سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ۋابا سەۋەبىدىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا سىرتقا چىقىش چەكلىنىش ۋە كارانتىنغا ئېلىنىش قاتارلىق چارە – تەدبىرلەر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۈگۈنكىدەك شارائىتتا ئۆيلىرىمىزگە زۆرۈر بولغان ئوزۇق – تۈلۈك ۋە ئېھتىياج چۈشىدىغان نەرسە – كېرەكلەرنى ئەكىرىپ ساقلاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ تەۋەككۈلگە زىت كېلەمدۇ؟ ئەخلاق ۋە ئادەمىيلىككە تاقىشامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئىسلام شەرىئىتى كېلەچەكتىكى ئېھتىياج ئۈچۈن ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىشقا يول قويغان ۋە ئۇنى تۇرمۇشتىكى مۇباھ، ھەتتا مۇستەھەب ئىشلار قاتارىدىن دەپ قارىغان. ئىسلام فىقھىي قائىدىلىرىمۇ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
«قۇرئان كەرىم»گە قارايدىغان بولساق، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام مىسىر فىرئەۋنىنىڭ چۈشىگە تەبىر بەرگىنىدە، كېلەچەكتە كېلىدىغان يەتتە يىللىق قەھەتچىلىك كىرىزىسىدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىگە سېلىشى بىلەن ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىش ھەققىدە پۇختا پىلان تۈزگەن ۋە شۇنداقلا ئىجرا قىلغان. يەتتە يىللىق پىلاندىن ئىبارەت بۇ ئىلاھىي تەدبىر كېيىنچە ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بەش يىللىق ۋە ئون يىللىق پىلانلىرىغا ئاساس بولۇپ قالغان.
﴿يۈسۈف ئېيتتى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىڭلار، ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن يېيىش ئۈچۈن ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسىنى باشىقى بىلەن قويۇڭلار! شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ، (بۇ يىللاردا) ئىلگىرى توپلىۋالغان ئاشلىقىڭلاردىن ساقلاپ قويۇلىدىغان ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسىنى يەپ تۈگىتىسىلەر»﴾(12/«يۈسۈف»: 47، 48).
يۇقىرىقى ئايەت بىز يولۇقۇۋاتقان كىرىزىسلار ۋە تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەر ئۈچۈن ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ساقلىۋېلىش تەدبىرىنىڭ شەرىئەتكە زىت كەلمەيدىغانلىقىغا دەلىلدۇر.
يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بالىچاقىلىرى ئۈچۈن بىر يىللىق ئوزۇق – تۈلۈكىنى ساقلاپ قويىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەنى نەزىر خورمىلىرىنى سېتىپ ئاياللىرى ئۈچۈن بىر يىللىق ئوزۇق – تۈلۈكىنى ساقلاپ قوياتتى»(1).
ئىبنى ھەجەرنىڭ بايان قىلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن بىر يىللىق ئوزۇق – تۈلۈكنى ساقلىۋېلىشى ئەمەلىي شارائىتتىن كەلگەن بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا مەدىنەدىكى ئاساسلىق ئوزۇق بولغان خورما بىلەن ئارپىدىن يىلدا بىر قېتىم ھوسۇل ئېلىناتتى. ناۋادا ھەر ئىككى يىلدا بىر ھوسۇل ئېلىنىدىغان بىرەر نەرسە بولسا ئىدى، بەلكى ئىككى يىللىقنى ساقلىۋالغان بولاتتى. دېمەك، بۇ ھەدىس ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا بالىچاقىلىرى ئۈچۈن بىر يىللىق ئوزۇق ساقلاپ قويۇشنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىدىكىسى زېمىندىن چىققان ھوسۇل ھەققىدە كەلگەن ھەدىس بولۇپ، بازاردىن ئوزۇق – تۈلۈك سېتىۋېلىپ ساقلىۋېلىشنىڭ ھۆكمى زېمىندىن چىققان ھوسۇلنى ساقلىۋېلىشنىڭ ھۆكمىگە ئوخشامدۇ؟ قازى ئىيازنىڭ بايان قىلىشىچە، يۇقىرىقى ھەدىسكە ئاساسەن، بىر قىسىم ئۆلىمالار ئوخشاشلا جائىز دەپ قارىغان. ئەلۋەتتە بۇ توغرا قاراش. چۈنكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دېگەنكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يەھۇدىيدىن نېسىگە ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ساۋۇتىنى رەنىگە قويغان»(2). يەنە بىر رىۋايەتتە: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندا، ساۋۇتى بىر يەھۇدىينىڭ قېشىدا ئوتتۇز ساﺋ(3) ئارپا ئۈچۈن رەنىگە قويۇلغان ھالدا ئىدى» دېگەن(4).
