([9]) «تىرمىزىي»، 682 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([10]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1904 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1150 – ھەدىس.
([11]) «مۇسلىم»، 1120 – ھەدىس.
([12]) ئەبۇ ھەمزە مۇھەممەد ئىبنى كەئب ئەلقۇرەزىي (مُحَمَّدُ بْنُ كَعْبٍ الْقُرَظِيُّ، ھ. 40 – 108 / م. 661 – 727) ــ نۇرغۇن ساھابەلەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان مۇھەددىس، تەفسىرشۇناس، مەشھۇر تابىئىن. ــ ت.
([13]) ئەبۇ ھەمزە ئەنەس ئىبنى مالىك ئىبنى نەزر ئىبنى زامزام ئەلئەنسارىي (أَنَسُ بنُ مَالِكِ بنِ النَّضْرِ بنِ ضَمْضَمٍ الأَنْصَارِيُّ، ھ. بۇرۇن 10 – ھ. 93 / م. 612 – 711) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ــ ياشلىقىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 10 يىل خىزمىتىنى قىلغان خىزمەتچىسى، ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان (2٫286 ھەدىس) ساھابەلەردىن بىرى. ــ ت.
([14]) تىرمىزىي: («ئەسسۈنەن»، 799 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن.
([15]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1932 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1109 – ھەدىس.
([16]) ئىبنى خۇزەيمە («ئەسسەھىھ»، 1999 – ھەدىس): «سەھىھ» دېگەن. «ئەبۇ داۋۇد»، 2385 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([17]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 15473 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 2367 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([18]) ئەبۇ رەزىن لەقىيت ئىبنى ئامىر ئىبنى سەبرە ئەلئۇقەيلىي (أَبُو رَزِينٍ لَقِيطُ بْنُ عَامِرٍ بْنِ صَبْرَةَ الْعُقَيْلِيُّ، ھ. ؟ – ؟ / م. ؟ – ؟) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ــ تائىفلىك ساھابە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇزۇرىغا ئۆز قەۋمىنىڭ ئۆمىكى قاتارىدا كەلگەن ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ــ ت.
([19]) «ئەبۇ داۋۇد»، 142 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 1 – توم، 87 – بەت. ئىبنى خۇزەيمە («ئەسسەھىھ»، 150 – ھەدىس)، نەۋەۋىي ۋە زەھەبىي رەھىمەھۇللاھلار: «سەھىھ» دېگەن.
([20]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1147 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 738 – ھەدىس.
([21]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1072 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 737 – ھەدىس.
([22]) «مۇسلىم»، 767 – ھەدىس.
([23]) ئىبنۇلقەييىم: «زادۇل مەئاد»، 2 – توم، 28 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