يەنە بىر قىسىم ئالىملار: «باھانى ئۆرلىتىۋېتىشكە ئېلىپ بارمايدىغان بولسا جائىز بولىدۇ» دەپ قارىغان.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى ئەھۋالنىڭ ھۆكمى بولۇپ، قەھەتچىلىك ۋە ئالاھىدە كىرىزىس ۋاقتى بولسا، ئالىملىرىمىز: «بىر يىللىق ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىشقا بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ(5).
ئۇنداقتا ئاچارچىلىق ياكى باشقا قىيىن ئەھۋاللاردا قانچە كۈن ساقلىۋېلىشقا رۇخسەت بار؟ بۇنىڭدا ھەدىسلەردە قۇربانلىق گۆشىنى ساقلىۋېلىش توغرىسىدا ئۈچ كۈن چەك بېكىتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
يۇرتتا ئاچارچىلىق ياكى پەۋقۇلئاددە نامراتلىق كۆرۈلمىگەن ياكى مۇھاجىر مۇسۇلمانلار كېلىپ قىينىلىپ قالمىغان ئەھۋالدا، قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزى يېيىشى ئۈچۈن يىل بويى خاھلىغىنىچە ساقلىۋالسا بولىدۇ.
سەلەمە ئىبنى ئەكۋەﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەردىن كىمكى قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئۈچ كېچە قونۇپ تاڭ ئاتقۇزغىنىدا ئۇنىڭ گۆشىدىن ئۆيىدە ئازراقمۇ قالمىسۇن» دېگەن. كېيىنكى يىلى ئەسھابلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۆتكەن يىلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلامدۇق؟» دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: «ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، باشقىلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار ھەم ساقلىۋېلىڭلار. ئۇ يىلى كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئىدى. شۇڭا، ئاشۇ ئەھۋالدا ياردەم قىلىشىڭلارنى مەقسەت قىلغان ئىدىم» دېگەن(6).
يەنە بىر ھەدىستە: «مەن سىلەرنى قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىشتىن توسقان ئىدىم، ئەمدى زىيارەت قىلساڭلار بولىدۇ. قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلاپ يېيىشتىن توسقان ئىدىم، ئەمدى قانچىلىك ساقلاپ يېسەڭلار بولىدۇ…» دېگەن(7).
ئىمام شافىئىي ئېيتىدۇ: «مۇھاجىرلار كېلىپ قالغان ئەھۋالدا قۇربانلىق گۆشنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلاپ يېمەسلىك توغرىسىدا چەكلىمە كەلگەن. ئۇنداق بولمىغان ئەھۋالدا، ئۆزى يېيىش، ساقلىۋېلىش ۋە سەدىقە قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان»(8).
دېمەك، ئاشلىق قىيىنچىلىقى بولمىغاندا، قۇربانلىق گۆشىنى ۋە ئاشلىقنى يىل بويى ساقلاپ يېسە بولىدۇ. ئاشلىق قىيىنچىلىقى بولسا، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
ئەمدى ھازىرقى ۋابا شارائىتىدىكى قىيىن ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، تۈركىيەنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوزۇق – تۈلۈكلەردە قىسلىق ياكى ئاچارچىلىق ئەھۋالى يۈز بەرمىدى. پەقەتلا سىرتقا چىقىشقا چەك قويۇلدى. سەھىيە خادىملىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق، بازار ۋە دۇكانلاردا قىستىلىپ يۈرمەسلىك، پاتىپاراق بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈنمۇ ئۆيدە مەلۇم ۋاقىت يېتىدىغان ئوزۇق ۋە ئېھتىياجلىق نەرسىلەر ساقلىنىشى زۆرۈر. شۇندىلا دۆلەتنىڭمۇ، دوختۇرلارنىڭمۇ يۈكى يەڭگىللەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بازاردا ئالاھىدە زىيانلىق ئەھۋالغا سەۋەب بولمىغان ئاساستا، ھەربىر ئائىلە ئەقەللىيسى بىر – ئىككى ھەپتىلىك ئاساسىي ئېھتىياجنى قامدايدىغان ئوزۇق – تۈلۈك ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ساقلىۋالسا بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر، شۇنداقلا كىرىزىسلەرگە ئالدىن تەييارلىق قىلىپ چارە – تەدبىر ئېلىش بۇنى جائىز دەپلا قالماي، بەلكى تەقەززا قىلىدۇ. ئالىملارنىڭ بايانلىرىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بارلىق ئالىملار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلغاندەك يەردىن ئالغان ھوسۇلنى ساقلىۋېلىشنىڭ جائىزلىقىدا بىردەك ئىتتىپاقتۇر. ئەمما، بازاردىن سېتىۋېلىپ بالىچاقىلىرىغا ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋالماقچى بولسا، قىسلىق ۋە قەھەتچىلىك زامانىدا بىر يىللىق ساقلىۋېلىشى جائىز بولمايدۇ. بەلكى مۇسۇلمانلارغا ئېغىر كەلمەيدىغان تەرىقىدە بىرنەچچە كۈنلۈك ياكى بىر ئايلىق ئوزۇق – تۈلۈكنى ساقلىۋالسا بولىدۇ. كەڭرىچىلىك زامانى بولسا، بىر يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق يەتكۈدەك سېتىۋېلىپ، ساقلىۋالسا بولىدۇ. قازى ئىياز كۆپچىلىك ئۆلىمالاردىن مۇشۇنداق نەقىل قىلغان. يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار: ‹ھەممە ئەھۋالدا بىر يىللىق ئوزۇق ساقلىۋالسا بولىدۇ› دەپ قارىغان»(9).
ئۇنداقتا ئوزۇق – تۈلۈك قاتارلىق كېرەكلىك نەرسىلەرنى ساقلىۋېلىش تەۋەككۈلگە زىت كېلەمدۇ؟
ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىغاندا، بۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك، ئۇنداق بولىدىكەن، بۇ ساقلىۋېلىش قانداقسىگە تەۋەككۈل قىلىشقا زىت كەلسۇن؟! بەلكى بۇ تەۋەككۈلنىڭ دەل ئۆزىدۇر. چۈنكى، تەۋەككۈل قىلىش سەۋەبىنى قىلىشنى، پىلانلاشنى، تەدبىر قوللىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «تۆگىنى باغلاپ ئاندىن تەۋەككۈل قىل» دېگەن بۇيرۇقمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. دېمەك، بۇ خىل ئوزۇق ساقلىۋېلىش ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىق ئالىملار بايان قىلغاندەك، تەۋەككۈل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ. مەكرۇھمۇ بولمايدۇ.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەتىگە بىرنەرسە ساقلىمايتتى» دەپ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىس كەلگەن(10) بولۇپ، بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى زەئىف بولغاچقا ۋە بىر يىللىق ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىش ھەققىدە كەلگەن «سەھىھ» ھەدىسكە زىت كەلگەنلىكتىن، نورمال ئەھۋالدا بىر يىللىق، قىيىنچىلىق شارائىتىدا ئۈچ كۈنلۈك ئوزۇق ساقلىۋېلىشنى چەكلەشكە دەلىل بولالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئىمام ئىبنى كەسىر چۈشەنگەندەك، «ئەتىگە بىرنەرسە ساقلىمايتتى» دېگەن ھەدىسنى تېز بۇزۇلۇپ قالىدىغان نەرسىلەر كۆزدە تۇتۇلغان، دېيىلسە ياكى ئىمام ئىبنى دەقىقىلئىيد چۈشەنگەندەك، «ئۆزى ئۈچۈن ساقلىمايتتى» دېيىلسە، «سەھىھ» ھەدىسلەرگە زىت كەلمەيدۇ(11).
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما دەيدۇكى: «يەمەنلىكلەر ‹بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمىز› دەپ ئوزۇق – تۈلۈك ئالمايلا ھەج قىلغىلى كېلەتتى، ئاندىن مەككەگە كەلگەندە كىشىلەردىن ئوزۇق – تۈلۈك سورايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا: ﴿ئوزۇق – تۈلۈك ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق – تۈلۈك تەقۋالىقتۇر﴾(2/«بەقەرە»: 197) دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى»(12).
دېمەك، چارە – تەدبىر كۆرۈش ۋە سەۋەبلەرنى قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئاللاھقا تاپشۇرۇش تەۋەككۈل قىلىش بولىدۇ.
لېكىن، ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىشنىڭ مەلۇم ئۆلچىمى بارمۇ؟
ئەلۋەتتە، ساقلىۋېلىش ئاللاھنىڭ رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغان ئاساستا بولۇشى، بېخىللىققا ئېلىپ بارماسلىقى، ئوزۇق – تۈلۈكنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقى، ئومۇم جەمئىيەتنىڭ زىيىنىغا بولماسلىقى ۋە مونوپول قىلىشقا ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك.
ئۇنداقتا مونوپول بىلەن ئۆيدە ئۇزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىشنىڭ پەرقى نېمە؟
مونوپول قىلىش ئۆيدە ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىشتىن ماھىيەت ۋە ھۆكۈم جەھەتتە پەرقلىقتۇر. چۈنكى، ئۆزى ۋە بالىچاقىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۆيدە ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىش چەكلەنمىگەن بىر ئىش. ئەمما، مونوپولچىلىق (الاحتكار) بولسا باھاسى پەۋقۇلئاددە قىممەت بولسىمۇ، قاتتىق ھاجەتمەن بولغانلارنىڭ دېگىنىگە ئېلىپ كېتىشى ئۈچۈن تاۋارنى بېسىپ يېتىۋېلىشتۇر. مونوپول قىلىشتا، ھەسسىلەپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن باھانى ئۆرلىتىۋېتىش مەقسەت قىلىنغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، مونوپول قىلىش ئىسلام ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مونوپول قىلىشنى قاتتىق تەرزدە چەكلەپ: «گۇناھكاردىن باشقىسى مونوپولچىلىق قىلمايدۇ»(13) دېگەن.
ھازىرقىدەك ئېغىر ئەھۋالدا بىرەر ھەپتىلىك ئوزۇق – تۈلۈك ساقلىۋېلىشنىڭ جائىز ۋە مۇستەھەبلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى بىرقانچە ئىشنى تەۋسىيە قىلىش زۆرۈر:
1) ئىسراپ قىلماسلىق؛
2) مونوپول قىلماسلىق؛
3) ئۆزئارا رەھىم – شەپقەت ۋە مېھىر يەتكۈزۈش. قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا يار – يۆلەكتە بولۇش؛
4) زاكاتنى ۋاقتى كەلمىسىمۇ ئېھتىياجلىقلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇرۇنراق بېرىۋېتىش ياكى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرمەسلىك؛
5) ساقلىۋالىدىغان ئوزۇق – تۈلۈك ۋە باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندا ۋە ساقلىغاندا ساقلاش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ بۇزۇلۇپ قېلىشىدىن ياكى بۇزۇلۇپ قالغانلىرىنى يەپ سېلىپ كېسەل بولۇشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم.
ۋەلھاسىل: ھازىرقى ۋابا شارائىتىدىكى قىيىن ئەھۋالدا ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىق، دۇكان – بازارلاردا قىستىلىپ يۈرمەسلىك، پاتىپاراق بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆيدە ئەقەللىيسى بىر – ئىككى ھەپتىلىك ئوزۇق – تۈلۈك ۋە ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ساقلىۋېلىش جائىز ۋە مۇستەھەبتۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1441، 18 – شەئبان / م. 2020، 11 – ئاپرېل
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (5357)؛ مۇسلىم (1757).
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2096)؛ مۇسلىم (1603).
3. بىر ﺳﺎﺋ 2 كىلو 40 گرامغا باراۋەر.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2916)؛ مۇسلىم (1603).
5. ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9 – ج، 503 – بەت.
6. بۇخارىي (5569).
7. مۇسلىم (977).
8. شافىئىي: «ئەررىسالە»، 239 – بەت.
9. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 12 – ج، 70 – بەت.
10. تىرمىزىي (2362). تىرمىزىي: «غەرىب، مۇرسەل» دېگەن بولۇپ، بۇ زەئىفلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇنى ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
11. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 6 – ج، 61 – بەت؛ ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9 – ج، 503 – بەت.
12. بۇخارىي (1523).
13. مۇسلىم (1605).
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

